查看完整版本: [-- «تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى» (تېكىستتىن پارچە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> «تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى» (تېكىستتىن پارچە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-12-05 09:55

«تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى» (تېكىستتىن پارچە)

«تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى» (تېكىستتىن پارچە) S7-?&[oeJ  
  S# SA:>8s  
(35) ... بىز ئالتاي تېغىنىڭ يولسىز جايلىرىدىن ئاشتۇق، ئېرتىش دەرياسىنىڭ كېچىكسىز يەرلىرىدىن كېچىپ ئۆتتۈق. بىز كېچىلەپ ئىلگىرىلىدۇق. بولچۇغا تاڭ يورۇغاندا تەگدۇق. wtMS<$  
(36) «تىل» (ئەسىر) كەلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى:  بارىس تۈزلەڭلىكىدە ئون تۈمەن قوشۇن تەق بولدى. OG0ro(|dI  
بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەگلەرنىڭ ھەممىسى U edh4qa  
(37) يانايلى، ساپ نومۇس ئەلا (شەرەپلىك مەغلۇپ بولغان ياخشى دېگەن مەنىدە _ ت) دېيىشتى. مەنكى بىلگە تۇنيوقۇق ئۇلارغا: بىز ئالتاي تېغىنى ئېشىپ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ k5W5 9tz  
(38) بۇ يەرگە كەلدۇق. كەلمىكىمىز قىيىنغا چۈشتى، كەلگىنىمىزنى ئۇلار تۇيمىدى. بىزگە تەڭرى ئۇماي، مۇقەددەس يەر، سۇ ياردەم قىلىۋاتسا، نېمىشقا قاچىمىز؟ `Q}.9s_ri  
(39) ئۇلارنىڭ ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن نېمىشقا قورقىمىز؟ ئادىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۆپەيلى يېڭىلىپ قالاتتۇقمۇ. تېگەيلى دېدىم. تەگدۇق، يېڭىپ چىقتۇق، ئىككىنچى كۈنى ئۇلار يەنە كەلدى. O`H[,+vm[  
(40) ئۇلار ئوتتەك قىزىپ كەلدى، ئۇرۇشتۇق. ئۇلارنىڭ ئىككى قاناتتىكىلىرى بىزنىڭكىلەردىن يېرىمىدەك كۆپ ئىدى. تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن CEt_wKz f  
(41) قورقۇپ كەتمىدۇق. ئۇرۇشتۇق. تاردۇش شاد جەڭگە قاتناشتى. بىز يېڭىپ چىقتۇق. خاقانىنى قولغا چۈشۈردۇق. ئۇلارنىڭ يابغۇسى ۋە شادى  1 BVivEG  
(42) شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈلدى. ئەللىكچە ئادىمىنى قولغا چۈشۈردۇق. شۇ كېچىسى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە (ئەلچى) ئەۋەتتۇق. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئون ئوق بەگلىرى ۋە خەلقنىڭ ھەممىسى vBq 2JJAl  
(43) كېلىشتى، تىز چۆكتى، ئەل بولغان بەگلەرنى ۋە خەلقلەرنى تەشكىللەۋاتقىنىمدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قېچىپ كەتتى. (شۇڭا) ئون ئوق ئەسكەرلىرىنى (ئۇلارنى  قوغلاشقا) ئەۋەتتىم. 6 
(44) بىزمۇ ئەسكەر چىقاردۇق. بىز ئۇلارنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ماڭدۇق.  يىنچۇ (ئۇنچە)  ئۇگۇزدىن ئۆتۈپ، «تىنەسى ئوغلى» دەپ ئاتىلىدىغان مۇقەددەس ئاق تاغدىن ئاشتۇق.  <"aPoGda  
(45) بىز تاكى تۆمۈر قاپقىغىچە باردۇق. قوشۇننى شۇ يەردىن ياندۇردۇق.  ئىنەل خاقانغا ... ساقا،  تەزىك،  توقرى ` 
(46) ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاسۇق باشچىلىقىدىكى سوغداق خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى ئەل بولدى، يۈكۈندى ... تۈرك خەلقى تۆمۈر قاپقىغا  mbSJ}3c"  
(47)  ۋە «تىنەسى ئوغلى» دەپ ئاتىلىدىغان تاغقا ئەزەلدىن تېگىپ باقمىغانىدى. مەنكى بىلگە تۇنيوقۇق ئۇ يەرگە ھۇجۇم قىلغۇزغانلىقىم ئۈچۈن  %F1 Ce/  
(48)  ئۇلار سانسىزلىغان سېرىق ئالتۇن، ئاق كۆمۈش، قىز – ئاياللارنى، ئېسىل ئېگەر – جابدۇق، ئۈنچە _ مەرۋايىتلارنى كەلتۈردى. ئىلتەرىش خاقان دانىشمەن بولغانلىقى ئۈچۈن، m3K8hL/  
(49) باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ بىلەن 17 قېتىم ئۇرۇش قىلدى. ئوغۇزلار بىلەن بەش قېتىم ئۇرۇش قىلدى، شۇ چاغدىمۇ مەسلىھەتچى l\jf]BHX'  
(50) يەنىلا مەن ئىدىم. ياغىچىسى (تەشكىللىگۈچى؟) يەنىلا مەن ئىدىم. ئىلتەرىش خاقانغا، تۈرك بۆگۈ خاقانغا، تۈرك بىلگە خاقانغا ... [P,1UO|$B  
(51) قاپاغان خاقان 27 ياش ۋاقتىدا ... مەن قاپاغان خاقانغا ياردەملىشىپ، ئۇنى تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم. تۈن بويى خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم. ^~8l|d_  
(52) كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم. قىزىل قانلىرىمنى تۆكتۈم، قارا تەرلىرىمنى ئاقتۇردۇم. مەن (دۆلەت) ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى  قوشتۇم. مەن ئۆزۈم يەنە ئاتلىق قوشۇن چىقاردىم. s 3Y \,9\  
(53) مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى  كۆپەيتتىم. يېنىپ – يېنىپ تۇرغان دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇردۇم. خاقانىم بىلەن بىللە (كۆپ قېتىم)  جەڭگە قاتناشتىم. تەڭرى ساقلىدى. jvCk+n[  
(54) مەن تۈرك خەلقى زېمىنىدا تولۇق قوراللانغان دۈشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم. بەلگىسى بار ئاتلارنىڭ ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرۈشىگە يول قويمىدىم. ئىلتەرىش خاقان تىرىشمىغان بولسا،  f LxFF  
(55)  ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشمىغان بولسام، دۆلەت ۋە خەلق يوق بولغان بولاتتى.  ئۇ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن _;J9q}X  
(56) دۆلەت يەنە دۆلەت بولدى، خەلق يەنىلا خەلق بولدى. ئۆزۈم قېرىدىم، ئۇلۇغ بولدۇم، ھەرقانداق يەردىكى خاقانلىق  خەلقلەردە  H/ @M  
(57) مېنىڭدەك ئادەم بولىدىكەن، ئۇلاردا ھېچقانداق بەختسىزلىك بولمايدۇ. Z1V'NJI+  
(58) تۈرك بىلگە خاقان ئېلىگە مەن بىلگە تۇنيوقۇق (بۇ مەڭگۈ تاشتىكى پۈتۈكلەرنى) يازدۇردۇم.  EY x2IJ  
(59) ئىلتەرىش خاقان تىرىشمىغان بولسا، ئۇ يوق بولغان بولسا، مەن ئۆزۈم _ بىلگە تۇنيوقۇق تىرىشمىغان بولسام، شۇنداقلا مەن بولمىغان بولسام،  \'LCC-  
(60) قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى تۇپرىقىدا دۆلەت ۋە ئادەمزات، خەلق بولمىغان بولاتتى.  6U>jU[/  
(61) ئىلتەرىش خاقان ۋە مەن _ بىلگە تۇنيوقۇق تىرىشقانلىقى ئۈچۈن، قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى. W$t}3Ru  
(62) تۈرك بىلگە خاقان تۈرك سىر خەلقىنى، ئوغۇز خەلقىنى باقماقتا.  xXU/m|  
  ?n9$,-^v  
ئىزاھات: ep}/dBg  
1. «تۇنيوقۇق» دېگەن تۈركچە سۆز بولۇپ، «تۇن» بۈيۈك، كاتتا، چوڭ، باش، بىرىنچى، دەسلەپكى كاتتىباش، باشلىق دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ؛  «يوقۇق» بولسا ئەتىۋارلىق، ئېسىل،  قەدىرلىك دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، «تۇنيوقۇق» دېگەن سۆز  «چوڭ باشلىق»، «بۈيۈك كاتتىباش»، «ئاقساقال»، چوڭلارنىڭ ئېسىلى» ... دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ]qza*ba  
2. «تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى» دا بىلگە تۇنيوقۇقنىڭ ئىلتەرىش خاقان، قاپاغان خاقان ۋە بىلگە خاقان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرى، مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تىنچلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىش يولىدا ياراتقان تۆھپىلىرى نازۇك بىر شائىرانە تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن. WJSHLy 

koksangun 2011-12-05 11:27
تۇنيۇقۇق دەرس تېكىستلىرى بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ توھپىكار ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپ ، مۇنبەر ئۇقتۇرۇشىغا ئاۋاز قۇشارسىز...

tunyukuk 2011-12-06 16:36
 مەڭگۈ تاش سۈرەتلىرىنى مۇنۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ.  _>S."cm}!k  
 /bbs/read.php?tid=1876

tunyukuk 2012-04-16 20:38
بۇ تېكىستنىڭ دېتالىنى مۇنۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ. 1U[Q)(P  
XRA RgWj  
/bbs/read.php?tid=5677&page=e&#a

halibote 2012-05-02 12:05
رەھمەت،

tawpek 2012-08-11 00:31
تولوق ئوتتورنىڭ تېكىسىتلىرىنى تۈگىتىپ ئەمدى بىزدەك كىچىكلەرگىمۇ قولايلىق يارىتىۋىتىپسىز مانا. *?A!`JpJn  
=E-o@#BS  
كۆپ تەشەككۇر.

tunyukuk 2012-08-21 11:23
بۇ تېكىستنىڭ دېتالىنى مۇنۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ. [nlq(DGJhp  
http://good.gd/1110898.htm   nZG zez  

tawpek 2012-08-21 17:57
كۆپ تەشەككۇر، بۇ دەرىسنى ئۆتكەندە بۇ دىتالدىن چوقوم پايدىلىنىمەن.

tunyukuk 2012-12-08 16:53
 «يۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» نىڭ تولۇق تېكىستىنىڭ تەرجىمىسى:
j2 >WHh  
تېكست تەرجىمىسى : 8Kn}o@Yd  
1)بىلگە*تۇنيۇقۇق مەن ئوزۈم تابغاچ *ئېلىدە ئوستۈم .(ئۇ زامانلاردا)تۈرك خەلقى تابغاچقا قارايتتى . ax 2#XSCO  
2)تۈرك خەلقىنىڭ خانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تابغاچتىن ئايرىلدى ۋە (ئوزلىرىگە)خان تىكلىدى .(كېيىن)خاقانىنى تاشلاپ يەنە تابغاچقا تەۋە بولۇپ قالدى .تەڭرى مۇنداق دىگەن ئىكەن :سىلەرگە خان بەردىم ، .l,NmF9   
3)خانىڭلارنى تاشلاپ ،تابغاچقا يەنە تەۋە بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن تەڭرى سىلەرگە ئولۈم بەردى .(شۇڭا)تۈرك خەلقى ئولدى ، ھالاك بولدى ، يوقالدى .تۈرك سىر *خەلقى يېرىدە Vu<mOuh  
4)بوي ئادەم قالمىدى ،ئورمانلىق ۋە تاغ-دالىلارداقالغانلىرى يىغىلىپ يەتتە يۈز بولدى .بۇلارنىڭ ئىككى ئۈلۈشى ئاتلىق ،بىر ئۈلۈشى پىيادە ئىدى .بۇ يەتتە يۈز كىشىنى باشلاپ يۈرگۈچى CKU )wJ5t  
5)قوشۇن ئۇلۇغى شاد * ئىدى . ئۇ ماڭا (قوشۇنىمىزغا )قوشۇلغىن ، دىدى. قوشۇلغان كىشى مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئىدىم. مەن ئۇنى خاقان قىلاي دىدىم. مەن مۇنداق ئويلىدىم :ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقا يىراقتا 1Va @w  
6)ئۇسۈشسە، ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقىنى ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ .مەن ئاشۇنداق ئويلىدىم .شۇندىن كېيىن تەڭرى ماڭا’ئەقىل بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەن ئۇنى خاقان بولۇشقا دەۋەت قىلدىم .بىلگە تونيۇقۇق بويلاباغاتارقان o+S?j*mv@  
7)ئىلتەرىس قاغان بىلەن بىرلىكتە ،جەنۇپتا...............شەرقتەقىتانلار*،شىمالدا’ئوغۇزلاردىن كوپ ئولتۈردۇق. بىلگەسى لەشكەر باشلىقى مەنلا ئىدىم .بىز چوغاي قوزى ۋە قارا قۇمدا ئولتۇراقلاشقان ئىدۇق nyG5sWMpe  
8)كىيىك يەپ ،توشقان يەپ كۈن كەچۈرەتتۇق. خەلقنىڭ قارنى توق ئىدى . دۈشمەنلىرىمىز ئەتراپىمىزدا قۇشلاردەك كوپ ئىدى . بىز جانسىز ھايۋاندەك ئىدۇق .شۇنداق ئولتۇرغىنىمزدا ، ئوغۇزلاردىن چارلىغۇچى كەلدى. %XXjQ5p  
9)چارلىغۇچىنىڭ سوزى مۇنداق ئىدى:توققۇز ئوغۇز (خەلقى)ئۇستىدە خاقان ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇ تابغاچقا قۇنى سەنگۈنىنى*قىتانغا،تۇڭرا سەمنى(ئەلچىلىككە)ئەۋەتىپتۇ . ئۇلار مۇنداق سوزنى ئېلىپ بېرىپتۇ :ئازغىنە تۈرك خەلقى DuC_uNJ  
10)ھەرىكەتلىنىپ يۈرۈۋېتىپتۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ئىكەن، مەسلىھەتچىسى دانىشمەن ئىكەن .ئۇ ئىككىسىلا بولىدىكەن سەن تابغاچلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ،شەرقتە قىتانلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ، بىز ئوغۇزلارنى gO]8hLT  
11) قىرىپ تاشلايدۇ، تابغاچلار،سىلەر جەنۇپتىن تېگىڭلار !قىتانلار، سىلەر شەرقتىن تېگىڭلار!مەن شىمالدىن تېگەي!تۈرك سىر خەلقى يېرىگەخان يولاتمايلى ، مۇمكىن بولسا ،ئۇلارنى يوقىتايلى ! g{m~TVm'  
12)ئۇ سوزنى شتىپ تۈنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى .ئاندىن كېيىن خاقانىمدىن ئوتۈندۈم:تابغاچ،ئوغۇز،قىتان بۇ ئۈچى بىرلىشىۋالسا، G4uOY?0N  
13)بىز تايانچىسىز قالىمىز ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن دۈشمەنگە تۇتۇلىمىز .يۇققا نەرسىنى ئېگىش ئاسان، ئىنچىكە نەرسىنى سۇندۇرۇشمۇ ئوڭاي .يۇققا قېلىن بولۇپ كەتسە، ئۇنى ئېگىش تەسكە چۇشىدۇ ،ئىنچىكە tA K=W$r  
14)توم بولۇپ كەتسە ئۇنى سۇندۇرۇش تەسكە چۇشىدۇ . شەرقتە قىتانلاردىن ، جەنۇپتا تابغاچتىن ، غەرپتەقۇرداندىن ،شىمالدىن ئوغۇزلاردىن بولۇپ ئىككى -ئۈچ مىڭ كىشىلىكقوشۇن كېلىشى مۇمكىن . مەن (خاقانىمغا )شۇنداق دىدىم . 9}d^ll&  
15) خاقانىم مەن ئوزەم- بىلگەتونيۇقۇقنىڭ ئوتۈنگەن ئوتۈنچۇمگە قوشۇلدى ."ئوز كوڭلۈڭچە’ئىش قىلىۋەر" دىدى. كوك ئوڭدىن يۇقىرىلاپ قوشۇننى ئوتۇكەن تاغقا باشلىدىم . ئوغۇزلار ئىنەك كۇلۇكلىرى بىلەن توغلا دەرياسىدىن كەلدى . >V&GL{  
16)ئۇلارنىڭ ئەسكىرى ئۈچ مىڭ ئىكەن ، بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق . سوقۇشتۇق ، تەڭرى ساقلىدى ..............تارمار قىلدۇق . ئۇلار دەرياغا چۈشتى . قايتىش يولىدا يەنە ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئولدى . شۇنداق كېيىن ئوغۇزلارنىڭ ھەممىسى كەلدى . z*N%kcw"  
17)تۇرك خاقانىنىڭ، تۇرك خەلقىنىڭ ئوتۇكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، مەنكى بىلگە تونيۇقۇقنىڭ ئوتۇكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، جەنۇپتىكى خەلقلەر ۋە غەرپتىكى ، شىمالدىكى ، شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ بارلىغى كېلىشتى. (abtCuZ8z  
18)بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق ، ئىككى قوشۇن بولدى . تۇرك خەلقى خەلق بولغاندىن ، تۇرك خاقانى تەخىتكە ئولتۇرغاندىن بۇيان سەندۇڭ شەھەرلىرىگە دەريا - دېڭىزلارغا تېگىپ باقمىغان ئىدى. خاقانىمغا ئوتۇنۈپ قوشۇن تارتتىم . 7t6TB*H  
19)لەشكەرلىرىمنى سەندۇڭ شەھەرلىرىگە ۋە دەريا -دېڭىزلارغا ھۇجۇم قىلدۇردۇم ئۇلار يىگىرمە ئۈچ شەھەرنى ۋەيران قىلدى . بۇيۇرتلار خارابىلارغا ئايلاندى . تابغاچ خانى دۇشمىنىمىز ئىدى . ئون ئوق خاقانى دۇشمىنىمىز ئىدى . 1_ )Y{3L  
20)بۇنىڭدىن باشقا قىرغىز كۇچلۇك............خاقانىمۇ دۇشمىنىمىز بولدى .بۇ ئۇچ خاقان مەسلىھەتلىشىپ ، لتۇن (ئالتاي)تېغىدا ئۇچراشماقچى بوپتۇ . ئۇلار مۇنداق مەسلىھەتلىشىپتۇ :بىز شەرقتىن تۇرك خاقانىغا قوشۇن چىقىرايلى، ئۇنىڭغا ئەسكەر چىقارمىساق ، #23($CSE  
21)ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ، ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن ، ئاخىرى بىر كۈنى بىزنى بەرىبىر يوقىتىدۇ . ئۇچەيلەن قوشۇن چىقىرايلى ، ئۇنى يوقىتايلى ، دىيىشىپتۇ . تۇركەش خاقانى مۇنداق دەپتۇ : مېنىڭ خەلقىم ئۇيەرگە بارىدۇ . <T$rvS  
22)تۇرك خەلقى ھەقىقەتەن بۇلغىنىپ( قالايمىقانلىشىپ )كەتتى .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئوغۇزلارمۇ تارقىلىپ كەتتى . بۇگەپنى ئاڭلاپ تۇنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۇزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى . شۇچاغدا، مەن [} "m4+  
23)...........ئالدى بىلەن قىرغىزلارغا ئۇرۇش قىلساق ياخشىراق بولىدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلىدىم . كوگمەن (تېغى) غا بارىدىغان يول بىرلا ئىكەن . ئۇنى قار قاپلىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، بۇ يولدا ماڭساق بولماسمىكىن دىدىم . يولچى ئىزدىدىم . چولگىدىكى ئاز پۇقراسىدىن بىرنى تاپتىم . D (Q=EdlO  
24)ئاز يېرىگە بارىدىغان يولنىڭ ئانى * دەرياسىغا يېقىن ئىكەنلىگىنى ، پەقەت بىرلا ئات بىلەن مېڭىشقا بولىدىغان تار يول ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ ،مەن ئۇنىڭدىن يەنە سورىسام ، ئۇ بۇرۇن بىر ئاتلىق كىشىنىڭ بۇيول بىلەن ماڭغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يول بىلەن ماڭساق بولىدىكەن دىدىم . ئويلاندىم ، خاقانىمدىم ->&amPv  
25) ئوتۇندۇم . قوشۇن چىقارتتىم . ئات بىلەن دەريادىن ئوتۇڭلار ، دىدىم . ئاق تەرمەل دەرياسىغىچە يۇرۇش قىلدۇردۇم. ئاتلارغا مىنىپ ، ، قارلارنى بوسۇپ ماڭدۇق . ئاتلارنى يېتىلەتكۈزۈپ ، تاياققا تايانغۇزۇپ پىيادە تاققا چىقارغۇزدۇم . سەركەرلەر K1-y[pS]E  
26)قار-مۇزلارنى ئاچتى ، بىز ئورمانلىق چوققىلاردىن ئاشتۇق . ناچايىتى مۇشكۈلدە تاغدىن چۈشتۇق . ئون كېچە - كۈندۇز تاغ يېنىدىكى توسالغۇلارنى ئەگىپ يۇرۇپ ماڭدۇق . يولچى ئاداشقاچقا بوغۇزلاندى . خاقانىمىز ئەنسىرەپ تېز مېڭىڭلار دىدى . C.hRL4+;Zm  
27)بىز ئانى دەرياسىغا يېتىپ باردۇق . ئۇ دەريانى بويلاپ توۋەنگە ماڭدۇق . يولدا قوشۇننى ساناش ئۈچۈن ئاتتىن چۈشۈردۇق ، ئاتلارنى دەرەخلەرگەباغلاپ قويدۇق ..........تۈننى تۈن دىمەي ، كۈندۈزنى كۈندۈز دىمەي شامالدەك تېز يۇردۇق . قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدۇق. _z& H O  
28)بىز نەيزە بىلەن .........نى ئاچتۇق .ئۇچاغدا ئۇلارنىڭ خاقانى ۋە لەشكەرلىرى توپلىنىپ بوپتىكەن . ئۇرۇشتۇق ،سانچىشتۇق ،خاقانىنى ئولتۇردۇق . قىرغىز خەلقى خاقانىمىزغا بوي سۇندى ، يۇكۇندى . بىز ياندۇق . كوگمەن تېغىنى ئەگىپ ، HJOoCf  
29)قىرغىزلارنىڭكىدىن ياندۇق . تۇركەش خاقانىدىن چارلىغۇچى كەلدى . ئۇنىڭ سوزى مۇنداق ئىدى ::بىز شەرقتىن تۇرك خاقانىغا لەشكەر چىقارمىساق ، ئۇلارغا يۇرۇش قىلمىساق ، ئۇلار بىزنى ئولتۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ،ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن . ئاخىرى بىركۈنى -K iI&Q  
30)بىزنى ئولتۇرىدۇ دەپتۇ .تۇركەش خاقانى يولغا چىقىپ بوپتۇ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە تابغاچ ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىكەن . بۇگەپلەرنى ئىشتىپ ، خاقانىم : مەن ئويگە بېرىپ كېلەي ، &=v5M9GR]  
31)خوتۇنۇم قازا قىپتۇ، ئۇنى دەپنە قىلىۋېتەي ، سىلەر قوشۇننى باشلاپ ئىلگىرلەۋېرىڭلار ، ئالتاي تېغىغا ئورۇنلىشىڭلار ،ئىنەل خقان بىلەن ظظاردۇش شاد لەشكەر بېشى بولۇپ ئىلگىرلىسۇن . دىدى. ئۇ مەنكى بىلگە تونيۇقۇققا مۇنداق دىدى: .\|}5J9W  
32) "سەن بۇ قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىل . قىيىن شلاردا ئوز كوڭلۇڭچە قارار چىقىرىۋەرگىن ! مەن ساڭا يەنە نىمە دەي ؟ ئەگەر ئۇلار كېلىپ قالسا ، خەۋەرچىلەرنى كوپەيتكىن ، كەلمىسە تىل (ئەسىر)تۇتۇپ سوزىنى توپلاپ تۇرغىن "دىدى . بىز ئالتۇن تېغىدا ئولتۇراقلاشتۇق. ag"Nf-o/Y  
33)ئۈچ پايلاقچى قايتىپ كەلدى ،ئۇلارنىڭ سوزلىرى ئوخشاش ئىدى : ئون ئوق خاقانى قوشۇن چىقىرىپتۇ ، ئون ئوق قوشۇنلىرى پۇتۇنلەي قوزغىلىپتۇ . ئۇلار بىز يارىس تۇزلەڭلىكىدە توپلىنايلى دىيىشىپتۇ . بۇسوزلەرنى ئىشتىپ خاقانغا مەلۇم قىلدىم . قانداق قىلسام بولار ؟دەپ تۇرغىنىمدا يەنە جاۋاپ كەلدى : Q Pp>%iE@  
34)ئورنىڭلاردا تۇرۇۋېرىڭلار ، ئاتلىق قاراۋۇللارنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇڭلار دىگەن گەپلەرنى بوگۇ خاقان ماڭا ئەۋەتىپتۇ . لېكىن ئۇ ئاپاتارقانغا يەنە :"بىلگە تونيۇقۇق يامان ئادەم ، قارا نىيىتى بار wXU gxa  
35)ئەگەر ئۇ قوشۇن چىقىرىمەن دىسە ئۇنىماڭلار "دەپ مەخپى گەپ ئەۋەتىپتۇ . بۇسوزلەرنى ئىشتىپ قوشۇن چىقاردىم .بىز ئالتۇن تاغنىڭ يولسىز جايلىرىدىن ئاشتۇق ، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ كېچىكسىز جايلىرىدىن كېچىپ ئوتتۇق . بىز تۇن بويى ئىلگىرلىدۇق . بولچۇ غا تاڭ يورۇغاندا تەگدۇق . *vIC9./  
36)"تىل "كەلتۇرۇلدى ، ئۇ يارىس تۇزلەڭلىگىدە ئون تۇمەن ئەسكەر توپلاندى دىدى . بۇ سوزلەرنى ئىشتكەندىن كېيىن بەگلەرنىڭ ھەممىسى : D P+W* 87J  
37) يانايلى ! ساپ نومۇس ئەلا ( شەرەپلىك مەغلۇپ بولغان ياخشى)!دىدى. مەنكى بىلگە تونيۇقۇق ئۇلارغا :"بىز ئاتۇن تېغىنى ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىن _qq>-{-Ym  
38)ئوتۇپ كەلدۇق . كەلمىگىمىز قىيىنغا چۇشتى . كەلگىنىمىزنى ئۇلار تۇيمىدى . تەڭرى ، ئۇماي ، مۇقەددەس يەر -سۇ بىزگە مەدەت بېرىدۇ . بىز يەنە نىمىشقا تېزىپ كېتىمىز ؟! D>"!7+t|@a  
39)ئۇلارنىڭ ئادىمىنىڭ كوپلىگىدىن نىمە ئۇچۇن قورقۇپ كېتىمىز ؟ ئادىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۇپەيلى ئۇلاردىن يېڭىلىپ قالاتتۇقمۇ ؟ تېگەيلى!" دىدىم . تەگدۇق . يېڭىپ چىقتۇق . ئىككىنچى كۈنى ئۇلار يەنە كەلدى . M0"}>`1lJ  
40) ئۇلار ئوتتەك قىزىپ كەلدى . سوقۇشتۇق ، ئۇلارنىڭ ئىككى قاناتتىكىلىرى بىزنىڭكىلەردىن سىڭارچە(يېرىم ھەسسە) كوپ ئىدى . تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ كوپلىگىدىن H4g1@[{|0O  
41) قورقۇپ كەتمىدۇق . سوقۇشتۇق. تاردۇش شاد جەڭگە قاتناشتى . بىز يەڭدۇق . خاقانىنى تۇتتۇق . يابغۇسى ۋە شادى A<[X@o}92  
42) شۇيەردە ئولتۇرۇلدى .ئەللىكچە ئادىمىنى تۇتتۇق .شۇكېچىسى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە ئەلچى ئەۋەتتۇق . بۇخەۋەرنى ئىشتىپ ئون ئوق بەگلىرى ۋە خەلقى پۇتۇنلەي 5:X^Q.f;  
43) كەلدى ، يۇكۇندى ئەل بولغان بەگلەر ۋە خەلقلەرنى تەشكىللەۋاتقىنىمدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قېچىپ كەتتى . ئۇلارنى قوغلاشقا ئون ئوق ئەسكەرلىرىنى چىقارتتىم . MnD^jcx   
44) بىزمۇ ئەسكەر چىقاردۇق .ئۇلارنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ماڭدۇق . يىنچۇ(ئۈنچە)دەرياسىدىن ئوتۇپ ، "تىنسى ئوغلى* " دەپ ئاتىلىدىغان مۇقەددەس ئاق تاغدىن ئاشتۇق . PgwNEwG  
45) تاكى تومور قاپقىغىچە * باردۇق . قوشۇننى شۇيەردىن ياندۇردۇق . ئىنەل خاقان ..............ساقا *تەزىك * توقرى * 4W36VtQ@E  
46) ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاسۇق باشچىلىقىدىكى سوغداق خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى ئەل بولدى، يۇكۇندى .........تۈرك خەلقى تومۇر قاپقىغا _gI1@uQw  
47) ۋە "تەڭرى ئوغلى "دەپ ئاتىلىدىغان تاققا ئەزەلدىن تېگىپ باقمىغان ئىدى . مەنكى بىلگە تويۇقۇق ئۇ يەرگە يۈرۈش قىلدۇرغانلىقىم ئۈچۈن ^ lM.lS>)  
48) ئۇلار (سوغداقلار)سانسىزلىغان سېرىق ئالتۇن ، ئاق كومۈش ، قىز ئاياللارنى ،ئېسىل ئېگەر- جابدۇق ۋە ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى كەلتۈردى . ئىلتەرىس خاقان دانا بولغانلىقى ئۈچۈن ، #EX NSr  
49) باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ بىلەن ئون يەتتە قېتىم سوقۇش قىلدى ، قىتانلار بىلەن يەتتە قېتىم سوقۇشتى . ئوغۇزلار بىلەن بەش قېتىم ئۇرۇش قىلدى . شۇ چاغدىمۇ ئەقىلدارى lxXIu8  
50) يەنىلا مەن ئىدىم ، ياغىچىسى(تەشكىللىگۈچىسى)يەنىلا مەن ئىدىم . ئىلتەرىس خاقانغا ، تۈرك بوگۇ خاقانغا ، تۈرك بىلگە خاقانغا ......... ^ 
51) قاپاغان قاغان يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقتىدا، مەن قاپاغان قاغانغاياردەملىشىپ ئۇنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدۇم . تۈنلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم ، nT xN>?l2E  
52) كۈندۇزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم . قىزىل قانلىرىمنى توكتۇم ، قارا تەرلىرىمنى ئاقتۇردۇم . مەن (دولەت)ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم . مەن ئوزەم يەنە ئاتلىق قوشۇن چىقاردىم . ^U0)iz  
53) مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى () كېڭەيتتىم .يېنىپ - يېنىپ تۇرغان دۇشمەنلەرنى بوي سۇندۇردۇم . خاقانىم بىلەن بىرگە (كۆپ قېتىم)جەڭگە قاتناشتىم . تەڭرى ساقلىدى . T96M=?wh!  
54)مەن تۈرك خەلقى زىمىنىدە تولۇق قوراللانغان دۈشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم . بەلگىسى بار ئاتلارنىڭ ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرۈشىگە يول قويمىدىم . ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان بولسا ، G.sf> .[  
55) ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، مەن تىرىشمىغان بولسام ، دولەت ۋە خەلق يوق بولغان بولاتتى . ئۇ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن ، Qvhz$W[P>  
56) دۆلەت يەنىلا دۆلەت بولدى ،خەلق يەنىلا خەلق بولدى . ئۆزەم قېرىدىم . ئۇلۇغ بولدۇم . ھەر قانداق يەردىكى خاقانلىق خەلقلەردە - {|  
57) مەندەك ئادەم بولىدىكەن ، ئۇلاردا نىمە غەم بولسۇن . j`ybzG^  
58) تۈرك بىلگە خاقان ئېلىگە ، مەنكى بىلگە تونيۇقۇق (بۇ مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرنى ) يازدۇردۇم . s.9_/cFWB  
59) ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان بولسا ، مەن ئۆزەم - بىلگە تونيۇقۇق تىرىشمىغان بولسام ، مەن بولمىغان بولسام ، Sx}61?  
60) قاپاغان قاغان ۋە تۈرك سىر خەلقى تۇپرىقىدا خەلق ئادەم - ئىنسان بولمىغان بولاتتى . ZRLS3*`  
61) ئىلتەرىس خاقان ۋە مەنكى بىلگە تونيۇقۇق تىرىشقانلىقىمىز ئۈچۈن قاپاغان قاغان ۋە تۈرك سىر خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى . Q<d|OX  
62) تۈرك بىلگە خاقان تۈرك سىر خەلقىنى ، ئوغۇزلارنى باقماقتا .
B{\qYL/~  
qhqqCVrsW  
مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرگە ئىزاھات : !+Us)'L  
تابغاچ -مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە خاس تاڭ سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ . l~*D jr~  
سىر - تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى .  D/]  
شاد - مەنسەپ ، ئەمەل نامى . /w2jlu}yt  
سەنگۈن-  قەدىمقى تۈرك تىلىدا جىياڭجۈننى شۇنداق ئاتىغان . y(h"0A1lW  
ئوتۇكەن تېغى-  تۈرك خەلقى ئەزەلدىن چوقۇنۇپ كەلگەن مۇقەددەس تاغلارنىڭ بىرى . ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىغا توغرا كېلىدۇ . drK &  
ئون ئوق خاقانى- غەربىي تۈرك خاقانىنى كۆرسىتىدۇ . &NB"[Mm:@  
تۇركەش-  تۇرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى . !@wG22iC4d  
ئاز  - يەتتە سۇ ئەتراپىدا ياشىغان تۈركەشلەرنىڭ بىر قەۋمى . J'#R9NO<  
ئىنسى -خەنزۇچە تىيەن زى (تەڭرى ئوغلى ) دىن كەلگەن . To@77.'  
تومۇر قاپىغ  -سەمەرقەند بىلەن بەلخ ئارىسىدىكى بوز قالا تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم ئوتكەل . >nOzz0,  
(غالىپ ئەلقۇت  لاتىن يېزىقى تور خاتىرىسىدىن ئالماشتۇردى.  بىلىش بىلوگى دىن يۆتكەلدى.) +#MQ8d  

ئەكبەرنىياز 2012-12-08 17:11
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئۇستاز ، ھارمىغايسىز !!!   qbu5aK}+  
دەرس دېتالىنىمۇ كۆرۈش نىيىتىم بار ئىدى ، ئەمما كۆرەلمىدىم ؟

ماھى 2012-12-08 17:18
نىمىشقا كۆرەلمىگەنسىز ئەكبەر مۇئەللىم!

tunyukuk 2012-12-08 18:29
引用第9楼ئەكبەرنىياز于2012-12-08 17:11发表的 : ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئۇستاز ، ھارمىغايسىز !!!   دەرس دېتالىنىمۇ كۆرۈش نىيىتىم بار ئىدى ، ئەمما كۆرەلمىدىم ؟
aj:B+}1  
'!6Py1i  
بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ سىزنىڭ خەت ساندۇقىڭىزغا    (      ahliyar817@163.com      )     ئېۋەتىۋاتتىم . 

kamalat 2012-12-08 22:30
كۆپ تەشەككۇر

ئوتقاشئەرقۇتى 2012-12-08 23:36
ئوستازنىڭ ھەربىر تىمىسى تىرىك تارىخ ،بەك سۈيۈندۈم  ،ھارمىغايلا .

نۇرسىمانگۇل 2013-04-06 20:22
رەھمەت،

tawpek 2013-04-06 21:54
تۇنيۇقۇق تاشقا قالدۇرغان بولسا مۇنبىرىمىز ئەزاسى تۇنيۇقۇقمۇ ئەۋلاتلار قەلبىگە تەۋپىقداشلار قەلبىگە بولوپم تەۋپىق مۇنبىرىمىزگە ئۆچمەس نامىنى قالدۇرىۋەتتى مانا.

تاھىرجان 2013-05-20 22:31
ئەكبەرجان دەرىس دىتالىنىڭ غىلىمىنى قانداق چۈشۇرۇمىز........


查看完整版本: [-- «تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى» (تېكىستتىن پارچە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled