查看完整版本: [-- لېكسىكا قىسمىدىن تاللاش سوئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> لېكسىكا قىسمىدىن تاللاش سوئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xayda 2011-12-28 22:44

لېكسىكا قىسمىدىن تاللاش سوئالى

لېكسىكا قىسمىدىن ئىمتىھان سوئالى
سوئال
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
جاۋاب
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 

توغرا جاۋابنى تاللاڭ (45 نومۇر)
1.ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر توغرا گۇپپىلانغىنى:
 (1)يەرلىك شېۋە سۆزلەر (2)پېئىل سۆز تۈركۈمىگە تەۋە سۆزلەر (3)پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى (4)كونىرىغان، ئىستىمالدىن قالغان سۆزلەر (5) شەيئىلەرنىڭ بەلگىلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۈپەت سۆز تۈركۈملىرى (6)چەت ئەل تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر (7)ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ تۇغقانچىلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار (8)يېڭىدىن ئىجاد قىلىنىۋاتقان سۆزلەر A.(2)(3)(6)(7)(8)  B.(1)(3)(4)(6)(8)  C.(3)(4)(5)(7)(8)  D.(1)(4)(6)(7)(8)
 2.تەركىبىدە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر بولمىغان جۈملە:
A.ئۇيغۇر بوكسچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.B.قەدىمكى دەۋردە يەكەندە مەدرىسلەر ئېچىلغان.C.ئۇنىڭ ئارزۇسى ئالىي مەكتەپنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇش.D.ئاق كۆڭۈل،پاك بولغانلار ئادەمنىڭ ياخشىراقىدۇر، ھەقنى سۆزلەشتىن قورقمايدىغان، ئۆزى پاك كىشىلەرلا ‹‹ئىنسان ›› دېگەن نامغا لايىقتۇر.
3.ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر گۇرۇپپىسى:
(1)بۇلبۇل (2)كومپاس (3)لەپ-لەپ (4)ئۈزچات (5)ئىللىق (6)قوناق (7)تېلېفون (8)كۆز (9)كەتمەن (10)سارس A.(1)(2)(4)(6)(8)(10)  B.(1)(3)(5)(6)(8)(9)  C.(3)(4)(6)(7)(9)(10)  D.(2)(4)(6)(7)(8)(10)
4.سۆز مەنىلىرى ھەققىدە توغرىسى:
A.‹‹كۆپ تىل ئىگىلىگەن كىشى ھۆرمەي تاپىدۇ، ئەگەر كۆپ تىل ئۆگىنىپ تۇرۇپ،ئانا تىلىنى ئىگىلىيەلمىگەن كىشى مەڭگۈ قەدىرسىز بولىدۇ››دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان. B.مىۋىلىك باغنى ياكى گۈللۈك باغنى پەرۋىش قىلغۇچى كىشى باغۋەن دەپ ئاتىلىدۇ،ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقۇغۇچىنى پەرۋىش قىلغۇچى بولغاچقا، باغۋەن دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا بۇ سۆز بىرلا ئەسلىي مەنە ئىپادىلەيدۇ. C.‹‹چىرايلىق قىز››نى ‹‹گۈزەل قىز››، ‹‹تېز مېڭىڭ››نى ‹‹ئىتتىك مېڭىڭ››دېگەندەك مەنىداش سۆزلەر ئالماشتۇرۇلۇپ قوللىنىلغاندا، ھېچقانداق مەنە خاتالىقى كۆرۈلمىگەن، شۇڭا، تىلىمىزدىكى بارلىق مەنىداش سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ قوللىنىشقا بولىدۇ. D.‹‹ئامەت››دېگەن سۆز بەخت-تەلەي، پۇل،مال-دۇنيا، ئامانلىق، خاتىرجەملىك، ئارمان،ئالدىنى ئېلىش دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
5.‹‹ئېغىز››سۆزى ئەسلىي مەنىدە قولللىنىلغان جۈملە:
A.كۈپنىڭ ئېغىزىنى ئېچىش بىلەن كۈپتىن قويۇق ئىس چىقىپ كېتىپتۇ.B.دۈشمەننىڭ زور قوشۇنى تاغ ئېغىزىدا ئارمىيىمىز تەرىپىدىن يوقىتىلدى.C.ھەر كۈنى تاماقنى يەپ بولۇپ ئېغىز چايقاش ياخشى ئىش.D.ئۇ يارىسىنى ۋاقتىدا داۋالاتقاچقا، ئېغىز ئېلىپ تېزلا ساقىيىپ كەتتى.
(6)ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى ھەققىدە توغرىسى:
A.‹‹تازا››دېگەن سۆز ‹‹بۇ كىيىم سىزگە تازا يارىشىپتۇ››دېگەن جۈملىدە سۈپەت ۋەزىپىسىدە كەلگەن، ‹‹بۇ گەپنى ئاڭلاپ تازا خوشال بولغانسەن-ھە!›› دېگەن جۈملىدە رەۋىش بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ سۆز كۆپ مەنىلىك سۆزدۇر. B.‹‹نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئايىغىدا سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدىكەن›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹ئايىغى›› دېگەن سۆز ئاھاڭداش سۆز.C.شەكىلداش سۆزلەر بىلەن كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە يېزىلىشى ئوخشاشمايدۇ، ئەمما مەنە ئىپادىلەش جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. D.‹‹لىن مەشقاۋۇل بۇتخانىدىكى توڭلاتقۇدىن كالا گۈشى ئالغىلى كىرىپ،گاۋ ئەمىرنىڭ پايلاقچىلىرىنىڭ كومپيوتېر تورىدىن ئۆزنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەر غەزەپكە كەلدى›› دېگەن جۈملىدە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزدىن تۆتى بار.
(7)تۇراقلىق تەركىبلەر ھەققىدە توغرىسى:
A.‹‹لايدىن ياسىغان خام كوزا ،سۇدىن چىقسا ساق چىقماس›› دېگەن تەمسىلدە ھىيلە-مىكىر، ساختىلىق بىلەن قىلىنغان ئىش ھەقىقەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەيدۇ،دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن. B.‹‹ئۇماچقا زەدەك توغراپتۇ،پولوغا مەدەك›› دېگەن ماقالدا ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىش تۇتماي، ئەخمىقانىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تېجىمەللىكى ئىپادىلەنگەن.C.‹‹ئۇياتسىز مۈشۈككە قازناقنىڭ ئىشىكى ئوچۇق›› دېگەن تەمسىلدە خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان، يۈزى قېلىن ئادەم ھۋېچنېمىدىن ئەيمەنمەيدۇ، ئۇچىرىغاننى ئالىدۇ،دېگەن مەنە ئىپادىلەنگەن.D.‹‹كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا گەپنىڭ مەززىسى توق›› دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭ مەزمۇنى كېچىكىپ تېرىلغان كېۋەز تولۇق غوزا ئالمىغاندەك، ئورۇنسىز سۆزنىڭ مەنىسى بولمايدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ.
(8)ماقال-تەمسىللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادىلىگەن مەزمۇنى ھەققىدە خاتاسى:
A.‹‹ئاسقۇدا گۆش بولسا،بىر كۈنى مېھمانغا ياراپتۇ›› دېگەن تۇراقلىق بىرىكمە كۆچمە مەنىدە كەلگەندە، بىراۋغا قىلغان ياخشىلىق ھامان قايتىدۇ،ھاجەتكە، ئېھتىياجغا ئەسقاتىدۇ، دېگەنگە تەمسىل قىلىنىدۇ.B.‹‹باراڭ لازىم ئەمەس، قاپاق لازىم›› دېگەن ئىدىئومدا ھەرقانداق بىر ئىشتا رەڭۋازلىق، ساختىپەزلىك،شەكىلۋازلىق ئەمەس، سەمىمىيلىك قىلىش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت مەزمۇن ئىپادىلەنگەن. C.‹‹پۇتقا تاپسا باشقا يوق، باشقا تاپسا پۇتقا يوق›› دېگەن تەمسىلدە تاپقىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا  يەتمەيدىغان، يوقسۇزلۇق،نامراتلىق دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن.D.‹‹قۇش ئۆز ئۇۋىسىنى قەدىرلەيدۇ›› دېگەن تەمسىدە ھەر كىم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى، ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدۇ،دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن.
(9)سۆز مەنىلىرى ۋە لۇغەت تەركىبى ھەققىدە خاتاسى:
A.‹‹قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلارنى كۆرسەم خۇددى ئەما كۆزلەرنى كۆرگەندەك بولۇپ قالىمەن، ئەمىلىيەتتىمۇ تەبىئەتنىڭ بۇ ئويناق كۆزلىرىنى بىز قارىغۇ قىلىۋەتتۇق›› دېگەن پارچىدىكى ‹‹بۇلاق، كۆز›› سۆزلەر كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان.B.ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر ئومومىي خەلققە ئورتاق،تۇراقلىق ۋە سۆز ياساش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان سۆزلەردۇر.دىئالېكت – شېۋە سۆزلىرى، قەدىمكى سۆزلەر،تارىخىي سۆزلەر،پەننىي ۋە كەسپىي ئاتالغۇلار بۇ تەركىبكە كىرمەيدۇ. C.‹‹ئەتىگەنلىك شەپەق تاڭ تەۋەللۇت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالتۇن نۇرغا ئۆزگەردى.كەچلىك شەپەق تۈن ھامىلدار قىلغانلىقى ئۈچۈن قاراڭغۇغا ئۆزگەردى›› دېگەن جۈملىلەردىكى ‹‹ئەتىگەنلىك، تاڭ، ئالتۇن نۇرغا›› دېگەن سۆزلەر بىلەن‹‹كەچلىك، تۈن، قاراڭغۇ›› دېگەن سۆزلەرنى قارىمۇ قارشى مەنىدە قوللىنىلغان دېيىشكە بولسىمۇ، ‹‹تەۋەللۇت›› دېگەن سۆز بىلەن ‹‹ھامىلدار›› دېگەن سۆزنى مەنىداش سۆز دېيىشكە بولمايدۇ. D.‹‹نارسىدە، پەرزەنت، بوۋاق، ئەللەي، گۆدەك، بالا›› دېگەن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەردۇر.ئۇلارنىڭ مەنىلىرى ئارىسىدا بەزى ئىنچىكە پەرقلەر بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ‹‹بالا›› دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئەتراپىدا ئېيتىلغان بىر-بىرىگە يېقىن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
(10)ئىدىئوملار توغرا قوللىنىلغان جۈملىلەر گۇرۇپپىسى:
(1)ئۇ ياغاچ قۇلاققا ئەمدى نەسىھەت قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. (2)ئۇ ئىچى پىششىق ئادەم بولغاچقا، تويغىنىنى بىلمەي يەۋېرىپ سەمىرىپ كەتتى. (3)بىر-ئىككى كىتابنى ئوقۇپ قويۇپلا ئۇستازنىڭ ئېغىزىنى غېرىچلاشنى ئۆگىنىپسىز-دە! (4)باقى ئائىلىسىسىنىڭ تراگىدىيىسىنى كۆرۈپ نېمىشقىدۇر ئۆپكەپ ئۆرۈلگەندەك بولدى.(5)ئۆمەر ئۇستام تازىلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۇستىخىنى پاك ئادەم دېيىشكە بولىدۇ. (6)قىزىم، ئوقۇرى ئىگىز ئائىلىگە كېلىن بولالىساڭ بەختىڭنى تاپاتتىڭ،-دېدى ئاتىسى. (7)ئۇ بىزگە ھۆركىرىگەن بىلەن باشلىقىنى كۆردىمۇ شۇئان موللا مۈشۈك بولۇپ قالىدۇ. (8)كىشىنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، قالدى لېۋىنى چىشلەپ. (9)ئاددىي ھېسابات ئىشلىرىنىمۇ ئۆگىنىلمەي قاچانغىچە قارا ساناپ ھېسابلىيالماي يۈرىسەن. A.(3)(5) (7)(8)(9) B.(1)(3)(4)(7)(8) C.(2)(4)(6)(7)(8)D.(4)(5)(6)(8)(9)
 (11)تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە توغرىسى:
A.‹‹ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغۇچە، ئەلنىڭ بالىسى بول.›› مەنىسى: ئىش قىلغاندا ئاتاڭغا يۆلىنىۋالماي،ئەل-يۇرتقا تايان. B.‹‹ئەخمەقنىڭ دوستى تولا.›› مەنىسى: ئەخمەق كىشىلەرنىڭ دوستى كۆپ بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بار.C.‹‹بۆدۈنىنىڭ ئۆيى يوق، نەگە بارسا ۋىتىۋىلداق.›› مەنىسى:ۋەتەنسىز كىشى قەيەرگىلا بارسا، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالمايدۇ.D.‹‹قوزغۇنغا تاغ ياخشى، بۇلبۇلغا باغ ياخشى.›› مەنىسى:قارا نىيەت كىشىلەر تاغ جىرالاردا تۇرغىنى تۈزۈك، ياخشى كىشىلەر باغۇ بوستاندا ياشىغىنى تۈزۈك.
 (12)ئىملا خاتالىقى كۆرۈلمىگەن جۈملە:A.داننىڭ توقلۇغى تۇپراققا باغلىق، گۈلنىڭ جامالى ياپراققا تالىق.B.تۇققانلار باغ سەيلىسىگە كرتىپ قاپتۇ.C.سېنىڭ بېغىڭدا ئاق ئۈژمە بىلەن شاتۇت بامۇ؟ D.بۇ بىر تارىخىي مەسىلە، شۇنداقلا بىر سىياسىي مەسىلە.
(13)لېكسىكىلىق بىلىملەر ھەققىدە توغرىسى:A.‹‹قۇلىقى يۇمشاق›› دېگەن بىرىكمىدىكى ئىككى سۆز كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ، بۇ بىرىكمىدىمۇ كۆپ مەنىدە كەلگەن.B.‹‹ۋاي توۋا، بۇ مىس-مىسنىڭ ۋىت-ۋىت قىلىشلىرىنى ئاڭلاپ، بېشىم‹‹ زىڭ›› قىلىپ ئاغرىپ كەتتىغۇ-تاڭ››دېگەن جۈملىدە تەقلىد سۆز ۋە ئىملىق سۆزلەرنىڭ ھەممە تۈرى تېپىلىدۇ. C.‹‹ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالدى››دېگەن جۈملىدە تۇراقلىق ئىبارىدىن بىرى بار.D.‹‹سېتىۋالدى››دېگەن كىشى ئىسمى ‹‹سېتىۋالدى››دېگەن پېئىلنىڭ كۆچمە مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
(14)‹‹رايونىمىزدا سانائەت ئىگىلىكىنىڭ تېخىچە شەكىللەنمەسلىكى بىزدە تەبىئىي پەننىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادتا يۈكسەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان››دېگەن جۈملە ھەققىدە توغرىسى:A.بۇ جۈملىدە كۆچمە مەنىلىك سۆزدىن ئىككىسى بار.B.‹‹ئىقتىساد،سانائەت، تەبىئىي پەن››دېگەن سۆزلەر ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدۇ،ئەمما بۇ سۆزلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلىتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە تەۋە دەپ قارىساقمۇ خاتالاشقان بولمايمىز. C.بۇ جۈملىدىكى ئۈچ بولۇشسىز پېئىل ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلگەن.D.جۈملىدە شەخسلىك ئالماشتىن ئىككىسى بار.
(15)سۆزلەرنىڭ قوشۇمچىسى ھەققىدە توغرىسى:A.‹‹سۈپۈرگە››دېگەن سۆزگە بېرىش كېلىشنىڭ قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ يېڭى سۆز ياسىغان.B.‹‹قولداما››دېگەن سۆزگە بولۇشسىزلىق قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ يېڭى سۆز ياسىغان.C.‹‹ئاسمان››دېگەن سۆزنىڭ سۆز تومۇرى ‹‹ئاس››بولىدۇ.D.‹‹گاڭگىراش››دېگەن سۆزنىڭ سۆز تومۇرى ‹‹گاڭ››بولالمايدۇ.

qaydan 2012-03-29 12:52
رەخمەت ، بۇ سوئالىڭىز ماڭا بەك ئەسقاتتى.

maaripqi 2012-04-06 21:35
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ماتىرىيال ئىكەن، رەھمەت!

tawpek 2012-04-07 17:21
ئۇيغۇرتىلىدىن خاس چىقىرىلغان سۇئاللارنى تولوقلىۋەتكىنىڭىزگە تەشەككۇر.

بىلىگيار 2012-09-22 20:50
رەخمەت،ياخشى ماتىرىيال ئىكەن.  

ئەكبەرنىياز 2012-11-20 05:49
ھەقىقەتەن ئېسىل ماتىريالكەن ، ھارمىغايسىز !!!

gulnar 2012-11-21 14:47
ھارمىغايسىز، بەك ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز. تەكراردا ياخشى پايدىلىنىدىغان بولدۇم،رەخمەت

قاياش 2013-03-28 15:38
ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىمىزغا قوشقان تۆھپىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

tawpek 2013-03-28 22:43
تەكراردا چوقوم ئىشلىتىشكە تىگىشلىك سۇئاللاركەن بۇ.

ئەكبەرنىياز 2013-03-29 22:25
بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ تەكرارىدا بەك لازىم بۇ ماتىريال !

tawpek 2013-03-30 23:30
جاۋابىمۇ تەييار بولسىچۇ؟


查看完整版本: [-- لېكسىكا قىسمىدىن تاللاش سوئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled