查看完整版本: [-- ئەخلەت يىمەكلىكلەر  ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> ئەخلەت يىمەكلىكلەر  ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2011-12-07 20:58

ئەخلەت يىمەكلىكلەر  ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن

ئەخلەت يىمەكلىكلەر خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن c &Eva  
مەن بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى ، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن چۈشۈپلا مەكتەپ ئالدىدىكى دۇكانلاردىن پارچە-پۇرات يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇرىمەن، بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر بالىلار تېىخى كىچىك، ئۇششاق يىمەكلىىكلەرنى يېيىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، بىراق كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ يەۋەتقىنىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى ، شۇ ھامان قاپاقلىرىى تۈرۈلۈپ قالاتتى، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇۋېتىشى مۇمكىن، باھاسى ئىنتايىن ئەرزان،سۈپىتى ئىنتايىن ناچار، ئورىلىشى سۈپەتسىز، ھېچقانداق سۈپەت كاپالىتى يوق……… بۇ ئۇششاق يىمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى دىمەي تۇرايلى، ھەتتا ئەڭ ئاددىيسى بىخەتەرلىكتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.ئەنخۈي ئۆلكىسى ۋۇۋېي ناھىيەسىدە ئىلگىرى مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، 13 ياشلىق بالا 13خالتا 1 خالتىسى 1 موچەنلىك ”گۆش“ (大刀肉) يىگەنلىكتىن ئۆلۈپ قالغان. بىر نارىسىدىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ”گۆش“ مۇشۇ شۇ G(ZEP.h`u  
1خالتىسى 1 موچەنلىك زادى قانداق گۆش؟ ئويلغانسىرى ئادەمنىڭ چىكىسىنى تەر باسىدۇ، مۇشۇنداق مەھسۇلاتنىڭ ھازىرمۇ بازاردا سېتىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، تېخى مەخسۇس بالىلار ئۈچۈنلا ياسىلىدۇ! ”ئەخلەت يىمەكلىك“لەر يېزىلارغا ھۇجۇم قىلدى، يېزا بالىلىرى ئائىلە ئىقتىسادى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ، خەجلەيدىغان پارچە پۇلىمۇ چەكلىك بولىدۇ، ئەزەلدىن باھاسى يۇقۇرراق بولغان ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا يېزىلاردا بازار يوق، بالىلارمۇ ئامالسىز سۈپىتى ناچار ، باھاسى ئەرزان ئۇششاق يىمەكلىلەرنى يىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ.چۈنكى بالىلارنىڭ پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقنى پەرىق ئىتەلمەيدۇ.  يېزىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قىلغان نەسىھەتلىرىمۇ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ ئوڭ قۇلقىدىن كىرىپ ،سول قۇلقىدىن چىقىپ كىتىدۇ.  ئەگەر ، مەمىلكىتىمىزدە شەھەر بىلەن يېزىلار ئارسىدا پەرىق مەۋجۇت دىسەك، يىمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش جەھەتتى بۇ پەرىق تېخىمۇ روشەن، شەھەرلەردە يىمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تورلىرى دىگەندەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ ، ھېچ بولمىسا باشقۇرغۇچى تارماقلار بار، سودىگەرلەر خالىغانچە ھەددىدىن ئاشالمايدۇ، بىراق كەڭ يېزىلار بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بۇلۇڭ خالاس، يىمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىللىرى ماڭدامدا بىر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.يېزا باللىرىمۇ ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى، ئۇلارمۇ شەھەردىكى بالىلارغا ئوخشاش، مىھرىبانلىق ۋە كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلار خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلسا بولمايدۇ.ئەنخۈي ئۆلكىسى چۈەنجىياۋ ناھىيسدىن جىن شۆ(يېزا ئوقۇتقۇچىسى)مەنبە : تېڭشۈن خەۋەر تورى ———————————————————————————————-بۇ ئىچكىردىكى بىر يېزا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ھېس قىلغانلىرى ، بىز ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، رايونىمىزدىمۇ مۇشۇنىغا ئوخشاش مەسىلە ناھايتى ئېغىر.ئاشۇنداق بىر خالتىسى 1 موچەنلكىك ”ئاچچىق“لارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەس-بەستە سېتىۋېلىپ، ھەتتا سىنىپلاردا تەنەپپۇس ۋاقتىدا يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، ئۇ نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنىڭ سېسىقلىقىدىن سىنىپنى بىر ئالىدۇ، ھەتتا پۈتۈن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ھاۋاسىنىمۇ بۇزىۋېتىدۇ. ھازىر چوڭ بولىۋاتقان بالىلىرىمىز ئاشۇنداق ”ئاچچىق“لارنى يەپ چوڭ بولىۋاتقاچقا بارغانسرى دۆت، گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق بولۇپ كىتىپ بارامدىكىن دەيمەن. بۇنداق يىمەكلىلەردە يىمەكلىك ئىجازەتنامىسى، سەھىيە ئىجازەتنامىسى، سۈپەت بىخەتەرلىك بەلگىسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى دىگەندەكلەر بولمايدۇ،قېتىلغان خۇرۇچلارغا ئۆزى خالىغانچە ئۇنىڭ ئىچىدە يوق بولغان تەركىبلەرنى يېزىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ نىمىدىن ياسالغانلىقىنى ياسىغۇچى ئۆزىلا بىلسە كىرەك. بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلايدىغان بولساق ئادەمنىڭ تىنى شۈركىنىدۇ.مەنبە:ئىزدىنىش مۇنبىرى

pawan 2011-12-07 21:09
بىز يىزىلىقلار دېمىسىمۇ  شۇنداق بۇندىن كىيىن دىققەت قېلىپ  ،ئوقوغۇچىلارغا بولغان يىمەكلىك تەربىيسىنى تېخمۇ كۈچەيتىپ ياخشى ئىشلىسەك بولغۇدەك.......!

تۆتتاش 2011-12-07 21:11
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ دەل سىز ئوتتۇرغا قويغان مەسلىلەر ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۈت،بۇ ئىشقا يېزا مەسئۇللىرى،ياكى يېزىلىق شىپاخانا مەسئۇللىرى ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك يېزا رەھبەرلەر كۆڭۈل بۆلسە ياخشى بۇلاتتى.لىكىن ئۇلار يانچۇقىنى توقلاشنىلا ويلايدۇ خالاس.ياخشى تېمىلارنى يوللاپسىز رەھمەت سىزگە،مىنى بىر قېتىم ئويغاتتىڭىز.

koksangun 2011-12-08 18:20
ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى چەكلەيدىغان قانۇن چىقمىغىچە بۇ ئىشلار تۈزەلمەيدۇ ، ئەممە ، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىش كۆز ئالدىمىزدىكى بالىلارغا ئۈنۈملۈك تەربىيەلەرنى ئىشلەپ ، ئەخلەت  يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن توسساق بۇنىڭغا تامامەن كۈچىمىز يېتىدۇ ...

naznin 2011-12-15 10:40
بىزنىڭ يېزا باللىرى ئەسلى شەھەر باللىردىن قېلشقۇسىز،بىراق پۇلنىلا ويلايدىغان ئەشۇ نائەھلىلە ئۇلارنىڭ ئەقلىنى بولغىماقتا،ئاللا بەندىسنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن

alimnisa 2011-12-23 22:21
بۇ ناھايىتى ياخشى تىما ئىكەن.بۇنداق ئەھۋال بىزنىڭ يېزىمىزدىمۇ بار،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇششاق -چۈششەك يىمەكلىككە ئامراقلىقى ئىنتايىن يۇقۇرى. بۇ جەھەتتە بارلىق ئاتا-ئانىلار قاتتىق ئويلىنىشى كېرەك. پەرزەنتلەرگە ئائىلىسدە  چۈشلۈك يىمەكلىكىنى  تەييارلاپ بىرىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

tawpek 2011-12-25 21:45
بىزنىڭ يىزىمىزدىمۇ 1-2 ئاي بۇرۇن لەڭپۇڭ ئىچىپ 15 ئادەم ئۆلدى. z.?slYe[  
SJlE!MK  
ئاچچىقسۇنى سانائەت كىسلاتاسى ئالغان باكقا ئىپ سالغانمىش بىلمەي.

ماھى 2011-12-25 22:04
شۇنداق بىلىپ -بىلمەي قىلىپ سالغان ئىشلىرىمىز بىزگە يەنە قانچىلىك زىيانلارنى سالار -ھە؟

سەردار 2012-10-12 03:14
بۇ  ئىشنى   ئوقۇتقۇچى   ۋە   ئاتا-ئانىلار      توسسا   بولاتتى.    بۇ   نۇقتىنى   ھەممە   كىشى   بىلىپ  بولغۇچە   يەنە    قانچە   بالا   زىيانغا   ئۇچرار -ھە.

سۈبھى 2012-12-03 01:22
بارىكاللا، شۇنداق ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى بارلىق ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلە، ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىز ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ دىسە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپىغا بالىلارنى قىزىقتۇرۇپ جەلىپ قىلىدىغان، ئەرزان باھالىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ساتىدىغان كىچىك بوتكا ۋە يايمىلار كۆپۈيۈپ قالدى. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا پۇل بەرمەي دىسە بوينى قىسىلىپ قالارمىكىن دەپ ئويلايدىغان، پۇل بېرەي دىسە ھېچقانداق قۇۋۋىتى يوق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يەپ سالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىغان بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. bd% M.,  
سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى مەكتەپ ئەتراپىدىكى بۇنداق ئەخلەت يىمەكلىك ئورۇنلىرىنى باشقۇرمامدىغاندۇ؟.........

ئەكبەرنىياز 2012-12-03 01:32
ئادەمنى ئويغا سالىدىغان تېما ئىكەن ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت !!! v\qyDZVV  
ھەممىمىز خاتا بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىمىز-يۇ ، ئۇنى توسۇشقا ھەركەت قىلىپ باقمايمىز ، ئويلىنىپ قالدىم ، ئىلگىرى بىز ناخشىچى مىللەت دەپ ئاتىلىپتىكەنمىز ، ھازىر بىزنى ئاتاش تۇغرا كەلسە ، ئۆزىنىڭ تاماشىسىنى ئۆزى كۆرۈشكە خۇشتار مىللەت دەپ ئاتاپ قويارمۇ ؟

مەرىپەت0999 2012-12-14 10:35
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!!مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا دەپسىز.ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىلار ھەر سائەتتە دەيمىز.چارەك ئىمتىھاندىن كىيىن مەكتىۋىمىزدە 10 مەيدان ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئچىلدى.ھەممە ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا مۇشۇ تىمىنى مەركەز قىلىپ،سكزلەۋاتىمەن.لىكىن يەنىلا مەكتىۋىمىز ئالدىدىكى ئىككى دۇكاننىڭ سودىسى يەنىلا ئاۋاتلىقىنى يوقاتقىنى يوق .قانداق قىلىمىزكىنتاڭ بۇ ئىشلارنى؟؟؟!!   

مىېھرىما 2013-11-08 15:30

گۈلنىھال 2013-12-28 16:34
بىزنىڭ باللارمۇ بۇ يىمەكلىكنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلمەيلا يەيدۇ 。 خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تەكشۈرىشىچە, بۇ يىمەكلىكلەرگە پۈتۈنلەي چوشقا مېيى قوشۇلۇپ ياسىلىدىغان بولغاچقا, بىزنىڭ يىيىشمىزگە پەقەت ماس كەلمەيدىكەن。  مەندە بىر ماتىرىيال بارتى , ھەدىسلەر مىسال قىلىنىپ چۈشەندۈرۈلگە ن بولغاچقا , يوللىيالمىدىم  。 بۇنىڭدا دىيىلىشىچە , بىر مولۇق , بەش مولۇق لازا دىگەن يىمەكلىكلەر ھايۋانلارندىن چىققان قاندىن ياسىلىدىكەن, ھەم  ۇزۇن ساقلاشقا ە پلىك دەپ , چوشقا مېيى قوشىدىكەن , شۇڭا بۇ مەھسۇلات زىيان قىلىپلا قالماي يەنە , مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان 。 قېرىنداشلار , بالىلار بىزنىڭ بىزنىڭ بارلىقىمىز 。 بىز بۇنى يىگۈزمەسلىكىمىز لازىم


查看完整版本: [-- ئەخلەت يىمەكلىكلەر  ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled