ozqan |
2012-01-16 00:45 |
«تەۋپىق»قا «باج» تۆلەڭ
«تەۋپىق»قا «باج» تۆلەڭ
تەۋپىقدېشىم ، سىز تەۋپىققا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن ھەم ئاتا قىلدىڭىز ، ھەم ھوزۇرلاندىڭىز . ھوزورلانغىنىڭىز چوقۇم ئاتا قىلىغىنىڭىزدىن كۆپ بولدى ئاز-تولا باج تۆلەمسىز قانداق ؟ قورقۇپ كەتمەڭ، بىزنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغان بېجىمىز كۆپ ئەمەس : .
1. تەۋپىق تورىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى ھەمراھى ، تەييار ماتىريال ئامبىرى ئىكەنلىلىكىنى ئىشخانىڭىزدىكىلەردىن مەخپىي تۇتماڭ ؛ 2. ھەر خىل كەسپىي ئۆگىنىشلەرگە ، كەسىپداشلار يىغىلغان جايلارغا بارسىڭىز پۇرسىتىنى تېپىپ "بۇنىڭدىن كېيىن تەۋپىق مۇنازىرە مۇنبىرىدە پىكىرلىشىپ تۇرايلى ' دېگەننى ئۇنتۇماڭ . 3. ئوچۇق دەرسلەرنى ئۆتۈپ قالسىڭىز ، دەرس چۈشەندۈرۈشلىردە تەۋپىقتىن ئىبارەت دېتال ھەم دەرس تەييارلىقى مول بولغان دەرس بايلىقى ماكانىدىن پايدىلانغانلىقىڭىزنى ئىزاھلاشنى كەمتەرلىك دەپ بىلىڭ . 4. ئوچۇق دەرس تەييارلىقى ياكى دېتالى سورىغۇچىلارغا " بارماق دېسكاڭغا كۆچۈرۈپ ئاۋارە بولمساڭمۇ ، مېنى ئىزدەپ كېلىپ ، ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلمىساڭمۇ ، ئىشخاناڭدا ئولتۇرۇپلا كۆرەلەيسەن ، قېنى "تەۋپىق' نى ئاچ ، ھەممىسى شۇ يەردە بار 'دېيشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ . 5 . ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى ئالاتتىم ، ماتىريال لازمىتى ،- دېگەنلەرگە تەۋپىق تورىنىڭ ئادرىسىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بېرىڭ . 6. ئۆز رايونىڭىزدىكى كەسىپچان ، تىرىشىش روھى كۈچلۈك ، مىللىي مائارىپنى سىزدەك سۆيىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ، ئاۋارچىلىق ھېس قىلماي ، ئېرىنمەستىن تېلفون قىلىپ ،تەۋپىق تورىغا ئەزا بولۇشنى ۋە تەۋپىق تورى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى تەۋسىيە قىلىڭ . 7. ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى ھەقسىىز ، ئىشتىن سىرتقى مەكتەپ : "تەۋپىق'قا بىمالال ھالدا باشلاپ قويۇڭ .. 8 .تەۋپىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تور بەتتىكى ئېلانلارنى ھەر كۈنى بىر قېتىم چېكىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ ، سىزنىڭ ئېلانلارغا بىر قېتىم چېكىپ قويۇشىڭىز ، تور بېتىمىزگە ئۈچ ئەزانى ئېلىپ كىرگەن بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ھەر قاچان يادىڭىزدا ساقلاڭ ... |
|