tunyukuk |
2011-12-16 16:46 |
«شىراق» (دەرس تېكىستى)
شىراق !nTq"d%(W ئابدۇللا ساۋۇت① 6EY\ LTf)`SN %' مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 633 - يىللار، ياز ئېيىنىڭ باشلىرى ئىدى. كېچىلىرى ھىندىقۇش تاغلىرى تەرەپتىن غەربىي شىمالغا قاراپ ئاققان سوغۇق ئېقىم، تۇران تۈزلەڭلىكى ②نىڭ بىپايان قۇچىقىدىكى بارلىق ناباداتلارغا تەھدىت سالاتتى. بىراق، كۈندۈزلىرى قارا قۇم چۆللۈكلىرى ③ دە كۆتۈرۈلگەن ئىزغىرىن شامال، بۇ ۋادىغا ئىسسىق ھارارەت تارقىتاتتى. كۈن قىزىغانسېرى بۇ ھارارەت كۈچىيىپ، يەر - زېمىن تونۇر تەپتىدەك يالقۇنجاپ، ساي، ئېدىرلىقلاردا ۋە ئۇپۇققىچە تۇتاشقان تۈزلەڭلەردە توپ - توپ گىرىمسەن پەيدا قىلاتتى. پامىر چوققىلىرىدىكى قار - مۇزلار ئېرىپ، جىرا بويلاپ سىرغىپ − تارام ھاسىل قىلىپ ئېقىپ، كەڭ تاغ ئېتەكلىرىدە قوشۇلۇپ سىر ۋە ئامۇ دەريا④ لىرىدە كۆۋرەپ - تاشقىنلايتتى. بەرقۇتتەك يېشىللىققا پۈركەنگەن ئېكىنزارلار، كۈن نۇرىدا تاۋلانغان چىمەنلىك يايلاقلاردا تېخى چېچەك چىقارمىغان ئوت - چۆپلەرنى يەپ سەمرىۋاتقان مال - ۋارانلار تەبىئەت ۋە ھاياتلىقنىڭ جىلۋىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. E!X>
C^ شۇنداق تىنچ، ئاسايىشلىق بىر پەيتتە، خەزەر دېڭىزى⑤ نىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىن تۇيۇقسىز دەھشەتلىك قارا بوران كۆتۈرۈلدى - دە، ئاچ بۆرىدەك ھۇۋلاپ، تۇڭگۇزدەك چىرقىراپ تۇران ۋادىسىغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلىدى. قارا بوران تېخىمۇ قۇتراپ، ھەش - پەش دېگۈچە تۇران زېمىنىنىڭ زور بىر قىسمىنى يالماپ - يۇتۇپ كەتتى. باغلار، ئورمانلار، چېكى كۆرۈنمەس ئېكىنزارلار قارا بوراننىڭ رەھىمسىز زەربىسى − زوراۋانلارنىڭ ئىپلاس تاپىنى، جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۆمۈر تاقىلىق تۇياقلىرى ئاستىدا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى. ھەممە يەر ئۆلگەنلەرنىڭ − ئەر، ئايال، مالچى، تېرىقچى، سودىگەر، گۆدەك بالىلار ... نىڭ سېسىغان جەسەتلىرى بىلەن تولدى. بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە شاھىت تۇران زېمىنى ئاچ قالغان ھېسابسىز قاغا - قوزغۇنلارنى ۋە باشقا نۇرغۇن گۆشخور ھايۋانلارنى ئۆز باغرىغا چىللاپ، دۆۋە - دۆۋە جەسەتلەر بىلەن مېھمان قىلىشقا، كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئارال دېڭىزى⑥ ئۆز تارىخىدا دەھشەتلىك قىرغىندىن بىرنەچچە قېتىم قايناپ تاشقان، ھازىرمۇ قىرغىن ئىچىدە قايناپ تاشماقتا ئىدى. ئاشۇ تاشقىن تۈپەيلى ۋەھىمىلىك سادا چىقىرىپ ھۆركىرىگەن دولقۇنلار قىرغاقلارغا زەرب بىلەن ئۇرۇلاتتى. ھەربىر ئۇرۇلغاندا چاچرىغان بۇژغۇنلاردىن ئەتراپقا ئاجايىپ قاڭسىق، بەتبۇي ھىد تارىلاتتى. بۇ ھىد − ھاياتلار ئۈچۈن ئۆلۈم پۇرىقى ئىدى. چۈنكى، ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلۇۋاتقىنى سۇ ئەمەس، بەلكى، سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىغا تولۇپ ئېقىپ كېلىۋاتقان قىپقىزىل قان ئىدى. zn/>t-Bc يارىلانغان، قېچىپ قۇتۇلۇپ، سەرگەردانلىقتا يۈرگەن، تۇتقۇن قىلىنغان تۇرانلىقلارنىڭ داد - پەريادى گويا قارا قۇم چۆللۈكلىرىدە كۆتۈرۈلگەن بەھەيۋەت قۇيۇنلاردەك پىرقىراپ، ئۇچۇپ كۆككە ئۆرلىمەكتە ئىدى ... _*z^PkH بۇ پاجىئەلەرنىڭ سەۋەبكارى − بېشىغا مىس دۇبۇلغا، ئۈستىگە پولات زەنجىرلىك ساۋۇت كىيگەن، ئىسپاھان① قىلىچى، شىراز② قالقىنى بىلەن قوراللانغان، خىل، يۈگۈرۈك پارس ئاتلىرىغا مىنگەن، ھەددى - ھېسابسىز ھەربىي قوشۇن ھەمدە بۇلارنى باشلاپ كېلىۋاتقان كىيانيان سۇلالىسىنىڭ توققۇزىنچى پادىشاھى، باسقۇنچى دارا Ⅰ ئىدى. ئالدىدا تۇغچى لەشكەرلەر، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي يۈرۈش تەرتىپى بويىچە ھۇجۇمچى قوشۇن، تەخت بىلەن ئوردا چېدىرىنى كۆتۈرگەن قوشۇن، ئوردا لەشكەرلىرى كېلەتتى. ئوردا لەشكەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالتۇن جابدۇقلار بىلەن بېزەلگەن شاھانە ئارغىماقتا پادىشاھ دارا Ⅰ مەغرۇر ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە بولسا كۆز يەتمەس سەپ گويا قارا چۈمۈلىدەك قىمىلدىشىپ كېلىشەتتى. ھەممىنىڭ ئاخىرىدا ئات، تۆگە، پىللارغا قورال - ياراغ، ئوزۇق - تۈلۈك ئارتىشقان ئارقا سەپ تەمىنات قوشۇنى كېلەتتى. دارانىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئايىغى تەگكەنلىكى يەرلەردە قانلىق قىرغىن ئىزلىرى قالماقتا ئىدى. لەشكىرىي دارا Ⅰ نىڭ قوشۇنى بارلىق قارشىلىقلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ، ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتاتتى. دارا Ⅰ نىڭ كۆزلىگەن مەنزىلى پامىر بىلەن تەڭرىتاغنىڭ غەرب، شەرق ئېتەكلىرىدىكى چەكسىز كەتكەن سۇلۇق يايلاق، قارا چىلان تۇپراقلىق مۇنبەت تېرىلغۇلار، باغۇ بوستانلىق يېزىلار، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان شەھەرلەردىن ئىبارەت ئىدى. دارا Ⅰ بۇنىڭغا قانائەت قىلمايتتى. ئۇ، بۇ يەرلەرنى ئۆز ئىشغالىيىتىگە ئالغاندىن كېيىنمۇ ھەربىي يۈرۈشنى توختاتمايتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ شۆھرەت يالقۇنلىرىدا كاۋاپ بولغان ۋۇجۇدى ئاچ كۆزلىرىگە تاقەتسىزلىك ئۇچقۇنلىرىنى تۇتاشتۇرغانىدى. مانا، شۇ ئۇچقۇن تېخىمۇ يىراقلارغا ئوت يېقىش ئىستىكىدە چاقنىماقتا ئىدى. يەنە ئۇ، ئۇزاق، تېز ھەربىي يۈرۈشلەردە، شىددەتلىك، قانلىق باستۇرۇشلاردا، قىرغىن قىلىشلاردا ھارغان ئاتلىرىنى تارىم دەرياسى بىلەن لوپنۇر كۆلىدە سۇغىرىپ، «بۈيۈك» كىيانيان سۇلالىسىنىڭ كەيقۇباد③ تىن داراپ ④ قىچە، داراپتىن ئۆزىگە مىراس قالغان قانلىق تۇغىنى ئانماچىن تاغلىرى⑤ غا قاداشنى مەقسەت قىلاتتى ... |"}7)[BW} * * * ,n%b~.$:v5 − تۇران جەسەتكە تولۇپتۇ! K20Hh7cVJ − ئارال دېڭىزىدا قان! eKuF7Oo − دارا كېلىۋاتىدۇ! w)&4i$Lk6 − يېغى كەلدى! T++q.oFc
مانا بۇ قورقۇنچلۇق قىقاس - چۇقان، ۋەھىمىلىك خەۋەر كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا چوگېر①، مۇز تاغ، خانتەڭرى چوققىلىرىدىن ھالقىدى. قۇرۇم تاغلىرى بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پايانى يوق چۆل ۋە بوستانلىقلار ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئۇزاقتىن بېرى بىر خىلدا تىنچ ياتقان ئويمانلىقنى لەرزىگە سالدى. كروران شەھىرى② دىن چىققان شاتۇرلار چاقماق تېزلىكىدە ئىلگىرىلەپ، دارا Ⅰ ئېلىپ كېلىۋاتقان بالايىئاپەت توغرىسىدىكى شۇم خەۋەرنى دۇنخۇاڭ③ دىن تاكى جاڭيى④ غىچە يەتكۈزدى. بۇغرا بۇزلۇق⑤، ئاسكۇملۇق تەڭرى⑥ ۋە قۇت تاغ⑦ نىڭ ئىچى - تېشىدىكى سانسىزلىغان قەبىلىلەر شۇم خەۋەردىن ساراسىمىگە چۈشتى، جىددىيلەشتى. ئاقساقاللار كېڭىشى چاقىرىپ، يېغىنىڭ ئالدىنى توسۇش توغرىسىدا پەرمان چىقاردى. 0)
zJG | ئۇرۇش تەييارلىقى باشلاندى، ئون دەريا⑧ ۋە توققۇز دەريا⑨ ۋادىلىرىدىكى ئىچكى - تاشقى ئوغۇزلارنىڭ بارلىق ئەرلىرى لەشكەرلىككە تىزىملىنىپ قوراللاندى. ئوغۇزلارنىڭ بىر تارمىقى − پامىر ئېتەكلىرىدە ياشايدىغان قەبىلە − ساكلار ھەممىدىن بۇرۇن كېڭەش ئۆتكۈزدى. ساكلار قاپاقلىرى سېلىنغان ھالدا بارگاھنىڭ ئەتراپىغا توپلاندى، بارگاھ ئىچىدە ساك ئاقساقاللىرىدىن 20 - 30 كىشى بار ئىدى. بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتتى، ئوڭ تەرەپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان قېرى ساك ئورنىدىن تۇرۇپ، جىملىقنى بۇزدى: 2z$!} − ھەي قېرىنداشلار! − دېدى ئۇ، بارگاھ ئىچىدىكىلەرگە تەكشى قارىۋالغاندىن كېيىن، − بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ، بالا - قازا بوسۇغىمىزغىلا كېلىپ قالدى. يېغىغا قارشى قوزغالمىساق، يېغى بىزدىن سوراپ ئولتۇرمايلا بېشىمىزدا قىلىچ ئوينىتىدۇ. بالا - چاقا، مال - ۋارانلىرىمىز ۋەيران بولىدۇ. بىزنى بېقىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس ئانا تۇپراق قان بىلەن بويىلىدۇ. گەپ قىلىڭلار! ياكى شۇنداق بولۇشنى كۈتۈپ تۇرىمىزمۇ؟! ]a.^F بارگاھ ئىچىنى ئېغىر پۇشۇلداش، ئۇلۇغ - كىچىك تىنىشلار قاپلىدى، قېرى ساكنىڭ سۆزى ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەنىدى. ZI4dD.B − ياق، − ساقال - بۇرۇتى قاپقارا، كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان بىر ساك قولىنى كەسكىن شىلتىدى، − كۈتۈپ تۇرۇش − ئۆلۈم بىزگە! يېغىنى توسۇش كېرەك! خەۋەرلەردىن قارىغاندا، سېلىنگا دەرياسى⑩، خانگاي تاغلىرى بىلەن بايانقارا تاغلىرى غىچە بولغان كەڭ زېمىن قوزغالدى. ئۇلار دۇنخۇاڭغا توپلىنىپ، تارىمدىن ئۆتۈپ بۇياققا كېلىۋاتىدۇ. بىز ئالدىنقى سەپتە، شۇڭا دەرھال قوراللىنىپ ئاتلىنىشىمىز كېرەك. 9Nna-}e?W − بۇ، دانا پىكىر! _iDVd2X"H − ئۇنداقتا، ھەممىمىز ئۆز قەبىلىلىرىمىزدىن لەشكەر توپلايلى. !;vv-v,LQ − بولىدۇ، جان كەتسىمۇ مەيلى! vf#d شۇ پىكىرلەر بولۇۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت بارگاھ سىرتىدا ئىككى ئەركەكنىڭ تاكاللاشقان ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇئان بارگاھ قورۇقچىسى كىرىپ كەلدى. ئاقساقاللارغا ھۆرمەت - تەزىم قىلغاندىن كېيىن، ئۇ: «بىر ناتونۇش پادىچى ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشىمەن دەيدۇ، كىرگىلى قويمىسام جېدەللەشكىلى تۇردى» دەپ مەلۇمات بەردى. كېڭەش قاتناشچىلىرى دەماللىققا بىرنېمە دېيەلمىدى. چۈنكى، ئادەت بويىچە كېڭەش بولۇۋاتقان جايغا ئاقساقاللاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىناتتى. L − بىرەر مۇھىم خەۋەر ئېلىپ كەلگەن بولمىسۇن يەنە، − دېدى قېرى ساك، − قائىدىگە خىلاپ بولسىمۇ كىرسە ... ? EHheZ{ ھېچكىم ئۈندىمىدى. بۇ ھېلىقى پادىچىنىڭ كىرىشىگە قوشۇلغانلىقىنىڭمۇ - قوشۇلمىغانلىقىنىڭمۇ ئىپادىسى ئەمەس ئىدى. قېرى ساكنىڭ تاقىتى تۈگىدى، «باشلاپ كىر!» دېدى ئۇ. باشقىلار قېرى ساكقا تەئەججۈپ ئىلكىدە قاراپ قېلىشتى. بارگاھ قورۇقچىسى ھايالشىمايلا بىر كىشىنى باشلاپ كىردى. ناتونۇش كىشى ئاقساقاللارغا تەزىم بەجا كەلتۈردى، قورۇقچى چىقىپ كەتتى. ئاقساقاللار ناتونۇش پادىچىنىڭ ۋىجىك بويىغا، تىتىلىپ كەتكەن تېرە كىيىملىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشتى. gs/o cu − ئاۋۋال ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل! نېمە ئادەمسەن؟ − دېدى قېرى ساك. z$~F9Es9 − مېنى شىراق دېيىشىدۇ، يۇرتۇم مۇز تاغنىڭ شەرقىي يايلاقلىرى، پادىچىمەن. {J/Fp# شىراقنىڭ تەمتىرىمەي، ئېنىق، دادىل سۆز قىلىشى ئاقساقاللارنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئوچۇق، جاراڭلىق بولۇپلا قالماستىن، ئۆزىنى ئەركىن، تېتىك تۇتۇشى، قاراشلىرىدىكى قەتئىيلىك ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ھەممىسىنى تاڭ قالدۇرغانىدى. 75>Ok / − سۆزلە، نېمە مۇددىئا بىلەن كەلدىڭ؟! v[8+fd)}S شىراق جۈرئەتلىنىپ، يۇقىرى ئاۋازدا مۇددىئاسىنى بايان قىلدى: liLhvcd − ھۆرمەتلىك ئاقساقاللارنىڭ نېمە ئىش توغرىسىدا كېڭىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، ياۋ بوسۇغىمىزغىلا كېلەي دەپ قالدى، بارلىق ئوغۇز ۋە ساكلىرىمىز ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. مۇبادا ئۇرۇش باشلىنىپ قالسا بىز ياۋنى قىرىمىز، ياۋ بىزنى قىرىدۇ، ياۋ قىرىلسىغۇ مەيلى، بىراق ئۆزىمىز قىرىلساق ... − شىراق سەل تۇرۇۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، − دېمەكچى بولغىنىم، مەن ساكلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كەمبەغىلى، ئاچ - يالىڭاچ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان خوتۇن - بالىلىرىم بار. ئەگەر سىلەر خوتۇن - بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشقا ۋەدە بەرسەڭلار، مەن ئۆز ھاياتىم بەدىلىگە باسقۇنچى دارا لەشكەرلىرىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىپ، ساك، ئوغۇز ۋە باشقا بارلىق قەبىلە - قېرىنداشلىرىمنى، مۇقەددەس، ئۇلۇغ تۇپرىقىمنى بالايىئاپەتتىن خالاس قىلىمەن! |S|'o*u شىراقنىڭ بۇ مەردانە سۆزلىرى بارگاھ ئىچىنى تىمتاسلىققا چۆمگۈزدى. بىر قىسىم ئاقساقاللارنىڭ مەسخىرىلىك تىكىلگەن كۆزلىرىدىكى سوغ نەزەر شىراقنىڭ شىجائەت، ئىرادە جۇشقۇنلاپ تۇرغان قەلبىنى شۈركەندۈردى، ئازابلىدى. لېكىن شىراق جەسۇر قىياپەتتە تۇرۇپ، كۆكۈچ كۆزلىرىدە پارلاۋاتقان ئىشەنچ نۇرى بىلەن ئۇلارغا قادالدى. v*dw'i − دېگىنە، لەشكىرىي دارانى قانداق يوقاتماقچىسەن؟ ^eO/?D8~h − سەن بىر، ياۋ تۈمەنمىڭ، بۇنى بىلەمسەن؟ %8xRT@Q − سېنىڭ كۈچۈڭ نېمىگە يېتىدۇ؟! Sx e6& − سېھىرگەرمۇ يا سەن؟ 66"
6> − ياق، بۇ ساراڭ بولسا كېرەك. Bi :!"Nw[X تۇشمۇتۇشتىن ياغقان سوئاللار ئالدىدا شىراق قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرىۋەردى، چىرايىدىكى قەتئىيلىكمۇ قىلچە ئۆزگەرمىدى. ئۇنىڭ ئويلىغىنى بار ئىدى. لېكىن دېگۈسى كەلمەيتتى، ئۇ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرمەكچى ئىدى. {)!>e شىراق، ئاقساقاللارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەي تۇرغانلىقىنى سېزىپ، يەنە سۆز قىلدى: pb)8?1O|s − مېنىڭ يالغۇزلۇقۇم، ياۋنىڭ كۆپلۈكى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. لېكىن مەن ياۋ بىلەن ئېلىشىمەن، قانداق ئېلىشىشىم كېرەكلىكىنى ھازىر دەپ بېرەلمەيمەن. ئەمما، جەڭگە تەييارلانغان بارلىق ساكلار، قېرىنداش قەبىلىلەر خاتىرجەم ئۆز ئىشىنى قىلىشسۇن، ياۋنى بۇياقلارغا كەلتۈرمەيمەن. لېكىن سىلەر بايا دېگەن تەلىپىمنى ئورۇنداڭلار ...! ZcyGLg0I ئاقساقاللار بىر - بىرىگە قاراشتى، ھەممە كۆزلەردە شىراقنىڭ قەيسەرانە ئىرادىسىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى جىلۋىلەندى. &s(&B>M − خوتۇن - بالىلىرىڭغا بىز ئىگە، − ئاقساقاللار شۇنداق دېيىشتى. Y-YuY شىراق بىلەن ئاقساقاللار بارگاھتىن چىقىشتى، شىراق لام - جىم دېمەستىن بارگاھنى ئوراپ تۇرغان ساكلار توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ، نېرىراقتىكى چۆپلۈكتە ئىككى ئوغلىنى باغرىغا تېڭىپ ئولتۇرغان ئورۇق، سولغۇن، ياش جۇۋاننىڭ ئالدىغا باردى. ئۇ، بالىلىرىنى قۇچىقىغا ئېلىپ سۆيدى، پۇرىدى. خوتۇنىغا خوشلىشىش سۆزلىرىنى ئېيتتى. شۇ ئارىدا ئاقساقاللار ساكلار توپىغا شىراقنىڭ بىر ئۆزى يالغۇز ياۋ ئۈستىگە بارىدىغانلىقى، قالغانلارنىڭ ھازىرچە لەشكەر بولمايدىغانلىقىنى كېڭەشنىڭ قارارى سۈپىتىدە ئېلان قىلدى. شىراق مەزمۇت قەدەم بىلەن مېڭىپ، ئاقساقاللار بىلەن ساكلار توپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سەيناغا كىرىپ كەلدى. VLkAsM5}% شىراق ئۇچىسىدىكى يىرتىق تېرە چاپىنىنى سېلىپ تاشلىۋەتتى، تېرە بۆكىنى ساكلار توپى ئۈستىدىن قاڭقىتىپ نەلەرگىدۇ ئېتىۋەتتى. .\^0RyJE − چورۇقۇڭنى ماڭا بېرىۋەتكىن! − دېدى شىراق يېنىدىكى ياش ساكقا، − بەدىلىگە مال ئەمەس، بەلكى ساڭا تىنچ كۈن، بەختلىك تۇرمۇش ھەدىيە قىلىشىم مۇمكىن. +W*~=*h| ياش ساك ئىككىلىنىپ تۇرمايلا يېپيېڭى شىر چورۇقنى سېلىپ بەردى. شىراق چورۇقنى كىيىپ، بوغۇزى بىلەن قونچىدىن تېرە شوينا بىلەن مەھكەم باغلاپ ئورنىدىن تۇردى، بىر ساك ئاقساقىلى ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى ۋە قوينىڭ ئەيلەنگەن تېرىسىگە سىزىق شەكىللەر بىلەن پۈتۈلگەن ۋەسىقە خېتىنى تاپشۇردى: yivu|q − ئاشۇ تەسكەيدىكى چوڭ يايلاق ۋە يىلقا، كالا، قوي ... لىرى بىلەن سېنىڭ خوتۇن - بالىلىرىڭغا مەنسۇپ قىلىندى. t n5 − يەنە كەم بولسا بىز بار، خاتىرجەم بول، − دېدى يەنە بىر ساك ئاقساقىلى شىراقنىڭ مۆرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ. A:r?#7 Ma شىراق كۆزىگە ياش ئالدى، ياش تامچىلىرى يۈزىنى بويلاپ قىسقا، يىرىك ئۆسكەن قارا ساقاللىرى ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى. 0Lxz?R x]< − رەھمەت ئاقساقاللار، قېرىنداشلار! − شىراقنىڭ بۇرۇتلىرى تىترىدى، لەۋلىرى ئۈمچەيدى، ئۇ يۇقىرىقى سۆزىنى ئاران دېيەلىدى، يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى ئىدى، دېيەلمىدى. بارگاھ قورۇقچىلىرىدىن ئىككىسى شىراقنىڭ خوتۇن - بالىلىرىنى سايىۋەنلىك تۆگىگە ئولتۇرغۇزۇپ توپ ئارىسىدىن ئۆتتى. شىراق قولىدىكى تېرە پۈتۈكنى خوتۇنىغا بەردى، ئەر - خوتۇن بىر - بىرىگە قاراشتى، گەپ - سۆز قىلىشمىدى. كۆز ياشلىرى ئارقىلىق بىر - بىرى بىلەن خوشلاشتى. قورۇقچىلار تۆگىنى يېتىلەپ قېرى ساك كۆرسەتكەن يايلاققا قاراپ مېڭىشتى. شىراقنىڭ خوتۇنى ھەدەپ كەينىگە قاراپ يۇم - يۇم يىغلايتتى، بالىلىرى «دادا، دادا ...!» دېيىشىپ نالە قىلاتتى. "[|b,fxR شىراق بۇغا مۈڭگۈزىدە ساپلانغان كەڭ ئىنلىق، ئۆتكۈر خەنجىرىنى ئالدى - دە، بۇرنىنى، ئىككى قۇلىقىنى كېسىپ تاشلىدى. ساكلار بۇ ھەرىكەتتىن چۆچۈپ ۋارقىراشتى. شىراق گويا ھېچنېمە بولمىغاندەك خەنجىرىنى غىلاپقا سالدى، يەرگە ئۈزۈلۈپ چۈشكەن تەن پارچىلىرى دىك - دىك قىلىپ سەكرەپ توختاپ قالدى. شىراقنىڭ بوينى، يۈزى، قورساق، دۈمبىلىرى قانغا بويالدى. ئۇنىڭ كىندىك قىنى تۆكۈلگەن بۇ زېمىنغا ئىككىنچى قېتىم ئۆز قىنىنى تۆكتى. EE!}$qOR شىراق ئوزۇق - تۈلۈك سېلىنغان خالتا ئېسىلغان ئۇزۇن تاياقنى مۈرىسىگە سالغىنىچە ساكلار توپىنى ھەيران قالدۇرۇپ يولغا راۋان بولدى ... bmfM_oz * * * <>cS@V5j شىراق ئۈستۋېشىدىكى قان داغلىرىنى سۈرتمەستىن يولىنى داۋام ئەتتۈرەتتى، ئەلمىساقتىن ئىنسان ئايىغى تەگمىگەن، تومۇز ئىسسىقىدا ئوتتەك يېلىنجاپ تۇرغان چۆل، سايلاردىن، «مۇز تاغ ئاتا» غا تۇتىشىپ كەتكەن تاغ تىزمىلىرى ئاستىدىكى قورقۇنچلۇق ھاڭلار يېنىدىن، قىرلىق تاشلار ئۈستىدىن، تاقىر دالىلاردىن، ئېگىز تىك داۋانلاردىن، سۈرلۈك تىلسىماتلار ئىچىدىن يول تېپىپ باراتتى. ئۇنىڭغا ئاچلىقمۇ، ئۇسسۇزلۇقمۇ، يول ئازابىمۇ كار قىلمايتتى. قانچە كۈن، يول يۈردى، قانچىلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، بۇنىسى شىراق ئۈچۈن نامەلۇم ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىرلا مەقسەت كۈچ بېغىشلايتتى. شۇ كۈچ ئۇنىڭغا ئوزۇق، سۇ، ئارام ئىدى. كۈن چىقتى، پاتتى. كېچە بولدى، تاڭ ئاتتى. ۋاقىت − شۇ تەقلىتتە دەۋر قىلىپ ئۆتۈۋەردى، ئاخىر كۆزلىگەن نىشان ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولدى. شىراق، سىر دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغا يېتىپ كەلگەنىدى. قاتمۇ قات تاغلار تىزمىسىدىكى چوڭقۇر جىرالار ئارىسى، تاشلىق ساي، يايلاقلار، چۆللەر، ئېقىن بويلىرى، ئىسسىق كۆل① قىرغىقى دارا Ⅰ نىڭ لەشكەرگاھىغا ئايلانغانىدى. چىمەنلىك يايلاق ئۈستىگە دارا Ⅰ نىڭ چېدىرى تىكىلگەنىدى. دارا Ⅰ نىڭ چېدىر ئەتراپى ئوردا لەشكەرلىرىنىڭ چېدىرلىرى بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىدا، لەشكەر تۈرلىرى ئايرىم - ئايرىم چېدىرلارنى تىككەنىدى. شاھانە چېدىر يېنىدىكى ئېگىز موما ياغاچنىڭ ئۇچىغا كىيانيان سۇلالىسىنىڭ تۇغى ئېسىلغانىدى، بۇ تۇغ ئۆز ئەتراپىدىكى مىڭلىغان ھەربىي تۇغلارغا كوماندا بېرىۋاتقاندەك تىنماي لەپىلدەيتتى. لەشكەرلەر ياققان گۈلخانلارنىڭ قويۇق ئىس - تۈتەكلىرى ئات تېزەكلىرىنىڭ قاڭسىق ھىدى شامال بىلەن قوشۇلۇپ ئاچچىق پۇراق تارقىتاتتى. بۇ سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك ھەربىي تۇرالغۇنى كۆرگەن كىشى جەزمەن ئۆزىنى يوقىتىپ قوياتتى. ئەمما، شىراق ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىدى. تاغ قاپتىلىدىن پەسكە قاراپ چۈشتى، ئۇ ئەڭ دەسلەپ ئۇچرىغان ھەربىي چېدىر ئالدىدىن ئۆتكەندىلا ئۆزىنى كاچاتلاپ: «شاھقا ئەرزىم بار! ئەي شاھ دارا، ئۇلۇغسەن! بۈيۈكسەن! شاھىنشاھىمسەن! پۇشتۇپاناھىمسەن! بىچارە، ئاجىز، ناتىۋان قۇلۇڭ ساڭا ئەرز ئېيتىپ كەلدى!» دەپ توۋلاپ، زار - زار يىغلاپ ياش تۆكۈپ ماڭدى. دەم ئېلىۋاتقان، تاماق يەۋاتقان، قوراللىرىنى تازىلاۋاتقان، ئاتلىرىغا يەم بېرىۋاتقان لەشكەرلەر قۇلاق - بۇرنى يوق، يالىڭاچ، بەتبەشىرە، قەلەندەر سۈپەت ناتونۇش ئادەمنىڭ ھالىنى كۆرۈپ كۈلۈشتى، يىرگىنىپ نېرى كېتىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنىڭ غەلىتە قىياپىتىدىن ھەيران بولۇشۇپ كۈلۈپ، توسۇشنى، سوراق قىلىشنى يادىدىن چىقىرىشتى. شىراق چېدىرلارنى ئارىلاپ كېتىۋەردى. شۇ تەرىزدە ئۇ ئىككى ئاش پىشىم ۋاقىتچە ماڭدى. شاھ ئوردىسىغا 50 - 60 قەدەم قالغاندىلا ئۇ توسالغۇغا دۇچ كەلدى. ئوردا قاراۋۇللىرى ئۇنى بىرقەدەم ئالدىغا سىلجىشقا يول قويمىدى. شىراق شۇئان ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ، يۇمىلىنىپ، داد - پەرياد كۆتۈرۈپ، بايىقى گەپلىرىنى تەكرارلاپ يىغلاشقا باشلىدى. خېلىدىن كېيىن بۇ ۋەقە لەشكەرلەر، چاپارمەنلەر، ئوردا ياساۋۇلى ۋە ھۇدەيچى ئارقىلىق دارا Ⅰ گە مەلۇم قىلىندى. ئۇ دەسلەپ پەرۋا قىلمىدى، كېيىن ئويلىنىپ قالدى. كۆڭلىگە بىر ئىش كەلدى، ئاخىر ئىجازەت بەردى. شىراق ئىككى نەپەر لەشكەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا شاھ چېدىرىغا يالاپ ئېلىپ كىرىلدى ۋە تەختكە روبىرو قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. ئالتۇن تەختتە مەغرۇر گىدىيىپ ئولتۇرغان دارا Ⅰ شىراقنىڭ مېيىپ - مەجرۇھ قىياپىتىنى كۆرۈپ، قاپاقلىرىنى تۈردى ۋە ئاۋازىغا ھەيۋەتلىك تۈس بېرىپ: «ئەرزىڭنى ئېيت!» دەپ خىتاب قىلدى. Ey46JO" شىراق ئالدىرىمىدى، ئۇ ئاۋۋال شاھ دارا Ⅰ گە، ئاندىن تەختنىڭ ئىككى تەرىپىدە مەرتىۋە سالاھىيىتىگە مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشقان ۋەزىر - ۋۇزرا ۋە ھەربىي قوماندانلارغا سالام بەجا كەلتۈردى. ^:eZpQ [, − ئەي شاھلارنىڭ شاھى، ئالەمنىڭ نۇرلۇق ماھى، ئەلنىڭ پۇشتىپاناھى! سەن ئادىلسەن، قۇدرەتلىكسەن! غەزىپىڭدىن تاغلار تىترەيدۇ، دېڭىزلار تاشىدۇ. ھەق ۋە ئادالىتىڭدىن ئىنسان قۇت تاپىدۇ، مېھىر - شەپقىتىڭدىن كائىنات بەھرە ئېلىپ، كۆكىرىپ - ياشنايدۇ. مەن سېنىڭ ئالەمگە مەشھۇر نام - شەرىپىڭنى، تىللاردا داستان تەۋسىپلىرىڭنى، قۇدرىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، سەلتەنىتىڭنىڭ مەڭگۈلۈكلۈكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى يىراق ئوغۇزلار ئېلىدىكى ساك قەبىلىسىدىنمەن، سەندىن پاناھ تىلەپ كەلدىم، ئەي شاھ، ئەرزىمگە قۇلاق سالغىن. مەن ساڭا ئىتائەت ئىزھار قىلىش ئارزۇسىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن، مۇشۇ قىسمەتكە دۇچار بولدۇم. قېرىنداشلىرىمغا: «ئۇلۇغ شاھ دارا ئالىيلىرىغا ئىتائەت قىلايلى، ئەل بولايلى» دېسەم، ئۇلار رەھىمسىزلىك بىلەن بۇرۇن، قۇلاقلىرىمنى كېسىپ تاشلىدى. «خائىن» دەپ ھاقارەتلىدى، خورلىدى، لەنەت ياغدۇردى. ھەتتا ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. پەيت تېپىپ قاچتىم. مىڭ بىر جاپادا دەرگاھىڭغا داد ئېيتىپ كەلدىم. ئەي سەلتەنىتى ئۇلۇغ، شەۋكەتلىك شاھىم! مېنىڭ ھالىمغا يەت، ساكلاردىن قىساس ئېلىشىمغا ياردەم بەرگىن. مەن بىچارە قۇلۇڭدىن مەرھەمەتلىرىڭنى ئايىمىغىن، مېنىڭ ئەرز - دادىم شۇ!
157_0 دەردمەن بىلەن دادىخاھنىڭ كۆزلىرى بىر - بىرىگە ئۇدۇل تىكىلىشتى، شىراق دارا Ⅰ نىڭ كۆزىگە مىختەك تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇ ھازىر ھېچنېمىدىن ھېيىقمايتتى. شاھنىڭ ئۇنىڭ دائىم قەھرلىك ئۇچقۇنلار چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدە قىزىقىش، ھاياجان ئەكس ئەتتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈرۈشتە تېز ئىلگىرىلەش، شۆھرەت، غالىبىيەتنىڭ تۇغىنى يەتتە ئاسماننىڭ قەھرىگىچە كۆتۈرۈپ لەپىلدىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دەل شىراققا ئوخشاش ئۆز ئېلىدىن يۈز ئۆرۈگەن، كىيانيان دۆلىتىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن كىشى كېرەك بولاتتى. `@]s[1?f دارا Ⅰ سەل جىمجىتلىقتىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ تەختتىن چۈشتى. ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان يۇمشاق پايانداز ئۈستىدىن مېڭىپ شىراقنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۆزىگە تەلمۈرۈپ - نىجاتلىق تىلەپ تۇرغان مەجرۇھ قاچقۇننىڭ تۇرقىغا ھېسداشلىق نەزەرى بىلەن تىكىلدى. (C
2 XFg_ − سېنىڭ ئەرز - دادىڭسىزمۇ مەن بەرىبىر ئاشۇ زېمىننى زەبىت قىلىمەن. ساكلارنى، ئوغۇزلارنى پاك - پاكىز قىرىپ تاشلايمەن. سەپىرىمنىڭ مەنزىلى سېنىڭ ئېلىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى يىراق ئەللەر. قېنى ئېيتقىنا، ئوغۇز ئېلى ماڭا ياۋاشلىق بىلەن ئىتائەت قىلماسمۇ؟ مېنىڭ غالىب قوشۇنلىرىمنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقماسمۇ؟ '=\}dav! دارا Ⅰ سۆزىدىن توختاپ، ئۇزۇن، سېمىز، تۈكلۈك بارماقلىرىنى پۈكۈپ قاس چىقىرىپ، پايانداز ئۈستىدە ئۇيان - بۇيان ماڭدى. سارغۇچ، قويۇق چاچلىرى ئۈستىدە دىڭگىيىپ تۇرغان ئالتۇن تاج، زەر چاپىنىنى بېلىدىن قىسىپ تۇرغان كەڭ، قاپارتما نەقىشلىك ئالتۇن كەمەر ۋە كەمەرگە ئېسىلغان كۈمۈش قىنلىق، ئىسپاھان پولىتىدىن سوقۇلغان قىلىچ دارا Ⅰ نى تېخىمۇ سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك كۆرسىتەتتى. R$a<= − قۇدرەتلىك ئۇلۇغ شاھىم، − شىراق، شاھنىڭ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئۆزىگە قاراپ جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۆزنى داۋام ئەتتى، − ساكلار نۇرغۇن خەق، ئۇلارغا ئون ئوغۇز، توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى قوشقاندا، ئۇ خەقنىڭ ھېسابىغا سان يەتمەيدۇ. ئۇلار تۇرغان زېمىننىڭ ئۇچ - چېكى يوق. شاھ ئالىيلىرى، تىلىم كۆيسىمۇ ئالدىڭدا ھەق سۆزنى قىلاي، ئۇلاردىكى لەشكەرلەرمۇ كۆپ، قۇمنى ساناش مۇمكىن، بىراق لەشكەرلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇستا چەۋەنداز، ئۇلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، ئالدىغا قاراپ قانچىلىك تېز ۋە زەرب بىلەن قىلىچ ئۇرسا، ئىككى يانغىمۇ، ئارقىسىغىمۇ شۇنچىلىك تېز ۋە چاققان قىلىچ ئۇرىدۇ. نەيزە ئۇرۇش، ئوقيا ئېتىشتىمۇ خۇددى شۇنداق. ئۆلۈم دېگەننى پىسەنتىگە ئالمايدۇ. لېكىن ئۇلارنى بابلاش، مەغلۇپ قىلىش تەس ئەمەس. مەن كىچىكىمدىن پادا بېقىپ، دالا كېزىپ ئۆسكەچكە، ئۆز ئېلىمنىڭ تاغ، دەريا، كۆل، يايلاق، يېزىلىرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى بەش قولدەك بىلىمەن. سېنىڭ لەشكەرلىرىڭنى بىخەتەر باشلاپ ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ بىخۇد - بىپەرۋا تۇرغان پەيتىنى تاللاپ ھۇجۇم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلالايمەن. ئۇلار قانچىلىك بۇرۇن ئەل بولسا شۇنچە خۇش بولىمەن، ئاچ كۆز ئاقساقاللىرىنىڭ بېشىنى يەپ، ئۇلۇغ شاھ داراⅠ ئالىيلىرىنىڭ قولىدا ئەلنىڭ خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن ... |.IH4
K
دارا Ⅰ ئالدىدىكى چاقماقتەك سۆزلەۋاتقان شورلۇق پادىچىنىڭ ئۆزىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقەتمەنلىكىنى كۆرۈپ، رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى ھەم مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى - دە، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ پايىغا قەدەم قويدى، تەختكە چىقىپ ئولتۇردى. bQll;U^A − ئەي ئالەمپاناھ! − دېدى شىراق، − رەقىبلىرىمدىن قىساس ئېلىشتا سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا، ياردىمىڭگە موھتاجمەن. ئەگەر مالال كۆرمىسەڭ، لەشكەرلىرىڭگە ئەمر قىل. ئۇلار تېز ئاتلىنىپ، ساكلارنىڭ ئاچ كۆز، رەھىمسىز ئاقساقاللىرىنىڭ قانلىرىنى ئاققۇزسۇن، ئۆي - ماكانلىرىنى خانىۋەيران قىلسۇن. ئۇلار ھازىر غەپلەتتە، ئۇلار چوقۇم تارمار بولىدۇ. لېكىن لەشكەرلىرىڭ يەتتە كۈنگە يەتكۈدەك ئوزۇق، سۇ غەملىۋېلىشى لازىم. '[F:uA − يارايسەن! − دېدى شاھ خۇشال بولۇپ، − مەن سېنىڭ قىساسىڭنى ئېلىپ بېرىمەن. لەشكەرلىرىمگە سەن يول باشلا، مەن مۇشۇ يەردە قېلىپ، قوماندان رانۇس چاتتىن غەلىبە خەۋىرىنى كۈتىمەن!
w-jElV ئالىي ھەربىي كىيىم كىيگەن، ئېگىز گەۋدىلىك، سۈرلۈك قوماندان رانۇس چات دارا Ⅰ نىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ يۈكۈنۈپ تۇرۇپ، تەختنىڭ ئەڭ تۆۋەن پايىسىغا پېشانىسىنى تەگكۈزدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، كەينىگە ئۈچ قەدەم شوخشىدى، ئاندىن: «ئۇلۇغ شاھىمىز ئۈچۈن جېنىم پىدا!» دەپ قەسەمياد قىلدى. 7uB
x * * * a %go[_w ئېلبورس تاغلىرى① ئېتىكىدىكى ھاۋاسى ياخشى، ئوت - چۆپلىرى مول يايلاقلاردا توپ - توپ بولۇپ يۈرگەن توسۇن ئاتلار ئارىسىدىن تاللاپ تۇتۇپ كېلىنىپ ئۇستا ئاتچىلارنىڭ قولىدا كۆندۈرۈلگەن قۇلا ئارغىماق پات - پات پۇشقۇرۇپ، كىشنەپ، رانۇس چاتنىڭ ئاق ئېتى بىلەن بەسلىشىپ رەقىبىگە يول بەرمەي كېلەتتى. قۇلا ئارغىماقتا پادىچى شىراق ئولتۇراتتى. لەشكەرلەر يولغا ئاتلىنىش ئالدىدا، شاھ ئۇنىڭغا مۇشۇ ئاتنى سوۋغا قىلىپ بەرگەن. مىراخور بېشى② قۇلا ئارغىماقنىڭ تىزگىنىنى شىراققا تۇتقۇزغاندا، شىراق شاھ ئالدىدا دەسلەپ ئېيتقان سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، شاھنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى تىلىگەن. ئەنە ئۇ ۋەدە بويىچە ئىران لەشكەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلمەكتە. 4+olyBht ئىران لەشكەرلىرى مىنگەن ئاتلارنىڭ تۇيىقى تەگكەن تاش - شېغىللار غېجىلىپ ئۇپرايتتى. تۇياقلار ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق، سېرىق چاڭلار ئاسمان - پەلەكنى قاپلاپ، كۈن نۇرىنى توساتتى. بوراندەك دەۋرەپ كېلىۋاتقان لەشكەرلەرنىڭ باش - ئاخىرىغا كۆز يەتمەيتتى. ئونبېشى، يۈزبېشى، مىڭبېشى، لەكمىڭبېشىلىرىنىڭ يېنىدا بىردىن تۇغچى لەشكەر كېلەتتى. يىراقتىن قارىغاندا، تىك كۆتۈرۈلگەن تۇغلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پامىر تاغلىرىنىڭ بەل - يامزاللىرى، جىلغىلىرى، بەئەينى قويۇق ئورمانزارلىققا ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. نەيزىدەك ئۇچلۇق، كۆككە تىرەلگەن ئاق قار - كۆك مۇزلۇق چوققىلار قاتمۇقات ھەرە چىشلىق تىزما تاغلار، يايلاقلار، ئاندا - ساندا گۈل - گىياھ ئۈنگەن تاشلىق سايلار، چۆللەر، ئورمانلار، بوستانلىقلار بارا - بارا ئارقىدا قالدى. ئاتلار تەرلىدى، ھاردى. تاقىلىرى ئۇپراپ تۈگەپ، تۇياقلىرى نېپىزلەپ كەتتى. لەشكەرلەر تومۇز ئاپتىپىدا كۆيۈپ كۆسەيدەك قارىداپ كەتتى. قىزىق شامال يۈزلەرگە ئۇرۇلۇپ نەپەسلەرنى قىساتتى. ئوزۇق - تۈلۈك ئازىيىۋاتاتتى، تەشنالىق يۈرەكلەرنى كاۋاپ قىلاتتى. شىراق ئىران لەشكەرلىرىنى سۇسىز، تاقىر يوللاردىن ئېلىپ كېلىۋاتقاچقا، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ئاپتاپ، سەپەر ئازابى لەشكەرلەرنىڭ ھاياتىغا كۈندىن - كۈنگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈۋاتاتتى. لەشكەرلەرنىڭ ئاغزى قۇرۇپ، كالپۇكلىرى گەز باغلاپ يېرىلىپ، ھالى بارغانسېرى بەتتەرلەشتى. يۈرۈش ئاستىلاشقا باشلىدى، نۇرغۇن لەشكەرلەر ۋە ئاتلارنىڭ ئۆلۈكلىرى ئارقىدا قالدى. لەشكەرلەر سېپى گاھ - گاھ بۇزۇلۇپ، چېچىلىپ، مىڭبېگى، يۈزبېشىلىرىنىڭ قانلىق قىلىچى ئاستىدا يەنە ئۆز سېپىنى تۈزەيتتى. 'afW'w@ − ھەي ساك! − دېدى رانۇس چات بىر كۈنى شىراقنىڭ ئالدىنى توسۇپ، چۈنكى ئۇنىڭ سەۋر - تاقىتى تۈگىگەن ئىدى. ئۇ قىلىچىنى شىراقنىڭ بوينىغا تەڭلەپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، − سېنىڭ ئېلىڭگە يەتتۇقمۇ؟ يەنە قانچىلىك يول ماڭىمىز؟! بىزنى خەتەرگە باشلىدىڭمۇ - نېمە؟! qxRsq&_ شىراق جاۋاب بەردى: 32GI+NN − غەزىپىڭگە پايلىماي مېنى چېپىۋەتسەڭ مەيلى، قېرىنداشلىرىمغا − ساكلارغا ياخشىلىق قىلاي دېسەم ئۇلار قۇلاقلىرىمنى، بۇرنۇمنى كېسىۋەتتى. ئەمدى شاھ دارا Ⅰ ئالىيلىرىغا كۆرسەتكەن ساداقىتىم بەدىلىگە سەن قوپۇپ بوينۇمنى كېسىۋەتسەڭ مەيلى. مەن شۇنداق شور پېشانە، كىمگە ۋاپا قىلسام شۇنىڭدىن ماڭا جاپا كېلىۋاتىدۇ. ئەمدىكى يول بەكمۇ خەتەرلىك، مېنىڭ ياردىمىمسىز سەن ساك - ئوغۇز لەشكەرلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئورنىنى تېپىپ بارالمايسەن. خەير، قىلىچىڭنى كۆتۈرگەن ئىكەنسەن، ئالدىراپ قىنىغا سالما، چاپ! چېپىۋەت! [*%lm9 x شىراق رانۇس چاتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىگە ئىشەنمەيتتى. چۈنكى، پۈتكۈل كىيانيان لەشكەرلىرىنىڭ تەقدىرى گويا ئېشەككە چېتىپ قويۇلغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشايتتى. ئۇلار شىراق نەگە باشلىسا شۇ تەرەپكە مېڭىشقا مەجبۇر ئىدى. رانۇس چات شىراققا ئەگىشىپ تاغلار ئارىسىدىكى خەتەرلىك، قىيىن يوللارنى بېسىپ كېلىۋاتقاندىلا، ئۆزىنىڭ ۋە پۈتكۈل قوشۇننىڭ شىراقتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى سەزگەنىدى. ئۇ بۇ رېئاللىقنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئۇنىڭ شىراقنىڭ بوينىغا قىلىچ كۆتۈرۈشى پەقەت قۇرۇق پوپوزا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ، شىراقنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىلىچنى شارتلا تارتىۋېلىپ قىنىغا سالدى. بۇ ئۇنىڭ شىراققا يولنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن بېشارىتى ئىدى. LP3#f{U − لەشكەرلىرىڭ بوش، چىدامسىز ئىكەن، − دېدى شىراق، رانۇس چاتنىڭ ئالدىدا كېتىۋېتىپ، − بۇيرۇق قىل، بۇنداق سۆرىلىپ ماڭسا، مەنزىلگە يېتىپ بېرىشىمىز تەس. ئۇلار سەپەرگە ئاتلانغان ۋاقىتتىكى سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىسۇن. ئالدىمىزدىكى مۇشۇ قۇملۇقتىن ئۆتسەكلا ساكلارنىڭ بۇرنى ئاستىدىن چىقىمىز - دە، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىمىز. ,7nu;fOT[ رانۇس چات بىردىنلا يۇمشاپ قالدى. بايىقى قەھر - غەزەپلىك ھالىتى پۈتۈنلەي غايىب بولغانىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا شىراق كۆرسەتكەن چەكسىز قۇملۇق نامايان بولدى. بۇ، دۇنياغا مەشھۇر تىلسىمات تەكلىماكان قۇملۇقى ئىدى. رانۇس چاتنىڭ چاپارمەنلىرى پۈتۈن سەپنى بويلاپ چېپىپ قومانداننىڭ تېز يۈرۈش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈشتى. ھالسىزلىنىپ جېنى ھەلقۇمغا كېلىپ قالغان، كۈچ - قۇۋۋىتى تۈگىگەن لەشكەرلەر گويا بوينىدىن باغلاپ تارتقاندەك مەجبۇرىي يوسۇندا بىرقەدەم - بىر قەدەمدىن ئالغا سىلجىشقا باشلىدى. سەپنىڭ ئارقىسىدا ئۆلۈكلەر قالاتتى، ئىگىسىز ئاتلار ئېچىنىشلىق كىشنەيتتى. كىچىكىدىن تارتىپ ئاچ - توق، يېلىڭ - يوپۇڭ ئۆسكەن، قىشتا مۇزلاپ، يازدا كۆيۈپ چېنىققان، كۈرمىڭ مۇشەققەتلەرنى، ئاچچىق سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، ئىرادىسى قەيسەر، قورقماس باتۇر شىراق ھېلىمۇ چىشىنى چىشلەپ، ھەممىگە بەرداشلىق بېرىپ سەپنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تاپىنى ئاستىدا ئوتتەك قىزىپ كەتكەن پايانسىز قۇملۇق، ئۈستىدە ئوت شارىدىن چېچىلغان يالقۇن، كۆڭۈل ئېكرانىدا بولسا ئۆز ئېلىنىڭ پاجىئەلىك تارىخىدىن ئېچىلغان بەتلەر ۋاراقلانماقتا ئىدى. ئۇ، قۇرۇپ يېرىلىپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى تامشىپ قويۇپ، ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلىماقتا: 0GMb?/
«ۋەتەنپەرۋەر ئەجدادلىرىمىز، شىر يۈرەك خاقانلىرىمىز زامان - زامانلاردىن بېرى بىزلەرگە ئاتا مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ تۇران زېمىنىنى يات يېغىلارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشىدىن باتۇرلۇق بىلەن قوغداپ كەلگەن. تەڭداشسىز باتۇر خاقانىمىز ئاپراسياپ ① نىڭ تاجاۋۇزچى يېغىلارنى تۇران زېمىنىغا بىر قەدەممۇ يولاتماي، ئۇلارغا قارشى قىلغان ئۇرۇشلىرى تىللاردا داستان بولۇپ، بىزگە داۋاملىق كۈچ - غەيرەت ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. بۈيۈك خاقانىمىز ئاپراسياپ كېيىنكى ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدە، ھىيلىگەر كەيخىسراۋنىڭ مەرگەن ياللاپ يوشۇرۇن ئاتقان زەھەرلىك ئوقىدا ھالاك قىلىندى. لېكىن تۇراننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بولغان جەڭلەر بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. ئەجدادلىرىمىز قانلىق جەڭلەرنى قىلغان، جان ئالغان، جان بەرگەنىدى. F"Dr(V مانا بۈگۈنكى كۈندە دارا Ⅰ يەنە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، تۇراننى قانغا بويىۋەتتى. ئەمدى تارىم ۋادىسىنى دەسسەپ چەيلىمەكچى، بىزنى يوقاتماقچى. ياق، پاجىئەلىك ئۆتمۈشنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويغىلى بولمايدۇ. ئاھ ۋەتىنىم! ئوغۇزلىرىم، ساكلىرىم! خاتىرجەم بولۇڭلار، ئەمدى سىلەرگە خەۋپ - خەتەر يېتىپ بارالمايدۇ ...» Zf M]A) رانۇس چات باشلىغان لەشكەرلەر شىراققا ئەگىشىپ كەلمەكتە، ئۈستىدىن كۈن ھارارىتى، ئاستىدىن ئوتلۇق قۇمنىڭ ھارارىتى دارا Ⅰ نىڭ لەشكەرلىرىنى قاتتىق قىينىدى، ئاتلىرىنى كاردىن چىقاردى. ئات يۈرسە تۇيىقى، قۇش ئۇچسا قانىتى كۆيىدىغان قىزىق قۇملۇق ئىچىدە لەشكەرلەر ئاتلىرىنى يېتىلەپ، پىيادە ھالدا قۇم بارخانلىرىغا يامىشاتتى، يۇقىرىغا چىقىشقا چامى يەتمەي دومىلاپ چۈشەتتى. يەنە بارخانلارنى ئارىلاپ ئۆمىلەپ ئىلگىرىلەيتتى. '{`KYKLP+ قوشۇن ئالدىدا مەنزىل كۆرۈنمەيتتى، قۇمدىن، چەكسىز قۇملۇقتىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى. رانۇس چات پەقەت شۇ چاغدىلا ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي بىر مېيىپ پادىچى تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى بىلدى، رانۇس چات بۇ ئەلەمگە چىدىمىدى. كۆككە تاقاشقان غۇرۇر مۇنارىسى ئۆرۈلۈپ، كۇكۇم - تالقان بولدى، ۋۇجۇدى سېزىملىرىنى يوقىتىپ، قوماندانلارغا خاس ھەيۋەتلىك بەستى لايدەك بوشاپ كەتتى. رانۇس چاتنىڭ نېرۋا سىستېمىلىرىدا غەلىتە، ئاجايىپ قورقۇنچلۇق تۇيغۇ پەيدا بولدى. ئۇ، قەھر - غەزەپ يالقۇنىدا قىزارغان، قان تولغان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، شىراققا ۋارقىرىدى: 1@Ba7>%' − ئەي تېگى پەس، ئىپلاس! شاھىمىز ئالدىدا قىلغان ۋەدەڭگە ئەمەل قىلمىدىڭ، بىزنى ئالدىدىڭ! بىزنى ساكلارنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى بارسا كەلمەس يولغا باشلاپ كەپسەن. ئوزۇق، سۇمۇ تۈگىدى. يەم - خەشەكمۇ يوق. بۇ چەكسىز جەزىرىدە يا ئالدىغا، يا كەينىگە ماڭالمايمىز. ئېيتە، ساك لەشكەرلىرى نەدە؟ ئەي ئالدامچى! a-*sm~u − ھا ... ھا ... ھا...! |\bNFnn( باتۇر شىراقنىڭ ئۆز مەقسىتىنىڭ بۇنداق توسالغۇسىز، تېز پۇرسەتتە ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەقلى يەتمىگەنىدى. ھازىر بولسا ئۇ ئۆزىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئالەمشۇمۇل زور غالىبىيەت نۇرىنىڭ ۋەتىنىنىڭ بەخت - ئىقبالىنى يورۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇ كۆكسىگە پاتماي قالغان ئىپتىخارلىق ھېسلىرىنى جاراڭلىق كۈلكىلىرى بىلەن ئىپادىلىدى. \t{iyUxY شىراق ئاتتىن چۈشۈپ، تىزگىننى قويۇۋەتتى. قۇلا ئارغىماق ھالسىزلانغانلىقتىنمۇ ياكى ئىگىسىنىڭ يېنىدىن كېتىشنى خالىمىدىمۇ، ئىشقىلىپ، شىراقنىڭ يېنىدا پۇشقۇرۇپ تۇرۇۋەردى. شىراق رانۇس چاتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەردانىلىك بىلەن مۇنداق دېدى: n3e,vP? R − مەن يەڭدىم! يالغۇز بىر ئۆزۈم پۈتكۈل زور قوشۇننى يەڭدىم! جانىجان قەبىلىلىرىم، ئانىجان تۇپرىقىمنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتنى پايانسىز قۇملۇققا دەپنە قىلدىم! ئەي رانۇس چات ئەنە كۆر، بۇ − ئۇلۇغ تەكلىماكان قۇملۇقى، سەن ھازىر دەل شۇ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋاتىسەن. تۆت تەرەپنىڭ قايسىسىغا ماڭساڭمۇ، بەرىبىر يەتتە كۈنلۈكتىن يول. ئوزۇقۇڭ، سۈيۈڭ تۈگىدى. ئەمدى خالىغان تەرەپكە ماڭ، بەرىبىر ھالاك بولىسەن. مېنى ۋەدەڭگە ئەمەل قىلمىدىڭ، دەمسىنا! مەن ئۆز خەلقىم، ئانا ۋەتىنىم ئالدىدا قىلغان ۋەدەمگە ئەمەل قىلدىم ...! pIIp61=$ چەكسىز ئىزتىراپقا چۈشكەن رانۇس چات قىلىچىنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ مەغرۇر قىياپەتتە قاراپ تۇرغان شىراقنىڭ بوينىنى نىشانلاپ قىلىچ چاپتى. شىراقنىڭ كاللىسى قۇم ئۈستىدە دىك - دىك سەكرىدى، تېنىمۇ غۇلاپ چۈشتى، ئۇنىڭ قېنى ئۈچىنچى قېتىم ئۆز تۇپرىقىغا تۆكۈلدى ... 8hV]t'/; j'*.=cwsp ئىزاھاتلار: MdX4Rp' ① ئابدۇللا ساۋۇت 1950 - يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. يازغۇچى. ئۇنىڭ «دات باسماس قىلىچ»، «تاش بوران» (ھېكايە)، «چاقماق»، «ھاياتلىق زەنجىرى» قاتارلىق ھېكايە، پوۋېست، رومانلىرى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر مىللەتلەر نەشرىياتى 1999 - يىلى نەشر قىلغان «شىراق» ناملىق تاللانما ھېكايىلەر توپلىمىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. @Z0. }}Y ② تۇران تۈزلەڭلىكى − ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈزلەڭلىك، تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە قەدىمكى زامانلاردا مۇستەقىل دۆلەت بولغان. 2NFk#_9e~ ③ قارا قۇم چۆللىرى − تۈركمەنىستاندىكى چۆللۈكلەر.
K-YxZAf ④ سىر، ئامۇ دەريالىرى − ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەريالار. l|842N@1 ⑤ خەزەر دېڭىزى − كاسپىي دېڭىزىنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشى. qX&+ ⑥ ئارال دېڭىزى − سىر، ئامۇ دەريالىرى قۇيۇلىدىغان كۆل. QM!UMqdj ※※※ @3eMvbI ① ئىسپاھان − ھازىرقى ئىران شەھىرى. '>[ZfT ② شىراز − ھازىرقى ئىراننىڭ شىمالىدىكى شەھەر. .}E<,T ③ كەيقۇباد − كىيانيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى − «تارىخىي ھەمىدىيە» دىن. nUY)LnI ④ داراپ − كىيانيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى − «تارىخىي ھەمىدىيە» دىن. Zy Df@(z` ⑤ ئانماچىن تاغلىرى − چىڭخەي، گەنسۇ چېگراسىدىكى تاغلار. r:xg#&"* ※※※ z@~ZMk ① چوگېر − قارا قۇرۇم، ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ قوشۇلمىسىدىكى چوققا. ldG8hK ② كروران شەھىرى − لوپنۇر كۆلى بىلەن چەرچەن ناھىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمكى شەھەر، ھازىر خارابىغا ئايلانغان. Ev#,}l+ ③ دۇنخۇاڭ − گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيى ۋىلايىتىدىكى شەھەر، بۇرۇن ساكلار ياشىغان. =PU@'OG ④ جاڭيى − ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بىر ۋىلايىتى، بۇرۇن ساكلار ياشىغان. [)IaXa ⑤ ⑥ ⑦ ⑧ ⑨ − بۇغرا بۇزلۇق، ئاسكۇملۇق تەڭرى، قۇت تاغ، ئون دەريا، توققۇز دەريا − ئۇيغۇر يۇرتىدا غايەت زور ئىككى تاغ بولۇپ، بىرىنىڭ ئېتى بۇغرا بۇزلۇق، يەنە بىرىنىڭ ئېتى ئاسكۇملۇق تەڭرى ئىدى. ئىككى تاغنىڭ بىر تەرىپىدە يەنە بىر تاغ بولۇپ، قۇت تاغ دېيىلەتتى. بۇ تاغنىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا بولۇپ، يەنە بىر يېرىدە توققۇز دەريا ئاقاتتى ... قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانى بۇ ئىككى دەريا ۋادىسى بىلەن تاغلارنىڭ ئارىسىدىكى يايلاقلار ئىدى. ئون دەريا بويىغا ماكانلىشىپ ياشىغانلار «ئون ئۇيغۇر»، توققۇز دەريا بويىغا ماكانلىشىپ ياشىغان خەلقلەر «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان. KW0KXO06a − «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تېزىسلىرى» دىن vr>J$
(F ⑩ سېلىنگا دەرياسى − موڭغۇلىيىدىكى بىر دەريا. qvsfU*wo? خانگاي − موڭغۇلىيىدىكى تاغ. 8}z PDs بايانقارا − چىڭخەيدىكى تاغ. I%?M9y.u6 ※※※ 4/o9K*M+ ① ئاپراسياپ − ئاپراسياپ قەدىمكى تۇران پادىشاھى زال، فەرىدۇن بىلەن جەڭ قىلغان. ئاپراسياپ قەشقەرنى پايتەخت قىلغان. قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۆز نەسەبلىرىنى ئاپراسياپقا باغلايدۇ. 2}{[J − «تارىخىي ھەمىدىيە» دىن. #.j:P# «دىۋان لۇغەتىت تۈرك» دە: «قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ بارلىق خاقانلىرى ئۇنى (ئاپراسياپنى) ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادى دەپ ھېسابلايدۇ»، يەنە ئۇنىڭ ئىسمى «ئالىپ ئەرتۇڭا» دەپ ئاتالغان. بۇ ھەقتە «قۇتادغۇبىلىك» تىمۇ مەلۇماتلار بار. I
tn?''~; ;?o"{mbb مۇھاكىمە ۋە مەشىق: 1. بۇ ھېكايىدە تارىخىمىزدىكى مەشھۇر «شىراق رىۋايىتى» ئاساسىي تېما قىلىنغان. سىز ھېكايىنى تەپسىلىي، پىششىق ئوقۇپ چىقىڭ ۋە ھېكايە ۋەقەلىكىنى بايان قىلىش ئاساسىدا ئەستە ساقلىۋېلىڭ. d{^K8T3 2. 1) شىراق قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئالدىغا نېمە ئۈچۈن باردى؟ or
`"{wop 2) شىراق سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن قانداق قىلدى؟ yErvgf 3) شىراق دارا Ⅰ نىڭ ئالدىغا كىرگەندە پادىشاھ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىدى؟ BW)t2kR& 4) شىراق قانداق قىلىپ، يالغۇز ئۆزى شۇنداق زور قوشۇننى مەغلۇپ قىلالىدى؟ بېرىلگەن ھەربىر تەپسىلاتتا شىراقنىڭ قانداق خاراكتېر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن؟ is-{U?- ئومۇمىي باھا: يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلاش ئاساسىدا شىراق ئوبرازىغا باھا بېرىڭ. 3'Z+PPd!
3. سىز ئىلگىرى دەرسلىكتە قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن بەزى ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. بۇ قېتىم بۇ ھېكايىنى ئوقۇش ئارقىلىق شىراقتىن ئىبارەت بۇ قەھرىماننىڭ ئوبرازى بىلەن تونۇشتىڭىز، ئۇنداقتا، سىز مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە ھەققىدىكى قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ. T /7[hj 1) سىز ئىلگىرى ئوقۇغان ئەسەرلەردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىغا سېلىشتۇرغاندا، شىراق ئوبرازىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى قايسى؟ A`1/g{Ha 2) سىز ئىلگىرى قەھرىمانلىقنى قانداق چۈشەنگەن؟ بۇ ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قەھرىمانلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىزدە قانداق تولۇقلىنىش بولدى؟ _`94CC: 5. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، خەلق ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلاردىن «شىراق رىۋايىتى» نى تېپىپ چىقىپ ئوقۇڭ ھەمدە ئەسلىي رىۋايەت بىلەن بۇ ھېكايىنى سېلىشتۇرۇپ، بولسا جەدۋەللەشتۈرۈپ ئاپتورنىڭ بېيىتقان جايلىرىنى بىلىۋېلىڭ. 7w"YCRKh q->46{s| (مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3- كىتاب 23- بەتتىن ئېلىندى. 2011-12-16 ) |
|