attila |
2011-11-25 13:51 |
تەبىئىي پەندىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى (ئاتتىلا)
تەبىئىي پەندىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى (مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ) +lw*/\7 k1Sr7| 1. ئەل فارابى a`8svo;VUO ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ئەبۇ ناسىر مۇھەممەد ئىبىن ئۇزلۇق ئىبىن تارخان ئەل فارابى 870-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فاراب شەھىرىگە قاراشلىق ۋاسىچ ھەربى قەلئەسىدە بىر ھەربى قوماندان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 950-يىلى سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆز ھاياتىدا پەلسەپە، لوگىكا، گېئومېتېرىيە، ئاستىرونومىيە، فىزىكا، خىمىيە، تەبىئەت، سىياسەت، ئىجتىمائىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، فىلولوگىيە، ھەربى ئىشلار، دىن، تەسەۋۋۇپ، ئىلاھىيەتشۇناسلىق، كاتىباتلىق، نۇتۇق، تىل، تىلشۇناسلىق، شېئېرىيەت، مۇزىكا، ئەخلاق، مېتودىكا، پەنلەرنى تۈرلەرگە ئايرىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 160پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ، ئىنسانىيەت مەنىۋىي كامالىتى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە قوشقان. فارابى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى بۈيۈك نامايەندە بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈنمۇ بىر يورۇق يۇلتۇز. شۇڭا ئۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ، ئارىستوتىلدىن كېيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ تەرىپلەنگەنھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئېنگېلىز، نېمىس، فىرانسۇز، رۇس، لاتىن، تۈرك، ياپون قاتارلىق كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. تەلىماتلىرى ئوتتورا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي ، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن. فارابى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئەينى چاغدىكى سۈرىيە ھۆكۈمرانى سەيفەددەۋلە ئۆزى بىۋاستە ئوقۇغان. Y(h(Z >W^)1E,Qh 2. مەھمۇت قەشقەرى Dj x[3[' مەھمۇت قەشقەرى ( 1008- 1105 ) AJ)N?s-= بۈيۈك ئالىم ، تىلشۇناس . شاھانە ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ مۇئەللىپى . ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت ، قەشقەردە مەدرىسە ئېچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان . ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم . 0<42\ya "In$|A\?E 3. تەجەللى >(eR0.x تەجەللى (1850 ~ 1930) ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋرنى ، يەنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەززەت قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان . تەجەللى يېتىلگەن شائىر ۋە تېۋىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان . ئۇ كۆپ تىللىق شائىر بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس ، پارس ، ئەرەب ھىندى تىللىرىدىمۇ شېئىر يېزىپ پۈتكۈل ئوتتورا ئاسىياغا تونۇلغان . 0m'tPFQ| 4. ئەلائىددىن خوتەنى f}{Oj-:"CC ئەلائىددىن خوتەنى (1150-1222 ) قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تېببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان تەېببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى ئۆز دەۋرىدە نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە قەدەر تارقالغان شەخس بولۇپ ، ناھايىتى كۆپ تېببىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان . ئۇ موڭغۇل خانى كۈچلۈك تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلمەكتە . H?)?(t7@ cT3 s{k 5. غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى bb"x^DtT غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى ( 1916 – 1994) پۈتۈن ئۆمرىدە ئەللىك يىلدىن ئاتۇق ۋاقىتنى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى راك قاتارلىق قىيىن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپ ئىزدىنىپ ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ تىرشىچانلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇدۇم بولۇپ قالغۇسى . t$5)6zG | |