«ھايۋانلارنىڭ ئوينىشىدىكى سىرلار» ( تېكىستى)
[ھايۋانلارنىڭ ئوينىشىدىكى سىرلار ek][^^4o
جۇ لىمىڭ W_W !v&@E= B[N]=V
بىرمىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر دەرەختە ئىككى لانگۇر مايمۇنى شاختىن - شاخقا سەكرىشىپ ئوينىشىۋاتاتتى. ئۇلار ئۇزۇن قۇيرۇقلىرىنىڭ ئالاھىدە تەڭشەش رولىغا تايىنىپ، دەرەخ شاخلىرىدا گاھ دارۋازلاردەك ماڭسا، گاھ قوللىرى بىلەن ماڭاتتى. تۇرۇپلا خۇددى بىر - بىرىنى دەرەختىن چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولغاندەك ھەدەپ ئىتتىرىشەتتى. ئەمما، يېڭىلگەن تەرەپ دەرەخ شاخلىرىنى تۇتقىنىچە چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرغاچقا، زادىلا يەرگە چۈشۈپ كەتمەيتتى... ئەجەبا ئۇلار ئۇرۇشۇۋاتامدىكىنە؟ B!wN%>U شىمالىي قۇتۇپتىكى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان بىر دۆڭدە بىر توپ شىمالىي قۇتۇپ قۇزغۇنى خۇشال قاقىلداشماقتا ئىدى. ئۇلار دۆڭ ئۈستىگە ئۇچۇپ چىقىپ، خۇددى كىچىك بالىلار چانا تېيىلىپ ئوينىغاندەك، بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى تېىيىلىپ پەسكە شۇڭغۇيتتى. ئاندىن يەنە دۆڭگە قاراپ ئۇچۇشاتتى... ئەجەبا ئۇلار ئويۇن قويۇۋاتامدۇ قانداق؟
0t7N yKU لاتىن ئامېرىكىسىدىكى پاتاگونىيە① ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ھەر قېتىم بوران چىققاندا توپ ‐ توپ بالېنا كىتلىرى قۇيرۇقلىرىنى سۇدىن چىقىرىپ بورانغا توغرىلايدۇ - دە، خۇددى يەلكەنلىك كېمىلەردەك، دېڭىز قىرغىقىغا قاراپ مەغرۇرانە ئۈزگىلى تۇرۇشىدۇ. قىرغاققا يېتىپ باراي دېگەندە بۇ زور مەخلۇقلار يەنە دېڭىزغا چۆكۈپ قايتىپ كېلىشىدۇ - دە، يەنە بايىقى ھەرىكىتىنى تەكرارلايدۇ... بالېنا كىتلىرىنىڭ بۇ زادى نېمە قىلغىنىدۇ؟ cXq9k!I% زوئولوگلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئوقۇيدىغان بولساق ھەيران قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ، ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئوينىغىنىكەن. خۇددى ئىنسان بالىسى ئويۇن ئوينىغاندەك، ھايۋانلارمۇ ئويۇن ئويناشقا ئامراق كېلىدىكەن. يەنە كېلىپ ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرى ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ مۇرەككەپ، چۈشەنمەك ئەڭ تەس بولغان ھەمدە ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغاۋاتقان ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن. }>{R<[I!G ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار ھايۋانلارنىڭ ئويناش شەكىللىرىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى يالغۇز ئويناش، ئېلىشىپ ئويناش، نەرسە ئويناش دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىغان. >~,~X9 يالغۇز ئويناشتا شېرىكنىڭ ھاجىتى يوق بولغاچقا، ھايۋانلار ئۆزى يالغۇز ئويناۋېرىدۇ. ھايۋانلار يالغۇز ئوينىغاندا دائىم زوق - شوقى بىلەن قىيغىتىپ راسا چاپىدۇ، تاقلايدۇ ياكى ئورنىدا تۇرۇپ پىرقىرايدۇ. مەسىلەن، ئاتلار ئالدى تۇياقلىرىنى كۆتۈرۈپ چاپچىيدۇ. مايمۇنلار موللاق ئېتىشقا، دەرەخقە ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشقا ئامراق... يالغۇز ئوينىغاندا ھايۋانلار بەك ئەركىنلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئويۇن ھەرىكىتى. #H6YI3
`G
ئېلىشىپ ئويناشقا ئىككىدىن ئارتۇق ھايۋان قاتنىشىدىغان بولغانلىقتىن، ئۇ بىر خىل ئىجتىمائىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. ئېلىشىپ ئوينىغاندا ھايۋانلار قاتتىق ئېلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بىر - بىرىنى ھەرگىز يارىلاندۇرمايدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئېلىشىپ ئوينىغاندا ئۆزئارا بىر - بىرىگە تولۇق ئىشىنىپ يول قويىدىغانلىقى، ئۆزىنى قاتتىق تىزگىنلەپ ئويۇننىڭ راستقا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئېلىشىپ ئويناش راست ئېلىشقاندىنمۇ تەس بولىدىكەن. ,|*Gr"Q= نەرسىلەرنى ئويناش ئەمەلىيەتتە ھايۋانلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقىنى يېتىلدۈرىدىكەن. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى دائىم مۇنداق بىر خىل ئويۇن ئوينايدۇ: بىرەر تال كالتەك ياكى تاشنى دۆڭگە ئاچىقىپ پەسكە تاشلايدۇ - دە، ئارقىسىدىن ئۇنى قوغلاپ يۈگۈرەيدۇ. ئاندىن ئۇ نەرسىنى يەنە دۆڭگە ئاچىقىپ پەسكە چۆرۈيدۇ. ياۋا پىل ئوت - چۆپلەرنى تۈرمەكلەپ توپ شەكلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى خارتۇمى بىلەن «تېپىپ» ئوينايدۇ. oLkzLJ يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغاپ، تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ قىزغىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. مۇنازىرە قىزىق نۇقتىسى ھايۋانلار نېمىشقا ئويۇن ئوينايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. 53hX%{3 ئېنېرگىيىنى ئامال بار ئىسراپ قىلماسلىق جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەت. ھايۋانلار ئۈستىدە مەيلى مورفولوگىيىلىك قۇرۇلما، فىزىئولوگىيىلىك جەريان ياكى ھەرىكەت جەھەتتىن تەھلىل ئېلىپ بارايلى، ئامال بار ئېنېرگىيىنى ئىسراپ قىلماسلىقنىڭ نۇرغۇن - نۇرغۇن مىساللىرىنى تاپالايمىز. ئۇنداقتا، ھايۋانلار نېمىشقا شۇنچىۋالا ئېنېرگىيىنى سەرپ قىلىپ ئېنىق بىر نىشانى بولمىغان ئويۇنلارنى ئوينايدۇ؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا تەتقىقاتچىلاردا خىلمۇ خىل كۆزقاراشلار مەۋجۇت. 1Xi>&;], ئاتاقلىق شىمپەنزە تەتقىقاتچىسى جېئاننې گوئودال② شىمپەنزە بالىلىرىنىڭ دائىم يوپۇرماقلارنى چايناپ ئالىقىنىدىكى سۇغا چىلاپ ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغان. قۇرامىغا يېتىلگەن شىمپەنزىلەر بولسا قۇرغاقچىلىق مەزگىلىدە يوپۇرماقلارنى چايناپ دەرەخ كاۋاكلىرىدىكى سۇغا چىلاپ ئاندىن يەنە يېيىش ئارقىلىق ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. بۇ خىل بايقاشقا ئاساسەن، بەزى ئالىملار ھايۋانلار ئويۇن ئويناش ئارقىلىق كەلگۈسى ئۈچۈن ھەر خىل ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، قوغلاش، مۆكۈش، ئېلىشىش قاتارلىقلار. بۇ ھەرىكەتلەرنى پىششىق ئىگىلەش ھايۋانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ خىل پەرەزنى «رېپېتىتسىيە تەلىماتى» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق كۆز قاراش: «ئويۇن ئويناش ياشاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان رېپېتىتسىيە» دېگەندىن ئىبارەت. Fah6
&a بەزى ئالىملار «رېپېتىتسىيە تەلىماتى»غا قوشۇلمايدۇ. ئۇلار، ھايۋان بالىلىرى ئويۇن ئويناپلا قالماي، يەنە يېتىلگەن ھايۋانلارمۇ ئويۇن ئوينايدۇ، دەپ قارايدۇ ھەمدە يېتىلگەن ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە يېتىلگەن ھايۋانلار ئويۇن ئارقىلىق ياشاش ئۈچۈن رېپېتىتسىيە قىلىشقا موھتاج ئەمەس دېگەن. ئۇلار يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بەزى ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئوينىشى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. مەسىلەن، بېگېموت سۇ ئاستىدا تۇرۇپ سۇ يۈزىدە لەيلەكلىك يوپۇرماقلارنى پۈۋلەپ ئويناشقا ئامراق بولسا، قۇزغۇن قارلىق دۆڭدىن تېيىلىپ ئويناشقا ئامراق، ۋەھاكازالار. بۇ ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئوينىشى «ئۆز - ئۆزىنى خۇش قىلىش» ئۈچۈن ئىكەن. «ئۆز - ئۆزىنى خۇش قىلىش» خۇددى ئوۋ ئوۋلاش، كۈشەندىلىرىدىن قېچىش، كۆپىيىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ بىر خىل تۇغما ئالاھىدىلىكى ئىكەن. قانچە تەرەققىي قىلغان، قانچە ئەقىللىق ھايۋان بولغانسېرى، ئۇنىڭدىكى بۇ خىل «ئۆز - ئۆزىنى خۇش قىلىش» ئالاھىدىلىكىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن. شۇڭا، ئويۇن ئويناش بۇ خىل ئۆز - ئۆزىنى خۇش قىلىشنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى ئىكەن. بۇ خىل كۆڭۈللۈك ئويۇنلار ئارقىلىق ھايۋانلار تەبىئىي رىقابەتتىن پەيدا بولغان جىددىيچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى تەڭشەپ، ئۆز - ئۆزىگە تەسەللى بېرەلەيدىكەن ھەم ئۆز - ئۆزىنى قوغدىيالايدىكەن. شۇ سەۋەبتىن، ھايۋان بالىلىرىلا ئويۇن ئويناپ قالماستىن، يېتىلگەن ھايۋانلارمۇ ئويۇن ئوينايدۇ. يۇقىرىقى قىياسنى «ئۆز - ئۆزىنى خۇش قىلىش تەلىماتى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. K bQXH!J يېقىندا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېرۋا فىزىئولوگى خانس تېربېل بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ بىئولوگى سىتا ئارتمان قاتارلىقلار «ئۆگىنىش تەلىماتى» دەپ ئاتىلىدىغان تولىمۇ قىزىقارلىق بىر خىل قىياسنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئويۇن ئويناش ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل ئۆگىنىش ھەرىكىتى ئىكەن. تېربېل كانارى تاقىم ئارىلى③دا شىمپەنزىنىڭ ھەرىكىتى توغرۇلۇق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ شىمپەنزىلەرگە تاياق - توقماق بەرسە ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئادەملەر ئۆردەكلەرنى قوغلىغاندەك، بىر - بىرىنى سۈر - توقاي قىلىشىپ ئوينايدىغانلىقىنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېسىقلىق يېمەكلىكلەرنى چۈشۈرىدىغانلىقىنى، مۇنداق ھەرىكەتنى قىلىپ باققان شىمپەنزىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن تاياق - توقماقلارنى ناھايىتى ئەپچىل ئىشلىتەلەيدىغان بولغانلىقىنى بايقىغان. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، «مۆكۈشمەك» ئويناش ۋە قوغلىشىپ ئويناش ئارقىلىقمۇ ھايۋانلار يەرنىڭ ئوي - چوڭقۇرىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ. ئويۇننىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ ھايۋانلاردا بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە چاققانلىقى، سەزگۈرلۈكى، ئېلىشىش ۋە مۇھىتتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئويۇن ھايۋانلار ئۈچۈن ئۆزلىرىدىكى ھەر خىل تۇغما ماھارەتلەرنى مۇرەككەپ تەبىئىي، ئىجتىمائىي شەرت - شارائىتلار بىلەن ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، مەيلى ھايۋان بالىلىرى ياكى يېتىلگەن ھايۋانلار بولسۇن، ئويۇن ئويناش ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىل ئۆگىنىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ;i.MDW^N ئامېرىكا ئىداخو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جون بېيېئا بىلەن كانادالىق زوئولوگ پائۇل لانتېر، ئويۇن ئويناش بىر خىل ئۆگىنىش بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر خىل «چېنىقىش» تىن ئىبارەت، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بېيېئا سىبىرىيە ئارقارلىرىنىڭ ئويۇن ئوينىشىدا چېنىقىش خاھىشىنىڭ ناھايىتى روشەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئويۇن مەيدانىنى تاللىغاندا ئاساسەن «ئەمەلىي جەڭ»نى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، خۇددى كۈشەندىسىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرمەكچى بولغاندەك، كاتاڭ دۆڭلەردە يۈگۈرۈپ، تىك قىيالاردىن سەكرەپ ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ۋرايت خۇدسۇن قولتۇقىدا ياشايدىغان شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ قىشنى بەك تەستە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، تيۇلېن، بېلىقلارنى تۇتۇش ئۈچۈن بەك كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ ئالدىراشچىلىق ۋە سەرگەردانلىقتا ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ياز كېلىپ، قار - مۇزلار ئېرىگەندە شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرى قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئوزۇقلۇق مەنبەسى كۆپىيىپ، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرى ئۇزۇقلۇق تېپىش ئۈچۈن قاتراپ يۈرمەيدىغان بولىدۇ. شۇڭا، قورسىقى تويغاندىن كېيىن ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشقا باشلايدۇ. مەسىلەن، چېلىشىش، يۈگۈرۈشۈش، قوغلىشىش، تېيىلىش قاتارلىقلار. ياز پەسلىدىكى ئويۇنلار خۇددى تەنتەربىيە ھەرىكىتىدەك شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشى ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ قىش پەسلىدە ئوۋ ئوۋلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. شۇڭا، بۇ ئىككى ئالىم «چېنىقىش تەلىماتى» ئارقىلىق «ئۆگىنىش تەلىماتى»غا تولۇقلىما بەرگەن. \5tG>>c i
بۇ بىرنەچچە خىل قىياسنىڭ قايسىسى ئورۇنلۇق؟ ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئوينىشى زادى «رېپېتىتسىيە قىلىش» ئۈچۈنمۇ ياكى «ئۆز - ئۆزىنى خۇش قىلىش» ئۈچۈنمۇ؟ «ئۆگىنىش» ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى «چېنىقىش» ئۈچۈنمۇ؟ تەتقىقاتچىلار ھەممىسىلا ئۆز قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇشۇپ، بەس - مۇنازىرە قىلىشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە بۇ خىل قىياسلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ مەسىلىنى قانائەتلىنەرلىك چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئويناش جەريانىدىكى ئەقىللىقلىقى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى، ئىجادچانلىقى، تەسەۋۋۇرى، ھىيلىگەرلىكى، سۇيىقەستلىرى، ھەر خىل - ھەر تۈستىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا ئادەملەرنىڭ مۆلچەرىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن. ئەنگلىيىلىك زوئولوگ روبېرت خۇند، ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرى شۇ قەدەر مۇرەككەپكى، بۇ ھەرىكەتلەرگە ئېنىق تەبىر بېرىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن. ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكىتى تەنتەربىيە ھەرىكىتىگىمۇ، يەنە سەھنىدە ئويۇن قويغانغىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەردە نە بىرەر مەقسەت، نە بىرەر نەتىجە، نە بىرەر ئەندىزە، نە بىرەر قائىدە بولمايدۇ. ھايۋانلار شوخلۇقى تۇتسىلا ئويناۋېرىدۇ. مەزمۇنى تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. ھېڭدېر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان باشقا بارلىق مۇتەخەسسىسىلەر ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرىدىكى بارلىق سىرلارنى ئېچىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.
aoz+T h3 -uN{28;@ ئىزاھاتلار: 3~R,)fO; ① پاتاگونىيە − ئارگېنتىنا چېگراسى ئىچىدىكى جاي نامى. X2I_,k'fQ ② جېئاننې گوئودال − ئەنگلىيىلىك زوئولوگ، ئافرىقا ئورمانلىقلىرىدا شىمپەنزىنى ئۇزاق مەزگىل كۆزىتىپ تەتقىق قىلغان. «شىمپەنزىلەر چاقىرماقتا»، «دوستۇم شىمپەنزە» ناملىق ئەسەرلىرى بار. Vo^J2[U ③ كانارى تاقىم ئارىلى _ ئاتلانتىك ئوكياندا، ئىسپانىيىگە قاراشلىق. 74N_> 1!j OYxYlUq مۇھاكىمە ۋە مەشىق: q_^yma 1. ھايۋانلار نېمىشقا ئويۇن ئوينايدۇ؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا تېكىستتە بىرنەچچە خىل قىياس ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قىياسلارنى قوللاش دەرىجىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى « ★» بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېقىڭ (ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش دانە «★» قويسىڭىز بولىدۇ) ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ. A",}Ikh='` 2. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ئالاقىدار بىلىملەرنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئۆزىڭىزمۇ ئىزدىنىپ، بۇ جەھەتتىكى تونۇشىڭىزنى ئاشۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەسەردە مىسالغا ئېلىنغان ھايۋانلارنىڭ ئويۇن تۈرلىرى، ئويۇن ئالاھىدىلىكلىرى ھەمدە بۇ ھەقتىكى مىساللارغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ كۆزەتكەنلىرىنى قوشۇپ تولۇقلىما ئېلىپ بېرىڭ. OLt0Q.{ 3. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپ تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە سەنئەت پائالىيىتى بىلەن زادى نېمە مەقسەتتە شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە خىلمۇ خىل قاراش، تالاش - تارتىشلار بار. ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يىغىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە قاراپ بېقىڭ. }|/A &c )H]L/n (مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3- كىتاب 71- بەتتىن ئېلىندى. 2012-1-17 ) |