查看完整版本: [-- يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پىلان خۇلاسىلەر -> يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

saman22 2011-12-27 12:35

يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى

يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى
مەن بۇ بىر يىل جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم :
1-سىياسي ئىددىۋى جەھەتتە :
سىياسي سەۋيەمنى يۇقرى كۈتۇرىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۈگىنىپ ،سىياسي ئۈگىنىشلەرگە تۇلۇق قاتنىشىپ ،تۇلۇق خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭدىم .ئۆزۇمگە بولغان سىياسى تەربىيەنى كۈچەيتىپ مەيدانىم مۇستەھكەم،بايرىقىم رۇشەن ھالدا پارتىيە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىدىم. دەرىس مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننى ،خەلىقنى،سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۇيۇش ،تىرشىپ ئوقۇپ ياخشى نەتىجىللىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ بىزگە ھازىرلاپ بەرگەن ياخشى شارائتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى،ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداش ،مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك تەربىيەلەرنى كۈچەيتىپ ئېلىپ باردىم. ئۆزۇم بىرىۋاتقان دەرىسكە بىرلەشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدىم .
 2-ئوقۇ –ئوقوتۇش جەھەتتە :
ئۆز كەسپىمنى قىزغىن سۈيۈپ ،ئەستاھىدىل دەرىس تەييارلاپ ھەرسائەتلىك دەرىسىنىىڭ رەڭدار ،شەكىلىنىڭ ھەرخىل چىقىشى ئۈچۈن قېتىرقىنىپ، ئوقۇتۇش سۇپتىنىڭ يۇقرى كۆتۇرلىشى ئۇچۇن ئىزدەندىم .ئوقوغۇچىلارغا بەرگەن تاپشۇرۇقنى تۇلۇق ۋاختىدا تەكشۇرۇپ ئوقوغۇچىلارنىڭ قەيەردە كەتكۇزۇپ قويۋاتقانلىقىنى ،قايسى تەرەپتىن يىتەكلەش لازىملىقى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلدىم .ئوقوتۇش بىلەن ئەمىلىيەتنى بىرلەشتۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ كۇزتىش تەپەككۇر قىلىش ،
ئىجات قىلىش قابىلىتيىتىنى ،مەسىللەرنى ئويلاش ئىقتىدارىنى يۇقرى كۆتۈرۇش ئۇچۈن تىرشتىم .ئۆزۈمگە قاتتق تەلەپ قۇيۇپ ،بىلىممنى ئۈزلۇكسىز يېڭىلاپ تۇرۇش ئۇچۇن ھەرخىل تەربىيلەشلەرگە تۇلۇق قاتنىشىپ،بوش ۋاقىتلاردا ئوزلىكىمدىن ئۈگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۇردىم.ئۈزلىكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق دەرىس ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى بويىچە دەرس ئۆتەلەيدىغان شارائىتنى ھازىلىدىم .ئوقوغۇچىلارغا بولغان دەرىس ئۆتۇش ئۇسۇلۇمنى سەرخىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ ،تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ،كەسىپداشلىرىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى ئوقوتۇش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشتىم ،ئوقۇغۇچىلارنى تۇرلۇك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان،بەسلىششكە جۇرئەت قىلالايدىغان ،يېڭىلىق يارتالايدىغان ئىقتىدارنى شەكىللەندۈردىم .
 3-تەشكىلى تۇزۇم جەھەتتە :
 مەكتەپنىڭ ھەرخىل تەشكىلى تۇزۇملىرىگە ئاڭلىق بوي سۇنۇپ كەلدىم .سەۋەپسىز دەرىس تاشلايدىغان ،خىزمەت تاشلايدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلمىدىم. ھەرقانداق ۋەزىپە تاپشۇرسا باش تارتماستىن ئەستاھىدىللىق بىلەن ياخشى ئورۇندىدىم، مەيلى باشقا پائالىيەتلەر بولسۇن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۇردۇم .بالدۇر قايتىدىغان ،كىيىن كىلىدىغان ،تۇترۇقسىز باھانە –سەۋەپلەر بىلەن خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنى قىلمىدىم.«ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت »دىگەن كۆز قارشىنى ياخشى تىكلەپ ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزدىغان ناچار خاھىشلاردىن ساقلاندىم.ئوقوغۇچىلاردىمۇ ياخشى بولغان ۋاقىت قارشنى تىكلىدىم.
4-ئىتتىپاقلىق جەھەتتە :
 چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ،كىچىكلەرنى ئىززەتلەشتىن ئىبارەت ئەخلاق قارشىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ پىشقەدەم ئۇستازلارنى ،بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەش ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئۈلگە قىلىش قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا بېسىش ئۈچۈن چامىمنىڭ يىتىشچە تىرشچانلىق كۆرسەتتىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىىيەت بىرىپ كەلدىم .مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا يات بولغان ئىش ھەركەتلەر ۋە سۆزلەرنى قىلمىدىم.ئوقۇغۇچىللىرىمغىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش،ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىش –ھەركەت ۋە سۆزلەرنى قىلماسلىق ھەققىدىكى ئىددىيۋى تەربىيەنى ياخشى ئىشلىدىم.
5-ساقلانغان مەسىللەر :

 گەرچە سەۋەپسىز ئىشقا كەلمەيدىغان ،دەرىس تاشلايدىغان ،ھەرخىل باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان بولساممۇ ،بەزى چاغلاردا يوقلىمىغا كىچكىپ قالدىم. مەن بۇندىن كىيىنكى خىزمەت ئەمىلىيىتىمدە ئارتۇقچىلىقلىرىمنى جارى قىلدۇرۇپ ،يىتەرسىزلىكلىرىمنى تۇلۇق تۇزتۇپ مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپتىنىڭ ئۆسىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن.
-6  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت نىشانىم ۋە يولغا قويۇش تەدبىرىم: مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە تېخىمۇ تىرىشىپ يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى ۋە گۈزەللىك جەھەتتە تەڭ يېتىشكەن مەدەنىيەتلىك يېڭى ئەسىرنىڭ ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى قوزغۇتۇپ، خىزمەتتە ئۆزەمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەرقانداق ئىشتا باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ خىزمەتنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيمەن.بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دەرستە قىينىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئاساسىدا يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئىزدىنىپ يېڭى ئۇسۇل يارىتىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئۆزەمنىڭ بىر خەلىق ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇشتەك بۇرچۇمنى تىرىشىپ ئادا قىلىمەن.
 



تۆتتاش 2011-12-27 13:39
يىللىق خىزمەت خولاسىسىنى يازغاندا چۇقۇم ئاساسى ئەھۋالنى باشتا يازىمىز.مەسىلەن:مەن بۇ بىر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم ماۋسۇمىدا،   -  يىللىقلارنىڭ         دەرسىنى.مەكتەپ      ئۇقۇتۇش تەتقىقات گوروپىسىنىڭ مەسئۇللىق خىزمىتىنى،ياكى بولمىسا باشقا خىزمەتنى،   -     يىللىق  -  سىنىپنىڭ  سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى.كىيىنكى يېرىم ماۋسۇمىدا     دىگەندەك خىزمەتلەرنى كونكىرتنى يازساق ياخشى بۇلامىكىن دەيمەن.
كەچۈرۈڭ.

koksangun 2011-12-27 14:02
مۇشۇنداق خىزمەت خۇلاسىسى كەم ئىدى ، سەمەن قېرىندىشىمىزنىڭ يوللىمىسىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇق ...

angel 2012-02-09 19:55
ناھايىتى  ياخشى يىزىلغان خىزمەت خۇلاسىسى ئىكەن،خىزمەت پىلانى يوقمۇ؟

tawpek 2012-02-11 02:11
سايىماخۇننىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى

ئەسسالامۇئەلەيكۇمئەزىز تورداشلار!
    مۇشۇ سايىماخۇن يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىنى تاپشۇرىمەندەپ،قانداق بولدى ئايالىغا يازغان يىللىق خۇلاسىسىنى تاپشۇرۇپ ساپتۇ.قارىسامئەلكۈيىدە سايىماخۇنغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار خېلى باركەن شۇڭا بۇ خۇلاسىنىكۆپچىللىككە ئوقۇپ بېرەي، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار ئەمىسە!
يىللىق خىزمەت خۇسلاسە

    ئۆتكەن بىر يىل مابەينىدە،سىزنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىگىڭىزدە،قېينئاتا-قېينىئانامنىڭ يول-يورۇقى ئاستىدا،قېينىئاچا قېينىسىڭىللىرىمنىڭ غەمخورلىقىدا،قېينىئاغا-قېينىئىنىلىرىمنىڭ نازارىتىدە،سىزنىڭ يول كۆرسۈتۈش،ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز بويىچە،تىرىشىپ مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ،يېقىلىپ-قوپۇپ ئالغا ئىلگىرلەپ،تۈرلۈك ئائىلە خىزمەتلرىرىدە،كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم.ئىستاتىسكا قىلىشىمچە، ئۆتكەن يىل يىل ئاخىرغىچە ئائىلىمىزنىڭ بانكا ئامانەت سوممىسى،پاي-چەك،فۇند قىممىتى،شۇنداقلا مۇقىم مۈلۈك كۆرسەتكۈچلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا،18%،19%،20% ئېشىپ،يىل بېشىدا بەلگىلەنگەن ھەرقايسى كۆرسەتكۈچلەر 12% ئېشىش ۋەزىپىسى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،بىزنىڭ ئائىلە مەھەللە بويىچە «بەشتە ياخشى ئائىلە»،مەن كورپۇس بويىچە«لاياقەتلىك ئەر»،سىز بولسىڭىز «ئەڭ بەختلىك ئايال»بولۇپ باھالىنىپ،ماددى مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىشتا قوش مولھوسۇل ئالدۇق.
  مەن«ئايالىغا بويسۇنۇش»نى مەركەز قىلىپ،تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدىم:
1.مالىيە تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ،ئۆتكەن بىر يىلدا،بارلىق مائاش،مۇكاپات قاتارلىق ئاساسلىق كىرىمنى يۇقۇرىغا تاپشۇرۇش،قوشۇمچە كىرىمنى مالىيە خامچوتىغا سەرپ قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆردۈم،سىز بەرگەن پارچە خىراجەتنى تەستىق بويىچە ئىشلەتتىم.قالايمىقان پۇل خەجلىمەي،پۇل يوشۇرماي،سىزنىڭ مالىيە مىنىستىرلىق ھوقۇقىڭىزنى مۇستەھكەملىدىم.
2.ئسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇپ،تېجەشلىك بولدۇم.ئۆتكەن بىر يىلدا،تاماكا،ھاراق،چاي،شىمىشكە چېقىش،مىھمان قىلىش قاتارلىق خۇمار-ئادەتلىرىمنىڭ ھەممىنى تاشلىدىم.ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا شەخسى كىيىم-كېچەك،يىمەك-ئىچمەك خىراجىتىمنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتىم.پارچە خىراجىتىمدىن ئاشقان پۇلغا يېقىندا توردىن شىپىرلىق رەسىم ئاپاراتى سېتىۋېلىپ سىزگە سوۋغا قىلىمەن،بۇنداق قىلسام بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇپ، ھەم ئائىلىمىزنىڭ مۇقىم مۈلكىنى ئاشۇرىمەن ھەم سىزنى خوشال قىلالايمەن.
3.ئاكتىپ ئىزدىنىپ،بېيىش يولىنى كەڭ ئاچتىم.بىرىنچىدىن،ئۆزەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ،«سايىماخۇننىڭ سەرسان سىرلىرى»قاتارلىق ئەسەرلىرىمنى(ئوقۇپ ھەرگىز خاپا بولماڭ،پۇل تېپىش ئۈچۈنلا يېزىپ قويغان)مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇپ قەلەم ھەققى ئالدىم.ئىككىنچىدىن،خىزمەتداشلار بىلەن دوۋدىجۇ ئويناپ،كۆپ ئۇتۇپ،ئاز ئۇتتۇرۇپ ئاز-تولا تاپاۋەت قىلدىم.ئۈچىنچىدىن،فۇندنى (جىجىن) قاتتىق تەتقىق قىلىپ،سىزدىن تەستىقلاتقان مەبلەغنى سېلىپ،چۈشسە سېتىۋېلىپ،ئۆرلىسە سېتىپ خېلى كۆپ كىرىم قىلدىم.
ئايالىمنىڭ خوشاللىغىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ،ئائىلىمىزنىڭ مۇقىم،ئىناق بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردىم:
1.تويدىن بۇرۇنقى جاندوست ئاغىنىلىرىمدىن، مۇختەباي،دىدار،بۇلبۇلگويا دىگەنلەر، تەييارغا ھەييار،ھورۇن،بىكارتەلەپ نىمىلەر ئىدى،دائىم ئۆيىمىزگە كېلىپ،يەپ-ئىچىپ سىزنى خاپا قىلاتتى،شۇڭا ئۇلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزدۈم.(ئارىدا بۇلبۇلگويا ماڭا قەرز بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ۋاقتىنچە ئالاقىلىشىپ تۇرىۋاتىمەن)
2.ئىلگىرى تاماكا چېكەتتىم،بىركۈندە ئىككى قاپ تاماكا دىگەن ئادەتتىكى ئىش ئىدى،سىز تەنقىت قىلغاندىن كىيىن،قەتئى نىيەتكە كېلىپ قۇربان بېرىشتىن قورقماي،تاماكا بىلەن ئادا-جۇدا بولدۇم.ھازىر خۇمارىم تۇتقىدەك بولسا سەرەڭگىدىن بىرتال يېقىپ شۇنى قېنىپ پۇرىۋالىمەن.
3.ئالدىنقى يىلى ئاتا-ئانامنى،قېنىئاتا-قېينىئانامدىن بىر قېتىم ئارتۇق يوقلاپ سىزنى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدىم،شۇڭا ئۆتكەن يىل، خاتالىقىمنى ئەمەلى ھەركىتىم ئارقىلىق تۈزۈتۈپ، قېينىئاتا-قېنىئانامنى ،ئاتا-ئانامدىن ئىككى قېتىم ئارتۇق يوقلىدىم،ئۇلارنىڭ يېنىدا 45مىنۇت ئارتۇق تۇردۇم،ماددى جەھەتتە 21سوم ئارتۇق ۋاپادارلىق كۆرسەتتىم.
  مەن «ئايالىمنىڭ مەڭگۈ توغرا،خاتا بولسىمۇ ئجرا قىلىش»پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،«ئۇرسا قول ياندۇرماسلىق،تىللىسا گەپ ياندۇرماسلىق،تەپسە جىم تۇرۇپ بېرىش»پىرىنسىپىنى قەتئى ئىزچىللاشتۇرۇپ،ئەر-ئايال ئىككىمىز خۇددى مىھماندەك ئۆتۈشۈپ،ئائىلىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى،ئىناقلىقىنى جان تىكىپ قوغدىدىم.
گەرچە ئۆتكەن بىر يىلدا، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساممۇ،لېكىن ئايالىمنىڭ تەلىۋىگە تېخى يېتەلمىدىم.مەن بۇ يېڭى بىر يىلدا،كەمچىللىكلرىمنى تۈزۈتۈپ،ئارتۇقچىلىقلىرىمنى جارى قىلدۇرۇپ،ئۆتكەن يىللىق نەتىجىلىرىمنى مۇستەھكەملىگەن ئاساستا،يەنىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەپ،تۇرمۇش سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈشكە، ئەر-ئايال ئىجىل-ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىمەن.
                             كامالى ئېھتىرام بىلەن:سايىماخۇن

مەنبە:تېڭشۈن بىلوگىدىن تەرجىمە قىلسام سايىماخۇنغا كەپ قالدى.باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرمەڭلار جۇمۇ!
پىچان مائارىپپىدىن ؛ ئالىم

yar130 2012-02-11 12:25
ئۇيغۇرچە توربەتلەردىن تاپكىلى بولمايدۇ بۇنداق خۇلاسىلەرنى .رەخمەت

ماھى 2012-02-11 13:24
ياخشى يېزىلغان خۇلاسىكەن،ئوبدانلا پايدىلىنىدىغان بولدۇق يىل ئاخىرىدا.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

dilrus 2012-02-11 14:37
خىزمەت پىلانلىرى يوقمۇ؟مەسىلەن :سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت پىلانى ،ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى
دىگەندەك...

abdirazak 2012-02-22 23:22
بۇ خىزمەت خولاسى ياخشى يىزىلىپتۇ .مەن چۈشۈرۋىلاي.پايدىلنىش قىممىتى بار ئىكەن.

tax 2012-03-07 10:18
بۇ خىزمەت خۇلاسىسى ياخشى يېزىلىپتۇ، بولسا كالىندار پىلانى، خىزمەت پىلانى، ئوقۇتۇش پىلانى دېگەنلەرنى يوللاپ قويساق بەك ياخشى بوللاتتى.

tawpek 2012-03-07 10:38
مەندە ئۇنداق پىلانلار ساماندەك ئىدى، يوللاپ قويسام بولغۇدەك.


كۆپىنچىسى  سىياسى قۇرۇق شۇئارلار بولغاچقا مۇنبەرنى پاخاللاشتۇرماي دەپتىمەن.


查看完整版本: [-- يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled