查看完整版本: [-- «مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ» (دەرس تېكىستى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ» (دەرس تېكىستى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-01-12 22:20

«مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ» (دەرس تېكىستى)

  
مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ
Ji[g@#  
(روماندىن پارچە) hH}/v0_jb  
ئايشەم ئەخمەت① kVnyX@  
R+0"B  
شاھنىڭ يۈرىكى قاپلان دەپ بىكار ئېيتمىغانىكەن، سۆڭەككە پىچاق ئۇرغاندەك قىلىنغان سوراق - سوئاللار ئوتتۇز سەككىزىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا تۇرغان مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ ئۇلارغا بوي ئەگمىدى. گۇناھىم باركەن دەپمۇ ئىقرار قىلمىدى. ئاخۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش غەرىزىنى شەرىئەت ھۆكمى بىلەن نىقابلاپ، مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭغا ۋە پۇقرالارغا تاڭدى. ئۇلار مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى شەرىئەتنىڭ ھۆكمى دەپ جاكارلىدى. لېكىن بۇ ھۆكۈم مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭنى يولىدىن تايدۇرالمىدى، ئۇ ئاخىر مۇنداق دېدى: %k #Nu  
− ئىنسان ئۈچۈن تاج كىيمەك شەرت ئەمەس، بەلكى نومۇس ۋە ۋىجدان ئىگىسى بولۇش، ئەل - يۇرت ئالدىدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى بىلىش شەرتتۇر. مەن ئۆلمىسەم سەن خەلقىمنى قىرىۋەتمەكچىغۇ؟! بولدى، مېنىلا ئۆلتۈر! -/c1qLdQ  
− ئۆلۈم ئالدىدا تەلىپىڭ بولسا ئېيت! − دېدى توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى دايۈەنشۇي. T zYg H  
− مېنى ئۆلتۈر، ئەمما مېنىڭ بىلەن بىللە تۇتۇۋالغان تۆت بۇرادىرىمنى قويۇۋەت. ئاندىن بىر كۈن ۋاقىت بەر، بالا - چاقىلىرىم، قېرىنداشلىرىم، ئەل - يۇرتۇم بىلەن خوشلىشىۋالاي. +A?+G  
− بولىدۇ، ئەتە ئەتىگەندە جازا مەيدانىغا ئۆز ئايىغىڭ بىلەن كەل. xKST-:c+  
مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ دايۈەنشۇي ئالدىدىن پۇتلىرىنى ئاران - ئاران يۆتكەپ چىقىپ كەتتى. دا يۈەنشۇي ۋاڭغا ھېچكىمنى ھەمراھ قىلمىدى. ھەتتا لەشكەرلىرىگە «چېقىلماڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى. 5qQ(V)ah  
ئەتراپتا ۋاڭنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى كۆزىتىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەنلەر ۋاڭنىڭ يالغۇز كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى ۋە ئەھۋالنى بىلىپ ھەسرەتلىك ياشلىرىنى تۆككىنىچە، ئاتقا مىندۈرۈپ ئوردىغا ئېلىپ كېلىشتى. :YXQ9/iRr  
مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ ھۇجرىغا كىرگەندە مېھرىبانۇ پۇجۇڭ يەنىلا ھوشىنى بىلىپ - بىلمەي ياتاتتى. تۈنۈگۈن غۇرۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ نۇرغۇن تەسەللىسىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ ھازىر مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ «چۈشۈممۇ، ئۆڭۈممۇ» دېگەن خىيالنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى - دە، ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋە ۋاڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ مېھرىبانۇ پۇجۇڭنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ: 7TPLVa=hO  
− خېنىم، ئۆزلىرىنى ئۇنداقمۇ يوقىتىپ قويغان بارمۇ؟ مەن ئۆلسەممۇ ئۆزلە ياشاشلىرى كېرەك. ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالسىلا، مېنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن يۇرت ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالسىلا، − دەپ تۇرۇشىغا ئۇلارنىڭ ئوماق قىزلىرى گۆھەر خېنىم بىلەن جەۋھەر خېنىم يېتىپ كىردى. ئۇلارنىڭ بىرى 10 ياش، يەنە بىرى 12 ياش بولۇپ، بىر - بىرىدىن ئوماق، بىر - بىرىدىن چىرايلىق ئىدى. ئۇلار كىرىپلا دادىسىنىڭ تىزلىرىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىشتى. سەبىي قىزلارنىڭ مەرۋايىتتەك پارقىراق يۈزلىرى ياش بىلەن يۇيۇلدى. تال - تال كىرپىكلەر، ئۇششاق ئۆرۈلگەن چاچلار قورقۇنچ، ھەسرەت، پىغاندىن تىترەپ تۇراتتى. مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ بۇ ئوماق گۆدەكلەرنىڭ پېشانىلىرىگە سۆيدى. ئەنە شۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى ئىسسىق بىر ئېقىم تومۇر - تومۇرلىرىغا تاراپ چىدىغۇسىز پەريادقا ئايلاندى. لېكىن بۇ پەريادنى ۋاڭ ھېچكىمگە سەزدۈرمەي، كۆزىنى يۇمۇپ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇردى. شۇ ھالدا خېلى جىمجىت ئولتۇرغاندىن كېيىن بالىلارنى ئاچىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدى. بالىلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ مېھرىبانۇ پۇجۇڭغا يەنە تەكىتلەپ دېدى: MQH8Q$5D  
− ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالسىلا، پۇجۇڭ خېنىم، بىزگە ئاللا نېسىپ قىلغان كۈنلەر شۇ ئىكەن. ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنماقتىن باشقا ئامالىمىز يوق. مېنى ھېيتگاھدا ئۆلتۈرۈلگەن سانسىزلىغان تۇڭگان قېرىندىشىمىزنىڭ روھى ئۇردى. مەن بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغۇدەكمەن. ھەر باشتا بىر ئۆلۈم، مەن ئۆلۈپ كەتسەم، ئۆزلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇرتنى باشقۇرۇپ ئۆتكەيلا، ئۆزلىرىگە مېيىپ ئوغلۇم بىلەن ئىككى قىزىم قالدى. ئۇلارغا ئوبدان قارىغايلا، خەلقىم ئاچ - زارلىقنىڭ دەردىنى تارتمىسۇن، ئىنساننىڭ ئۆمرى قىسقا بولسىمۇ قايغۇسى ئۇزۇن بولىدىكەن. ئادىللىق ئىنساننىڭ ياخشى سۈپىتىدۇر. ئۆزلىرىگە ياخشى خۇلق، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن «ئامىن!». ?Wz(f{Hm  
مېھرىبانۇ پۇجۇڭنىڭ ئەقىل - پاراسەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قارا كۆزلىرىدىن قان - ياشلار ئاقتى. «بىز بەندە، ئاجىزكەنمىز» دېيىشتىن باشقىغا تىلى بارمىدى. ^=Tu>{uD  
ئوردىدا قالغان نەمىتۇللا تەيجى، ھاشىر تەيجى، يۇنۇس قازى ئاخۇنۇم قاتارلىقلار نېرىقى چوڭ ئۆيدە ۋاڭنى ساقلاپ ئولتۇراتتى. مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ ماغدۇرسىزلانغان پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەپ ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتى. ئۇلارمۇ روھسىزلانغان باشلىرىنى تۆۋەن قىلىپ: pkV\D  
− ۋاڭ خوجامنىڭ ئالتۇن بويى ئېسەن بولغاي، − دېدى. ۋاڭ جايىغا ئولتۇرۇپ ياش ئەگىپ تۇرغان كۆزلىرىنى بەگلىرىگە تىكىپ، بوش ئاۋازدا: WlRZ|.  
− ھەممىلىرى ئولتۇرۇشسىلا! − دېدى. ~v(M6dz~vk  
ئارىدا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن: g yH7((#i  
− ھەممىلىرىدىن رازىلىق ئالغىلى كەلدىم، − دېدى ۋاڭ ئۆزىنى زورىغا بېسىپ، - كۆز يېشى قىلىشمىسىلا، يېشىم 70 كە يەتتى. مەن بۇ ئۆلۈمگە رازى بولدۇم. Y=Ar3O*F  
بۇ چاغدا ئىشىكتە مەلۇمچى كۆرۈنۈپ مەلۇم قىلدى: i_'R"ob{S  
− ئىلىدىن غۇرۇرى جانابلىرى يىگىرمە پالۋاننى ئەگەشتۈرۈپ جانابلىرىنى ئىلىغا ئەپكەتكىلى كەلگەنىدى. كىرىشكە ئىجازەت سورايدۇ. 3| '#n[3  
مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ غۇرۇرىنىڭ ئالدىغا چىقتى. غۇرۇرىنىڭ چاچ - ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەنىدى. ئۇلار چىڭ قۇچاقلاشتى. ھەر ئىككىسىنىڭ مۈرىلىرى سىلكىنەتتى. چەكسىز دەرد - ئەلەم ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغانىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇلار، ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشتى. بۇ چاغدا مەلۇمچى ئېسەدەپ تۇرۇپ يەنە شۇلارنى دېدى: Vh .;p.!e  
− ۋاڭ خوجام دېمەكچى بولغىنىم تۈگىمىدى، يەنە تۇرپان، لۈكچۈندىن ئوتتۇز ئاتلىق ئادەم كېلىپ سىلىنى ساقلاۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ جانابلىرىنى تۇرپانغا ئېلىپ كەتمەكچىكەن. ~SR(K{nf#.  
− ئۇلار نەدە؟ o + QzQ+ Z  
− ھازىرلا يېتىپ كىرىدۇ. يەنە بىر گەپ بار، ۋاڭ خوجام، − دەپ تەكرارلىدى مەلۇمچى. مەلۇمچىنىڭ كۆڭلى شۇ كۈنلەردە بەكلا يېرىم بولسىمۇ ۋاڭ خوجامنى قۇتقۇزىمىز دەپ كەلگەنلەر كۆپ بولغانلىقتىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۇلار چوقۇم ۋاڭ خوجامنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ دېگەن ئۈمىد تۇغۇلغانىدى. شۇڭا، ۋاڭ خوجامنىڭ كۆڭلىگە ئاراملىق بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنى ئۈستى - ئۈستىلەپ مەلۇم قىلغىلى تۇردى، − جانابلىرى خان ئالدىغا بېيجىڭگە سەپەر قىلىپ، لەنجۇسىڭدا بىر ئۆتەڭدە چۈشكۈن بولغاندا بىر يېزىنىڭ ئادەملىرى كېلىپ يۇرتىدا قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى ئاپەت بولغانلىقىنى ئېيتىپ، جانابلىرىدىن سەدىقە تىلىگەنىدى. جانابلىرى شۇ جايدىلا ئۇلارنىڭ قولىغا خەت يېزىپ بېرىپ، ئوردىدىن ئېلىڭلار دەپ 50 كالا، 50 قوتاز، 50 قوي، 50 تاغار بۇغداي، 50 تاغار قوناق بەرگەن ئىدىلە، ئەنە شۇ چاغدا شۇ شەھەردە چامباشچىلىقنى ئۆگەنگەن ئۈچ نەپەر داڭلىق ياش پالۋان بارىكەندۇق، ئۇلار جانابلىرىنىڭ قولغا چۈشۈپ قالغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ «بىز دايۈەنشۇي بىلەن يەكمۇيەك ئېلىشىمىز، ئېلىشىشتا چوقۇم يېڭىمىز، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بىز مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭنى قۇتقۇزۇپ قالىمىز» دەپ كەپتۇ. لېكىن، بىز ئۇلارغا دايۈەنشۇي «ئەگەر بىزگە قالايمىقان چېقىلساڭلار پۈتۈن خەلقنى قىرغىن قىلىمىز» دەپ جار سېلىۋاتىدۇ. سىلەر ئۇنداق قىلساڭلار ئىشنى بۇزۇپ قويىسىلەر، ھازىر ۋاڭ خوجام بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ. ئاۋۋال سۆھبەت ئاخىرلاشسۇن، − دەپ ئۇنىمىدۇق. D_19sN@0m  
− ئۇلارنى كىرگۈزۈڭلار، − دېدى مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ. #SihedWi  
ئالدى بىلەن تۇرپان، لۈكچۈندىن كەلگەن پالۋانلارنىڭ باشلىقلىرى كىردى. ئۇلار سالامدىن كېيىن: .iP G/e  
− قومۇل بىلەن تۇرپان قېرىنداش شەھەرلەردۇر. خەلقلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپلا يېقىن ئۆتىدۇ. جانابلىرىنىڭ دايۈەنشۇينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ، تۇرپان، لۈكچۈندىكى ۋاڭ خوجاملار قاتتىق ھەسرەت چەكتى. شۇڭلاشقا ئۇلار بىز 30 پالۋاننى تاللاپ ۋاڭ خوجامنى سولاپ قويغان يېرىدىن مەخپىي ئەپچىقىپ كېلىڭلار دەپ ئەۋەتكەنىدى. دايۈەنشۇي دېگەن بىر ئادەمخور. ئۇ ئادەم ئۆلتۈرمىگىچە كۆڭلى تىنمايدۇ، − دېدى. hDD~,/yVxs  
− ماڭايلى، ۋاڭ خوجام، − دېدى كۈچتۈڭگۈر بىر پالۋان. x(3 I?#kE  
ۋاڭ ياش يۇقى كۆزلىرىنى يۇمۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. گەپ تۈگىشىگە لەنجۇسىڭدىن كەلگەن ھېلىقى چامباشچى ئۈچ نەپەر خەنزۇ يىگىتى كىردى، ئۇلار پېشانىسىنى قارا ياغلىق بىلەن چىڭ چىگىۋالغان، ئۈستىگە تامامەن قارا كىيىپ، قارا پوتا بىلەن بېلىنى چىڭ باغلىۋالغان، پۇتىغا قارا لاتا خەي، ئاق پايپاق كىيىپ، ئىشتان پۇچقىقىنى باغلىۋالغان چەبدەس يىگىتلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرقىدىنلا ھەقىقەتەن ئۇستا چامباشچىلار ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئاۋۋال ئۇلار ئۈچى تەڭلا ۋاڭغا باش ئۇردى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىرى سۆزلىدى:  $`XN  
− بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن سىز بىزنىڭ جېنىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدىڭىز، بىز سىزنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق، بېيجىڭگە ماڭغان خەۋەرچىلەردىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يېزىدىكى بارلىق خەلق سىز ئۈچۈن قايغۇردى. بىز دايۈەنشۇي بىلەن يەكمۇيەك ئېلىشىشقا چىقتۇق، قېنى، مەردنى مەيداندا سىنا دەيدۇ. ئۇ ئەگەر خەلقپەرۋەر باتۇر بولسا ئالدىمىزغا چىقسۇن، بىز بىلەن يەكمۇيەك ئېلىشىپ كۆرسۇن. بىز ئۇنى چوقۇم يېڭىمىز، سىزنى چوقۇم قۇتقۇزىمىز. k qY3r &  
مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ ئۆزىنى قۇتقۇزغىلى كەلگەنلەردىن سۆيۈنۈپ قالدى. دايۈەنشۇينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندىن بېرى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ۋەھىمىلىك ئويلار قاپلىۋالغانىدى. گاھىدا دەھشەتلىك خىياللار ئۇنى چۆچۈتۈپ قېتىپقالغان ھەيكەلگە ئايلاندۇرۇۋېتەتتى، گاھىدا ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق ئوتتۇرىسىدىكى قارا ئوپقان يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك قىلاتتى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ ئويلاندى. ئۆلۈمدىنمۇ قاتتىق نەرسە بارمىدۇ؟ ئۇ ئاخىر بۇنىڭ جاۋابىنى تاپتى. ئۆلۈمدىنمۇ قاتتىق نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ خەلقنىڭ لەنىتىگە قېلىش. مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ ھازىرمۇ شۇنى ئويلاپ، سارغايغان پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى ئېرتىپ ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغانلارغا قارىدى: 0,~6TV 
− قازانى ئوقيا بىلەن قايتۇرغىلى بولمايدۇ. ماڭا قازا كەلدى. بۇ قازادىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدۇ دېسەك، خەلق، يۇرت ۋەيران بولىدۇ. ئاتا - بوۋامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇشۇ يۇرتتا ياشاپ، مۇشۇ يۇرتنى گۈللەندۈرۈپ ئۆتتۇق. ئەمدىلىكتە مېنىڭ دەۋرىمگە كېلىپ خەلق ۋەيران بولسا، يۇرت خارابلاشسا بولمايدۇ. بىزنىڭ ئىنسانىي قەرزىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەنە شۇ ئاۋام پۇقرا ئۈچۈن، − مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ جىمىپ قالدى. ئۆينىڭ ئىچىدە بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن يەنە دېدى: az \ 
− ھەممىلىرى مەندىن رازى بولۇشسىلا، غۇرۇرى جانابلىرىغا، ئىلىلىق بارلىق قېرىنداشلارغا، تۇرپان، لۈكچۈندىكى قېرىنداشلارغا رەھمەت، − مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ يەنە ھېلىقى ئۈچ نەپەر چامباشچى ئۇستىلارغا قارىدى، − سىلەرگىمۇ مىڭ مەرتىۋە رەھمەت. ھەممىلىرىگە يەنە شۇنى دەپ قوياي، مېنىڭدىن كېيىن قالسا ئەيىبناك ئوغلۇمنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ. مېھرىبانۇ خېنىم يۇرتنى باشقۇرىدۇ. ھەممىلىرى ھەمىسا بولۇشسىلا. ئاجىز - ئورۇق، يېتىم - يېسىرلەرنى يوقلاشنى ئۇنتۇپ قېلىشمىسىلا، »ئامىن!« − ھەممىسى دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئۇزاققىچە ئوقۇدى. /XW&q)z-Hl  
− ھەممىلىرىگە خوش، ئەمدى مەن توۋا - ئىستىغپار ئوقۇپ، قازا نامازلىرىمنى ئۆتۈۋالاي، ئەتە ئەتىگەندە ... − ۋاڭ ئاخىرقى سۆزىنى دېمىدى. ئۇ سەل ھالىدىن كەتكەنىدى. 1o;g1Z/  
بامداتتىن بۇرۇن مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدى. كېچىچە پۈتۈن ئوردا ئەھلى كىرپىك قاقمىدى. ئوردىدىكى بارلىق ئۆيلەرگە، قاراڭغۇ دالانغا، تاش تارتما، گۈل تارتمىلارغىچە شام، پانۇسلار يېقىلدى. ئوردىنىڭ ئىچىدە تىمتاس بىر سۈر، تىمتاس بىر ۋەھىمە ئەكس ئېتەتتى. ySixYt  
مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ نامازنى ئوقۇپ بولۇپ ئۈستىگە ئۈچ قەۋەت كېپەن كىيدى، بېشىغا ئاق سەللە ئورىدى. ھاسىسىغا ئاق يۆگەلگەن، مەپىسىگە ئاق يېپىلغان، مەپىگە قوشۇلغان ئاتنىڭ بوينىغا ئاق چىگىلگەنىدى. شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ ئۆز ئايىغى بىلەن ئۆلۈم مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. )D Gz`->  
قىرىق كۈندىن بېرى بولغۇسى مۇشۇنداق بىر ۋەھىمىنى ھېس قىلىپ تۇرغان خالايىق ئۆي - ئۆيلىرىدىن چىقىپ يېڭىئاۋاتقا بارىدىغان يول ياقىسىدا يوپۇرۇلۇپ تۇراتتى. پۈتۈن خەلق مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭدىن رازىلىق تىلىدى. مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ خەلقتىن رازىلىق ئالدى. jIx8k8  
جازا مەيدانىنىڭ ئەتراپىنى دايۈەنشۇي لەشكەرلىرى نەچچە قەۋەت قورشاپ تۇراتتى. مەيدان ناھايىتى چوڭ بولۇپ، شەرق تەرەپتە مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭنىڭ مەپىسى توختىدى. غەرب تەرەپتە شاسېلىمبەگ، سىدىق بەگ، ئابدۇللا بەگ، باقى بەگ قاتارلىق تۆت ئادەمنى تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇشتى. Uw2,o|=O  
مەپىدىن چۈشكەن ۋاڭ ئۇلارنى كۆرمىدى. ئۇ ھاسىسىغا چىڭ يۆلىنىپ تۇراتتى. t g KG&  
جازا مەيدانىغا دۈركىرەپ كەلگەن خالايىق تىزلىنىپ، باشلىرىنى رۇكۇغا ئاپىرىپ «ۋاڭ خوجامنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن!» دېيىشتى. بۇ چاغدا مەيدان ئۈستىدىكى ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ كەتتى. سوغۇق ھاۋا تۇمانلىنىشقا باشلىدى، بۇ دەل 1867 - يىل 2 - ئاي كۈنلىرى ئىدى. مەيداننىڭ چۆرىسىدە قىزىل كىگىز كۆتۈرگەن بەش - ئالتە ئادەم كىشىلەر توپىنى قايرىپ مەيداننىڭ ئىچىگە كىرىپ ھەممىسى ئۆزىگە تېگىشلىك جايلاردا تۇردى. بۇ چاغدا دايۈەنشۇينىڭ بۇيرۇقى بىلەن جاللاتلار مەيدانغا كىرىشتى. مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭنىڭ يېنىدا توختىغان جاللات سوغۇق نەزەردە ئەتراپقا قارىدى. بۇ چاغدا يۈرىكى قاتتىق سىقىلغان مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ «ئەلۋىدا! ئۇلۇغ پۇقرالىرىم! ئەلۋىدا! ئۇلۇغ پۇقرالىرىم!» دېدى. بۇ گەپنى ھەممىسى دېگۈدەك ئاڭلىدى. ھېلىقى جاللات قىلىچىنى ئايلاندۇرۇپ ئىككى سەكرەپ كېلىپ مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭنىڭ كاللىسىنى شارتلا قىلىپ ئېلىۋەتتى. ئاپئاق سەللىلىك باش يەرگە چۈشمىدى. قىزىل كىگىز كۆتۈرگەنلەرنىڭ بىرى شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن كېسىلگەن باشنى تۇتۇۋالدى. يەنە بىرى مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭنىڭ تېنىنى تۇتۇۋالدى - دە، كېسىلگەن كاللىنى تەنگە دەرھال قويۇپ جەسەتنى قىزىل كىگىزگە ئورىدى. كىشىلەر مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭنىڭ كېسىلگەن يېرىدىن قان ئاققىنىنى كۆرەلمەي قالدى. مانا شۇ چاغدا يەنە بىر ئىش يۈز بەردى، دەھشەتلىك قىلىچ ئۇرۇپ مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭنىڭ كاللىسىنى ئالغان جاللات مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ تۇرغان جايدا دۈگىلىنىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ دەل يۈرىكىگە ئوقيا تېگىپ ئۆلگەنىدى. بۇ ئوقيانى كىشىلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان نۇربانۇ ئاتقانىدى. 7xv4E 
بۇ چاغدا يەنە تۆت نەپەر ئوردا ئەمەلدارىنىڭمۇ كاللىسى ئېلىنغانلىقتىن مەيدانغا ئۈسۈپلا كىرگەن خەلق دايۈەنشۇينىڭ گېپىدە تۇرماي شاسېلىمبەگ، سىدىق بەگ، ئابدۇللا بەگ قاتارلىق تۆت ئەمەلدارنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىدىن نارازى بولماقتا ئىدى. c-4m8Kg?L  
دايۈەنشۇي بۇ ئەھۋالنى ھازىرچە بېسىپ قويۇش ئۈچۈن لەشكەرلىرىنى قايتىشقا بۇيرۇق قىلدى. W_[|X}lWP  
مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭنىڭ جەسىتى ئالتۇنلۇقتىكى ئۆزى ياساتقان چىنە گۈمبەز ئىچىگە دەپنە قىلىندى. 54q4CagFq  
{fGd:2dh  
ئىزاھاتلار: ==QWwPpA  
① ئايشەم ئەخمەت 1942 - يىلى قومۇلدا تۇغۇلغان. يازغۇچى، ژۇرنالىست. ئۇنىڭ «باغداش چېچىكى»، «مەلىكە مەڭزىدىكى داغ» (ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى)، «مېھرىبانۇۋاڭ» (تارىخىي دراما)، «خانىم - قىزلار دەستۇرى» (ئىلمىي ئەسەر)، «ئۈچمەس ئىزلار» (رومان)، «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» (رومان) قاتارلىق كىتابلىرى بار. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ «مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ» ناملىق رومانىدىن ئېلىندى. H~A"C'P3#  
N ls83 W  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق: bA}AD`5  
1. بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ ھەققىدە قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز، نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز، ئورتاقلىشىپ بېقىڭ. di~]HUZh)  
2. تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. "-w ^D!C  
1) مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ كىم؟ }u%"$[I}  
2) ئۇ نېمە ئۈچۈن پادىشاھ، خان دەپ ئاتالماي «چىڭۋاڭ» دەپ ئاتالغان؟ Ye5jB2Z  
3. مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ توپىلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، باشقىلار ئۇنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغاندا نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋېلىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆلۈمنى تاللىۋالىدۇ؟ ~>Kq<]3~  
△4. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئىمكانىيەت يار بەرسە «مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ» ناملىق روماننى ئوقۇپ چىقىڭ. WA6!+G y  
△5. تارىخىي ئەسەرلەر بىلەن تارىخىي روماننىڭ قانداق پەرقى بار؟ تارىخىي رومانلارنى يېزىشقا قانداق تەلەپ قويۇلىدۇ؟ h1[WhBL-O  
△6. بۇ ئەدەبىي ئەسەر تىلنىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدۇ؟ پارچىدىكى سۆزلەردىن مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭنىڭ قانداق پەزىلىتى ۋە خاراكتېرىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ؟ : K':P5i  
«قازانى ئوقيا بىلەن قايتۇرغىلى بولمايدۇ، ماڭا قازا كەلدى، بۇ قازادىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدۇ دېسەك خەلق، يۇرت ۋەيران بولىدۇ ... ئەمدىلىكتە خەلق، يۇرت ۋەيران بولسا بولمايدۇ، بىزنىڭ ئىنسانىي قەرزىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاۋام - پۇقرا ئۈچۈن ...» @F~LW6K  
«قازانى ئوقيا بىلەن قايتۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن جۈملە ئىگىلىك جۈملىمۇ - ئىگىسىز جۈملىمۇ؟ «بىلەن» دېگەن سۆز بۇ جۈملىدە باغلىغۇچى رولىدا كەلگەنمۇ ياكى تىركەلمە رولىدا كەلگەنمۇ - ئەستايىدىل ئويلىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈڭ، «بىلەن» سۆزىنى بىر جۈملىدە باغلىغۇچى، بىر جۈملىدە تىركەلمە رولىدا كەلتۈرۈپ ئىككى جۈملە تۈزۈڭ. nXA\|c0  
R@iUCT^$  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3- كىتاب 35- بەتتىن ئېلىندى. 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى )

tunyukuk 2012-01-12 22:27
[attachment=408]   

koksangun 2012-01-13 00:14
بۇ تەۋپىق خاس ئەسەرلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك ، تۇنيۇقۇقنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ...

ozqan 2012-01-13 12:16
ھارمىغايسىز  ،  ئەجرىڭىزگە رەخمەت ...

ئۇيغۇرجان 2012-01-14 00:48
ئەجرىڭىزەە رەھمەت.

tunyukuk 2012-01-14 20:38
بۇ دەرسنىڭ لايىھەسىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ.   l`kWz5[~  
u2oKH{/z  
/bbs/read.php?tid=2172&fpage=7

koksangun 2012-01-14 21:03
تۇنيۇقۇق مۇئەللىم باش سۆرىتڭىزنى ئالماشتۇرۇپسىز ، مۇبارەك بولسۇن !

tunyukuk 2012-01-14 21:33
قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان تارىخىي رومان «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ»دا، 1813 - يىلىدىن 1876 - يىلىغىچە قۇمۇلدا ھۆكۈم سۈرگەن مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭنىڭ قۇمۇل دىيارىنى ئادىللىق بىلەن سوراپ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىلىمنى قەدىرلەپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى پائالىيەتلىرى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا، بەدىئىي چىنلىق پرىنسىپى بويىچە بەدىئىي توقۇلما قىلىنىش ۋە ئوبرازلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا تەپسىلىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. B ;@7  
(زۆرۈر دەرسلىك 3-كىتاب 1-بۆلەكنىڭ ئىزاھاتىدىن ئېلىندى.)

tunyukuk 2012-01-15 10:56
引用第6楼koksangun于2012-01-14 21:03发表的  :تۇنيۇقۇق مۇئەللىم باش سۆرىتڭىزنى ئالماشتۇرۇپسىز ، مۇبارەك بولسۇن !
%;h1n6=v2  
كۆكسانغۇن ئەپەندىم، تەشەككۈرىڭىزگە رەھمەت!   مەن باش سۈرىتى قىلغان سۈرەتتىكى بۇ ئىككىيلەن مەن ئەڭ چوقۇنىدىغان كىشىلەردىندۇر. ئۇنىڭ بىرى تونۇلغان ئالىم ...، ئۇستاز ( ئوقۇتقۇچىم، بىزگە «ئىستېتىكا» دەرسى بەرگەن ) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، يېنىدىكىسى تونۇلغان فىزىكا ئالىمى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى تەتقىقات مەركىزى  (ناسا) نىڭ ئوفتىكا تەتقىقات ئىنژېنىرى ، قۇردىشىم (1958-يىلى تۇغۇلغان)،  مەكتەپدىشىم، (شىنجاڭ ئۇنېۋىرسىتېتىغا 1978-يىلى 3-ئايدا قوبۇل قىلىنىپ، 1983-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ فىزىكىدا، مەن ئەدەبىياتتا ئوقۇغان.) ، يۇرتدىشىم ( ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدىن )  ئەركىن سىدىق بولىدۇ.   ? OF $J|h  
ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىم 1986-يىلى ياپونىيىگە چىقىپ، ياپونىيە ۋە باشقا ئەل ئالىملىرىغا بۈيۈك ئەسەر «قۇتاغۇبىلىگ » نى تونۇشتۇرۇپ لېكسىيە سۆزلەۋاتقاندا ئەينى چاغدا ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئەركىن سىدىق بۇ دوكلاتنى نەق مەيداندا ياپونچىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ئىدى. بۇ شۇ چاغدىكى(1986-يىلى ئۆكتەبىردىكى)  سۈرەتتۇر. zeQ~'ao<  
1983-يىلى بىز ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان چاغدا مەكتەپ چوڭ مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ زىياپەت بېرىۋاتاتتى. مانا شۇ چاغدا ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن رومكا تۇتقان ھالدا ئۈستەلگە كېلىپ، مۇنداق دېگەنىدى: «ئىلگىرى مەن مۇنبەردە ئىدىم، سىلەر ئالدىمدا ئىدىڭلار، مانا بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرمۇ مۇنبەرگە چىقتىڭلار، بىز باراۋەر بولدۇق. لېكىن بۇ سىلەرنىڭ ئۈگىنىش ھاياتىڭلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى ئۈستۈڭلاردىكى مەسئۇلىيەتنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تالاي ئىشلار بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بىز يەنە بىللە ئۆگىنىمىز، بىللە تەتقىق قىلىمىز، بىللە ئىشلەيمىز، كۆپىنچەڭلار بىلەن خىزمەتداش بولۇپ، گۈزەل كېلىچەككە بىللە يول ئاچىمىز  ... قېنى تارتىنماي كۆتۈرۈڭلار!»  

tunyukuk 2012-01-16 12:33
  بۇ تېكىستكە مۇناسىۋەتلىك قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ تارىخىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ. u_ :gqvC=  
 :5^5l  
/bbs/read.php?tid=4481

koksangun 2012-01-16 19:26
ئاجايىپ سەمەرىلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز تۇنيۇقۇق مۇئەللىم ، دەرس بايلىقلىرى ئۇلىنىش ئىچىدە ئۇلىنىش ھاسىل قىلىپ ، مۇنبىرىمىز ئۈچۈن قۇلايلىقلارنى ، دەرسخانىمىز ئۈچۈن مول ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمەكتە ، تەۋپىق مۇنبىرىدە سىزدەك پىشقەدەم ، ئەمما ياشلاردىن تۈرگۈن ئەزالىرىمىز يوق دېيەرلىك ، سىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىڭىز ھەقىقىي تەۋپىق روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن . MGKSaP;x  
تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئەمگىكىڭىزگە مىۋە تىلەيمەن . بىزگە دائىم تەلىم بېرىپ تۇرغايسىز ...

tawpek 2012-01-16 21:55
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوقوغۇچىسى، ئەركى سىدىقنىڭ ساۋاقدىشى........................... $>l65)(E\  
5=_))v 
مۇنبەرگە قىسقىسى ئاناتىل ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىللىرىڭىزنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. {1wjIo"ptg  
`Yu4h+T  
54  ياش، T 3 +lYE  
?[Qxq34  
50  ياشتىن ئاشقانلارنى مۇنبەر كۆرمەيدۇ دەپ ئويلاپ تۇغۇلغان ۋاختىنى تاللاشتا 60- يىلدىن باشلاپ چىقىرىپ قويغانتىم. G`R2=bb8  
OOX}S1lA  
ماڭا يوللىغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۆپ z2A1h! Me  
wTY8={p]  
تىرىشچانلىق ياشتا ئەمەس جاسارەتتە دەۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەنتىڭىز.

tunyukuk 2012-01-16 23:11
引用第11楼tawpek于2012-01-16 21:55发表的  :ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوقوغۇچىسى، ئەركى سىدىقنىڭ ساۋاقدىشى...........................مۇنبەرگە قىسقىسى ئاناتىل ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىللىرىڭىزنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.54  ياش، .......
Ht UFl  
F6*n,[5(  
تەۋپىق ئەپەندى، كۆكسانغۇن ئەپەندى تەشەككۈرلىرىڭىزلەرگە كۆپتىن كۆپ  رەھمەت!   gVM9*3LH6  
تەۋپىق ئەپەندى: ئىنكاسىڭىزدىكى بىر سۆزنى تۈزىتىپ قوياي،   مەن ئەركىن سىدىقنىڭ ساۋاقدىشى ئەمەس، مەكتەپدىشى .  

tawpek 2012-01-16 23:29
ئەركىن سىدىقنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى دىيىشكە بولىدۇ. C~PrIM?  
1|)l6#hOL  
ئۇنىڭ تەپسىلى تەرجىمھالىنى شۇنداق بىر ھاياجان ئىچىدە ئوقوپ چىققانتىم x8i;uH\8  
]J;pUH+u  
بۇ سوروننىڭ ئاپىرىدە بولىشىدىمۇ ئاشۇ ئاكىمىزنىڭ بىر جۈملە سۆزى ئىلھام بولغانتى. 4 G`7]<  
(q'w"qj  
ئېچىپ بولوپ باشقىلارنىڭ ساتىراچتىن باشلاپ ناۋايغىچە تور بەت ئىچىۋاتىدۇ، ئەسلى مۇنبەردىن 2-3 بولسا شەبنەم، سەلكىنلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا يىتىشەتتى دىگەندەك بىر تىمىنى ئوقوپ شۇنداق روھىم چۈشۈپ تۇرغاندا ئۇ ئاكىمىز بىلەن يازما سۆزبەتتە بىرسى شۇ سۇئالنى سورىغاندا: +L_!$"I  
Q2sX7 cE  
بۇنى ياخشى ئەھۋال ، يەنى ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بەرگەنلىك ، دەپ شەرھىلىگەنتى. nQ4s  
b0 ))->&2  
ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىش دىگەن بۇ سۆز ماڭا شۇنداق تەسىر قىلغانتى.زاكاتنىڭ مال-دۇنياغىلا ئەمەس ئىلىم مەرىپەتكىمۇ كىلىدىغىندىن شۇنداق قايىللىق ھىس قىلغان ئىدىم. %/KN-*  
6'6 "Ogu%'  
K5-wuD1  
تىرىشايلى تەۋپىق ئەھلى، بىلگەنلىرىمىزنىڭ زاكىتىنى بىلمىگەنلەرگە بىرىش ئۈچۈن تىرىشايلى. uJ jm50R<  
*,g|I8?%VD  
J#DYZ>}Y  
ئۇنىڭ تور بىتىدىكى ياخشى يازمىلار بىلەن بىزنىمۇ ئۇچراشتۇرۇپ تۇرغايسىز.

erpan0992 2012-03-12 22:28
ياخشى تېما   توللىغىنىڭىز غا  كۆپ  رەخمەت!

tawpek 2013-11-04 17:34
مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاق توغرىسىدا تىخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە قىلغىنىڭىزغا ئاپىرىن.


查看完整版本: [-- «مۇھەممەت بېشىرچىڭۋاڭ» (دەرس تېكىستى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled