تەۋپىقنىڭ يىللىق مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرۇشى (1)
تەۋپىق مۇنبىرى تولۇق ئوتتۇرا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئەزالارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ . پائالىيەت مەقسىدى : 1.تەۋپىق مۇنبىرى ئۈچۈن مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن ، پائالىيەتچان ، ئۈمىدۋار ،شەخسىيەتسىز ئەزالارنى ، ئىمتىھان سۇئاللىرى ، دەرس دىتالى ۋە دەرس تەييارلىقىلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئەزا ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش 2. تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ بىر يىللىق خىزمەت ئەھۋالىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىش . باھالاش ۋاقتى : 12-ئاينىڭ 30 - كۈنى باھالاشتا ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار : 1.نادىرلانغان يازمىسى كۆپ بولغان ، يوللىغان دەرس دىتاللىرى جەلب قىلارلىق ، تەسىرلىك ، كۆرسەتمىلىك ۋە ئۇچۇرلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان . 2.تولۇق ئوتتۇرا تىل - ئەدەبىيات زۆرۈر ۋە تاللانما دەرسلىكىگە ئىمتىھان سۇئالى لايىھىلىگەن 3.دەرس لايىھىسى نادىرلانغان ، ياخشى ئىنكاسلارغا ئىرىشكەن ئوقۇتقۇچىلار . مۇكاپات تۈرى :ئالاھىدە دەرىجە، 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنىدۇ . 3-دەرىجىلىك مۇكاپات : تولۇق 1-يىللىقلارنىڭ دەرس دىتاللىرى توپلىمى بىر نۇسخا . 2-دەرىجىلىك مۇكاپات : تولۇق 1-يىللىق ، 2-يىللىقلارنىڭ دەرس دىتاللىرى توپلىمى بىر نۇسخا 1-دەرىجىلىك مۇكاپات : تولۇق 1-يىللىق ، 2-يىللىق،3- يىللىقلارنىڭ دەرس دىتاللىرى توپلىمى بىر نۇسخا ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپات : تولۇق 1-يىللىق ، 2-يىللىق،3- يىللىقلارنىڭ دەرس دىتاللىرى توپلىمى بىر نۇسخا ، تولۇق ئوتتۇرا تىل ئەدەبىيات دەرس تەييارلىقلىرى توپلىمىنىڭ ئېلكترۇنلۇق نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ماتېرىياللىرىنى 12-ئاينىڭ 30 -كۈنىگىچە تەۋپىق مائارىپ مۇنبىرىدە ئىلان قىلغان ، باھالانغان دىتاللار ، سۇئاللار ،دەرس تەييارلىقلىرى بولسا بولىدۇ . تەۋپىق مۇنبىرى باھالاش ئۇيۇشمىسى قورۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن باھالاپ ، نەتىجىسىنى 1-ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە ئىلان قىلىدۇ . كەڭ تولۇق ئوتتۇرا تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز . ھۆرمەت بىلەن : تەۋپىق مۇنبىرى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى |