查看完整版本: [-- مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى(ھىكايە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى(ھىكايە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2012-01-11 22:32

مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى(ھىكايە)

مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى dYV)lMJ*  
(ھىكايە) >uJrq""+  
نۇر روزى d) o 
بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ – سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كىلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى : ) L{Tn 8  
- تىنىچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟ – دېدى ئۇ ئىگىلىپ تۇرۇپ . oC[wYUDg  
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتوغىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى . P|(J]/  
- خوش ، بۈگۈن نىمە بولدى ؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ ؟ tt[_+e\4  
- مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىنىڭ ‹‹تۆگەدۆڭ›› دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى . [a |fm*B!  
مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ ، چىرايى سەل ئېچىلدى . سىمىز قوللىرى بىلەن شاب بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى . جىزمەتچى ئاللا يوللۇق بەلۋىغىغا قىستۇرۇلۋالغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى . تاماكىنى ئۈگدەپ ، سەيخانىغا تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇنى چوغلاپ مۇدىرغا تۇتتى . ئۆزى بولسا ئاتنى سوۋۇتۇشقا تۇتۇندى . مۇدىر تۇرغان يىرىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇردى – دە ، خىزمەتچىنىڭ ئاتنى سوۋۇتۇشىغا نەزەر سالغاچ ، چىلىمنى خورولدىتىپ چىكىشكە باشلىدى . خىزمەتچى ئاتنى يىتلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، چىلىمنى ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەردى – دە ، تۇيۇقسىز سورىدى : Jb$z(?S  
- تەرتىپ مۇدىرىچۇ ؟ S2s-TpjB<  
- ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتتى . Sd\@Q% }o\  
- ئادەم ئۇقۇشقىلى ؟ نىمە ئىش قىلماقچىكەن ؟ SmLYxH3F  
خىزمەتچىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتتى – دە ، دۇدۇقلاپ جاۋاپ بەردى . {pg@JA  
- بايراقنىڭ تانىسى غالتەكتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ، – دېدى ئۇ ئىڭىكى بىلەن مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى موما ياغاچىنى كۆرسىتىپ ، – مومىغا چىقىپ تانىنى غالتەككە يۆگىيەلەيدىغان ئادەم تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتىگەنلا چىقىپ كەتكەن ئىدى . e@-Mlq)  
- ھە ؟! }t%>_  
مۇدىر بېشىغا كالتەك تەككەندەك چۆچۈپ كەتتى . ئۇ سېرىق تاماكىسىنىڭ تەسىرىدىن سىقىراپ تۇرغان بەدىنىنى ئوڭشاپ ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا قارىغان ئىدى ، مومىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئېسىلىپ تۇرغان گومىنداڭ بايرىقىغا كۆزى چۈشتى . ھەر كۈنلۈكى 20 غۇلاچلىق مومىنىڭ ئۇچىدا ھەيۋەت بىلەن لەپىلدەپ تۇرىدىغان 12 بۈرجەكلىك ، ئاق كۈن نۇرى چۈشۈرۈلگەن ھاۋارەڭ بايراق ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئالا – پاساق ئۈكلىنىپ قورۇلۇپ قالغان تېرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . يۈرىكى بىردىنلا پىژژىدە ئېچىشتى – دە ، يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ ، سېمىز گۆشلىرى لىپ – لىپ تىتىرىدى ، بۇرۇتى لىكىلداپ ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى . ئۇ ، بايراقتىن كۆزىنى ئالمايلا ئارقىسىدا قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتچىسىدىن سورىدى : m_"p$m ;  
- نەچچە كۈن بولدى ؟ -yAnn  
- تۆنۈگۈن شۇنداق بولغان ئىكەن . T6I%FXm}  
مۇدىر خۇددى بىر كىشى چۆرگلىتۋەتكەندەك پىررىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى – دە ، يوتىسىغا بىرنى شاپىلاقلاپ ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتچىمۇ ئاتنى ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى ، ئاندىن مىس چىلىمنى دەرھال چوغلاپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردى ۋە قوللىرى تىتىرگەن ھالدا ئىككى قوللاپ چىلىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى . مۇدىر چىلىمنى قاتتىق – قاتتىق ئىككىنى شورىدى – دە ، ۋارقىرىدى : ~` \9Q  
- ئاتقا مىنىپ تىز ماڭ ! بېرىپ تەرتىپ مۇدىرىنى تېپىپ كەل ! m@Ip^]9ry  
- خوپ . G*(K UG>  
خىزمەتچى چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇيان – بۇيان ماڭغىلى تۇردى . ئارىدىن بىر چاي قاينىغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تەرتىپ مۇدىرى كىرىپ كەلدى – دە ، پۇتلىرىنى جۈپلەپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى . [7gYd+s  
- خوش ، نۇسرەت ئەپەندى . – مەكتەپ مۇدىرى قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى ، – مەن ئۇيۇشمىغا يىغىنغا كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى ؟ h(@R]GUX  
- بىر ھەپتە . S \e& ?Y`  
- ئۇنداق بولسا ، بىر ھەپتىدىن بېرى نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟ 9u,8q:I.?  
- كۆرسەتمىلىرى بويىچە ، بىرىچىدىن ، بەگلىكىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق پىرقە(پارتىيە) ئەزالىرىنى يىغىپ ، جاھاننىڭ دۆڭ – چوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم . ئۇلار ئاڭلىغان بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسنى دوكلات قىلىشتى . ئىككىنچىدىن . 50 ئائىلىگە بىردىن پىرقە ئەزاسىنى نازارەتچىگە قويساق ، يەنە 4 پىرقە ئەزاسى كەملەيدىكەن ، بىز نىشانلىغان ئونبېشىلارغا ئانكىتنى توشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئۇلار قول قۇيۇشنى ئارقىغا سوزۇۋاتىدۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇلارنى تاپالمىدىم ، يەنە 10 ئانكىتقا تېخى ئادەم يوق . A8pj~I/*-  
- خوش ، ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتىگەنگىچە مۇشۇ كەم 4 ئادەمنى قەتئىي تولدۇرۇش كېرەك ! ئەتە مۇشۇ ئىشلارنى تەكشۈرگىلى زۇڭبۇدىن ئادەم كەلمەكچى . ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك تېخى بايراقنىمۇ چىقىرالماپسىلەر ، ئادەم ئۇقۇشتۇقمۇ ؟ قېنى ئۇ ئادەم ؟ {L@+(I  
- ئۇقۇشتۇم ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى . TE^7P0bh  
- قانداق ئادەم ئىكەن ئۇ ؟ 0rD#s{?   
- 13 ياشلىق بىر بالا . Jf7frzw  
- 13 ياشلىق بالا ؟ كىچىك بالا 20 غۇلاچلىق مومىغا قانداق چىقالايدۇ ؟ 38~PWKt  
- چوڭ ئادەم ئەسلا چىقالمايدۇ . موما ياغىچى ئىنىچكە ، يېرىمىغا چىىقىپ بولغىغچە سۇنۇپ كېتىدۇ ،- تەرتىپ مۇدىرى دۇدۇقلىدى ، – نا… ناۋادا چىقالمىسا ، مومىنى ئۆ….ئۆرۈپ ، قايتا تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ . {Oj7  
- قاپاقۋاش ! – مۇدىر شىرەگە داققىدە مۇشتلىدى – دە ، چاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىگىز قولىنى تەرتىپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى ، – ئەتە زۇڭبۇدىن تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدۇ دەۋاتسام ، سىززە يەنە مومىنى ئۆرۈپ قايتا تىكلەيلى دەۋاتىسىز . نىمە دىگەن دۆتلۈك بۇ ؟ سۇپىنى چۇۋۇپ ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغىچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ ؟!تېخى كۆمۈلگەن بېشى سېسىپ كەتكەن بولسىچۇ ؟! سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار ماڭا مەلۇم ! مېنىڭ ئېشىمغا توپا سالماقچى ! ئىناۋىتىمنى تۆكمەكچى ! a2`%gh W3  
تەرتىپ مۇدىرى تىتىرەپ كەتتى ؛ ئۇ ، پىشانىسىدىن چىققان تەر كۆزلىرىگە چىپىلداپ ئېقىپ كىرىپ ئېچىشتۇرۋەتكەن بولسىمۇ ، سۇرۇتۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، كۆزىنى چىمىلدىتاتتى . ]f8L:=c  
- كەچۈرسىلە مۇدىر ، مەن خاتا سۆزلەپ سالدىم . Q&CElx?L  
- ھىم ! خاتا سۆزلەپ سالغانمىش ! سىزنىڭ كاللىڭىزدا شۇنداق ئوي بار ! قالغان گەپنى كىيىن سۆزلىشەيلى ! مومىغا قانداقلا بولمىسۇن بىرسىنى چىقىرىش كىرەك ! زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلۇغ پىرقىمىز بايرىغىنىڭ ھەمىشە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرەر ئادەمنىڭ خۇنىدىن كەچسەكمۇ مەيلى ! yb2}_k.JG  
- ئۇقتۇم . nv0#~UgE#a  
- ئۇ بالا مومىغا چىقالامدىكەن ؟ .@#A|fgv  
- چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ . ئۇ دەرەخكە يامىشىشتا مەھەللە بويىچە داڭ چىقارغان بالا ئىكەن . ئۆزىمۇ ‹‹چىقالايمەن›› دەپ ھۆددە قىلدى . لېكىن ئۇ ھارامزادە بىزگە بىر شەرت قۇيۇۋاتىدۇ ، يالغاندىن ماقۇل بولۇپ ئەكەلدىم . a~PK pw2%  
- شەرت ؟! قانداق شەرتكەن ئۇ ؟ Ag9?C*  
- دادىسىنى قاماقتىن قۇيۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى . -] srp;=i  
- دادىسى كىمكەن ؟ نىمە ئۈچۈن قامىلىپتىكەن ؟ %Ip*Kq-  
- سوپاخۇن باينىڭ ئۆيىدە نىمكار بولۇپ ئىشلەيدىغان بەش تۈگمەنلىك بىر كۆنچى . ئەسىلدە ئۇ ئىلىلىق ئوغىرلارغا قۇشۇلۇپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نەچچە يىل ئۇرۇش قىلغان قىزىل پاچاق ئىكەن . بېتىمدىن كىيىن قولغا چۈشۈپتۇ . kLj$@E`4  
- ھە ، ئۇنىڭ بالىسىغا نىمە دەپ ۋەدە بەردىڭىز ؟ :o46rBs  
- داداڭنى بوشىتىپ بېرىمىز دەپ . CyDV r  
- ئوبدان دەپسىز ، ئىشنى كىچكتۈرمەي تىزراق ھەركەت قىلىڭ ! قاراڭ ! مەن بىر رايوننىڭ پىرقە شۈجىسى ، سىز بولسىڭىز بىر ھەيئەت . ھەر ئىككىمىز ‹‹چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسا سېپى بار›› ئادەملەر ، قېرىشقاندەك بىز تۇرغان مەكتەپتىكى پىرقە بايرىغى چىقىرىلماي مومىنىڭ يېرىمىدا ئەسكى پالازدەك ساڭگىلاپ تۇرسا . بۇنىڭغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟! بۇ بايراق – پىرقىمىزنىڭ جېنى . يەنە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كىرەككى ، بۇ بايراق چىقىرىلماي مۇشۇنداق سالپىيىپ تۇرۇۋەرسە ، كاللىمىزغا سەگەك بولساق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بايراقنى جېنىمىزنى تىكىپ قوغدىشىمىز كېرەك . مەن پىرقىمىزنى قىزىل پاچاقلاردىن قوغدايمەن دەپ تېخى تۆنۈگۈنكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم قەسەميات قىلدىم .  مانا بۇ مىنىڭ قەسىمىمنىڭ گۇۋاسى ، – ئۇ شايى كۆينىكىنىڭ تۈگىمىسىنى يىشىپ ، يۇڭلۇق مەيدىسىنى كۆرسەتتى . تەرتىپ مۇدىرى چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق بىلەن ‹‹X›› بەلگىسى سىزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ قان چىقىپ تۇراتتى . مۇدىر ئالدىرماي ، خۇددى قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك چوڭ قەدەم بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا بىر نەچچە قېتىم ماڭدى ، ئاندىن تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى : >UDd @  
- مۇنداق ئادەمنى يامۇلغا كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بۈگۈنكى مۇشۇ بايراق چىقىرىش يولىدا نەزىر قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ … ئاي – ھاي … ! بۇ پىرقىمىز ئۈچۈن زور ساداقەت … تىلىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ . ,m_WR7!$E  
- خوش ، سىز چىقىپ ، ئۇ بالىنى كىرگۈزۋېتىڭ . ئەھۋالنى داۋۇتبەككە مەلۇم قىلىپ قۇيۇڭ .  !- 
* * * iOAbaPN  
ماتادىن تىكىلگەن كۆينەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالا – يېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ ، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى . EU7|,>a  
- ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كىلىپ ئولتۇر . N IdZ  
بالا ئولتۇرمىدى ، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئۇرۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىەە يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . “ يە ئوغلۇم“ دېدى ئۇ تۇمشۇغىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭ – چوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتىرىپ تاپانلىرىغا قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر ئىچىدە ”مومىغا چىقالايدۇ“ دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ : s\!>"J bAQ  
- ئىسمىڭ نىمە ؟ – دەپ سورىدى . h2y tS^  
- مۆمىن . "&/-N[is  
- داداڭنىڭچۇ ؟ kuyjnSo9i  
- مۇسا . VD_$$Gn*q  
- ئۆزەڭ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟ lXcx@#~  
- سوپاخۇن باينىڭ ئۇي – كالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن . *G* k6.9W!  
- نەچچە كالا باقىسەن ؟ ^fZ&QK  
- يىگىرمە . dKdj`wB  
- يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا باقتۇرامدۇ !تۈزۈكرەك كىيىم – كىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارىڭ جاجىسىنى بېرىش كېرەك ! >0"+4<72  
ئۇ كارۋاتنىڭ تىگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى : Hy^N!rBxfO  
- مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن . uD^cxD  
بالا كەشكە كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدى – دە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى : J:Q a5MTWp  
- بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بىرەمسىلەر ؟ RJd(~1  
- قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتا – بالا ئىككىڭلار يەنە بىللە بولىسىلەر . {GQ^fu;q  
- راستما ؟ ,%M$0poKM  
- راست بولمايدۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ، – مۇدىرنىڭ كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى . )v.=jup[  
- ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە . -w"VK|SGm  
- مۇنداق دىگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر . .oe X"6K  
مۇدىر قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى : T7hcnF$  
”تىلخەت J^Wa8Q;9lX  
مەنكى بەشتۈگمەن كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇل توغىرىسىدا ھۆججەت بىرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىغىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچىرسام پىرقە ئۈچۈن شىھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا ھىچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر . #ML%ij 1  
تىلخەت بەرگۈچى : مۆمىن مۇسا . !ug8SAOaz/  
شاھىتلار : {tYZt4!{^  
مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا . $QLcH;+7t  
تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەت ئەخمىدى . ,9zjFI  
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 37 – يىلى 9 – ئاي .“ f!Y?S  
مۇدىر تىلخەتنى مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى . Hq:X{)"  
- خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە . gY/"cq  
- خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقۇرقى خەتنى مۇنداق ‹‹ئوقۇش›› قا باشلىدى : % Nlt H/I  
”تىلخەت t5\-v_mG=&  
مەنكى مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇل توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ يىللىقچىسى مۆمىن دىگەن بالا مەكتەپ بايرىغىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق . 89pEfl j2  
تىلخەت بەرگۈچى : ئوسمان ئەسھەدۇللا.“ YxYH2*q@  
- قانداق بوپتۇمۇ ؟ – سورىدى مۇدىر . kbX8$xTM  
ساددا مۆمىننىڭ چىرايىغا شاتلىق كۈلكىسى يامرىدى . hZ?Rof  
- بوپتۇ ، – دېدى ئۇ خوشاللىقىنى باسالماي . W9 GxXPA  
- بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى . b|l:fT?&  
مۇدىر سۇرۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق ئەگرى – بۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىمىر – چىمىر بولۇپ ، بۇ ‹‹ئىلمەك – توقىناق›› سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندى – دە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خوشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىك پەلەمپەيلەردىن سەكرەپ – سەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى : w1Nm&}V  
- قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە . >K_(J/&p  
- ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن ، دادڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ، – مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى ، – تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن ! Qf~vZtJ+J  
خىزمەتچى يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتى . بالا خاتىرجەم بولدى – دە ، مومىغا قارىدى . كۆك سىرلانغان 20 غۇلاچلىق بۇ موما ئىككى يەردىن ئۇلاقلىق بولۇپ ، ھەر بىر ئۇلىغى ئۈچتىن چەمبەر بىلەن مەھكەملەنگەن ئېدى . ئۇ ، مومىغا بىردەم كۆز تىكىپ تۇردى – دە ، شىپپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىنى سۇپىنىڭ پىششىق خىشلىرىغا سۈركىدى . ئاندىن بېشىنى كۆتىرىپ مۇدىردىن يەنە سورىدى : I:R[;TB?y  
- دادام نىمىشقا كەلمەيدۇ ؟ RuL i,'u  
- سەن چىقىۋەر ، داداڭ ھازىرلا كېلىدۇ . G,&<<2{(f;  
موما مۆمىننىڭ قۇچىقىغا پاتمىدى . لېكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ مومىنى پۇتلىرى بىلەن يۆگەپ چىرماق سېلىپ قوللىرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ ، مومىنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ يالمانتاقتەك يامىشىشقا باشلىدى . ھايت – ھۇيت دىگۈچە ، يەتتە غۇلاچىلىق تۆۋەنكى ئۇلاقىنىڭ چەمبىرىگە چىقىۋالدى . مۇدىر تۆۋەندە تۇرۇپ ۋارقىرىدى : RD!&LFz/}  
- يىگىت ! غەيرەت قىل ! ئاز قالدى ! qzYwt]GNS  
مۆمىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتىكى چەمبەرگە دەسسەپ بىر پەس دېمىنى ئېلىۋالدى – دە ، يەنە يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى . K^ vIUZ>  
ئىككىنچى ئۇلاققا يەنە ئىككى غۇلاچلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پۇت – قوللىرى سىقىراپ كەتتى . ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ تىنالماي قالدى . ئاران دېگەندە ئىككىنچى ئۇلارقنىڭ تۆۋەنكى چەمبىرىگە چىقىۋالدى – دە ، مومىغا مەھكەم چاپلاشتى . ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى . دادىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاغزىلىرىنى كاككۇكتەك ئېچىشىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان كىشلەرنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ پۇرقۇرىتىپ چىلىم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى : 66g9l9wm(  
- مۇدىر ، دادام تېخىچە كەلمەپتىغۇ ؟ QmQ=q7  
- كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ، غەيرەت قىل ، يىگىت ! دادىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان ئوغۇلنى ئوغۇل دەپ نىمە قىلىدۇ ؟ مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساڭلا ، داداڭنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ … EEEh~6?-e  
”مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساملا دادامنى قۇتۇلدۇرالايمەن “ دىگەن خىيال ئۇنىڭغا يېڭى كۈچ بېغىشلىغاندەك بولدى . a1g,@0s  
ئۇ يەنە مومىغا يامىشىشقا باشلىدى . يۇقىرلىغانسىرى موما ئىنچىكىلەپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا بىمالال پاتقۇدەك بولدى . لىكىن ئىغاڭلىشى كۈچىيىپ ، تېخىمۇ سىيلىقلاشتى ، شۇنچە كۈچىسىمۇ چىرماقلىرى تۇتماي ، بىر نەچچە قېتىم تۆۋەنگ سېرىلىپ كېتىشكە قىل قالدى . ئۇ ھاسىراپ دېمى تۇتۇلۇپ قالغاندا ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ئىڭىكىنى مومىغا چىڭ تىرەپ ، بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سەل توختايتتى – دە ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالاتتى . مۇشۇ مومىدەك ئىگىز بولغان قاپاق تىرەكلەرگە چىقىپ ، قاغا چاڭگىلىرىنى چۇۋۇشلىرى ، ئانىلىرى قاناتلىرى بىلەن شاپىلاقلاپ تۇرسىمۇ قورقماي كۆكۈنەك باللىرىنى ئېلىپ چۈشۈشلىرى … غىل – پاللا قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتتى . تىرەكلەرگە چىقىش بۇ مومىغا چىقىشقا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . بۇ موما ئىگىز ۋە بەك سىيلىق ئىدى … HSw;^E)1  
ئۇ تەر كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . ”مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . “ دادا!…دادا!…“ ئۇ ھەر قېتىم ”دادا“ دىگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرۋاتقاندەك بىلىنەتتى – دە ، كۈچلىنىپ قالغاندەك يەنە بىر قېتىم يۇقۇرىغا ئۆرلەيتتى . ئۇ يۇقۇرىغا ئۆرلىگەنسىرى موما خۇددى قارا بوران سوققان زىلۋا سۇۋادان تىرەكتەك ئىغاڭلايتتى . تۆۋەندىن مۇدىرنىڭ ”غەيرەت قىل ! تىز بول ! ئاز قالدى ! داداڭنى قۇتقۇز !“ دەپ ۋارقىراشلىرىنى ، جامائەتنىڭ “ ئۆزەڭگە پەخگس بول ! سىلكىنمە ! يېنىپ چۈش !“ دېگەن چۇقانلىرى بېسىپ چۈشتى . مۆمىن يەنە ھاسىراپ – ھۆمىدەپ يۇقۇرىغا ئۆرلىدى . ئەنە ! يەنە 3 غۇلاچ … 2 غۇلاچ … بىر غۇلاچ … موما ئىغاڭلايتتى … سۇنۇپ كەتسە مۆمىننىڭ ئىشى تۈگەيدۇ … ZFA`s qT  
مانا ، ئۇنىڭ قولى موما تۆشۈكىدىن ئىككى تەرەپكە بىر غېرىچ چىقىپ تۇرغان غالتەكنىڭ چۈلۈكىگە تەگدى – دە ، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ ، ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى . سول قولى بىلەن تانىنى تارتىپ پۇتىغا ئۈزەڭگە قىلىپ دەسسەپ سەل دېمىنى ئالدى . ئۇ ، غالتەككە قارىدى تانا غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىدىن چىقىپ كېتىپ ، چۈلۈككە يۆگىشىپ قالغان ئىكەن . ئۇ ، بىر قولى بىلەن تانىنى سىلكىپ تارتىپ ، غالتەكنى ئارقىسىغا ياندۇردى . موما ھەدەپ لەپپەڭشىپ ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ تانىنى غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىغا سالدى . شۇ ئاندىلا ئۇ ئەتراپقا قارىدى : ۋاي – ۋۇي ! نىمە دىگەن ئىگىز ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولدىكەن . ئەنە ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ ، جاھان ئەجەپ كەڭرى ئىكەن . شۇنچە كەڭ جاھان بىزگە نىمانچە تار ! ھەي ! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىگى ! شۇنداق ئاقكۆڭۈل دادامنى ”قوي ئوغىرسى“ قىلىپ سولىتىپ قويدى تېخى ! ياق ! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك . دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ! ئۇ تۆۋەنگە قاراپ توۋلىدى : ,[N%Q#  
- مۇدىر ، بايراقنى چىقارسىلا ! g!|=%(G=  
مۇدىر تانىنىڭ بىر قېتىنى تارتتى . بايراق كۆتىرىلدى . ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى – دە ، تانىنى سىيرىپ تارتىشقا باشلىدى . . بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى – دە ، بايراقنىڭ كالتىگى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى . مۇدىر خوشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى : *Hg>[@dP0  
- بىزنىڭ بايراق يەنە مومىنىڭ ئۇچىدا لەپىلدىدى ! ھەي بالا ، سەل تەخىر قىلغىن ! يەنە بىر سىناپ باقاي ! zZ:>do\2  
دەل شۇ چاغدا ، ئۈچ ئادەم پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ، يۈز – كۆزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ، ئۇرۇق ۋىجىككىنە ، كەكە ساقال بىر بوۋاينى ئالدىغا سېلىپ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى . بوۋاي توپلىنىپ تۇرغان جامائەتكە ئىڭشىپ سالام قىلدى – دە ، يوغان كۆزلىرىنى نەشتەردەك تىكىپ مۇدىرغا قادالدى . مۇدىر بىر قەدەم داجىدى . كىشلەر مومىنىڭ ئۇچىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى ، بوۋايمۇ بېشىنى كۆتىرىپ مومىنىڭ ئۇچىدا تۇرغان ئوغلىنى كۆردى – دە ، چۆچۈپ كېتىپ ۋارقىردى : C/_ZUF(V  
- مۆمىنجان ! نىمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ ؟ #9= Vg  
- مۆمىن داداىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدى – دە ، خوشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى . [Hx0`Nc K  
- دادا ! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم . 3 D6RLu  
بوۋاي ئەھۋالنى تېزلا چۈشەندى . ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى – دە ، قاتتىق ۋارقىردى : B[qzUD*P_n  
- توختا ! چۈشمە دەيمەن ! dLH(D: `  
مۆمىن بۇ چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدى – دە ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى . دادىسى يەنە ۋارقىرىدى : 2v:]tj  
- ئوغلۇم ! ئاناڭنى ئۆلتۈرۈشكەندە ، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ ، ئۇنى نىمە دەپ ئۇرغان ؟! 5b5x!do  
- قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر ، دەپ ! 6 o^,@~:R  
- قانداق ئۆلتۈرگەن ؟ K ~uXO  
- ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن . vjLJi nJ/  
- ئاناڭنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئېدى ؟ ,y1PbA0m  
بالا بېشى بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى : (DJ"WG  
- ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى . V4hiGO[  
- بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى ؟ f W!a|?e$  
- مۇشۇنىڭغا ئوخشاش . dW)B1iUo!  
- بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ ؟ z-BXd  
- ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى . +j#+8Ze  
- ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن ، قۇربان بولغان شېھىتلارنىڭ روھىغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن ؟ dFRsm0T  
بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى . 4Fa~Aog  
بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقۇرىغا ياماشتى – دە ، ھايت – ھۇيت دىگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى . مۇدىر ۋارقىرى : y.anl  
- يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت ! {^ qcx8  
لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى … ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى : \O}E7 -  
- دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول …!- ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭشىتتىكى ، موما ئىغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غىرىسلاپ كەتتى . تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار ئىچىدە ئالا-چوقان كۆتىرىلدى . مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ، غەزەپ بىلەن تاپانچىسىنى چىقاردى – دە ، بالىغا قارىتىپ ئارقا – ئارقىدىن ئوق ئۈزدى . دەل شۇ چاغدا ، مۇسا بوۋاي ئۇنىڭغا قاتتىق كاللا قۇيۇپ ، تاپانچىسىنى چۈشۈرۋەتتى – دە ، ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ سىلكىدى . مۇدىر جان ئاچچىقىدا ”ۋايجان!“ دەپ چوشقىدەك چىقىراپ كەتتى . يالاقچىلار مۇسانى سىلكىشلەپ ، مۇدىرنى قۇتقۇزۋالدى . مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ ، مۇساغا ئالايماقچى بولۇۋېدى ، بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇدىرنىڭ بىر چىشلەم گۆشى يەرگە شالاققىدە چۈشتى . مۇدىرنىڭ ئۈزۈلگەن بويۇن تومۇرلىرىدىن قاپقارا قان جىغاپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇ لىغىلداپ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەردىكى تاپانچىسىنى ئالدى – دە ، تۆت ئادەم يەرگە بېسىپ تۇرغان بوۋايغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئۈزدى …دەل شۇ چاغدا ، قاراس – قۇرۇس قىلىپ موما سۇندى – دە ، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ بايراق بىلەن گۈرسۈلدەپ يەرگە چۈشتى . چۈشتى – يۇ ، بېشىنى لىككىدە كۆتىرىپ يەنە يەرگە قويدى … ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى .  بىر-بىرىگە سىغداپ يىقىلغان ئاتا بالىدىن بۇلدۇقلاپ ئاققان قان ئۆز- ئارا قۇشۇلدى . بۇ چاغدا غەرپكە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياش نۇرى شۇ قاندىن رەڭ ئالغاندەك ئاسماننىڭ غەربى ئېتىگىنى قىپقىزىلىققا پۈركىگەن ئېدى ….
J{'>uD.@  
bmJ5MF]_fG  
مەنبە:باغداش مۇنبىرى :a^t3s  
دەرسلىكىمىزدە بار تېكسىت بولغاچقا،دەرس بايلىقى مۇنبىرىمىزدە توپلانسۇن دەپ يۆتكەپ قويدۇم.

ئۇيغۇرجان 2012-01-15 16:22
نىمىشقىكى تۆۋەندىكى دىيالۇگ پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ.  7kM4Ei  
- ئىسمىڭ نىمە ؟ – دەپ سورىدى . GWh|FEqUbf  
- مۆمىن . o_3*;}k8  
- داداڭنىڭچۇ ؟ kraVL%72  
- مۇسا . l}+Cdy9>  
- ئۆزەڭ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟ Ir>2sTrm  
- سوپاخۇن باينىڭ ئۇي – كالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن . PgTDjEo  
- نەچچە كالا باقىسەن ؟ oB3q AP  
- يىگىرمە . rF' 
- يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا باقتۇرامدۇ

2012mihrigul 2012-03-31 12:46
  بۇ ئەسەر ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.

tawpek 2012-04-01 04:03
2012-يىلنىڭ مىھرىگۈلى تىمىنىڭ ماۋزۇسىنىمۇ ئوقوماي ئىنكاس يىزىپ كىتىپتۇ دىسە.

tawpek 2012-09-04 21:13
كىلەر ھەپتە ئۆتىمەن، تەييارلىقىنى قىلىۋالدىم، ئاۋازلىق بوپ كەتمىدى يا بۇ تىكىسىتمۇ.


查看完整版本: [-- مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى(ھىكايە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled