查看完整版本: [-- تۈرك تىلى ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> تۈرك تىلى ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qirak 2012-01-16 01:18

تۈرك تىلى ھەققىدە

تۈرك تىلى ھەققىدە u56cT/J1  
غەيرەت ئابدۇرەھمان
مەنبە: تور دۇنياسى > ewcD{bt  
    {8eNQ-4I  
h1xYQF_`Z  
    تۈرك تىلى (土耳其语) ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ غەربىي جەنۇب گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىل، ھازىر تۈركىيىدىن باشقا، ئالبانىيە، بۇلغارىيە، گېرمانىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيە (ھازىرقى سېربىيە، كوسوۋو، قاراتاغ... جۇمھۇرىيەتلىرى)، سۈرىيە ۋە سېپرۇس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئاھالىسى بولۇپ جەمئىي 50 مىليوندىن ئارتۇق كىشى مۇشۇ تىلدا سۆزلىشىدۇ. دېمەك، تۈرك تىلىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ. o}BaZ|iZ2  
    تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، تۇغقان تىللىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، ئۇنچە قىيىنغا توختىمايدۇ. تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىدىكى بىرمۇنچە تىل ھادىسىلىرىنى چۈشىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. b$hQB090  
    تۈرك تىلى ئۇيغۇر تىلى بىلەن قېرىنداش تىل بولۇپ، فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە، بۇ جەھەتلەردە ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئورتاقلىق تەرىپىمۇ بار. شۇ سەۋەبتىن، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن بىرقەدەر ئاسان. مەسىلەن، تۈركچىدىكى دىيار (يۇرت، ماكان، يەر)، ئىلاۋە (قوشۇمچە)، كەلىمە (سۆز، ئىبارە)، تەمۇز (تومۇز، 7- ئاي، ئىيۇل)، بۈگۈن (بۈگۈن)، بۇت (پۇت، ئاياغ)، زىل (قوڭغۇراق)، مەرھابا (ئەسسالام، ياخشىمۇسىز، خۇش كەپسىز) ... دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر تىلىمىزدا ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلىدۇ. لېكىن، تۈرك تىلىدا بىزنىڭ تىلىمىزدىكىگە ئوخشىمايدىغان سۆزلەرمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن، دەۋرىم (ئىنقىلاب)، ئەلەشتىرى (تەنقىد)، شۆلەن (زىياپەت)، گەرىللا (پارتىزان)، دۇرۇم (ۋەزىيەت) ... دېگەندەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشتە كۈچ سەرپ قىلىدىغان يەرلىرىمۇ بار. n,`&f~tap  
     ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسى، ئىشلىتىلىش دائىرىسى، تۈرك تىلىدىكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن تۈرك تىلىنىڭ فونېتىكىسىدا باش ھەرپى ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىكلەر بار. ئۇيغۇر تىلىدا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «ت» بىلەن باشلانغان سۆزلەر تۈرك تىلىدا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «د» بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، دىل (تىل)، داماق (تاماق)، داغ (تاغ)، دىكەن (تىكەن)، دۇيماق (تۇيماق)، دۇمان (تۇمان)، دىلىم (تىلىم)... دېگەندەك. «ك» ھەرپى «گ» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، گۈن (كۈن)، گۈندۈز (كۈندۈز)، گۆڭۈل (كۆڭۈل)، گۆز (كۆز)، گەزمەك (كەزمەك)... دېگەندەك. «م» ھەرپى «ب» ھەرپى بىلەن، «ب» ھەرپى «ب» ھەرپى «پ» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، بەن (مەن)، بۇز (مۇز)، بىن (مىڭ)، پارماق (بارماق) ... دېگەندەك. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر تىلىدا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «پ» بىلەن باشلانغان سۆزلەر تۈرك تىلىدا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «ب» بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، بۇت (پۇت)، باچاق (پاچاق)، باتقاق (پاتقاق)، بۈتۈن (پۈتۈن)، بالتا (پالتا)... دېگەندەك. ئۇيغۇر تىلىدىكى «ي» ھەرپى تۈركچە «ئى» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىپ (يىپ)، ئىپەك (يىپەك)، ئىراق (يىراق) ... دېگەنگە ئوخشاش. 9!tRM-  
     يەنە بىر نۇقتا، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ق، غ، ڭ» تاۋۇشلىرى تۈرك تىلىدا «ك، گ، ن» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. BQsy)H`4E  
    تۈرك تىلى ئورفوگرافىيە (ئىملا) قائىدىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئورفوگرافىيە قائىدىلىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تۈرى، ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندا تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش بىرقەدەر ئاسان بولىدۇ. J^U#dYd  
     تۆۋەندە ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولغان ياكى ئازراق ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆز- جۈملىلەرگە قاراپ باقايلى: t 
N]gdS]pP2{  
      ئاساسەن ئوخشاش بولغان سۆزلەر: 99vm7"5hQ  
خەير- خوش ـــــ خۇشچاغ كالىن. Pn0V{SJOJ%  
ئاق يول بولسۇن ـــــ يۇلۇنۇز ئاچىك ئولسۇن. 88G Q  F  
قوشۇلىمەن ـــــ بەن رازى. s/8>(-H#  
قارشىلىقىمىز يوق ــــــ ئىتىرازىمىز يوكتۇر. !>+YEZ"  
ئۇ نېمە دېدى؟ ــــــ ئول نە دەدى؟ GHfsq|*j,Z  
مېنىڭ تەلەپپۇزۇم توغرىمۇ ــــــ تەلاففۇزۇم دوگرۇمۇ؟  
ئىسمىڭىز نېمە؟ ــــــ ئىسمىنىز نەدىر؟ g^ /  
     NLf6}  
 `C9/=  
 ئازراق ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلەر: $n.oY5=\  
$# klgiL  
;Sl]8IZ  
مەن تۈركچە (تۈرك تىلىنى) ئۆگىنىۋاتىمەن ـــــ بەن تۈركچە ئۆگرەنىيورۇم. C7:;<<"P  
تۈركچە توغرا سۆزلىدىممۇ؟ ـــــــــ تۈركچە دوگرۇمۇ كونوشۇ يورۇم؟ _\uyS',  
سۆزۈمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ ــــــــ سۆزۈمۈ ئانلىيورمۇسۇنۇز؟ ]#x!mZ!  
بىزگە بىر تەرجىمان لازىم ــــــ بىزە بىر چەۋىرمەن لازىم. rXgU*3 RG  
>,;, 6|S  
C^2J<  
      تۈرك تىلىدا ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ئۆز لۇغەت تەركىبىدىكى ئەرەب، پارسچە ئاتالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، تۈركچە سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن يېڭى سۆزلەر ياسالدى ھەمدە ئۇلار ھازىرقى تۈرك تىلى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىن ئورۇن ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ياۋروپالىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا ياۋروپا تىللىرىدىنمۇ مەلۇم دەرىجىدە سۆز قوبۇل قىلىندى. MhT.Zg\  
50s)5G#  

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تۈرك تىلى , غەيرەت ئابدۇرەھمان -jBk  
  Z*/*P4\  
?;\xeFy!  

مىېھرىما 2014-03-25 22:39
مەن تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشكە بەكلا ھەۋەس قىلاتتىم . بۇ يازمىڭىزدىن بەكلا رازى بولدۇم سىزگە رەھمەت . قولىڭىز دەت كۆرمىسۇن .

مىېھرىما 2014-03-25 22:52
تىمنى كۆرسە ئىنكاس يازمايدىغان بىرقىسىملارنى ھەي.............

مىېھرىما 2014-03-26 14:27
بۇ تىمنى قانداق قىلسام ساقلىيالايمەن؟

گۈلنىھال 2014-03-26 19:13
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى يوللاۋاتقان ئۇستازلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت . Y] Q=kI  
]7SX _:'*  
كۆپ مەزمۇنلارنى بىلۋالدۇق !!!

tursun 2014-04-17 16:32
بۇنى چوقۇم تەتقىق قىلىشقا،ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىكەن...تەشەككۈر...!

لاچىن 2014-04-17 17:09
    بۇ پايدىلىق، بەلكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىشكە قىزىقىدىغان تېما ئىكەن. U;%I" p`Z/  
    تېمىنىڭ بېشىدا قاراتاغ... جۇمھۇرىيەتلىرى) دەپ يېزىلىپتۇ. بۇ ئىسىم ئەسلىدە «قاراتاغ» ئەمەس. «قاراباغ» يەنى karabağ . تاغ بىلەن باغنىڭ پەرقى بەكمۇ چوڭ بولغاچقا يېزىپ قويدۇم.

ھاتەھاتەم 2014-04-18 17:40
ئوخشاش سۆزلەر كۆپكەن.تۈرۈك تىلىنى ئۆگۈنۈشكە قىزىقىپ قالدىم.مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى يوللاۋاتقان ئۇستازلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت . qIm?F>> @  
W*D]?hXU;  
كۆپ مەزمۇنلارنى بىلۋالدۇق !!!


查看完整版本: [-- تۈرك تىلى ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled