查看完整版本: [-- فونېتىكا قىسمىدىن 60 تاللاش سوئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> فونېتىكا قىسمىدىن 60 تاللاش سوئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xayda 2011-12-28 22:42

فونېتىكا قىسمىدىن 60 تاللاش سوئالى

فونېتىكىدىن تاللاش سوئالى
1.ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە خاتاسى:A.ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 تاۋۇش ئىچىدە پەقەت 24 تاۋۇشنىڭ نامى ئاخىرىغا « ئې » تاۋۇشىنى قوشۇش ئارقىلىق ئاتىلىدۇ.B. ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئىچىدە تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىككىسى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلاردۇر. C.ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن دىماغ تاۋۇشلىرى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن ئايرىلغان، بۇ تاۋۇشلار جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلاردۇر. D.ئۇيغۇر تىلىدىكى «  ژ » تاۋۇشى « ي، ج » تاۋۇشىنىڭ، « ف» تاۋۇشى « پ » تاۋۇشىنىڭ ۋارىيانتى بولۇپ كېلىدۇ.

2.يېزىلىشى توغرا بولغان سۆزلەر گۇرۇپپىسى: A.ئارغامچا، كۆرۈنىش، موزايۋېشى، تەككەن، ئاچقۇچچى، قوللۇرىم.B. كىتابچە، كىتابچىلار، ئۈزۈمچىلىك، ئۇسسۇل، قارا ئۆرۈك، ياتاقلىق.C.يۈرۈكىم، تۇققانلار، پارچىدە، ئائىلىسى، كەلتۈرۈش، ئارىئوستەڭ. D.كۆزۈڭ، ماقالىلار، قەلەمچىلەر، تەنقىت، ئاياغقا، يوللۇرۇم.

3.تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى « ئى » تاۋۇشى بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ئۇلانغاندا، « ئا، ئە » تاۋۇشلىرى « ئې » تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدىغان سۆزلەر گۇرۇپپىسى:A. مەن، دەڭ، كەل، قال، گاھ، تاش، ساي. B.مال، ئەس، يىغ، تاڭ، كەم، ياش، چەك. C.ئەل، تاپ،تەم، سال، كەت، نان، ئەمگەك. D.ئەش،ئاق،ئەگ،ئاچ،سەن،بار،ئات.

4.تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە قوشۇلۇپ قېلىشى ھەققىدە توغرىسى:A. « كۆڭۈلدە كىر،ئاداۋەت ساقلىغان ئادەم پۇرسەت تاپقاندا سېنى ۋەيران قىلىدۇ » دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆزدە سوزۇق تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش، بىر سۆزدە سوزۇق تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت. B.«مۇئەللىم ماقالە دەپتىرىمگە ‹ئىملايىڭىز توغرا بولسۇن!›دېگەن سۆز بىلەن ئىسمىنى يېزىپ قويۇپتۇ» دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆزگە ئۈزۈك تاۋۇش قوشۇلۇپ قالغان، يەنە بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش قوشۇمچە ئۇلانغاندا چۈشۈپ قالغان.C. «دانالار ئادەتتە ئەقلىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۆلىدۇ،ئەخمەقلەر بولسا ئەقىلگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن ئۆلىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئىككى يەردە قوللىنىلغان «ئەقىل» سۆزىگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن ھەر ئىككىلىسىدە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. D.«ئوغلۇمنىڭ ھويلىدا سىڭلىسىنى ئوينىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا مەستلىكىم كەلدى، ئىچىمدە ئۇلارنىڭ بەختى ۋە ئۆمرىنى تىلىدىم» دېگەن جۈملىدىكى بەش سۆزگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار چۈشۈپ قالغان.

5.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە توغرىسى:A.تىل تاۋۇشلىرى فونېتىكىنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ،ئادەتتىكى تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل تاۋۇشلىرى دېيىشكە بولىدۇ، تاۋۇشلار سۆزلەرنى شەكىللەندۈرگۈچى ئاساسىي بىرلىك.B.«يىل» سۆزنىڭ «ژىل» تەلەپپۇز قىلىنىشى،«باج» سۆزنىڭ «باژ» تەلەپپۇز قىلىنىشى«ي، ج» تاۋۇشلىرىنىڭ تەلەپپۇزدا «ژ» غا نۆۋەتلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇلار مۇستەقىل فونېما ھېسابلىنىدۇ. C.«ئوقۇتقۇچى »دېگەن سۆز تەركىبىدىكى تاۋۇشلار ئىچىدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى لەۋلەشكەن تاۋۇشلاردۇر، ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلاردۇر..D«سەزگۈرلۈك»، «مەڭگۈلۈك» دېگەن ئىككى سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئوخشاش تەرتىپتە كەلگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە ماسلىشىپ كەلگەن.

6.ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى ھەققىدە خاتاسى:A. ئۇيغۇر تىلىدا 32 تاۋۇش بولۇپ،ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇش، بۇ سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتلەردىن تۈرگە ئايرىلىدۇ. B.ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تاۋۇش چىقىرىش ئۇسولى جەھەتتىن ئالتە تۈرگە بۆلىنىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدىكى دىماغ تاۋۇشلىرىنى تەلەپپۇز قىلغاندا «ئې» سوزۇق تاۋۇشىنى قوشماستىن يالغۇز تەلەپپۇز قىلىمىز.C.ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلاردىن «ف،ژ» تاۋۇشلىرى گەرچە تىلىمىزدا مەنە ئۆزگەرتىش رولىغا ئىگە بولمىسىمۇ، تىلىمىزدىكى تەقلىدىي سۆزلەر، چەت ئەل تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەر ۋە كىشى ئىسىملىرى، يەر-جاي ناملىرىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدۇ.D.«ئۇلۇغ»دېگەن سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئورنى جەھەتتىن تىل ئارقا سوزۇق تاۋشى،ئۇنىڭدىكى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ بىرى قوۋۇز تاۋۇشى،يەنە بىرى سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشتۇر.

7.ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار، ئىملا ۋە تەلەپپۇز ھەققىدە توغرىسى:A. «تەر،تەم،تەك،تەگ،تار،تام،تال،تاس»دېگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە 3-شەخسنىڭ بىرلىك قوشۇمچىسى ئۇلانغاندا تەركىبىدىكى «ئا،ئە» تاۋۇشىلىرى ئاجىزلاشمايدۇ.B. «مېنىڭ ئورنۇمدا سىڭلىم بىلەن ئوغلۇم ياردەملىشىپ بەرسۇن» دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى سوزۇق تاۋۇشلار چۈشۈپ قالغان. C.« كۈچلۈك، ئاچقۇچ، كەچلىك» دېگەن سۆزلەر تەلەپپۇزدا « كۈشلۈك، ئاشقۇچ، كەشلىك» دەپ ئوقۇلىدۇ.D.بىرىككەن سۆزلەر تەركىبىدىكى ئىككىنچى تەركىبنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا كەلگەن «ب»تاۋۇشى ھەرقانداق ئەھۋالدا «ۋ»ئوقۇلىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ،مەسىلەن، «قاقۋاش، بەلۋاغ، مارالۋېشى...»قاتارلىقلار.

8.«بۇلاق سۈيى زىمىننىڭ يۈرىكىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن پاكىز»دېگەن جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ تاۋۇشلىرى ھەققىدە توغرىسى:A.بۇ جۈملىدىكى ئىككى سۆزدە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كېيىن «ئا،ئە»سوزۇق تاۋۇشلىرى «ئې،ئى»تاۋۇشلىرىغا ئاجىزلاشقان.B. بۇ جۈملىدە تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن سۆزدىن بەشى بار.C. جۈملىدىكى «بۇلاق»، «يۈرىكى» دېگەن سۆزلەر «بۇلاخ»، «يۈرىگى» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،دېيىش خاتا.D.بۇ جۈملە  تەركىبىدىكى بىر سۆز شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندە، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.

9. سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدە توغرىسى:A. «ئېخ، تەڭرىتېغىم، مېنىڭ ئانا تېغىم!سەندە ئانامنىڭ غەمگۈزارلىقى بار»دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە «ئا،ئە» تاۋۇشلىرى «ئې»تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.B. «تارىخ ۋاقتىنى قەدىرلەپ، ئۆتكۈر زېھنىي قابىليىتى ، ئەقلىنىڭ ساپلىقى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن تۆھپە ياراتقانلارغا ھۆرمەت تونىنى كىيدۈرىدۇ»دېگەن جۈملىدىكى ئۈچ سۆزدە «ئى»تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان. C.«غېرىب ئاتا ئۆزئوغلىنىڭ ئىسمىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىغا قاراپ كۆڭلى سۆيۈندى ۋە ئۆمرىنىڭ بىھۇدە ئۆتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى» دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە تاۋۇشلار چۈشۈپ قالغان.    D.«ئاتىلىرىمىز ئائىلىنىڭ يىرىقىنى يېقىن، يوقىنى بار قىلىش ئۈچۈن دائىم ھەركەت قىلىدۇ» دېگەن جۈملىدە تۆت سۆزدىكى «ئا،ئە»تاۋۇشلىرى «ئې،ئى» تاۋۇشلىرىغا ئاجىزلاشقان.

10.يېزىلىشى توغرا بولغان سۆزلەر گۇرۇپپىسى:(1)ئۆگۈنۈشۈم (2) تەغدىرىڭىز(3) ئىگىلەش(4) بۇلىغىڭ(5) مۇۋەپپەقىيەت (6)مەكتىۋى (7) پىچىقىم (8) تەكلىماكان (9) ئۇختۇرۇش (10) لاھىيە (11)ھېسابات (12)ئۈمۈدۋار. A.(3)(5)(7)(8)(11)؛  B.(2)(4)(6)(10)(12)؛ C.(1)(4)(6)(7)(11)؛ D.(4)(5)(8)(9)(12)

 11.ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسى ھەققىدە خاتاسى: A.«مېنىڭ» دېگەن سۆزدە بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە بىر ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.B.بەزى ئوچۇق بوغۇملۇق سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ئۇلاش توغرا كەلگەندە، قوشۇمچىنىڭ ئالدىغا بىر «ي» قوشۇلۇپ قالىدۇ. C.ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى 24 ئۈزۈك تاۋۇشنى يەككە ھالەتتە تەلەپپۇز قىلغىلى بولمايدۇ،شۇڭا ئۇلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئاخىرىغا «ئې»سوزۇق تاۋۇشىنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىمىز، ئىملادىمۇ تەلەپپۇزغا ئوخشاش يېزىلىدۇ.D.«ئاشقۇچ، سىتىلىستىكا، كۆڭلۈكۈم» دېگەن ئۈچ سۆزنىڭ ھەممىسىدە ئىملا خاتالىقى بار.

12.«قولىڭىزنى يۇيىمەن دەپ، سۈيۈمنى بۇلغىدىڭىز» دېگەن جۈملىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى ھەققىدە توغرىسى:A.ئىككى سۆزدە تاۋۇشلار چۈشۈپ قالغان.B.ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى كۆرۈلگەن.C. تۈرلىگەندە ئىككى سۆزگە «ي»تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالغان.. Dجۈملىدىكى بەش سۆزنىڭ ھېچقايسىسىدا تاۋۇش ئۆزگىرىشى كۆرۈلمىگەن.

 13.ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار ھەققىدە خاتاسى:A.«يامۇلدىن قېچىپ چىقىپ، ئارغامچا تېپىپ ئالدىم. ئاستىمدىكى ئالا ئاتنى، ئون سەرگە سېتىۋالدىم»دېگەن سادىر قوشىقىدىكى ئۈچ سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى كۆرۈلگەن.B.«ئوغلى بىر پالۋان يىگىت بوپتۇ ئۆسۈپ، ئەل ئىچىدە ئاتىسىغا ئىز بېسىپ.گاھىدا يەر باغرىنى تىلغايدىكەن، گاھىدا چۆلدە كىيىك ئوۋلايدىكەن» دېگەن شېئىردىكى ئىككى سۆزدە سوزۇق تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش،ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.C.«ئسىم، كۆڭۈل،سىڭىل، ئوغۇل،ئەقىل» قاتارلىق سۆزلەر تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلەنگەندە، تەركىبىدىكى «ئى،ئۇ،ئۈ» تاۋۇشلار چۈشۈپ قالىدۇ.D.«ھەر دانچە قۇمۇڭدا ئالەمچە سېھىر،ھەرتامچە سۈيۈڭدە ئالەمچە مېھىر.ھەر زەررە ئوتۇڭدا چەكسىز ئۇلۇغلۇق،جىسمىڭدىن چاراسلاپ سويۇلار شېئىر.» دېگەن شېئىردىكى بىر سۆزگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، قوشۇمچىلارنىڭ ئالدىغا «ي» تاۋۇشى قوشۇلغان، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.

14.  ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى ھەققىدە توغرىسى:A.«بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەمنى شىلىۋېلىش ئۆلۈكنىڭ كېپەنلىكىنى يېشىپ ئېلىش دېمەكتۇر» دېگەن جۈملىدىكى ئالتە سۆزدە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن «ئا،ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې،ئى» غا ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.B.«پۇل دېگەن ئۆلگۈرنىڭ چىشى بولغىنىدا ئىدى، ئۆزىنى يەۋەتكەن بولار ئىدى.ھالبۇكى، ئۇنىڭ چىشى بولمىغاچقا، بەزىلەرنىڭ ئەقلىنى يالاپ، ۋىجدانىنى سۈمۈرۈپ يۈرىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى «ئەقىل،سۈمۈر»دېگەن سۆزلەرگە ەوشۇمچە قوشۇلغاندا، تەركىبىدىكى «ئى،ئۈ» تاۋۇشلار چۈشۈپ قالغان،«ۋىجدان» دېگەن سۆزنىڭ يېزىلىشى خاتا. C.«ئادەمنىڭ كۆڭلى نازۇك، ئۇ بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ، بەك ئېھتىيات قىل، ئۇنى قوزغىما،سۇنۇپ كەتمىسۇن» دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر ئىچىدە ئىككى سۆز ھەم تىل ئورنى،ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان،قالغان ئىككى سۆز لەۋ ھالىتى جەھەتتىنلا ماسلىشىپ كەلەگەن.D.«ساقلىق تىلىسەڭ- كەم يە، ئىززەت تىلىسەڭ-كەم دە»دېگەن جۈملىدىكى «يە،دە» دېگەن بۇيرۇق پېئىللار «ش،ىش» قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەندە، ئۇلارغا بىر «ي» تاۋۇشى قوشۇلىدۇ. بۇ جۈملىدىكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەې ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن.

15.«ئەڭ تاتلىق كۈلكە ــ غەلىبە كۈلكىسى» دېگەن جۈملىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدە توغرىسى:A.ئون بىر سوزۇق تاۋۇش بولۇپ، تۆتى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش، ئىككىسى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش؛ B.ئون سوزۇق تاۋۇش بولۇپ، سەككىزى لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش، بىر تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش؛ C.توققۇز سوزۇق تاۋۇش بولۇپ، بىر ئارا سوزۇق تاۋۇش تۆت يەردە تەكرارلانغان؛ D.ئون بىر سوزۇق تاۋۇش بار. لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشتىن ئىككىسى بار بولۇپ، بۇ ھەر ئىككىلىسى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش.

16.«ھەر كۈنى بىر قىيىن ئىش قىلىشتىن قورققان ئادەم ھاياتلىقنىڭ بىرىنچى دەرسىنى ئوقۇمىغان بولىدۇ» دېگەن جۈملە ھەققىدە توغرىسى:A.بۇ جۈملىدە بىرلا بوغۇمدىن تۈزۈلگەن سۆزدىن ئۈچى بار. «قورىققان» دېگەن سۆزنى يازغاندا، «قوققان» دەپ يازسىمۇ بولىدۇ؛ B.بۇ جۈملىدە تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشلاردىنلا تۈزۈلگەن سۆزدىن بەشى بار. «دەرس» بولسا، بىر بوغۇملۇق سۆز؛ C.بۇ جۈملىدە «قورققان» دېگەن سۆز تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىپ كېلىشى بىلەن تۈزۈلگەن. «ئوقۇمىغان» دېگەن سۆزنى «ئوقىمىغان» دەپ يېزىش كېرەك؛ D.بۇ جۈملىدە «ئادەم» دېگەن سۆز تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىپ كېلىشى بىلەن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى بوغۇمى يېپىق بوغۇم، كېيىنكىسى ئوچۇق بوغۇم.

17.«ئۈرۈمچى» دېگەن سۆزدىكى بوغۇم ۋە سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدە خاتاسى:A.بۇ سۆزدە جەمئىي ئۈچ بوغۇم بولۇپ، ئىككىنچى بوغۇمىنىڭ شەكلى BAB، ئۈچىنچى بوغۇمى ئوچۇق بوغۇم. بۇ بوغۇم تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش ئارا ھەم لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش؛ B.بۇ سۆزدە تۆت بوغۇم بولۇپ، بىرىنچى بوغۇمنىڭ شەكلى  AB، بۇ بوغۇم تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش؛ C.بۇ سۆز ئوچۇق بوغۇملۇق سۆز بولۇپ، تەركىبىدە ئۈچ سوزۇق تاۋۇش بار، ئاۋۋالقى ئىككىسى تىل ئالدى، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش؛ D.بۇ سۆزنىڭ بىرىنچى بوغۇمى ئوچۇق بوغۇم بولۇپ، بوغۇم شەكلى A، تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئالدى، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش.

18.«بىلىمسىزلىك تراگېدىيە، ئەخلاقسىزلىق پاجىئە» دېگەن جۈملىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ۋە سۆز تەلەپپۇزى ھەققىدە توغرىسى: A.بۇ جۈملىدىكى «تراگېدىيە» دېگەن سۆزدە بەش ئۈزۈك تاۋۇش بار بولوپ، ئىككىسى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش، ئۈچى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش. بۇ سۆزنى تەلەپپۇز قىلغاندا، تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسى كۆرۈلىدۇ؛ B.«پاجىئە» دېگەن سۆزدە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش. بىرى پارتلىغۇچى ئۈزۈك تاۋۇش. بۇ سۆزنى تەلەپپۇز قىلغاندا، «پاجە» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ؛ C.«بىلىمسىزلىك» دېگەن سۆز تەركىبىدە يەتتە ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، ئۈچى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش، ئىككىسى تىل يان تاۋۇشى. تەلەپپۇزى بىلەن يېزىلىش شەكلى ئوخشاش بولىدۇ؛ D.«بىلىمسىز» دېگەن سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق ۋە جاراڭسىزلىق قائىدىسى بويىچە ئۇلانغان، تەركىبىدىكى «س» ئۈزۈك تاۋۇشى جاراڭسىز سىيرىلاڭغۇ تاۋۇش.

19.سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى توغرا ھۆكۈم:A.«ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دېگەن ماقالدا بىر سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىش بولغان؛ B.«يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېگەن ماقالدا بىر سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىش بولغان؛ C.«تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق» دېگەن تەمسىلدە «قىزىق» دېگەن سۆزگە «دا» قوشۇمچىسى ئۇلانغاندا «ئى» تاۋۇشى كۆپىيىپ قالغان؛ D.ئۇيغۇر تىلىدا بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا، فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

20.تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدە سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئىملاسى توغرا يېزىلغىنى:.Aداننىڭ توقلۇغى تۇپراققا باغلىق، گۈلنىڭ جامالى ياپراققا باغلىق؛ B.تۇققانلار باغ سەيلىسىگە كېتىپ قاپتۇ؛ C.سېنىڭ بېغىڭدا ئاق ئۈجمە بىلەن شاتۇت بارمۇ؟؛ D.بۇ بىر تارىخىي مەسلە، شۇنداقلا بىر سىياسى مەسلە.

21.تۆۋەندىكى بوغۇملارنىڭ شەكلىگە ماس كېلىدىغان تۈر:

ئاق، يۈز، دەرس، دە، ئىت. ئا.BA، BBA ، BABB،  ABB، AB؛  ب. BA، AAB، BBAB، BAB،BA س.AB، BBA، BABB، BAB، BA؛  د.BA، BAB، BBAB، AB، BA.

22. كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەلەپپۇزى ھەققىدە خاتاسى: A.«كىچىك ئاخۇن» دېگەن ئىسىمنى تەلەپپۇز قىلغاندا، «كىچىكاخۇن» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ؛ B.«قارى ھاجى» دېگەن ئىسىمنى تەلەپپۇز قىلغاندا، «قاراجى» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ؛ C.«سېلىمباي» دېگەن سۆزنى «سېلىمۋاي» دەپ تەلەپپۇز قىلىشقا بولىدۇ؛ D.«تاشۋاي» نى «تاشباي» دەپ تەلەپپۇز قىلىش ئەڭ توغرا.

 23.فونېتىكا قائىدىلىرىگە ئائىت ھۆكۈملەردىن توغرىسى: A.ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەردە «ئې» تاۋۇشى بار بولسا، ئۇ چوقۇم ئاخىرىقى بوغۇمىدا بولىدۇ؛ B.سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى بوغۇم ئۇرغۇلۇق بوغۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلسا، ئۇرغۇ قوشۇمچىغا كۆچىدۇ؛ C.ئۇيغۇر تىلىدا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە چوقۇم جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ئۇلىنىدۇ؛ D.ئۇيغۇر تىلىدا تۈپ سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشى قوشۇمچە ئۇلانغاندا چوقۇم «ئې، ئى» غا ئاجىزلىشىدۇ.

24.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى ھەققىدە توغرىسى: A.سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتىگە قاراپ لەۋلەشكەن ۋە لەۋلەشمىگەن دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار: ئى، ئو، ئۇ، ئۆ؛ B.ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۆ، ئۈ» تاۋۇشلىرى ھەم لەۋلەشكەن، ھەم تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش؛ C.ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئو، ئۇ، ئا» تاۋۇشلىرىدىن بىرى تىل ئارقا، لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش، ئىككىسى لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش؛ D.«ئې، ئى، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرىدىن كېيىنكى ئىككىسى لەۋلەشمىگەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش.

25.بوغۇملارنى كۆچۈرۈش قائىدىسى ھەققىدە خاتاسى: A.«بۇغدا ئابدۇلا» دېگەن ئىسىم فامىلە جۈملە ئىچىدە كەلگەندە، «بۇغدا» دېگەن سۆزنى بىرىنچى قۇرغا، «ئابدۇللا» دېگەن سۆزنى ئىككىنچى قۇرغا يېزىشقا بولىدۇ؛ B.ئەگەر «2000-يىلى» دېگەن سۆز قۇر ئاخىرىدا كېلىپ قالسا، «20» نى بىر قۇرغا، «00-يىلى» نى بىر قۇرغا يازسا بولمايدۇ؛ C.«مەرد» دېگەن ئىبارە قۇر ئاخىرىدا كېلىپ قالسا، پارچىلاپ يېزىشقا بولىدۇ؛ D.«ئاقار يۇلتۇز» دېگەن ئىبارە قۇر ئاخىرىدا كېلىپ قالسا، «ئاقار» نى بىر قۇرغا، «يۇلتۇز» نى ئىككىنچى قۇرغا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.

26.«ھەقىقەتنى قوبۇل قىلشقا كۆپىنچە ئىككى نەرسە توسالغۇ بولىدۇ. بىرى تەكەببۇرلۇق، يەنە بىر جاھىللىق.» بۇ جۈملە ھەققىدە فونېتىكا نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكىلەردىن توغرا بولىدىغىنى:A.بۇ جۈملىدە ئىككى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە تەركىبىدىكى تاۋۇشلار كۆپىيىپ قالغان؛ B.بۇ جۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدىكى تاۋۇش كۆپىيىپ قالغان؛ C.بۇ جۈملىدىكى بەزى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قائىدىسى بويىچە ئۇلانغان؛ D.بۇ جۈملىدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى ئىككى ئورۇندا كۆرۈلگەن.

 27.«دە» دېگەن پېئىلغا ئىسىمداشنىڭ قوشۇمچىسى «ش، ىش، ۇش، ۈش» نى قوشقاندا:A.ھەم سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى، ھەم تاۋۇشلارنىڭ كۆپىيىپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ B.«ئە» سوزۇق تاۋۇشى «ئى» تاېۇشىغا ئاجىزلايدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ؛ C.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتى بويىچە «ش» قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ؛ D.بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىقى تاۋۇشى سوزۇق تاۋۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان «ش» قوشۇلىدۇ، تاۋۇشلاردا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

28.ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى ھەققىدە توغرىسى:A.«سۆزۈڭ توغرا بولسا، ھۆرمىتىڭ كۆپ بولۇر» دېگەن جۈملىدە تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن ئىككىسى بار؛ B.«سۆزلىيەلمىگەن ئېغىزدىن چاپاق باسقان كۆز ياخشى» دېگەن جۈملىدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ ئاخىرىقى بوغۇمى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان؛ C. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن جۈملىدىكى بەزى سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش ھادىسىسى بار؛ D.«ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن، ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن» دېگەن جۈملىدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھالىتى كۆرۈلگەن.

29.تىل تاۋۇشلىرى ۋە بوغۇم ھەققىدە توغرىسى:A.«ئىنساننىڭ كۆڭلىگە شادلىق يەتكۈزمەك ساۋاپ، ئۇ ئىبادەت قىلماق بىلەن باراۋەردۇر» دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى ئىككى سۆزدە ئىملا خاتالىق بار؛ B.سوزۇق تاۋۇشلار تىل شارائىتىدا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەندە، يەنە لەۋ ھالىتى جەھەتتىمۇ ماسلىشىپ كېلىدۇ؛ C.«ئوغلۇم يازغان ‹ يامغۇر سۈيى خەيرسىز بولماس › دېگەن جۈملىنىڭ ئىملاسىنى تۈزۈتۈشكە بىر ئاش پىشىم ۋاقتىم كەتتى» دېگەن پارچىدا بىر سۆزدە تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى، ئىككى سۆزدە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ D.«يالغان ئېيتقۇچى غەپلەتتۇر» دېگەن جۈملىنىڭ تەركىبىدە ئوچۇق بوغۇمدىن ئىككىسى، يېپىق بوغۇمدىن يەتتىسى بار.

30.تۆۋەندىكى جۈملىلەر تەركىبىدە ئاستى سىزىلغان سۆزلەر تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتە ماسلىشىپ كەلگىنى:A.ئەڭ خەتەرلىك كۈلكە ــ مەغرۇرلۇق كۈلكىسى؛ B.ئەڭ تېتىقسىز كۈلكە ــ خۇشامەت كۈلكىسى؛ C.ئەڭ يېقىمسىز كۈلكە ــ ھەسەت كۈلكىسى؛ D.ئەڭ تاتلىق كۈلكە ــ غەلىبە كۈلكىسى.

 31.ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار ۋە قوشۇمچىلار ھەققىدە خاتاسى: A.«سەن باشقىلارنى چۈشىنىمەن دېمەي، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭنى چۈشىنىشىڭ كېرەك» دېگەن جۈملىدە تۆت يەردە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ B.يىقىلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، قوپۇشنى بىلمەسلىك قورقۇنچلۇق» دېگەن جۈملىدە ئىككىلا يەردە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇلغان؛ C.«ئۆز خاتالىقىنى تونۇغان كىشى ئۇنى  تۈزىتەلەيدۇ» دېگەن جۈملىدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ۋە قوشۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن؛ D.«ئۆز ئېڭىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، ھېچكىم ئۆزىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېگەن جۈملىدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى پەقەت بىرلا يەردە كۆرۈلگەن.

32.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە توغرىسى:A ئىرادە ــ ئىزدىنىشنىڭ تۇغۇت ئانىسى» دېگەن جۈملىدە بىر سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش ئاجىزلاشقان. سۆزلەردىن پەقەت ئۈچ سۆز ياكى تىل ئورنى ۋە ياكى لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن؛ Bخاس مەيدانى يوق كىشىلەر چېكىتى يوق تارازىدۇر» دېگەن جۈملىدە ئاستى سىزىلغان سۆزلەر لەۋ ھالىتى جەھەتتە ماسلىشىپ كەلگەن؛ C.«كەيىپ دېمەك ــ ئەيىپ دېمەكتۇر» دېگەن جۈملىدە ئاستى سىزىلغان سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بويىچە ئۇلانمىغان؛ D.«ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن قىلىنغان گەپ ــ يۇشۇرۇن ئېتىلغان ئوق.» بۇ جۈملىدە بىر سۆزگە تاۋۇشلار قېتىلىپ قالغان، بىر سۆزدە چۈشۈپ قالغان.

33.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە توغرىسى:A.«كۆڭۈللۈك ھايات ــ سائادەت» دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان، بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان، ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان؛ B.«باشقىلارغا توقام تىكىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى «توقام» سۆزى ئەسلىدە «توقۇم» شەكلىدە ياسىلىشى ۋە يېزىلىشى كېرەك؛ C.ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىقى بوغۇمىدىكى «ئې، ئۇ، ئۈ» تاۋۇشلىرى شۇ سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا چۈشۈپ قالىدۇ؛ D.«پىچىقىم غىلاپتا ئۇخلار» دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆز جانلىق تىلدىمۇ شۇنداق ئېيتىلىدۇ، ئەمما يېزىلىشىدا ئىملا خاتالىقى بار.

34.ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى ھەققىدە خاتاسى:A.«بىراۋغا مۇھتاج بولماي دېسەڭ، قانائەت يولىدىن تايما» دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆزدە تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار، بەش سۆزدە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار ماسلىشىپ كەلگەن، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بىر سۆزگە قوشۇمچىنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان شەكلى ئۇلانغان؛ B.«ئەي پەرزەنت، كىتابتىن ئىبارەت بۇ دوستقا بارچە ئىلمۇ ھېكمەت مۇجەسسەمدۇركى، ئۇ ئەقلى چولتىلارغا، كۆڭلى زىدىلەرگە رەھنەما، ئالىملار پىكرىگە پاناھگاھدۇر» دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ھادىسىسى، ئۈچ سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ C.«پۇشايماننىڭ ئاچچىق مېۋىسىنى يېيىشتىن ساقلىنىشنى تىلىسەڭ، ئەڭ ياخشىسى چۈشىنىپ ۋە ئويلىۋېلىپ سۆزلىگىن» دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا، ئىككى سۆزدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا، ئىككى سۆزدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئې» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان، بىر سۆز تۈرلەنگەندىن كېيىن، تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ D.«كىمگە دانالار بىلەن سۆھبەداش بولۇش نېسىپ بولسا، شۇ كىشى ياخشى خىسلەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆزگە كېلىش قوشۇمچىلىرى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە ئۇلانغان، بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىنمۇ، لەۋ ھالىتى جەھەتتىنمۇ ماسلاشقان.

35.(1999-يىل) سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى ھەققىدە خاتاسى:A.«ئاشلىقتىىن مول ھوسۇل ئالدۇق» دېگەن جۈملىدىكى «ئاشلىقتىن» دېگەن سۆز بىر تومۇر، ئىككى تومۇردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ قوشۇمچىلانىڭ بىرى ھېچقانداق ئاھاڭداشلىق قانۇنىغا قارىماي قوشۇلغان؛ B.ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ئىسىملارنىڭ شەخس قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان تۈرى قوشۇلىدۇ؛ C.ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە چىقىش كېلىش قوشۇمچىسىنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان تۈرى ئۇلىنىدۇ؛ D.سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنى قوشقاندا سۆز ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا بولىدىغان ئۆزگىرىشنى يېزىقتا ئىپادىلىمەيمىز.

36.(2003-يىل) تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ۋە ئىملا ھەققىدە خاتاسى:A. «خېتىم چىرايلىق، ئىملايىم توغرا بولسۇن دېسەڭ، زېھنىڭنى قويۇپ مەشق قىل» دېگەن ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. B.«پىلان، سىڭىل، ئورۇن» دېگەن سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئا»تاۋۇشى ئاجىزلاشمايدۇ؛ C. «غى، قى، گى،كى» قوشۇمچىلىرى سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە بولۇپ، سۆزلەرگە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتى بويىچە ئۇلىنىدۇ.D.ئاخىرى«غ،گ» بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە «غ،گ» بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ئۇلاشقا توغرا كەلگەندە، سۆزلەر ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بولسىمۇ، ‹‹ق،ك›› بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ئۇلىنىدۇ ھەم شۇنداق يېزىلىدۇ.

37.(2004-يىل) فونېتىكا ھەققىدە توغرىسى:.A«دانالار ئادەتتە ئەقلىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۆلىدۇ، ئەخمەقلەر بولسا ئەقىلگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن ئۆلىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئىككى يەردە كەلگەن «ئەقىل» دېگەن سۆزگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن، ھەر ئىككىلىسىدە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.B. «مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىغى ياكى تۆۋەنلىگى پەقەت ۋە پەقەت مائارىپقا باغلىق» دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى تۆت سۆزدە ئىملا خاتالىقى بار.C. «بىلىم ئېلىش مەڭگۈلۈك پائالىيەت» دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان، بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان، ئىككى سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى جەھەتتىن، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان. D.سۆزدىكى بوغۇملار بىر خىل بوغۇم شەكلىدە كەلسە بىر بوغۇملۇق، ھەر خىل بوغۇم شەكلىدە كەلسە كۆپ بوغۇملۇق بولىدۇ.

38.(2005) تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە توغرىسى:A.«بەزىلەر دۆلەتمەنلىكنى يېتەرلىك بايلىق ھېسابلايدۇ» دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار، بىر سۆزدە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار ئۆزئارا ماسلىشىپ كەلگەن؛ B.«تارىخ ۋاقتىنى قەدىرلەپ، ئۆتكۈر زېھنىي قابىليىتى، ئەقلىنىڭ ساپلىقى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن تۆھپە ياراتقانلارغا ھۆرمەت تونىنى كىيدۈرىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش، بىر سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ C.« كىتاب- ئىنسانىڭ ئوتلۇق يۈرىگى، گۈزەل تىلىگى بىلەن يېزىلىدۇ. ئۇ يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆزدە «ك» تاۋۇشى «گ» غا، بىر سۆزدە «ت» تاۋۇشى «د»غا نۆۋەتلەشكەن. بۇ ئەدەبىي تىل ۋە ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھادىسە؛ D. «ئەگەر كىشى ئۆز ھۈنىرىنى تاشلاپ، ئۆزىگە تونۇش بولمىغان ئىشنى باشلىسا، بۇ يولدا ئۆز مەنزىلىگە قانداقمۇ يېتەلىسۇن؟» دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئا ، ئە» تاۋۇشى «ئى» غا، بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئې» غا ئاجىزلاشقان.

39.تاۇشلار ھەققىدە خاتاسى:A.«ئاچقان»، «چىرايلىقراق» دېگەن سۆزلەر «ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، تۈپ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا پەيدا بولىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يېزىقتا ئىپادىلەنمەيدۇ» دېگەن قائىدىنى تەستىقلايدۇ؛ B.بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ت» تاۋۇشى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا پەيدا بولسا، چۈشۈرۈلمەي يېزىلىدۇ، پەيدا بولمىسا، چۈشرۈپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، ئاستى سىزىلغان سۆزلەردىكى «دوستى كۆپ ئادەم» ياكى «گۆشى كۆپ پولو» دېگەندەك؛ C.«بۇ يەرگە تېرەك كۈچىتى رەت-رەت تىكىلدۇ»، «ئېلىمىز روناق تاپماقتا» دېگەن جۈملىلەردىكى «تېرەك»، «ئېلىم» دېگەن سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى خاس سۆزلەردۇر، چۈنكى «ئې» سوزۇق تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا كېلىدۇ؛ D.«ئائىلىدىمۇ كوللېكتىپ مەسلىھەت بولىدۇ» دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى تۆت سۆز گەرچە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆزلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن.

40.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە خاتاسى:A.يېپىق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى « ئى، ئۇ، ئۈ » تاۋۇشلىرى شۇ سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا چۈشۈپ قالىدۇ؛ B.«تەلەي پۇرسىتى خۇددى بازاردىكى سودىغا ئوخشايدۇ» دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆز ھەم تىل ئورنى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان، جۈملىدىكى بىر سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش ئاجىزلاشقان؛ C.«ئوغلۇم ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، ئارزۇيۇم چېچەك ئاچتى» دېگەن جۈملىدە بىر سۆزگە تاۋۇشلار قېتىلىپ قالغان، بىر سۆزدە چۈشۈپ قالغان؛ D.«ساقلا»، «ئاچقان» دېگەن سۆزلەرنى ھەرگىزمۇ «ساخلا»، «ئاشقان» دەپ يېزىشقا بولمايدۇ.

41.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە توغرىسى:A.«سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ» دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى « ئا » تاۋۇشى « ئى » تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان؛ B.«ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئايتولدى ئۇنىڭغا شۇنچە ئەقىل-پاراسەت بەرگەن ئاللاغا كۆپ شۈكۈر ۋە مەدھىيلەر ئوقىدى» دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆز تەركىبىدە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ئىككى سۆز تەركىبىدە « ئە » تاۋۇشى « ئى » تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان؛ C.«ھاياتنىڭ تۇزىقى، دۆلەتنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتمىقى بەگلەرنىڭ بىخۇدلىقى ۋە  مەيخورلۇقىدىندۇر» دېگەن جۈملىدە تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان سۆزلەرمۇ، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان سۆزلەرمۇ بار. ئىككى سۆز تەركىبىدكى « ئا » تاۋۇشى « ئى » غا ئاجىزلاغقان؛ D.«ھەرقانچە توق بولساڭمۇ، مېھمان قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ھۆرمىتى ئۈچۈن تارتىلغان ئاشتىن ئازدۇر-كۆپتۇر يىگىن» دېگەن جۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدكى « ئە » تاۋۇشى « ئې » غا ئاجىزلاشقان، ئىككى سۆز تەركىبىدكى « ئە » تاۋۇشى « ئى » غا ئاجىزلاغقان.

42.تىل تاۋۇشلىرى ۋە بوغۇم ھەققىدە توغرىسى:A.«قېرىنداشلار، ئەۋلاتلار، ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا نىزا-پىزا چىقارماسلىق كېرەك» دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى ئۈچ سۆزدە ئىملا خاتالىقى بار؛ B.« ئې » سوزۇق تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا كېلىدۇ؛ C.«بەزى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى، بۇ بىز ئىنسانلارنىڭ ئارزۇيىمىز ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە» دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆزدە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى، بىر سۆزدە تاۋۇش قوشۇلۇپ ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ D.«بارمىقىنى چىقارماق» دېگەن سۆز بىرىكمىسىدە ئوچۇق بوغۇمدىن تۆتى، يېپىق بوغۇمدىن بەشى بار.

43.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە توغرىسى:A.«ئەگەر كەيپىياتنى ئېتىلىپ كېلىۋاتقان ‹ كەلكۈن › دېسەك، ئۇ ھالدا ئەقىل-پاراسەت مۇستەھكەم بىر ‹ توسما › دۇر.» بۇ جۈمىدىكى ئالتە سۆزدە تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار، بەش سۆزدە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار ئۆزئارا ماسلىشىپ كەلگەن؛ B.«زېھنى ئۆتكۈر ئادەملەرنىڭ ئەقلىدە، پىكرىدە، قابىليىتىدە بۆسۈش تېز بولىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئۈچ سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش، بىر سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ C.«يۈرىگى قاپتەك ئادەملەر گەرچە كىتاپ ئوقۇمىسىمۇ، لېكىن ئىقتىساتتا باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆزدە « ك » تاۋۇشى « گ » غا، بىر سۆزدە « ب  » تاۋۇشى « پ » غا، بىر سۆزدە « د » تاۋۇشى «ت» غا نۆۋەتلەشكەن. بۇ ئەدەبىي تىل ۋە ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھادىسە؛ D.«ئادەم يېشىنىڭ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلىشى كېرەك» دېگەن جۈملىدە ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى « ئا » تاۋۇشى « ئې » غا، بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى» غا ئاجىزلاشقان.

44.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە خاتاسى:A.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى ئېغىزدا ئەكس ئەتتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، يېزىقتىمۇ بەلگىلىك تىل قانۇنىيىتى بويىچە ئەكس ئەتتۈرۈپ يېزىلىدۇ؛ B.«ۋاقتىڭىز بولسا، ئىمزايىڭىزنى قويۇڭ. زېھنىڭىز ئوچۇق بولسا، ماڭا ئوبدان يول كۆرسىتىڭ.» بۇ جۈملىدىكى ئىككى سۆزدە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى، بىر سۆزدە تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى، ئىككى سۆزدە «ئە» تاۋۇشىنىڭ «ئى» غا ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ C.«تۇغقان، ئەگكەن، چىگكەن» دىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، «غ، گ» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلارنى ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلىش قىيىن بولغانلىقتىن، «ق، ك» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ؛ D.پەقەت «سۇ» سۆزىگىلا 3-شەخستە « سى » قوشۇلماي » « ي » قوشۇلىدۇ. 

45.فونېتىكا ھەققىدە توغرىسى:A.تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش پەقەت «ئا، ئە» تاۋۇشلىرىدىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەردىلا يۈز بېرىدۇ؛ B.«ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسىڭىز، ۋاقتىڭىزنى بوش ئۆتكۈزمەڭ، كۆپرەك مېڭە ئىشلىتىڭ، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈڭ، كۆڭلى – كۆڭسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ» دېگەن جۈملىدە تۆت سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ؛ C.ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، تۈپ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا پەيدا بولىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يېزىقتا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، قاچ قان قاشقان؛ D.«ئاغزىغا كەلگەننى دېيىش ناداننىڭ ئىشى، ئالدىغا كەلگەننى يېيىش ھايۋاننىڭ ئىشى» دېگەن ئىبارىدە ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى، ئىككى سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.

46.فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھەققىدە توغرىسى:A.«پاراسەت قاراڭغۇ تۈندىكى مەشئەلگە ئوخشايدۇ» دېگەن جۈملىدە قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كېيىن تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش چۈشۈپ قالغان سۆزدىن ئىككىسى بار. B.«دۇنيانىڭ بارلىق زىننىتى زېرەكلىكتىن كېلىدۇ»دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئە»تاۋۇشى«ئى»ۋە«ئې»غا ئاجىزلاشقان. C.«دۇنيانىڭ گۈلشىنىدە ھېچكىم مەڭگۈ قالالمايدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى،بىر سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى كۆرۈلگەن.D.«كىشىنىڭ ياخشىسى كىشىگە پايدا يەتكۈزىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى،بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە بىر سۆزدە ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى كۆرۈلگەن.

47.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئىملاسى ھەققىدە خاتاسى:A.‹‹ئېتى،قېنى،كېتىپ،قېلىش››دېگەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى ‹‹ئا،ئە››تاۋۇشلىرى ‹‹ئې››غا ئاجىزلاشقان ھەم شۇنداق يېزىلغان؛ B.‹‹ۋەتىنىم، دەپتىرىم، ساۋاقدىشىڭ›› دېگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئىككىسىدە «ئا،ئە» «ئى» غا ئاجىزلاشقان ھەم شۇنداق يېزىلغان؛ C.‹‹سانى،چەمى،تەمى››دېگەن سۆزلەر تەركىبىدە ئاجىزلىشىش كۆرۈلمىگەن؛ D.‹‹قەلەملەر،كىتابخاناڭلار،سالامەتلىك››دېگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر تەركىبىدىمۇ ئاجىزلىشىش كۆرۈلمگەن.

48.فونېتىكا ھەققىدە توغرىسى:A.«بۇ يىل تۇرپانغا ئۈزۈملەر تازا مەي بولۇپ پىشقان مەزگىلدە بېرىپتىمەن» دېگەن جۈملىدە تۆت سۆز سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتە، ئۈچ سۆز لەۋ ھالىتى جەھەتتە ماسلىشىپ كەلگەن؛ B.«يىلاندىن قورققان ئارغامچىدىنمۇ قورقۇپتۇ» دېگەن جۈملىدە تىل ئورنى جەھەتتىن بولسۇن، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن بولسۇن، بىرمۇ سۆزدە ماسلىشىش كۆرۈلمىگەن؛ C.«ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار» دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆزگە «ئى» تاۋۇشى قوشۇلغاندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ D.«قاراقچى ئۆيگە كىرىپ، پىچىقىنى ئېلىپ ئۆي ئىگىسىگە تەھدىت سالدى» دېگەن جۈملىدە ئىملا قائىدىسىگە خىلاپ ھادىسە كۆرۈلمىگەن.

49.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە توغرىسى:A.«ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسى تىنىم تاپماسلىق ۋە تەشۋىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ئادەم ئەقىلسىزلىكتىن قۇتۇلغان بولىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ سۆز تومۇرىغا «ئى» تاۋۇشى قوشۇلغاندا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ؛ B.«ئەي ھۆكۈمدار! مەزلۇملارنىڭ كۆز يېشىدىن قورق، ئۇلارنىڭ دۇئاسى نوھنىڭ تۇپان بالاسىنى كەلتۈرۈشى مۈمكىن» دېگەن جۈملىدە بىر سۆزدە ھەم سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاخىزلىشىشى ھەم تىل ئورنى جەھەتتە ماسلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ C.«مۇۋەپپەقىيەت قازىنشنىڭ سىرى ــ ئىشنى ۋاقتىدا قىلش» دېگەن جۈملىدە ھەممە سۆز لەۋ ھالىتى جەھەتتە ماسلىشىپ كەلگەن؛ D.«مال، قان، ماشىنا، ئات، قەلەم، كۆزنەك» دېگەن سۆزلەرگە «ئى» تاۋۇشى بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بىردەك «ئې» تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ.

50.«نەپسانىيەت تىنىقلىرى چىراغقا تەگكەن ھامان ئۇنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرىدۇ.نەپسانىيەتچىلىك ھارام. نەپسانىيەتچىلىك بىلەن بۇلغانغان قولدىن ھەرقانداق ھەدىيىلەرنى ئالما، پەقەت مۇقەددەس سۆيگۈ تارتۇقلىغان نەرسە بولسىلا قوبۇل قىلغان» دېگەن پارچىدىكى سۆزلەرنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە خاتاسى:A.بۇ پارچىدىكى ئۈچ سۆزگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بويىچە ئۇلانمىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىملاسى خاتا ئەمەس؛ B.بۇ پارچىدىكى ئۈچ سۆزگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، تەركىبىدىكى بىر «ئا» تاۋۇشى «ئى» غا ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ C.«نەپسانىيەت»، «تارتۇقلىغان» دېگەن سۆزلەرنىڭ تومۇرى ھەم قوشۇمچىلىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىپ كەلگەن؛ D.بۇ پارچىدىكى سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.

51.سۆزلەرنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى ھەققىدە توغرىسى: A.«ئەقىل-ئىدراك قەدرىنى ئەقىللىقلار بىلىدۇ، ئالىملار بىلىم ساتسا، ئۇنى بىلىملىكلەر ئالىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛   B.«ئاتا-ئانا دەرەخنىڭ غولىغا، پەرزەنت دەرەخنىڭ شېخىغا ئوخشايدۇ، شاخ غولنىڭ قەدرىنى بىلمىسە، شاخنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ» دېگەن جۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئې» تاۋۇشىغا، ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان؛ C.«ئۇلۇغ ئىشلاردا باش ئاغرىقى كۆپ بولىدۇ، باش ئاغرىقى ھەك بولمىسا، بەگلىك قولدىن كېتىدۇ» دېگەن جۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشى «ئى» غا ئاجىزلاشقاندىن باشقا، ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ق»، «غ» تاۋۇشى بىلەن نۆۋەتلەشكەن، بۇ ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەھۋال؛ D.«بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر» دېگەن جۈملىدە ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان، ئىككى سۆز تەركىبىدە سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان، بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان.

52.سۆز-جۈملىلەر توغرىسىدىكى فونېتىكىلىق تەھلىللەردىن توغرىسى:A.«ھۇرۇنلۇقتىن مۇھتاجلىق تۇغۇلسا، مۇھتاجلىقتىن بىچارىلىك ھەم ئاجىزلىق تۇغۇلىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى سۈپەتلەرگە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئىككى سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن، ئۈچ سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىنلا ماسلاشقان، ئىككى سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ B.«ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى باشقا كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ھېس قىلالماي، بىغەملەرچە ئۆتۈپ كېتى» دېگەن جۈملىدىكى سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، ئىككى سۆزدە «ئا، ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئى» غا ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ C.«ھاياتلىق، گۈلدەستە، يامغۇرلۇق، جەڭگاھ» قاتارلىق سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، ھەممىسىدە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بويىچە ئۇلانغان؛ D.«سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى» دېگەن تۇراقلىق بىرىكمىدىكى سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.

53.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە توغرىسى:A.«كىتابنى مۇلاھىزىسىز ئوقۇش، يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلمىغان بىلەن باراۋەردۇر» دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشى «ئى» غا ، بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئې» غا نۆۋەتلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ B.«بىلگەننى بىلىمەن دېيىش، بىلمىگەننى بىلمەيمەن دېيىش ئاقىلانىلىك بولۇر» دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن؛ C.«ياماننىڭ يېشى قىسقا، ئۇ پۇشايمان بىلەن قېرىيدۇ. ياخشىلىقنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، ئۇ پۇشايمانسىز يۈرىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى بىر سۆزدە «ئا» تاۋۇشى «ئې» غا ئاجىزلاشقان، بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش شۇ سۆزگە شەخس قوشۇمچىسى قوشۇلغاندىن كېيىن چۈشۈپ قالغان؛ D.«يامانلار بىلەن ھەرگىز ھەمسۆھبەت بولما، ئۇلارنىڭ سۆھبىتى پىتنە قوزغاتقۇچى قاتىلدۇر.» بۇ جۈملىدىكى بىر سۆزدە ھەم تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش، ھەم تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ۋە بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.

54.«تىرىكلىكتە تارلىق، بېخىللىقنى ئادەت قىلما، ئۆزۈڭدىن قىزغانما، ئاچچىق ھالەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرمە، تۇرمۇشنى خۇش ئۆتكۈزگىن، ئۆز جېنىڭنى ئاسرا، جېنىڭدىن ئەزىز نەرسە يوق. ئېھتىياجلىق بولساڭمۇ ئابرويىڭغا نوقسان يېتىدىغان نەرسىن ساتما، خەلق ئىچىدە ھۆرمىتىڭ بۇزۇلمىسۇن.» بۇ پارچە ھەققىدە توغرىسى:A.بۇ پارچىدا «ئا، ئە» تاۋۇشى «ئې، ئى» غا ئاجىزلاشقان ئەھۋال ئالتە ئورۇندا كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئورۇندىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى» غا ئاجىزلاشقان؛ B.بۇ پارچىدا جەمئىي تۆت ئالماش بولۇپ، ئىككىسى ئۆزلۈك ئالماش، بىرسى شەخسلىك ئالماش، بىرسى بولۇشسىز ئالماش؛ C.پارچىنىڭ ئىككىنچى ئابزاسىدا جەمئىي تۆت پېئىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى بولۇشسىز پېئىل، ئىككىسى سۈپەتداش بولۇپ، بۇ پېئىللارنىڭ ھەممىسى خەۋەر ۋەزىپىسىدە كەلگەن؛ D.پارچىنىڭ بىرىنچى ئابزاسىدىكى «تۇرمۇش» دېگەن سۆز ئالدىنقى جۈملىدە ئەسلى مەنىدە، كېيىنكى جۈملىدە كۆچمە مەنىدە كەلگەن.

55.سۆزلەر تەركىبىدىكى تاۋۇشلار ھەققىدە توغرىسى: A.«يامانلارغا يېقىن يولىما، چۈنكى يامانلارنىڭ گەپلىرى سېنى تېزدىنلا يامان قىلىقلىق قىلىپ قويىدۇ.» بۇ جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئې» غا ، بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئى» غا ئاجىزلاشقان؛ B.«ئىلمى يوق كىشى جېنى يوق مۇردىغا ئوخشايدۇ.» بۇ  جۈملىدە بىر سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش، ئىككى سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە يەنە بىر سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ۋە شۇنداق يېزىلغان؛ C.دوستلارنىڭ خىزمىتىنى قىل، لېكىن پايدا كېلەرمىكىن دېگەن تەمەدە بولما.» بۇ جۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى» غا، ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئې» غا ئاجىزلاشقان ۋە شۇنداق يېزىلغان؛ D.كىشىنىڭ كۆڭلى بولمىسا، كۆزنىڭ پايدىسى يوق، ئەقلى بولمىسا، كىشى كۆڭلى تەدبىرسىز قالىدۇ.» بۇ جۈملىدە ئۈچ سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش، بىر سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ۋە بىر سۆزدە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

56.تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ھەققىدە توغرىسى:A.«ئۆتكەن ۋاقىت ئارقىغا يانماس.» بۇ جۈملىدە بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان، بىر سۆز تەركىبىدكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان؛ B.«قانداق ئىش قىلساڭ، شۇنداق ئادەم بولىسەن.» بۇ جۈملىدە ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان. تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن سۆزلەر يوق؛ C.«ياخشى ئەخلاق راستچىللىق ۋە پاكلىقتۇر.» بۇ جۈملىدىكى بارلىق مۇستەقىل سۆزلەر تەركىبىدكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان، «ئەخلاق، پاكلىقتۇر» دېگەن سۆزلەر تەركىبىدكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىنمۇ ماسلاشقان؛ D.«زوراۋانلىق ئادالەتنى باسالماس.» بۇ جۈملىدە ئىككى سۆز  تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان، بىر سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان، بىر سۆز تەركىبىدكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان

57.ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىلىرى ھەققىدە توغرىسى: A.«ھەر نەرسىنىڭ بەلگىلىك ۋاقتى ۋە پەيتى بولىدۇ. پەيتى كەلگەندە بولسا، ئۇنى ئىككى كۆز كۆرىدۇ.» بۇ جۈملىدىكى ئىككى سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى» غا ئاجىزلاشقان، ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئى» تاۋۇشى شۇ سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىسى قوشۇلغاندىن كېيىن چۈشۈپ قالغان؛ B.«بېشىڭنىڭ ئامانلىقىنى تىلىسەڭ، تىلىڭغا ئېھتىيات قىل، تىلىڭ ھەر كۈنى بېشىڭغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشى «ئى» غا ئاجىزلاشقان ۋە شۇنداق يېزىلغان؛ C.«ئىملا» دېگەن سۆزگە ئىسىملارنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، قوشۇمچە ئالدىغا بىر «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ؛ D.«ئۇرۇغ-تۇققانلارغا ھۆرمەت قىل، ئۇلاردىن سوۋغا ئالساڭ، تېخىمۇ قىممەتلىگرەك سوۋغا تەييەرلا.» بۇ جۈملىدىكى تۆت سۆزدە ئىملا خاتالىقى بار.

58.ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ھەققىدە خاتاسى: A.«كۆڭۈل قويساڭ بۇنى ئۆگىنىش قىيىن ئەمەس.» بۇ جۈملىدىكى ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن، ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان؛ B.«مۇنۇ جەدۋەلگە ئىسمىڭىز، يېشىڭىز، كەسپىڭىز... نى ئېنىق تولدۇرۇڭ، ــ دېدى يېشى چوڭراق، تاقىرباش ئادەم.» بۇ جۈملىدىكى ئىككى سۆزدە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش، ئۈچ سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن، ئەمما ھېچقانداق سۆزدە تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن؛ C.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى پەقەت سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئوتتۇرىسىدىلا بولىدۇ. سۆزلەرنىڭ تەركىبىدكى ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق، جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلمەيدۇ؛ D.كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان قوشۇمچە تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىشى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دېيىلىدۇ.

59.فونېتىكا ھەققىدە توغرىسى:A.«ئانا مېھرى سۈيى تۈگىمەس بۇلاققا ئوخشايدۇ.» بۇ جۈملىدىكى سۆزلەردە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش، قوشۇلۇپ قېلىش ۋە ئاجىزلىشىش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن؛ B.ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان بەزى سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، قوشۇمچىلارنىڭ ئالدىغا «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالىدۇ، باشقا قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، بۇنداق ھادىسە كۆرۈلمەيدۇ؛ C.تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش سوزۇق تاۋۇشلارغا خاس فونېتىكىلىق ھادىسە بولۇپ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردا تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ؛ D.جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان شەكلى ئۇلىنىدۇ.

60.تاۋۇشلاردىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھەققىدە توغرىسى: A.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى بىر بوغۇملۇق ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئا،ئە» نىڭ «ئى»غا ئاجىزلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. B.« بەر، ھۆكۈمەت، ئۈنئالغۇ، گۈللەر، بېرەر» دېگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا،ئاخىرىقى بوغۇمىدىكى «ئە،ئۇ» تاۋۇشلىرى «ئې» غا ئاجىزلىشىدۇ.C.تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى يېپىق بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشتا كۆرۈلسە، تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ئۇلانغاندا كۆرۈلىدۇ.D.«بىلىمسىزنىڭ ئېپى يوق،تىڭشىغۇدەك گېپى يوق» دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى«ئې» غا، بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئا»تاۋۇشى» «ئى» غا ئاجىزلاشقان.


aynuri 2012-01-29 21:41
ماڭا بۇ ماتىريال زۆرۈر ئىدى،ياخشى يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە.

koksangun 2012-01-30 18:06
بەك ياخشى ماتېرىيال ئىكەنغۇ ، بۇ قېتىمقى تەكراردا مۇشۇ ماتېرىيالدىن پايدىلانسام بولغۇدەك...

latapatlik 2012-01-30 21:20
بۇ ماتىرىيال بەك ياخشى تۈزۈلۈپتۇ،تەكرار جەريانىدا پايدىلانسام بولغىدەك    .....

nasirdin 2012-01-30 21:59
دەل بىز ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان ماتېرىياللاركەن، رەخمەت سىزگە

gulnar 2012-01-30 22:18
بەك ياخشى ماتىريال يوللاپسىز ،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت

laziya 2012-01-31 02:09
ەك ياخشى ماتېرىيال ئىكەنغۇ.رەھمەت

qaydan 2012-03-07 10:57
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت، مەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتەي دېگەنىدىم. ئەلكاتىپتا كۆچۈرسەم بولمىدى. يازمىڭىز قايسى خىل يېزىق
سېستىمىسىدا يېزىلغان بولغىيتى.

maaripqi 2012-04-06 21:25
پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقۇرى ماتىرىيال ئىكەن، رەھمەت!

tupraq 2012-04-19 00:03
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتېرىيال ئىكەن.

tawpek 2012-08-13 12:24
كاتتا ئەمگەككەنغۇ بۇ، جاۋابىنىمۇ سۇنىۋەتسىڭىزچۇ.

جەۋلان 2012-09-17 19:26
قىلغان ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي

بىلىگيار 2012-09-22 20:52
بەك ياخشى ماتېرىيال ئىكەن.رەھمەت!

زۇلپىقار 2012-09-27 18:42
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر !

سەۋىر 2012-09-29 22:04
كىچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ لىكىن يەنىلا ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم .ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.

tawpek 2012-09-30 21:05
ياخشى نەرسىلەرنىڭ قەدرى ھامان بولىدۇ دىسە.

دەرىسخانىدا ئىشلىسەم گاڭگىراپ قالارمەنمۇ؟

قۇياش 2012-10-08 12:43
      قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلىپسىز.سىزگە كۆپ رەھمەت.سالامەت بولغايسىز.

ئەكبەرنىياز 2012-11-20 05:35
ھەقىقەتەن ئېسىل ماتىريالكەن ، بولۇپمۇ تولۇق 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەشقلەندۈرۈشتە فونىتىكىغا ئائىت 1-قول ماتىريال بولغۇدەك . ھارمىغايسىز !!!

تۇپراق 2012-12-11 00:26
بۇ قىممەتلىك ماتىرىيالدىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن بەك خۇشالمەن، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

قاياش 2013-03-28 15:42
ھەقىقەتەن ياخشى سوئاللار ئىكەن. ھارمىغايسىز.

tawpek 2013-03-28 22:38
فۇنتىكا ھەقىقەتەن جان قىينايدۇ مىنىڭ نەزىرىمدە.

چېچەك 2013-10-19 14:45
رەھمەت سىزگە ! چۈشۈرىۋالدىم.

تەشنا005 2013-11-10 12:08
بۇ ماتىرىيال بەك ياخشى تۈزۈلۈپتۇ،تەكرار جەريانىدا پايدىلانسام بولغىدەك    .....رەھمەت!

xatgvl 2013-12-12 17:48
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

بابۇر0725 2014-02-19 22:43
پايدىلىنىش قىممىتى ناھايىيت يۇقىرىكەن.مۇمكىن بولسا جاۋابىنىمۇ يوللاپ قويارسىز


查看完整版本: [-- فونېتىكا قىسمىدىن 60 تاللاش سوئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled