tursun |
2011-12-29 12:14 |
ئوقۇتقۇچىلار ھېسىيات تەربىيەسىگە............
ئوقۇتقۇچى مەنىۋىي قۇياش ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىللىق مېھرى–مۇھەببىتى ئارقىلىق مىڭلىغان–مىليونلىغان قاراڭغۇ دىللارنى زەمزەم كەبى ، بىلىم دۇردانىلىرى بىلەن بېزەپ غۇبارسىز ، سەبىي كۆڭۈللەرگە باھار ئاپتىپىدەك ھارارەت ۋە يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ . IH
qY/ j مەرىپەت گۈلىستانىغا قەدەم قويۇپ ، پراكتىكىلىق ھاياتىمنى باشلىغان كۆڭۇللۈك مىنۇتلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە ، بىر مۇنەۋۋەر باغۋەن بولۇش ئۈچۈن كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرى بولغان ، مەسۇم دىللارنىڭ نازۇك ھېس–تۇيغۇلىرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلەپ ، ئۇلارنى ھېسىيات تەربىيسى ئارقىلىق مۇئەييەن بىر قاراشقا ئىگە قىلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتتىم . ,nn5LQ|l.j !]c]:ed\C شادىمان غۇنچىلىرىم بىلەن ئۆتكۈزگەن بەختلىك ئەمما جاپالىق ئوقۇتۇش مۇھىتىدا ، يۇمران مايسىلىرىمنىڭ يېڭىلا ئۇچۇرما بولغان قۇش بالىلىرىدەك چۇرقىراشلىرى :- مۇئەللىم نېمە ئۈچۈن ئۇنداق بولىدۇ ؟ زادى سەۋەبى نېمە ؟ دەپ زېرىكمەي–تېرىكمەي قويغان سوئاللىرى ئالدىدا ، تاتلىق تۇيغۇلار قاينىمىغا غەرىق بولۇپ ، ئۆزەمنى خۇددى ھەممىنى بىلىدىغان خاسىيەتلىك ئادەمدەك ھېس قىلغانىدىم . ,#=ykg*~/ مەن بىر نەچچە قېتىم مۇئەللىملەرنىڭ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلىرىنى نۇقىلاپ ، كىتاب بىلەن ئۇرۇپ ، تەن جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم . بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدىلا تەنقىدلەپ ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە غۇرۇرىغا مۇخالىپ كېلىدىغان سۆزلەرنى، لەقەملەرنى دەپ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەمدىلا بىخ سۈرۈۋاتقان ئۆزىگە ئىشىنىش ، ئۆزىنى سۆيۈشتىن بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى بايلىقىنى كۈزدە خازان بولغان يوپۇرماقتەك ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ، ئۇلارنىڭ ئەتىسى قانداق بۇلار ؟ دېگەن سۇئال كاللامنى چېرمىۋالاتتى. q-c9YOz_ FO"8B ياش–ئۆسمۈرلەر گۈزەل كېلەچەكنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، ئۇلار ئاسانلا جەمئىيەتتىكى خىلمۇ خىل زەربە ۋە بېسىملار ئالدىدا قايمۇقۇپ قالىدۇ ھەم بېرەر ھادىسىلەرگە تېزلا ئېشىنىپ كېتىدۇ . شۇڭلاشقا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇنبەر ئالدىدىكى ئىلھام سۆزى ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ، ئوقۇغۇچىغا غايەت زۇر كۈچ ۋە مەدەت ئاتا قىلسا ، ئۇنىڭ ئەكسىچە مەنسىتمەسلىك نەزەردە قىلغان قوپال سۆز– ھەرىكەتلەر ئۈمىد چېرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويىدۇ. ua$H"(#c ئوقۇتقۇچىلىق مەزگىلىمدە ، بىر نەچچە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ :- مۇئەللىم ، سىز ماڭا ئۆز ئانامدەكلا كۆرۈنىسىز ، مېنىڭ ئىككىنچى ئانام ، ئائىلىدە بىر ئانام ، مەكتەپتە يەنە بىر ئانام بار دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىمدا ، قەلبىم ئالەمچە شادلىققا تولاتتى . |$[WnYP كۆڭلۈمدە:- ئوقۇغۇچىلىرىم مەندىن رازى ئىكەن دەپ ناھايىتى سۆيۈنگەنىدىم. a*4"j2j v قىسقا ۋاقىت ئىشلەپ ، بالىلار قەلبىدە ئازراق بولسىمۇ ، مېھرىبان ئانىسىغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئوبرازنى ياراتقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم . $*
)??uU دېمەك ، مەن ئۇلارنىڭ ھېسىي تۇيغۇ ئالىمىدە ، ئۆز ئانىسىنىڭ رولىنى ئويناپتىمەن ئەمەسمۇ؟ C;m 7~R بىزدە :–بالا يۇمران چېچەك ، ساغلام باقمىساڭ بولىدۇ پۇچەك دېگەن ماقال بار . `x;8,7W;B ئوقۇغۇچىلارنى نۆۋەتتىكى مائارىپنىڭ تەلىپى بويىچە ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن ، بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھېسياتىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ، ئۇلارنىڭ ھېسياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈشىمىز ، قەھرىتان قىشتەك سوغۇق مۇئامىلىدە ئەمەس ، تەسىرلىك يېقىملىق سۆزلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇغرا ، ھالال يوللاردا مېڭىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشىمىز كېرەك . C+{du^c$ بالىلارنىڭ پاك ھېسياتىنى ئۇيغۇتالايدىغان ئەمەلىي ئىش–ھەرىكىتىمىز . چىن تەبەسسۇم ، بالىلارنى ھەقىقىي چۈشۈنىش روھىي ھالىتىمىز بىلەن ، پەرزەنت ئىشقىدا ئۈن–تىنسىز بەدەل تۆلەۋاتقان تۆھپىكار ، ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىشىمىز لازىم. eF8!}|*N ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە ئەتىدىن–كەچكىچە ، دۇسكىنى قۇچاقلاپ ، بۇر- تۇزاڭلىرى ئىچىدە ، دەرسنى ئۆتۈپلا چىقىپ كېتىدىغان ، يالاڭ ئاياغ دۇختۇر بولماسلىقى كېرەك . >z0~!!YZ KM$5ZbCF: بىلىم گۈلزارىدا ، ئىلىم–ھېكمەت ئىگىلەشتىكى ئاساسىي مەقسەت ھەقىقىي ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش ، بىز ئوقۇغۇچىغا يالغۇز پەن–مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن ، يەنە ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدۈرىدىغان شۇنداقلا سەمىمىي بولۇشنى بىلدۈرىدىغان ھېسىيات تەربىيسى ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم . |
|