1-سۇئال: بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ: (30=3×10)
(1) شىنجاڭنىڭ ئومومى يەر كۆلىمى ( ) كىۋادرات كىلومىتىردىن ئارتۇق ئارتۇق بولۇپ، ( )، ( )، ( ) ،( ) قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن چىگرالىنىدۇ.
(2) شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسى( ) ( ) ( )،
ئىككى چوڭ ئويمانلىق ( ) ( ) دىن ئىبارەت.
2- سۇئال: توغرا جاۋاپ تاللاڭ: (15=3×5)
1) كوئىنلۇن تېغى ( )
A: تاغقا چىقىش باغچىسى B: جەنۇپ بىلەن شىمالنىڭ چىگرىسى C؛ ياقۇت- گۆھەرلەر يۇشۇرۇنغان
2) تۆۋەندىكى ھاۋارايى ئاپەتلىرىدىن زىيىنى بىرقەدەر ئېغىر بولغىنى ( )
A: سوغۇق ئېقىم B: قارا يامغۇر C: قۇرغاقچىلىق
3) شىنجاڭدىكى نېفىت ۋە تەبىئى گاز زاپىسى ئەڭ مول رايونلار ( )
A: كۇئىنلۇن تېغى، ئالتۇنتاغ B: تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى C: تۇرپان ئويمانلىقى، تەڭرىتېغى
4) دۇنيادىكى توغراقلار ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون ( )
A: تۇرپان ئويمانلىقى B: جۇڭغار ئويمانلىقى C: تارىم ئويمانلىقى
(5) شىنجاڭدا چوڭ- كىچىك دەريا- ئىقىنلاردىن ( ) تىن ئارتۇقى بار.
A: 500 B. 570 C: 670
3- سۇئال: توغرا- خاتاغا ھۆكۈم قىلىڭ. (21 = 3 × 7 )
(1) شىنجاڭنى ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە بۆلىدىغان تاغ كوئىنلۇن تىغىدۇر.( )
(2) ئالتاي تىغىغا ئالتۇن- گۆھەرلەر يۇشۇرۇنغان. ( )
(3) شىنجاڭدا كۆپ يۈز بىرىدىغان گىئولوگىيەلىك ئاپەتلەردىن قارا يامغۇر، قۇم بوران، سوغۇق ئىقىم قاتارلىق ئاپەتلەر بار.( ).
(4) تەكلىماكان قۇملىقى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى، مەملىكىتىمىز بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ قۇملۇقتۇر.( )
(5) شىنجاڭدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە قارا رەڭلىك مىتال قىزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، مانگان، خرۇم قاتارلىقلار بار.( )
(6) ئىبنۇر كۆلى جۇڭغار ئويمانلىقىغا جايلاشقان پەس كۆلدۇر.( )
(7) شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىنىڭ ھۆل- يىغىن مىقدارى كۆپ بولغاچقا ھاۋاسى سالقىن.( )
4- سۇئال: سىزىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇڭ.( 12 = 3×4)
تەبىئى ساياھەت بايلىقى سۇ
يەر ئۈستى بايلىقى كۆمۈر، نىفىت
قىزىلما بايلىقلار سايرام كۆلى
مىتال بايلىقى ئالتۇن
5- سۇئال: قىسقىچە جاۋاپ بىرىڭ. ( 12 = 2×6)
(1) شىنجاڭدا كۆپ يۈز بىرىدىغان ھاۋارايى ئاپەتلىرى قايسىلار؟
(2) شىنجاڭدىكى ئىككى ئويمانلىق، ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسى قايسىلار؟
6- سۇئال: ئويلاپ بىقىڭ، مۇلاھىزە قىلىپ جاۋاپ بىرىڭ. ( 10 )
يەر تەۋرىگەندە ئۆزىنى قانداق قوغداش، يەر تەۋرەشنىڭ زىيانغا ئوچرىتىشىدىن قانداق ساقلىنىش كىرەك؟