查看完整版本: [-- خامۇش بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا.... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> خامۇش بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا.... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tugluk 2011-12-03 19:30

خامۇش بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا....

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۇتەلمەي تەكرار ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلارغا  قانداق مۇئامىلە  قىلىشىمىز  كېرەك؟ 7_=7 ;PQ<  
QE#Ar8tU  
مەن بۇ يىل  تۇلۇق 3-يىللىق  تەكرار ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلارغا سىنىپ مۇدىرى بۇلدۇم. ئىلگىرى تەكرار سىنىپقا سىنىپ مۇدىرى بۇلۇپ باقمىغان ئىكەنمەن،ئۇقۇغۈچىلارنى تەربىيىلەش جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقتۇم.بۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھى بېسىمى ئېغىر  بولغاچقا ، كۆڭلىنى ئاياشقا تۇغرا كېلىدىكەن.قىسمەن ئۇقۇغۇچىلار  بۇنى باشقىچە چۇشىنىپ قالدىمۇ، ئەيتاۋۇرئۇيغىنىش يۇق،ئاتا -ئانىسى تېپىپ بەرگەننى بۇزۇپ  چېچىپ  تەكرار ۋاقتىدا تېلېفۇندا تۇرغا چىقىپ  ...يەنە قىز -يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر  دەيمىز...ئادەمنىڭ ۋىجدانىنى قۇزغىتىدىغان  ئەھۋاللار كۇپ.خېلى كۇپ تەربىيەلەرنى ئشلەپ باققان بولساممۇ  ئۈنۈمى يوق دېيەرلىك،ئاتا -ئانىلار  بىلەنمۇ كۇرۇشتۇم.بىچارە ئاتا-ئانىلارمۇ چارىسىز،مۇشۇنداق ئەھۋالدا  تەۋپىق تۇرىدىكى پىشقەدەم  ئۇستازلاردىن تۆۋەندىكى ئىشلار ئۇستىدە  مەسلىھەت  سورىماقچى ئىدىم ياردىمىڭلارنى ئايمىغايسىلەر. z5> {(iY;,  
~{xm(p  
 1-قايتا ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلارغا قانداق تەربىيە شەكلىنى قۇللانسا ئۈنۈمى كۆرۇلىدۇ؟                                                           )tD[Ffvr  
k0/S&e,*  
    2-ئالى تېخنىكۇم مەكتەپتىن  چاقىرىق كەلگەن 2011-يىلى 9-ئايدا ئۇقۇغىلى بېرىپ 30-40 كۇنلەردىن كېيىن ئۇ مەكتەپكە  ئۇزىنىڭ بەكلا زايە كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ  قايتا ئۇقۇش ئۇچۇن  كىرگەن بىر ئۇقۇغۇچۇم بار ئىدى.ئالي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاش باشلانغان مۇشۇ بىر ھەپتە جەرياندا   " ئالىي مەكتەپلەردە   ئۇقۇۋېتىپ قايتىپ كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قېتىملىق ئالى   مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى بولمايدۇ >> دېگەندەك  گەپ سۆزلەر  پەيدا بۇلۇپ قالدى.شۇ سەۋەپتىن   بىر قىسىم شۇنداق ئۇقۇغۇچىلىرىم  رۇھى جەھەتتىن تۇگىشىپلا كەتتى.ھەتتا  شۇنداق دەرستە ياخشى بىر  ئۇقۇغۇچۇمدا  خامۇشلۇق  كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۇرۇلۈشكە باشلىدى.ئۇ ئۇقۇغۇچۇم  تۇختىماي  مەن تۇگەشتىم  .نېمىشقا  قايتىپ  كەلگەن بۇلغىيتىم.مەن تۇگەشتىم ....دېگەن  ئاخىرقى سۇزنى ھېسابقا ئالمىغاندا  ئۈچ كۇندىن بۇيان  بىر  ئېغىزمۇ گەپ قىلماي  ، بىر يۇتۇممۇ سۇ ئىچمەي  بىر نۇقتىغا مەنىسىز  قاراپلا  ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدى. بەك ئازاپلىنىۋاتىمەن . تۇرداشلاردىن ئۇمىدىم  مۇشۇ تىپتىكى  ئۇقۇغۇچىلار  ئىمتىھانغا  قاتنىشالامدۇ يوق؟ يەنە بىرسى  بۇ ئۇقۇغۇچىنى  رۇھى  جەھەتتىكى  يۇكتىن  ئازات قىلىپ  ،پىسخىكىسىنى تەڭشەشنىڭ  قانداق ئۇسۇل-چارىلىرى بار؟ {!/ha$(  
Dus [N< w  
        تۇرداشلانىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ  جىددى مەسلىھەت  بىرىشىنى  ئۈمىد  قىلىمەن . Rt6(y #dF  

koksangun 2011-12-03 21:24
ياخشىمۇسىز تۇغلۇق ؟ j@.^3:  
مەنمۇ تەكرار سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ، سىز يۇلۇقتۇرغان مەسىلىلەرگە مەنمۇ يۇلۇققان ، ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك ئۇلارنىڭ پىسخىك بېسىمى تولىمۇ ئېغىر . ئۇلارغا خېلى ۋاقىتقىچە ئىرىنمەي خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ . ZVz`g]  
ئۇلارغا نىسبەتەن بىر قانچە خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىدىم ، ۋە مەلۇم ئۈنۈمگە ئىرىشتىم : ,t +sw4  
1.ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردۇم ، ئۇلارغا ئىشەنچ بېغىشلىدىم ، ئۇلارغا بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چۇقۇم ياخشى نەتىجە قازىنىدىغانلىقىنى ، چۇقۇم كۈتكىنىدەك ئالىي مەكتەپكە بارالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمنى قايتا قايتا ئەسكەرتىپ تۇردۇم . بۇنداق قىلىش قارىغۇلارچە قىلمىش ئەمەس ، چۈنكى بىر ئادەمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۇنى ئىنكار قىلغانغا قارىغاندا ئۈنۈملۈك تەسىر بېرىدۇ . ?izl#?  
2. ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۇلارغا ئىلھام بېرىشتىكى قۇرال قىلدىم ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق مانىۋېر ئىمتىھان نەتىجىسى ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆلچەم قىلىپ ئازراقلا ئۆرلىگەن بولسىلا ئۇلارغا ئىشەنچ پەيدا قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ يەنىمۇ ئۆرلەشكە ، يېڭى پەللە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇدۇم . a FL; E  
3. ئايرىم سۆھبەتلىشىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گاھىدا كىشىگە بەزىبىر ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ، بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت سەۋەبى بىلەن بەل قويۇۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش ، بۇنىڭغا ئىلگىىرىكى يىللاردا قايتا ئوقۇپ ياخشى مەكتەپلەرگە  قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى  مىسال قىلىپ چۈشەندۈردۈم .
4.ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ پەيدا قىلىشقا تىرىشىپ ، ئۆگىنىش مەقسىدىنى ئايدىڭلاشتۇردۇم . ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ، قايسى مەكتەپلەرگە بېرىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېنىقلىۋېلىپ ، ئۇلارغا شۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىش ئارزۇسىنى يازغۇزدۇم ، ھەم سىنىپنىڭ ئىشەنچ رامكىسىغا چاپلاتقۇزدۇم ...
5. ئوقۇغۇچىلاردا ساقلانغان ياكى بىخلىنىۋاتقان ناتوغرا قاراشلارنىڭ جامائەت پىكرى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدىم ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نۇرغۇن ئاپقاچتى گەپلەر تىز تارقايدۇ ، ئاشۇ خىل ئەپقاچتى گەپلەر تارقىلىشى بىلەن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ئۆگىنىش مەيدانىدىن تايماسلىق ھەققىدە كۈچلۈك تەربىيىنى ئىشلىدىم ، قالايمىقان گەپلەرگە ئىشەنمەسلىك ھەققىدە تەربىيە ئىشلەشنىڭ مۇقىم ئۆگىنىش كەيپىياتىنى ساقلاشتا رولى چوڭ .
6. كەمسىتمىدىم ، باراۋەر مۇئامىلە قىلشقا تىرىشتىم ، ئۇلارغا ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ ئورۇنداش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، ماختاپ تۇردۇم . دەرسخانىدا ياكى سىنىپتا ئۇلارنىڭ كەمچىلىكى ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تىلغا ئالمىدىم ، ئايرىم كۆرۈشكەندە يۈز خاتىرە قىلمىدىم... g\1|<jb3  
ئۇنىڭدىن باشقا : {a0yHy$H  
7.ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ، بولۇپمۇ ئاساسىي سەل ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇش تەربىيىسىنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ بېرىش كېرەك . چۈنكى جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەيدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى تولىمۇ كام بولىۋاتىدۇ ، نۇرغۇن خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئىلانىنىڭ ھەممە يەرگە چاپلىنىپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ، كەسىپ (ھۆنەر ) بىلىدىغانلار يېتەرلىك بولمىغاچقا نۇرغۇن زاۋۇت ، كارخانىلار قولىدىن ئاز تولا ھۆنەر كېلىدىغان كىشىلەرنى يۇقىرى مائاش بىلەن ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى . EMzJyGt7  
8.ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈڭ ، سىز ھەل قىلالمىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئاتا-ئانىلار بىردەمدىلا ھەل قىلىپ بېرىدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ . mrBK{@n  
9.ئەخلاق جەھەتتىن تۈزەش قىيىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ ، ئۇلار ئۆيدە تەكرار ئېلىپ بارسۇن ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بەزى چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا سەلبىي تەسىر بېرىدۇ ، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا يەتكۈچە تەربىيە ئىشلەپ بەرسۇن ياكى يېنىدا بىخەتەر تۇتۇپ تۇرسۇن ... -vv_6Z L[  
10.ماڭا چىقىش يولى قالمىدى ، مەن تۈگەشتىم دېگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا دۇنيانىڭ شۇ قەدەر كەڭ ۋە رەڭدارلىقىنى ، يولنىڭ ھېسابسىزلىقىنى ، ئالىي مەكتەپ يولى ئادەمنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ ، نۇرغۇن چىقىش يوللىرىنى ئۆگىتىڭ ، كۆرسىتىڭ .
11. مەكتەپ سىزگە تۈزۈم ۋە باشقا جەھەتلەردىن يار- يۆلەك بولۇشى كېرەك ، ئوقۇتقۇچىلار سىز بىلەن پىكىر بىرلىكىنى ساقلىشى ، سىز بىر خىل تەربىيە ئىشلىسىڭىز ، يەنە بىرى باشقا خىل تەرىزدە تەربىيە ئىشلىسە ئۈنۈمى بولمايدۇ . Y h53Z"a  
QD-`jV3  
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قايتا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمەكچى بولسا ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ  ئوقۇشتىن چىكىنگەنلىك ئىسپاتىنى ئېلىپ كېلىپ ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ .بۇ ھەقتە توردىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تېپىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
مېنىڭ بەزى يەرلىك ئۇسۇللىرىمنى تۇنۇشتۇرمىدىم ، يۇقىرىقىلاردىن توغرا بولمىغانبلىرىنى ئىشلەتمىسىڭىز بولىدۇ ، پايدىسى بولىدۇ دەپ قارىسىڭىز سىناپ كۆرۈپ باقارسىز .
باشقا كەسىپداشلارنىڭمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى بارلىقىغا ئىشىنىمەن ...

kainat 2011-12-03 21:36
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى كۈپ بىلىمزەە ئىگە بولدۇم

yaxar 2011-12-09 01:08
قايتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قايتا ئوقۇش» تىن ئىبارەت بۇ بىر يولنى تاللىغىنىنىڭ ئۆزىلا ئەڭ قىممەلىك روھ، ھەم بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۈنۈملۈك تەربىيە ئىشلەشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى، بۇنىڭدىكى سىز ئىنىقلاشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ يولنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تاللىغانلىقى ياكى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تاللىغانلىقى،  ئەگەر ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە قايتا ئوقۇشنى تاللىغان بولسا (غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن باشقا قىز- ئوغۇللۇق مۇناسىۋەتكە دائىر باشقا سەۋەپ بولمىسا) بۇ ئوقۇغۇچىدا چوقۇم ئۈمىت بار دىگەن گەپ،  ئەگەر  ئاتا- ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تاللىغان ياكى بىرەر ساۋاقدىشىنى دوس تارتىپ قايتا ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ يولنى تاللىغان بولسا بۇنداقلارغا چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، ئەگەر مەكتىۋىڭىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىگىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرى يول قويسا بۇنداقلارنى كۆك سانغۇن ئەپەندى دىگەندەك ئاتا- ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنداقلارنىڭ زور كۆپچىلىگىنىڭ قايتا ئوقۇغىنىنىڭ ئۈنۈمى دىگەندەك چوڭ بولمايدۇ.

tawpek 2011-12-09 11:52
ئاتا -ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بىرىش=====مەكتەپتىن ھەيدىۋىتىش GFju:8P?  
                                                                                                                  مۇ؟

تۆتتاش 2011-12-09 13:02
يىقىلغان ھامان قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك،سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى تۈرلۈك بېسىملارنى يەڭگىلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تېپىڭ.ئۇ بولسىمۇ پىسخىلىك تەربىيە

نۇرسىمانگۇل 2013-04-06 19:36
ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىش،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش لازىم.

tawpek 2013-04-06 22:31
يەنىلا تولوقسىزدا بىچارىكەنمىز. fFYoZ/\  
%n GjP^  
باشلانغۇچ  ۋە تولوقلاردا ھەيدەيمىز، سىنىپ قالدۇرىمىز دەپ قورقۇتىدىكەن.

چېچەك 2013-09-14 21:49
مېنىڭچە،ئۇلارنىڭ قايتا ئوقۇغىنىنى يۈزىگە سالماسلىق،دائىم ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇش،ئۇلارنى ھەقىقى تەسىرلەندۈرۈش،ئۆزىگە ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىش كېرەك.

مىېھرىما 2014-01-03 22:14
قايتا ئوقۇش ئىستىگى پەيدا بولۇش ياخشى ئىش، بىز قوللاپ بەرمىسەك قانداق بولدۇ؟

ھاتەھاتەم 2014-04-14 12:02
قايتا ئوقۇشنىڭ ئۆزى قايتىدىن باشلاش بولىدى.قايتىدىن باشلاشنىڭ ئۆزى ئۈمۈدۋارلىقنىڭ ئىپادلىنىشى بولىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىغا مىھرىبانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ.


查看完整版本: [-- خامۇش بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا.... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled