查看完整版本: [-- ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ئۈستىدە مۇلاھىزە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ئۈستىدە مۇلاھىزە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qirak 2012-01-16 01:56

‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ئۈستىدە مۇلاھىزە

‹‹قۇتادغۇبىلىك››نىڭ مۇقەددىمىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە
غالىب بارات ئەرك
  مەنبە: تور دۇنياسى   aCQ[Uc 
_1$Y\Y  
خاقانىيە دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاجايىپ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى، جۇملىدىن شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› ۋە ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ئۇيغۇرلارنىڭ بىباھا
گۆھەرلىرى، شۇنداقلا مەدەنىيىتىمىزنىڭ پىرامىدالىرى دىيىشكە بولىدۇ. دىداكتىك داستان ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› بولسا ئىپادىلىگەن ئىدىيىسىنىڭ ئىلغارلىقى، بەدىئىلىگىنىڭ يۇقىرىلىقى،
تىل سەنئىتىنىڭ نەپىس ۋە مۇكەممەللىگى، مەزمۇن دائىرىسىنىڭ ئاجايىپ موللىقى بىلەن شوھرەت تاپتى. ئەسەر بىباھالىقى بىلەن 900 يىلدىن بۇيان ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپلا
قالماستىن تېخىمۇ قەدىرلەنمەكتە. داستان شەرقتە تارىم ۋادىسىدا روياپقا چىققان بولسىمۇ، بارلىق تۇركىي خەلقلەر ياشىغان بىپايان زېمىنغا تارالغان. ‹‹ قۇتادغۇبىلىك››نىڭ بىر نۇسخىسىنىڭ مىسىر پايتەختى قاھىرەدىن، بىر نۇسخىسىنىڭ ئافغانىستاننىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ھىراتتىن، يەنە بىر نۇسخىنىڭ ئوزبېكىستاندىكى پەرغانە ۋادىسىدىن تېپىلغانلىقى، قەشقەر ئېلىدە تاماملىنىپ خاقانىيە خاقانىغا تەقدىم ئېتىلگەن بۇ داستاننىڭ دۇنيادىكى تۇركىي خەلقلەر ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىيىتى، مەدەنىيىتى ۋە ئېدىئولوگىيسى ئۈچۈن ئوچمەس توھپىلەرنى قوشقانلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپ قالدى. 4s_5>r4  
خاقانىيە دەۋرىدە ئاجايىب گۈللىنىش بولغان بولسىمۇ، ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ››، ‹‹ قۇتادغۇبىلىك››، ‹‹ ئەتەبەتۇلھەقايىق›› تىن باشقا شۇ دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ماتىرىياللارنىڭ كوپىنچىسى تۈرلۈك ئىجتىمائىي، تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقىلىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› داستانىنىڭ مۇئەللىپى بولغان بۈيۈك مۇتەپەككۈر، شائىر، دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىمۇ ھىچقانداق مەلۇمات يوق، لېكىن ئەپسۇسلىنىش ئىچىدىكى زەررىچە خۇشاللىق، ئىسىم شەرىپىنى قالدۇرمىغان مۇئەللىپلەر تەرىپىدىن يېزىلىپ، داستاننىڭ بېشىغا قوشۇلغان نەسرىي، نەزمىي مۇقەددىمىلەردۇر. بۇ مۇقەددىمىلەر ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنى چۈشىنىشتىنلا ئەمەس، خاقانىيىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىشتىمۇ رېئال ئۇچۇرلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. tK*y/S  
داستاننىڭ مۇقەددىمىسى نامەلۇم ئاپتورلار تەرىپىدىن نەسرىي ۋە نەزمىي ئۇسلۇبتا يېزىلغان، يەنە كېلىپ بۇ مۇقەددىمىلەر ئىككى ئاپتور تەرىپىدىن ئىلگىرى - كېيىن يېزىپ قالدۇرۇلغان، ئەمما مەلۇم بىر مەنبەنى ياكى بىرى يەنە بىرىنى مەنبە قىلىش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققان. '3Fb[md54  
    قوليازمىلاردىن ھىرات ۋە قاھىرە نۇسخىلىرىدا ئاۋۋال نەسرىي مۇقەددىمە، ئۇندىن كېيىن نەزمىي مۇقەددىمە، ئۇندىن كېيىن مۇندەرىجە، رەسمىي تېكىست كۆچۈرۈلگەن. پەرغانە نۇسخىسىدا نەزمىي مۇقەددىمە يوق ، نەسىرىي مۇقەددىمىدىن كېيىن مۇندەرىجە ئاندىن رەسمىي تېكىست ئورۇنلاشتۇرۇلغان. T5T[$%]6  
‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› داستانى ھەر قايسى تۈركلوگ ئالىملار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، تەرجىمىلىرى ئىشلىنىپ نېمىس، تۈرك، روس، ئېنگلىز، خەنزۇ، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىللىرىدا نەشر قىلىندى؛ ئەسەر يۇقىرى تىراژدا بېسىلىپ دۇنيا خەلقىنىڭ مىراسىغا ئايلاندى، شوھرىتى ئالەمگە يېيىلدى. ئالىملىرىمىز ئېلىمىز خەلقىنىڭ بۇ بۈيۈك تارىخىي مىراس بىلەن دىدارلىشىشىنى كوزدە تۇتۇپ، كوپ ئەجىر قىلىپ، ئەسەر ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزدى ھەمدە ھازىرقى زامان تىللىرىدا يېشىپ نەشر قىلدۇردى. ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق تۇركلوگلىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى ۋە ۋېي سۇييى خانىملار ھەمكارلىقىدا ئىشلگەنگەن دەسلەبكى تەرجىمە - قىسقارتىلما نۇسخا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدن 1979 - يىلى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىندى. 1984 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتوتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ترانسىكرىپسىيىلىك مەتىن ۋە ئۇيغۇرچە نەزمىي يەشمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ نەشر قىلدى. 1986 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرجىمانلاردىن خاۋ گۇەنجوڭ، جاڭ خۇڭچاۋ ۋە لىئو بىنلارنىڭ ئۇيغۇرچە نەزمىي يەشمىسىنى ئاساس قىلىپ، تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن خەنزۇچە نەزمىي تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدى. مىللەتلەر نەشرىياتى يەنە 1991 - يىل ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۇر تۇردى ۋە قادىر ئەكبەرلەر ئىشلىگەن نەسرىي يەشمىسىنى نەشىر قىلدى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991 - يىل تۇرغانباي قېلچبىك، نورۇز ھۆسەنئالىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نەزمىي يەشمىدىن قىرغىزچىغا ئاغدۇرغان نەزمىي تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدى. ئېلىمىزدە ھەتتا ئۈچ قوليازما نۇسخىنىڭ فاكسىمىلى نەشر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن خەلقىمىزنىڭ بۇ تارىخىي بەدىئىي مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئاساس ھازىرلاندى ھەمدە ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلدى. ئېلىمىزدە مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى. b{-|q6  
ئېلىمىزدە ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ تىلى، بەدىئىيلىگى، پەلسەپىۋىيلىگى قاتارلىق جەھەتلەردىن تولىمۇ تېرەن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، باشقا مۇئەللىپلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئىككى مۇقەددىمە ئاساسەن تەتقىقاتنىڭ سىرتىدا قالدى. ئاز ساندىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىدە مۇقەددىمە ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر بولسىمۇ ئەنئەنىۋى قاراش رامكىلاردىن چىقالمىدى، توغرىراقى بۆسۇش خاراكتىرلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئەمەلىيەتتە باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلىپ ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ››كە مۇقەددىمە سۈپىتىدە قوشۇپ قويۇلغان ئەشۇ نەسرىي، نەزمىي مۇقەددىمىلەر ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ››نى ئۈگىنىش، ئەينى چاغدىكى تارىخىي رېئاللىقنى چۇشىنىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. توۋەندە مەن بۇ ھەقتە ئۈگەنگەنلىرىم ئاساسىدا ئۆزگىچە پىكىرلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. D [6sy`5l  
   توۋەندە بىز نەسرىي مۇقەددىمە ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى: Rx&.,gzj[  
‹‹ بۇ كىتاب ياۋلاق ئەزىز تۇرۇر چىن ھۆكەمالارىنىڭ ئەمساللەرى بىرلە بەزەنمىش ماچىن ئۇلەمالارىنىن ئەشئارلارى بىرلە ئارەستە قىلىنمىش.... چىن - ئۈ ماچىن ئالىملەرى ۋە ھەكىملەرى قامۇغ ئىتتىفاق بولدىلار كىم مەشرىق ۋىلايىتىندە قامۇغ تۈركىستان ئەللەرىندە بۇغراخان تىلىنچە تۈرك لۇغەتىنچە بۇ كىتابدىن ياقشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسنىف قىلمادى ... كىتابنى كاشغەر ئەلىندە تۈكەل قىلىپ مەشرىق مەلىكى تاۋغاچ بۇغراخان ئۈسكىڭە كىگۈرمىش ›› ScVbo3{m*T  
مىللەتلەر نەشرىياتى 1984 - يىل ئۇيغۇرچە نەشر قىلغان نۇسخىدا توۋەندىكىدەك يەشمە بېرىلگەن: ‹‹ بۇ بەك ئەزىز كىتابتۇر، (
ظذ) چىن ھېكىملىرىنىڭ ھىكمەتلىرى بىلەن بېزەلگەن، ماچىن ئالىملىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ياسانغاندۇركى.... چىن - ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كەلدىلەركى، مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتۈن تۇركىي خەلقلەر ياشايدىغان يەرلەردە، بۇغراخان تىلىدا تۈركىي سۆز بىلەن (ھىچكىم) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق. بۇ كىتابنى قەشقەر ئېلىدە تاماملاپ، مەشرىق شاھى تاۋغاچ بۇغراخان ھوزۇرىغا سۇنغاندۇر ›› ".( G,TW  
  ھازىرغىچە ئېنىقلانماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مەشرىق ۋىلايىتى، چىن، ماچىن، بۇغراخان تىلى، تۈرك لۇغىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مانا مۇشۇ مۇقەددىمىدىكى بايانلاردىن مەشرىق مەملىكىتىنىڭ دەل خاقانىيە ئىكەنلىگىدىن ھىچكىم گۇمان قىلمىسا كېرەك. مەشرىق مەلىگى شەكسىزكى مەشرىق ئېلى (ۋىلايىتى) نىڭ پادىشاھى بولىدىكەن، ئۇ يەنە كېلىپ خاقانىيە خاقانى، ئۇنداقتا مۇقەددىمىدە ئېيتىلغان مەشرىق ۋىلايىتى خاقانىيىنىڭ ئۆزى، مەشرىق مەلىكى خاقانىيە خاقانى ئىكەنلىكىنى ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ››نىڭ مۇقەددىمىسىدىن كۆرە باشقا مەنبەلەردىمۇ ئىسپاتلىنىدۇ. تاجىكىستاندىن تېپىلغان، مىلادىيە 1010 - ، 1011 - يىللىرى ئەتراپىدا قەشقەردە قۇيۇلغان يۈسۈپ قادىرخان پۇلىنىڭ يۇزىدە ‹‹ مەلىكۇل مەشرىق›› دىگەن خەت بولغاندىن سىرت يەنە بىر يۈزىدە ‹‹ دولەتنىڭ قوغدىغۇچىسى شەرقنىڭ پادىشاھى قادىرخان چىن بۇغراخان›› دىگەن مەنىدىكى خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. 11 - ئەسىرنىڭ بېشىدا قەشقەردە قۇيۇلغان پۇللاردىن باشقا، يەنە يەكەندە قۇيۇلغان پۇللاردىمۇ ‹‹ شەرق پادىشاھى ›› دىگەن ناملار بار ①① . تارىخشۇناس ۋېي لياڭتاۋنىڭ بايانىغا قارىغاندا، مىلادىيە 1041 - يىلىدىن 1068 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ئىبراھىم بىن ناسىر ‹‹ تاۋغاچ بۇغراخان شەرق ۋە چىننىڭ سۇلتانى ›› 12 دەپ ئاتالغان. ‹‹ قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ھوكۇمرانلىرى ئۆزلىرىنى تاۋغاچ بۇغراخان ۋە مەلىكۇل مەشرىق ۋە سىن (شەرق بىلەن چىننىڭ سۇلتانى)›› 3 دەپمۇ ئاتىغان . دىمەك، مەلىكۇل مەشرىق (شەرقنىڭ پادىشاھى) خاقانىيىنىڭ خاقانلىرىدۇر. تارىخچى ھاجى نۇر ھاجى ‹‹ ئۆز زامانىسىدا پۈتكۈل مومىنلەرنىڭ ئەمرى دەپ ئاتالغان ئابباسىيلار، قاراخانىلارنىڭ خانلىرىنى دىپلوماتىيە جەھەتتىن مەلىكۇل مەشرىق ۋە سىن- شەرق ۋە چىن پادىشاھى- دەپ ئېتىراپ قىلغان ›› دەيدۇ. دىمەك بۇ مەشرىق مەلىگى نامى، ئەينى دەۋرىدىكى ئىسلام دۇنياسىدىن كەلگەن. ئەمەلىيەتتە قەدىمكى ئىسلام جەمئىيىتىدە تارىم ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىرقىسىم جايلىرىنى ‹‹ مەشرىق ›› دەپ ئاتىغان (‹‹ بەھرۇل ئەسرار›› غا قاراڭ). شۇڭا ئەجەبلىنىش، يەنە كېلىپ ‹‹ مەشرىق ۋىلايىتىندە ›› دىگەن بىرلىك ئاتالغۇنى كۆپلۈككە ئايلاندۇرۇپ ‹‹ مەشرىق ۋىلايەتلىرىدە›› (‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› نىڭ نەسرىي يەشمىسىگە قاراڭ) دەپ يېشىش ھاجەت ئەمەس. « قۇتادغۇبىلىك » داستانى تەقدىم قىلىنغان خاقاننىڭ ئىسمى يەكەندىن تېپىلغان بىر ۋەسىقىدە « مۇسلىمىن مەلىكۇل - مەشرىق ۋە س - سىن تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلىينۇل - ھەسەن بىن سۇلايمان ئارسلان قاراخان » ① دەپ خاتىرىلەنگەن. ph!h8@e  
  دىمەك مەشرىق ۋىلايىتىنى ئېنىقلىۋالغان ئىكەنمىز، ئۇنىڭ تېخىمۇ كەڭرەك ئېنىقلىمىسى بولغان « قامۇغ تۇركىستان ئەللىرى » گە كەلسەك خاقانىيە - مەشرىق ۋىلايىتى - دىكى كىچىك ئەللەرنى كورسىتىدۇ. مەسىلەن: كاشغەر ئېلى، قۇز ئوردۇ ئېلى، ئۇيغۇر ئېلى، ئۈچ ئۇردۇ ئېلى . دوكتۇر رىشات گەنج « ئەل » نى ۋىلايەت، خەلق، دۆلەت مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ كورسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىش مۈمكىنكى « مەشرىق ۋىلايىتى » بىلەن « قامۇغ تۈركىستان ئەللىرى » تەڭداش ئاتالغۇ بولۇپ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنى تولۇقلاپ ئېنىقلاپ كەلگەن. > MRuoJ  
ئەمدى « بۇغراخان تىلى، تۈرك لۇغەتى » ئىبارىسىگە كەلسەك بۇ ئىككىلىسىمۇ ئوخشاشلا تەڭداش ئاتالغۇ . نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ ئاپتورى بۇ ھەقتە مۇنداق بېيىتلەرنى يازغان: ~>~qA0m"m  
23. بۇ بۇغراخان ۋاقىتى مۇئەللىپ ئۇنى، %S$$*|_ G  
يەنە خان تىلى بىرلە ئەيتىمىش بۇنى. &"J;  
33. ئايا، بۇ كىتابنى قوبۇل قىلغۇچى، ~ ^   
بۇ تۈركچە ئەسەرگە ئەجەبلەنگۈچى. 5nsoWqnE8  
73. ئەرەبچە، تاجىكچە كىتابلار تولا ، A&WC})H5  
بىزنىڭ تىلىمىزدا بۇ يالغۇز، شۇلا. P$*N gt  
75. تۈركچە قوشاقلارنى تۈزدۈم ساڭا، n%4 /@M  
ئوقۇردا ئۇنۇتما، دۇئا قىل ماڭا. x)eoz2E1  
يۇقىرىقى بېيىتلار ناھايىتىمۇ ئېنىق كۆرسەتمە بەرگەندىن سىرت، يۈسۈپ خاس ھاجىپ « كىتاب ئىگىسى ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىگە نەسىھىتى » دە مونۇ بېيىتلەر ئارقىلىق بىشارەت بەرگەن: ``6-   
6617. كەيىك تاغى كۆردۈم بۇ تۈركچە سۆزۈگ qE]e+S?57a  
ئانى ئاقرۇ تۇتتۇم ياقتۇردۇم ئارا 6h %rt]g  
(بۇ تۈركىي سۆزنى كۆردۈم ياۋايى كىيىك، x',6VTz^  
ئۇنى ئاستا تۇتتۇم، ئۆگەتتىم ئارا.) e+{lf*"3  
دىمەك ناھايىتى ئېنىقكى، خاقانىيە خاقانلىرىنىڭ تىلى تۈرك - ئۇيغۇر تىلى بولۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسىرىنى مانا مۇشۇ تىلدا يېزىپ بۇغراخان ھوزۇرىغا سۇنغان. بۇغراخاننىڭ تىلى ئەينى چاغدىكى تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى خاقانىيە تۈركچىسى ، ئۇنىڭ لۇغەت فوندى ئەلۋەتتە « تۈرك لۇغەتى » دۇر. ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرىمىزدىن خەمىت تۆمۈر، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئامىنە غاپپارلار « ‹قۇتادغۇبىلىك› تە ئىپادىلەنگەن ئەدەبىي تىل توغرىسىدا » ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك تەتقىقات، مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارغان بولۇپ « ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى باسقۇچىغا كىردى ۋە دولەت تىلى، خان تىلى، تۇركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى سۇپىتىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەلىكىدىكى جايلاردا ئۈنۈملۇك قوللىنىلدى. قاراخانىلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىنمۇ، بۇ ئەدەبىي تىل قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئەدەبىي تىلى، خان تىلى سۈپىتىدە داۋاملىق قوللىنىلىۋەردى، بۇ ئەدەبىي تىل ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىسلام شارائىتىدىكى ۋارىيانتى سۇپىتىدە خاقانىيە تۇركچىسى، خان تىلى، بۇغراخان تىلى، كاشغەر تىلى دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن پاراللىل قوللىنىلدى. دەرۋەقە خاقانىيە تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ۋە بۇ جەھەتتە دۇشمەنلىك ھالىتىدە تۇرغان قېرىنداشلىرى - ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن چەك چېگرا ئايرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ‹ ئۇيغۇر › دىمەستىن ‹ تۈرك › دەپلا ئاتاپ كەتكەن » ①① دەپ ناھايىتى ئاقىلانە ھۆكۇم قىلىدۇ. بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىمۇ « ئۇيغۇر تىلى ساپ تۈركچە » دەپ ناھايىتىمۇ ئېنىق تەبىر بەرگەن. شۇڭا ئېيتىش مۇمكىنكى « بۇغراخان تىلى »نىڭ ئېنىقلىغۇچىسى « تۈرك لۇغىتى » دۇر. بۇ خۇددى ھازىر ئالىملىرىمىزنىڭ « چاغاتاي تىلى » غا ئېنىقلىغۇچىسىنى قوشۇپ « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى » دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغاندەك، مۇقەددىمە ئاپتورىمۇ ئېنىقلىغۇچىنى ئەنە شۇ ئۇسۇلدا قوشقان، ئەمىلىيەتتە كېيىنكىلەرنى كۆزدە تۇتقاندا ئاقىلانە بىر تەدبىر ئىدى. kOq8zYU|  
ئەمدى نەزمىي مۇقەددىمە ئۇستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كورەيلى: BNI)y@E^X  
12. بۇ مەشرىق مەلىكى ماچىنلار بەگى f#w u~*c  
بىلىكلىگ ئوقۇشلۇق ئاژۇندا يەگى \4C[ 
(ماچىنلار بېگى شەرق سۇلتانلىرى، SO[ u4b_"h  
بىلىملىك، ئاقىل، دۇنيا ياخشىلىرى.) =6Gn? /{  
18. ماچىنلەر ھەكىمى بۇ چىن يۇمغىسى ;DR5?N/a  
تۆزۈ بارچا ئايمىش مۇنىڭ ياقىشىسى > TBXT+  
(ماچىن، چىن ھېكىمى ئۇلار بارچىسى، =adHP| S  
گۈزەل دەپ ماختىدى ئۇنى ھەممىسى). rPGj+wL5-  
19. بۇ مەشرىق ئەلىندە قامۇغ تۈرك ئۈ چىن gTU5r4xm~  
مۇنى تەگ كىتاب يوق ئاژۇندا ئادىن 5s`r&2 w  
(پۈتۈن تۈرك، چىن، شەرق ئېلىدە دىمەك، n\JI7A}  
مۇنىڭدەك كىتاب يوق جاھاندا بۆلەك.) 83gWA>Odh  
گەرچە نەسرىي يەشمىنىمۇ نوپۇزلۇق ئالىملىرىمىز ئىشلىگەن بولسىمۇ، ناھايىتى ئازلا ئوزگەرتىش كىرگۇزگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نەزمىي يەشمىشنىڭ ئىزىدىن ماڭغان. قارىغاندا بۇ بېيىتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمىسى پروفېسسور گېڭ شىمىن ۋە ۋېي سۈييى خانىمغا مەنسۇپ بولسا كېرەك. توۋەندە ئۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى كورەيلى: TB+k[UxB  
19.
东方之国突厥和秦人 UOl*wvy  
没有一部书可与之匹配 A~ 
21
东方之王是马秦皇帝 } e+`Kx y  
他是世界上最有智慧的人 pq&[cA_w  
داستاننىڭ 12 – بېيىتى 1986 – يىلىدىكى خەنزۇچە نەشرىدە مۇنداق ئېلىنغان : _N^w5EBC]  
东方的帝王马秦的君主 DF4CB#  
睿智而博学的世间英才 g3>>gu#0DC  
بىز ناۋادا ترانسىكرىپىيە بىلەن ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە تەرجىمىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈدىغان بولساق ، تەرجىمىدە گېڭ شىمىننىڭ ئەسلىگە ناھايىتى سادىق بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . پروفېسسور گېڭ شىمىن تەرجىمىسىدە ناھايىتى ئېنىق ھالدا ‹‹ مەشرىق مەلىگى ››نىڭ ‹‹ ماچىنلار بەگى ›› ( پادىشاھى ) ئىكەنلىگىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە ، ئۇ ‹‹
他是›› دىيىش ئارقىلىق كۆپلۈك ئەمەس، بىرلىك ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئېنىقلاپ بەرگەن. 19 - بېيىتتىمۇ « مەشرىق ئەلىندە » « تۇرك ۋە چىن » خەلقلىرىنىڭ بارلىقى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن، بىز يۇقارىقىلاردىن ناھايىتى ئېنىق كۆرۇۋالالايمىزكى « مەشرىق ئېلى » دىمەك « ماچىنلار ئېلى » دىمەكتۇر. بۇ ئەل مەھمۇد كاشغەرى قاتارلىق ئالىملارنىڭ پىكرىچە « تۈرك ئېلى » ياكى « ئىسلام ئېلى » دەپ ناملانغان بولسا كېرەك. مانا ھازىر بولسا كۆپ ھاللاردا « قاراخانىلار خانلىقى » دەپ ئاتالغىنىنى ھېسابقا ئالغاندا، ئۇ چاغدا بىر ئەلنىڭ نىمىشقا شۇنچە كۆپ نامى بولىدۇ؟ دىگەن سوئال تۇغۇلىدۇ ئەلۋەتتە. بۇ مەسىلىدە مەنبەلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، خاقانىيىنىڭ قۇرۇلۇپ قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت شەكىللەندۇرۇگەنلىكى سىياسىي، ھەربىي نوپۇزىنىڭ يۇقىرىلىقى، مەدەنىيەت جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، شەرقتە ئاساسلىق ھاكىمىيەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. خاقانىيىنىڭ شان - شۆھرىتى يىراق - يېقىنلارغىچە تارقىلىپ، دۇنيانىڭ سودا - مەدەنىيەت ئىشلىرىدا تۈرتكۈلۇك رول ئوينىغان. بۇ ناملار تۈرلۈك ئەللەر تىلىدا قويۇلغان، بەزىلىرى جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى، بەزىلىرى باشقا ھالەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان. مەھمۇد كاشغەرى ئۆز قامۇسىدا مىللەت - ئىرىق تەركىبى جەھەتتىن « تۈرك » نامىنى، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن « ئىسلام ئېلى›› نامىنى، خاقان ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن ‹‹ خاقانىيە » نامىنى ئىشلەتكەن. مانا مۇشۇ بىر ئەسەردىلا ئۈچ خىل نام ئوتتۇرىغا چىقتى ئەمەسمۇ؟ خاقانىيىنىڭ شۆھرىتىنىڭ دۇنياغا يېيىلغانلىقى ھەققىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ››نىڭ توتىنچى باب: « پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدھىيىسى » بايانىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ. z8JW iRn  
93. ئاژۇن تىندى ئورناپ بۇ خاقان ئۆزە &0-oi Y  
ئانىن ئىدتى دۇنيا تانۇقلار تۇزە "#E 
(جاھان تىندى چىققاچ خاقان تەختىگە، CW?Z\  
جاھان سۇندى سوۋغات خاقان بەختىگە.) c3g`k"3*`  
99. قايۇسى توغاردىن تۇتار مىڭ تانۇق 4Yi kC  
قايۇسى باتاردىن تاپۇغچى ئانۇق -9,~b9$  
(بىرى شەرقتىن تۇتار مىڭ ئارمىغان، p$'S\W|  
بىرى غەربتىن تىكەر خىزمەتىگە جان.) P @vUQ  
102. ئاژۇندا چاۋى باردى خاقان كۈسى X%IqZ{ {  
كۆرۈمەگلى كوزلەردە كەتتى ئۇسى W?.469yy  
(يېيىلدى جاھانغا خاقان داڭقىسى، %0C [v7\  
قېچىپ كۆرمىگەن كۆزلەرنىڭ ئۇيقۇسى.) }h45j8 4)  
شۇڭا ئېيتىش مۈمكىنكى، جاھاندا بىر ئەلنىڭ بىر قانچە خىل ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، مۇقەددىمە ئاپتورلىرى بۇ ناملارغا ئېنىقىلما بېرىشكە تىرىشقان خالاس. t[`LG)   
ئەمدى گەپ خاقانىيە ئاھالىسىنىڭ « تۈرك » نامى بىلەن ئاتالغانلىقى ھەققىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ زاماندىشى، بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك » تە نىمىلەرنى يازغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى: *HR pbe2  
« دەۋر خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى » ① ①، « مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سوزمەنلىرىدىن » ②، « تۈرك تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۇشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈشتى » ③ ،« قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت - ئالاقىلىرى ئاشۇ يىراقتا يېزىلىپ كەلگەن » ④. « بۇ كىتابقا مۇسۇلمان بولغان تۈرك ئەللىرىدىكى تاغلار، چوللەر، ۋادىلار، دەريا ۋە كۆللەرنىڭ ناملىرىنىلا يازدىم . مۇسۇلمان بولمىغان تۈرك ئەللىرىدىكىلەردىن بەزىلىرىنىڭ ناملىرىنى يازدىم ›› ⑤. ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە...›› ⑥ ‹‹ رۇم ئۆلكىسىدىن ماچىنغىچە بولغان تۈرك ئەللىرىنىڭ بويى بەش مىڭ پەرسەخ...›› ⑦ ... ‹‹ تاۋغاچ - ماچىن ئېلىنىڭ نامى. بۇ مەملىكەت چىندىن توت ئايلىق يول ئۇزاقتا. چىن ئەسلىدە ئۈچكە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى يۇقىرى چىن. بۇ يەر شەرقتە بولۇپ تاۋغاچ دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئىككىنچى ئوتتۇرا چىن بولۇپ خىتاي دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇچىنچى توۋەن چىن بولۇپ بارخان دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ قەشقەردە. لېكىن ھازىر تاۋغاچ ماچىن دەپ، خىتاي چىن دەپ تونۇلۇۋاتىدۇ...›› ⑧ . ‹‹تاۋغاچ. بۇ سوز خانلارغىمۇ ئۇنۋان بولۇپ كېلىدۇ. ‹ مەملىكىتى قەدىمىي ۋە چوڭ خان› دىگەن مەنىدە تاۋغاچخان دىيىلىدۇ ››⑨. Ur  xiaE  
ئەلۋەتتە بىز يۇقىرىدا كورگىنىمىزدەك، ماچىننىڭ خاقانىيىنىڭ يەنە بىر نامى بولۇپ قالغانلىقىدىن قارىغاندا، مەھمۇد كاشغەرى دەۋرىدىكى كۆز قاراشنىڭ مۇقەددىمە ئاپتورى دەۋرىگە كەلگەندە يەنە ئوزگەرگىنى ئېنىق، لېكىن چىن نامىنىڭ ئوزگەرگىنى ھەققىدە ھازىرغىچە مەلۇمات يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بايانىدىكى ‹‹چىن›› نىڭ قەيەرنى كورسىتىدىغانلىقى ئېنىقلىشىمىزدا پايدىسى بار. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بايانىغا قارىغاندا ‹‹ چىن ›› ئەسلىدە ئۈچكە بۆلۈنگەن: يۇقىرى چىن (شەرقىي چىن) ئەسلىدە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن تاۋغاچ دەپ ئاتالغان ، ئالىمنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ‹‹ماچىن›› دەپ ئاتالغان. توۋەن چىن (غەربىي چىن) ئەسلىدە بارخان دەپ ئاتالغان قەشقەرنى مەركەز قىلىپ بىر قىسىم رايوننى كۆرسەتكەن، لېكىن ئالىمنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە خاقانىيە دەپ ئاتالغانلىقى ئېنىق. ئوتتۇرا چىن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ‹‹ خىتاي ›› دەپ ئاتالغان، ئالىمنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە تار مەنىدە ‹‹ چىن ›› دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. ئۇنداقتا ئوتتۇرا چىن قەيەرنى كورسىتىدۇ؟ ئوتتۇرا چىن چوقۇمكى يۇقىرى (شەرقىي) چىن بىلەن توۋەن (غەربىي) چىننىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئۇنداقتا كونكىرىت ئېيتقاندا ئوتتۇرا چىن قايسى جايلارنى كورسىتىدۇ؟ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ››گە سىزغان خەرىتىسى ئالىمىنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلغانلىقتىن، ناھايىتى زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. يۇقىرى چىن خەرىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ شەرققە جايلاشتۇرۇلغان. توۋەن چىن ئاتالغان قەشقەر رايونى ئىسلامىيەتكە كىرگەن خەلقلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ قەشقەر، ياركەنت، بالاساغۇن، خوتەن، بارسىغان، ئۇچ، بارمان، كۇچا، چەرچەنلەرنى ئوز ئىچىگە ئالغان. ئالىم كىتابىدا چەرچەننى ‹‹ چىن يولىدىكى مۇسۇلمانلار چېگرىسىنىڭ بىرى » دەپ كورسەتكەن، بۇنىڭدىن ئېنىق ھالدا چىن بىلەن خاقانىيىنىڭ چېگرىداشلىقىنى بىلىۋالالايمىز. دىمەك ماچىننىڭ غەربىدە (خەرىتىگە قاراڭ) خاقانىيىنىڭ شەرقىدە ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى بىلەن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنلىرىدىكى سۇلمى، قوچۇ، بىلاد ئۇيغۇر، قاتۇن ىسينى شەرھەرلىرى بارلىقى كورسىتىلگەن. ئالىم يەنە « قەشقەردىن يۇقىرى چىن (ماچىن دىمەكچى) غىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرى » دىگەن بايانى ئارقىلىق بۇ جايلارنىڭمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتلىرى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن. دىمەك چىن تارىختىكى ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى (840 - 1365) ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى(960 - 1028) تېرىتورىيىلىرىنى كۆزدە تۇتقان. 1,+<|c)T?  
ئۇنداقتا « چىن » ئاتالغان ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى قانداقچە مەشرىق ھوكۇمرانلىقى ئاستىدىكى « تۈرك - ئۈ چىن » بولۇپ قالىدۇ؟ ياپون ئۇيغۇرشۇناسى دوكتۇر ئابىتاكىو « غەربىي ئۇيغۇر دولىتى تارىخى ئۇستىدە تەتقىقات » دىگەن كىتابىدا، خاقانىيە دەسلەپكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسمى بولغان، لېكىن ئىسلام دىنى خاقانىيىگە ئومۇملاشقاندىن كېيىن دىنىي جەھەتتىن ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن دۇشمەنلەشكەن، ھەتتا خاقانىيە ئەسكەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زىمىنىغا باستۇرۇپ بېرىپ نۇرغۇن ۋەيرانچىلىق كەلتۈرگەن. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك » تە شۇ ئۇرۇشلارنىڭ جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك پارچىلارنى بەرگەن. مەرھۇم قىرغىز تارىخچىسى ئەنۋەر بايتۇر ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ( ئىدىقۇت ) ئېلى مىلادىيە 961 - يىلىدىن مىلادىيە 1042 - يىلىغىچە خاقانىيىگە بويسۇنغان، ئۇيغۇر ئېلى ھاكىمىيىتى كۈچلۈك ھەربىي تەھدىت بىلەن قانلىق ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى دولەت تۈزۈلمىسى، ئىچكى مۇستەقىللىقنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن خاقانىيىگە تەۋە بولغان ۋە باج - خىراج تولىگەن›› ①①. نەزمىي مۇقەددىمىدە « تۈرك - ئۈ چىن » دىيىشى مۇشۇ تارىخىي دەۋرنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. r89AX{:  
« چىن » ۋە « ماچىن » نامىنى ئەنئەنىۋى قاراشلاردا، تەتقىقاتچىلار سوڭ سۇلالىسى ھەم لياۋ سۇلالىسىنى كورسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر بىز بۇ قاراشلارنى قوللايدىغان بولساق ئۇ چاغدا بۇ ئىككى سۇلالىسىدىكىلەر « قۇتادغۇ بىلىك » تىن خەۋەردار بولىشى، ئەسەر ئۇلاردا تەسىر قوزغىغان بولۇشى لازىم. لېكىن « قۇتادغۇبىلىك » تۈرك - ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان ، تېخىچە ئەينى تارىخىي دەۋردە خەنزۇ ياكى باشقا قەدىمكىي تىللارغا تەرجىمە قىلىنغىنى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. گېڭ شىمىن سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەنبەلەردە خاقانىيە توغرىسىدا ئازراقلار مەلۇمات بار دەيدۇ، تەتقىقاتچى لاڭ يىڭ خانىم بولسا « يۈسۈپ خاس ھاجىپ، بۇ ئۇلۇغ شائىر ھەققىدە جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدا قىلچىلىكمۇ خاتىرە يوق. بۇ كىشىلەرنىڭ شائىر ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىدىن » دەپ قارىغان. دىمەك قەدىمكىي خەنزۇ خەلقىنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتى يوق. ئېنىقراقى، بۇ بۈيۈك دىداكتىك داستاندىن خەۋەرسىز، شۇنداق ئىكەن ئۇلار قانداقمۇ بۇ ئەسەرگە « ئەدەبۇل مۈلۈك » ۋە « ئاينۇل مەملىكە » دەپ نام بەرسۇن؟ /Y y)=~t{  
« قۇتادغۇبىلىك » تەتقىقاتىدا مۇنازىرە بولۇۋاتقان يەنە بىر مەسىلە « تاۋغاچخان » ئاتالغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . خۇددى مەھمۇد كاشغەرى شەرھىي بەرگىنىدەك « ھەر بىر بۈيۈك ۋە قەدىمىي نەرسىنى تاۋغاچ ئەدى »① دەپ ئاتايدىغان بۇ خەلق، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مىلادىيەدىن يەتتە ئەسىر ئىلگىرى ياشاپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ، پارسلار بىلەن ئېلىشقان باتۇر ئوغلانى خاقان ئالىپ ئەر توڭا (ئافراسياپ) غا باغلاپ قارىغان ، ئۆزلىرىنى ئالىپ ئەر توڭانىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىغان خاقانىيە خاقانلىرى، ئۆزلىرىنى « مەملىكىتى قەدىمىي ۋە چوڭ خان » دىگەن مەنىدە « تاۋغاچخان » دەپ ئاتىغان، تۈرك - ئۇيغۇر تىلىدا شەكىلداش سوزلەر خېلى كۆپ بولۇپ ئۇنى تارىخي مەنبەلەرگە قارىماستىن باشقىچە شەرھىيلەش ئىلمىيلىك بولمىسا كېرەك. w UxFE=ia  
بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ئالىپ ئەر توڭا توغرىسىدا خېلى كۆپ مەلۇماتلارنى قالدۇرغان، يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن قاراپ مەدھىيە ئوقۇغان. v ^h:E  
276. كۆرۈ بارسا ئەمدى بۇ تۈرك بەگلەرى ?-)!dl%N  
ئاژۇن بەگلەرىندە بۇلار يەگلەرى wvq 4 P  
(بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر، "HJ^>%ia  
جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلەر.) ~".@mubt1$  
177. بۇ تۈرك بەگلەرىندە ئاتى بەلگۈلۈگ 5\pS8 
توڭا ئالىپ ئەر ئەردى قۇتى بەلگۈلۈگ 3FR(gr$X  
(بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگۈلۈك، teS>t!d  
توڭا ئالىپ ئەر ئىدى بەختى بەلگۈلۈك.) eP]y\S*P  
دىگەندەك مىسرالار ئارقىلىق بەزى جايلاردا خاتىرىلەر قالدۇرغان. بۈيۈك پارس شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسى (934 - 1025) « شاھنامە » ناملىق شاھانە ئەسىرىدە ئافراسياپ (ئالىپ ئەر توڭا) توغرىسىدا نۇرغۇن مەلۇمات قالدۇرغان، ئۇنىڭ ھەققىدىكى بايانلار، ئەسەرنىڭ خېلى سالىمىقىنى ئىگىلىگەن. تۆۋەندە ئۇنىڭدىن بىر بېيىت: QWOPCoUet  
ئافراسياپ كەلمىش، ئەسكىرى يۈز مىڭ، vSnVq>-q&  
تۈركلەردىن تاللانغان لەشكىرى يۈزمىڭ. \] 
يۇقىرىقى پىكىر مۇلاھىزىلىرىمىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، مۇقەددىمە ئاپتورلىرىنىڭ تەڭداش ئاتالغۇلارنى پاراللىل قوللىنىشى بىر خىل بەدىئىي ئىستىلى بولىشى مۇمكىن. ئەمما دىققەتكە سازاۋەر نۇقتا شۇكى، بۇ خىل ئەدەبىي ئىستىل شەكسىزكى بىرى يەنە بىرىنىڭ ۋارىيانتىمۇ نىمە دىگەن گۇماننى پەيدا قىلماي قالمايدۇ. چۈنكى مۇقەددىمىلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئوخشىشىدۇ، ئەمما بۇلار بىر دەۋردە ۋۇجۇدقا كەلمىگەن ھەم بىر ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس. بۇ مۇقەددىمىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى بىر ياكى بىرى ئىككىنچى بىرى ئاساسىدا تولۇقلاپ يېزىلغان بولسا كېرەك. ئەمدى بىز بۇ مۇقەددىمىلەرنىڭ مۇئەللىپى ۋە يېزىلغان دەۋرى مەسىلىسىگە كەلسەك ئۇيغۇرشۇناس مالوۋنىڭ پىكرىنىڭ ئەكسىچە، بۇ ئىككى مۇقەددىمىنىڭ ئاپتورى ھەرگىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەمەس، يەنە كېلىپ بىر ئاپتورنىڭ ئىجادى ئەمەس، سەۋەبى ئىككى ئەسەرنىڭ سوزلەم ئىشلىتىشىدە زور پەرق مەۋجۇت، ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھىجرىيە 412 - يىلى (مىلادىيە 1019) تۇغۇلغان ، « قۇتادغۇ بىلىك » نى ھىجرىيىنىڭ 462 - يىلى (1069 - 1070) يازغان ۋە ھىجرىيىنىڭ 478 - يىلى (مىلادىيە 1086 - يىلى) ۋاپات بولغان. ①① دىمەك ئالىم ئەسەر يېزىلىپ 16 يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغان. ئەينى دەۋردە ھازىرقىدەك نەشرىياتچىلىق بىلەن ئەمەس، كىتابنى قوليازما قىلىپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق تارقالغان. يەنە كېلىپ بۇ كىتابقا ئېرىشكەنلەر ئۇنى ئۆزلىرى ساقلاپ تارقىلىشىغا توسقۇن بولغان. v,}C~L3  
13. قامۇغ بۇ كىتابنى ئالىپ ئۆزلەمىش W~mo*EJ'^  
خەزىنە ئىچىندە ئۇرۇپ كىزلەمىش #k9&OS?  
(جىمىسى كىتابنى ئۆزىنىڭ قىلىپ، p?$N[-W6-  
يوشۇرغان خەزىنە ئىچىگە قويۇپ.) 4S'e >:  
14. بىرىندىن بىرىڭە مىراسلار قالىپ (DvPdOT+3  
ئادىنلارقا بەرمەز ئۆزىڭە ئالىپ Kv* 1=HES  
(بىرىدىن بىرىگە مىراس قالدۇرۇپ، 8WDL.IO  
بۆلەكلەرگە بەرمەس ئۆزىگە قويۇپ.) EB&hgz&_  
21. ئاي تەگمە كىشىگە كىتاب بەرمەگۈ S".|j$  
ئاپاڭ دوستۇڭ ئەرسە ئەمىن بولماغۇ *8qRdI9  
(كىتابنى ھەر ئادەمگە بەرمەس كېرەك، H)TKk%`7  
ئەگەر بولسىمۇ دوست ئىشەنمەس كېرەك.) *9KT@"v  
دىيىلسە نەسرىي مۇقەددىمىدە: ‹‹ بۇ كىتاب قايۇ پادىشاھقا يا قايۇ ئىقلىمقا تەگدى ئەرسە غايەت ئۇزلۇقىندىن نىھايەتتىن كەچە كۆركلۈگلىكىندىن ئول ئەللەرنىڭ ھەكىملەرى ئالىملەرى قەبۇل قىلىپ تەگمە بىرى بىر تۈرلۈگ ئات لە قەب ئۇردىلار ›› (بۇ كىتاب قايسى پادىشاھلىققا ياكى قايسى ئىقلىمغا يەتسە، غايەت ئۇزلۇقى ۋە پەۋقۇلئاددە گۈزەللىگىدىن بۇ ئەللەر ھېكىملىرى بىلەن ئالىملىرى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر بىرى بىر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەب بەردى ... ) 2|!jst  
يۇقىرىقى نەسرىي ۋە نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، مۇقەددىمە كىتاب يېزىلىپ خېلى ۋاقىتتىن كېيىن يېزىلغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۇپەيلى تارقىلىشى ئاستا بولۇپ شۇ دەۋردىكى دۇنياۋى شۆھرەتتىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قانچىلىك خەۋەردارلىقى نامەلۇم. شۇڭا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىنكى نەسرىي ۋە نەزمىي مۇقەددىمىلەر چوقۇمكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلىمىگە تەئەللۇق بولماستىن، كېيىنكى دەۋردىكى نامەلۇم ئاپتورلارغا مەنسۇب. {nZP4jze  
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىن ۋاڭ جيايىڭ ‹‹ ‹ قۇتادغۇ بىلىك › ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى›› ناملىق ماقالىسىدە داستاننىڭ نەسرىي، نەزمىي مۇقەددىمىلىرى، 11 - باب، ئىلاۋە 1 - ، 2 - ، 3 - لەردىكى ئەرەب - پارس سۆزلەملىرىنى ستاتىستىكىلاپ، ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تۇرغۇزۇپ چىققان. نەسرىي مۇقەددىمىدە جەمئىي 320 سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەر 122 ، ئومۇمىي سۆزنىڭ% 38 نى ئىگىلىگەن. ئەرەبچە - پارسچە سۆزلەرنىڭ تەكرارلانغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 80 بولۇپ % 25 نى ئىگىلىگەن. kazgI>"Q8  
نەزمىي مۇقەددىمىدە 792 سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئەرەبچە، پارسچە سۆز 154، % 19.4نى ئىگىلەيدۇ، تەكرارلانغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 93 سۆز بولۇپ % 11.7نى ئىگىلەيدۇ. J'#o6Ud  
11 - بابتا 521 سۆز ئىشلىتىلگەن ، ئەرەبچە، پارسچە سۆز 24 بولۇپ % 4.6نى ئىگىلەيدۇ. تەكرارلانغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 19 بولۇپ % 3.6نى ئىگىلەيدۇ Xhyc2DK a_  
    ئىلاۋە 1 - دە ئومۇمىي سۆز 492، ئەرەبچە، پارسچە سۆز 33 بولۇپ % 7.1نى ئىگىلەيدۇ. قايتىلانغىنى ۋە كۆپلۇكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 23 بولۇپ % 4.6 نى ئىگىلەيدۇ. t P' ._0n0  
   ئىلاۋە 2 - دە 466 سۆز بولۇپ ئەرەبچە، پارسچە سۆز 33، % 7نى ئىگىلەيدۇ، قايتىلانغىنىنى ۋە كۆپلۇكىنى ھېسابلىمىغاندا 23 بولۇپ %9. 4 نى ئىگىلەيدۇ. * bcemH8f  
    ئىلاۋە 3 - دە 448 سۆز بولۇپ ئەرەبچە- پارسچە سۆز 28، % 6.2 نى ئىگىلەيدۇ. قايتىلانغىنى ھېسابلىمىغاندا 21 بولۇپ % 4.6 نى ئىگىلەيدۇ. 4GJx1 O0Ol  
ۋاڭ جيايىڭ ئەپەندى مۇشۇ نىسبەت بويىچە ‹‹ ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەرنىڭ تېكىستتە ئىگىلىگەن نىسبىتى % 7 (تىن تۆۋەن)، % 19.4، % 38 بولۇپ ئۈچ دەرىجىگە، ئۈچ دەۋرگە، ئۈچ ئاپتورغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇلاردىن « قۇتادغۇ بىلىك »نىڭ ئاپتورى ئەڭ بالدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن نەزمىي مۇقەددىمە ئاپتورى، ئۇندىن كېيىن نەسرىي مۇقەددىمە ئاپتورى›› ①① دىگەن ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ. tp V61L   
    ئۇيغۇر مۇئەللىپلىرىدىن باتۇر ئەرشىدىنوۋ نەزمىي مۇقەددىمىنى مۇئەللىپتىن يېرىم ئەسىر كېيىن خاقانىيە ئوردىسىدا بىرەيلەن، نەسرىي مۇقەددىمىنى تەخمىنەن بىر ئەسىردىن كېيىن باشقا بىرى تەرىپىدىن يېزىلغان دەپ قارايدۇ. 8 =3#S'n  
     مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا تىل ئىشلىتىش ئادىتى، سۆزلەرنىڭ تىل تەركىبى ئارقىلىق يىل دەۋرى ئايرىش نىسبەتەن توغرا بولۇشى مۈمكىن، لېكىن مۇتلەق ھۆكۈم ئۇسۇلى قىلىشقا بولمايدۇ. چۇنكى ھەر بىر كىشى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ تىل بىلىمگە ۋە تىل ئادىتىگە باغلىق بولىدۇ. ئۇنى يازمىسىدا قانچىلىك ئىشلىتىش شۇ كىشىنىڭ ئىدىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە ئىختىيارىدىكى ئىش، يەنە تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسىگىمۇ باغلىق. نەسرىي مۇقەددىمە نەزمىي مۇقەددىمىدىن بالدۇر يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، نەسرىي مۇقەددىمە قىسقا ھەم تار دائىرىدە يېزىلغان، لېكىن نەزمىي مۇقەددىمە ئۇنىڭدىن مۇكەممەل ھەم پاساھەتلىك، ناۋادا نەزمىي مۇقەددىمە ئالدىن يېزىلغان بولسا ئەلۋەتتە نەسرىي مۇقەددىمەنىڭ بەك زۈرۈرىيىتى يوق ئىدى. گەرچە بۇ ئىككى مۇقەددىمە ئاساسىي مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ، نەسرىي مۇقەددىمە نەزمىي مۇقەددىمىگە يەتمەيدۇ، نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ ئاپتورى ئېھتىمال، نەسرىي مۇقەددىمىنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش ۋە تەسىراتىنى پاساھەتلىك تىل بىلەن يېزىپ، نەزمىي مۇقەددىمەنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭىمۇ ھازىرغىچە بايقالغان ئۈچ نۇسخىنىڭ بىرىدە نەزمىي مۇقەددىمە يوق. bJ.68643  
    ئەمدى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى بەرگەن نام مەسىلىسىگە كەلسەك، تۈركىي خەلقلەردە قەشقەر ئېلى، ئۈچ ئوردۇ ئېلى، قۇز ئوردۇ ئېلى، ماچىن، ئۇيغۇر ئېلى دىگەندەك ئەللەرنى ئوز ئىچىگە ئالغان . داستاننىڭ كىتابخانلىرى ئۆزلىرىنىڭ چۇشەنچىلىرى ئاساسىدا ‹‹ ئەدەبۇل مۈلۈك›› (شاھلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى)، ‹‹ ئاينۇل مەملىكە›› (مەملىكەتنىڭ دەستۇرى)، ‹‹ زىنەتتۇل ئۇمرا›› (ئەمىرلەر زىننىتى)، ‹‹ شاھنامەئى تۈركىي ››، ‹‹ پەندىنامەئىي مۈلۈك›› (پادىشاھلارغا نەسىھەت)، ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› دىگەن ناملاردا ئاتىغان. قاھىرە نۇسخىسىنىڭ كىتاب ئىسمى يېزىلمىغان، باش بېتىگە ‹‹ ئوكىگىل سىلىگ ›› دىگەن خەت يېزىلغان، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن قويۇلغان، چۈنكى بۇ ئەسەر تۈرك - ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ، داستاندىن بەھىر ئالغۇچى چوقۇمكى تۈرك - ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى بىلىشى لازىم. شۇنداقلا كىتابنى چۇشىنىشى، ئۇندىن كېيىن مەزمۇنىغا ئاساسەن ئىسىم قويۇشى مۇمكىن. ‹‹ قۇتادغۇبىلىك››نى ھەرگىزمۇ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ شۇنداق ئىسىم قويۇلغان دىگىلى بولمايدۇ. چۇنكى قەدىمدە ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك››نىڭ باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىنغىنى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. q1M16qv5  
     خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ‹‹ بىر دىداكتىك داستان بولۇش سۇپىتى بىلەن ‹ قۇتادغۇ بىلىك › نىڭ ئوزىگە خاس بەدىئىي ئىجادىيەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. مەيلى ئەرەب، پارس ياكى ھىندىستان، جۇڭگودا بولسۇن، قەدىمدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپقىچە ھىچ كىم مۇنداق زور ھەجىملىك داستان يېزىپ باقمىغان››①①دىگەن خۇلاسىگە تالىق، بۈيۈك ئەجدادىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ مول ئەقىل - پاراسىتى، ئىجادىي ماتىرىياللىرى بىلەن ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› نى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگەن. بۇ خۇددى مۇقەددىمە ئاپتورلىرى مۇنداق دىگىنىدەك بولغان: 6n.C!,Zmn  
24. مۇنى تەگ كىتابنى كىم ئايمىش ئوزا L}U fd >*  
كەدىن مە كىم ئايغاي مۇنى تەگ ئۇزا tB{O6=q  
(مۇنىڭدەك كىتابنى كىم ئېيتقان ئەۋەل، U_c9T>=  
كېيىن كىممۇ ئېيتار مۇنىڭدەكنى دەل؟)  ^'c[HVJ  
     دىمەك بۇ يىگانە ئەسەرنى خاقانىيىنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي ھاياتى تەۋەللۇت قىلغان بىباھا گوھەردۇر. مۇقەددىمىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن كېيىنچە يېزىلغان، مۇقەددىمىلەر داستان يېزىلغان تارىخىي شارائىتنى چۇشىنىشتە ئاجايىپ مول ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالغۇ ۋە بايانلارنى ئۆزىگە تەدبىقلاپ، سېلىشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلساق ناھايىتى ياخشى چۇشىنىكلەر ھاسىل قىلالايمىز. دېمەك داستاننىڭ بىز كۆرگەن تېكىستلىرى ئۈچ ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان . ئاساسىي تېكىست يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› دەپ ئات قويۇلغان ، ئۇندىن كېيىن بىر مۇئەللىپ تەرىپىدىن نەسرىي مۇقەددىمە يېزىلغان ، ئۇندىن كېيىن يەنە بىر مۇئەللىپ تەرىپىدىن نەزمىي مۇقەددىمە يېزىلغان . بۇ ئەسەر ئەينى تارىخىي دەۋردە تۈركىي خەلقلەر ياشىغان كەڭ مەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىغا تارقىلىپ زور شۆھرەت قازانغان ۋە يۈسۈپ خاجىپنىڭ ئاتىشى بويىچە ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› دەپ ئاتىلىش بىلەن بىرگە ئۆز مۇددىئالار بويىچە ھەر خىل ناملاردا ئاتىغان . بىز مۇقەددىمە ئاپتورلىرىنىڭ بايانلىرىدىن ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ئۇچۇرلارغىمۇ ئېرىشەلەيمىز، بۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلار خاقانىيە تارىخىنى چۈشۈنىشتە ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. t@EHhiBz  
A#j'JA>_  

گۈلنىھال 2014-04-28 13:27
بۇ ماقالدىن بۈگۈن پايدىلىنىپ ، شۇنداق خۇش بولدۇم ، ھەم كۆپ بىلىملەرنى بىلۋالدىم . g9`z]qGWS:  
Vs)Pg\B?  
تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر .


查看完整版本: [-- ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ئۈستىدە مۇلاھىزە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled