查看完整版本: [-- «تەۋپىق»روھى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ(ئارتۇچ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> «تەۋپىق»روھى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ(ئارتۇچ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2011-11-22 13:39

«تەۋپىق»روھى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ(ئارتۇچ)

«تەۋپىق»روھى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
 
(چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىلكىدە مەمتىلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىغا بىغشلايمەن)
 
قاپقارا تۈتەكلەر قاپلىغان،ئەسىر قوڭغۇرىقى ئەمدىلا چېلىنغان 20-ئەسىرنىڭ بىشىدا ئۇلۇغ يەر ئانا ئىش–ئىزى پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنى لەرزىگە سالغان ئىككى نۇرانە روھ ئىگىسىنى بۇ خىسلەتلىك زىمىنغا ئاپىرىدە قىلدى.بۇ يىتۈك زاتلىرىمىزنىڭ بىرى يارقىن مەرىپەتچى،تەرەققىياتپەرۋەر،ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئەدەبى مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەقىياتىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىنقىلابى شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ مىللى روھىغا يۇغۇرۇلغان ئوتلۇق مەرىپەت روھى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن يىڭىچە مائارىپچىلىق ھەركىتىنى قوزغىغان،گەرچە باشلىغان يىڭى ھەركىتىنىڭ دائىرىسى تار،ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ مول مەزمۇنى،چاققان قۇرلىشى، ئۆتكۈر روھى بىلەن خۇددى تۈن قاراڭغۇلىقىنى يېرىپ ئۆتكەن يۇرۇق يۇلتۇزدەك مەھكۇملۇق ۋە قاراڭغۇلۇقتا قالغان ئۇيغۇرلار جەمىئيىتىنى ئويغىنىشقا يىتەكلىگەن،باشلامچى روھى بىلەن ئىلىم يۇرۇقلۇقى تارقىتىپ،چاڭقىغان نىمجانلارغا شىپالىق،زىدىلەنگەن قەلىبلەرگە نىجاتلىق مەلھىمى ئاتا قىلغان ئوت يۈرەك تەشكىلاتچىمىز،مەشھۇر خەلىقپەرۋەر مەرىپەت ئاتىسى مەمتىلى ئەپەندى توختاجى ئوغلى(تەۋپىق)دۇر.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،مەمتىلى ئەپەندىگە ئوخشاش بۈيۈك كىشىلىرىمىزنى ئەسلەپ،يات ئىتىپ تۇرىشىمىز ۋە ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرلىشىمىز ئۇلارنىڭ ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن،ئۆز قۇۋۇم-قىرىنداشلىرى ئۈچۈن تۆككەن ئەجىرىگە ۋە ئەۋلاتلارغا بولغان ئىخلاسى ۋە سۆيگۈسىگە قايتۇرغان چىن ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزدۇر. ئەجداتلارنىڭ ئەجىرى ئەۋلاتلار ئۈچۈن غۇرۇرغا ئايلانغاندا،بۇ ھۆرمەت تىخىمۇ كۈۋەجەيدۇ.شۇ ئارقىلىق ئۇلار ياراتقان تارىخقا يىڭى-يىڭى مەزمۇنلار قوشۇلۇپ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا پىكىر ۋە ھىسىيات كۆۋرىكى قۇرىلىدۇ.

ھەممىمىزگە رۇشەن ،ئاتۇش – زىمىنى تار بولسىمۇ تۇپىرىقى مۇنبەت، مائارىپ بالدۇر كۆز ئاچقان قەدىمى يۇرتلارنىڭ بىرى.مائارىپ بالدۇر ئويغانغانلىقى ئۈچۈنمىكىن بۇ ئەزىز تۇپراق تالاي شىرمەت پالۋانلارنى،كۆپلىگەن ئەزىزلەرنى ئەللەيلەپ يىتىشتۈردى.ئۆسۈپ يىتىلىگەن سان- ساناقسىز مەرىپەتچىل زاتلار، ئۆلىمالار، مائارىپ ساخاۋەت ساھىبلىرى ۋە ئىز باسار زىيالىلار سودا پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ جاھاننىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تارقىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يەھۇدىسى بولغان بۇ يۇرت كىشىلىرىنىڭ ئىسىل روھىنى داۋاملاشتۇرپ ئەجداتلار باسقان شانلىق ئىزلارنىڭ كۆمۈلۈپ قالماسلىقى،مائارىپىمىزنىڭ ئالغا سىلجىشى ئۈچۈن بارىنى ئەلدىن ئايىماي ۋۇجۇدىدىكىنى ئەلگە سەرىپ قىلىپ كەلدى.پىقىرنىڭ بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغىنىم ئەشۇ ئۇلۇقلىرىمىز ياققان مەشئەلنىڭ دەستىسىنى ئۆتكۈزۈپ ئالغۇچى ئىزچىلارنىڭ ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە مىللي مائارىپ ئۈچۈن قازىنىلغان ئۇتۇقلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئىز بىسىپ ئاچقان يىڭى سەھىپىللىرىدۇر.مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىر ئىز باسارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاتۇش ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ئىز بىسىپ ئىچىلغان تارىخى ئىزلار ھەققىدە ئاز-تولا ئىزدىنىش قىلالىغىنىمدەك ، تۇرپاندىكى ماڭا ئوخشاش ئىز باسار قەلەم ساھىبلىرىنىڭمۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110يىللىقغا بىغىشلاپ يازغان ئىزدەنمىلىرىنى خەلقىمىزگە سۇنىدىغانلىقىغا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىزنى ئويغاتقۇچى بۇ ئىككى ئۇلۇغ زات  ھەققىدە سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىشىغا  ئىشەنچىم كامىل.

    2004-،2005-يىللىرى ئاتۇشنىڭ ۋەزىيىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن جىددىلىشىپ كەتتى.چۈنكى مەركەزنىڭ ئىخساسلىقلارنى بىر تۇتاش ئىشقا قۇيۇشنى (خىزمەتكە تەڭ تەخسىم قىلىشنى) ئەمەلدىن قالدۇرۇش چاقىرىقى يىتىپ كەلگىنىگە بىر قانچە يىل بولغاچقا،مائارىپ سۆيەر بۇ يۇرتتىكى سىتودىنتلارنىڭ جەمىيەتكە يۈزلەنگەنلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ قالدى.شۇ چاغدىكى سان بىر تۈمەنگە يىقىنلايتى.يەرلىكلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بىشىنىڭ ئىچىمۇ،تىشىمۇ زىڭىلداپ تۇرغان، قىسمەن ئەمەلدارچاقلار ھوقۇقىدىن پاپدىلىنىپ يىقىنلىرىنىڭ باش قىتىنچىلىقىنى ئاسايىشلاپ قۇيۇۋاتقان بىزارلىق ھالەت ھۆكۈم سۈرگەنىدى.بۇ ھال پەقەت 2006-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى پۈتكۈل شىنجاڭغا يۈزلىنىپ مەركەزنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە زاپاس ئالاھىدە شىتات ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش پىلانىغا ئاساسەن يولغا قويغان ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئىمتىھاندىن كىيىنلا خىلى بېسىقتى.2006-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن 1100 نەپەر ئوقۇتقۇچى تولۇقلاشىنى پىلان قىلغان بولۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتكىنى 817نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتۇشتىن ئۆتكىنى 151 نەپەر (ئاتۇشتا قالغىنى64 نەپەر،باشقا جايدا ئىشلەشنى تاللىغىنى 87 نەپەر)،2007 –يىلى  1545نەپەر ئوقۇتقۇچى تولۇقلاشنى پىلانلىغان بولۇپ ئىمتىھاندىن 934 كىشى ئۆتتى،بۇنىڭ ئىچىدە ئاتۇشتىن ئۆتكىنى236 نەپەر(سىرىتتا ئىشلەيدىغىنى 140 نەپەر) بۇ سان ئۇنىڭدىن كىينكى يىللاردا يەنە ھەسسىلەپ ئاشتى.ئاتۇشتىن ئىبارەت بۇ زىمىندا خىزمەت ئورنىنىڭ چاپ-چاپ بولىشىنى يەنىلا ئاساسلىقى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ بولىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.چۈنكى، ئاتۇشنىڭ بىر كىچىك كەنتى بولغان«تىجەن كەنتىدىلا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن600نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلار كەنىت ئاھالىسىنىڭ تۆتتىن بىرنى ئىگەللەيدۇ.يىلدا تەخمىنەن 25 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالى مەكتەپكە بارىدۇ»① گەرچە بۇ 1991- يىلدىكى ئىنىقلىما بولسىمۇ ئۇندىن كيىنكى ۋە باشقا كەنىتلەردىكى ئەھۋاللارنى بۇنىڭدىن كەم دىگىلى بولمايدۇ. بەرھەقكى، قايسى ئورۇندا ئىختىساسلىقلار ،ئوقۇغان كىشلەر كۆپ بولسا شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتى كەسكىنلىشىپ كىتىدۇ.ئەمما قەشقەر ،خوتەنلەردە ئۇنداق بولمىدى،بۇ يەرنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان تەلەپ ئىھتىياجىنىڭ زىيادە بولىشى ئاتۇشىنىڭ ئۇقۇتقۇچىغا تۇيۇنما ھالىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىشىپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلۈك ئىھتىياجى قامدالدى.مۇشۇ زور ئىھتىياجنىڭ روياپقا چىقىشىغا 2003-يىلى يول ئېچىلىپ ،تۇنجى قەدەمدە قەشقەر ۋىلايىتى ئۆز ئالدىغا ئۇقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتىھانى ئورۇنلاشتۇرۇرۇپ باشلامچى بولدى.گەرچە بۇ ئىمتىھانغا ۋىلايەت نوپۇسىدىكىلەرلا قاتنىشالايدىغان بولسىمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى ئاتۇشلۇق سىتودىنتلار (مەكتەپتىكى %30 ئوقۇغۇچى ئاتۇشتىن ئىدى) پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئىمتھاندىن ئۆتتى. نۇپۇسىنى قەشقەردىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭكىگە يۆتكەپ ئىمتىھاندىن ئۆتكىچىلەرمۇ بولىدى.2008–يىلغا كەلگەندە قەشقەر ۋىلايىتى نۇپۇس چەكلىمىسىنى بۇزۇپ بۇ ئىمتىھاننى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈردى.ئاتۇشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئاقتۇ ناھيىسىگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇلۇقلانغان ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن سەل پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ يەنە بۇ ئىمتاھاندىن 200دىن ئارتۇق ئاتۇش سىتودىنتلىرى ئۆتۈپ قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىگە يۈرۈپ كەتتى.2003-يىلدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىمۇ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى مەنبەسىنى تولۇقلىغان ، خۇشاللىنارلىقى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نۇپۇسىغا چەك قويۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاتۇش رايۇنىدىن بارغان ئوقۇتقۇچى 1400 نەپەردىن ئاشقان. 2008–يىلىدىلا ئىمتىھان ئارقىلىق خوتەنگە ئورۇنلاشقان ئاتۇشلۇق ئوقۇتقۇچى 570 نەپەرگە (بۇنىڭ 500 نەپىرى ئۈستىنئاتۇش يىزىسىدىن)يەتكەن.ئاقسۇ ۋىلايىتى 2003-يىلدىن باشلاپ جاي-جايلاردا ئىلىپ بىرىلغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇچىرىشىش بازىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتقۇچى تولۇقلىغان بولۇپ ۋىلايەتنىڭ مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىمچە يەرلىكىنىڭ بۇ خىل ئۇچىراشتۇرۇش يىغىنلىرىدىن قوبۇل قىلىنىپ شەھەر رايۇنىدىلا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئاتۇشلۇقلار 100نەپەرگە يىقىن ئىكەن.ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارسىىنىڭ دەلىلىشىچە، 2003-يىلدىن كىيىن ئوقۇتقۇچى بولۇپ مەزكۇر ئىدارىدىن ئارخىۋىنى باشقا جايغا يۆتكەپ كەتكەنلەر 5000غا يىتىدىكەن.دىمەك،ئاتۇش مائارىپچىلىرىنىڭ سىرىتتا مائارىپچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى 2003-يىلدىن كىيىن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ساننى كۆرسەتتى.

پەقەت2003-يىلىدىن كىيىنلا ئەمەس ئۇنىڭدىن مۇقەددەم يىقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىنمۇ ئاتۇشتىن ئىبارەت بۇ مەرىپەت ئوچىقىدىن يۇرت-يۇرتلاردىكى مەرىپەت مەشئەللىرىگە ئوت تۇتاشتۇرغان مائارىپ ئىز باسارلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.2004- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان«ئاتۇش مائارىپچىلىرى»ناملىق كىتاپقا نەزەر سالساق مەرىپەت يۇرتىدىن سۈت ئەمگەن نۇرغۇن ئىزچىلارنىڭ يىراقلاردا مەرىپەت نۇرىنى تارقىتىۋاتقان ئىش-ئىزلىرىنى بايقىۋاللايمىز.بۇنىڭ ئۈچۈن1949-يىلدىن كىيىنىكى تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاشقا توغرا كىلىدۇ.گىپىمىزنى دەلىللەشتە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزنى بىسىپ باشقا يۇرتلارغا بارغان ئاتۇشلۇقلار ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىگە  بىرىپ ئىشلىگەنلەر بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھيىسى بولغان يۇپۇرغا مائارىپىغا بىسىلغان تارىخى ئىزلارنى ئەسلەپ ئۆتىمىز.بىر تامچە سۇدىمۇ ئەكىسىمىزنى كۆرگىلى بولغىنىدەك، گەرچە مىسال ئالغان يۇپۇرغا مائارىپىدىكى ئىزلار مەمتىلى ئەپەندى مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن قالدۇرغان ئىزلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇپ بىسىلىشىنى مۇپەسسەل سۆرەتلەپ بىرەلمىسمۇ ئەمما كەمىنە بۇنىڭ مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزنى بىسىپ جاي-جايلاردىكى مەرىپەت مەشئەللىرىنى ئوت ئالدۇرغان ئاتۇش پەرزەنتلىرى ھەققدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنى،شۇنداقلا كىيىنكى تالاي تارسلارنىڭ(تارس-شېڭ سىسەي دەۋرىدىكى «ئىزچىلار»ئەتىرىتىنىڭ ئەزاسى)بۇ ئىزلارنى داۋاملاشتۇرىشىنى ئاز-تولا ئىلھاملاندۇرىدىغۇ دىگەن ئىزگۈ تىلەكتىن مۇستەسناسىز.

يۇپۇرغا ناھىيسى1943-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ كىشىلىرى ئاقكۆڭۈل،چىقىشقاق،باشقىلار بىلەن بولغان باردى-كەلدىگە ئالاھىدە ئىتبار بىرىدۇ.ئاتۇش كىشلىرى بىلەن ئوخشاشلىقى سودىغا ھەۋەس قىلىدۇ.تارىختا نۇرغۇن يۇپۇرغىلىقلار ئۆزى توقىغان خامنى(بۆز)ئاتۇشقا ئاپىرىپ ساتقان ۋە ئۇ يەردىن ئاشلىق ئىلىپ كىلىپ سودا سىتىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ شۇ يۇسۇندا بىر سودا يۇلى شەكىللەندۇرگەن.بەلكىم بۇ خىل قۇيۇق سودا ئالاقىسى نۇرغۇن ئاتۇش مائارىپچىللىرىنىڭ يۇپۇرغىدا ئىشلىشىگە تۈرۈتكە بولغان بولىشى مۈمكىن.يۇپۇرغىدا ھەر ئون ئائىلىدە بىردىن- ئىككىگىچە كىشى سىرىتتا سودا بىلەن شۇغىللىنىدىغان بولۇپ بۇ ئىككى ئۇرۇننىڭ سودا ئالاقىسى ھازىرمۇ قۇيۇقلۇقنى ساقلىماقتا.يۇپۇرغىغا تۇنجى بولۇپ ئەپەندىچىلىككە كەلگەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزباسارى غۇلام ئابدۇللا (مەشھەتتىن)بولۇپ ئۇ 30-يىللاردا ئىنىسىنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇشغا  ھەمكار تۇرۇپ كۆمۈلمەس تارىخى ئىزلارغا تەڭ ئىختىرا قىلغان مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكسى نىزامىدىننىڭ قىزى رۇقىيەنىڭ يولدىشى.




(ئالدىنىقى رەت سولدىن 1-كىشى غۇلام ئابدۇللا)
ئۇ1951-يىلى سىيەك باشلانغۇچ مەكتەپكە كىلىپ كۆپ ئۆتمەي ئىلىمى مۇدىر بولىدۇ. 1952-يىلى ئەۋزەلقۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر بولىدۇ.ئۇ بۇ جەرياندا ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ يەرلىكىنىڭ مەنىۋي تۇرمۇشىغا مەنا ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن سەنئەتچىلەرنى يىتۈشتۇرىدۇ.ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ يىزىلارغا بىرىپ ئوقۇشىنىڭ ئەڭ زۆرۇر تاللاش ئىكەنلىنى توختاۋسىز تەشۋىق قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئايالى رۇقىيە نىزامىدىن(مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جىيەن قىزى) بىر تەرەپتىن يىزىدىكى دىھقانلارغا تىخنىكا يىتەكچىسى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن چوڭ دادىسى توختاجىنىڭ ۋارىسى بولۇپ ئۇنىڭ تىۋىپلىق كەسىپىنى پۇختا ئىگەللەپ دورا ياسايدۇ،ھەم ياسىغان دورىللىرىنى دىھقانلارغا ھەقسىز بىرىدۇ.غۇلام ئابدۇللا ئۆزىنىڭ سەمەرلىك مائارىپ ھاياتىدا  قۇمساراي مەكتەپ، ساي مەكتەپ، جاي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپسىنى ئۆتەيدۇ. 1989-يىلى ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۇرۇلۇپ قايتۇرۇپ كىلىنىدۇ. ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 1985- يىلى بىسىپ تارقاتقان «شىنىجاڭنىڭ 30يىل ئىشلىگەنلەرگە بىرىلگەن شەرەپ مىدالى»غا ئۇدا ئىككى قىتىم ئىرىشىدۇ. ئۇ يەنە شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆپ قىتىم مۈنەۋەر مەكتەپ مۇدىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت يىتەكچىسى،ئىلغار تەشۋىقاتچى شەرىپى بىلەن 1996- يىلى تالاي شەرەپلەرنى قالدۇرۇپ دەمگە چىقىدۇ. ئەمما ئۇ پىنىسيەگە چىققاندىن كىيىنىمۇ بىكار يۈرمەي كىتاپچىلىق ۋە تامغا ئويۇش بىلەن شۇغۈللىنىدۇ.گەرچە بۇ تۆھپىكار ئۇستاز مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلنغاندا 3 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ئۇ ئۆسۈپ يىتىلگەن ھەسسۇلتۇنۇم ئەتىراپىدىكى قۇيۇق، ساپ مائارىپ مۇھىتى ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جىيەن قىزى بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن ئايالىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يىتۈك ئىش-ئىزلىرىنى ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز تەسىر قىلمىدى دىيىشكە ئاجىزمىز.شۇڭلاچقا ئۇنىڭ روھىدىن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ روھىغا خاس ۋە ماس بولغان بىر روھنى قىزىۋالالايمىز.1954-يىلى باقى ئابابەكرى (ئۈستىنئاتۇش)،يۈسۇپ ئابلا(تىجەندىن)، مارىيە يۈسۇپ (ئۈستىنئاتۇشتىن) قاتارلىقلار ناھيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىلىدۇ،ئۇزۇن ئۆتمەي باقى ئابابەكرى ناھيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولىدۇ،ئارقا- ئارقىدىن يەنە ئىبرايىم مىھمان (ئىشتاجىدىن)،ئابلىمىت كوجاڭ، ئىسمايىل ھاجى(ئىشتاجىدىن)، قىيۇم ئۇلۇغ(ئۈستىنئاتۇش)،تۇردى ئوسمان(ئۈستىنئاتۇش)،ئابلەت مىھمان (كاتتايايلاق) قاتارلىقلار كىلىدۇ.1957-يىلى يەرلىكتە«يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» ھەركىتى باشىلىنپ ئوقۇمۇشلۇق،قۇرسىقىدا ئاز-تۇلا ئۇمۇچى بارلار تۈرمىگە قامىلىدۇ. مەكتەپلەردە دەرىس ئۆتىدىغان بىرمۇ ئۇقۇتقۇچى قالمايدۇ.ئۇ چاغدا ئاتۇش مائارىپى قوللاشقا ئىرىشىپ خېلى ئىلگىرلىگەن بولغاچقا بۇ ھەركەتنىڭ تەسىرى بەك زور بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن پەيزىۋات، يۇپۇرغا ،يىڭسار ،يەكەن قاتارلىق جايلارغا ئوقۇتقۇچى جىددى لازىم بولۇپ ئاتۇشتا ۋە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىلىدۇ. تىخى بىلىم ئىلىش ئازۇسى ئوتتەك يېلىنجاۋاتقان كۆپلىگەن نەۋقىران ئوقۇغۇچىلار شەرەپلىك ۋەزىپە ئۈچۈن ھەرقايسى ناھىيە–شەھەرلەرگە ئاتلىنىدۇ.«1935-يىلى مەمتىلى ئەپەندى يازلىق تەتىلدە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە،بەشكېرەم ۋە قازئېرىقتا مۇئەللىم يېتىشتۈرۈش كۇرسى ئېچىپ پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە 200دىن ئارتۇق مۇئەللىمىنى مەكتەپ قۇرۇش، ئوقۇ- ئوقۇتۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش بويىنچە تەربىيلەپ، ئىلىم-مەرىپەت دولقۇنىنىڭ پۈتۈن ۋىلايەتتە قانات يېيىشغا ئاساس سالىدۇ»ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئوقۇغۇچىللىرىدىن يۇپۇرغا تېرىمدىن ئابلا قاسىم،داۋۇت ئەيسا،سادىر كەنجى قاتارلىقلار 1950- يىللارنىڭ باشلىرىدا تېرىمدا مەكتەپ ئىچىش ئىمكانىيىتى بولماي يەكەن ناھىيىسىنىڭ دۆڭباغ دېگەن يىرىدە مەكتەپ ئىچىپ يەرلىكىنىڭ دىلغا ئىلىم سالىدۇ.1953-يىللىرى ئەتىراپىدا سەيپىدىن ئەزىزى ئەسكەرلىككە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئاق ئاتقا مىنىپ تېرىمغا كىلىدۇ ۋە دوقمۇشقا پاراڭ سىلىشىپ تۇرغان ياشلارغا ئەسكەرلىككە قاتنىشىشنىڭ ھەم مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى تەشىۋىقى تەربىيە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا تۇنجى قېتىم قارتا ئويناشنى ئۈگىتىپ قويىدۇ.(3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيونىرى قۇۋانغان خانىمىنىڭ چوڭ ئانىسى ئالمىخان سەيپىدىن ئىزىزىغا ياخشىراق تاماق ئىتىپ بىرىش ئۈچۈن توخۇ ئۆلتۈرۈپ ئاتۇشنىڭ چۆپنى ئىتىپ بىرىدۇ.)تاڭ سەھەردە كەلگەن سەيپىدىن ئەزىزى كەچلىك تاماقتىن كىيىنلا قايتىشقا تەرەددۇتلىنىدۇ،قايتاشىدا يۇرت مويسىپىتلرىغا ئەۋلاتلارنى مەكتەپ ئېچىپ ساۋاتلىق قىلىشنى، دىلغا ئىلىم ئۇرۇقىنى سىلىشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى قايتا-قايتا جىكىلەيدۇ.1958-يىلى يۇپۇرغىغا كەلگەن ھاجىنسا (ئۈستىنئاتۇشتىن) خانىم (شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈندىكى «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگىرامىسىنىڭ زىيارەت ئوبىكتى)ئەينى چاغدا ئەمدىلا 16 ياشتا بولۇپ ئۆزىنىڭ سەبىلىكى بىلەن «مەن يۇپۇرغىغا باراي» دەپ ئىلتىماس قىلىدۇ.ئۇنىڭ تاغىسى ئابلىمىت ئابدۇللا (ئىكساقتىن، 1953-يىلى كەلگەن) ئازاتلىقتىن كىيىنكى يۇپۇرغا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سىرىتتىن كەلگەن تۇنجى كوجىڭى(شۇ چاغدىكى ئىدارە باشلىقى) ئىدى،شۇ چاغدىكى شارائىتنىڭ قىزلارنىڭ ئىشلىشىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى پەملىگەن تاغىسى يىڭىلا خىزمەتكە كەلگەن گۆدەك ھاجىنسانىڭ بۇ يەردە مۇئەللىمە بولىشىنى ئانچە قوللاپ كەتمەيدۇ،بىراق ئوقۇتقۇچىلىق ئۈچۈن سەبى قەلبىدىكى قىزىقىشى چاپچىپ تۇرغان ھاجىنسا ئىرادىسىنى قىلچىمۇ تەۋرەتمەي بىر نەچچە يىلدىلا كۆزگە تاشلانغان ئوقۇتۇش ماھىرىغا ئايلىنىدۇ.ئۇ شۇ چاغلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:-«ئەگەر شۇ چاغدا يۇرتۇمغا قايتىپ كەتسەم تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدىكەن،كالتە پەملىك قىلغان بولسام مىنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىلەرنى باغاشلىغان بىردىنبىر روھى ئوزۇقۇم ــ ئوقۇغۇچىلىرىم بولمىغان بولاتتى.» 1960- يىلى يەنە ئىلى ئىسلام (سۇنتاغدىن) تېرىم ئوتتۇرىغا كىلىدۇ،ئۇ مەكتەپكە كىرگەندە مەكتەپ قۇرلىشىغا ئەمدىلا ئۇل سىلىنىۋاتقان بولۇپ ئۇ شۇ يەردىلا يەڭ تۈرۈپ قۇرلۇشقا چۈشىدۇ.بىر قىتىملىق تاسادىبى دەرس ئاڭلاشتا ئۇ ئۆتكەن دەرس ناھيىە رەھبەرلىرىگە ياراپ ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنى ئۇنى ئوقۇتقۇچىلارغا دەرىس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. كىيىن ئۇنىڭ دەرىسى ۋىلايەت بۇيىنچە 1-دەرىجىلىك باھالىنىپ يىللاردىن بىرى دەرىس باھالاشتا ئارقىدا سانىلىۋاتقان تېرىم ئوتتۇرا شۇ يىلى (1960-يىل) ئالدىنقى قاتارغا كىرىدۇ. شۇندىن بۇيان ئۇ كۆپ يىل ئىلمى مۇدىر بولىدۇ،  1960-يىلى خەيرۇللا باقى(ئۈستىنئاتۇش)،1961-يىلى مەمەت ئىسرايىل (ئۈستىنئاتۇش) قاتارلىقلار كىلىدۇ.مەمەت ئىسرايىل 17يىل تېرىم ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ.شىنجاڭدا تۇنجى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى يولغا قۇيۇلغاندا يۇپۇرغىدىن بەش نەپەر ئوقۇغۇچى تۇنجى بولۇپ شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ،ئۇنىڭ تۆت نەپىرى تېرىملىق ئوقۇغۇچى ئىدى.مەمەت ئىسرايىل ئەپەندى ماڭا«بىز كۈنىلىكى بالىلارنىڭ ئالدىغا ئىشەك ھارۋسى بىلەن باراتتۇق،بارمىساق ئاتا-ئانىلار باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيتى» دەپ شۇ چاغلارنى ئەسلەپ بەردى.1966-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنىقىلابى پارتىلاپ ئاتۇشتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار چەتكە قىقىلىپ يەكلىنىدۇ ھەمدە يىراق يىزىلارغا ئەۋەتىۋىتىلىدۇ.بەزىلىرى ئاتۇشقا قايتۇرىلىدۇ.ئىنقىلاپتىن كىيىن بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئاتۇشقا قايتىپ كىتىدۇ.89-يىلى قىسمەن ئاتۇشلۇق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى ئەسىلىگە كەلتۇرىلىدۇ. غۇپۇر ئابدۇللا، ئىلى ئىسلام قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇپۇرغىدا ئىشلەش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغاچقا يەنە قايتۇرۇپ كىلىنىدۇ. ھاجىنسا خانىمىنىڭ خاتىرلىشىچە 1951- يىلدىن 1976-يىلغىچە 57 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئاتۇشتىن بىرىپ يۇپۇرغىدا مائارىپچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 31 كىشى بىرىپ مەمۇرىيى خىزمەت ئىشلەيدۇ.بۇ مائارىپچىلار ئىچىدە غۇلام ئابدۇللا مۇدىر، ئىبىرايىم مىھمان ، ئابلىمىت كوجاڭ، باقى ئابابەكرى مۇدىر،ھاجىنسا خانىم قاتارلىقلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسى نۇرانە، مائارىپىمىز ئۈچۈن باسقان ئىزى بىر قەدەر تۆھپىلىك بولىدۇ. دىمەك، شۇ يىللاردا 57 نەپەر ئاتۇش ئىزچىلىرى يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىللە يەڭ تۈرۈپ يۇپۇرغا مائارىپىغا جان پىدالايدۇ ۋە ئاساس سالىدۇ.ئىلگىرى مەمتىلى ئەپەندى مائارىپچىلىق ھەركتىنى قوزغىغاندا شۇ دەۋىردىكى مۇتەسسىپ غۇجا-ئىشانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان. مەنمۇ بىر قانچە يىللىق يىزىدىكى خىزمەت ئەمىليىتىمدىن شۇنى بىلدىمكى ئۆزگە يۇرتتا ئىشلەش ھەقىقەتەندە مۈشكۈل ئىكەن ، ئەڭ ئازاپلىقى يىزىدىكى قىسمەن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا،مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا پەقەتلا ماسلاشمايدىكەن.ئىچىنىش ئىچىدە ئويلاپ قالىمەن،ئەگەر مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلمىغان بولسا قانچىلىغان يىزا ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشسىز قالاركىن-تاڭ؟مەن يەنە كونا ئىدىيەلەرگە شۇنچە چىرمىشىپ كەتكەن ئەشۇ كىشلىرىمىزنىڭ پەقەت ئىديىسىنى ھەل قىلغاندىلا،يىزا مائارىپىنىڭ يىڭى پەلىگە چىقىدىغانلىقىنى،ئەمما ئادەمىنىڭ ئىديىسىنى ئىچىش،ئۆزگەرتىش جەريانىنىڭ ئۇنچىلىك ئوڭاي ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىدىيىسىنىڭ قاتماللىقى يەنىلا مۇشۇ رايۇندىكى مائارىپچىلار ئۈچۈن بەش قولدەك ئايان.خۇددى داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئەپەندى«قەشقەر ھىلىمۇ ئۆزىنىڭ گەپتانلىقى بىلەن مەشھۇر،ئۇنىڭ بىر پاتمان پەتىۋا،دىنى ئەقىدىلەرگە تولغان پەتىۋاچىلىقى بىلەن شىنجاڭ تارىخىدا تىگىشلىك رولىنى ئوينىيالمايلا قالماي كۆزىگە تالىپلارنىڭ تۆت-بەش يىلدا ئاران بىر كىتابنى تۈگىتىۋاتقانىلىقى ،20يىل ئوقۇپمۇ دامۇللا بولالمايۋاتقانىلىقى،خەلىقىنىڭ باشقىلارغا سىلىشتۇرغاندا تۇلىمۇ قالاقلىقى مىختەك سانجىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا شۇ پەتىۋالار بىلەن مۇسابايدەك،ئابدۇقادىر دامۇللامدەك،مەمتىلى ئەپەندىدەك ۋىجدانلىق ئەرلەرنىڭ يۇلىنى توستى»③دەپ يازغىنىدەك شۇ زاماندىن قالغان قالاق ئىدىيەلەرنىڭ ئاسارىتى ئۈزىلكىسىل يۇقالمىغاچقا قىسمەن كىشلەر تاكى ھازىرغىچە ئويغىنالمايۋاتىدۇ ياكى مائارىپنىڭ ھالقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.ماقالىمىزدە قەيىت قىلغان ھاجىنسا خانىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 50-يىللاردىكى دەۋىردە بولسۇن ،ياكى يەنە ماقالىمىز ئاخىرىدا تىلغا ئالماقچى بولغان مۇھەممەتجان ئىشلىگەن يىقىنقى يىللاردا بولسۇن بۇ يەردە ئاتا-ئانىلار باللىرىنى ئوقۇتۇشقا ھامان قىيىغلىق قىلىپ كەلدى ، بالىلىرىنى ئوقۇتماي ياكى دىھقانلار پايدا ئالمىدى ياكى بىز تەلتۈكۈس يىڭىلىيالمىدۇق.چۈنكى ئەتىگەندىن كەچكىچە كۈنى ئىتىزدىلا ئۆتىدىغان،«يەر ئادەمنى باي قىلىدۇ»دېگەن ئەقىدىگە باغلىنىش ئىدىيىسى زورىيىپ كەتكەن، بالىسىنىڭ بىر كۈن مەكتەپتە ئوقۇغىنىدىن بىر كۈن ئىتىز-ئېرىق ئىشىغا قارىشىپ بەرگىنىنى ئالامچە چوڭ بىلىدىغان دىھقانلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا بۇراش ئاسان بولماي كەلدى.مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىز باسارلىرى بۇ جايلارغا بارغاندىن كىيىن ئاتۇشىنىڭ ئىلغار مائارىپ قوبۇللاش ئىديىسىنى ۋە تەرەققىياتىنى بۇ جايلارنىڭكى بىلەن سىلىشتۇرما قىلىپ تەربىيە بىرىشنى ئاساس قىلىش بولدى.چۈنكى ئىدىيەدە ئاقىرىش، بۇرۇلۇش، پارتىلاش بولغاندىلا بۇ يەرلەرنىڭ مائارىپى يىڭى باسقۇچقا كىرەتتى.ئەلۋەتتە بۇنى بىر كۈندە ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولمايدۇ،ياشاۋاتقان شۇ شارائىتىنى ئويلىغىنىمىزدەك شارائىتقا كەلتۈرۇش ئۈچۈن يەنە يەڭ شۈمىدەكلەپ تىنىمىسىز كۈچىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ...20–ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا مىللي مەسئۇلىيەتنى يۈرىكىگە تاڭغان مەمتىلى ئەپەندى شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بىرىپ ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ دائىرسىنى كىڭەيتكەن بولسا، 2003-يىلدىن كىيىن كۆپ تۈركۈمدىكى ئىلغار، يىڭى ئىدىيىلىك ،ياش ئىز باسقۇچى مائارىپچىلار جايلاردا ئىلىم–مەرىپەت نۇرلىرىنى تىخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ تارقىتىشقا باشلىدى. ئاتا-ئانىسىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازاپىنى تارتىش، دىھقانلارنىڭ ئۆيىلىرىگە كۈندە نەچچە رەت«بالا تىلەپ»سوكىلداش ۋە دەشنام ئاڭلاش (ئاتۇشتا بۇ ئىشنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس)بىلەن تاپقان پۇلىنىڭ ماشىنا چاقىغا يۆگىلىپ قىلىشىدەك ئاۋرىيەلەر ئالدىدا پەقەت يۈكسەك مائارىپ سۆيەرلىكتىن ئىبارەت ئىزچى روھى بولمىغاندا مائارىپنىنىڭ نېنىنى يىيىشتىن ئاللبۇرۇنلا ۋاز كىچىلگەن بولاتتى.ئەلۋەتتە، «كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغاندىن،ئۆز يۇرتىدا ئۇلتان بول»غان ياخشى-دە،ئەمما قەلبى مەرىپەتتىن بالدۇرلا سۇ ئىچىپ كۆكلىگەن،باشقىلارغا يول ئىچىپ بىرىش،ياردەم بىرىش ئىدىيەسى كۈچلۈك، قىرانلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان سىتۇدىنتلار دەۋىرنىڭ تەكەللۇپسىز تەققەزاسىنى باغاشلاپ چاپچىغان جۇشقۇنلۇق بىلەن باشقا يۇرۇتلارغا بىرىپ ئۇزاق ئىشلىيەلىدى.شۇڭا بۇنى نوقۇل ھالدىلا «خىزمەتنى دەپ باردى»دەپ مۈتلەقلەشتۈرىۋەتسەك يەكتەكلىك بىلەن يەكۈنلىگەن بولىمىز. ئەلۋەتتە بۇنى 2003-يىلدىن بۇيان جاپالىق رايۇنلارغا قاتناپ ئىشلەۋاتقان 5000 نەپەرگە يىقىن ئىزچى مائارىپچى گۇۋاھلىيالايدۇ.يەنە كىلىپ شىنجاڭ تەۋەسىدە ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئىشلەۋاتقانلار ئىچىدە ئاتۇشتىكىلەرنىڭ سانى بىرقەدەر گەۋدىلىك.بولۇپمۇ2003- يىلىدىن كىيىن ھەرقايسى جايلارغا بىرىپ ئىشلىگەن ئاتۇشلۇق ئوقۇتقۇچىلار ئىلگىرىكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە بىرىپ ئىشلىگەنلەر سانىدىن نەچچە ھەسسە قاتلاندى. جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئاتۇشتىن باشقا رايۇنىدا ئېغىر دەرىجىدە ئوقۇتقۇچى كەم بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلىق ئۈچۈن تەسىس قىلنغان ئىش ئورنى ئاساسى سالماقنى ئىگەللىدى،ئەمما شۇ يەرنىڭ يەرلىك ئىمتىھانلىردىن يەرلىك سىتودىنتلار ئۆتەلمەي ئاتۇشلۇقلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئىگەللىشى يەرلىكلەرنىڭ ئىتىرازىنى قوزغىدى،ھەتتا بۇ تۇغرۇلۇق يۇقىرى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىغا ئەرىزلەرمۇ باردى،بىراق ئىمتىھانلار ئىنتايىن ئادىل ئىلىنغاچقا بىڭسى بارلار تالىنىپ،ئۆتەلمىگەنلەر پەقەتلا ئويلىشىلمىدى.مەڭگۈ تۇغرا يولنى تاللىغان بۇ ئۇلۇغ پىداكارىمىز ياققان مۇقەددەس مەرىپەت ئوتى ئۆچۈپ قالماي تاكى ئۇ تۇغۇلۇپ 110 يىل بولغانغا قەدەر لاۋۇلالداپ ئۇلغايغانلىقىنى ئۇ بالدۇر باشلاپ قالدۇرغان ئىلغار مائارىپ ئىدىيىسىنىڭ ئاتۇش ئادەملىرىنىڭ قان-قىنىغا سىڭىپ كىرىگەنلىكدىن ئايرىۋىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەرىپەتلىكلىكى بولمىغاندا باشقا جايلارغا بىرىپ ئىشلەشنى خالىمىغان بولاتتى.ئاتۇشىنىڭ ئۆزىدە ئىشلەشىنى ئارزۇ قىلىپ پۇرسەتنىڭ كەينىدىن سوكىلداۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس،ئەلۋەتتە.ئەمما ئۇلار تولىمۇ ئاز نىسپەتتە. دىمەك،ئاتۇش مائارىپچىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەممە يىرىگە تارقىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى بىر تەرەپتىن مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى نەمۇنە بولسا يەنە بىر تەرەپتىن كۈندىن- كۈنىگە ئىغىرلىشىپ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىشىنى قاتۇرىۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى پەسەيتتى.

مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەتچىلەرگە مارش ئىجات قىلغانلىقى،تەنتەربىيە شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا جەڭگىۋار مۇزىكىلارنى ئىشلىگەنلىكى، مۇتەسسىپ كۈچلەرنى كۈچلۈك مەسخىرىدە مات قىلىپ دېداكتىك ۋەز-نەسىھەتلىرى بىلەن«ئاتىلار ھەيئىتى» تەشكىللەپ مەكتەپ سالغانلىقى شۇ ئارقىلىق ئاقارتىش ھەركىتى بىلەن شۇغۇنلانغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايدىڭ تارىخ.شۇنداق دىيىشكە ھەقلىقمىزكى،بۈيۈك ئۇستاز مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تىرىشچان، مەرىپەتسۆيەر ئىز باسارلىرى، ئۇ قالدۇرغان ئىسىل تەۋپىق روھىنىڭ ۋارىسلىرى ۋە ئىجراچىلىرى بۇ ئۇلۇغ تەشكىلاتچىمىزنىڭ تارىخى ئىزلىرىنى بويلاپ ۋە زامانغا ماسلاشتۇرۇپ يېڭى دەۋىردە يىڭىچە مەرىپەت مىلودىيىسنى ياڭراتتى.بۇ بايانلىرىمىزنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە يۇپۇرغا ناھىيە تېرىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مۇھەممەتجاننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى قىستۇرما قىلىمىز:مەمتىلى ئەپەندى بۆلەنگەن مەرىپەت بۆشىكى تىجەن كەنتىدىن ئايرىلىپ 2007-يىلى خىزمەتكە چۈشكەن مۇھەممەتجان سىنىپقا كىرگەن تۇنجى كۈنى قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاخىرغىچە ئوقۇش ئازۇسىنىڭ بارلىقىنى سورىغاندا مۆلدۈرلەپ تۇرغان 40نەچچە جۈپ قارا كۆزدىن پەقەت ئىككى جۈپ سەبى تارتىنغىنىچە قولنى چىقىرىدۇ.بۇ ئەلۋەتتە شۇ سىنىپنىڭلا ئايرىم ئەھۋالى ئەمەس ئىدى.ئىشىنىڭ خەيرىلىك ئەمەسلىكىنى بايقىغان مۇھەممەتجان تەشەببۇسكار ھالدا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئۇ بىر تەرەپتىن سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەھكەم باشقۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشتە ئۆيگە قايتىمايدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ مەنىۋي چاڭقاقلىقىنى قاندۇرۇش شۇ ئارقىلىق ئوقۇش ئىدىيىسىنى ئىچىش مەخسىتىدە مەكتەپ رادىئوسنى قۇرىدۇ.ئۇ رادىئو ئارقىلىق ياخشى ئوقۇشنىڭلا كىشىنى گۈزەل ئىقبالغا باشلايدىغانلىقىنى ھەرخىل شەكىل ۋە جانلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىدۇ ھەمدە«رادىئو لوڭقىسى» قاتارلىق يەتتە خىل زىھىن سىناش تۈرىدىكى ئۈنۋىرسال پائالىيەتنى يولغا قويىدۇ.يۇقارقىدەك مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەندە،سەرخىل مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تەييارلىغاندىلا ئاندىن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتكە قىزقتۇرغىلى بولاتتى.شۇڭا ئۇ ئىخلاس شىركىتى،كانادا بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەمىئيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش بىجىرىش ئورنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكەرلىشىپ ئۇلارنىڭ مۇكاپات تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈپ تارتىنچاق،ئۆزىگە تازا ئىشەنچ قىلالمايدىغان يىزا ئوقۇغۇچىلىرىنى بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قىزىقتۇرۇپ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئىچىشقا سورۇن ھازىرلاپ بىرىدۇ.ئۇ يەنە «داۋاكۆل ئىزچىلىرى» ئىجادىيەت كۇرجىكىنى تەشكىللەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار يازغان ماقالە ئەسەرلەرنى تۇزۇتۇپ ئۈزۈلۈكسىز نەشىرىياتلارغا ئەۋەتىپ تۇرىدۇ ھەمدە «مائارىپ ئۈچۈن سوقىۋاتقان يۈرەك»،«بىلىمىسىز ياش، تام تۈۋىدىكى تاش» قاتارلىق رادىئو پروگىراممىلىرىنى ئىشلەپ ئاڭلىتىدۇ،ئۇ ئىشلىگەن پروگىراممىلارنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس يىقىن كەنىتلەردىكى دىھقانلارمۇ ياقتۇرۇپ تىڭشايدۇ.ئۇ«مەرىپەت مەشئىلى ــ مەمتىلى ئەپەندى»،«مەمتىلى ئەپەندى» قاتارلىق ھىكايە-رومانلارنى ھەركۈنى ئاز-ئازدىن ئاڭلىتىدۇ.ئۇ ھەركۈنى گىمناستىكىغا يىغىلىشتىن ئاۋال رادىئودا مەمتىلى ئەپەندى ئىجات قىلغان «مەرىپەت مارشى» ۋە بىر قانچە جەڭگىۋار مۇزىكىلارنى قۇيۇپ تۇرغاچقا ئۇقۇغۇچىلاردا بۇ مۇزىكىلار قۇيۇلغان ھامان ئۆزلىكىدىن گىمناستىكىغا يىغىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.ئۇ يىزا ئوقۇغۇچىللىرىدىكى روھى چۈشكۈنلىكىنى تۈگىتىش ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىگەنلىك كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۇش ئارقىلىق بىر كۈنىنىڭ ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر كۈنى سەھەردە «خەيرىلىك سەھەر» پروگىراممىسى ئارقىلىق جۇشقۇن ناخشا- مۇزىكىلار بىلەن ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كەلگەنلىكى قارشى ئالىدۇ.7–يىللىقلار1-قىسىم ئەدەبىيات دەرسىلىكىدىكى«سىزمۇ مۇخپىر بوللايسىز»دېگەن پائالىيەت مەزمۇنىغا ئاساسەن مەكتەپتىكى ئۆزى تەربىيەلەۋاتقان كىچىك مۇخپىرلار بىلەن مەمتىلى ئەپەندى توغرىسىدا مەخسۇس رادىئو سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرىدۇ.ھەر مەۋسۇمدا بىر نۆۋەت ھەربىر سىنىپتىن بىردىن ئەلاچى ئوقۇغۇچىنى تاللاپ قەشقەردىكى«يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى»قاتارلىق تارىخى ئىزلار بىسىلغان سەككىز ساياھەت نوقتىسىنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەيدۇ.ئۇ پۇرسەت تاپسىلا ئوقۇغۇچىلار توپلاشقان جايلاردا داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنىڭلا ئاقىۋەت ئۇلارنى بەخىتىلىك قىللايدىغانلىقنى ئەمىلي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ.ئەتىگەنلىك كەيپىياتى ئىختىيارسىز كۆتۇرۇلۇپ، مەنىۋي تۇرمۇشى جانلانغان، ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۆزىدە ئىشەنچ تۇغۇلغان يىزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىلىپ ئوقۇش قىزغىنلىقى بىردىنلا پەللەكمۇ-پەللەك ئۆرلەيدۇ.مەكتەپنىڭ داۋامى،ئۇمۇمىي كەيپىياتىدىكى زور جانلىنىشىنى كۆرگەن مائارىپ ئىدارسىدىكلەر بۇنچە قىسقا مۇددەت ئىچىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن سۆيىنىدۇ.ئۇنىڭ ئاخىرغىچە ئوقۇيدىغان ھىلىقى ئىككى ئوقۇغۇچىسىغا يەنە 21نەپەر ئوقۇغۇچى قوشىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ «داۋاكۆل ئىزچىلىرى»نامىدا 90 پارچىدىن  ئارتۇق ماقالە- ئەسىرى ئىلان قىلىنىدۇ.مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5ئاشىدۇ.ئۇ 2007-يىلى « كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگىراممىسىدا «يۇپۇرغا مەندەك كىشلەرگە مۇھتاج ، مەن يۇپۇرغا مائارىپى ئۈچۈن ھەسسەمنى قوشىمەن»دەپ ئىيتقان كۆڭۈل سۆزىدەك ئىشلىيەلىدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش تەشۋىقات، ئەدەبىيات–سەنئەت ۋە خىلمۇ-خىل تەلىم ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزىنى بىسىپ جاپالىق جايلاردا يەرلىكىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈچۈن ئۈنسىز ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان ئىزچىلارنىڭ يۇقارقىدەك ئىش-ئىزلىرىدىن يەنە بىر قانچىنى ئەمەس نەچچە ئوننى مىسال كەلتۈرىشكە بولسىمۇ ئەمما سەھىپىمىزنىڭ چەكلىكلىكىدىن داۋاملىق مىسال كەلتۈرۈشكە ئامالسىزمىز.ئەمما شۇنى ئەسكەرتىشكە بولىدۇكى،مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزىنى بىسىپ يۇرت- يۇرتلاردا ئىلغار مائارىپ ئىدىيىسىنى تارقىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش– ئىزلىرى ھەققىدە بىرەر كىتاپ پۈتۈشىمىزگە ئەزىيىدۇ،بۇ ئەلۋەتتە بىز ياشلارنىڭ زىمىمىمىزدىكى شەرەپلىك ۋەزىپە.

بۇرۇن مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇش،يەركەن،يىڭسار ،قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئىلىم مەرىپەت نۇرىنى تارقاتقان بولسا ھىلھەم ئەشۇ ئوت يۈرەك مىللى مائارىپچىمىز ياندۇرغان مەرىپەت مەشئەلىنى مۇقەددەس بىلىپ تىخىمۇ يىلىنجىتىۋاتقان ، تىخىمۇ ئىگىز كۆتۈرۇپ، نۇرنى ھەممە يەرگە تەكشى تارىتىۋاتقان مەشئەلچىلەرنى يىڭىسارنىڭ باغلىرىدىن تارتىپ خوتەننىڭ ئۆزىگە 250كىلومىتىر كىلىدىغان نىيە تاغلىرىغىچە تاپقىلى بولىدۇ.ھازىر مەن خىزمەت قىلۋاتقان مەكتەپنىڭ ئۆزىدىلا 7 نەپەر،ناھيىە تەۋەسىدە 198نەپەر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزچىسى ئىشلىمەكتە.«مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كىتىشىنى تېخى ئويلاپ باقمىدىم،بىر ئۆمۈر ئاتامنىڭ ئىزىنى بىسىپ يۇپۇرغا مائارىپى ئۈچۈن ھەسسە قوشىمەن!»مانا بۇ ھازىر يۇپۇرغا ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقىنى ئۇنتۇپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «ئەستايىدىللار پىرى»دەپ نام ئالغان ئىلىمي مۇدىر ئاتۇش ئوغلى ئابدۇرىشىت ئابلەتنىڭ يۈرەك سۆزى.چەت يىزا-قىشلاقلاردىكى مەرىپەت نۇرى سۆيگەن قۇملۇقلاردىلا ئەمەس جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مائارىپ بۆشىكى بولغان بىردىنبىر ئىنىستىتوت- قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاتۇش ئوغلانلىرىمۇ(كۆپىنچىسى ئىلىپ قىلىنغان) ئاز ئەمەس،ئىنىستىتوتنىڭ تۇنجى مۇدىرى مەرھۇم ئابدۇرىھىم ئەزىزىدىن تارتىپ چوڭھاجى(ئىنىستىتوتنىڭ سابىق مۇدىرى)،ئابدۇرھمان ئەھمەد (سابىق ئىنىستىتوت مۇدىرى)غىچە كۆپلىگەن تۆھپىكار ،مەرىپەتىلىك ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلار بۇ ئىنىسىتىتوتتا پىداركارلىق بىلەن ئىشلەپ رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا چىقىپ مەكتەپنىڭ ئاساسى قۇرلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى ئاقتۇردى. 

«ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ يۇرتى ۋە مىللىتى ئالدىدا ئورۇنداشقا تىگىشلىك مەسئۇليىتى، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىنسانىيەت ئالدىدا قىلىشقا تېگىشلىك تارىخي بۇرچى بولىدۇ.بۇ ھاياتنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى.ئىنسان مەيلى قانداق ساھەدە بولسۇن ياكى قانداق ماھيىەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ قايسى مەمۇرىي دەرجىسىدە بولسۇن ۋە ياكى قانداق ئىتقادتا بولسۇن،ئۇ ھامان بىر مىللي توپقا مەنسۇپ.ئۇنىڭ قىممىتى پەقەت ئۆزى مەنسۇپ مىللەتنىڭ شۇ دەۋىردىكى مىللى ئىھتىياجى ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.بۇ تارىخنىڭ تارازىسى.تارىخ ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ياكى سېسىتىدۇ،پەقەت ھاياتىنى مىللي توپقا چىڭ باغلىغان ئىنسانلارنىڭ نامىنى قوغدايدۇ ۋە ئوبرازىنى پارلىتىدۇ.ئىنساننىڭ بارلىق ئۈستۈنلىكلىرى يۇرتنىڭ شەرىپىگە ، مىللەتنىڭ كۈچ-قۇدىرىتىگە ۋە مىللى تەرەققياتنىڭ ئۇلىغا ئايلانغاندا،شۇ ئىنساننىڭ ھايات مۇساپىسى ھەقىقىي قىممىتىنى تاپىدۇ.تارىخ ئىنسانلار ئارىسىدىن دەل مۇشۇنداق كىشلەرنى ئىزدەيدۇ»شۇڭا ئىزباسارلار ۋە مائارىپچىلار ئىزتىراپتا سىلكىنىپ يەنە شۇنى ھىس قىلماقلقىمىز كىرەككى،ئىلگىرىكى مائارىپ بايراقدارلىرىمىز باسقان ئىزلارنى،شۇنداقلا ئۆزلۈك مائارىپىمىزنى ۋىجدانەن تۇنۇپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ جاپا مۇشەققەتلەردە ئاينىتقان مىللى مائارىپ ساپ مۇھىتىنى قوغداش داۋامىدا روياپقا چىقارغان قانلىق ۋە شانلىق تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بىلىشىمىز ۋە ئۇزاققىچە ئۆرنەكلەپ داۋاملاشتۇرىشىمىزدا مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇليىتىمىز ئىنتايىن ئىغىر ۋە ئىنتايىن يۈكسەك.«ئىلگىرى ئۆتكەن خەلىقىمىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم مائارىپنى قوللاش رۇھى ، شۇ دەۋىردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋۇجۇدىنى قاپلىغان ۋەتەن، مىللەت،ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلاش روھى خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقنى نامايەن قىلىپ كەلگەن مەنىۋي تۈۋرۈك ۋە ئەنڭگۇشتەر.بىز بۈگۈن دەل ئاشۇ مەنىۋي ئەنڭگۈشتەرگە تۇلىمۇ مۇھتاج بولىۋاتىمىز.مۇشۇنداق كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىس ئالدىدا بىز بۇ تارىخى ئەنڭگۈشتەرنى ئىزدىشىمىز ۋە ئۇنى قايتىدىن تىپىۋىلىپ ئۆزىمىزگە ھەمرا قىلىشىمىز تەخىرسىز زۆرۈر.»

بىز 30-يىللاردىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ دولقۇنىنىڭ قورقىماس جەڭچىسى،بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر ھارماس تەشكىلاتچى مەمتىلى ئەپەندىنى ئەسلەپ خاتىرلىگىنىمىزدە ئۇ چاچقان مەرىپەت ئۇرۇقىنى،تۇتاشتۇرغان ئىرپان مەشئىلىنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا بىخلاندۇرۇش ۋە ئۇلغايتىش مەسئۇليىتىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ مىراسى بولغان پىداكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش،ئۆز ئىرادىسىدىن يانماي مىللەتنى،ۋەتەننى پارلاق ئەتىگە باشلاپ مىڭىشتەك روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىشىنىڭ بىزگە تۇتىيا كەبى لازىملىقىنى ھىس قىلىپ يىتىمىز.چۈنكى ئۇ ئۆزنىڭ ئىچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمەستە ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ئۈچۈن يېقىلغان مەرىپەت گۈلخانلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرگەن ئوت كەبى يامىراپ نادانلىقتا تۇرىۋاتقان قۇۋۇم-قىرىنداشلىرى ئارىسىغا تىزراق تۇتىشىپ ۋۇجۇدىنى ئۆرتىشىنى،قەلبىنى يورىتىشىنى ئويلاپ ئۈلگىرگەن ئىدى، ئىز ئالدىنىقىلارنىڭ ئىچىشى، كىيىنكىلەرنىڭ ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرىشى بىلەن ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ قىممىتى تىخىمۇ جۇلالانغىنىدەك نامى ئۆلمەس،ئىزى ئۆچمەس بۇ ئاتاقلىق پىشىۋايىمىز تەۋەللۇتنىڭ 110 يىللىقىدا ئارقىمىزغا قارايدىغان بولساق،ئۇ قالدۇرغان ئىزلار ۋە ئىسل روھنىڭ ئۇنىڭ سانسىز شاگىرتلىرىنىڭ ئىزمۇئىز بېسىشى ئارقىلىق داۋملاشقانلىقىنى،مەرىپەت مەشئىلىنى ئۆچۈرمەي كۆتۇرۇپ قولدىن-قولغا يەتكۈزۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. دىمەك،ئىزچىلار كۆتۈرگەن مەرىپەت مەشئىلى يىراق چۆل –جەزىرە،تاغ–جىلغىلاردىن ھالقىپ ئاۋات شەھەرلەرگىچە ھەممىلا يەرگە بىباھا نۇرىنى سىپىپ مىللى مائارىپىمىز يۇلىنى يۇرۇتتى.ئۇلار مەمتىلى ئەپەندى تۇتاشتۇرغان نۇرلۇق مەشئەلنى تا ھازىرغىچە يۇپيۇرۇق ياندۇرۇپ كىلەلىدى،ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يۈزىنى يۇرۇق، روھىنى زىيادە قىلدى.ئەمدى ئۇنىڭ روھى ھەرگىزمۇ قورۇنۇپ قالمايدۇ،ھىلىھەممۇ جاي-جايلاردىن ئەشۇ باھادىرىمىزنىڭ مەشئەل تۇتۇپ ئىيتقان يۈرەك رىتىمى ـــ«مەرىپەت مارشى»نىڭ جەڭگىۋار مىسرالىرى ئۈزلمەستىن ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ:

بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.
..............................
بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى ،
بىز ۋەتەننىڭ يىڭىدىن ئىچىلغان گۈلى
..............................
مەنبە بولدى ئىرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش،
ئىرپان بىلەن ئىچىلغاي سائادىتىمىز.
 
بۈيۈك ئۇستاز،ئىزچىلىرىڭىزنىڭ ياڭراق ئاۋازى مەڭگۈ جاراڭلايدۇ! سىز تۇتاشتۇرغان مەرىپەت مەشئىلى مەڭگۈ ئۆچمەي لاۋۇلدايدۇ!!«تەۋپىق» روھىڭىز مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!!مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن تاشقا بىسىلغان مۆھۈردەك بىباھا ئىزلار مەڭگۈ كۆمۈلمەيدۇ ۋە ئۈزۈلۇپ قالمايدۇ!!!!

 

 

پايدىلانمىلار  :

 

①ئابدۇراھمان مامۇت دىيار:«ئەنجۇر ماكانى ۋە مەرىپەت ئوچىقى تىجەن» ، «مەشئەل مەجمۇئەسى»1995-يىل 2-سان

②دىلدار ئەزىز تۈزگەن «تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلاتلىرى»، 1999-يىل مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىرى

③داۋۇت ئوبۇلقاسىم :«بىزگە مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار كىرەك»،«ھۈسينىيە رۇھى-تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىل

④يۈسۇپچان ياسىن:«تىجەندە يىڭى مائارىپنىڭ بارلىققا كىلىشى»،«تىجەندىكى مەرىپەت ئىزلىرى»(ئىچكى ماتىرىيال) 2007-يىل

⑤تەلەت قادىر : «تەۋەررۈك ئەڭگۈشتەرنى ئىزدەپ»،«تىجەندىكى مەرىپەت ئىزلىرى»(ئىچكى ماتىرىيال) 2007-يىل

⑥ئەسكەرتمە: (بارغان ئاتۇشلۇق ئوقۇتقۇچىلارنى سىتاستىكا قىلىش شۇ يەرلىك مائارىپ ئىدارسىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىش بولمىغاچقا قىسمەن جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار سانى شۇ جايدا ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق تەخمىنەن ئىلىندى.ئەمما پەرق بەك چوڭ ئەمەس.)



(ئاپتۇر يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنگىلىزتىلى مۇئەللىم)

[attachment=397]

abdumijit 2011-11-22 14:17
كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

tawpek 2011-11-22 16:37
تور دۇنياسىنى ئاۋازلىق ئەسەرلەر بىلەن بىيىتىۋاتقان، تور بىكىتىمىزنى خاس ئاۋازلار بىلەن تەمىن ئىتىۋاتقان بۇ خالىس تۆھپىكارىمىزنىڭ بۇ ماقالىسى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ بۇيىللىق 10- سانىغا بىسىلغانكەن،

مۇئەللىپنىڭ رۇخسىتى بىلەن(ئۆزى ئەۋەتىپ بەدى) مۇنبەرگە يوللاندى.

تەۋپىق روھى مەڭگۈ ئۆلمەس روھ.

ماھى 2011-11-22 22:51
بۇ تۆھپىكارىمىزنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن داۋاملىق يۈز كۆرۈشۈپ تۇرغايمىز.
بۇ ماقالىنى يازغۇچى ۋە مۇنبىرىمىزگە يوللىغۇچىغا رەھمەت.

ozqan 2011-11-22 22:51
روزى مۇھەممەت مۇەئەللىم ئىنگىلىز  تىلى ئوقۇتقۇچىسىكەندە ،  ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ..

blk 2011-11-29 23:11
رۇزىمۇھەممەت موئەللىم ،قان-قېنىڭىزغا سىڭىپ كەتكەن مائارىپ روھىنىڭ سىزدە يالقۇنلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇلىمۇ
سۆيۈندۈم ،بۇ زېمىندا شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشىۋاتقانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت !

ماھى 2011-11-30 00:40
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

erpan0992 2012-03-12 22:32
ياخشى  تېما  يوللاپسىز


查看完整版本: [-- «تەۋپىق»روھى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ(ئارتۇچ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled