查看完整版本: [-- «ھۇجۇم» (دەرس تېكىستى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «ھۇجۇم» (دەرس تېكىستى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-01-14 22:05

«ھۇجۇم» (دەرس تېكىستى )

 
ھۇجۇم _a"5[sG  
L0Bcx|)"$`  
(روماندىن پارچە) &z8@  rk|  
ئابدۇراخمان قاھار "detDB   
    q asbK:}  
جىرالار ئېغىزى ۋە قىيا تاشلار ئۈستىدە كۈنگە قاقلىنىپ شۈمشىيىپ ئولتۇرغان قۇزغۇنلار ھەيۋەت بىلەن كېلىۋاتقان قوشۇندىن ئۈركۈپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. قۇزغۇنلار ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ ھەيۋەتلىك ئاتلىقلارغا ھەيران قالغاندەك ۋە ئۇلارنىڭ ئوق چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلگەندەك، يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتمەي، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئەگىشكە باشلىدى. ئاتلىقلار قۇزغۇنلارنىڭ ھېلى چۈشۈپ كېتىدىغاندەك قوپال ئۇچۇشلىرىغا قاراشتى. ئاتلىق قوشۇننى كۆرۈپ قاچقان ئاچ بۆرىلەر ئېگىز چوققىلارغا چىقىپ چوقچىيىپ ئولتۇرۇشتى، ھىيلىگەر تۈلكىلەرمۇ ئانچە يىراققا كەتمەي قىيا تاشلار ئارىسىغا كىرىپ قاراپ تۇرۇشتى. 4*< x0  
RT HD 2  
نىزامىدىننىڭ 200 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنى بۇيرۇق بويىچە بۈگۈن كېچىدە ئاچالغا قاراپ يولغا چىققان، ئۇلار شۇ تاپتا بۇ كەڭرى سايغا كىرگەنىدى. قوشۇننىڭ ئالدىدا تورۇق ئاتقا مىنگەن، كالتە خۇرۇم چاپان كىيگەن، بېلىگە قاپلىق تاپانچا ئاسقان، بېشىغا ئاق قۇلاقچا كىيگەن بەستلىك نىزامىدىن كېلەتتى. ئۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ پەنجىمبۇلاققا كەلگەندە، تۈنۈگۈن بۇياقنى چارلاشقا ئەۋەتكەن بەش نەپەر رازۋېدكىچىنىڭ ئىككىسى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلار: «دۈشمەندىن تېخى شەپە يوق» دېيىشتى. مەنزىلگە يېتىپ بارغان ئۈچ نەپەر سەگەك رازۋېدكىچىگە ئىشەنگەن نىزامىدىن خاتىرجەم يۈرمەكتە ئىدى. jU.z{(s  
'/M9V{DD88  
بۇ چوڭ سايغا ئىككى ياقتىكى سانسىز جىرالاردىن شوخ تاغ سۇلىرى ئېقىپ چۈشەتتى. ھازىر بولسا كۈچلۈك مۇز بىلەن قاتقان سۇ يوللىرىدىن قويۇق ھور كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. نادەم ئىككى ياققا تەكشى قاراپ كېلىۋاتاتتى. بۈك قارىغايلىق قاپتاللار ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۈنەتتى، ئۇيەر - بۇيەرلىرى ئاقىرىپ كۆرۈنگەن قارىغايلىقلار ئارىسىدا توپ - توپ بولۇپ يۈرگەن ئۇچقۇر كېيىكلەرنى ئىلغا قىلغىلى بولاتتى. قەيەرلەردىندۇر كەكلىك، قىرغاۋۇللارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى. مۇز قاپلىغان قىرغاقلىرىنى سۆيۈپ، تاشتىن - تاشقا سەكرىشىپ ئېقىۋاتقان ئويناق، شوخ سۇلار ۋە ئاشۇ قىرغاقلاردىكى ئاپئاق، سۈزۈك مۇزلار سېخىيلىق بىلەن قۇيۇلۇۋاتقان كۈن نۇرىدا قىممەتلىك، ئېسىل تاشلاردەك يالتىراپ كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى. ئىسسىق تومۇزلاردىمۇ، ھازىرقىدەك قەھرىتان سوغۇقلاردىمۇ ياشىرىپ تۇرغان قارىغاي، قار - مۇزلار قانچىلىك قاپلاپ كەتسىمۇ، قانچىلىك جۇدۇن - چاپقۇنلار سوقسىمۇ، ئۆڭمەيدىغان قارىغاي … ئۇ نېمىدېگەن خىسلەتلىك - ھە! يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان نادەم تاغلاردا قانچە - قانچە جەڭلەرنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تاغنىڭ قىش مەنزىرىسىنىڭ مۇنچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تاغنىڭ قىشلىق مەنزىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاجايىپ بىر يېڭىلىق، قىزىقارلىق ئىش! شۇڭا، ئۇ بۇ مەنزىرىلەرگە تويماي - تويماي قارايتتى، «قىش مۇنچىلىك گۈزەل، ياز قانچىلىك گۈزەلدۇ - ھە!» دەپ ئويلىدى ئۇ ئۆز - ئۆزىدىن غۇرۇرلىنىپ. بۇ يەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانى ھازىر نادەملەر، مانا بۇنى ئويلىسىلا ئۇنىڭ غۇرۇرى بارغانسېرى ئېشىپ كېتەتتى. «دۇنيادا مۇنداق گۈزەل يەر يەنە بارمىدۇ؟! ئېھ … گۈزەل تۇپراق، سېنىڭ بۇ گۈزەل يەرلىرىڭنى دۈشمەننىڭ ئىپلاس ئاياغلىرىدا بۇلغىتىش مەن ئۈچۈن گۇناھ!…» ئۇ كۆكسىنى تولدۇرۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى - دە، ھەيۋەتلىك، كۆركەم بۈك قارىغايلىق قاپتاللارغا زوقلىنىپ قارىدى. r{\c. \  
J?C#'2 /   
قوشۇن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. @WCA 7DW!  
vnN 0o5  
نىزامىدىن ئۆز قىسىملىرىنى بىر كىلومېتىردەك يەرگە يايدى. پارتىزانلار قىيا تاشلار، چاتقاللىقلار ئارىسىدىكى ئەپلىك جايلارغا ئورۇنلاشتى. uG$*DeZti  
Y&<]:)  
نىزامىدىن ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئەترەت كوماندىرلىرىنى چاقىرىپ مۇنداق دېدى: e9RH[:  
GT7&>}FJ)  
− ئالدى بىلەن قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكىچە ئوقتىن پاناھلىنىش ئىستىھكاملىرى ياسىلىشى كېرەك. ۋەزىپىمىز ئاچالدىن كېلىدىغان دۈشمەننىڭ ئالدىنى توسۇپ زەربە بېرىش. بۇ يەردە ئېھتىمال بىر كۈن تۇرارمىز ياكى بىرنەچچە كۈن تۇرارمىز، ھازىر بىر نېمە دەپ بولمايدۇ. ھاۋا سوغۇق، كېچىسى تېخىمۇ سوغۇق بولىدۇ، تاڭ ئاتقۇزۇشقا توغرا كېلىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا بىرمۇ ئادەمنىڭ ئۇخلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. JZdRAL2#v  
D;&\)  
نىزامىدىننىڭ جېكىلەپ ئېيتىۋاتقان سۆزلىرى كوماندىرلار ئۈچۈن چۈشىنىشلىك ئىدى. 0xx4rp H  
7},oY"" 8  
− ئوزۇقلىنىشچۇ؟ − سورىدى ئەنۋەر. tI@aRF=p]2  
&b`'RZe  
− ئوزۇقلىنىش پاناھلىنىش ئىستىھكاملىرى پۈتكەندىن كېيىن بولىدۇ، − دېدى ئۇ ۋە يەنە تاپىلىدى، − لېكىن، ئوت قالاپ چاي قاينىتىشقا، ئىسسىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن تاماكا چېكىشكىمۇ بولمايدۇ. oI !"F=?&6  
soLW'8  
كوماندىرلار تارقالدى. rFGPS%STS  
x |yJCs>  
پارتىزانلار قار ئاستىلىرىدىن تاشلارنى چىقىرىپ ئەكىلىشكە باشلىدى، يوغان تاشلارنى بىرنەچچىسى ھە، ھۇ بىلەن ئىتتىرىپ يۇمىلىتاتتى، كىچىكرەكلىرىنى كۆتۈرەتتى، بەزى تېخىمۇ يوغان تاشلارنىڭ ئاستىغا پىشاڭ سالاتتى، ياسىلىۋاتقان ئېگىزلىكى يېرىم مېتىردىن بىر مېتىرغىچە كېلىدىغان پاناھلىنىش تاملىرى ئارىسىغا شاخ - شۇمبىلار قىستۇرۇلاتتى، قارلارنى شاخ - شۇمبىلار ئۈستىگە چېچىپ، تاشلارنى يېرىم كۆمەتتى. شۇنداق قىزغىن، ئالدىراشلىق بىلەن قىلىنىۋاتقان ئەمگەك پارتىزانلارنى بىردەمدىلا قىزىتىپ تەرلىتىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدىن، قۇلاق چۆرىلىرىدىن تەر تامچىلىرى شۇرقىراپ ئېقىشقا باشلىدى. w\MWr+4  
+SF+$^T  
بىرىنچى ۋەزىپە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا تېزلا پۈتتى. %.hJDX\j  
"0uM%*2  
پارتىزانلار بەللىرىگە تۈگۈۋېلىشقان مۇزدەك، ئەمما مەززىلىك پىششىق گۆشلىرىنى ئېلىپ مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلىدى. P))B S  
}ymW};W  
− قاراڭلار، ماۋۇنىڭ گۆشىنىڭ مايلىقلىقىنى، − دېدى جامالىدىن باتىرغازىنى كۆرسىتىپ. o5p{ O>D[z  
>G8I X^*sG  
− شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش پارچىلاشقا ئامراقتە بۇ، − دېدى ئاراشمۇ ئۇنى قۇۋۋەتلەپ. o S=!6h  
'=vZAV`  
باتىرغازى مايلىق قوۋۇرغىنى ھەدەپ چايناپ: VS/M@y_./  
_$96y]Bpi  
− سەن قالماقنى گۆش پارچىلاشقا قويۇپ بولامدۇ، ھەممىسىنى ھارام قىلىسەن، − دېدى كۈلۈپ. ئاراش باتىرغازىنىڭ قولىنى شەرەت قىلىپ: 'o6}g p)  
JyZuj>` 6  
− ساڭا مايلىق بولسىلا ھالال بولىدىغۇ - ھە،−  دېدى. 4?1Qe\A^  
S[exnZ*Y  
− مەن ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە مايلىقراق يېرىنى يېيىشىم كېرەك. p /-du^:2  
llP V{  
− سېنىڭ ئەمگىكىڭنىڭ مەقسىتى چۈشىنىشلىك، گۆش پارچىلاشتىن باشقا ئىشقا قاراپمۇ قويمايسەن، گۆش بولسا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن. n7fhc*}:`  
,gVVYH?qR  
− راستىنى ئېيتسام ئاغىنىلەر، − دېدى باتىرغازى، − بىر تاۋاق پولۇيۇڭدىن بىر پارچە گۆشنى ئەۋزەل كۆرىمەن. گۆش يېسەم تەنلىرىم يايراپ كېتىدۇ، بىراق مۇزدەك گۆشتە ھېچقانداق مەززە يوق. 9>&zOITTaL  
ZU`9]7"87B  
− مەززىسىنى قورساققا چۈشكەندە بىلىسەن، بولمىسا، ئەكەلگىنە قوۋۇرغاڭنىڭ قالغىنىنى مەن يەۋېتەي. P:'wSE91  
 wnokP  
غىزالىنىپ بولغۇچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى، ئاسماندىكى يۇلتۇزلار پارتىزانلار بىلەن كۆز قىسىشىۋاتقاندەك ئالتۇن كىرپىكلىرىنى چىمىرلىتىپ تۇراتتى. گويا ئۇ قول سوزسا يەتكۈدەك يېقىن يەردە تۇرغاندەك بىلىنەتتى. قاپتاللارنىڭ بەزى يەرلىرى قارامتۇل، بەزى يەرلىرى ئاقۇچ كۆرۈنمەكتە ئىدى. تۆۋەندە جىرا - جىرالاردىن شاۋقۇنلىنىپ ئېقىۋاتقان سۇلاردىن قويۇق ھور كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. قەيەردىندۇر، يىراقلاردىن ئاچ بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. K5qCPt`'  
gsyOf*Q$  
كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش تەس، لېكىن پارتىزانلار ئۈچۈن تەسمۇ ئەمەس، ئۇلار قانچە - قانچە كېچىلەرنى مۇشۇنداق ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈپ كۆنۈپمۇ قالغان. كىشى دۇنياغا كەلگەنىكەن، ئاچ قېلىشى، ئۇيقۇسىز قېلىشى مۇمكىن، لېكىن تارتقان جاپا - مۇشەققەتلىرى، تۆككەن قانلىرى ئەھمىيەتلىك بىرەر ئىشقا سەرپ قىلىنىپ ئۆز ۋەتىنىنى ئاياغ ئاستى قىلغۇچىلاردىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىنسا، ئەركىنلىك، تەڭلىك ئۈچۈن ھەسسە بولۇپ قېتىلسا، دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق خۇشاللىق بولامدۇ؟! F-/z@tM  
KrpIH6  
ئۈچتىن، تۆتتىن بولۇشۇپ مىلتىق، ئاپتوماتلىرىنى قۇچاقلىشىپ ئولتۇرۇشقان ياكى يانپاشلىغان، قىزىق پاراڭلارغا چۈشكەن پارتىزانلىرىنى نىزامىدىن مۇھاپىزەتچىسى ئاقىلبىك بىلەن ئارىلاشقا باشلىدى. k4ti#3W5eG  
_= v4Iz0  
بەزىلەر ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئېغىر كۈنلەرنى ياكى ئاتا - ئانىلىرىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ۋە ياكى مۇھەببەت ئوتىغا گىرىپتار بولۇپ پەيدا بولغان ئىسسىق تۇيغۇ، تەسىرلىك، نازۇك ۋەقەلەرنى؛ بەزىلەر باشقىلارغا قاتتىق كۈلمەسلىك شەرتى قويۇپ، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ كۈلكىلىك لەتىپىلىرىنى ۋە بەزىلەر ئالدار كۇسىنىڭ قىزىقارلىق ھېكايىلىرىنى سۆزلىشىپ، قىشنىڭ ئۇزاق كېچىسىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشمەكتە ئىدى. شۇنداق قىلىپ سۆزلىگۈچىلەرمۇ، تىڭشىغۇچىلارمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق تېز ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلمەي قېلىشاتتى، لېكىن سوغۇق ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە، پارتىزانلارنىڭ پاختىلىق كىيىملىرى يانۋارنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرىغا دالدا بولالمايتتى. جەڭچىلەر بىردە دومىلايتتى، بىردە ئورنىدا تۇرۇپ ھەرىكەت قىلاتتى، ئۇلار ئۇيقۇسىزلىق، سوغۇق زەربىسىگە قارشى قەيسەرلىك بىلەن كېچىچە جەڭ قىلىپ چىقىشتى … ~*Y#Y{  
}Ja-0v)Wf  
تاڭ سۈزۈلۈپ كەلمەكتە ئىدى. ئاقۇچ نۇر جىرالارغا ئاستا - ئاستا يېيىلىپ، ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلدى. ساي ئاغزى تەرەپتىن ئىككى ئاتلىق رازۋېدكىچى ئات چېپىپ كېلىپ، نىزامىدىنغا دوكلات قىلدى: e#C v*i_<  
C^ )Im r  
− دۈشمەن كېلىۋاتىدۇ! hObL=^F  
qi,) l*?f  
نىزامىدىن ئويلىنىپ سورىدى: ,{0Y:/T'  
Jp=qPG|  
− قانچىلىك ئارىلىقتا؟ jSem/;  
wp?:@XM  
− ئەنە ئاۋۇ، − رازۋېدكىچىنىڭ بىرى كەينىگە بۇرۇلۇپ سايغا ئۈسۈپ كىرگەن تاغ تۇمشۇقىنى كۆرسەتتى، − تۇمشۇققا 15 − 20 مىنۇتتا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. Jh\KVmfXN  
qf0pi&q  
نىزامىدىن ئەترەت كوماندىرلىرىنى چاقىرىپ مۇنداق دېدى: | xB`cSu(  
HkD. W6A3  
− پارتىزانلار ئۆز ئورۇنلىرىنى ئىگىلىسۇن، بۇرۇنقى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يوشۇرۇنسۇن. دۈشمەن سايغا تولۇق كىرىپ بولمىغۇچە ئوق چىقىرىشقا رۇخسەت يوق. ھۇجۇم بۇيرۇق بىلەن باشلىنىدۇ! K GgtEh|  
LW 
كوماندىرلار ئۆز ئورۇنلىرىغا تېز قايتتى. "Da 1BuX\  
oywPPVxj  
دۈشمەن كۆرۈندى. ' #K@%P  
Q h@Q6  
ئەڭ دەسلەپ ئۈچ ئاتلىق كۆرۈندى، ئۇلار ئالدىغا ۋە ئىككى يېنىغا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ كەلمەكتە ئىدى. بىرەر يەردىن كىچىككىنە شەپە ئاڭلىنىپ قالسا، ئاتلىرىنى توختىتىپ، ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراپ كېتەتتى. پارتىزانلار ئۇلارنى تىنچ ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالدىدا 10 ئاتلىق، كەينىدە تەخمىنەن 50 مېتىر يىراقلىقتا 30 ئاتلىق، ئۇنىڭ كەينىدە 100 مېتىر يىراقلىقتا روتا - روتا بولۇپ سەپ تارتىپ كېلىۋاتقان گومىنداڭ قوشۇنلىرى كۆرۈندى. نىزامىدىن رازۋېدكىچىلاردىن ئالغان مەلۇمات بويىچە دۈشمەننى دۇربۇندا كۆزەتتى. قارا پەلتو، سۆسەر قۇلاقچا كىيگەن گېنېرال شى پىڭ سېمىز تورۇق ئاتتا، باشلىقلارغا خاس ھەيۋە بىلەن كەلمەكتە ئىدى. نىزامىدىن بۇ قوشۇن توغرۇلۇق تولۇق مەلۇماتقا ئىگە، ئۇ بىلىدۇ: كېلىۋاتقان بۇ دۈشمەننىڭ ئاساسىي كۈچى 1000 كىشىلىك قوشۇن، ئۇلار جىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانىغا شەھەرگە بېسىپ كىرىپ ھەرەمباغ گازارمىسىدىكى قوشۇنلار بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلاردىن غۇلجىنى تارتىپ ئېلىشقا ۋەدە بېرىپ يولغا چىققان. بۇ قوشۇننىڭ قوراللىرى خىل. ھەربىر روتىدا ئىككىدىنئۈچكىچە كىچىك تىپتىكى مىناميوتلىرىمۇ بار. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەتە كەچ ھەرەمباغ گازارمىسىغا يېتىپ بېرىش پىلانى بارلىقىمۇ نىزامىدىنغا مەلۇم …  yD<#Q\,  
CRsgR)  
پارتىزانلار ئانچە قېلىن بولمىغان كىيىم - كېچەكلىرى بىلەن قاردا قىمىرلىماستىن يېتىپ ياكى تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوراللىرىنى بەتلەپ، كۆرۈش تۆشۈكلىرىدىن كۆز ئۈزمەي تۇرۇشاتتى. `V N $ S  
~<0!sE&y  
قوشۇننىڭ ئالدى بىزنىڭ ئاخىرقى بۆكتۈرمىمىزگە كەلگەندە بۇيرۇق بېرىلدى. y]OW{5(  
/f!_dJ^  
− ئېتىڭلار … ! 4_,l[BhsQG  
tMaJ; 4  
پۈتۈن سەپ بويىچە مىلتىق، پىلىموتلاردىن بىراقلا ئوق ئۈزۈلدى. گېنېرال شى پىڭ ۋە ئۇنىڭ كوماندىرلىرى ئۆزىنى يوقىتىپ، پىتىراشقا باشلىدى. چۈنكى، ئۇلار بۇ قېلىن قارلىق جىلغىلاردىن ئوق چىقار دەپ زادىلا ئويلىمىغان. گېنېرال ئاتتىن يەرگە تاشلاندى - دە، ئۆزىنى ئۆيدەك يوغان تاشنىڭ كەينىگە ئالدى. ئۇنىڭ قوشۇنى ئاتتىن چۈشۈپ پاناھلانغۇچە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ئۇلار بىردەم ۋار - چۇر بىلەن ساراسىم بولغاندىن كېيىن ساي ئىچىدىكى تاشلارنى ۋە ئۆلگەن ئاتلارنى پاناھ قىلىشىپ يۇقىرىغا قارىتىپ ئۈزلۈكسىز ئوق ئېتىشقا باشلىدى. ئوقلار پارتىزانلارنىڭ بېشى ئۈستىدىن ۋىژىلداپ ئۇچۇپ ئۆتۈپ تاشلارغا تېگىپ كۇشۇلداپ پىرقىرايتتى … دەسلەپتە گومىنداڭ قوشۇنىدىن نۇرغۇنلىرى يىقىلغان بىلەن ئەمدى بارغانسېرى چىقىمى ئازايماقتا ئىدى. >/Z#{;kOz  
 U4#[>*  
جەڭ قىزىپ كەتتى. nbYkr*: "t  
.kM74X=S  
گومىنداڭ قوشۇنلىرى تەمتىرەشتىن قۇتۇلۇپ، ئەپلىك جايلارغا ئورۇنلىشىپ ئاتماقتا ۋە يوغان تاشلارنى دالدا قىلىپ مىناميوتلىرىنى ئىشقا سالماقتا، ھەربىر ئوق توچكىلىرىنى چەنلەپ ئېتىۋاتقان مىناميوت ئوقلىرى پارتىزانلارنى قارغا چاپلىشىپ يېتىۋېلىشقا مەجبۇر قىلماقتا. گېنېرال شى پىڭ قوشۇنلىرىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە بۇيرۇق بەرمەكتە. گومىنداڭ قوشۇنلىرى ھەدەپ ئېگىزگە ياماشماقتا ئىدى. دەھشەتلىك ئوق ئاۋازلىرى بېسىلىپ، پارتىزانلار بېشىنى كۆتۈرگىچە ئۇلار ئىككى - ئۈچ قەدەم ئىلگىرىلىۋالاتتى. شۇ تەرىقىدە ھۇجۇم ئابارۇنلارغا بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئىككى تەرەپتىن توختاۋسىز ئېتىلىۋاتقان ئوق ئاۋازلىرى پۈتۈن جىلغىلارنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. ئوقنىڭ ئەكس سادالىرى يىراقلاردا جاراڭلايتتى. ئۆمرىدە ئاڭلىمىغان بۇ دەھشەتلىك ئاۋازلاردىن تاغ ئۆچكىلىرى، بۇغا - ماراللار، كېيىك - توشقان ھەتتا بۆرە، تۈلكىلەرمۇ ئاللىقاياقلارغا قېچىپ كەتكەن. قارىغايلار ئارىسىغا باغلاپ قويۇلغان، يالى، قۇيرۇق، ساغرىلىرىنى قىرو باسقان ئاتلار، بىر ئورۇندا تۇرالماي يەر چاپچىپ تېپىرلاپ، ئىگىلىرىنى سېغىنىپ كىشنەشمەكتە ئىدى. 1QRE-ndc  
x_Ki5~w5  
قاپىقى تۈرۈلگەن، قورۇقلىرى چوڭقۇرلاشقان، غەزەپكە كەلگەن نىزامىدىن كۆرۈش تۆشۈكىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، كەينىگە سۈرۈلگەن قۇلاقچىسىنى ئالدىغا چۆكۈردى - دە، ئاۋۋال دۈشمەن مىناميوتچىلىرىنى چەنلەپ ئېتىشقا بۇيرۇق بەردى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتۈپ پۈتۈن سەپ بويىچە تارقالدى. /qF7^9LtaY  
3m4?l ~  
يېڭىلا ئىككى پارتىزاننىڭ ئوق تەگكەن بېشىنى تاڭغان رەيھان مىلتىقىنى ئېلىپ، نادەمنىڭ يېنىغا كەلدى. نادەم بىلەن بىللە تۇرۇپ جەڭ قىلىش قىز ئۈچۈن كۆڭۈللۈك ئىدى. ئۇ نادەمسىز جەڭ قىلسا ئوقلىرىنى زايە كەتكۈزۈۋەتكەندەك ھېس قىلاتتى، قانداقتۇر بىرنەرسە كەملىك قىلىۋاتقاندەك، ھېچبىر ئىش قاملاشمايۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. شۇڭا، ئۇ نادەم بىلەن يانمۇيان تۇرۇشنى ھەتتا چاپىنى بولسىمۇ ئۇنىڭغا تېگىپ تۇرۇشنى شۇنچىلىك ئىستەيتتى. |bDN~c:/  
K_nN|'R-  
گىرەلەشكەن ئۇرۇشنى توختىتىۋالغىلى بولمىغىنىدەك، رەيھاننىڭ كۆڭلىدە يانغان مۇھەببەت ئوتىنى ھەرقانچە قانلىق ئۇرۇش ئىچىدىمۇ ئۆچۈرگىلى بولماس ئىدى. ئۇنىڭ مەيلىگە شەرتسىز بويسۇنغان ئاياغلىرى ئۇنى ھەرقاچان نادەمنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قوياتتى. ئەجەل ئوقلىرى بېشىنى ئەگىپ يۈرگەن چاغلاردىمۇ قىز نادەم بىلەن بولىدىغان كەلگۈسى ئىشلارنى ئويلايتتى. بۇنىڭ ھېچبىر يالغىنى يوق، قانلىق ئېتىشىش بەزىدە پەسلەيتتى، لېكىن قىزنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى، ياش يىگىت بىلەن بىللە بولۇش توغرىسىدىكى شېرىن خىياللىرى مىنۇتمۇ توختىمايتتى. مانا، قىز نادەمگە مۈرىسى بىلەن سۈركەلدى ۋە يېنىچە قارىدى: ^e8R 43w:!  
MCQ>BP  
− قانچىنى يىقىتاي دەۋاتىسىز؟ − دېدى قىز مۇھەببەت ئوتلىرى يالقۇنجاپ تۇرغان، لېكىن نومۇسچان كۆزلىرى بىلەن يىگىتكە تىكىلىپ. MV$>|^'em  
!U>"H8}dv  
− قانچىسىگە تەگسە شۇنچىسىنى! − دېدى يىگىت كۆزىنى تۆشۈكتىن ئالماي تۇرۇپ. `#fOY$#XB  
Z;S*fS-_  
− كۆڭلىڭىزگە ھېچ نەرسە پۈكۈپ قويمىدىڭىزمۇ؟ … − قىز دائىم يىگىتنىڭ يۈرەك تارلىرىنى چېكىپ بېقىشنى ياخشى كۆرەتتى. يىگىت ھامان قىزنىڭ نازۇك سىرلىرىغا بىپەرۋالىق بىلەن جاۋاب بېرەتتى. ئۇ ھازىرمۇ شۇنداق قىلدى: 6Wf yP@ f  
j)-D.bY0  
− سىزچۇ؟ 1>%SSQ  
'dWJ#9C  
− مەن، مەن، − قىز ئويلىنىپ دېدى، − ئەگەر جەڭچىلەرگە ئوق تەگمەي تۇرۇپ تۇرسىلا، مىناميوتچىدىن ئۈچىنى ئاتماقچىمەن! 7v,>sX  
7Wb.(` a<  
− قېنى چەنلەڭ! HAO/r`7*  
"[[fQpe4@  
نادەم بىلەن رەيھان تەڭلا ئاتتى - دە، ئىككى مىناميوتچىنى يىقىتتى. ئىككىسى بىر - بىرىگە قارىشىپ كۈلدى. MT6kJDyLu  
x *qef_Hu  
بۇ جەڭدە ئاراش مەرگەننىڭ ئامىتى كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھېچبىر ئوقى زايە كەتمەي تېگىپ تۇراتتى. باشقىلارمۇ زايە كەتكۈزمەسلىككە تىرىشىپ ئاتاتتى. ^F"*;8$  
(VOKa  
گومىنداڭ مىناميوتچىلىرى شالاڭلاپ قالغان بىلەن باشقىلىرى ئابارونغا يېقىنلىشىشقا باشلىدى. ئۇلار ھەدەپ يۇقىرىغا يامىشاتتى، بىر ئېتىپ، بىر ئۆمىلەپ، بەزى يەرلەردە ئابارونغا 30 مېتىر چامىسى يېقىنلاپ قالدى. نىزامىدىننىڭ بۇيرۇقى جاراڭلىدى: q#p)E=$  
?ft_  
− قول بومبىلىرى تاشلانسۇن! < `r+l5  
 *$cp"  
ئەڭ دەسلەپ نىزامىدىن ئاتقان قول بومبا پارتلىدى، ئۇنىڭ پېشانىسىدە پۇرچاقتەك - پۇرچاقتەك تەر تامچىلىرى پەيدا بولغانىدى. كەينى - كەينىدىن يۈزلىگەن بومبىلار دەھشەتلىك پارتلاپ ئابارون ئالدىنى قار توزانلىرى قاپلاپ كەتتى. L3GJq{t  
}cPV_^{  
سەپنىڭ بېشىغا ئەنۋەرنىڭ ئەترىتى جايلاشقانىدى، ئەنۋەر جايلاشقان يەرنىڭ چەت تەرىپىدىن دۈشمەننىڭ بىر توپ ئادىمى ئۆيدەك يوغان بىر تاشنى پاناھ قىلىپ ئابارونغا چىقتى. ئەنۋەر قىسمى ئۇنى كۆرۈپ قالدى - دە، نەيزىۋازلىق ۋە قۇچاقلىما جەڭ باشلىنىپ كەتتى. xg^fM@#m  
E1C8yIF  
− رەيھان! P\AH9#XL  
^KaMi_--  
غەزەپتىن كۆزلىرىدە ئوت يانغان نادەم چاققانلىق بىلەن رەيھاننىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتتى. رەيھان مىلتىقىنى تۆۋەنگە قارىتىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ ئالدىدىكى تاشنىڭ يېنىدىن تۇيۇقسىزلا بىر گومىنداڭ ئەسكىرى پەيدا بولغان ۋە رەيھانغا قارىتىپ ئىشتىكىنى توغرىلىغانىدى. گومىنداڭ ئىشتىكى قىزغا ئۇرۇلۇش ئالدىدا نادەم ئىشتىكنى قېقىۋەتتى ۋە دۈشمەننىڭ قورسىقىغا تەپتى. قىز شۇ چاغدا نادەمنىڭ كەينىدىن چىقىۋاتقان يەنە بىرىنى كۆردى - دە، پۈتۈن كۈچى بىلەن نادەمنى ئىتتىرىۋېتىپ، يوغان بىر تاش بىلەن دۈشمەننىڭ بېشىغا ئۇردى، ئۆزى كۈچ زەربىدىن ئوڭدىسىغا يىقىلدى. لېكىن، ئۇنى نادەم قۇچاقلاپ تۇتۇۋالغانىدى. جىددىي پەيتتە قىز ئۆزىنى ئوڭشاۋېتىپ يىگىتنىڭ كۆزىگە قارىدى، چاچلىرى يۈزىگە تېگىپ تۇرغان، نەپەس ھارارىتى قۇلىقىغا بىلىنىپ تۇرغان قىز شۇ چاغدا نادەمگە خۇددى بىر پارچە چوغدەك ئىسسىق، ئەمما قورقۇنچلۇق بىلىندى. ئۇ قىزنى دەرھال قويۇۋەتتى. IW1\vfe  
p)jxqg  
بىر قولىغا ئوق تەگكەن ئىسھاقنىڭ ئالدىغا ئەمدىلا كەلگەن ئىككى گومىنداڭچىنىڭ بىرىنىڭ بىقىنىغا ئىشتىكىنى شۇنداق تېز سانجىپ، ئىككىنچىسىنىڭ قولىغا بىر پەشۋا ئاتتى - دە، بېشىغا مىلتىق پاينىكى بىلەن ئۇردى. كەينىگە بۇرۇلۇپ پاناھلىنىش تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشكەن يەنە بىرىنىڭ كۆكسىگە چاققانلىق بىلەن ئىشتىك سانجىدى. ئىككىلا قولىغا تاپانچا تۇتقان ئەنۋەر ئابارونغا كىرىۋاتقانلارنى ئېتىپ دومىلىتىشقا باشلىدى… . "&#W Mi  
Ik5jwfz  
پۈتۈن سەپ بويىچە قول بومبىلىرى تاشلاش ئەۋج ئېلىپ كەتتى، گۈمبۈرلەشلەر تاغلارنى تىترەتمەكتە ئىدى. گومىنداڭ قوشۇنلىرى مىناميوتچىلىرىدىن ئاساسىي جەھەتتىن ئايرىلىپ قالغاچقا، 30 مېتىر ئارىلىققىمۇ يېتەلمەي، يەر بېغىرلاپ ياتاتتى ۋە كەينى - كەينىدىن چۈشۈۋاتقان قول بومبىلىرى ئۇلارنى كەينىگە سىلجىشقا مەجبۇر قىلىۋاتاتتى. 6L2*gO:r?  
_'hCUXeY'  
نىزامىدىننىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈش تەدبىرى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پۈتۈن سەپ بويىچە ھەربىر پارتىزان جەڭچى ئىككىدىن قول بومبىسى تاشلىدى - دە، تېزلىك بىلەن ئۆزلىرى ياسىغان ئىستىھكامدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ھەيۋەتلىك ھۇررا سادالىرىنى ياڭرىتىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. 5Ue^>8-  
R_Gq8t$  
− ھۇررا! … ھۇررا! …  Hx2j=Q_dw  
Iwt2}E(e  
دولقۇنلىنىپ كېلىۋاتقان قەھرلىك سادادىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق توزانلار ئىچىدە ھېچنېمىنى ئىلغا قىلالمىغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ تۆۋەنگە قاچتى. مانا ئەمدى پارتىزانلارنىڭ ئوقلىرى ئۇلارنىڭ دۈمبىسىگە تەگمەكتە ئىدى. ساينىڭ تاپىنىغا چۈشكەنلىرى تىترىگەن قوللىرىنى كۆتۈردى. /s8%02S  
hdf8U  
گېنېرال شى پىڭ 50 تەك ئادىمى بىلەن تاغ ئاغزىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ جىڭغا قاراپ قاچتى. V"7<[u]K|  
_ 7BF+*T  
نىزامىدىن پارتىزانلىرىنىڭ بىر قىسمى 400 گە يېقىن ئەسىرنى ئالدىغا سېلىپ شەھەرگە ماڭدى ۋە ئۇلار جەڭ مەيدانى بىلەن خوشلىشىپ بۇرۇلۇپ قاراشقاندا، سانسىزلىغان قۇزغۇنلار ئۆلۈكلەر ئۈستىدە ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئەگىشىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى. KO-Zz&2f  
4aalhy 
  -t%{"y  
0+K`pS'  
ئىزاھات: 'ZGT`'ri  
K-2o9No?j`  
ئابدۇراخمان قاھار 1935 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، داڭلىق يازغۇچى. «ئىلى دولقۇنلىرى»، «ھايات سىرى»، «كۆڭۈل»، «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»، «توغراق قىزنىڭ ئاشىقى»، «يىراقتىكى ئادەملەر» قاتارلىق رومانلىرى؛ «كەچۈر مېنى نازاكەت»، «ئادەملەر، ماڭا رەھىم قىلماڭلار» ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى بار. بۇ پارچە ئۇنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى»ناملىق رومانىدىن ئېلىندى. ;g: UE  
LyuSZa]  
  OwG6i|q  
|MTpU@`p5  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق: aL8p"iSG9  
c@RT$Q9j  
1. «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانىدىن ئېلىنغان بۇ پارچىدا جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر قېتىملىق غەلىبىلىك ئۇرۇشىتەسۋىرلىنىدۇ. سىز تېكىستنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كۈچ، قورال جەھەتتىن ئۆزىدىن ئاجىز بولغان مىللىي ئارمىيىگەيېڭىلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ بايان قىلىڭ. FX%t  
w+t#Yb\7  
2. تۆۋەندىكى پارچىلاردا پېرسوناژلارنىڭ قانداق خاراكتېرىنىڭ گەۋدىلەنگەنلىكىنىئېيتىپ بېرىڭ. EfFz7j&X  
gzVtxDh  
1) «پارتىزانلار ئانچە قېلىن بولمىغان كىيىم - كېچەكلىرى بىلەن قاردا قىمىرلىماستىن يېتىپ ياكىتىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوراللىرىنى بەتلەپ، كۆرۈش تۆشۈكلىرىدىن كۆز ئۈزمەي تۇرۇشاتتى.» Wu4ot0SZ  
A/! 
2) «غەزەپتىنكۆزلىرىدە ئوت يانغان نادەم چاققانلىق بىلەن رەيھاننىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتتى. رەيھان مىلتىقىنى تۆۋەنگە قارىتىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ ئالدىدىكى تاشنىڭ يېنىدىنتۇيۇقسىزلا بىر گومىنداڭ ئەسكىرى پەيدا بولغان ۋە رەيھانغا قارىتىپ ئىشتىكنىتوغرىلىغانىدى. گومىنداڭ ئىشتىكى قىزغا ئۇرۇلۇش ئالدىدا نادەم ئىشتىكىنىقېقىۋەتتى.» `&7mHa61  
Ks#A 
  IrJ+Jov  
C`)_i3 ^  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 5- كىتاب 3- بەتتىن ئېلىندى. 2012-1-14  )  m d?b*  
=ai2z2z  
  {=3B)+N  

ئۇيغۇرجان 2012-01-14 22:08
تولۇق تىكىستىنى بىر ئوقۇپ چىقىسام بولغۇدەك....خەۋەر بەرگىنىڭىزگە رەخمەت

tunyukuk 2012-01-14 22:43
[attachment=412]   

tunyukuk 2012-09-08 19:05
سىز بۇ تېكىستنى ئوقۇتتىڭىزمۇ؟ دەرستىن كېيىنكى ئويىڭىز قانداق؟

tunyukuk 2012-09-08 19:08
بۇ تېكىستنىڭ دەرس لايىھەسىنى مۇنۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ. L{ gE'jCC  
http://www.tawpek.cn/bbs/read.php?tid=1890 

tawpek 2012-09-09 18:18
دىتال، ئاپتۇر تەرجىمھالى دىگەنلەرنىڭمۇ ئادىرىسىنى ئىنكاستا ئۇلىنىش قىلىپ ماڭسا ياخشى بولغۇدەك.

شىىرئەلى 2013-07-20 21:17
بۇبەك ئىسېل ئەسەر

لاچىن 2013-07-21 21:34
   بۇ <ئىلى دولقۇنلىرى> دېگەن كىتاپ بۇرۇن چەكلەنگەن .ىدى. ھەي، شۇ يىللاردا ياشىغان كىشىلەر...


查看完整版本: [-- «ھۇجۇم» (دەرس تېكىستى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled