tunyukuk |
2012-01-12 21:40 |
«پارىژغا ساياھەت» (دەرس تېكىستى)
پارىژغا ساياھەت AO"pm ئەسەت سۇلايمان① ~c*$w O\ .2V`sg.! مەن ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، قىزىمىزغا بەرگەن ۋەدىمىزنى رېئاللاشتۇرۇش ئۈچۈن پارىژغا بېرىپ ساياھەت قىلىش قارارىغا كەلدۇق. چۈنكى ئاۋغۇستنىڭ تۇنجى ھەپتىسى پەسىل جەھەتتىن بىرقەدەر ياخشى بولغان ساياھەت مەزگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مېنىڭ دەم ئېلىشىمنىڭمۇ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. RIDzNdM>U قىزىم بىزنىڭ ساياھەت پىلانىمىزنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇش بولۇپ كەتتى. ئۇ رۆدابېرى مەكتىپىدىن ئېلىپ كەلگەن فرانسىيە ھەققىدىكى رەڭلىك سۈرەتلەر توپلىمىنى ۋاراقلاپ پارىژدىكى بىر ھەپتىلىك ساياھەت پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدى. مەن يەنە ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق رىيانئاير ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن پارىژغا بېرىپ كېلىدىغان قوش لىنىيىلىك ئايروپىلان بېلىتىدىن ئۈچنى زاكاز قىلدىم. بېلەت باھاسى قىش پەسلىگە قارىغاندا خېلىلا ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگودىكى ئوخشاش مۇساپىلىك ھاۋا يوللىرىنىڭ بېلەت باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئەرزان ئىدى.
i{9_C/ مەن بېلەتنى زاكاز قىلىپ بولۇپلا پارىژدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر يىگىت ۋارىسجانغا خەت يازدىم. ۋارىسجان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى ئىنستىتۇتىدا ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن پارىژ خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتاتتى. ئىككى كۈندىن كېيىن ۋارىسجاندىن جاۋاب خەت كەلدى. ئۇ خېتىدە بىز ئۈچۈن پارىژدىكى بىر خۇسۇسىي مېھمانخانىدىن ياتاق زاكاز قىلىپ قويغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن يەنە ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ خەت يازدىم. uN)o|7 − مانا، سىلەرگە زاكاز قىلغان مېھمانخانىغا يېتىپ كەلدۇق، ۋېينا مېھمانخانىسى، بۇ يەرنىڭ قاتنىشى قۇلاي، مېترو بېكىتىگە بەش مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. جەنۇبقا ئازراق ماڭساڭلار فرانسىيە تارىخىدىكى داڭلىق جاي − باستىلىيە تۈرمىسىنىڭ خاتىرە ئورنىغا يېتىپ بارالايسىلەر. s$,gM,|cK بۇ پارىژنىڭ قەدىمىي كوچىلىرىدىن بېرى بولۇپ، بىنالارنىڭ كۆپىنچىسى بىرقانچە يۈز يىللار ئىلگىرى گوت ئۇسلۇبىدا سېلىنغانىكەن. بىز چۈشكەن «ۋېينا» ناملىق كىچىك تىپتىكى مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىدە «1732» دېگەن يىلنامىنى كۆرۈپ ھەيران بولدۇم. ۋارىسجان مېنىڭ ھەيرانلىقىمنى سەزگەندەك چۈشەنچە بەردى: Wt%+q{ − پارىژدا كىشىلەر بىنالارنىڭ قەدىمىيلىكىنى ساقلاشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ يەردىكى مۇتلەق كۆپ بىنالار 1 - 2 ئەسىر ئىلگىرى، بەزىلىرى ھەتتا 3 - 4 ئەسىر ئىلگىرى سېلىنغانىكەن. لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ بىنالارنىڭ ئارخىتېكتور جەھەتتىكى گۈزەللىكى بىلەن ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى بۈگۈنگە قەدەر ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. پارىژنىڭ گۈزەللىكى ئەمەلىيەتتە شەھەر بىناكارلىقىدىكى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن ياۋروپانىڭ ئەدەبىي ئويغىنىشتىن كېيىنكى ئارخىتېكتورا روھىنىڭ زىچ بىرلەشكەنلىكىدە ئىپادىلەنسە كېرەك. #9a\Ab بىز «ۋېينا» ناملىق كىچىك مېھمانخانىدىكى ئالدىنئالا زاكاز قىلىپ قويغان ياتاققا كىرىپ ئورۇنلاشتۇق. ياتاق كىچىكرەك، سەرەمجانلىرى ئاددىي لېكىن پاكىز ئىدى. 45 ياۋرولۇق بۇ ياتاققا يەنە بىزنىڭ تەلىپىمىز بويىچە قىزىمىز ئۈچۈن ئايرىم كارىۋاتمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغانىدى. ياتاقنىڭ قىيا ئوچۇق تۇرغان دېرىزىسىدىن چىراغلار جىمىرلاپ تۇرغان كوچا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھەممىمىز ھارغانىدۇق. قىزىممۇ قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ئېيتتى. ۋارىسجان بىلەن ئىككىمىز سىرتقا چىقىپ قوشنا كوچىدىكى بىر كىچىك تاللا بازىرىدىن يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىردۇق. قىزىم ستوكھولمدىن ئالغاچ كەلگەن مۇسۇلمانچە تەييار چۆپنى يېگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئايالىم ستوكھولمدىن ئالغاچ كەلگەن توك كۇرۇشكا ئارقىلىق سۇ قاينىتىپ قىزىمغا تەييار چۆپنى دۈملەپ بەردى. قىزىمنىڭ قورسىقى بەكلا ئېچىپ كەتكەن بولسا كېرەك، تەييار چۆپنى ئىچىمەن دەپ قاچىدىكى قىزىق قايناق سۇنى تىزىغا تۆكۈۋالدى. بۇنىڭدىن ھەممىمىز جىددىيلىشىپ كەتتۇق. قىزىمنىڭ تىزى چالا كۆيۈپ قالغاچقا توختىماي ئاغرىغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئاۋازىنى چىقارماي مۆلدۈرلەپ ياش تۆكۈپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەممىمىز بىئارام بولۇشتۇق. مەن دەرھال قىزىرىپ قالغان جايغا چىش پاستىسى سۈركەپ قويدۇم. :U}. − كەچۈرۈڭ، دادا، مەن ئۆزۈم خاتا قىلدىم، قورسىقىم ئېچىپ كەتكەچكە ئالدىراپ كېتىپتىمەن، − قىزىمنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۈرتۈپ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىم تېخىمۇ ئېچىشىپ كەتتى. DLWG0$#! − ھېچقىسى يوق، قىزىم، سىز باتۇر قىز، ئەتىگىچە ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەسلىدە بىز دىققەت قىلماپتىمىز، سىز كىچىك تۇرۇپلا كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىدىغان بولدىڭىز. چوڭ بولغىنىڭىزدا ئالتە يېشىمدا پارىژغا ئوينىغىلى كېلىپ تىزىمغا قايناق سۇ تۆكۈۋالغانىدىم دەپ ئەسلەپ قالارسىز - ھە!؟ :?*|D p1 − شۇنداق، − دېدى ۋارىسجانمۇ قىزىمغا تەسەللى بېرىپ، − بۇ ئىشنى بىر خاتىرە دەپ بىلەيلى. مەن ئۇيغۇرىيە قىزدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. ئاجايىپ باتۇر قىز ئىكەن، بۈگۈن كېچە ئۇخلاپ ئەتە سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرغىنىڭىزدا پۇتىڭىزنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز! 7H+IW4Ma قىزىم تامىقىنى يەپ بولۇپ يېتىپ قالدى. ۋارىسجان ئەتە بىزنىڭ بارىدىغان جايلىرىمىزنى خەرىتىدىن بىرمۇبىر كۆرسىتىپ بەردى. ئەتە ئۆزىنىڭ دەرسى بارلىقىنى، بىز بىلەن ئەتە چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 دە لوۋېر سارىيىدىن زەپەر دەرۋازىسى تەرەپكە ماڭىدىغان تۆت كوچا ئېغىزىدىكى فونتاننىڭ قېشىدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتى. پارىژ شەھەر رايونىنىڭ خەرىتىسى ناھايىتى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك بولغاچقا، بىز خەرىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئايلىنىپ ساياھەت قىلىدىغان بولدۇق. 5 +Ei!E89 بۇ كېچە ماڭا شۇنچىلىك ئۇزاق تۇيۇلۇپ كەتتى. كارىۋاتتا ياتقان بولساممۇ، لېكىن باش - ئاخىرى يوق خىياللار مېنى ئۆز ئارامىمغا قويمىدى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بىر چاغدا قىزىمنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچتىم. ئايالىم بىلەن قىزىم يۈز - كۆزلىرىنى يۇيۇۋاتاتتى، يېڭىدىن پارلاپ چىققان قۇياش نۇرى دېرىزىدىن ئۆي ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرگەنىدى. يامغۇر توختاپ، پۈتكۈل كوچا - كويلار پاكىز يۇيۇنغان بولۇپ، ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدىكى پارىژنىڭ يېڭى بىر سەھىرى باشلانغانىدى. 7 − ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ، دادا؟ JBYmy_Su قىزىم قېشىمغا كېلىپ بوينۇمغا ئېسىلدى. ئۇنىڭ ئاۋازلىرى ياڭراق. كەيپىياتى جۇشقۇن ئىدى. JZa^GW:YQh − رەھمەت، قىزىم، قانداق، ئۆزىڭىز ياخشى ئۇخلىدىڭىزمۇ؟ SWX[|sjdB − مەن بەكمۇ ئۇخلاپتىمەن، شۇنداق كۆپ چۈشلەرنى كۆرگەن بولساممۇ، لېكىن ئويغانسام ھەممىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. VP7g::Ab − تىزىڭىز قانداق، يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟ X6hp} − ياق، ئاغرىمايۋاتىدۇ، ساقىيىپ قاپتۇ. un)YK − ئەمدىچۇ، قىزىم، ساياھەتنى قانداق باشلايمىز؟ sRMz[n5k − تېز بولايلى، دادا، ۋاقتىمىز بۇ يەردىلا ئۆتۈپ كەتمىسۇن! bPlqS+ai_ مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈز - كۆزلىرىمنى يۇيۇشقا تەمشەلدىم. باياتىن ئۆز ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان ئايالىم بىزنىڭ پارىڭىمىزغا قوشۇلدى: ty W5k(> − مېنىڭدىن ئەھۋال سورىمامسىلەر، ئاتا - بالا ئىككىڭلار بىرلىشىۋېلىپ نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟ eTe
Z^G − ھېچنېمە، ئاپا، − دېدى قىزىم ماڭا ئەركىلەپ، − دادام بىلەن بىر ئاز سۆزلىشىۋالاي، بولامدۇ؟ ]T?Py) ئاخشام ئېلىپ كىرگەن نەرسىلەر بىلەن ياتاقتا ئالدىراپلا ناشتا قىلدۇق - دە، خەرىتىنى ئېلىپ سىرتقا چىقتۇق. يامغۇردىن كېيىنكى پارىژنىڭ سەھىرى ئىللىق ۋە نەمخۇش ئىدى. بىز «ۋېينا» مېھمانخانىسىنىڭ جايلاشقان ئورنىنى ئوبدان بىلىۋالغاندىن كېيىن، سېنا دەرياسى تەرەپكە كەتكەن چوڭ يولنى بويلاپ شەرقىي جەنۇب تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. خەرىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پارىژنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرى سېنا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى بويلاپ جايلاشقانىدى. InAx;2'A: ئەھۋالدىن قارىغاندا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كۆرۈلگەن بۇ يىلقى قۇرغاقچىلىق فرانسىيىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەندەك تۇراتتى. دۇب دەرەخلىرىنىڭ ئۇچلىرىدىكى يوپۇرماقلىرى سارغايغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ قايناق شەھەرنىڭ يامغۇردىن كېيىنكى ئارامبەخش ھاۋاسىدىن كۈز ئايلىرىنىڭ ھىدى كەلمەكتە ئىدى. كىلىماتتىكى بۇ ئەھۋالنى شىمالدىكى سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلى روشەن پەرق بار ئىدى. tbH`VD"u كوچىلار قايناق، ماگىزىنلار ئادەمگە تولغانىدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا بىز چۈشكەن جاي پارىژنىڭ سودا رايونلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك. بىز چوڭ كوچىنى بويلاپ، باستىلىيە تۈرمىسىنىڭ خاتىرە ئورنىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق جەنۇبقا مېڭىپ سېنا دەرياسىنىڭ قىنىغا يېتىپ باردۇق. دەريا سۈيى ئۇنچىلىك سۈزۈك بولمىسىمۇ، لېكىن سەھەردىكى پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرىدا تىنىمسىز جىمىرلاپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. دەريادا تۈرلۈك شەكىلدىكى قېيىقلار سۇ يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزمەكتە ئىدى. پارىژنىڭ ساياھەت پەسلى بولغاچقىمۇ سېنا دەرياسى بويى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى. `<"@&N^d دەريا بويلاپ ئاستا - ئاستا ماڭدۇق. يىراقتىن بۈۋى مەريەم چېركاۋىنىڭ ھەيۋەتلىك مۇنارى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. پارىژدىكى شۇنداقلا پۈتكۈل ياۋروپادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان بۇ قەدىمىي چېركاۋ سېنا دەرياسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئوتتۇرىدا ھاسىل بولغان كىچىك ئارال ئۈستىگە قۇرۇلغانىدى. بويۇنلىرىغا سىپىرلىق فوتو ئاپپاراتى بىلەن ۋىدېئو كامېرا ئېسىۋالغان مىڭلىغان ساياھەتچىلەر بۈۋى مەريەم چېركاۋىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېتىپ بارماقتا ئىدى. مۇشۇ تۇرقىدا شۇنچە كۆپ ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان بۇ چېركاۋ ۋە ئۇنىڭ تەڭداشسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە ستېرېئولۇق ئارخىتېكتور سەنئىتى ئادەمگە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن بۇيانقى ياۋروپا بىناكارچىلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا. بۇ يەردە ياۋروپا تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ زور ۋەقەلەر قارار قىلىنغان، ناپولېئون مۇشۇ چېركاۋدا فرانسىيە پادىشاھىنىڭ ئالتۇن تاجىنى كىيگەن، يوسېفېن بىلەن بولغان توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. ۋىكتور ھيۇگو مۇشۇ چېركاۋنىڭ نامىغا بېغىشلاپ «پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى» (Notredam) ناملىق دۇنياۋى مەشھۇر رومان يازغان. ]RvFn~E!s بۈۋى مەريەم چېركاۋىنىڭ ھەيۋەتلىك گەۋدىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ، سېنا دەرياسىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدۇق. دەريانىڭ ئوڭ قىنىدا پارىژدىكى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىپ بىر پۈتۈن سىستېما ھاسىل قىلغان ھەيۋەتلىك بىنالىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا ئىدى. مانا بۇ دۇنياغا داڭلىق لوۋېر خان سارىيى ئىدى. ئىلگىرى فرانسىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىسى بولۇپ كەلگەن بۇ جاي ئەمدىلىكتە ساياھەتچىلەر ئەركىن - ئازادە زىيارەت قىلىدىغان سەنئەت مۇزېيى قىلىنغانىدى. z>6hK:27 لوۋېر خان سارىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كەڭرى مەيداندا ئادەملەر كۆپ ئەمەس ئىدى، بۇ جايغا ئەينەكتىن بىر سۈنئىي پىرامىدا ياسالغان بولۇپ، پىرامىدانىڭ ئۈستىگە فونتاندىن ئېتىلىپ چىققان سۈزۈك سۇلار سىرغىپ چۈشۈپ تۇراتتى. ئەينەك پىرامىدانىڭ قېشىدىكى كۆلچەككە فونتاندىن چۈشكەن سۇلار بېلىق كۆزى بولۇپ توشقانىدى. بىز بىرئاز ئارام ئېلىش ئۈچۈن كۆلچەكنىڭ قىرغىقىدا ئولتۇردۇق. <73dXTZ0 قۇياشنىڭ تەپتى قىزىشقا باشلىدى، بىر يىلدىن بۇيان ستوكھولمدا بەدىنىمىز ئىسسىغۇدەك كۈن نۇرى كۆرمىگەچكە جىمىرلاپ تۇرغان كۆل بويىدا ئارام ئالغاچ ئالتۇن رەڭ كۈن نۇرىغا قاقلاندۇق. ئادەملەر ئىسسىقتىن قېچىپ سالقىن جايلارغا بېرىۋالغانىدى. لوۋېر سارىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كەڭرى مەيدان ئادەمسىز قالغانىدى. بىز ئۈچىمىز بىر - بىرىمىزگە يۆلەنگىنىمىزچە ئەينەك پىرامىدا قېشىدىكى بېلىق كۆزى كۆلچەك بويىدا كۈن نۇرىغا چۆمۈلۈپ ئولتۇردۇق. قىزىم شوخلۇق بىلەن ھەر خىل قىياپەت چىقىرىپ رەسىمگە چۈشتى. l9P=1TL لوۋېر خان سارىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇياش نۇرى تولۇق چۈشۈپ تۇرغان كەڭرى مەيدان بىزگە ئارام بېغىشلىدى، مەن كۆلچەكتىكى سۇ يۈزى بىلەن بىر تەكشىلىكتە تۇرغان پەشتاققا سوزۇلۇپ ياتتىم. ئاسماندا ئىككى پارچە ئاپئاق بۇلۇت لەرزان ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئەينەك پىرامىدا ئۈستىدىن دومىلاپ چۈشكەن سۇلارنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازىدىن سىرت ئەتراپتا بىزنىڭ ئارامىمىزنى بۇزىدىغان ھېچقانداق شاۋقۇن - سۈرەن يوق ئىدى. }g9g]\.!a لوۋېر خان سارىيىنىڭ كەڭرى مەيدانىدىن ئايرىلىپ، يەنە سېنا دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ كەلدۇق. دەريا يۈزى ساياھەت كېمىلىرى بىلەن قىزىپ كەتكەنىدى. دەريا قىنىدىكى قۇمغاق ساھىلدا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان ئاسما كارىۋاتلار بار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جايدا دەم ئېلىۋاتاتتى. ۋاقىت چۈشكە يېقىن بولۇپ قالغاچقا، بۇ يەردە ئۇزاق تۇرمىدۇق. داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىپ «زەپەر دەرۋازىسى» غا بارماقچى بولدۇق. دەريا ساھىلىدىن ئايرىلىپ، چوڭ كوچىغا كىرىدىغان چاغدا يۆنىلىشتىن ئېزىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق. فرانسۇزچە بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن يول بەلگىلىرىدىن يۆنىلىشنى بىلىۋالغىلى بولمىدى. ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئىت يېتىلىۋالغان بىر خانىم ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئەدەپ بىلەن ئىنگلىزچە يول سورىدىم:
# h/#h\ − ياخشىمۇسىز، خانىم، زەپەر دەرۋازىسىغا بارىدىغان چوڭ كوچىغا قانداق ماڭساق بولىدىكىن، كۆرسىتىپ بېرەرسىزمۇ؟ Sc/\g ھېلىقى ئايال فرانسۇزچە بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى. بىز ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي، بېشىمىزنى چايقىدۇق. بىر چاغدا ھېلىقى ئايال كەسكىن بىر تەلەپپۇزدا ئاخىر ئىنگلىزچە گەپ قىلدى: ] oMtqkiR − نېمىشقا فرانسۇزچە گەپ قىلمايسىلەر؟ %@~;PS3kd − كەچۈرۈڭ، خانىم، − دېدىم مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا، − بىز فرانسۇزچە بىلمەيتتۇق. Gm.sl}, − شۇنداقمۇ، − دېدى ھېلىقى ئايال سوغۇق بىر تەلەپپۇزدا، − فرانسىيىدە، بولۇپمۇ پارىژدا فرانسۇزچە سۆزلەش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ خۇددى لوندون ياكى نيۇيوركتا ئىنگلىزچە سۆزلەش مۇتلەق زۆرۈر بولغاندەكلا بىر ئىش! بوپتۇ، كېيىنكى قېتىم پارىژغا ساياھەتكە كەلگىنىڭلاردا فرانسۇزچە سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يولنى دەپ بېرەي، مۇشۇ تارچۇقتىن ئۆتۈپ چوڭ كوچىغا چىققاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۇدۇل ماڭساڭلار بولىدۇ. زەپەر دەرۋازىسى يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. _pN:p
7l( − رەھمەت، خانىم! ^Mm sja5K بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ھېلىقى ئايالنىڭ سۆزلىرى ماڭا باشقىچىلا تەسىر قىلدى. ئىلگىرى باشقىلاردىن فرانسىيىگە بېرىپ فرانسۇزچە سۆزلىمىسە فرانسۇزلار بىلەن يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم. مانا، ئەمدىلىكتە بۇ خىل تەسىراتنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز. شەخسەن ئۆزۈمنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتلىرىمدىن قارىغاندىمۇ فرانسۇزلار ئىنگلىز تىلى مەدەنىيىتىنىڭ مونوپولىيىسىگە نىسبەتەن ئەڭ كەسكىن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ھېسابلانسا كېرەك. شىمالىي ياۋروپادىكى بىرقانچە كىچىك دۆلەتلەردە، جۈملىدىن شۋېتسىيىدە يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئىنگلىز تىلىدا بىمالال سۆزلىشىپ يۈردۈم، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا شۋېت تىلى بىلمىگەنلىكىم سەۋەبىدىن بەكمۇ زور توسالغۇلارغا ئۇچراپ كەتمىدىم. ھېچكىم ماڭا بىۋاسىتە ھالدا «نېمىشقا شۋېت تىلىدا سۆزلىمەيسىز؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ باقمىدى. قارىماققا شىمالىي ياۋروپالىقلار ئىنگلىز تىلىنىڭ دۇنياۋى تەسىرى ۋە زۆرۈرلۈكىنى ئاللىقاچان ئېتىراپ قىلغانىدى. گېرمانىيە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى چوڭ دۆلەت، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاراۋوزلىرىدىن بىرى. گېرمانىيىدە بولغان كۈنلىرىمدىمۇ ئىنگلىز تىلىغا تايىنىپ ئۆز دائىرەمدىكى ئىشلىرىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتىم. مەن يولۇققان گېرمانلار مېنىڭ بىلەن ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ باقمىدى، شۇنداقلا مېنىڭ گېرمان تىلىدا سۆزلىشىم كېرەكلىكىنى يۈز تۇرا ئەسكەرتىپمۇ باقمىدى. پەرىزىمچە گېرمانلار ئىنگلىز تىلىنىڭ دۇنيا ئالاقىلىرىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىگە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرى سەۋەبلىك سۈكۈت قىلغاندەك تۇراتتى. ئىچىدە ئىنگلىز تىلى ۋە ئىنگلىز مەدەنىيىتىنىڭ مونوپولىيىسىگە نىسبەتەن مەلۇم قورساق كۆپۈكى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندەك تۇراتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەنە بىر پاراۋوزى ھېسابلانغان فرانسىيە بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي باشقىچە بىر مەيداندا ئوتتۇرىغا چىققانىدى. 20 - ئەسىردىن بۇيان فرانسۇز تىلى ئىنگلىز تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرىشىدە بىر مىنۇتمۇ بوشىشىپ قالمىدى. ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ نەپىسلىكى، گۈزەللىكى ۋە پاساھىتى بىلەن ئىنگلىز تىلىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان رېئال تەسىرىگە نىسبەتەن رىقابەت ئېلان قىلىپ كەلدى. ھالبۇكى، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا تارىخىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئىرادىسىگە باقمىدى. فرانسىيىنىڭ فاشىستلار گېرمانىيىسى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىشى، دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرغان ئەنگلىيىنىڭ بولسا باشتىن - ئاخىر فاشىستلار گېرمانىيىسى بىلەن تىركىشىپ تۇرۇشى شۇنداقلا ئەنگلىيىنىڭ ئېمىلدىشى بولغان ئامېرىكىنىڭ قۇدرەت تېپىشى نەتىجىسىدە فرانسىيە ئۆزىنىڭ ناپولېئون دەۋرىدىن بۇيان تىكلىگەن دۇنيا سىياسىي كۈنتەرتىپىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەمما فرانسۇزلار بۇ رېئاللىققا ھەرگىزمۇ تەن بەرمىدى. فرانسۇز تىلىمۇ ئىنگلىز تىلى بىلەن بولغان رىقابەتتىن چېكىنىپ چىقمىدى. ۋەھالەنكى، فرانسىيە قانچىلىك كۈچىگەنسېرى ۋە قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنسېرى، كۈنساناپ كېڭىيىۋاتقان ئىنگلىز تىلى چەمبىرىكىنىڭ شۇنچىلىك زور خىرىسىغا دۇچ كەلدى. ئالدى بىلەن فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكە رايونلىرى ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى چەت ئەل تىلىنى فرانسۇز تىلىدىن ئىنگلىز تىلىغا ئۆزگەرتتى. ئارقىدىنلا فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى تەسىر دائىرە دۆلەتلىرىمۇ بىرىنچى چەت ئەل تىلى مەسىلىسىدە رەھىمسىزلىك بىلەن فرانسۇز تىلىنىڭ ئورنىغا ئىنگلىز تىلىنى ئالماشتۇردى. شۇنداق قىلىپ 21 - ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئاز بىر قىسىم دۆلەتتىن باشقا فرانسۇز تىلىنىڭ ئىستېمال بوشلۇقى فرانسىيىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. فرانسۇز تىلىنىڭ ئىنگلىز تىلى بىلەن بولغان كەسكىن رىقابەت ۋە ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرىشى داۋامىدا مەغلۇپ بولۇشى فرانسىيىگە نىسبەتەن زور روھىي زەربە بولغانىدى. شۇڭلاشقا فرانسۇزلارنىڭ ئىنگلىز تىلىغا نىسبەتەن چەكلەش ۋە چەتكە قېقىش پوزىتسىيىسىدە بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. مۇشۇ نۇقتىلارنى ئويلىغىنىمدا ھېلىقى ناتونۇش خانىمنىڭ ھېسسىياتىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنگەندەك بولدۇم. ,vh$G 7D بۇ پارىژدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قايناق كوچىلارنىڭ بىرى ئىدى. زەپەر دەرۋازىسىغا يېتىپ بارغۇچە بولغان چوڭ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ھەشەمەتلىك سودا سارايلار ۋە نۇرغۇن دۇكانلار جايلاشقانىدى. بۇ يەردە پارىژنىڭ داڭلىق ئەتىرلىرىنى ساتىدىغان مەخسۇس ئەتىر ماگىزىنلىرى بار بولۇپ، ئالدىدىن ئۆتكەندە ئىللىق ئەتىر پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. مىغىلداپ تۇرغان ھەر خىل ئىرقتىكى ئادەملەر گويا كۆۋرەپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنىدەك ئۇياقتىن - بۇياققا ئاقاتتى. >At* jg48 مەن كولا ئىچكەچ سىرتتىكى قايناق كوچىغا نەزەر تاشلىدىم. ئادەملەر ئۇياقتىن - بۇياققا قاراپ سەلدەك ئاقماقتا، كۆكۈچ ئاسماندا بىرقانچە پارچە ئاپئاق بۇلۇت ئۈزۈپ يۈرمەكتە. قۇياش ئوتتەك تەپتىنى بۇ قايناق شەھەرگە سەپكەچ ئالەمنىڭ قەھرىدە ئېسىقلىق تۇرماقتا. كوچىدىكى ئادەملەرنىڭ رەڭگىرويى بىر - بىرى بىلەن ئارىلىشىپ بىر رەڭدار ئېقىمنى ھاسىل قىلغانىدى. رەڭگى ئاق، سېرىق، قارا، قوڭۇر، قىزغۇچ كەلگەن تۈرلۈك ئىرقتىكى ئادەملەر ئەزەلدىن بۇ شەھەردە بىللە ياشاپ كەلگەندەك تەبىئىي رەۋىشتە ئۆتۈشۈپ تۇرماقتا. پارىژ قاچاندىن بۇيان ئوخشاشمىغان ئىرقتىكى كىشىلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئارغۇن شەھەرگە ئايلىنىپ قالدى؟ ئەجەبا، فرانسۇزلار بۇ قايناق شەھەرنى سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە تاشلاپ بېرىپ ئۆزلىرى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتكەنمۇ - نېمە؟ فرانسىيىگە نېمە بولدى؟ ... hqW),^\>' زەپەر دەرۋازىسىدا ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ بىر ئاز توختىدۇق. بۇ جاي بۈگۈنكى كۈندە پارىژ شەھىرىنىڭ كىندىكى بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئالتە يۆنىلىشكە سوزۇلغان چوڭ يول بۇ يەردە ئۆز ئارا ئۇچرىشاتتى. يىراقتىن قارىماققا زەپەر دەرۋازىسى جايلاشقان نۇقتا نۇر چېچىپ تۇرغان غايەت زور چەمبىرەككە ئوخشايتتى. ناپولېئوننىڭ زەپەر قۇچقان ئەسكەرلىرىگە بەرگەن قەسىمى ئۈچۈن ياسالغان بۇ ھەيۋەتلىك دەرۋازا يېقىنقى زامان فرانسىيە تارىخىنىڭ مۇھىم يالدامىلىرىدىن بىرى ئىدى. 1840 - يىلى ناپولېئوننىڭ جەسىتى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى سان ھېلىنا ئارىلىدىن زەپەر دەرۋازىسى ئارقىلىق پارىژغا ئېلىپ كىرىلگەنىدى. شۇنىڭدىن يېرىم ئەسىرچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى ۋىكتور ھيۇگونىڭ دەپنە مۇراسىمى زەپەر دەرۋازىسىنىڭ ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەنىكەن. 5XzN%<_h9 ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ پىلانىمىزدىكى جايلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن زەپەر دەرۋازىسىدىن ئېففېر تۆمۈر مۇنارىغا بارىدىغان يولغا چىقتۇق. يىراقتىن ئېففېر تۆمۈر مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يول بويى ياۋروپا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىلىرىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن چىرايلىق بىنالارنى تاماشا قىلىپ ماڭدۇق. پارىژنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ياۋروپادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق ئىدى. مەيلى ستوكھولم، بېرلىن، كوپېنھاگېن ياكى خېلسىنكى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شەھەر بىناكارلىقى ۋە سەنئەتلىك تۈس جەھەتتىن ياۋروپادىكى ھېچقانداق بىر شەھەر پارىژغا يەتمەيتتى. ياۋروپانىڭ ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىكى ئارخىتېكتورلىرى «بىر مۇكەممەل شەھەر ئادەم بەدىنىدىكى مۇكەممەل گارمونىيىگە ئوخشايدۇ» دەپتىكەن. پارىژنى زىيارەت قىلغان ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ خىل گارمونىك گۈزەللىكنى ھېس قىلماي قالمىسا كېرەك. مەن ئائىلەم بىلەن بىللە پارىژنىڭ كوچىلىرىنى دەسسەپ كېتىۋېتىپ ۋىكتور ھيۇگونىڭ ئارمىنىنى قايتا چۈشەنگەندەك بولدۇم. باشقىلار ئۇنىڭدىن «سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ زور ئارزۇيىڭىز نېمە؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر پارىژ شەھىرىنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىسا دەيمەن!» دەپتىكەن. VxAG=E سېنا دەرياسىنىڭ كۆۋرۈكىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتۈپ، ئېففېر تۆمۈر مۇنارى جايلاشقان كەڭرى مەيدانغا يېتىپ باردۇق. تۆمۈر مۇنارنىڭ ئۇچى ئاسمان بىلەن بوي تالاشقاندەك پايانسىز كۆكنىڭ قەھرىگە شۇڭغۇپ چىققانىدى. 320 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ تۆمۈر مۇنار بۈگۈنكى كۈندە پارىژنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنى پارىژنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن كۆرگىلى بولاتتى. wec_=EqK0 مەن قىزىمغا بەرگەن ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى مۇنارنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقماقچى بولدۇم. پۈتۈن كۈن پارىژنى پىيادە ئايلانغانلىقىمىز ئۈچۈن ھېرىپ كەتكەنىدۇق. ئايالىم پەستىكى چىملىقتا دەم ئېلىپ ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان بولدى. گەرچە مۇنار ئۈستىگە لىفىت ئارقىلىق چىققىلى بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۆزىمىزنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن پەلەمپەي ئارقىلىق چىقماقچى بولدۇق. ئېففېر تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ پارىژنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش قىزىمنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ستوكھولمدىكى چېغىدىلا بۇ پىلاننى قەلبىگە پۈككەنىدى. شۇنداق بولغاچقا قىزىمنىڭ مۇنار ئۈستىگە چىقىشتىكى غەيرىتى تولىمۇ يۇقىرى ئىدى. بىز پەلەمپەيدىن بىر - بىرلەپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئاسمان بوشلۇقىغا قاراپ چىقىپ كېتىۋاتاتتۇق. ھايال ئۆتمەي پارىژ شەھىرى ئاستىمىزدا قېپقالدى. قىزىم مېنىڭ ئالدىمدا يۇقىرى ئۆرلىگەچ بۇ مۇنارنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋە قانداق ياسالغانلىقىنى سورىدى. مەنمۇ ئېففېر تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن بىلگەنلىرىمنى قىزىمغا سۆزلەپ بەردىم. مۇنارنىڭ بىرىنچى پەشتىقىغا چىقىپ بىر ئاز ئارام ئالدۇق. قىزىم پەسكە قاراپ ئاپىسىنىڭ قەيەردە ئولتۇرغانلىقىنى ئىلغا قىلدى ھەمدە ماڭا كۆرسەتتى. 5rH?FQ
E − قانداق، قىزىم، مۇشۇ يەردە توختاپ قالامدۇق، ھارغانسىز؟ − مەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن بۇ سوئالنى سورىدىم. cw/E?0MWb − ياق، دادا، ھارمىدىم، مېنىڭ يەنە ئۈستىگە چىققۇم بار، سىز ماڭا ۋەدە بەرگەن، ئۆزىڭىز ھېرىپ قالغان ئوخشايسىز! j@s* hZ^J+ قىزىمنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى كەسكىن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم - دە، مۇنداق دېدىم: z)ndj
1,#) − قېنى، قىزىم، ماڭدۇق ئەمىسە! TZ#^AV=ae ئېففېر تۆمۈر مۇنارى سۈرەتلەردىن قارىماققا ئۇنچىلىك ئېگىز ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەنمۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش ئىدى. 7000 توننا پولات سەرپ قىلىنغان بۇ غايەت زور تۆمۈر مۇنارنىڭ ئىككىنچى پەشتىقىغا پەلەمپەي ئارقىلىق يېتىپ چىقىش ئۈچۈنمۇ ئاز دېگەندە يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى. بىز ئىككىنچى پەشتاققا يېتىپ چىققىنىمىزدا چىلىق - چىلىق تەرلەپ كەتكىنىمىزنى ھېس قىلدۇق. قىزىمنىڭ چىرايىمۇ قىپقىزىل بولۇپ چاچلىرى بىر - بىرىگە يېپىشىپ كەتكەنىدى. ئىككىنچى پەشتاقنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 115 مېتىر بولۇپ، بۇ يەردىن پۈتۈن پارىژ شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولاتتى. $U4[a: قىزىم تولىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ھاياجاندىن چاقناپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. راستىنى دېسەم قىزىملا ئەمەس، بەلكى مەنمۇ ھاياجانلانغانىدىم. پارىژنى يەر يۈزىدە تۇرۇپ سەيلە قىلىش بىلەن ئېففېر تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ تاماشا قىلىش پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل تۇيغۇ ئىدى. بۇ شەھەرنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىدىكى ئاجايىپ نەپىس كۆرۈنۈشلىرىنى يەر يۈزىدە تۇرۇپ ھېس قىلغان كىشى، تۆمۈر مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىققىنىدا پۈتۈن شەھەر گەۋدىسىنىڭ بىر پۈتۈن گارمونىك بىرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەمدە شەھەر لايىھىسىدىكى ماسلىق ۋە گۈزەللىكنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلماي تۇرالمايدۇ. RpwDOG ئېففېر تۆمۈر مۇنارىدىن قايتىپ چۈشتۇق. ئايالىم پەستە بىزنى ساقلاپ ئىچى تىتىلداپ تۇرغانىكەن. ۋارىسجان بىلەن كۆرۈشىدىغان ۋاقىت توشۇپ قالاي دەپ قالغاچقا دەرھال قايتماقچى بولدۇق. دەريا بويىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىگە بېرىپ لوۋېر مۇزېيىغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چۈشتۇق. دېيىشكەن جايغا يېتىپ بارغىنىمىزدا ۋارىسجان فونتان قېشىدا بىزنى ساقلاپ تۇرغانىكەن، بىزنى يىراقتىن كۆرۈپلا ئالدىمىزغا كەلدى. Q%:Z&lgy − قانداق، پارىژ ساياھىتى كۆڭۈللۈكمۇ، يولدىن ئېزىپ قالمىغانسىلەر؟ wlFK#iK − ساياھىتىمىز ياخشى بولدى، بۈگۈن بىر كۈن پىيادە ئايلىنىپ چىقتۇق، − دېدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋېتىپ. =wMq!mBd − ئۇيغۇرىيە قىز، پارىژ ياخشىمىكەن، − دېدى ۋارىسجان پەسكە ئىڭىشىپ، − ھاردىڭىزمۇ؟ +E']&v$ − ھېرىشنى ھاردىم. لېكىن تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى. قاراڭ، دادام بىلەن ئىككىمىز ئېففېر تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق! }yaM.+8. − ۋاھ، راستمۇ؟ − دېدى ۋارىسجان قىزىمدىن يەنە گەپ سوراپ، − مېڭىپ چىقتىڭلارمۇ ياكى لىفىتتە چىقتىڭلارمۇ، ئەڭ تۆپىسىگە چىقالىدىڭىزمۇ؟
\olY)b[ − بىز ئىككىنچى پەشتاققىچە پەلەمپەي بىلەن مېڭىپ چىقتۇق. مېنىڭ ئەسلىدە مۇنارنىڭ ئەڭ تۆپىسىگە چىققۇم بار ئىدى، ئۇ يەردىن ئۈرۈمچى كۆرۈنەمدىكىن دەيمەن، لېكىن دادام بولدى قىلايلى دەپ تۇرۇۋالدى. Sqx'nXgO ھەممىمىز قىزىمنىڭ گېپىدىن كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ۋارىسجان قىزىمغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېدى: B r6tgoA − قاراڭ، ئۇيغۇرىيە قىز، مەنمۇ پارىژدا نەچچە يىل تۇرغىنىم بىلەن ئېففېر تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئەڭ تۆپىسىگە چىقىپ باققىنىم يوق. بۇ قېتىم ئىككىنچى پەشتاققىچە چىقىپسىز، بۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش. ئەمدى كېيىنكى قېتىم پارىژغا كەلگىنىڭىزدە ئەڭ ئۈستىگە چىقىڭ، بولامدۇ؟ بولمىسا كېلەر قېتىم پارىژدا سىز كۆرگۈدەك ئوبدان جاي قالمايدۇ! a@-bw4SD − ماقۇل، شۇنداق قىلاي! b3ys"Vyn ۋارىسجان قىزىمنى يېتىلىۋالدى. بىز بەكمۇ ھېرىپ كەتكەچكە بىرئاز دەم ئالماقچى بولدۇق. ۋارىسجان بىزنى باشلاپ سېنا دەرياسىنىڭ قىنىغا ئېلىپ چۈشتى. دەريا بويىدا بىر توپ ئادەم توپلىشىپ نېگىر ناخشىچىلارنىڭ دۇمباق بىلەن ئورۇنداۋاتقان شوخ ناخشىلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتى. بىزنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەك ئەھۋالىمىز قالمىغان بولۇپ، پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتكەنىدى. شۇڭلاشقا ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ دەريا قىنىدا پۇتلىرىمىزنى پەسكە ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ ئارام ئالدۇق. to?={@$] قۇياشنىڭ ئوتتەك تەپتى يېنىپ غەرب تەرەپكە قىيسايغانىدى. ئالدىمىزدىكى سېنا دەرياسى يېنىك تىن تارتىپ جىمجىت ئاقماقتا. ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن قىلىپ ياسالغان چىرايلىق ساياھەت كېمىلىرى لىق ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ دەريادا ئۈزمەكتە. دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بىنالارنىڭ شولىسى دەريا يۈزىگە چۈشۈپ بىر پۈتۈن گارمونىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغانىدى. لىقشىپ ئېقىۋاتقان سېنا دەرياسى مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمنى يەنە فرانسىيىنىڭ كلاسسىك دەۋرىگە ئېلىپ كەتتى. شۇنداق، بۇ يەردە ئۆز دەۋرىدە بالزاك ماڭغان، ستېندال ماڭغان، ۋىكتور ھيۇگو، ئالېكساندىر ديۇما، ئېمىل زولا ۋە مۇپاسسانلار ماڭغان. سېنا دەرياسىنىڭ يېنىك دولقۇنلىرىدىن ئىجادىيەت ئىلھامى ئالغان. خۇشال مىنۇتلىرى بىلەن ئازابلىق دەقىقىلىرىدە دەريا بىلەن سۆزلىشىپ تەسەللى تاپقان. پارىژنىڭ سەلتەنەتلىك ئوردا - قەلئەلىرى بىلەن ئارقا كوچىلىرىدىكى پاجىئەلىك ھايات كۆرۈنۈشلىرىنى سېنا دەرياسىنىڭ كۆز ياشلىرىغا سىڭدۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسىرلەر بويى ئاجايىپ مەشھۇر شەخسلەرنى، سىياسىي ئەربابلارنى، ئۇلۇغ يازغۇچىلارنى ۋە تالانتلىق سەنئەتكارلارنى تۇغقان ھەمدە ئۇلارغا ئىجادىيەت ئىلھامى ئاتا قىلغان بۇ دەريا يەنە شۇنداق تىپتىنچ ئاقماقتا. ئۇنىڭ سۈكۈتلىرىگە ئۇلۇغۋارلىق، تىنىقلىرىغا شېئىرىي تۇيغۇ، يېنىك دولقۇنلىرىغا سەنئەت روھى يانداشقان ... K1w:JA6( − نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز، دەرياغا قاراپ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ؟
}@~+%_; ۋارىسجاننىڭ ئاۋازى مېنى خىياللىرىمدىن ئويغاتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم - دە، ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىدىم:
^\r{72!y − بۇ دەريا قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئىجادىيەت ئىلھامىنى قوزغىغاندۇ؟ ئۆز دەۋرىدە بالزاك ۋە مۇپاسسانلار بىز تۇرغان مۇشۇ قىرغاقتا تۇرۇپ نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟ مەن مۇشۇ تۇرقىدا ئالفونېس داۋدېتنىڭ »ئاخىرقى دەرس« ناملىق ھېكايىسىنى ئويلاپ قالدىم ... \(}pm#O − ھەي، ئەدەبىياتچى دېگەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ - دە، − دېدى ۋارىسجان كۈلۈپ تۇرۇپ، − مەن سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن، شەخسەن ئۆزۈممۇ پارىژغا دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىمدا خۇددى سىزدەك ھېسسىياتتا بولغانىدىم. ھەممە نەرسىگە قىزىقىش ۋە ھاياجان ئىلكىدە قاراپ يۈرگەنىدىم. لېكىن پارىژنىڭ سۈر - ھەيۋىتى ۋە سەنئەت گۈزەللىكى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئادەمنى يىغلىتىدىغان رەھىمسىز رېئاللىقىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئاستا - ئاستا چۈشىنىپ يەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىراش ھايات رىتىمى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە ئۆگىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى مېنىڭ خىيال سۈرىدىغان بوش ۋاقىتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلدى. ھازىر مەندە ھەننىۋا پارىژلىقلارغا ئوخشاشلا كۆز ئالدىمدىكى شەھەر بوشلۇقىغا نىسبەتەن ئۇزاق مەزگىللىك كۆنۈشتىن شەكىللەنگەن بىر خىل بىپەرۋا كەيپىيات مەۋجۇت. لېكىن شۇنداقتىمۇ فرانسۇزلارغا ئوخشاش رومانتىكىلىقنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتمىدىم. n] t3d كۈن كەچ بولۇپ قالغانىدى. ئۇپۇققا باش قويغان قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى سېنا دەرياسىنىڭ تىنچ يۈزىدە يالتىرىماقتا ئىدى. بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دەريا قىنىنى بويلاپ ماڭدۇق. پۇت - قوللىرىمىز ئارام تېپىپ خېلى ھاردۇقىمىز چىقىپ قالغانىدى. ۋارىسجان سائىتىگە قاراپ: gGx − ھازىر بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا بارايلى. مېنىڭ ياتىقىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار، شۇ يەردە تاماق يېگەندىن كېيىن مەن سىلەرنى ئاپىرىپ قوياي. تاماق يېگەچ ئەتىكى پىلانىمىزنى سۆزلىشىۋالايلى، − دېدى. {Es1bO بىز ۋارىسجاننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ دەريا بويىدىن ئايرىلدۇق، ئاندىن مېتروغا چۈشۈپ پارىژنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان پارىژ خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېتىپ باردۇق. بۇ يەر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چوڭراق بىر رايونى ئىدى. كەچلىك تاماقنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاشخانىسىدىن يېدۇق. ئاشخانا پاكىز ۋە ئازادە بولۇپ، فرانسىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ جانلىق بىر كارتىنىسىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ۋارىسجان بىلەن سۆزلىشىپ ئەتىكى پائالىيىتىمىز توغرۇلۇق كېلىشتۇق. كۈندۈزدە ئۆزىمىز ئايلىنىپ مۇزېي ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆرىدىغان بولدۇق. كەچقۇرۇن ۋارىسجاننىڭ يېقىن دوستى جان دوئال ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بارىدىغان بولدۇق. W
XG0Z 7I*rtc&Kb ئىزاھاتلار: "
t?44[ ① ئەسەت سۇلايمان 1969 - يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور. «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى»، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006 - يىلى نەشر قىلغان «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىنىڭ 24 - بابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. ماۋزۇسى تۈزگۈچىلەر تەرىپىدىن قويۇلدى. 5bd4]1gj Cq3Au%7 مۇھاكىمە ۋە مەشىق: rV2>;FG 1. بىر ئائىلە كىشىلىرى پارىژنى ساياھەت قىلغاندا، بىرىنچى كۈنى قانداق جايلارنى زىيارەت قىلغان؟ بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ قانداق مەقسىتىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ xk3)#* 2. ئەسەردە يېزىلغان ساياھەت نۇقتىلىرى ئاساسەن تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېسابلىنىدۇ. سىز تېكىستنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، بۇ جايلارنىڭ قانداق تارىخىي ۋەقە ۋە تارىخىي شەخسلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېقىڭ. >FJK$>[1:p 3. ساياھەت قىلىشتىكى مۇددىئا سەيلە قىلىش ۋە ھۇزۇرلىنىشلا ھېسابلىنامدۇ؟ eLbh1L 4. مۇبادا سىز بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتكە چىقماقچى بولسىڭىز، بۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ساياھەت مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قايسى جەھەتتە ئەھمىيىتى بار، دەپ قارايسىز؟ Cv/3-&5S 5. بۇ پارچىدا ئاپتورنىڭ پارىژنى ساياھەت قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ قىزى پارىژغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ۋە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەپتىلىك ساياھەت پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. شۇنىڭغا ئاساسەن، سىزمۇ شىنجاڭدىكى ياكى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەلۇم جايغا ساياھەتكە بېرىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىڭىزنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ساياھەت قىلماقچى بولغان جاي ياكى ئورۇننىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەپتىلىك ساياھەت پىلانىڭىزنى تۈزۈپ بېقىڭ. P ?96; F!2VTPm9z ( مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3- كىتاب 59- بەتتىن ئېلىندى. 2012-1-12 ) |
|