查看完整版本: [-- ئاھ ئوقۇتقۇچى ھالىڭغا ۋاي --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئاھ ئوقۇتقۇچى ھالىڭغا ۋاي [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

natiwan 2012-01-09 13:10

ئاھ ئوقۇتقۇچى ھالىڭغا ۋاي

ئاھ ئوقۇتقۇچى ھالىڭغا ۋاي \l59/ZFan  
(ناھەق ئېلىنغان 1443 يۇەنلىك جەرىمانە ھەققىدە) 36=aahXd\  
يېقىندا مەلۇم بىر مەكتەپتە (يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە) مۇنداق بىر ناھەق ئىش يۇز بەرگەن. "/'3I/}  
بۇ مەكتەپ تەۋە ناھىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا قوشنا ھەر قايسى يېزا-بازارلارنى بىرلىك قىلىپ《ئىنتىزام تەكشۇرۇش تارماق ئىدارىسى》قۇرۇپ ، مۇشۇ دائىردىكى بارلىق خىزمەتلەر ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان (يەنە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ). qfDG.Zee #  
ئاقىۋەتتە بۇ خىل قارا كۈن بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىغا توقماق بولغان. EOB8|:*  
بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى چاقماقتەك تېز بولۇش، كونكېرىتنى ئىشلارنى كونكېرىت ھەل قىلىش، ھەل قىلىشتا قاتتىق بولۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەزكۇر ئورۇننىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۇرۇشتەك تەشۋىقات لوزىنكىسىنى كۆتۇرۇپ چىقىپ، بۇ مەكتەپتە كەڭ كۆلەملىك تىنتىش ئېلىپ بارغان. *{ rorir  
بۇلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى تەكشۇرۇش ئوبېكىتلىرى شۇكى، كومپىيوتېر سەپلەنگەن بارلىق ئىشخانا-بۆلۇملەرنى تەكشۇرۇش، ھەر قايسى ئوقۇتۇش ئىشخانىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ، ناھىيىلىك باش ئىنتىزام تەكشۇرۇش ئىدارىسىگە يوللاشتىن ئىبارەت ئىكەن. '9}&@;-_  
تەكشۇرۇشتىن بايقالغان ئاتالمىش مەسىلىلەر تۆۋەندىكى مەسىلىلەر بولغان: ,jY:@<n  
1. ئىلمىي بۆلۇمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇسلىرىنى كومپىيوتېرغا كىرگۇزىۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى (بۇ ئوقۇتقۇچى ئىشخانىدا يالغۇز قالغانىكەن) كىيۇ-كىيۇغا چىققان دېگەن ناملار بىلەن ساختا مەيدان ھاسىل قىلىنىپ سۈرەتكە تارتىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ئوقۇتقۇچى كىيۇ-كىيۇسىنى ئەمدىلا ئاچقان بولۇپ تېخىچە ئېچىلمىغان بولسىمۇ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان دېگەن نامغا قالغان. ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، بۇ ئوقۇتقۇچى ئەتىسى جەرىمانە سۇيلەپ كەلگەن تەكشۇرگۇچىلەرگە بىر ئايلىق ئۈنۈم ئىش ھەققى بولغان 1443 يۇەن تۆلەپ بەرگەن ۋە تەكشۇرۇشنامە يېزىپ بەرگەن. بۇ ۋاقىت مۇئاش تارقىتىدىغان مەزگىل بولمىغاچقا مەكتەپنىڭ مالىيە بۆلۈمىدىن نەق ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ھەمدە بۇ ئوقۇتقۇچى ناھىيە بويىچە ئومۇمىي ئوقتۇرۇش قىلىنغان.   p>tkRA?lk  
  2. يەنە بىر ئوقۇتقۇچىمۇ ئوخشاشلا كىيۇ-كىيۇغا چىققان دېگەن نام بىلەن ئەيىپلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ھۆججەتلىرىنى چۇشۇرىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆرسەتكەن بولغاچقا بۇ توقماقتىن قۇتۇلۇپ قالغان. `Z;Z ^c  
3. يەنە بىر ئوقۇتقۇچى ئىشخانىسىدا تېلفۇنىدىن ناخشا ئاڭلىغاچ تاپشۇرۇق تەكشۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئوقۇتقۇچىمۇ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان دېگەن نام بىلەن ئەيىپلەنگەن. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تونۇشلىرى كۆپ بولغاچقا جەرىمانە تۆلىمەي تەكشۇرۇشنامە يېزىپ بەرگەن ھەمدە ناھىيە بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. OFtaOjsyUa  
4. يەنە بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوخشاشلا ناخشا ئاڭلىغان دېگەن سەۋەنلىك بىلەن بايقالغان بولسىمۇ،مەن بۇ ناخشىنى كېيىنكى سائەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىمەن، شۇڭا مەشىق قىلىۋاتىمەندەپ تىركىشىپ تۇرىۋالغاچقا بۇ توقماقتىن قۇتۇلۇپ قالغان. 0+CcNY9  
يۇقارقىلار پەقەت بىر مەكتەپنلا تەكشۇرۇپ بايقىقان مەسىلە بولۇپ، باشقا مەكتەپلەردە ئىشلار زادى قانداق؟ بۇنىسى مۇئەللىپكە قاراڭغۇ. K%J ?'-  
ئىسىت، ناھەق كەتكەن 1443 يۇەن نەق پۇل.... ئىسىت، ئەجرىگە مۇناسىپ مېۋە ئالالمىغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچى...

xayda 2012-01-09 21:36
بۇ ئىشقا نېمە دېسەك بولا ئەمدى؟ "ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب بابلار ھەر باب بىلەن" دېگەن شۇ. مېنىڭچە، ئەسلى ئوقۇتۇشقا سەپلەنگەن قاتتىق دېتاللار ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردىمۇ ئاشۇنداق QQ غا چىقىدىغان ئىشلار خېلى بار.

تۆتتاش 2012-01-09 21:52
شۇنداقتىمۇ بىز ئۇقۇتقۇچىلار مۇئاشقا تايىنىپ كۈن كەچۇردىغان بولغاچقا ئۇنداق كەلسە-كەلمەس جەرىمانىنى ئالماسلىق كېرەكتە.تەربىيە ئارقىلىق تۈزەتسە بۇلۇدۇ ئەمەسمۇ.مۇشۇنداقلا قىلسا ئاكتىپلىق،ئىنتىلىش،مەسئۇلىيەتچانلىق،تىرىشىش دىگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

ozqan 2012-01-10 17:40
بۇ يازمىلار ھەققىدىكى بايانلارنى ئاقسۇدا ناتىۋاننىڭ سۆزلەپ بەرگىنىدىن بىر ئاڭلاپ بولۇپ ئاندىن مۇنبەردە قايتا كۆرگەن بولساممۇ ، يەنىلا يۈرىكىم قاتتىق سىقىلىپ كەتتى . AW r2Bv  
كوت-كوتقا چىقىش ئارقىلىق ماتىريال  يوللاش ، ماتىريال چۈشۈرۈش ، دېتاللارنى ، دەرس تەييارلىقلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش  ، كەسىپداشلار بىلەن پاراڭلىشىش تامامەن خاتامۇ ؟ ...
   ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئىشى بىلەن مىڭ نەچچە يۈز كويلۇق پۇلى تۇتۇلسا  بولىۋېرىدىغان دەرىجىدە بايمۇ ؟ "e-Y?_S7R8  
      ئوقۇتقۇچىنىڭ پىسخىكىسى ساغلام بولمىسا ، روھى بېسىملارغا ھەر قاچان ئۇچراپ تۇرسا  ، سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق خوشال -خورام كەيپىياتتا دەرس ئۆتەلەيدۇ ؟   }uDpf0;^  
    

gulhan 2012-01-28 21:19
ھەي، بۇ ماقالىنى ئۇقۇپ كۈڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولدى. ھەرقانداق <ئىسلاھات> مائارىپتا باشلىنامدۇ؟ ئەمىليەتتە كې-كىيوغا چىقىپ ماتىريال ئىزدەش، يوللاش بۇلۇپ تۇرىدىغۇ؟ بىزدە ئادەمنى ئادەم ئېزىدىغان يەرلىك تۈزۈملەر قاچانمۇ تۈگەر؟؟؟

zulala2001 2013-05-23 17:45
ھەي ئىسىت !

nadiraay 2013-05-23 23:03
مەن بۇ qq دىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلىنىمەن. ھەر قانداق جايدا قىينىلىپ قالسام دەرھال تورداشلىرىمدىن ياردەم سورايمەن.  ھەر قانداق ئىشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەكتە.  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تورغا چىقىپ بىكار پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىلى نەدە ۋاقتى بولسۇن؟

گۈلزىبا 2013-05-25 09:35
بەك ئاشۇرىۋىتىپتۇ . ئۇلارنىڭ  نەزىرىدە  ئوقۇتقۇچى ئادەم ئەمەس ، بەلكى ماشىنا ،  ئۇلار ھەر قانداق ئىشنى نورمال  ئادەملەردەك  قىلسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ . /'8%=$2Kw  
ئۇلار باشقا ئىدارە - ئورگانلارغا بېرىپ باقمىغان ئوخشايدۇ ، بولمىسا چاي ئېچىپ ، گېزىت كۆرۈپ ، قارتا ئويناپ بولالماي چارچاپ كەتكەنلەرنى كۆرىۋالاركەن .

گۈلزىبا 2013-05-25 09:45
بىزنىڭ مەكتەپكىمۇ ھەر جۈمە كۈنى ئىدارىدىن نوقتا كادىرى دەپ بەلگىلەنگەن بىرسى چىقىدۇ ، توۋا دەيمەن ، ئادەتتە خىزمەتداشلىرىم شۇنداق مەسئۇلىيەتچان ، ئەستايىدىل ، ئەمما ئۇ چىققان كۈنلىرى ئىشلار قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ . ئۇمۇ ھەر بىر ئىشتىن قۇسۇرلا چىقىرىپ ماڭىدۇ ، دەرس ئۆتۈلىۋاتقان سىنىپلارنىڭ دېرىزىسىدىن مارىلايدۇ ، ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىدا بولمىسىمۇ كېرىپ ، ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ ، چىسلالارنى سىلىشتۇرۇپ كېتىدۇ ، ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇيالامدىكىنمۇ دەيمەن ، شۇنداق ئەستايىدىل قاراپ كېتىشىگە قاراپ. بىرەر ئوقۇغۇچى ياغلىق چىگىپ قالسىغۇ كۆرىدىغان كۈنىمىز بار . قىشتا بىر پىشقەدەم خىزمەتدىشىمىز رومال چىگگەنلىكى ئۈچۈن ، كەينىدىن قوغلاپ بىرىپ ئالدۇرۋىتىپ ، كىيىن مۇدىرىمىزغا شۇنداق ئاچچىقلاپ كەتتى ، ئىشقىلىپ ئۇ كۈنى پەقەت تەرتىپلىك ئىش قىلغىلى بولمايدۇ .

مەمەتئېلى 2013-05-29 17:59
ئۇنداقتا ھە دىسە مەكتەپتىن قېچىپ ئىش ئورنىغا كەلمەي كەلسىمۇ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كىلىۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك؟ ئۇلارنى ئېتىۋەتسەك بولغۇدەك-دە!

ئەكبەرنىياز 2013-05-29 18:38
ئۆز مۇئاشىنى ، تۇرمۇشىغا ئاران-ئاران يەتكۈزۈۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش ئۇستازلىرىمىز ھېلىمۇ بارلىقىنى ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى ، مىللەتنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ئاتىۋەتتى ، ئۇلار ئىشقا چىقىش ۋاقتىنى بىلگەن بىلەن ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىنى ئەسلا بىلمەيدۇ . مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە ئۇلارنىڭ يەتكۈزەلمەيۋاتقان مۇئاشىنى تۇتۇۋېلىش ئانچە ئاقىلانىلىق ئەمەس .

tursun 2013-05-29 18:41
بۇنىڭدا شۇ يەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ مائارىپ قانۇنىيتىنى قەتئىي چۈشەنمەيدىغانلىقى چېقىپلا تۇرۇپتۇ...ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل بۆلۈشكە، Q_`EKz;N{  
ھۆرمەتلىنىشكە تېگىشلىك كىشىلەر تۇرۇقلۇق،ئۇلارنىڭ ھالال ئەجرى بەدىلىگە پارتىيە C=t9P#g*.  
ۋە ھۆكۈمەت ئەجرىگە چۇشلۇق تارقىتىۋاتقان ئازغىنا مائاشىغىمۇ ھەرخىل قالپاقلارنى Ro=dgQ0:t  
كەيدۈرۈپ،تۇتۇپ يۈرسە كەچۈرگىلى بولامدۇ...!كونىلاردا:«بۇغداي نىنىڭ بولمىسا،بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟» دەيدىغان ئاجايىپ تەمسىل بارغۇ؟ ئادەمنى q4g)/x%nc  
شۇنداق ئىشلەتكەنمۇ بارمۇ...؟     

گۈلچىمەن 2013-09-08 14:47
       بۇلار   ھازىرقى   زاماندىكى   يېڭى   ئەمالدارلارنىڭ « ئىجادىيىت »ى خالاس.

چېچەك 2013-09-14 22:25
ھەي... ئوقۇتقۇچىلارمۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلاردىن ،ناھەقچىلىكلەردىن  قاچانمۇ قۇتۇلۇپ،پۈتۈن دىققىتىنى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشكە قارىتالار ھە؟!!! بىزنىڭ بۇيەردىمۇ مۇشۇنداق ناھەقچىلىكلەر خېلىلا بار. ئوقۇتۇشتىن باشقا ئۇششاق ئىشلار،ئۇششاق گەپلەر بەك كۆپ. بۇنداق بولىۋەرسە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ كەتمەمدۇ؟ ئوقۇتقۇچىلىقتىن رايى قايتمامدۇ؟!!  بىزنى باشقۇرىدىغان باشلىقلارنى 7-8يىل ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئاندىن باشلىق قىلسا ئاندىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى بىلەرمىكىن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-09-14 22:48
بىزنىڭ مەكتەپتە بولسا ئوتتۇرا قاتلام باشلىقلار مائاشىنى ئالالمىغۇدەك.

tawpek 2013-11-06 02:22
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بۆلۆم ئىشخانىدىكىلەر مائاشىنى ئالالمىغۇدەك ئەمىسە. 1jE {]/Y7&  
F $i 6  
20  دەك  بۆلۆم ئىشخانا كادىرلىرىن  ئىچىدە كومدا  ئۇيغۇرچە خەت  ئۇرالايدىغىنى  2-3  چىقسىمۇ  كوت  كوت  ئويۇن دىگەنلەردە   يامان . u8gqWsvruM  
r;p@T8k  
تىخى بۆلۆم ئىشخانىدىكىلەردىن  باشقا  ئىشخانىلارنىڭ تورىنى  توختىتىش، سىمسىز  تور  مەخپى  نومىرىنى ئادەتتىكى  ئوقوتقۇچىلارغا  ئىيتىپ  بەرمەسلىك  سىياسىتى  بار. 7}e5ac  
lMcO2006L  
سەۋەبىنى  سورىساق  بىخەتەرلىك  مۇھىممىش. +VL:O]`DJ  
db@^CS[P  
ئەمەلىيەتتە  كۆپ ئادەم  چىقسا  سۈرەت  ئاستا  بوپ  قالىدىكەن  دەپ  قىلىۋاتقان  ئىش. ^XG$?2<U  
ZXXJ!9-&+J  
بۇدا  يەنە  شۇنداق  قىلسا ئىشخانامغا  شەخسى  تىلفۇن  ئەكىرىپ  تور تارتىشقا  كىلىشىپ  قويدۇم  تىلگىرافتىكىلەر  بىلەن. <[w5M?n8  
AMASh*  

ئىدىقۇت 2013-11-08 12:28
شۇنداقتىمۇ بىز ئۇقۇتقۇچىلار مۇئاشقا تايىنىپ كۈن كەچۇردىغان بولغاچقا ئۇنداق كەلسە-كەلمەس جەرىمانىنى ئالماسلىق كېرەكتە.تەربىيە ئارقىلىق تۈزەتسە بۇلۇدۇ ئەمەسمۇ.مۇشۇنداقلا قىلسا ئاكتىپلىق،ئىنتىلىش،مەسئۇلىيەتچانلىق،تىرىشىش دىگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.ەك ئاشۇرىۋىتىپتۇ . ئۇلارنىڭ  نەزىرىدە  ئوقۇتقۇچى ئادەم ئەمەس ، بەلكى ماشىنا ،  ئۇلار ھەر قانداق ئىشنى نورمال  ئادەملەردەك  قىلسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ . 5z\,]  
ئۇلار باشقا ئىدارە - ئورگانلارغا بېرىپ باقمىغان ئوخشايدۇ ، بولمىسا چاي ئېچىپ ، گېزىت كۆرۈپ ، قارتا ئويناپ بولالماي چارچاپ كەتكەنلەرنى كۆرىۋالاركەن .

مەسئودە 2013-12-25 18:45
ۋاي خۇدايىمەي ، بۇ ئىشلار بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ قالمىسا بولاتتىغۇ

قاراخان 2013-12-25 22:57
بۇ تېخى مائارىپىمىزدىكى شەكىلۋازلىقنىڭ بىر قىسىمى تېخى...جىق گەپ ئېشەككە يۈك

ياسىنجان510 2013-12-25 23:33
ئۇلار پەقەت كاللىسى قىززىپ كەتكەن،بۆكىنى ئېلىپ كەل دېسە كاللىسىنى كېسىپ  كېلىدىغان،تىرناقتىن كىر كلاشقا خۇشتار،ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كىشىلەردۇر.

دىلخۇش 2013-12-26 22:56
شۇڭىمۇ ھازىر ئالى مەكتەپنى پۈ\تتۈرۈپ ئاما لسىز ئوقۇتقۇچى بۇلىۋاتقانلار  بەك كۆپ .

گۈلنىھال 2013-12-27 12:24
     =f [/Pv  
بۇ ئىشقا نېمە دېسەك بولا ئەمدى؟ "ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب بابلار ھەر باب بىلەن" دېگەن شۇ. مېنىڭچە، ئەسلى ئوقۇتۇشقا سەپلەنگەن قاتتىق دېتاللار ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك..... بۇ بەكلا « ماركىسىزىمچە » پىكىرمۇ قانداق؟ چ چ غا چىقىش نورمال ئەھۋالغۇ ؟ سەلبى تەرەپلەرنىلا كۆرمىسەك بولاتتى ...

گۈلنىھال 2013-12-27 12:33
ئۆچكنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق ، قوينىڭ ئچلىپ قالسا ھايىت- ھۇيت ، دىگەندەك بىر ئىش بولدمۇ ؟ قانداق ؟

رەيھان 2014-04-21 18:54
پۇل دېسە مېنىڭمۇ ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ مەن جەرىمانە يىمىدىم ئەمما بىز 1- ئوتتۇرا خەنزۇ مەكتەپكە قوشۇلۇش ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ ئويغۇر مەكتەپتە 6- دەرىجە ئىدۇق لېكىن مەكتەپكە قوشۇلغاندىن كېيىن خەنزۇ ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن بىر قاتارغا تىزغاندا بىز يەتتىگە چۈشۈپ قالدۇق ھازىر يەتتە يىل بولدى 6 گە چىقالمايۋاتىمىز بولمىسا بىزمۇ ئىشەكتەك ئىشلەيمىز .بىراق ئوچىرەتكە كېلەلمىدۇق. مېڭىپ باقتۇق ، قاتراپ باقتۇق لېكىن ھەل قالامىدۇق . ھەممىسىنىڭ گېپى بىر ۋاقتىدا كەلمەپسىلەر نىمىشقا ۋاقتىدا ئىزدىمىدىڭلار دەپ ۋاقتىدا ئىزدىمىگىنىمىز گۇناھمۇ؟

تەۋپىقنىسا 2014-04-30 15:49
    


查看完整版本: [-- ئاھ ئوقۇتقۇچى ھالىڭغا ۋاي --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled