查看完整版本: [-- تەكراردا قايسى ماتىريالنى ئىشلىتىۋاتسىز؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> تەكراردا قايسى ماتىريالنى ئىشلىتىۋاتسىز؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ozqan 2012-01-11 12:25

تەكراردا قايسى ماتىريالنى ئىشلىتىۋاتسىز؟

    تولۇق 3-يىللىقتىكىلەر ئالىي مەكتەپ تەكرارى جەريانىدا ئىشلىتىدىغان تەقلىدىي ئىمتىھان سوئاللىرى توپلىمىنى تاللاشمۇ ، تەكرارنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسىكەن . ھەممىلا ماتىريالنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلىتىپ بولغىلى بولمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر سوئاللار توپلىمىنى ئېلىپ بولۇپ ، ئۇنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان ئېلىپ كېلىدۇ . ,_lwT}*w  
     قانداق ماتىريال ياخشى ماتىريال بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ ؟ "iZ-AG!C  
مېنىڭچە ، سوئاللار  شەكلى ۋە مەزمۇنى جەھەتتىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان سوئالىغا ئەڭ زور دەرىجىدە يېقىنلاشقان ،  خاتالىقلاردىن ئامالنىڭ بېرىچە ساقلانغان ياكى خاتالىق بىر نۇسخا سوئالدا 2-3تىن ئېشىپ كەتمىـگەن ، سوئاللاردا ئىجادىيلىق ، كۆپخىللىق بولغان ، قىيىنلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق تەڭشەلگەن ، ئەمما قىيىنلىققا يېتىشنى مۇجىمەللىك ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قويمىغان ،  ئوقۇپ -چۈشىنىش سوئالى ۋە ماقالە ئۈچۈن بېرىلگەن ماتىرياللار يېڭىچە بولغان ، سوئاللارنىڭ قاپلىنىش دارئىرسى مۇۋاپىق ، ھەر بىر نۇسخا سوئال ئارقىلىق دەرسلىك كىتابلاردىكى مۇھىم  ۋە قىيىن نۇقتىلار بىرەر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن ، دەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىزاھاتىدا كۆرسىتىلگەن دائىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساسەن نەزەرگە ئېلىنىپ سوئال ئىشلەنگەن ، دەرسلىك ئىچى ، سىرتىدىكى مەزمۇنلار ئىمتاھان سوئاللىرىدا مۇۋاپىق كىرىشتۈرۈلگەن ، $uLzC]  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرارىغا بەلگىلىك يۆلىنىش ۋە نىشان كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ، ئوقۇغۇچىلار سەل قاراپ قالىدىغان بەزى ئىنچىكە نۇقتىلارغىمۇ ئېتىبار بىلەن قارالغان سوئال قىسقىسى ، ئالىي مەكتەپ ئىتىھانىدا ئۆتۈلۈپ بولغان ۋە ياكى بىرەر قۇر تەكرار قىلىنىپ بولغان مەزمۇنلارنى قايتا پىششىقلاشتا كۆۋرۈكلۈك ، ۋاستىلىق رولىنى ياخشى ئۆتىيەلەيدىغان سوئاللار توپلىمى ياخشى توپلام ، ياخشى ماتىريال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . @e0 Q+t  
      بىزدە ھازىر بىر قىسىم تىرىشچان ، ئىزدىنىشچان ، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى نەتىجە ئېلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئويناشقا سەرپ قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىشلىگەن ماتىرياللار بار . 'FUPv61()  
       ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز ئىشلىتىۋاتقان ماتىرياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى  ئېيتىپ باقساق ، يەنە بىر يۈرۈش ماتىريالنى قانداق تاللاش مەسىلىسدە قىينالماسمىزمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بۇ تېمىنى يوللىدىم . Dk"M8_-_  
      بىز ھازىر كۈرەش بارات ئۆزباش تۈزگەن  ، ئەركىن ئىباريىم تۈزدۈرۈپ تارقاتقان  « ئۆگەن »نامىدىكى 20نۇسخا سوئالدىن تەركىب تاپقان سوئاللار توپلىمىنى ئىشلىتىۋاتىمىز ، سوئاللار توپلىمىنىڭ ئەڭ بېشىغا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەنكەن : *r% mqAx(  
قىسقىچە نەزىريەۋىي مەزمۇنلار ، مۇھىم تېكستلەرنىڭ ئۇچۇر نۇقتىلىرى،ماقال-تەمسىللەر ، مارجان سۆزلەر ، ئىبرەتلىك پارچىلار ، ئۈلگىلىك ماقالىلەر ، ماقالە يېزىقچىلىقىدا پايدىلىنىدىغان تەۋسىيەلىك تېمىلار ، ئاتالغۇلارغا ئىزاھات .  ytC{E_  
      بۇ مەزمۇنلارنى ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن    ئاتىكەم ئەھەت ئىشلىگەنىكەن .                      
*HXq`B  
      20نۇسخا سوئالنى كۈرەش بارات ئشىلىگەن بولۇپ بۇ سوئاللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق ، خاتالىق كۆپ بولمىغان سوئال بولۇپ ، بىز بۇ سوئالنى ئشلىتىپ خېلى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتىمىز . \S@A /t6pa  
      يەنە بىر نۇسخا سوئال توپلىمىنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك ، تورداشلارنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن . OLR1/t`V  

koksangun 2012-01-11 14:21
ئۆزقاننىڭ تەكرار ئۈچۈن تەقلىدىي سۇئاللارنى ھاۋالە قىلغىنىدىن تولىمۇ خۇرسەند بولدۇم ، بىزنىڭمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەقلىدىي سۇئاللارنى ئىشلىتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى ، شۇڭا بۇ ئۇچۇر ماڭا بەكمۇ قىممەتلىك تۇيۇلدى ، بىز ھەر يىلى تەكراردا پايدىلىنىۋاتقان سۇئاللىر توپلاملىرىدا ئۇ بۇ مەسىلىلەر دائىم ئۇچراپ ، بىزنى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۇڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ تۇرغان ، شۇڭا بىز تەبىئىي ھالدا بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان تەقلىدىي سۇئالغا بولغان ئېھتىياجىمىز ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ . قايسى كىتاب شىركىتىنىڭ سۇئاللىرى ياخشى بولمىسا ، ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىنى قايتا زاكاس قىلماي ياخشىلىرىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش ماھىيەتتە ئوقۇغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلغانلىق ، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇرغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارغا شۇنى تەكلىپ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ ، شىركەتلەرنىڭ ئىلانى ، پەۋقۇلئادە  ياخشى مۇئامىلىسىگە ۋە باشقا قىزىقتۇرغۇچ خاراكتېرىدىكى نەرىسىلىرىنىلا كۆرمەي سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشىنى ، بۇ سۇئاللارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلالايدىغان تەرىپىگە كۆپ كۆز يۈگۈرۈتۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .چۈنكى بىز يېتەكلەۋاتقان بالىلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرىدۇر ... ')-(N um  
ئۆزقان تەۋسىيە قىلغان كۈرەش بارات ئۆزباش تۈزگەن  ،  ئەركىن ئىبرايىم تۈزدۈرۈپ تارقاتقان  « ئۆگەن » نامىدىكى 20 نۇسخا سوئالدىن تەركىب تاپقان سوئاللار توپلىمى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق تۈزۈلگەم ماتېرىيال ئىكەن . مەنمۇ تەۋسىيە قىلىشنى ئويلىشىپ تۇرغان ئىدىم . ئۆزقانغا كۆپ رەھمەت !!!

alga~nap 2012-01-11 18:48
مەنمۇ ئۆگەننى ئالدۇرغان ئىدىم. بىراق نەچچە يىل دەرس ئۆتۈپ بۇ يىلقىدىكىدەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاقشىغىنىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم. بولۇپمۇ خىمىيە، فىزىكا ، جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەردكى ئوقۇتقۇچىلار بەك قاقشايدۇ. خاتالىق كۆپ ئىكەن. ئەدەبىيات سۇئاللىرىدىمۇ دەل شۇنداق .خۇددىي خاتا جاۋاپنى مەجبۇرى ياساپ چىقىرىپ قويغاندەكلا سۇئاللاركۈلكىلىك . بەلكىم ئىشلىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار كۆرگەن بولۇشى مومكىن. ئەمدى سىز دېگەن ماۋۇ يانداشما سۇئاللىرى قانداق ئىشلەندى بىلمىدىم.

mardana 2012-01-11 21:20
مەنمۇ  شۇ ماتىرىيالنى  ئۆز سىنىپىمغا ئەكەلدۈرگەن بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار بۇ ماتىرىيالدا خاتالىق بىرقەدەر كۆپ ئىكەن  دەپ ياراتمايۋاتىدۇ . مەن تېخى تەپسىلىي كۆرۇپ بولالمىدىم .مېنىڭچە قۇرۇلمىسى خېلى بولىدىكەن ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ بولۇپ راست گەپنى چوقۇم يوللايمەن.  ئۆزقانغا رەھمەت

ozqan 2012-01-11 22:18
مېنىڭچە ، ماتىريال ئىشلىگەنلەرنىڭ ئەجرىڭگە ھۆرمەت قىلايلى .  بىزگە ھېچقانداق خاتالىقى يوق ماتىريال ئاسماندىن چۈشمەيدۇ ، مەيلى قايسى ماتىريال بولسۇن ، ئاز-تولا خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ ، ئادەم قىلغان ئىش ئەمەسمۇ ؟  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ مەسىلە سادىر بولۇۋاتمامدۇ ؟  ئارىمىزدا ماتىريال ئىشلىيەلىگۈدەك ئادەملەر ساناقلىقلا ...ئۇلارمۇ ياخشى بولسۇن دېمەي قالمايدۇ ، ئۇلارمۇ ئىلھام ۋە رىغبەت بىلەن پىشىپ يېتىلىدۇ . {/xs9.8:JX  
  مېنىڭ بۇ تېمىنى يوللىشىمدىكى مەقسەت ھەرگىز  ، ئۆزۈم ئىشلەپ بولالماي تۇرۇپ ، ئىشلىگەنلەرگە ئۇنداق-يا مۇنداق تەتۈر جامائەت پىكرى توپلاش ئەمەس ،  خىلمۇ-خىل ماتىرياللارنى  مۇنبەرگە يوللاپ ، بىر-بىرىمىزنى  ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسەك دېگەن مەقسىدىم بار ...  بىز يەنە بىر يۈرۈش ماتىريال تاللىماقچى ، قايسى بولاركىن دېمەكچى .. xM //]  
       «ئۆگەن»نىڭ ماتىريالىنى ئالغانلار مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ كەتسەك بولىدۇغۇ ؟ ياكى ھەر بىر نۇسخا سوئالدا دۇچ كەلگەن مەسىلە بار دەپ قارىغان جايلارنى ئۆزئار ئورتاقلاشساق ، ماتىريالنى پەقەت ئاساسىي بىلىم -چۈشەنچىلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈشتىكى بىر ۋاستە دەپ بىلسەكلا ، مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز . . .

ozqan 2012-01-12 12:49
«ئۆگەن »نامىدىكى تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالىنىڭ  بىرىنچى يۈرۈشىدە  تاللاشنىڭ   4  -سىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئشىلىدۇق (4-سىدە توغرا جاۋاب يوق ، ئۆلچەملىك جاۋابتا س   جاۋاب توغرا دېيىلگەن . ئەمما ، س  جاۋابتىكى جۈملىدە ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بوللايدىغان سۆزدىن بىرى بار ، دېگەن جايى خاتا ، بۇنداق سۆزدىن ئۈچى بار ، يەنى ، جۈملىدىكى بىز (ئىگە ) تولىمۇ (ھالەت ) ، خۇشتارمىز (خەۋەر ) . mhLRi\[c )  
ئىككىنچى يۈرۈشىدە تاللاشنىڭ 4-سى باسمىدىكى خاتالىق سەۋەبىدىن مەسىلە سادىر بولغانكەن . 5-سىدە ئۆلچەمىلىك جاۋابتا خاتا جاۋاب س  دېيىلگەن  ، ئەمما ، ئا جاۋابتىكى جۈملە تۈرى ۋە باغلىغۇچىنىڭ تۈرىدىمۇ  مەسىلە باركەن (جۈملە تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە ئەمەس ، بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىكەن ، باغلىغۇچى ئايرىغۇچى باغلىغۇچى ئەمەس ، كۈچەيتكۈچى باغلىغۇچىكەن )  .  ئىككىنچى يۈرۈش سوئالدىكى 7-تاللاش سوئالى بەكلا ياخشى لايىھەلىنىپتۇ . بىر تاللاش ئارقىلىق يىگىرمە نەچچە خىل مەسىلىنى سىنىغىلى بولىدىكەن ، بۇ سوئالنىڭ ئىشلىنىشىگە قاراپ سوئال ئىشلىگۈچىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم . 15-16-17-سوئاللار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىدىكى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سوئال شەكلى بىلەن زور دەرىجىدە يېقىنلاشقان سوئالكەن ، 19-سوئال ناھايىتى ئىجادىي لايىھەلىنىپتۇ .  
  ئىشلەۋاتقانلار بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ .

tawpek 2012-01-12 13:57
بىزنىڭ تولوقسىزدا ئىچكىرى تولوققا ئىمتاھان بىرىدىغانلارغا تەكرار بار، باشقا ئوقوش پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىغا قاتنىشىدىغانلارغا قارىتا ئەتە ئىمتاھان دىگۈچە نۆۋەتتىكى دەرىسلىك كىتاپنى ئۆتىدۇ. V}|v!h[O8  
ئەتىسى بولسا 6 قىسىم كىتاپتىن ئىمتاھانغا قاتنىشىدۇ. چۈنكى ئوقوغۇچىلارنىڭ قولىدا شۇ بىر قىسىم كىتاپتىن باشقا كىتاپ قالمايدۇ. Az< 9hk  
$'knK<  
يۇقىرنىڭ بەزىر كىتاپلارنى تەكرار ئىشلىتىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ماۋسۇم ئاخىردا ئىمتاھان تۈگىگەن ھامان دەرىسلىك كىتاپنىڭ ھەممىنى يىغىۋالىدۇ. 4 پەننىڭكىنى يىغىڭلار دىگەن ئۇختۇرۇش ھەممىنى دىگەنگە ئۆزگىرىپ <<مەكتەپلەر>> قەغەز سىتىپ باي بولىۋاتىدۇ.

alga~nap 2012-01-14 13:00
سىز دىگەن ئۆگەننىڭ شۇ 20 يۇرۇش سۇئالىنى بىر كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى. بىراق مەندە يوق .ئامال بولسا ماڭا تىل ئەدەبىياتنىڭكىدىن بىرەرنى ئەۋەتىپ بىرىشكە بولارمۇ؟

natiwan 2012-01-14 18:45
مەن ئالدىنقى يىلى ئالتۇن ئاچقۇچنى ئىشلەتكەن ئىدىم،  ئۇنۇمى خېلى يامان ئەمەس بولغان . بولسا يېڭى ۋە ياخشى تۇزۇلگەن ماتېرىياللارنى تەۋپىقتا تەشۋىق قىلساق بىرسىمىزدىن بىرسىمىز ئاڭلاپ ئوقۇغۇچىلارغا پايدا ئېلىپ كەلگەن بولاتتۇق.

anayurt905 2012-01-14 22:25
ياخشىمۇسىز ئۆزقان. بىزمۇ ئۆگەننىڭ 20يۈرۈش سۇئالىنى زاكاس قىلغان. باشقا ماتىرياللارغا قارىغاندا خاتالىق ئاز ئىكەن. E5</h"1  
بۇ سۇئاللارنى 1-چىسلادىن باشلاپ تەكرار قىلىمىزمىكىن.

anayurt905 2012-01-14 22:29
تەبىي پەندىكىسى تەرجىمىدىكى خاتالىق، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئەسلى نۇسخىسىدىن بىرنى تەڭ زاكاس قىلىپ سېلىشتۇرۇپ كۆرىۋاتىدۇ.

istami 2012-01-15 11:56
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەكرار قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇن پايدىلىق ،مۇھىم ئۇچۇركەن.يوللىغۇچىغا كۆپ رەخمەت!

ئۇيغۇرجان 2012-01-15 16:20
مەمۇ ئۇگەن سۇئاللىرىنى تەكرار قىلدۇۋاتاتتىم،سۇئاللارنىڭ خاتالىقى بەك كۆپ ئەڭ يەخشىسى ئۆزۇم ماتىريال تەرجىمە قىلىپ تەكرار قىلدۇرغىنىم ياخشىدەك قىلىدۇ.

ozqan 2012-01-15 17:55
ئۆزۈم ماتىريال تەرجىمە قىلىپ تەكرار قىلغىنىم ياخشىراق ، دېگىنىڭىزدىن قارىغاندا  ، تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئەمەس باشقا پەننىڭ ماتىريالىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقان  ئوخشىمامسىز ؟ ئۆگەننىڭ تىل-ئەدەبىيات تەقلدىي ئىمتىھان سوئالىرى خېلى ياخشى تۈزۈلگەن ...

koksangun 2012-01-15 19:24
ئۇيغۇرجان  ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىغۇ دەيمەن؟!

galwang 2012-01-16 13:06
ھازىرغىچە بازارغا سېلىنغان تەكرار  ھەم تەقلىدى ئىمتىھان سوئاللىرى زادى قانچە خىل ؟ كىملەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ؟ قايسى نەشىرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ؟ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىدىغانلار بارمىدۇ؟

anayurt905 2012-01-16 18:42
ئۆگەننىڭ 3-يۈرۈش سۇئالى تاللاشنىڭ 1-دىكى د جاۋابمۇ توغرىكەن. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىس ھادىسىسى كۆرۈلگەن سۆزدىن بىرىمۇ يوق.(قورقۇنچلۇق، ئويلنماسلىق، ئويلىنىپلا، ئۆگەنمەسلىك قاتارلىق سكزلەرنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى بولمىغاندىكىن ماسلىشىش يوق)     قورقۇنچلۇق تىل كەينى لەۋلەشكەن بويىچە ماسلشقان.

tawpek 2012-01-16 22:02
ئۇيغۇرجان تولوقسىز ماتىماتىكىنىڭ. #Cpd9|  
Q> 
ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك بىر تىما بوپتۇ بۇ.

ozqut 2012-01-19 17:40
ئېلانمۇ بۇ ئۆزقان مۇئەللىمە....  

kokbilyartay 2012-01-19 23:10
ئۆزقاننىڭ بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا رەھمەت، بۇ مەۋسۈمدە مەن ئومومىي تەكرارغا قوشۇپ «ئۈگەن» ماتېرىيالىنى ئىشلەتتىم،  ماتېرىيالنى ئەتراپلىق تۈزۈپتۇ، ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولدى، ئەمدى « ئوگەن» ماتېرىيالىنىڭ تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالىنى ئىشلىتىشنى ئويلاۋاتىمەن، چۈنكى مەن بۇ بىر يۈرۈش ئىمتىھان سوئالىنى كۆرۈپ باقتىم، مۇھىم تەكرار نۇقتىلىرى كىرگۈزۈلۈپتۇ. ئەلۋەتتە ، كىتاپ تۈزۈش جەريانىدا ئانچە- مۇنچە خاتالىقلار بولىدۇ. بۇنى توغرامەيداندا تۇرۇپ چۈشىنىش كېرەك ھەم قول سېلىپ تۇزىتىپ ئىشلىتىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.

ozqan 2012-01-25 11:57
ئۆزقۇت ئىنىم ، بۇ قانداقسىگە ئېلان بولغۇدەك ، مەن ئېلان بېرىدىغانغا كىتاب، ماتىريال سودىگىرى بولمىسام-يا ؟!

akkax 2012-01-26 00:20
ھا ھا ھا ھا........ 5sj4;w[  
  بوپتۇ، تېرىكمەڭ ! ھازىر تېلېۋىزور بىزنى ئېلانغا بەك سەزگۈر قىلىۋەتتى ئەمەسمۇ؟ سىزمۇ توغرا چۈشىنىڭ .

tawpek 2012-01-26 02:19
مۇنبىرىمىزگە يىغىلغان سۇئاللارنى تەۋپىق نەشىرىياتىدا بىسىپ تارقىتامدۇق يا  كۆپچىلىك؟

akkax 2012-02-04 19:13
ئال شەرىڭنى! نەشىرىيات قۇرۇپمۇ ئۈلگۈردۇق - دەڭ؟ نېمىدېگەن يېتىشلىك  بالىلار بۇ دەيمىنا؟ !6n_}I-W  
  بوپتۇ، بوپتۇ، ئوبدان بوپتۇ! ئېسىل ئىش بوپتۇ! يەنە باشقا پىلانلار بارمۇ؟ مانداق ئالدىن بىلىپ قالىلى ئۇچۇرنى.

xatgvl 2012-02-21 17:27
بۇ ماتىريالنى ئەمدى ئەكەلدۈرگەن،ھەقىقەتەن خاتالىقلار كۆپمىكەن ؟

kuyax 2012-02-21 19:07
        قايسى ماتېرىيالنى ئىشلەتسەك بولار دەپ بېشىمىز بەك قاتقان ئىدى. بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن تورداشلارغا كۆپ رەھمەت. yQU_>_!n  
         «ئۆگەن» دېگەن ماتېرىيالنىڭ قۇرۇلمىسى «ئالتۇن ئاچقۇچ»نىڭكى بىلەن ئوخشاشمىدۇ؟ بولسا بىرەر يۈرۈش كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن زاكاس قىلساق بولاتتى.

kuyax 2012-02-21 19:11
      «ئالتۇن ئاچقۇچ»ماتېرىيالى ياخشى ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا 13 يۈرۈش «2012-يىللىق ئالىي مەكتەپ تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى» بار.

rayisa 2012-02-21 20:25
مەشىق ھەم دەرىسلىك ماتىريالىنى سىناق سۇئالىنى

kumush 2012-02-22 19:37
ياخشى تەكلىپكە رەھمەت

مىېھرىما 2014-03-27 22:31
بىزمۇ سىناپ باقساق بولغىدەك


查看完整版本: [-- تەكراردا قايسى ماتىريالنى ئىشلىتىۋاتسىز؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled