查看完整版本: [-- لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرىدىكى ساپالار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرىدىكى ساپالار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2011-12-29 10:26

لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرىدىكى ساپالار

قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولغىلى بولىدۇ
بىر ياخشى مەكتەپ مۇدىرى بولغاندا بىر ياخشى مەكتەپ بولىدۇ، بىر مەكتەپنىڭ مۇنەۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يىتىشتۇرۇپ چقالىشى ياكى چىقالماسلىقى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مىنىڭچە بىر لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولۇش ئۈچۈن:
1. سىياسى سەزگۈزلۈكى يۇقىرى بولۇش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى بىۋاستە تەشكىللگۇچى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگۈچى بولۇپ، مەكتەپ خىزمىتىدە مەركىزىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سىياسىي ساپاسىنىڭ يۇقىرى ياكى يۇقىرى ئەمەسلىكى بىر مەكتەپ سىياسىي خىزمىتنىڭ ياخشى- يامان، ئوقۇتۇش سۈپىتنىڭ ئەلا-ناچارلىقىنى بىۋاستە بەلگىلەيدۇ.
2. مەكتەپ مۇدىرى چوقۇم ئىقتىسادىي جەھەتتىن سەگەك، مېڭە، ئىددىيدە يېڭىلىق يارىتالايدىغان، نەزەرىينى ئەمەلىيەتكە باغلىيالايدىغان ئقتىدارغا ئىگە بولىشى لازىم.
3. يۇقىرى باشقۇرش ئىقتىدارى بولۇشى لازىم. جايدا  ئىشلىتىلگەن باشقۇرۇش ماھارىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىدۇ. شۇڭا، مەكتەپ مۇدىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى، ئىددىيە ساپاسىنى ئۈلۈكسىز ئۆستۈرۈپ تۇرىشى كىرەك، مەكتەپ باشقۇرۇش جەريانىدا ئىلمىي بولۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
4.ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن سىرت، ئەڭ يۇقىرى چەكتە ھەر قايسى ئورۇن، تارماق رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بولۇش لازىم. پەقەت جەمىئيەتتە قوللاشقا ئىگە بولغاندىلا، مەكتەپ مۇدىرى ئاندىن دادىللىق بىلەن ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ، ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيلەش شارائىتنى يارىتالايدۇ.
5. ئۆزى ئۈلگە بولۇپ باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك رول ئوينىشى لازىم.
بىر لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرى مەيلى يىشىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىقىن دوستى بولۇشى كىرەك. بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەربىيە،ئوقۇتۇش، مەكتەپ خىزمىتى، تۇرمۇش، قاتارلىق جەھەتلەرگە نىسبەتەن تىخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويىدۇ.
6. كۈچلۈك تەقدىم قىلىش روھىغا ئىگە بولشى كىرەك.
بىر مەكتەپ مۇدىرى پارتىينى، خەلقنى، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى سوتسىيالىزىم ئىشلىرى ئۈچۈن بىغىشلىيالىشى كىرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن مىڭىسىنى داۋاملىق سەگەك تۇتۇپ ئوقۇتۇش نىشانىنى توغرىلاپ ئۆزلۈكسىز مائارىپ فاڭجىنىنى ئاڭلىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرالايدۇ.
7. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ يىڭىلىق يارتىش روھى بولۇش كىرەك.
ئىجتاھات خىزمەت قىلدىغان،شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشىدىغان، توختاۋسىز ئۆگىنىدىغان ئۆزى ئۈلگە بولدىغان، باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە كەسپىي سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈردىغان، شام روھىغا ئىگە بولغان بولۇش،  ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرسى ئىچىدە تىرىشىپ ئىشلەپ مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشالايدىغان بولىشى لازىم.
8. مەكتەپ تەرەققىيات پىلاننى تۈزەلەيدىغان بولۇش.
مەكتەپ مۇدىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئوقۇتۇشنى نىشان قىلىپ مەكتەپنىڭ بەش يىللىق، ئون يىللىق تەرەققىيات پىلاننى تۈزەلەيدىغان، تۈزگەن پىلاننى تولۇق ئىجرا قىلىشقا كىپىللىك قىلالايدىغان بۇ ئارقىلىق بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتالايدىغان بولۇش لازىم.
2010-يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى

ئۇيغۇرجان 2012-01-30 11:17
توغرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قانداق بولىشى ،شۇ مەكتەپنىڭ پۇتۇن ئىشلىرىغا بىۋاستە موناسىۋەتلىك.....بىر قىسىم مەكتەپتىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بوشاڭلىقىدىن بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالى نىمە بوپ كىتەر؟

ئەكبەرنىياز 2013-07-07 14:10
بۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرى ھازىر قانچىلىكتۇ ؟؟؟

ئايبىكە 2013-07-07 23:15
ھەربىر مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك يازما ئىكەن.


查看完整版本: [-- لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرىدىكى ساپالار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled