查看完整版本: [-- 2. دېڭىز سەپىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> 2. دېڭىز سەپىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

turpan101 2011-11-29 18:20

2. دېڭىز سەپىرى

  P3v4!tR  
 / #zs  
2. دېڭىز سەپىرى jwSPLq%  
تۇرگېنېف Y(gai?  
1. تۇرگېنېفنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى 4vV\vXT*  
تۇرگېنېف (1818-1883) روسىيە يازغۇچىسى، دراماتورگى ۋە شائىرى. ئاقسۆڭەك ئىلىسىدىن كېلىپ چىققان. «ئوۋچى خاتىرىلىرى»،«رودىن»، «ئانىلار ۋە بالىلار»،«ئاقسۆڭەك ئائىلىسى»،«ھارپا»قاتارلىق ئەسەرلىرى   بار.تۈرگېنېفنىڭ يەنە بىر قىسىم درامىلىرى ۋە 82 پارچە نەسىرىي شېئىرى بار. 1883 -يىلى سېنتەبىردە پارىژدا ئالەمدىن ئۆتكەن.  1fC)&4W  
a)I>Ns)  
bz.sWBugR  
p{+F{e  
بۇ نەسىردە «مەن»نىڭ غېرىپسىنىش ھېسسىياتى، تەنھالىق تۇيغۇسى ھەمدە كۆڭۈل غەشلىكى بىلەن تولغان بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرى يېزىلغان. ئاپتور نەسىردە ئىخچام، ئوبرازلىق، شېئىرىي پۇرىقى تولىمۇ كۈچلۈك بولغان بەدىئىي تىل ئارقىلىق ھېس-تۇيغۇنى موھىت-مەنزىرىگە سڭدۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوبرازلىق كۆرۈنۈش، كارتىنىلارنىڭ ياردىمىدە «مەن»نىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىنتايىن يارقىن نامايەن قىلىپ بەرگەن. X"7x_ yOZ  
#qv!1$}2  
مەشىق ھەققىدە *X^ C+F  
  EAy@kzY?  
1. تېكىستتىكى «مەن» بىرىنچى قېتىم مايمۇن قول بەرگەندە، ئۇنىڭغا قانداق ھېسسىياتتا بولدى؟ :jC$$oC].  
r$Ni>[as  
تېكىستنىڭ بېشىدىلا مايمۇننىڭ بىر قاتار ئىش - ھەرىكەتلىرى يېزىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «مەن» بىلەن مايمۇننىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بايانلارمۇ بار. ئۇزۇن زەنجىر بىلەن پاراخوتنىڭ پالۇباسىدىكى بىر ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇلغان، تىنىم تاپماي ئۇيان - بۇيان قاتىراپ ئېچىنىشلىق چىرقىرىۋاتقان مايمۇن «مەن» ئۇنىڭ يېنىدىن ھەر بىر ئۆتكىنىدە ھەم قارا، ھەم سوغۇق كىچىك قوللىرىنى ئۇنىڭغا سۇزىدۇ، غەمكىنلىك چىقىپ تۇرغان كىچىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلىدۇ. «مەن» مايمۇننىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە جاۋابەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مايمۇن چىقىراشتىن ۋە قاتراشتىن توختايدۇ. بۇ بىرىن قېتىم مايمۇن قول بەرگەندە «مەن» مايمۇنغا ئىچ ئاغرىتىش، ئۇنىڭ بۇ خىل تەقدىر - قىسمىتىگە ھېسداشلىق قىلىش، بۇنداق بىچارىلارچە ھالىتىگە ئېچىنىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. قىسقىسى، «مەن» پەقەت مايمۇنغا ئىچ ئاغرىتىدۇ، ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ئېچىنىدۇ، ئەمما ئۇنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ. yr?X.Np  
p 
  @"wX#ot  
^bfU>02Q6p  
2. ئىككىنچى قېتىم مايمۇن قول بەرگەندە، «مەن» باشقىچە ھېسسىياتتا بولىدۇ. بۇ يەردىكى «باشقىچە ھېسسىيات» قانداق ھېسسىيات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ _~*j=XRs  
H9(UzyN>i  
ئىككىنچى قېتىم مايمۇن قول بەرگەندە، «مەن» باشقىچە ھېسسىياتتا بولىدۇ. «مەن»نىڭ بۇ قېتىمقى ھېسسىياتى بىرىنچى قېتىم مايمۇن ئۆزىگە قول بەرگەن چاغدىكى ھېسسىياتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ مايمۇننىڭ يېنىغا ئۆزى كېلىپ ئولتۇرىدۇ، مايمۇن بىلەن ئۆزىنى ىر قۇرساق قېرىنداشلاردەك ھېس قىلىدۇ، «ھەر ئىككىمىز بىر ئانىنىڭ باللىلىرى ئىدۇق» دەپ ئويلايدۇ، مايمۇن خۇددى يېقىن تۇغقىنىغا ئوخشاش ئۆزىگە يېپىشقانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ. دېمەك، ئىككىنچى قېتىم مايمۇن قول بەرگەندە «مەن»دە پەيدا بولغان ھېسسىيات مايمۇن بىلەن بولغان دوتانە مۇناسىۋەتتىن تۇغۇلغان مەمنۇنلۇق ھېسسىياتى، ئاشۇ مايمۇننىڭ سەۋەبىدىن غېرىپسىنىش، مىسكىنلىك ۋە تەنھالىق تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلۇشتىن ھاسىل بولغان خۇشاللىق ھېسسىياتى. jbUg?4k!  
XB B>"  
3. تېكىستتىكى «مەن» بىلەن مايمۇننىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار قايسىلار؟ Gm\)1b  
"5'eiYm s  
«مەن» بىلەن مايمۇننىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىش مۇمكىن: }2:q#}"  
(I(U23A~  
بىرىنچى، «مەن»نى چىرمىۋالغان غېرىپلىق، مىسكىنلىك ۋە تەنھالىق تۇيغۇسى. «مەن» بۇ خىل تۇيغۇلاردىن قۇتۇلۇشنى ئىستەيدۇ. كېمە باشلىقى بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى غېرىپسىنىش، تەنھالىق تۇيغۇلىرىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى يوققا چىققاندىن «مەن» ئاخىر مايمۇننىڭ قېشىغا بېرىشقا مەجبور بولىدۇ. cfRUVe  
b?VByJl  
ئىككىنچى مايمۇننىڭ تەشەببۇسكارلىقى. باشتىلا يار-يۆلەكسىز، باشباناھسىز قالغان مايمۇن «مەن» ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىدە، «مەن»گە قولىنى ئۇزىتىدۇ. «مەن» ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ قويسا، چىرقىراشتىن، قاتراشتىن توختايدۇ. مايمۇننىڭ بۇ خىلدىكى ئىلتىجالىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئادەمخمارلىقى «مەن»نى مايمۇنغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. qn{4AWmJ  
j 9GKz1  
ئۈچىنچى، كېمە باشلىقىنىڭ بىپەرۋالىقى. «مەن» كېمە باشلىقى بىلەن پاراڭلىشىش ئىستىكىدە  بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىپەرۋا مۇئامىلىسى ۋە «مەن»نىڭ سوئالىغا ۋايساش بىلەن جاۋاب بېرىشى «مەن»نى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە «مەن» ئۈمىدىنى مايمۇنغا باغلايدۇ. ئادەمنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى بىلەن مايمۇننىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى «مەن»نىڭ ئېڭىدا سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ-دە، ئۇنىڭ مايمۇنغا بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ y4aT-^C'  
+2}Ar 
. E[=&6T4  
6 OvH"/X4  
4. سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا نېمىلەرنى ئويلاندىڭىز؟ .x/H2r'1  
3-n&&<  
ئادەم بىلەن ئادەم ئۆزئارا چۈشىنىشكە، دوستانە مۇناسىۋەتكە ۋە قىزغىن مۇئامىلىگە مۇختاج. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇئامىلە، پەرۋاسىزلىق كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، غېرىپلىق، تەنھالىق تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. بۇ ھال كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر مۇھەببەتنىڭ يوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئۆزئارا دوستانە، مېھرىبان، ئىللىق چىراي، خۇش مۇئامىلىك بولۇشقا چاقىرىش كېرەك. CDW| cr{  
hp}rCy|01  
ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئېيتقاندا، تەبىئەت ئىسانلارنىڭ ئانىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ مول نېمەتلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈل مەۋجۇداتلار بىلەن ئىنسانلار ئوخشاشلا تەبىئەت ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى. شۇڭا ئىسانلار بىلەن مەۋجۇداتلار قېرىنداشلاردۇر. ئىنسانلار تەبىئەت بىلەنمۇ، ئۇ مەۋجۇدات بىلەنمۇ دۈشمەنلەشمەسلىكى، بەلكى دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك. ^YfAsBs&  
Ae2Y\sAV  
   
/BF7N3  
دەرستىن كېيىنكى خاتىرە: _+}hId  
\S~ 
  dPgA~~  
\(5Bi3PA}  

tolunay 2011-11-29 22:00
بۇ تولىمۇ ياخشى دەرس بايلىقى ئىكەن ، سۇئاللار لايىھىلىنىپ ئۇنىڭغا پايدىلىنىش جاۋابى بېرىلىپتۇ . تەھلىللەر تولىمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ ...

ماھى 2011-11-30 00:51
مۇنبەرگە كىرىپلا سۇنغان سوغىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل دەرس بايلىقلىرى #P1 ;*m  
بىلەن تەمىن ئەتكەيسىز. MpJx>0j/J  
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!

ozqan 2011-11-30 10:59
  قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ، يوللانمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن . . .

ehbala 2011-11-30 13:49
谢谢您的辛苦!

bahar 2011-12-03 22:51
يەنىمۇ يوللاپ تۇرايسىز بىز ئۈچۈن

tawpek 2011-12-04 20:44
بۇ دەرىسنىڭ بىلىم نوختىللىرىنى ئەتراپلىق يەتكۈزۈپسىز،  تۇرگىنىفنىڭ تولوقسىز ئەدەبىياتىدىمۇ ئەسىرى بارغۇ دەيمەن.

مىېھرىما 2014-01-19 22:06
رەھمەت ياخشى تىمىكەن.

ياسىنجان510 2014-01-19 22:21
ياخشى  تۈزۈلگەن سائەتلىك دەرس پىلانى ئىكەن.

گۈلنىھال 2014-01-20 10:32
بۇ دەرس مەزمۇنىدىن ، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ  يۈكسەك ئورۇندا تۇردىغانلىقى ، مۇھەببەت بىلەن دۇنيانىڭ گۈزەللىكى  ئېنىق ئىپادىلىنىپتۇ ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت .


查看完整版本: [-- 2. دېڭىز سەپىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled