凶蛇 |
2011-12-10 16:39 |
ئۇقۇشماسلىق(مىكرو ھېكايە)
قاراڭغۇ كېچىدە يېڭى يېزىقنىڭ يازمىچىسىدەك <<س>>ھەرپىنى يېزىپ مۈدۈرۈپ،دەلدەڭشىپ <<خانلەيلۇن>>نى بۇلىشىغا توۋلاپ كېلىۋاتقان ئەزىمەت ئۆز كۇچىسىنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە بىردەم تۇرىۋالدى-دە،ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى،لىكىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرۈشكە قادىر بولالمىدى ، ئۇ قۇلىنى <<بولدىلا>>دېگەن مەنىدە سىلكىپ قۇيۇپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا قارشى تەرەپتىن بىرىنىڭ ۋېلسىپىت يىتىلەپ كىلىۋاتقانلىنى ھېس قىلدى ، ئۇكىلىۋاتقان ئادەمگە تازا سىنچىلاپ قاراپ ئۇنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى،ئۇ كۆڭلىدىن:<<بۇ چۇقۇم قوشنىمىز ھاشىمكامنىڭ قىزى نۇرجامال،ئۇ دوختۇرخانىدىن ھازىر كەلگەن ئوخشايدۇ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىشقى پىراقىدا كۆيۈپ كىلىۋاتىمەن،بۈگۈن ئىشىم ئوڭ كەلگەن چېغى،كۆڭلىمدىكى گەپلىرىمنى مۇشۇ باھانىدە ئاشكارلىۋالاي>>دېگەنلەرنى ئۆتكۈزدى. ۋېلسىپىتلىك ئادەم يېقىنلاپ كۇچىنىڭ ئاغزىغا 5-6قەدەم قالغاندا،ئەزىمەت غەيرەتكە كەلدى-دە،ئېغىز ئاچتى: -;+m%"k5 _ نۇر...جامال،مەن بۇ يەردە سىزنى ساقلاپ تۇرغىلى ...ئۇزۇن بولدى،... راس گەپنى دېسەم...مەن سىزنى...يا |9+bSH9 دەل شۇۋاقىتتا ئەزىمەتنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كەلگەن ماشىنىنىڭ كۈچلۈك چىراغ يۇرىقى ئۇلارنى يۇرىتىۋەتتى،ئەزىمەتنىڭ كۆز ئالدىدا ئەمدىلا كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشكەن سىڭلىسى ھاڭۋېقىپ تۇراتتى . !aQIh
|
|