查看完整版本: [--
كۆرگەن كۆرگەننى دەيدۇ، كۆرمىگەن نىمىنى
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە
->
كۆرگەن كۆرگەننى دەيدۇ، كۆرمىگەن نىمىنى
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
kaysarj
2012-01-09 00:23
كۆرگەن كۆرگەننى دەيدۇ، كۆرمىگەن نىمىنى
كۆرگەن كۆرگەننى دەيدۇ، كۆرمىگەن نېمىنى
− دولاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپى زىيارىتىدىن خاتىرە
تەلئەت قادىرى، ئەلى غوجاخۇن
(ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)
(ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
بىز ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرىدىن بولۇپ 30غا يېقىن ئادەم 2011 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە شەندوڭ ئۆلكىسىدە چىپىڭ ناھىيىسى دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن چىڭداۋ شەھەرلىك 19 – ئوتتۇرا مەكتەپتە، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تەيشىن شەھىرى ياڭسى ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن سۇجۇ شەھىرى خەلقئارا مائارىپ باغچىسى چەت ئەل تىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىلمىي زىيارەت ۋە ئۆگىنىش پائالىيىتىدە بولدۇق. گەرچە بىزنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزنىڭ ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا بولغان بولسىمۇ، ئەمما بىز ئاشۇ قىسقا ۋاقىت ۋە قىممەتلىك پۇرسەت ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەھەتتە چوڭقۇر تەسىراتقا، مول ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە، كەڭ دائىرىلىك پايدىلىق ئۇچۇرلارغا، قىسقىسى، بەلگىلىك ئىجابىي، ئىجادىي ۋە ئۆزگىچە بولغان يېڭىچە مائارىپ ئىدىيىسىگە يەنە بىر قېتىم ئىگە بولغاندەك ھاياجانغا چۆمگەنىدۇق. ئۆزىمىز بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ۋە پەرقنى، بىزنىڭ دەرسخانىلىرىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ماھىيەتلىك تىپىك مەسىلىلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشنىڭ قىممەتلىك ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەندەك بولغانىدۇق. مانا مۇشۇ تەسىراتلىرىمىز ئىچىدە بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش زىيارىتىمىزنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىزدە قالدۇرغان تەسىرى بىر قەدەر «ئالاھىدە» ۋە «چوڭقۇر» بولغانلىقى ئۈچۈن دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە كۆرگەن – بىلگەنلىرىمىزنى زىيارەت خاتىرىسى سۈپىتىدە رەتلەپ قەلەمگە ئېلىشنى ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سەمىگە سۇنۇشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.
1.مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن 100 يۈەنگە ئىشىك بېلىتى سېتىۋالدۇق
بىز 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئەتىگەندە جىنەن شەھىرىدىن قوزغىلىپ چىپىڭ ناھىيىسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ماشىنا ئىككى سائەت ئەتراپىدا يول يۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:30 لاردا دۇلاڭكۇ يېزىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئەتراپى سالا ئېتىزلار بىلەن قورشالغان دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىگە يېتىپ كەلدۇق. كېيىن بىلدۇقكى، دۇلاڭكۇ دېگەن بۇ نامنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدا قىزىقارلىق بىر ھېكايە بار ئىكەن. ئەسلىدە بۇ يېزىنىڭ نامى شېلاڭكۇ (
社郎口
) بولۇپ، مەركەزدىكى مەلۇم بىر رەھبەر 50 – يىللاردا بۇ يېزا توغرىلىق بىر ئالاقە يازغاندا، «
社
» خېتىنى خاتا ھالدا «
杜
» قىلىپ يېزىپ قويغانلىقى سەۋەبلىك يېزىنىڭ نامى ھازىرقىدەك «
杜郎口
» بولۇپ قالغان ئىكەن.
بىز كېلىشتىن بۇرۇنلا بىرقانچە زىيارەت ئۆمەكلىرى كېلىپ، زىيارىتىنى باشلىۋەتكەن ئىكەن. مەسئۇل خادىملار مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھەربىرىمىز ئۈچۈن يۈز سومدىن ھەق تۆلەپ زىيارەت كىنىشكىسى ۋە دەرس ئاڭلاش كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بەردى. بۇ قانداق گەپ بولدى، ئەمدى، مەكتەپنى زىيارەت قىلىش ۋە دەرس ئاڭلاشقىمۇ پۇل تۆلىگەن بارمۇ؟!
مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشىمىزگىلا تۈرلۈك چوڭ خەتلىك دوسكىلارغا، تاملارنىڭ ئەپچىل جايلىرىغا يېزىلغان ئەينەك رامكىلارغا ئېلىنغان مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ھەققىدىكى ئۈزۈندىلەرگە كۆزىمىز چۈشتى:
▲
«ھەممەيلەن قاتنىشىش، ھەممىنى كۆرسىتىش، ئۇتۇقنىڭ تەمىنى تېتىش، ھۇزۇر ھېس قىلىش، تەپەككۇرنى قوزغىتىش، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قويۇۋېتىش، ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا ئۆگىنىش، خاسلىقنى يۈكسەلدۈرۈش»
▲
«ئۆگىنىشتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ زور دۈشمىنى ـــــ يۆلىنىۋېلىش. ئوقۇتۇشتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ زور پاجىئەسى ـــــ ھەممىنى ھۆددىگە ئېلىۋېلىش»
▲
«ئوقۇتۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ئاللىقاچان بار بولغان نەرسىلەرنى يەتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئادەمنى ئىجادچانلىققا يېتەكلەش، ھاياتلىق تۇيغۇسىنى ۋە قىممەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىش.»
▲
«دەرسخانا ئادەمنىڭ كۆكسى قارنىنى تېخىمۇ بىپايان قىلىدىغان، تەپەككۇرىنى تېخىمۇ جۇشقۇن قىلىدىغان جاي. دەرسخانا ئوقۇغۇچىنىڭ پاراسىتىنى چاقنىتىدىغان، ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرىدىغان، تالانتىنى كۆرسىتىدىغان جاي»
دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئازراقلا مەرىپەتكە ئىشتىياقى بار ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، روھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ خىلدىكى سۆز – جۈملىلەر بىز باشقا مەكتەپلەرگە كىرىپلا كۆرىدىغان مائارىپ ھەققىدىكى سىياسىي شوئار – چاقىرىقلار ۋە ئىككى ئاساسەن خىزمىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئارىمىزدىن بىرەيلەن ئىلھام بەخش تۇيغۇسىغا ئىگە ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش ھەققىدىكى ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇغاچ: «ئەسلى ئۇنداق مائارىپ شوئار – چاقىرىقلىرىنى ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىنىڭ ئالدىغا ياكى مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئالدىغا يېزىپ قويسا توغرا بولاتتى. مانا بۇ مەكتەپ ئۇنداق قىلماپتۇ، مانا بۇ دۇرۇس بوپتۇ» دەپ ئۆز مەمنۇنىيىتىنى بىلدۈردى.
مەيداندا بىرقانچە سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ فورمىلىرىنى كىيگەن ھالدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتەكلىشى بىلەن پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىكەن. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يول ياقىسىدىكى يەنە بىر گۇرۇپپا دوسكىلارغا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرىگە ئالاقىدار «بىر خىل مەسىلىنىڭ كۆپ خىل يېشىلىشى»، «مەسىلىنى ئىجادىي يېشىش» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا بىرمۇنچە مەسىلىلەرنىڭ يېزىپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىرەر ئىككى يۈزدەك باشقا زىيارەتچىلەرمۇ بەس – بەستە مەكتەپ قورۇسىنى، مەكتەپ قورۇسىدىكى دوسكا خەتلىرىنى، تەنتەربىيە دەرسى نەق مەيدان پائالىيەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. ئالدىمىزدىكى بىنانىڭ ئالدىدا بىرمۇنچە زىيارەتچىلەر يىغىلىۋالغان بولۇپ، بارساق مەزكۇر مەكتەپكە ئالاقىدار ھەرقايسى نەشرىياتلار نەشر قىلغان كىتابلار، پىلاستىنكىلار،«ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدۇ» دېگەن ئەسكەرتمە ئاستىدا چىقىرىلغان تۈرلۈك دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش لايىھەلىرى سېتىلىۋېتىپتۇ. بىزمۇ تاللاپ يۈرۈپ «مەخپىيەتلىكنى ئېچىش ـــــ دۇلاڭكۇ ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس مۇنبىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، مۇنداق سۆزلەيدۇ» دېگەن كىتابنى، «دەرسخانىدىكى بوران – چاپقۇن» دېگەن پىلاستىنكىنى سېتىۋالدۇق.
2. «تەرتىپسىزلىك» ئىچىدىكى «تەرتىپ» - «مۇنبەت ئېتىز»غا ئايلانغان دوسكا
3 – سائەتكە كىرىشنىڭ مۇزىكا شەكلىدىكى يېنىك قوڭغۇرىقى چېلىندى. ئۆمەك باشلىقىمىز ئىككى بىنانى كۆرسىتىپ مۇشۇ ئىككى بىنادىكى خالىغان سىنىپلارغا كىرىپ دەرس ئاڭلىساق بولىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى. ھەرقايسى كەسىپتىكى مۇئەللىملەر ئۆز كەسپىمىزگە ماس دەرسنى ئىزدەپ زالدا ئۇ بۇ سىنىپلارنى مارىلىغىلى تۇردۇق. مەكتىپىگە كەلسە، مەكتەپ دەرۋازىسىغا چىقىپ ما يەرگە كەل، دەيدىغان ئادىمى يوق؛ دەرس ئاڭلاي دېسە، يا ماۋۇ سىنىپقا كىر دەيدىغان باشلىغۇچىسى يوق، بۇنداق ئەھۋالدا نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي تەمتىرەپ قېلىۋاتاتتۇق. دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىنىپ 5 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار مېڭىشىپ يۈرەتتى. زالدىمۇ ئوخشاشلا ئۇياق – بۇياققا ئۆتۈپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولاتتى. باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەرنىڭ سىنىپلارغا كىرىپ بالىلارغا، سىنىپقا سىنىپتىكى مەنزىرىلەرگە سەپ سېلىپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىختىيارى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىزمۇ بىرەرسىنىڭ سىنىپقا باشلىشىنى، ئورۇندۇق قويۇپ بېرىشىنى كۈتمەستىن، سەل دادىلراق بولۇپ، ئۆزىمىز خالىغان بىر سىنىپقا كىرىپ دەرس ئاڭلاشقا باشلىدۇق. توغرىراقى، بىز «دەرس ئاڭلاش» ئەمەس، بەلكى ئورنىمىزدا تۇرۇپ، سىنىپتا ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ تۈرلۈك مەنزىرىلەرگە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا زېھنىمىزنى يىغىپ دىققەت قىلىشقا باشلىدۇق. چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قالايمىقان ھەرىكەتلىرى، قىيا – چىيالىرى ھېچ دەرس باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيۋاتاتتى. سىنىپنىڭ ئارقىدىكى ئورۇندۇقنى، جىمجىت دەرسخانا مۇھىتىنى تاما قىلىۋاتقان بىزدەك دەرس ئاڭلارمەنلەر ئۈچۈن كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر ھەقىقى دەرسخانا تۈسىنى بېغىشلىيالمايۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ پۈتكۈل مەملىكەتكە داڭقى پۇر كەتكەنلىكى سەۋەبلىك بىزدە ئەسلىدىنلا بار بولغان بىر خىل قىزىقىش نۇقتىسىدىن يەنىلا دەرسخانىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدۇق.
سىنىپنىڭ ئالدى، ئارقىسىدىكى ۋە ياندىكى تاملارغا دوسكا ئورنىتىلغان ھالەتتە ئىدى. سىنىپتىن بور ئېلىپ زالغا چىقىپ كېتىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ قارىساق، سىنىپنىڭ سىنىپ تەرەپتىكى تېمىغىمۇ دوسكا ئورنىتىلغان ئىكەن. دوسكىلار تەخمىنەن 50 سانتىمېتىردىن تەڭ بۆلۈنۈپ، سىزىق سىزىلغان بولۇپ ئۈستىدە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمى يېزىقلىق تۇراتتى. ئاستىدىكىلا بىر قۇرغان ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر قۇردىن ھېكمەتلىك سۆزلىرى يېزىقلىق ئىدى. «خاسلىق مېنىڭ جېنىم»، «تىرىشماسلىق مەن ئۈچۈن مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلغانلىق»، «مېنىڭ كەلگۈسۈم مېنىڭ ھازىرقى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان»، «ۋاقىتنىڭ سۈپىتى مېنىڭ ھاياتىمنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ» ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان بۇ دائىرە ئىچىگە ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان سۆز – جۈملىلەرنى يازغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ۋاراڭ – چۇرۇڭ ۋە تەرتىپسىزلىك ئىچىدە ئىشتىياق بىلەن ئۆز دوسكا دائىرىسىگە رەتلىك ھەم چىرايلىق قىلىپ دەرس مەزمۇنىنى يېزىۋاتاتتى. بىز قىز ئوقۇغۇچى يېنىدىكى ئوغۇل ساۋاقدىشىغا: «خېتىڭ چوڭ بولۇپ كەتتى، ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى، ئەستايىدىل بول» دېگەنگە ئوخشاش ئەسكەرتمىلەرنى بېرىۋاتاتتى. سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتا – ئورۇندۇقلىرىغا سەپ سالدۇق. ئالتە دانە پارتا ئورۇندۇق بىردىن گۇرۇپپا قىلىنىپ، چوڭ ئۈستەل شەكلىدە سىنىپتىكى ئالتە ئورۇنغا تىزىلغان ئىدى. دېمەك، سىنىپتا 36 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ئىكەنلىكى ئايان بولدى. سىنىپتىكى ھەربىر گۇرۇپپا ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بور قۇتىسى تۇراتتى. ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان تۈرلۈك رەڭدىكى بورلىرىنى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇنبىرىدىن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ گۇرۇپپىسى تەۋە بولغان ئۈستەلدىن ئېلىپ، ئادەتتىكى مەزمۇنلارنى بىر خىل رەڭدە، مۇھىم نۇقتىلارنى يەنە بىر خىل رەڭدىكى بورلاردا يېزىشاتتى. خاتا بولۇپ قالغان جايلارنى دېرىزە تەكچىسىگە رەتلىك تىزىلغان دوسكا ئۆچۈرگۈچلىرىنى ئېلىپ ئۆچۈرەتتى ۋە يەنە قايتۇرۇپ ئۆز ئورنىغا قويۇپ قوياتتى.
ئالدى دوسكىنىڭ بىر تەرىپىگە «2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىغان ۋاقتى، كۆلىمىنىڭ زورىيىشىغا باشلىغان ۋاقتى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسى، كۆلىمىنىڭ كېڭىيىپ يۇقىرى چەككە يەتكەن ۋاقتى ۋە بەلگىسى» دېگەن خەتلەر يېزىقلىق تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا سائەتكە قارىساق، دەرس باشلىنىپ ئاللىقاچان 20 مىنۇت ئۆتكەن ئىكەن. ھە دېمەك، بىز تارىخ دەرسىنى ئاڭلاۋاتقان ئىكەنمىز. گەرچە بىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولساقمۇ، ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈلىۋاتقان سىنىپنى تاپقىچە ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە دەرسخانا پائالىيەتلىرىنى بولسىمۇ تەپسىلى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن بۇ دەرسنى ئەركىن مېڭىپ يۈرۈپ ئاڭلاۋەردۇق.
دوسكىنىڭ ئۈستىدىكى بوش جايلار، تورۇستىكى توغرا تۈۋرۈكلەر ھەممىسى ئوقۇتۇش ھەققىدىكى تۈرلۈك چوڭقۇر مەنىلىك سۆز – جۈملىلەر بىلەن تولغانىدى.
▲
«تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولمىسا، ھەرقانداق يوشۇرۇن ئىقتىدارمۇ بولمايدۇ»،
▲
«ھەمكارلىشىش جەريانىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا ھەمكارلىشىش»
▲
«رىقابەت جەريانىدا ھەمكارلىشىش، ھەمكارلىشىش جەريانىدا رىقابەتلىشىش». بۇ خىلدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئويلىنىش، پىكىر قىلىش، مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى خىيال قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتەتتى. ئالدى دوسكىنىڭ بىر بۆلىكىگە يېزىلغان 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدىكى قىسقا بېشارەتلىك مەزمۇنلار دەرس مەزمۇنىنىڭ قاتلاملارغا ئېنىق بۆلۈنۈپ ئوقۇغۇچىلارننىڭ ھەل قىلىشى ئۈچۈن تاشلاپ بېرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. سىنىپتا بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىپ دوسكىغا چىرايلىق قىلىپ يېزىۋاتقان 2 – دۇنيا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا قاراپ تۇراتتى. بىز دەرسخانىغا كىرىپ 20 نەچچە مىنۇت ئۆتكىچە بولغان بۇ جەرياندا تېخى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانىدۇق. لېكىن دوسكىدىكى تېزىس ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابىدىن، تەييارلىق دەپتىرىدىن پايدىلىنىپ جىددى ھالدا ئۆز دوسكىلىرىغا دەرس مەزمۇنىنىڭ ھالقىلىق جايلىرىنى سىستېمىلىق يېزىۋاتقانلىقىغا، ئوقۇتقۇچىنىڭ جىددىيلەشمەي، سالماق ھالەتتە ئاندا – ساندا ئىشارەت قىلىپ قويۇپ تۇرغىنىغا قارىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى مۇستەقىل قول سېلىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايقىماق تەس ئەمەس ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئۆز دوسكىلىرىنى يېرىمىغىچە كۆرسىتىلگەن نۇقتىلار بويىچە تولدۇرۇپ بولدى. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلەش، يول كۆرسىتىش، ئۆزى بايان قىلىۋالماسلىق، ئۆزى سۆزلەپ دەرسخانىنى ئىگىلىۋالماسلىق تاكتىكىسىنىڭ كۈچ كۆرسىتىۋاتقانلىقى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئاستا – ئاستا تەرتىپسىزلىك ئىچىدىن تەرتىپنى، ۋاراڭ – چۇرۇڭ ئىچىدىن تەكشى بىر سادانى بايقىغاندەك بولدۇق. ئوقۇغۇچى ئۆزى مۇھىم نۇقتىلارنى تاپاتتى، يازاتتى، ئۆزلىرى ئىزدىنەتتى. ھەربىر ئوقۇغۇچى چوقۇم جاۋاب بەرگۈچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى بولۇپ مۇھىم پېرسوناژ سۈپىتىدە ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشاتتى. ھەربىر ئوقۇغۇچى خەتنى چىرايلىق يېزىشتا بەسلىشەتتى. مەزمۇنىنى سىستېمىلىق، توغرا، تولۇق ئىپادىلەشكە كۈچەيتتى. ئۆزلىرىگە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ، دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ نەزىرىنىڭ تىكىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشاتتى، ئۆزلىرىنى مۇكەممەل كۆرسىتىشكە ئىنتىلىش، ئۆزلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلەش، ھالقىلىق شەخس ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىلىمىنى تېز بىلىۋالغانلىقىنى، ئۇنى ئىپادىلىيەلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىش ـــــ ئۇلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىش سانىلىۋاتاتتى. بۇنداق ئالاھىدە شەكىلدىكى سىنىپ ئىنتىزامىنى تۇتماسلىق، رەت تەرتىپ بويىچە ئولتۇرۇش تەلەپ قىلىنماسلىق شارائىتى ئاستىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى، بىلىمىنى، بىلىۋالغانلىرىنى ئۆز دوسكىلىرىغا رەتلىك چۈشۈرۈشى بىزنى قايىل قىلىشقا باشلىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى بىجاندىل ئورۇنداۋاتقانلىقىغا قارىغاندا بىر ئىچكى تەرتىپ، بىر ئالاھىدە مەنىدىكى ئىنتىزامنىڭ ئۇلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى مانا مەن دەپلا بىلگىلى بولاتتى.
ئەلۋەتتە، ئوقۇرمەنلەر بۇ دەرسخانىنى تولىمۇ غايىۋى، مۇكەممەل ئىكەن، دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىمۇ ئەسكەرتىمىز: سىنىپتا ئىككى ئوقۇغۇچى ھېچنېمە يازماي، دوسكىغىمۇ قاراپ قويماي، ئۆز ئىشى بىلەن بەنت ئىدى (كېيىن دەرس ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۇقىشىمىزچە، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى روھى جەھەتتە سەل ئاجىز ئوقۇغۇچىلار ئىكەن) يەنە 2 – 3 ئوقۇغۇچى ئۆز دوسكىلىرىغا تازا زېھىن قويۇپ خەت يازماي، باشقىلارنىڭكىگە قاراپ، ئۇياق – بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئەمما 36 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن تەشكىللەنگەن بۇ سىنىپتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم بالا ئۆزى قول سېلىپ مۇھىم نۇقتىلارنى ئالدىن تەييارلىق دەپتەرلىرىدىن، كىتابىدىن ياكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىشىۋاتاتتى، پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى، ئۆزى قول سېلىپ بىلىم ئىگىلەۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۆلۈپ بېرىلگەن دوسكىلىرىدىكى ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ئاستىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇن پەيدا بولدى:
گېرمانىيە جەڭ ماشىنىسى
2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىغان ۋاقتى:
1939 – يىلى 9 – ئاي
بەلگىسى:
گېرمانىيەنىڭ پولشاغا تاجاۋۇز قىلىشى
تەسىرى:
2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.
ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان ۋاقتى: 1941 – يىلى 6 – ئاي
بەلگىسى: گېرمانىيەنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىشى
تەسىرى: 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيدى
تېخىمۇ كېڭەيگەن ۋاقتى: 1941 – يىلى 12 – ئاي
بەلگىسى: ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ پېرول پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىدى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىدىكى خەتلىرىنىڭ بەزىلىرى قىڭغىر – مايماق، بەزىلىرى رەتلىك، بەزىلىرى كۆپرەك، بەزىلىرى ئازراق قىلىپ يېزىپ پۈتتۈرۈلگەنىدى. پەقەت 2 – 3 ئوقۇغۇچىلا يېزىپ بولۇشقا ئۈلگۈرمىگەچكە دوسكىلىرىنىڭ يېرىمى بىكار قالغانىدى. لېكىن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆز قولى بىلەن مۇستەقىل ھالدا تولۇق دېگۈدەك يېزىپ چىقىشقانىدى.
ئەمدى ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا بىلىۋالغانلىرىنى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ساۋاقداشلىرى ئالدىدا نامايان قىلىپ كۆرسىتىۋاتاتتى. ئوقۇغۇچىلار 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانغان ۋاقتى، تەسىرى، بەلگىسى دېگەن نۇقتىلار ئاساسىدا ھەربىرى بىر نۇقتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، گۇرۇپپىلار بويىچە تالىشىپ جاۋاب بېرىشىۋاتاتتى. ئوقۇتقۇچى سوئال سورىمايۋاتاتتى، ئوقۇغۇچىلارمۇ قول كۆتۈرۈپ يۈرمەيۋاتاتتى. ئەمما ھەربىر گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلار دوسكىدىكى بەلگىلەنگەن نۇقتىلار بويىچە ئۆزلىرى بايان قىلىشقا مەسئۇل بولغان قىسمىنى تالىشىپ جاۋاب بېرەتتى. بىرى جاۋاب بەرگەندە باشقىلار تەبىئىيلا تەرتىپكە كىرىپ تىنچلىقنى ساقلايتتى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خېلى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈشى داۋامىدا ئۇلار باشقىلارنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاشتىن ئىبارەت تولىمۇ مۇھىم بىر ئادەتنى يېتىلدۈرگەنىدى. چۈنكى دەسلەپتە سىنىپقا كىرىشىمىزگىلا بالىلارنىڭ بىزگە بەرگەن قالايمىقان، قىيقاس – چۇقانلىق تەسىرىدىن قارىغاندا ھازىرقىدەك بىردىنلا جىملىقنى ساقلىيالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن جاۋاب بېرىش ھالىتىدىن قارىغاندا ئالدىنقى سائەتلىك تەييارلىق دەرس سائىتىدە دەرس مەزمۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، قايسى گۇرۇپپا نۇقتىلىق قايسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىشىنىڭ تەقسىملىنىشى، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى، ئۆگىنىشكە چوڭقۇرلاپ شۇڭغۇشىنىڭ قائىدىلىرى خېلى ئېنىق ئايرىلىپ كەسكىن بىر مەسئۇلىيەت ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇلغاندەك تۇراتتى. ئوقۇتقۇچى گۇرۇپپىلارغا ئىشارە قىلىپ قوياتتى. گۇرۇپپىدىكىلەر بىرسى توختىسا، بىرى؛ بىرى توختىسا، بىرى چۇرۇقلاپ جاۋاب بېرەتتى. كەم بوپ قالسا، باشقا گۇرۇپپىدىكىلەر تولۇقلاپ جاۋاب بېرەتتى. ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ – تۇرۇپ: «بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابى بەك قالتىس بولدى، بۇ ساۋاقداشقا ياكى ئۇنىڭ كۆز – قارىشىغا كىم باھا بېرىپ باقىدۇ؟» دەپ سورايتتى. بالىلار ساۋاقداشلىرىغا باھا بېرەتتى. ئىلھاملاندۇراتتى، يول كۆرسىتەتتى . ئوقۇتقۇچى ئاستىرتىن بەزلىرىگە چاۋاك چېلىپ رىغبەتلەندۈرۈش بەرسە، بەزىلىرىنىڭ خاتا كۆز – قاراشلىرىغا ياندىكى ساۋاقداشلىرىدىن پىكىر ئېلىپ ئۆزلىرىگە تۈزەتكۈزەتتى. ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىز كۆپ گەپ قىلمايتتى، خۇلاسىلىمەيتتى، تۈزەتمەيتتى. پەقەتلا يېتەكلەيتتى.
3. ئۆرە تۇرۇپ، مېڭىپ يۈرۈپ دەرس ئاڭلاش
بىز ئەركىن كىرىپ – چىققىلى بولىدىغان بۇنداق ئىختىيارى دەرس ئاڭلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ياندىكى سىنىپلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالىنىمۇ بىرلىكتە كۈزەتتۇق. ياندىكى سىنىپنىڭ ئالدى دوسكىسىدا تۆۋەندىكىدەك لايىھە تۇراتتى:
ئۆگىنىش جەريانى
1.
قايتا ئويلىنىش
2.
گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە قىلىش
3.
بىلىۋالغانلىرىنى ئىپادىلەپ كۆرسىتىش
4.
نىشانىنى مۇستەھكەملەش
بۇ سىنىپتا ئىككىدىن تۆت ئوقۇغۇچى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە خۇسۇسلاشتۇرۇش ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا قىسقا بىر ئىتۇت ئورۇنداۋاتاتتى. گەرچە بۇ «ئارتىس»لارنىڭ گەپ – سۆزلىرى ۋە ھەرىكىتى تازا قولاشمايۋاتقاندەك قىلسىمۇ، بالىلارغا قىزىقارلىق تۇيۇلغاچقا، ھەممەيلەن خۇشال – خۇرام ھالدا زەن سېلىپ ئاڭلايتتى. ئىتوت تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىتوت جەريانىدىكى پىكىر يولىغا ئوقۇغۇچىلار باھا بېرىشكە، تولۇقلاشقا، يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلەشكە تۇتۇش قىلدى.
ئارقىدىنلا يەنە بىر سىنىپقا كىردۇق. ئوخشاشلا سىنىپنىڭ ئالدى دوسكىسىغا دىققەت قىلدۇق. دوسكىدا يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش تۈسىدىكى مەزمۇن ۋە لايىھەلەر يېزىقلىق تۇرۇپتۇ.
ئۆگىنىش نىشانى
1.
قانداق قىلغاندا ئۆگىنىش قىلىشنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ؟
2.
ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئېسىل ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
3.
كەلگۈسىدىكى ساۋاتسىزلىق، خەت تونىماسلىق ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىش قىلىشنى بىلمەسلىكتۇر.
ئۆگىنىش جەريانى
1.
دەرس مەزمۇنىغا بۆسۈپ كىرىش
2.
نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماتېرىيالنى مۇھاكىمىلىك ئوقۇش
3.
ئۆزئارا ئىزدىنىپ تۇرمۇشقا باغلاش
4.
قايتا ئويلىنىپ، رەتلەش
بۇ سىنىپتىمۇ ئوقۇغۇچىلار تەرتىپسىزلىك ئىچىدە ئۆز دوسكىلىرىغا دەرس مۇھىم نۇقتىلىرىنى، بۇرۇلۇش مەزمۇنلىرىنى ھالقىلىق سۆز – جۈملىلەرنى، تەسىرات، كۆز – قاراشلىرىنى ۋە خۇلاسە – يەكۈنلىرىنى يېزىشىۋاتاتتى. بىز دەرسخانىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ پارتىدا تاشلاقلىق تۇرغان «تەييارلىق مەشىقى دەپتىرى» دېگەن قېلىن دەپتەرنى كۆردۇق. ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرسەك، ئىلگىرى ئۆتۈلگەن بارلىق دەرسلەرنىڭ دەرس مەزمۇنى «مۇھىم نۇقتىلار، ھالقىلىق سۆز – جۈملىلەر، تەسىرات، دەرستىن قىسقىچە يەكۈن» دېگەندەك كىچىك ئەسكەرتمىلەر ئاساسىدا يېزىقلىق ئىكەن. بۇ كىچىك ئەسكەرتمىلەر قىزىل سىياھتا، تېگىدىكى مەزمۇنلار قارا ياكى كۆك رەڭلىك سىياھتا يېزىلغان ھالەتتە ئىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا ھەربىر دەرس ئۆتۈلۈشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم تېكىست مەزمۇنلىرى ئۆتۈلۈپ بىلىم نۇقتىلىرى بەلگە ئۇرۇلۇپ «تەييارلىق مەشىقى دەپتىرى»گە يازدۇرىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. تارىخ دەرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىدىكى قېلىن دەپتەرلەرنىڭ ئەسلىدە مۇشۇ خىلدىكى «تەييارلىق مەشىقى دەپتىرى» ئىكەنلىكى ئەمدى ئايان بولغانىدى.
سىنىپنىڭ ئارقا دوسكىسىنىڭ مەخسۇس سىزىق بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان قىسمىغا «خاتالىقىنى تۈزىتىش دوسكىسى» دېگەن سەرلەۋھىنىڭ يېزىقلىق تۇرغانلىقىغا كۆزىمىز چۈشۈپ قالدى. بۇ دوسكىغا قايسى بىر ئوقۇغۇچى ئىشلىگەن مەسىلىنىڭ خاتا ئىشلەنگەن ۋە تۈزىتىلگەن نۇسخىلىرى سېلىشتۇرما شەكىلدە يېزىپ قويۇلغان، بەزى نۇقتىلارنىڭ ئاستىغا سىزىلغان ياكى چېكىت قويۇلغان ھالەتتە ئىدى.
سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار يەنىلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋال مۇشۇ بىرقانچە سىنىپتىلا يۈز بېرىۋاتامدۇ ياكى باشقا سىنىپلاردىمۇ ئەھۋال شۇنداقمۇ؟ دېگەن گۇمان بىلەن باشقا سىنىپلارغىمۇ چىقىپ باقتۇق. ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش. ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ – تۇرۇپ «نېمە ئۈچۈن؟»، «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارايسەن؟»، «سەۋەبى نېمە؟»، «كىم تولۇقلاپ باقىدۇ؟»، «بۇ خىل كۆزقاراش توغرىمۇ؟»، «كىم بۇ ساۋاقدىشىنى باھالاپ باقىدۇ؟»، «كىم بۇ قاراشنى باھالاپ باقىدۇ؟»، «سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟»، «سىز ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىسىز؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنىلا سورايتتى. ھەرگىز مەسىلىلەرنى ئۆزى يەڭ شىمايلاپ ھەل قىلىشقا، خاتالىقىنى تۈزىتىشكە، باھا بېرىشكە ئۇرۇنمايتتى. پەقەتلا يېتەكلەيتتى، مۇھىم نۇقتىنى، بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى تۇتىۋېلىشقىلا تەييار تۇراتتى.
دەرستىن چۈشۈش مۇزىكىلىق قوڭغىرىقى ئاستا چېلىندى. ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدۇق. بۇ ۋاقىتتا مۇئەللىم دەرھال دەرستىن چۈشۈش بۇيرۇقىنى بەرمىدى. ئاخىرقى ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابىنى بىرەر مىنۇت ئەتراپىدا ئاڭلىۋەتكەندىن كېيىن: «ساۋاقداشلار ئىپادەڭلار ناھايىتى ياخشى بولدى، دەرستىن چۈشۈڭلار» دېدى. دەرستىن قىسقىچە خۇلاسە قىلمىدى، ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپمۇ يۈرمىدى. پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكىلا كۆڭۈل بۆلدى. 3 – سائەتلىك دەرس تاماملاندى.
4 – سائەتلىك دەرسنىمۇ خالىغان سىنىپتا ئاڭلىساق بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. تەخمىنەن 10 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىندى. بىز بۇ قېتىم ئەدەبىيات دەرسى ئۆتىلىدىغان بىر سىنىپنى تېپىپ دەرس ئاڭلىغىلى كىردۇق. دوسكىدا «&
lt
; مۇھاكىمە ۋە بايان&
gt
;دىن پارچىلار»، «كۇڭزى» دېگەن خەتلەر يېزىقلىق تۇرۇپتۇ. ئۈنئالغۇدىن تېكىستنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك ئوقۇلغان دېكلاماتسىيەسى ئاڭلىنىۋېتىپتۇ. سەلدىن كېيىن ئاڭلىتىش تۈگىدى. ھەربىر گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇئەللىم ھەمكارلىشىپ، تېكىست مەزمۇنىنى شەرھىيلەپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلار يەنىلا سىنىپتا زوق – شوخ بىلەن سۆزلەۋاتاتتى، ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ مۇئەللىمىنى چۆرىدىۋالغان ئىدى. بىز بۇ تېكىستتە ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر مەنىلىك خەنزۇچە قەدىمكى ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، بۇ سىنىپتىن يېنىپ چىقتۇق. ئەدەبىيات دەرسى ئۆتىلىۋاتقان يەنە بىر زىيارەتچى كەسىپدىشىمىزدىن ئوقۇپ دەپتەر – قەلەم، ئاپپاراتلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ئۇ سىنىپقا دەرس تىڭشىغىلى كىردۇق.
مۇئەللىم، ئېھتىمال، بىز كىرىشتىن ئىلگىرى ۋاقىتتا بولسا كېرەك، «تۇنجى قېتىملىقى تولىمۇ قالتىس» دېگەن ماۋزۇنى دوسكىغا چىرايلىق يېزىپ، ماۋزۇنىڭ ئاستى، ئۈستىگە يانتۇ قىلىپ قىزىل بوردا چىرايلىق گۈلىنى ۋە سەنئەتلىك شەكىللەرنى سىزىپ قويغانىدى. شۇ سەۋەبتىنمىكىن دوسكا بىزگە تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى ئوقۇپ تۈگەتتى. تېكىست قىسقا ئىدى. مۇئەللىم دەرس مەزمۇنىدىكى بىرقانچە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ دوسكىنىڭ بىر تەرىپىگە ئۆگىنىش قەدەم باسقۇچلىرىنى (ئۆگىنىش جەريانى) يېزىپ قويدى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شۇ بويىچە ئۆز دوسكىلىرىغا يېزىشنى بۇيرىدى. ئوقۇغۇچىلار رەڭلىك بورلىرىنى ئېلىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، چەمبەرسىمان شەكىلدە تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قىسقا يېتەكلىشىدىن كېيىن «مەن تۇنجى قېتىم...» دېگەن تېمىدا ئەركىن پىكىر قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.
«مەن تۇنجى قېتىم تاغقا چىقتىم. تەتىلدە تاغامنىڭ ئۆيىگە بارغاندا بىللە تاغقا چىقىپ بەك خۇش بولدۇم»، «تۇنجى قېتىم ئۆزۈم مۇستەقىل كىيىم سېتىۋالدىم. ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئاپام مېنىڭ پوپايكا سېتىۋېلىشىم ئۈچۈن 60 سوم پۇل بەرگەندە بىر يېشىل پوپايكا سېتىۋالدىم»، «تۇنجى قېتىم پۇل تىقىۋالدىم. شەنبە كۈنى ئىشكاپتىن كىتاب ئىزدەۋاتسام بەش سوم پۇل ئۇچراپ قالدى. ئۇنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي تىقىۋالدىم» ئوقۇغۇچىلار بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى توختىماي تالىشىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرەتتى. بىر – بىرىگە يول قوياتتىيۇ، ئالدىدىكىسى سۆزىنى تۈگەتكەن ھامان يەنە بىرى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۆز جاۋابىنى ئوتتۇرىغا تاشلايتتى. ئاۋازلىرى ئۈنلۈك ۋە جاراڭلىق ئىدى. مۇئەللىم «تۇنجى قېتىم پۇل تىقىۋالدىم» دېگەن ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابى تۈگىشى ھامان «نېمە ئۈچۈن پۇل تىقىۋېلىشنى ئويلىدىڭىز؟» دەپ سوئال تاشلىدى. قىزچاق تارتىنىپراق «مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە تەۋە كىچىككىنە شەخسى بايلىقىمنىڭ بولۇشىنى ئويلىغانىدىم، شۇڭا پۇل تىقىۋالدىم» دەپ جاۋاب بەردى. «نېمىگە ئىشلىتىسىز؟» «ئالدىنقى قېتىم سىنىپتا ئازراق پۇل يىغىلغاندا بىر ساۋاقدىشىم پۇل بېرەلمەي، سەل خىجىلچىلىق تارتىپ قالغانىدى. شۇ چاغدا يېنىمدا پۇلۇم بولغان بولسا بەك بېرىپ تۇرغۇم كېلىپ كەتكەنىدى. يەنە كىتابخانىغا كىرسەم كىتاب ئالارمەنمىكى، دېگەن خىيالىممۇ بار». «قېنى بۇ ساۋاقداشنىڭ ئىشىغا قانداق قارايسىلەر؟» مۇئەللىم ساۋاقداشلارغا قاراپ سورىدى. ئوقۇغۇچىلار بەس – بەستە «ئەسلىدە، پۇلنى ئېلىۋېلىشتىن ئاۋۋال ئاتا – ئانىسىدىن سورىشى كېرەك ئىدى»، «مەن ساۋاقدىشىمنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئېغىرىنى چۈشۈرمەي، باشقىلارغا ياردەم بېرىشىنى، ئوقۇش قوراللىرى سېتىۋېلىشىنى قوللايمەن»، «قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش شەرەپلىك ئىش» دېگەنگە ئوخشاش پىكىر – تەكلىپلەرنى ياغدۇرىۋەتتى. بۇ چاغدا بىز ئوقۇتقۇچىنىڭ يوشۇرۇن تەرىزدە ھاياتلىق ھەققىدىكى توغرا بىر قىممەت قارىشىنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قېيىپ كېتىۋاتقان پىكىر، كۆز – قاراشلىرىنى توغرا يۆلىنىشكە بۇراپ سوئال سوراپ، جاۋابقا باھا بەرگۈزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. دېمەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەھمىيەتلىك مىنۇتلار ھەققدىكى جۇغلانمىسى، مەسىلىلەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى، ئەركىن، مۇستەقىل، دادىل پىكىر قاتناشتۇرۇش قابىلىيىتى تەدرىجى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى.
مۇئەللىم يەنە «مەن تۇنجى قېتىم...» دېگەن تېمىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئېيتتى. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان – ئەتكەن تۇنجى قېتىملىق ئىشلىرىنى ئەركىن – ئازادە سۆزلەيتتى. بىر قىزچاق : «مەن تۇنجى قېتىم دادامنىڭ ئائىلىدە تولىمۇ مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئالدىنقى ئايدا دادام يۈرەك ئوپېراتسىيەسىگە چۈشكەندە دوختۇرلار ئاپامغا تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر مەسئۇلىيەتنامىگە قول قويغۇزدى. ئاپام تولىمۇ تەستە ئىمزاسىنى قويدى. مەن دەل شۇ ۋاقىتتا ئاپامغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتىم. ئاپاممۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى» دەپ كۆكسىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئازابلىق نالىسىنى باسالماي، بۇقۇلداپ كۆز يېشى قىلىپ كەتتى. سىنىپتىكى كۆپ قىسىم بالىلار دەرھال بۇ خىل ھالەتتىن تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ئىللىق ياش ئالدى. مۇئەللىم دەرھال: «ساۋاقداشلار بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئوقۇغۇچىلار بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى:«مەن ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسىنىڭ تېزدىن ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، «بىز ئاتا – ئانىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياخشى ئوقۇشىمىز كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش تەسىرات، پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىنى ھېسسىيات ۋە پوزىتسىيە جەھەتتە چوڭقۇر بىر ھېسسى تاۋلىنىش ئىچىگە باشلاۋاتاتتى. رېئاللىقتىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەكلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا، ئەھمىيەتلىك تۇيغۇلارغا يوشۇرۇنغان جىددى تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى بىلىۋېلىشقا يېتەكلەۋاتاتتى. دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندى. ئوقۇتقۇچى: «كىم دەرس مەزمۇنىنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاپ باقىدۇ؟» دەپ سوئال قويدى. بىر ئوقۇغۇچى:«تۇنجى قېتىملىق تەسىرات تولىمۇ ئۇنتۇلماس ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن» دېدى. مۇئەللىم:«بۇ ساۋاقداش تولىمۇ ياخشى خۇلاسىلىدى» دېدى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن چۈشۈشكە بۇيرۇپ سىنىپتىن ئايرىلدى. ئومۇمىي ئەھۋال شۇ بولدىكى، ئوقۇتقۇچى دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىنىشى بىلەنلا سىنىپتىن چىقىپ كەتمىدى. بەلكى بىرەر مىنۇت ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان پىكىرنىڭ تۈگىشىنى كۈتتى ياكى ئوقۇغۇچىلارغا خۇلاسىلەتكۈزدى، ئىلھام بەردى، ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاندىن دەرسنى تاماملىدى.
مېڭىپ يۈرۈپ ئىختىيارى دەرس ئاڭلاش، كۆرۈش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز ئوقۇتۇش ھەققىدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن بېزەلگەن 2 – قەۋەتنىڭ زالىدىن 1 – قەۋەتكە، 1 – قەۋەتتىن بىنا چىقىش ئىشىكىگە ئاستا سۈرۈلدۇق. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ چىقىش ئىشىكى يېنىدىكى زالنىڭ بىر تەرىپىگە 4 – 5 كىچىك ئاق دوسكا تىزىپ قويۇلغان ئىدى. زەن سېلىپ قارىساق، «دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش»، «خىزمەتتىن كېيىنكى ئويلىنىش» دېگەن دوسكىلار ئىكەن. «دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش» دېگەن بىر دوسكىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار تۇراتتى:
«2011 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 كۈنى، 7 – ھەپتە. ئالدىنقى ھەپتە 8 – يىللىقلارنىڭ رەسىم دەرسىدە ‹مېنىڭ ھېكايەم› دېگەن دەرس ئۆتۈلدى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆز رەسىملىرىنى سىزدى. قىزىقىشى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. بىراق دەرسخانىدا يەنىلا بەزى يېتەرسىزلىك ۋە خاتالىقلار يۈز بەردى. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتتە ئىپادىلەندى:
ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق. يەنى ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىدا كۆپ ۋاقىت بېرىپ قويۇپ، ئارقىدا ئالدىرىتىپ قويدۇم. ئالدىنقى ھەپتە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەچكە ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ھاياجانلاندى. دەرسخانىدا بۇ تەرەپنى تۇتۇپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەسەر ئىجاد قىلىشنى تاپشۇردۇم. بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىم سىزىش قابىلىيىتى چەكلىك بولغاچقا كۆپ قىسىم بالىلار رەسىملىرىنى تولۇق، مۇكەممەل سىزىپ تۈگىتەلمىدى. چۈنكى مەن دەرسخانىدا دەسلەپتە ئوقۇغۇچىلاردىن سەل كۆپ مەزمۇننى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلغاچقا، ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار تولۇق سىزىپ بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى. سىزىپ بولغان رەسىملەرمۇ ئۈلگىلىك، ياخشى ئەسەرلەر قاتارىغا كىرەلمىدى.
تۈزىتىش تەدبىرلىرى:
1) «ئالدىن تەييارلىق لايىھەسى»نى ئوبدان ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىم سىزىش مەشىقىنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن.
2) «ۋاقىتنى ئالدىن لايىھىلەش»نى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن جانلىق، ئۈنۈملۈك دەرسخانا مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك ئىكەن.
كىچىك دوسكىدىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىشلىرىنى يېزىپ، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن زالغا ئاچىقىپ قويغاندەك تۇراتتى.
بىر كۈنلۈك زىيارىتىمىزنىڭ يېرىم كۈنى ئەنە شۇنداق قىلىپ تاماملاندى. ئاددىي غىزالانغاندىن كېيىن (چۈنكى ئەتراپتا مۇسۇلمانچە ئاشپۇزۇللار بولمىغانلىقتىن ئۆزىمىز ئېلىۋالغان يېمەكلىكلەرنى يېدۇق) چۈشتىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى سۈي چىشېن ئەپەندى بىلەن ۋە ئۆزىمىزنىڭ كەسپىگە ئالاقىدار دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىمىز ئۇقتۇرۇلدى.
5.
مەكتەپ مۇدىرى
مۇتەخەسسىس ئىكەن
بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:30 دا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى كىچىك بىر يىغىن زالىغا تۇرقىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان مەكتەپ مۇدىرى سۈي چىشېن كىرىپ كەلدى. قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن بىزگە مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ۋە دەرسخانا ئىسلاھاتىنى قانداق ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
بىز كىچىك پېئىل، كەمتەر كۆرۈنىدىغان بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ لېكسىيىسىنى ئاڭلاش جەريانىدا، دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئاشۇ «يېڭىلىقلار»نىڭ كەينىدە ئۇنىڭدىن ئىبارەت بىر يېتەكچىنىڭ، لايىھىلىگۈچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرگەندەك بولدۇق. چۈنكى، چۈشتىن بۇرۇنقى دەرسخانىدىكى بىزنى ھاياجانلاندۇرغان بىرمۇنچە ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىزدىنىشلەرنىڭ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
ئۇنىڭ سۆزلىرىدە بىر – بىرلەپ ئېچىلىۋاتاتتى.
ــــ مەن دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىگە مۇدىر بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئىشنى ئالدى بىلەن مەكتەپ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ يادروسى بولغان دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا قول تىقىشتىن باشلىدىم. بىز مەزگىللىك كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى «ئاجىزلىق»نىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىن، ئوقۇشتىن بىزار بولۇش پىسخىكىسى ۋە پوزىتسىيىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم – دە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپقاندەك بولدۇم. بۇ ئەمەلىيەتتىمۇ «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» ئىدى.
ئوقۇغۇچى نېمىشقا ئۆگىنىشتىن زېرىكىش ھېس قىلىدۇ؟ چۈنكى، ئۇنىڭ دەرسخانىدا قىلىدىغان ئىش – پائالىيىتى يوق، ھەم پۇرسىتى يوق. توغرا، ئىشنى دەل مانا مۇشۇ يەردىن باشلاش كېرەك. بىز ئويلاپ باقىدىغان بولساق، بىر سىنىپتىكى 40 – 50 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر كۈنى سىنىپتا بىللە دەرس ئاڭلىشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ دەرسكە «قاتناشقانلىقى» ھېسابلانمايدۇ. «قاتنىشىش» ئۈچۈن بەلگىلىك تەييارلىق، ۋەزىپە، نىشان بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا مۇنبىرىدىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ دەرسخانىدىكى سۆزلەش ۋاقتىغا چەك قويدۇم. يەنى دەسلەپ 45=35
+
10 ۋاقىت تەقسىملەش بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا سۆزلەيدىغان سۆزىنى 10 مىنۇتتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇردۇم. كەينىدىن بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىۋاتقانلىقىغا قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ 45=45
+
0 ۋاقىت تەقسىملەش تۈزۈمى بېكىتىلدى. سىنىپنىڭ، كارىدورنىڭ تاملىرىغا پۈتۈنلەي دېگۈدەك دوسكا ئورنىتىلىپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلەيدىغان، تېرىقچىلىق قىلىدىغان تەۋە «ئېتىزى» بار بولدى. دېمەك، ئۇلار ئۆگىنىشنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلاندى. ئۆگىنىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈردى. نەتىجىنىڭ تەمىنى تېتىدى.
مەن بۇ مەكتەپكە كەلگەن ۋاقتىم دەل دەرس ئىسلاھاتىنىڭ باشلانغان ۋاقتىغا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلاھاتنى نەدىن بشلاش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم. دادىل ئىسلاھات قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. توختىماي ئۆگەندىم، ئىزدەندىم. نەتىجىدە دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپى بۈگۈنكى كۈندە دەرس ئىسلاھاتىنىڭ بىر مېۋىسىگە ئايلاندى.
دېمەك، بۇ بىر قولىدا مۇدىرلىقتىن ئىبارەت ئەمەلدارلىقنى تۇتسا، يەنە بىر قولىدا مۇتەخەسسىسلىشىشتىن ئىبارەت كەسىپنى تۇتقاچقا، ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدا قانداقتۇر بەزىبىر سىياسەت خاراكتېرلىك گەپ – سۆزلەردىن باشقىنى بىلمەيدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەكسىچە ھەقىقىي يېتىلگەن بىر تەتقىقاتچىدەك، مۇتەخەسسىستەك بىلىنىۋاتاتتى.
دېمەك، مەكتەپنىڭ دەرس ئىسلاھاتىدىكى قەدىمىنىڭ تېز – ئاستا بولۇشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى توختاپ قېلىشى، قانداقتۇر پەقەت ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت كوللېكتىپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا باش بولۇپ يېتەكلەۋاتقان مەكتەپ مۇدىرلىرىغا بەكرەك باغلىقكەن!
ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ئادەمنىڭ دەرس ئىسلاھاتى نەزەرىيىسىگە دائىر بىر قىسىم بايانلىرى لېكسىيەسىدە روشەن ئەكس ئېتىپ تۇردى.
6.
يۈز تۇرانە سۆھبەت ــــ چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر يېرىم سائەتلەر ئەتراپىدىكى مەخسۇس لېكەسىيەسى تاماملانغاندىن كېيىن بىز ھەرقايسى كەسىپتىكىلەر ئۆز كەسىپىمىزگە ئالاقىدار دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكىرلەشتۇق.
بىز بىلەن پىكىرلەشكەن ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئاۋۋال دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا قانداق ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئاندىن بىزمۇ بىزگە ئايدىڭ بولمىغان بەزى نۇقتىلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىمىزنى سورىدۇق. بۇ سۆھبىتىمىزدىن تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئايان بولدى:
دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپى 1997 – يىلى سۈي چىشېن مۇدىر كەلگەندىن كېيىن ئۈچ يىل جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەپ ئوقۇتۇشنىڭ نورمال يولىغا كىردى. ئەسىر ئالمىشىدىغان پەيتتە تۇرىۋاتقان دۇلاڭكۇ ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇنداق بىر مەسىلىگە باش قاتۇردۇق: «نېمە ئۈچۈن دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى تىللىرى قۇرۇپ كەتكۈچە سۆزلەپ، شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن پاسسىپ ئورۇندا قېلىپ پارتىدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي ئۇخلاپ قالىدۇ؟» شۇنىڭ بىلەن بىز چوڭقۇر كۈزىتىپ ۋە تەتقىق قىلىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈردۇق:
1. دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشقا ئەھۋمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىگە سەل قارىغان.
2. دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى بىلىم يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىغان.
3. دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسىي پېرسۇناژلىق رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا سەل قارىغان.
4. دەرسخانىدا ئەقلىي جەھەتتىكى تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشقا سەل قارىغان.
شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىغا دىققەت قىلىش، ئوقۇغۇچىنى ھۆرمەتلش ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ، دەرسخانىغا بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشكە باشلىدۇق. بۇ خىل ئۆزگەرتىشلەرنى ئىلغار بولغان ئوقۇتۇش نەزەرىيەلىرىگە باغلاپ، ئەمەلىيەتتە سىناق قىلىش ئەمدىكى بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز بولۇپ قالغانىدى. ئالدى بىلەن بىز تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.
1. كىچىك گۇرۇپپىدا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش. يەنى ھەربىر سىنىپنى 6 كىچىك گۇرۇپپىغا ئايرىپ، ئۇستاز بىلەن شاگىرت ھەمكارلىشىدىغان، شاگىرتلار بىلەن شاگىرتلار ھەمكارلىشىدىغان ھالەتنى پەيدا قىلدۇق. بۇ دەرسخانىنىڭ تەشكىللىنىش شەكلىدىكى ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.
2. «10
+
35». يەنى ھەربىر 45 مىنۇتلۇق دەرس سائىتىدە ئوقۇتقۇچى 10 مىنۇتلا سۆز قىلىشقا بولىدۇ. قالغان 35 مىنۇت ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدۇ، پائالىيەت قىلىدۇ، مۇھاكىمە قىلىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بىز بۇ خىل ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «0
+
45» ھالىتىدىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتىمىز. ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، قايسى خىل لايىھە ماس كەلسە، شۇ خىل لايىھەنى جانلىق قوللىنىش بىزنىڭ يەنە بىر خىل پىكىر يولىمىز ھېسابلىنىدۇ.
3. ئوقۇتۇش جەريانى «تەييارلىق مەشىقى قىلىش، كۆرسىتىش، قايتا ئويلىنىش»تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك بويىچە بولۇش.
تەييارلىق مەشىقى بۆلىكىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ئايرىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىۋالىدۇ. يەنى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش نىشانىنى ئالدىن لايىھىلەيدۇ. ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ياكى ئۇستازى بىلەن ئورتاقلىشىپ، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى چوڭقۇرلاپ مۇزاكىرە قىلىدۇ ياكى ئىزدىنىدۇ. نەتىجىدە، ئۆگىنىش نىشانى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئوقۇغۇچى مېڭىسىدە شەكىللىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش دەرسى ئۈچۈن تەييارلىق بولۇپ قالىدۇ. تەييارلىق مەشىقى بۆلىكى تولۇق، مۇكەممەل بولغاندىلا، كۆرسىتىش بۆلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. تەييارلىق مەشىقى دەرسخانىدا ئۆزىنى ئىپادىلەپ كۆرسىتىشتىكى پىسخىك تەييارلىق باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بىر سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچى بىلىم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا تەييارلىق قىلىشى، يەنە پىسخىك جەھەتتىكى تەييارلىق بىلەن سىنىپقا كىرىشى زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەييارلىق مەشىقى قىلدۇرغاندا، ئەلۋەتتە، دەرس مەزمۇنىنى يۈزدە يۈز بىلىپ كېتەلىشى ناتايىن. كۆپ قىسمىنى بىلىپ ئاز قىسمىنى بىلەلمەسلىكى ياكى ئاز قىسمىنى بىلىپ كۆپ قىسمىنى بىلەلمەسلىكى، ھەتتا ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماسلىقى مۇمكىن. بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەييارلىق مەشىقى قىلىشقا ۋاقىت بەرگەندە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ھېچ بولمىغاندا بىر يۆلىنىش، نىشان ئەكس ئېتىدۇ. كۆرسىتىش بۆلىكىدە بولسا نېمىنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالالايدۇ. «تەييارلىق مەشىقى دەپتىرى» دەل ئۆگەنگەنلىرىنى يېزىپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىپ، ئويلىنىپ خاتىرە قالدۇرىدىغان بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. كېيىن دەرسخانىدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ.
كۆرسىتىش بۆلىكىدە ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلار بىلىۋالغانلىرىنى نىشانلىق، قاراتمىلىق ھالدا ئىپادىلەيدۇ. تەييارلىق مەشىقى بۆلىكىدە ئۆگىنىۋالغانلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرىدۇ. بىلىمنىڭ يۆتكىلىشىنى، ھېسسىيات جەھەتتىكى تاۋلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، يۈكسەلدۈرىدۇ. بۇ باسقۇچتا ھەرقايسى يەككە شەخسلەر بويىچە ياكى گۇرۇپپىلار بويىچە تەييارلىق مەشىقىدە ئۆگەنگەنلىرىنى قايتىدىن ئەسلەيدۇ. گۇرۇپپا ئىچىدە ۋە پۈتكۈل سىنىپتا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بىلىم ۋە ئىقتىدار جەھەتتە تەڭ يېتىلىشكە ئاساس سېلىنىدۇ. يېڭىدىن ئۆگىنىش نىشانىنى بېكىتىدۇ. تەييارلىق مەشىقى ھالقىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق پىكىر قىلىش، مۇستەقىل مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت، بوشلۇق بېرىلگەچكە، كۆرسىتىش – ئىپادىلەش ھالقىسىدا ئۈنۈملۈك ھالدا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنەلەيدۇ، كەڭ دائىرىلىك ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ. ئۆزى قاتنىشالايدۇ. مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنى، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار كۆرسىتىش بۆلىكىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىگە ئىشەنچ يېتىلدۈرىدۇ، ئۆگىنىش ۋە پىسخىك جەھەتتە ساغلام تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.
قايتا ئويلىنىش بۆلىكىدە ئاۋۋالقى دەرس بۆلەكلىرىدە ئۆگەنگەن مەزمۇنلار ھەققىدە قايتىدىن پىكىر يۈرگۈزىدۇ، يەكۈن چىقىرىدۇ. ئالدىن لايىھەلىۋالغان ئۆگىنىش نىشانىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ ھالقىدا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىق تۈردە سۆزلەيدۇ، يازىدۇ، پىكىر قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاپ ماڭىدۇ. ئۈچ ئۆلچەملىك نىشاندا بېكىتكەن نۇقتىلار بويىچە ئۆز بىلىمىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. بۇ ھالقىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىدۇ. ئوقۇغۇچى ئوقۇغۇچىنى مەشىق قىلدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل سىنىپ كوللېكتىپى بىرلىكتە ئالغا باسىدۇ.
تەييارلىق مەشىقى، كۆرسىتىش، قايتا ئويلىنىش بۆلەكلىرى ئايرىم – ئايرىم ئۈچ دەرس سائىتىدە ئېلىپ بېرىلىشىمۇ، ئۆزئارا بىر ياكى ئىككى دەرس سائىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى ئۆگەنمەكچى بولغان تېكىست ياكى بىلىم نۇقتىسىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ياكى قىيىن – ئاسانلىقى بەلگىلەيدۇ.
4. دەرسخانىدا كۆرسىتىش ئالتە ھالقىدىن تەركىپ تاپىدۇ: يەنى تەييارلىق مەشىقىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھەمكارلىشىش، يۈكسىلىشنى نامايان قىلىش، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ پۇختىلاش، نىشانغا يەتكەن يەتمىگەنلىكىنى باھالاش.
تەييارلىق مەشىقىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھالقىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھەمكارلىشىش ھالقىسىدا ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئوقۇتقۇچى ھەربىر گۇرۇپپىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئادەتتە ھەربىر گۇرۇپپا ئۆگىنىش ۋەزىپىنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسىلىنىلا ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ تاماملايدۇ.
يۈكسىلىشنى نامايان قىلىش ھالقىسىدا كىچىك گۇرۇپپا گۇرۇپپا ئىچىدىكى مۇھاكىمىگە ئاساسەن، ئۆز گۇرۇپپىلىرى ئۈستىگە ئالغان ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرىدۇ، تەھلىل قىلىدۇ، خۇلاسىلەيدۇ.
تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ پۇختىلاش ھالقىسىدا ھەرقايسى گۇرۇپپىلار ئۆزلىرى ئىپادىلەپ كۆرسەتمىگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ پۇختىلاش ئېلىپ بارىدۇ.
نىشانغا يەتكەن ياكى يەتمىگەنلىكىنى باھالاش ھالقىسىدا ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان سوئاللىرى، سوئال باغاقچىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى زۆرۈر بولغان نۇقتىلارنى قانچىلىك ئىگىلىۋالغانلىقى تەكشۈرۈلىدۇ.
قىسقىسى، مەكتىپىمىز مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار خۇشال – خورام ئۆگىنىدىغان، قاتنىشىش داۋامىدا ئۆگىنىدىغان، ئۆگىنىشنى بىلىدىغان، تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ھەقىقى نەپكە ئېرىشىدىغان گۈزەل بىر سىستېمىنى بەرپا قىلدى. ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىش، ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىش، ئوقۇغۇچىلارنى قويۇۋېتىپ ھەرىكەتلەندۈرۈش بىزنىڭ دەرسخانا ئوقۇتىشىمىزدىكى مۇھىم چىقىش ئېغىزى بولۇپ قالدى. دەرسخانىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق ئۈچ ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: سترولۇق بولۇش، سىغىمچانلىقى چوڭ بولۇش، رېتىمى تېز بولۇش. دەرسخانىنىڭ لايىھەلىنىشىدىكى ئەتراپىمىزنى دوسكىلارنىڭ بىزنى قورشاپ تۇرغانلىقى، ئەركىن يۆتكىلىپ يۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ، گۇرۇپپىلار ئارا بىلىمنىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىقلار
سترولۇق تەرتىپنى ئەكس ئەتتۈرسە، ئۆگىنىش مەزمۇنىنىڭ ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا تەقسىملىنىپ تەكشى ھەل قىلىنىشى، بىلىم، ئىقتىدار نىشانىنىڭ زىچ ھەل قىلىنىشى قاتارلىقلار سىغىمچانلىقى چوڭ بولۇشتەك تەرتىپنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دەرسخانىدا كۆرسىتىش، ئىپادىلەش ھالقىسىنىڭ ئىنچىكە 6 ھالقىسى رېتىمنىڭ تېز بولۇشىنى بەلگىلىگەن.
بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ بەزى ئارقىدا قېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىشانغا يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق بىر كارتا ياكى قەغەزچە لايىھىلەپ چىقتۇق: (كىچىك 32 فورماتلىق سامان قەغەز)
دەرسخانىدا نىشانغا يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش قەغىزى
سىنىپى
ئىسىم - فامىلىسى
ئالغان نومۇرى
مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى:
قايتا ئويلىنىش بۆلىكىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن مەلۇم مەسىلىنى مەركەز قىلىپ، گۇرۇپپىلار بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا تېزلىك بىلەن «مەسىلە ھەل قىلىش»قا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ ۋاراقچىغا ئوقۇتقۇچى ئۈستىدىن كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقىدۇ، ئاساسلىقى گۇرۇپپا ئىچىدىكى يېتەكچى ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق تېزلىك بىلەن باھالاپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى ئۆز بىلىمىنى پۇختىلىۋېلىش، خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىش شارائىتىغا ئىگە بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچى دەرس لايىھەسىنى تۈزۈشتە «دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرس تەييارلىقى ھەرىكەتچان بېتى» دېگەن ۋاراقچىنى (چوڭ 16 فورماتلىق سامان قەغەز) ئىشلەتتۇق.
دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرس تەييارلىقى ھەرىكەتچان بېتى
دەرس ماۋزۇسى
دەرس تەييارلىغۇچى
ۋاقتى
تەكشۈرگۈچى
ئۆگىنىش نىشانى:
«دەرس تەييارلىق بېتى»نىڭ ئۈستىگە ئۆگىنىش نىشانى يېزىلىدۇ. ئاستىغا دەرس مەزمۇنى، مۇھىم بىلىم نۇقتىلىرى يېزىلىدۇ، ئىككى يانغا ئەھۋالغا قاراپ قانداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىدىغانلىقى، ئۆگىنىش جەريانى، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپ – نەرسىلەر، يېتەكچىلىك قىلىشتا سورىلىدىغان مۇھىم مەسىلە ۋە سوئاللار، يەتمەكچى بولغان مەقسەت – نىشان ۋە دەرستىن كېيىنكى يەكۈن، دەرس بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ. دەرس لايىھەسى ئىككى كۈن بۇرۇن مىتوت گۇرۇپپا باشلىقىغا كۆرسىتىپ باھالىتىلىدۇ، تۈزىتىدىغان نۇقتىلار تۈزىتىلىدۇ. ئاندىن ئىمزاسى قويدۇرۇلىدۇ. دەرس لايىھەسى ئادەتتە يىللىقلارنى بىرلىك قىلىپ ھەر ھەپتىلىك كەسپى ئۆگىنىش ۋاقتىدا كوللېكتىپ دەرس تەييارلىقلاش ئارقىلىق ئاساسى پىكىر يولى، قەدەم – باسقۇچلىرى، ئوقۇتۇشتىكى ئاكتىپ چارىلەر ئايدىڭلاشتۇرىلىدۇ.
يەنە تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل – ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال تەربىيەلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەپتىسىگە ئىككى سائەت «ئوقۇش دەرسى» ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ ئىككى سائەتتە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بەزىدە دەرسلىك ئىچىدىكى، بەزىدە دەرسلىك سىرتىدىكى نۇقتىلىق، ئۈلگىلىك ماقالە – ئەسەرلەر ئوقۇتىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق دەرس ئۆلچىمىدە تەكىتلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مىقدارىغا قويۇلغان تەلەپ ئورۇندالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ دائىرىلىك بىلىم ئىگىلەپ، تىل – ئەدەبىيات جەھەتتىكى تاۋلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يىغىپ ئېيتقاندا، مەكتىپىمىز يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق تېگىشلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2004 – يىلىدىن بۇيان چىپىڭ ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە مەكتىپىمىزدىن بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئىزچىل 1 – ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، ھەر خىل مۇسابىقىلەردە، نەق مەيدان زېھىن سىناش پائالىيەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلىرىمىز ناھىيەسىدىكى ئوخشاش ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. بۇ ناھايىتى ئېنىقكى، بىزنىڭ سۈي چىشېن مۇدىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەرسخانىدا دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىمىزنىڭ، ئوقۇتۇش ئىدىيىسىدە جۈرئەتلىك ھالدا ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىمىزنىڭ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئۆزى مۇستەقىل قول سېلىپ ھەل قىلىشىغا يول قويغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى، ئەلۋەتتە.
پىكىرلىشىش ئاياغلاشتى، بىز بىلەن سۆھبەتلەشكەن مۇئەللىمنىڭ يەنە بىر سائەتلىك دەرسى بار بولغاچقا ئالدىراپ بىز بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. بىز ئەھمىيەتلىك سۆز – جۈملىلەر يېزىلغان دوسكا خەتلىرىنى ئوقۇغاچ مەكتەپ قورۇسىدىن ئاستا يېنىپ چىقتۇق.
▲
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆكسى – قارنى غايىگە، قىزغىنلىققا، شېئىرىي تۇيغۇغا تولغان بولىدۇ.
▲
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، توختاۋسىز ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان بولىدۇ.
▲
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ھەمكارلىشىشقا ماھىر، سېھرىي كۈچكە باي بولغان بولىدۇ.
▲
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى مېھرى – مۇھەببەتلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ھەر ۋاقىت ئېرىشكەن بولىدۇ.
▲
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، ئىجادىي ئىقتىدارى ئۇرغۇپ تۇرغان بولىدۇ.
▲
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئۆزىنى داۋاملىق تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان خىسلەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ.
▲
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.
▲
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى چىدامچان، قەيسەر، ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان ئىرادىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.
مەكتەپ ھويلىسىدىكى بۇ دوسكا خەتلىرى خىرەلىشىپ، بارا – بارا ئارقىمىزدا قالدى. لېكىن ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە تېخىمۇ قېنىقلىشىپ، بىزنى ھاياجانغا سالماقتا ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، بىز ھېچقانداق بىر مەكتەپ رەھبەرلىكى ياكى مۇئەللىمنىڭ ئۇزۇتۇپ قويۇشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خۇددى ناھايىتى ياخشى كۈتۈلۈپ، ئاندىن قەدىرلىك ئۇزىتىلغان مېھمانلاردەك تاتلىق بىر شېئىرىي تۇيغۇدا دۇلاڭكۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئايرىلدۇق.
koksangun
2012-01-09 15:09
بۇ ماتېرىالنى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا بېسىپ تارقىتىپ بەردىم ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش تەپەككۇرى ھەققىدە نۇرغۇن پايدىلىق ماتېرىياللار باركەن ...
koksangun
2012-01-09 15:10
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىزچۇ ، قايسى تور بەتتە ئىلان قىلىنغان ، بۇ مۇئەللىپكە ،تورغا بولغان ھۆرمەت ...
查看完整版本: [--
كۆرگەن كۆرگەننى دەيدۇ، كۆرمىگەن نىمىنى
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled