查看完整版本: [-- سىنتاكسىس قىسمىدىن تاللاش سوئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> سىنتاكسىس قىسمىدىن تاللاش سوئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xayda 2011-12-28 22:45

سىنتاكسىس قىسمىدىن تاللاش سوئالى

سىنتاكسىس قىسمىدىن سوئالى
1.‹‹مەن زىمىن ئانىنىڭ كائىناتقا ئاتاپ ئەمدىلا تۇغقان پەرزەنتى››دېگەن
جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى ھەققىدە خاتاسى:

A.‹‹تۇغقان پەرزەنتى››دېگەن سۉز بىرىكمىسى ياندىشىش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن.B.جۈملىدىكى ‹‹مەن››دېگەن ئالماش ئىگە، ‹‹پەرزەنتى››دېگەن ئىسىم خەۋەر ۋەزىپىسىدە كەلگەن كېلىپ، ئىگە-خەۋەرمۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلغان.C. ‹‹ئانىنىڭ پەرزەنتى›› دېگەن سۉزبىرىكمىسى چىرمىشىش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن.D.بۇ جۈملىدە باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن سۉز بىرىكمىسىدىن ئىككىسى بار.

2.‹‹شۇنداق گۈزەل خىسلەتلەرگە ئىگە ئادەملەر باركى، ئۇلار ئۉزلىرىنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۉزلىرىگە دوست قىلىۋالالايدۇ››دېگەن جۈملە ھەققىدە توغرىسى:

A.بۇ بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، تەركىبىدىكى ئىككى ئاددىي جۈملە ‹كى››باغلىغۇچىسى ئارقىلىق باغلانغان.B.بۇ ئۈچ ئاددىي جۈملىدىن تۈزۈلگەن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملىدۇر.C.بۇ بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ،‹‹دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۉزلىرىگە دوست قىلىۋالالايدۇ››دېگەن جۈملە باش جۈملىدۇر.D. بۇ بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، ‹‹شۇنداق گۈزەل خىسلەتلەرگە ئىگە ئادەملەر باركى››دېگەن جۈملە بېقىندى جۈملىدۇر.

3.‹‹بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ كۉڭلى خۇراپاتقا مايىل بولىدۇ››دېگەن جۈملىدىكى سۉزلەرنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋىتى ھەققىدە توغرىسى:

A.‹‹بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ››دېگەن سۉز بىرىكمىسى چىرمىشىش مۇناسىۋىتىدۇر.B.بۇ جۈملىدە باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىدىكى سۉز بىرىكمىسىدىن ئىككىسى بار.C.‹‹مايىل بولىدۇ›› دېگەن سۉزلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتىدۇر.D.‹‹كۉڭلى مايىل بولىدۇ››دېگەن سۉزلەر ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتىدە كەلگەن.

پارچىنى ئوقۇپ، 4-،5-،6-سوئالنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداڭ:

‹‹مەن دادامغا خەت يازدىم:‹دادا، مەن ئۆزۈمنى يوپۇرماق ھېسابلىسام، سېنى گويا يىلتىز كۉرىمەن، چۈنكى يىلتىزسىز يوپۇرماق بولمايدۇ.مەن ئۉزۈمنى كېپىنەك كۉرسەم،سېنى خۇددى گۈلزارغا ئوخشىتىمەن. چۈنكى، كېپىنەك گۈلزارسىز كۈچ-مادار تاپالمايدۇ.مەن ئۉزۈمنى قېيىق كۉرسەم، سېنى بەئەينى دەريا ھېسابلايمەن. چۈنكى، قېيىق دەرياسىز ھېچ مەنزىلگە بارالمايدۇ..›

دادامدىن ماڭا جاۋاب خەت كەلدى:‹بالام، سەن ئۉزۈڭنى يوپۇرماق ھېسابلىساڭ، خەلقىڭنى يىلتىز ھېسابلىغىن،چۈنكى شۇ يىلتىزسىز مەنمۇ شاخلىيالمايتتىم.سەن ئۉزۈڭنى كېپىنەك كۉرسەڭ، دىيارىڭنى گۈل-گۈلىستانغا ئوخشاتقىن، چۈنكى شۇ گۈلىستانسىز مەنمۇ كۈچ-مادار تاپالمايتتىم. سەن ئۉزۈڭنى قېيىق كۉرسەڭ، ئەل قوينىنى بەئەينى دەريا بىل، چۈنكى شۇ دەرياسىز مەنمۇ ھېچ مەنزىلگە بارالمايتتىم...›

 مەن دادامنىڭ جاۋابىدىن ئەقىدىنىڭ يىلتىزىنى تاپقاندەك بولدۇم.››

4.پارچىدىكى سۉزلەرنىڭ باغلىنىشى ھەققىدە خاتاسى:

A.‹‹ئۆزۈمنى ھېسابلىسام››،‹‹يىلتىزسىز بولمايدۇ››،‹‹ جاۋابىدىن تاپقاندەك›› دېگەن سۉز بىرىكمىلىرى باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن.B.‹‹ شۇ يىلتىزسىز مەنمۇ شاخلىيالمايتتىم›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹شۇ›› بىلەن ‹‹يىلتىزسىز››، ‹‹يىلتىزسىز›› دېگەن سۉز بىلەن ‹‹شاخلىيالمايتتىم›› دېگەن سۉزلەر ياندىشىش مۇناسىۋىتىدۇر. C. ‹‹گۈل-گۈلىستان››،  ‹‹كۈچ-مادار›› دېگەن جۈپ سۉزلەر ئۉزئارا بىر-بىرى بىلەن تەڭداش مۇناسىۋەتتە كەلگەن. D.‹‹ئەل قوينىنى››، ‹‹دادامنىڭ جاۋابىدىن››دېگەن سۉز بىرىكمىلىرى چىرمىشىش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن.

5.ئەڭ ئاخىرقى جۈملىنىڭ جۈملە بۉلەكلىرى ھەققىدە توغرىسى:

A.بۇ جۈملىدە ھالەت بولۇپ كەلگەن سۉزدىن ئىككىسى بار.B.جۈملىدىكى ئىككى سۉز تەۋەلىكنى بىلدۈرۈپ ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن.C.بۇ جۈملىدىكى ئۈچ ئىسىمنىڭ ئىككىسى تولدۇرغۇچى، بىرى ھالەت.D.جۈملىنىڭ ئىگىسى ‹‹مەن›› دېگەن ئالماش، خەۋىرى ‹‹بولدۇم›› دېگەن شەخسسىز پېئىلدۇر.

6.پارچىدىكى جۈملىلەر ھەققىدە خاتاسى:

A.‹‹مەن دادامغا خەت يازدىم››دېگەن جۈملە ئاددىي جۈملىلەرنىڭ بايان جۈملە تۈرىگە كىرىدۇ. B.‹‹ مەن ئۉزۈمنى قېيىق كۉرسەم، سېنى بەئەينى دەريا ھېسابلايمەن›› دېگەن جۈملە تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدۇر.C. ‹‹بالام، سەن ئۉزۈڭنى يوپۇرماق ھېسابلىساڭ، خەلقىڭنى يىلتىز ھېسابلىغىن،چۈنكى شۇ يىلتىزسىز مەنمۇ شاخلىيالمايتتىم››دېگەن جۈملە ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملىدۇر.D.ئاستى سىزىلغان جۈملە بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىدۇر.

7.باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن سۆزلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى:(      )

(1)ئېغىر زىيان(2)سەھەردە ئويغانغان(3)خەرىتە سىزىش(4)ھۆكۈمدارلار قانۇنى (5)ئۆلۈم سىگنالى (6)مائارىپتا چېكىنىش (7)تەپەككۇرنى ئويغىتىش (8)ئۆزگىگە بېقىش.A.(2)(3)(6)(7)(8)؛B.(1)(3)(5)(6)(8)؛C.(2)(4)(5)(6)(7)؛D.(3)(4)(5)(6)(8).  8.مۇرەككەپ جۈملە ھەققىدە توغرىسى:(    )

A.‹‹كىمكى ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزسە،شۇ دۇنيادا ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان بولىدۇ››دېگەن جۈملە مۇرەككەپ بېقىندىلىق جۈملە بولۇپ، ئاستى سىزىلغىنى باش جۈملىدۇر.B.‹‹دەردلىك كۆڭۈل نۇرلۇق چىراغقا،ياشلىق كۆز سۇلۇق بولاققا ئوخشايدۇ›› دېگەن جۈملە باغلىغۇچىلارسىز باغلانغان تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدۇر.C.‹‹ئۆز ئانا تىلىغا مۇھەببەت قانچە كۈچلۈك بولسا،ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگىمۇ سۆيگۈسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ››دېگەن مۇرەككەپ جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان جۈملە بېقىندى جۈملىدۇر.D.‹‹ئىزىڭدىن تىكەن ئۆنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانچىلار›› دېگەن مۇرەككەپ جۈملە تىنىش بەلگىسى ئارقىلىق باغلانغان تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدۇر.

9.‹‹سەن قوغلىغان مۇھەببەت پارنىكتا ئۆسكەن گۈلگە ئوخشايدۇ.سېنى قوغلىغان مۇھەببەت ھوۋغا قىلىنغان گۈلگە ئوخشايدۇ.سەنمۇ قوغلىغان،سېنىمۇ قوغلىغان مۇھەببەت يۈرىكىڭدە ئېچىلغان گۈلگە ئوخشايدۇ.››بۇ جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى ۋە جۈملە بۆلەكلىرى ھەققىدە توغرىسى:(     )

A.‹‹مۇھەببەت ئوخشايدۇ››،‹‹گۈلگە ئوخشايدۇ››دېگەن سۆز بىرىكمىلىرى ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتىدە كەلگەن.B.1-جۈملىدىكى ‹‹سەن››سۆزى ئىگە،‹‹پارنىكتا، گۈل››سۆزلىرى تولدۇرغۇچى.C.‹‹سەنمۇ قوغلىغان››،‹‹مەنمۇ قوغلىغان››دېگەن ئىككى سۆز بىرىكمىسىدىكى سۆزلەر تەڭداش مۇناسىۋەتتە كېلىپ، باغكىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانغان.D.2-جۈملىدىكى ‹‹مۇھەببەت››سۆى ئىگە بولۇپ، ‹‹ئوخشايدۇ››دېگەن خەۋەر بىلەن ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلغان،2-جۈملىدە باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىكەلگەن سۆز بىرىكمىسىدىن ئىككىسى بار.

10.جۈملە ھەقىدە خاتاسى:(     )

A.‹‹گېنىرال مىلتىقنىڭ بېسىمى بىلەن،ئوقۇتقۇچى بىلىمنىڭ كۈچى بىلەن ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ››دېگەن جۈملە باغلىغۇچىلارسىز باغلانغان تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدۇر.B.‹‹ - ھەي،سائىل، ساڭا نېمە كېرەل؟- دەپ سوراپتۇ بالا.

- ماڭا كېرىكىنى كېيىن سورايمەن،ئېيتە، بالام، بۇ كىمنىڭ

ئۆيى؟

-دادامنىڭ.››دېگەن پارچىدا ئاددىي جۈملىلەردىن بايان جۈملە،سوئال جۈملە،تولۇق جۈملە،تولۇقسىز جۈملىلەر قوللىنىلغان.C.‹‹ئىنسان نېمىنى ئىسراپ قىلسا،نېمىنىڭ قەدرىگە يەتمىسە، شۇنىڭ خارلىقىغا ئۇچرايدۇ،شۇ نەرسىگە خارۇ زار ھالدا مۇھتاج بولىدۇ.›› بۇ بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە.D.‹‹بۇ شۇنداق گۈلكى، يازدىمۇ ئېچىلىدۇ،قىشتىمۇ ئېچىلىدۇ››دېگەن جۈملە ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، ‹‹ بۇ شۇنداق گۈلكى››دېگەن باش جۈملىدۇر.


maaripqi 2012-04-06 21:37
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

tawpek 2012-04-07 17:19
خاس ئۇيغۇرتىلىدىن چىقىرىلغان سۇئالكەن دىسە.

بىلىگيار 2012-09-22 20:40
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا!

زۇلپىقار 2012-09-27 18:31
رەھمەت !!!

تۇپراق 2012-12-11 00:42
بۇ سوئاللار بىزنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈگۈدەك،سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن.

رەيھانگۇل 2012-12-11 00:54
مانا ئەمدى قېيىنالمايلا ، كېسىپ چاپلايدىغان بولدۇق-تە، سۇئالنىڭ  تورىگە...

قاياش 2013-03-28 15:32
سوئال لاھىلىمەك ئاسان ئىش ئەمەس، بىزگە بەرگەن سوۋغىڭىزغا رەھمەت.

tawpek 2013-03-28 22:45
قاياشجاننىڭ بۇ كۆمۆلۆپ قالغان بايلىقنى كۆز ئالدىمىزدا قايتا زاھىر قىلغىنىغا ئاپىرىن.

پايدىلانغانلار ئىنكاس ئارقىلىق مۇشۇنداق كۆتۆرۆپ قويساق باشقىلارنىڭ ئۇچرىشىشىغا قولايلىق بولاتتى.

تەشنا005 2013-11-10 12:12
رەھمەت

nafisaay 2013-11-10 21:26
ئەجرىڭىزگە كوپ رەخمەت

ياسىنجان510 2013-12-23 00:22
دەرسخانا ئوقۇتىشىدا پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى ئىكەن،رەھمىت سىزگە.

xjx234566432 2013-12-24 02:30

شاھتۇرك 2013-12-30 16:22
سىزگە كۆپ رەھمەت... ...

ياسىنجان510 2014-01-18 14:28
پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى ئىكەن ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

بابۇر0725 2014-02-19 22:39
ياخشىكەن


查看完整版本: [-- سىنتاكسىس قىسمىدىن تاللاش سوئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled