تۆتتاش |
2012-01-10 23:03 |
تەۋپېق شېئىرلىرى (تىكەن)
تەۋپېق شېئىرلىرى مەن يېقىندا ئاتۇشلۇق ئىبرائىم ئالپ تېكىن يازغان <<مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى>>دىگەن كىتاپنى ئۇقۇپ چىقىپ 1930-يىلدىكى ئاتۇشتىكى مائارىپ ھەركىتىنىڭ باش سەركەردىسى،يېڭى مائارىپ دولقۇنىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى،ئوت يۈرۈك شائىر ۋە بۈيۈك كومپوزىتور مەمتىلى ئەپەندى(تەۋپېق)نىڭ نادىر شېئىرلىرىنى ئۇقۇپ ھەم ئۇنىڭ قىزى(بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن )ئەدىبە مەمتىلى،ۋە قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق گۈلباغ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر ئاددى مۇئەللىمەقىز مەھبۇبە مەمتىلى(مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نەۋرىسى)نىڭ ئەسلىمىلىرىنى ھەم شۇنىڭ بىلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋەقىتتا يازغان شېئىرلىرىنى ئۇقۇپ ئىختىيارسىز مۇنبەرگە سۇندۇم.مۇنبەرداشلارنىڭمۇ كۈرۈپ بېقىشنى ئۈمىت قىلىمەن.
تۈرمە خاتىرسى 1 نەچچە يىل كەزدىم،بڭ دىيارى غۇربەتنى، كۆرمىگەنىدىم بۇنداق ئازاب-ئۇقۇبەتنى. ئاقىۋەت كىلىپ ئەلگە،قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت، مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى كۈلپەتنى.
تاقىتىم تاق بولدى بۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن، قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن. ئېخ، بىچارە مەزلۇملار! گۇناھى زادى نىمە؟ بىر ماڭدامچە يەر تەگمىش بۇ ۋەتەن پاناھىدىن.
روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا تۇتقۇندا، سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە. يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش تاشتىن بەتتەر قاتتى باش، ئادا بۇلار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ-ھەسرەتتە. 2 تۇتقۇن بولدى بۇلبۇللار يۇرتنى بۇلغىدى قاغا، كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈنى ئېسىلۇر دارغا.
بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت، ئادالەتكە ئىنتىلسەم،قولغا ئالدى سىياسەت.
خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن تەرەققىيات ئىستىدىم، نىيىتىم ساپ،دىلىم ئاق، ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت.
قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى يېنىدا گۇندىپاي ئالتە، ھەقىقەت نە، ئادالەت نە، بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە.
كىشەن قىستى سىنى تەۋپېق، قىلما زەررىچە پەرياد، پىدا قىل جاننى سەن ئەمدى، بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات.
ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئىتەر، كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك، خەت يىزىپ تۈگەپ كىتەر.
خۇدا بىلۇر باللىرىم قالدى دادۇ پەريادقا، دېرىكىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەر ياقتا.
ئەل خائىنى مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق، ھۆكۈمەتكە ئۈستۈمدىن خەۋەر بىرىپسەن ساختا.
1937-يىل ماي،قەشقەر، ياۋاغ تۈرمە
....خائىن مەمتىمىن-ئەسلى ئاتۇشنىڭ مەشەت دىگەن يېرىدىن.بۇ يەردە 1930-ۋە 1940-يىللىرى سېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن خەلق دۈشمىنى--مەمتىمىن ئاق كىرپىك كۆزدە تۇتۇلۇدۇ.
پەش،چىكىتلىرى،سۆز جۈملىلىرى ئەينەن كۈچۈرۈلدى.
|
|