تۆتتاش |
2012-01-09 21:44 |
مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى (تىكەن)
مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى
(تىكەن) مەن يېقىندا ئاتۇشلۇق ئىبرائىم ئالپ تېكىن يازغان <<مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى>>دىگەن كىتاپنى ئۇقۇپ چىقىپ 1930-يىلدىكى ئاتۇشتىكى مائارىپ ھەركىتىنىڭ باش سەركەردىسى،يېڭى مائارىپ دولقۇنىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى،ئوت يۈرۈك شائىر ۋە بۈيۈك كومپوزىتور مەمتىلى ئەپەندى(تەۋپېق)نىڭ نادىر شېئىرلىرىنى ئۇقۇپ ھەم ئۇنىڭ قىزى(بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن )ئەدىبە مەمتىلى،ۋە قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق گۈلباغ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر ئاددى مۇئەللىمەقىز مەھبۇبە مەمتىلى(مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نەۋرىسى)نىڭ ئەسلىمىلىرىنى ھەم شۇنىڭ بىلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋەقىتتا يازغان شېئىرلىرىنى ئۇقۇپ ئىختىيارسىز مۇنبەرگە سۇندۇم.مۇنبەرداشلارنىڭمۇ كۈرۈپ بېقىشنى ئۈمىت قىلىمەن. كەلدى
تەۋپېق
يەرنىڭ ئىسسىق يۈرىگىدىن تۇغۇلغان، ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ بەل باغلىغان، ئانىلارنىڭ نالە-زارىنى ئاڭلىغان، بالىلارنىڭ غەمگۇزارى پىدائى كەلدى.
ئاسمىنىمدىن كۈچۈپ كەتكەن يۇلتۇزلار، ئوچىقىمدا ئۈچۈپ كەتكەن قوقاسلار، سايدا ياتقان تاش ئەمەستۇر،ئۇ باشلار، ھۆرلۈك ئۈچۈن بۇ تۇپراققا پىدائى كەلدى.
بۇ زاماننىڭ زومىگىرى شېڭ دوبەن، ئۇ يىرتقۇچ ئىت-تۇڭگۇزدىن تۆرەلگەن، ئۇ بىزلەرنىڭ قېنىمىزدىن سەمىرگەن، قىلماق ئۈچۈن ئۇنى لەت، پىدائى كەلدى.
بىز ئىزچىلار سىلەرگە ھەمدەم بۇلىمىز، مىڭ ياشا،مىڭ-مىڭ ياشا پىدائىلار، مەھمۇدباش، سەركەردىمىز شاھ مەنسۇر، ۋەتەن ئۈچۈن قان ئاققۇزغان داھىلار.
مىڭ ياشا،مىڭ-مىڭ ياشا پىدائىلار، ....................................................
شېڭ دوبەن:شېڭ شىسەي
1934 -يىلى يىزىلغان
پەش چىكىتلىرى،سۆز جۈملىلىرى ئەينەن كۈچۈرۈلدى.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن پەقەت مۇشۇ بىر پارچە شېئىرنىلا يوللىدىم.قالغىنىنى مۇنبەرداشلار خالىسا يەنە يوللاشقا ئىشەنچىم كامىل.
تىكەن
|
|