تەۋپىقنىڭ يىللىق مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرۇشى (2)
ھۆرمەتلىك تەۋپىق ئەھلى : ياخشىمۇسىلەر ؟ 12-ئاينىڭ 1- كۈنى تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرۇشىنى چىقارغان ئىدۇق ، (مەنزىل : /bbs/read.php?tid=3969 ) ئۇقتۇرۇشتا تەۋپىق مۇنبىرىدە 2011 -يىللىق تولۇق ئوتتۇرا تىل - ئەدەبىيات نادىر دەرس دىتاللىرى ، دەرس تەييارلىقلىرى ، ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە تېكىست قاتارلىق دەرس بايلىقلىرىنى مۇكاپاتلىماقچى ئىدۇق . ئەپسۇس ، يىل ئاخىرى خىزمەتلىرى تەۋپىق مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار زىيادە ئالدىراش قىلىۋەتكەچكە ، مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق مۇكاپاتلاش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشنى قارار قىلدۇق . باھالاش ۋاقتى : 2012 -يىلى 2- ئاينىڭ 25 -كۈنى ، يەنى 2011-2012 -ئوقۇش يىلىنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمى باشلانغاندا ئېلىپ بېرىلىدۇ . تەۋپىق مۇنبىرىگە يوللىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ باھالاشقا قاتناشتۇرۇش ئىناۋەتلىك ۋاقتى 2 - ئاينىڭ 20 -كۈنى قىلىپ بىكىتىلدى . مۇكاپاتلاشقا قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەر تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ خاس يوللانمىسى بولۇشى ، يوللىغان تېمىغا « تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ يىللىق باھالاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر » دېگەن بەلگە قويۇلۇشى كېرەك . ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ ، تەۋپىقداشلارنىڭ تەققازاسىغا زەرەر يەتكەنلىكى سەۋەبى بىلەن ئۆزرىلىكمىز ، كەڭ تەۋپىق ئەھلىنىڭ بۇ ئىش سەۋەبى بىلەن باشقۇرغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز . تەۋپىق مۇنبىرى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى |