查看完整版本: [-- «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر»(تېكىستى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر»(تېكىستى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-12-05 18:24

«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر»(تېكىستى)

9. ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر A/y|pg5  
xp|1yud  
  WJ8i=MO67  
 
گۇننار ياررىڭ①
{V7mpVTX.  
)>~ jjR  
   ?s,oH  
>/-H!jUF]  
1929 - يىلى قەشقەرگە كېلىپ خۇددى ھازىرقى دەۋردىن ئوتتۇرا ئەسىرگە − «مىڭ بىر كېچە» نى فىلىمگە ئېلىش ئۈچۈن راسلانغان كۆرۈنۈش ئىچىگە كىرىپقالغاندەك بولدۇم. بۇ يەردە يا ئاپتوموبىل، يا موتسىكلىت يوق، ھەتتا ۋېلىسىپىتمۇكۆزگە چېلىقمايتتى. بازار ئەتراپىدىكى قاراڭغۇ، تارچۇق كوچىلارنى يورۇتىدىغان ئېلېكتر چىراغلار كۆرۈنمەيتتى. قەشقەردە گېزىت يوق، مەتبەئەدە بېسىلغان كىتاب تېخىمۇ يوق ئىدى. مىرزا - كاتىپلار چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، قوليازمىلارنى ئەرەب ھەرپى بىلەن رەتلىك كۆچۈرەتتى. ھەممىلا يەردە لىق سۇ قاچىلانغان تۇلۇم - چاناشلارنى دۈمبىسىگە ئارتىپ سۇ توشۇۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. بوياقچىئۇستاملار يىپلارنى ئېشىشتا ئىشلىتىدىغان بادرىلارنى بىر - بىرلەپ ئۆينىڭئۆگزىسىگە تىزىۋاتاتتى. ئۇلار بۆلۈۋالغان بازارلىرىنى قىزىل، سېرىق، كۆك ۋە سۆسۈن رەڭدە بويىۋالغان، بۇ ئوچۇق رەڭلەر ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنىڭ ئۇ يەر - بۇيەرلىرىدىن كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. تارچۇق كوچىلاردا ھەر مىللەت ئادەملىرى مېڭىپيۈرەتتى. بايلار ۋە ئېسىلزادىلەر چىرايلىق گۈللۈك يوپۇق - شالچا سېلىنىپ، ئېگەرلەنگەن پۇزۇر ئاتلارغا مىنىپ، مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۇياقتىن - بۇياققائۆتۈپ يۈرەتتى. قول ئىلكىدە پۇل - مېلى ئانچە جىق ئەمەسلەر ئېشەككە مىنەتتى، ھالبۇكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ زور كۆپچىلىكى بولغان كەمبەغەللەر پىيادە ماڭاتتى.
c W^L mA  
+2MF#{ tS  
قەشقەرگە ئەمدىلا كەلگىنىمدە، بۇ يەردىكى ئېشەكلەر مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. ئېشەك دۇنيادىكى ئەڭ قانائەتچان ھايۋان. قەشقەر بازارلىرىدا لىق نەرسە قاچىلانغان خۇرجۇن ئارتىلغان ئېشەككە يەنە تېخى بىر ياكىئىككى بالىنى ئالدىغا ئېلىپ مىنىۋالغان كىشىلەرنىمۇ ئۇچراتقىلى بولاتتى. ئېشەككە نوختاسېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئېشەكنىڭ ئىگىسى قولىغا كىچىك بىر تاياق ئېلىۋېلىپلا مىنىۋالغان ئېشىكىنى ئۇياق - بۇياققا كېتىۋاتقان ئادەملەر توپى ئىچىدىن ئۆتكۈزۈپ كېتەلەيتتى. ئېشەكنى سول تەرەپكە ياكى ئوڭ تەرەپكە ماڭدۇرماقچى بولغاندا، ئېشەك ئىگىسى ئېشىكىنىڭ قۇلىقىغا تايىقىنى سەل - پەل تەگكۈزۈپ قويسىلا كۇپايە قىلاتتى. ئېشەكنىڭ ئىگىسى ئېشىكىنى سەل تېزرەك ماڭدۇرماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ساغرىسىغاكېلىشتۈرۈپ بىر تاياق سېلىپ قويسىلا بولاتتى.
x<I[?GT=  
zU1D@  
شۇ يىللاردا قەشقەرنىڭ ئەتراپى 10 مېتىرچەئېگىزلىكتىكى پۇختا سېپىل بىلەن قورشىلىپ قورۇققا ئېلىنغانىدى. سېپىل خام كېسەك بىلەن قوپۇرۇلۇپ، ئاندىن كېسەك ئارىلىقىدىكى كاۋاكلارغا لاي سېلىش ئارقىلىقياسالغانىدى. سېپىلنىڭ تۆپىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇ يەردە ئىككى چاقلىق ئات ھارۋىسى بىمالال ماڭالايتتى، سىرت بىلەن بولىدىغان ئالاقە شەھەرنىڭ تۆت دەرۋازىسىئارقىلىق بولاتتى. شەھەرنىڭ دەرۋازىسى كەچتە تاقىلىپ، ئەتىگەندە ئېچىلاتتى. شەھەردە ھەر خىل بازارلار، ھەيۋەت يوغان مەسچىتلەر، شۇنداقلا بايلار ۋە يوقسۇللارنىڭ ئۆيلىرى بار ئىدى. جۇڭگونىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى شەھەر سىرتىدا ئىدى. شەھەر سىرتىدا يەنە ئەنگلىيە ۋە روسىيىنىڭ كونسۇلخانىسى، شۋېتسىيە دىن تارقىتىشئۆمىكى، شۇنداقلا ئۇلار ئاچقان دوختۇرخانا ۋە باشقا پاراۋانلىق ئورۇنلىرىمۇ بار ئىدى. شەھەر سىرتى ياپيېشىلچىلىق بىلەن پۈركەنگەن، ھەممە يەردە قۇياش نۇرى جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. ۋەھالەنكى، شەھەر ئىچى بولسا دائىم يېرىم يورۇق، يېرىم قاراڭغۇھالەتتە تۇراتتى.
k -G9'c~  
=|J*9z;  
كىشىلەر شۇ چاغدىكى قەشقەرگە ئوخشاش تازا روناق تاپقان ئوتتۇرا ئەسىر جەمئىيىتىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىن تاپالمايدۇ. ئىلگىرى ئافغانىستاندا شۇنداق جەمئىيەت خېلى ئۇزاق مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇنداق جەمئىيەت ھازىرقى زاماننىڭ زوراۋانلىقى ئالدىدا ئۇ يەردىمۇ ئاللىقاچان بەربات بولۇپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، قەدىمكى قەشقەر ھەققىدە كىشىنىقانائەتلەندۈرگۈدەك ئەسەر يازىدىغان ئادەم چىقمىغانىدى. ئۇ يەردىكى بازارلارنى، ئاشۇ بازارلارنى دەۋر قىلىپ شەكىللەنگەن تۇرمۇشنى تەسۋىرلەيدىغان ئادەم چىقمىغانىدى. مەن قەشقەردە تۇرغان چېغىمدا، قەشقەرنىڭ سىرلىق ھالىتىنى كۆزىتىشكەتېخىمۇ كۆپرەك ۋاقتىمنى سەرپ قىلمىغانلىقىمدىن بەكلا ئەپسۇسلىنىمەن. مېنىڭكۆرسىتىدىغان باھانە - سەۋەبىم ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىم بارلىق ۋاقتىمنى ئېلىپكەتتى، دېگەندىن ئىبارەت. لېكىن، مەن قەشقەرگە خاس «مىڭ بىر كېچە» تۈسىنى ئالغان ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن بىر قىسىم خاتىرىلەرنى ھازىرمۇ يەنىلا ساقلاۋاتىمەن.
Q m *z  
G^{~'TZv%  
قەشقەردىكى كىشىلەر بازارلىرىنىڭ ئۈستىنى باراڭ قىلىۋالىدىغان، تار كوچىلاردا سۇۋادان تېرەكلەر ئارىلىرىغا شاخ - شۇمبا سېلىپچەللە قىلىۋالىدىغان بولغاچقا، قۇياش نۇرى بۇ بازار ۋە تار كوچىلارغا چۈشمەيدۇ. يازنىڭ ℃40 لۇق تومۇز كۈنلىرىدە، باراڭ ئاستىدىكى سالقىن جايلار كىشىنى بەكمۇھۇزۇرلاندۇرىدۇ. يېرىم قاراڭغۇ، يېرىم يورۇق، لېكىن باراڭنىڭ يوچۇق ئارىلىقلىرىدىنئۆتكەن كۈن نۇرى ھەممە يەرگە چۈشۈپ تۇرىدىغان، يېمەكلىك بازىرىدىكى ئوچاق - تونۇرلاردىن، ھۈنەرۋەن - كاسىپلارنىڭ دۇكانلىرىدىن كىشىلەرنىڭ چەككەن تاماكىسى ۋە ھىندىستان نەشىسىدىن چىققان كۆكۈچ ئىسلار كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شۇ كوچا ھېلىغىچەئېسىمدىن كەتمەيدۇ. تاماكا ئىسى بۇرنۇمغا پۇرالغان خىلمۇخىل پۇراقلار بىلەن بىرلىشىپ بىر خىل مەززىلىك پۇراققا ئايلانغانىدى، مەيلى ئالەمنىڭ قانداق يېرىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، شۇ پۇراق بۇرنۇمغا قايتا پۇرالغان ھامان ئۇنى شۇ زاماتلا پەرق ئېتىۋالالايمەن. بۇ يەردە ئاجايىپ قىزىق بولغىنى بىرخىل پۇراقنى سېزىشجەھەتتىكى ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ قانداق ۋاقىتتا ئادەمنىڭ ئۇنى پەرق ئېتىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىدا. تا بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېرەك ئوتۇنىنى قالىغاندا چىققان ئىسنى پۇرىساملا قەشقەر يادىمغا كېلىدۇ.
0d2R B^"i  
E^J &?-  
قەشقەر بازارلىرىدىكى تار كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە دۇكانلار جايلاشتۇرۇلغان. دۇكاندارلار خېرىدارنى كۈتۈپ يەرگە سېلىنغان گىلەم ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ۋارقىراپ خېرىدار چاقىرمايدۇ. ۋارقىراپ - جارقىرايدىغانلار كوچىلاردىكى مۇقىم دۇكىنى بولمىغان ئۇششاق ئېلىپساتارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنى دۇكاندارلارنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. قەشقەر بازارلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭباھاسى تۇراقسىز بولىدۇ، دۇكاندار خېرىدارغا شۇنداق بىر قاراپلا خېرىدارنىڭ قانداق ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆڭلىدە ئېنىق دىتلاپ بولىدۇ - دە، كېيىنئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاسان - ئاسان ئەمەسلىكىنى دەڭسەپ كۆرىدۇ. مانا بۇلار مالغا دەسلەپ باھا قويۇش دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ. كەينىدىنلا يەنە بىردەم باھاتالىشىش بولىدۇ. مانا بۇ سودىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى پەيدىنپەي قىزىتىشتىكىسەنئەت شەكلىدىن ئىبارەت.
}h`z2%5o  
yLf9cS6=  
بازاردا ھەربىر كەسىپ ۋە ھۈنەر - سەنئەتنىڭ مۇقىمئورنى بولىدۇ. توقۇلما بۇيۇملار ۋە گىلەم بازىرىدىكى جىمجىتلىق بىلەن مىسكەر بازىرىدىكى تاراڭ - تۇرۇڭ قىلغان سادالار روشەن سېلىشتۇرما بولىدۇ. بېشىغا سەللەئورىغان ئۇيغۇرلار كەڭ، ئۇزۇن تون - يەكتەك كىيىپ تەمكىن - تەقۋا قىياپەت بىلەن بازار ئارىلايدۇ. گاھىدا يۈزىگە قارا چۈمپەردە ئارتىۋالغان ئاياللارمۇ كۆزگەچېلىقىپ قالىدۇ. يۈزىگە چۈمپەردە ئارتمىسا ئاياللارنىڭ تالا - تۈزگە چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۇ چاغلاردا ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە - قانۇنلىرى ناھايىتى قاتتىق ئىدى. ئىلمە - توقۇلما بۇيۇملىرى ۋە گىلەم بازىرى جىمجىت، كىشى ئازادىلىك ھېس قىلىدىغان، ئەمما سودىدا ئوڭاي پۈتۈشكىلى بولمايدىغان جاي ئىدى. بەزىدە سىز ئۇ يەردە شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئىلمە - توقۇلما بۇيۇملىرى جەھەتتىكى نۇسخىلىق مەھسۇلاتلىرىنى − خوتەن، يەكەن ياكى قەشقەرنىڭ ئۆزىدە ئىشلەنگەن كەشتىلەنگەن توقۇلمىلارنى ۋە گىلەملەرنى تاپالايسىز. لېكىن، تاشكەنت ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا توقۇمىچىلىقمەركەزلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان توقۇلمىلار يەرلىك توقۇلمىلارنىڭ ئورنىنىئىگىلىۋالىدىغان ھالەت بار ئىدى. ئىمپورت قىلىنغان توقۇلمىلارنىڭ نۇسخا - پاسونلىرى خىلمۇ خىل، تۈرى كۆپ، رەڭدار بولغاچقا، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. ھازىرمۇمۇنداق توقۇلمىلار يەنىلا بازارنى ئىگىلىگەن، بىرلا پەرقى، بۇلار سوۋېتئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلمەستىن، بەلكى قەشقەرنىڭ ئۆزىدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولغان.
l!}gWd,H  
([<{RjPb  
20 - يىللاردا كىشىلەر بازاردا توقۇلغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان ھەقىقىي گىلەملەرنى ئۇچرىتاتتى، بۇنداق گىلەملەر ھازىرقى خىمىيىۋى بوياق ماتېرىيالى فېنىلئامىن بىلەن بويالمىغاچقا، قەدىمكى ئۇسلۇبىنى يوقاتمىغانىدى. بازاردىن گىلەم ئېلىشقا توغرا كەلسە، توپتوغرا بىر كۈن بازار ئايلىنىپمۇ ئالغىلىبولمايتتى، ئۇنىڭغا بىر نەچچە ھەپتە ياكى كۆپ بولغاندا بىر ئايدەك ۋاقىت كېتەتتى. سىز بۇ دۇكاندىن ئۇ دۇكانغا بېرىپ دۇكاندا ئولتۇرۇپ، دۇكاندار بىلەن سودىلىشىپ، يائۇنىڭ گىلىمىنى ماختايسىز، يا باشقىچە پىكىر بېرىسىز، چاي ئىچىشكەچ، ياكى قوغۇن - تاۋۇز يېيىشكەچ سودىلىشىسىز. بۇ بازاردا «خوتەن سارىيى» دېيىلىدىغان ئالاھىدە بىريەر بار ئىدى، ئۇ يەردە كۆپىنچە قەشقەرنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى جەنۇبىي يىپەك يولىدىكى خوتەن شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن گىلەملەر سېتىلاتتى. شۇ چاغدىكى خوتەن گىلىمى خۇددى ھازىرقىدەك سۈپەتلىكلىكى ۋە نۇسخىلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن داڭلىقئىدى. ئانارگۈل نۇسخىسىدىكى بىر خىل گىلەم بەك داڭلىق بولۇپ، ئۇنىڭ قېنىق كۆك رەڭگى بىلەن ئوچۇق، ئازادە قىزىل رەڭگى ئاجايىپ ماس كەلگەنىدى. ئۇ يەردە يەنەخەنزۇلار لايىھىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نەتىجىسىدە توقۇلغان گىلەملەرمۇ كۆزگەچېلىقاتتى. بۇنى ئۇنىڭ نۇسخىسى ۋە بويىقىدىن تونۇۋالغىلى بولاتتى. گاھىدا قىرغىزلارنىڭ شىرداقلىرىمۇ كۆزگە چېلىقىپ قالاتتى. ئۇنى تاغدا ئولتۇراقلاشقان قىرغىز چارۋىچىلار توقۇغان. ئۇ گۈللىرى تەكشى، لايىقىدا بولۇش، ئىشلىتىلگەن قىزىل ۋە كۆك رەڭگى توق - قېنىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى.
^+- QY\N j  
i;pg9Vw  
يېمەكلىكلەر بازىرى ئالاھىدە بىر جايدا ئىدى. بۇيەرگە خىلمۇخىل، ئەسلىھەلىرى ئاددىي ئاشخانىلار ۋە ئوچۇقچىلىققا سېلىنغان ئۈستىئوچۇق يېمەكلىكلەر يايمىلىرى يىغىلغانىدى. بۇ بازاردا تەييار يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغىلىبولاتتى. ئۇستاملار ھەر خىل مەززىلىك قورۇمىلارنى، كاۋاپلارنى، ئۇششاق توغرالغان گۆشلەرنى، گاڭپەن ۋە مەززىلىك ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان پولۇلارنى، شۇنداقلا يەنە تولىمۇ يېيىشلىك گۆشنانلارنى خېرىدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەتتى. نېمە دېسەشۇ تېپىلاتتى. ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا راسلىغىلى بولىدىغانلىكى ياكى خەنزۇلارنىڭئاشپەزلىك ماھارىتى بويىچە پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى بازاردا بار ئىدى. يوقسۇللار ۋە تىلەمچىلەر مەززىلىك پۇراق قاپلىغان يېمەكلىكلەر بازىرىدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئايلىنىپ يۈرۈپ، تاماق يەۋاتقانلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئەمما، خەير - ساخاۋەتچىلىك ئىسلام دىنىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىدى. ئىشىنىمەنكى، بۇ تەلىمگەيېمەكلىكلەر بازىرىدا باشقا جايلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەجانىدىل ئەمەل قىلىناتتى. گۆش بازىرى يېمەكلىكلەر بازىرىنىڭ يېنىدا بولاتتى. ئەلۋەتتە، گۆش بازىرى قاسساپلارنىڭ بازىرى بولغاچقا، بۇ بازارنىڭ ھەممىلا يېرىدىن قوي گۆشى ۋە قوي يېغىنىڭ پۇرىقى، خام گۆشنىڭ سېسىق پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. قاسساپ بازىرى ۋە شۇبازاردا سويۇلغان ماللارنىڭ پۇرىقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ھازىرمۇقەشقەردىكى گۆش بازىرىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن مېنى پات - پات قارا بېسىپ قالىدۇ.
64b AWHv  
n3?P8m$  
مەن دائىم ئۇزۇن بازار كوچىلىرىنى ئايلىنىپ چۈش كۆرىمەن. ئۇ يەردىكى باراڭلاردا ساپ - ساپ ئۈزۈملەر قاتار - قاتار ئېسىقلىقتۇراتتى (بۇ مېنىڭ ئويۇم ئەمەس، ئەمەلىي ئەھۋال شۇنداق ئىدى). باشتا، تېرەك ياغىچىنىڭچاپان شاللىرى بىلەن يېپىلغان باراڭنىڭ يوچۇقلىرىدىن كۈن نۇرى چۈشەتتى. بىراق، كوچا بىردىنلا قاراڭغۇلىشىشقا باشلايتتى. قاراڭغۇ بارغانسېرى كۈچىيەتتى - دە، توساتتىن قاسساپ بازىرىغا بېرىپ قالاتتىم. ئىككى قاسناقتىكى دۇكانلىرى قانلىرى تامچىپ تۇرغان پارچە - پارچە قىلىپ چانالغان گۆشلەر بىلەن ياكى سويۇلغان قويلار بىلەن تولغانىدى. كوچىلارنىڭ مەينەت يوللىرى بەك تېيىلغاق ئىدى. بۇلارغاقارىماسلىق، كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان گۆش پۇرىقىنى پۇرىماسلىق كويىدا تېپىرلايتتىم. دەرھال باشقا بىر كوچىغا قايرىلىپ ماڭاتتىم. بۇ كوچىمۇ بارغانسېرى تارىيىپكېتىۋاتاتتى. گەرچە تاڭ - تۇڭ قىلغان ئاۋازلار قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك دەرىجىدە ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا مىسكەر بازىرىغا بېرىپ قالاتتىم. ئۇ يەردىن قايتىپچىقماقچى بولۇپ شۇنچە قىلغان بولساممۇ، ئەكسىچە يەنە بىر تار كوچىغا كىرىپقالاتتىم. بۇ كوچىمۇ تېخىمۇ تارىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنە يېڭى بىرئورۇنغا كېلىپ قالاتتىم. ئۇ يەردە يېڭى ماللار ۋە يېڭى كوچىلار تۇراتتى. ئەمما، يېڭى كوچا بارغانسېرى كىچىكلەپ ئادەم مىدىر قىلغۇدەك جايمۇ قالمايۋاتاتتى. كەينىدىنلا بىر تام ئالدىدا تۇرغانلىقىمنى بايقايتتىم. ئىلاجىنىڭ يوقىدىن يەنەئەسلىدىكى يولۇم بىلەن قايتاتتىم. مەن كىشىنى بىئارام قىلىدىغان شۇنداق ئەھۋالدا چۈشۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇش چارىسىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدۇم.
Q}Ah{H0C  
j)G%I y[`  
  !.%*Tp#k#  
gna!Q  
ئىزاھات: -J!n7  
Ho}*Bn~ic  
① گۇننار ئالفرېد ياررىڭ (1907−2002)، شۋېتسىيىلىك. داڭلىق تۈركولوگ. «قەشقەرگە قايتا سەپەر»، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭجەۋھەرلىرى»، «شەرقىي تۈركىيچە - ئىنگلىزچە دىئالېكتىكا لۇغىتى»، «قەشقەر تېكىستلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي يەر - جاي ناملىرى − لوپنۇر ۋە تارىم ۋادىسى تىمسالىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
JK,^:tgm  
6Jy%4]wK  
بۇ ئەسەر ئۇنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998 - يىلىنەشر قىلغان «قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
8aQTm- {m  
)6XnxBSH  
  ZwxEcs+UM  
ph)=:*A6&  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق:
=}%:4  
|CQjgI|;  
1. ئەسەرنى پىششىق ئوقۇپ چىقىپ، تۆۋەندىكى سوئاللار ھەققىدە قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ.
\{rhHb\|h  
,]qc#KDq-1  
1) «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبى» دېگەن ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
?N+pWdi  
8DD1wK\U~  
2) ئاپتور ئەسەردە ئەينى دەۋردىكى قەشقەرنى «ئوتتۇرا ئەسىرئۇسلۇبىدىكى قەشقەر» دەپ يازغان. ئاپتورنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى ئاساسلىرى قايسى؟ بىرقانچە مىسال كۆرسىتىپ بېرىڭ.
{>64-bU  
V[^AV"V  
3) ئاپتور قەشقەرنى يازغاندا، نېمە ئۈچۈن بازارنى نۇقتىلىق يازغان؟
_;x`6LM  
y q2AZ@}"  
2. ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلىغا ئالاقىدار تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنىئويلىنىپ كۆرۈڭ.
MD;,O3Ge  
\'w.<)(GI  
1) ئاپتور بۇ ساياھەت خاتىرىسىنى قانداق تەرتىپ بىلەن يازغان؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
V#4oxkm  
BB/c5?V  
2) ئاپتور تەپسىلاتلارنى قانداق تەسۋىرلىگەن؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
7k#>$sY+  
>_\]c-~<  
3. تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئالدى - كەينىدىكى جۈملىلەرگەباغلاپ تەھلىل قىلىڭ.
(t"|XSF  
E-9>lb  
1) «كىشىلەر شۇ چاغدىكى قەشقەرگە ئوخشاش تازا روناق تاپقان ئوتتۇرا ئەسىر جەمئىيىتىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىن تاپالمايدۇ.»
_ s= 
4dz Ym+vJm  
(ئاپتور بۇ جۈملىدە نېمىنى كۆزدە تۇتقان؟)
uW( Ngcpr  
 j)mS3#cH  
2) «تا بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېرەك ئوتۇنىنى قالىغاندا چىققان ئىسنىپۇرىساملا قەشقەر يادىمغا كېلىدۇ.»
/HSg)  
:W'.SRD  
(بۇ جۈملىدە ئاپتورنىڭ قانداق چوڭقۇر ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن؟)
!cO 
/PBK:B  
  U|+`Eth8(  
7pH[_]1"  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3- كىتاب 54- بەتتىن ئېلىندى. 2011-12-5   )  4%>tk 8 [  
rG B*a8  

ozqan 2011-12-05 18:34
تۇنيۇقۇق : كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .

koksangun 2011-12-05 18:46
ئەمگىكىڭىزدىن گۈللەر ئۈنىۋاتىدۇ ، رەھمەت .

abdumijit 2011-12-05 19:01
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

kaysarj 2011-12-08 20:40
سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدىلا ،شۇمىدو دەپ ئويلايمەن .

تۆتتاش 2011-12-08 20:57
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

tunyukuk 2012-01-15 22:07
[attachment=413]    

erpan0992 2012-03-12 22:04
سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدىلا ،شۇمىدو دەپ ئويلايمەن


查看完整版本: [-- «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر»(تېكىستى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled