查看完整版本: [-- تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2011-11-22 10:40

تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ

سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى
课时教学设计
第十三周                                                                             20111122
تەييارلىق سىناق ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
前提测评及导入新棵
دوستلار، سىلەر ئۈزۈڭلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قانداق تەسەۋۇرغا كەلدىڭلار؟ سىلەر ئۈزۈڭلارنىڭ  كەلگۈسىنىڭ پارلاق بۇلىشىنى خىيال قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟

دەرس تېمىسى
课题
تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ  ئۇيغۇرتىلىنىڭ تەركىبى قىسىملىرى
ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئۆگىنىش نىشانى
教学目标与学习目标
1) ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق ئىگەللەپ ئاپتۇرنىڭ بالىلارنىڭ كىلەچىكى ھەققىدىكى ئەندىشە ئېڭىنى  ئىگىلىۋېلىش.

2) ئىكىلوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىك قاراشلىرىنى ئىگىلىۋېلىش.

3) يازغۇچىنىڭ بالىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئىگىلىۋېلىش.

ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش
教学重点难点及其外处理
مۇھىم نۇقتا:

ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق ئىگەللەپ ئاپتۇرنىڭ بالىلارنىڭ كىلەچىكى ھەققىدىكى ئەندىشە ئېڭىنى  ئىگىلىۋېلىش.

قىيىن نۇقتا:

ئىكىلوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىك قاراشلىرىنى ئىگىلىۋېلىش.

 ھەل قىلىش:

مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە يىتەكلەش.

ئوقۇتۇش ۋاسىتلىرى
教学手段
بۇلغانغان مەنزىرە سۈرەتلىرى.

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش شەكلى
教学方法与学习方式
ئۈنلۈك، يېتەكلەپ، مەشىقلەندۈرۈپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى؛

ئىزدىنىپ ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ، مۇستەقىل ئۆگىنىش شەكلى.


ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى (ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئاساسى بىلىمنى يىغىنچاقلاش ۋە ئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى)
教学过程设计(教学内容,基础知识归纳能力测评内容)
1- سائىتىدە

1. دەرىسكە باشلاپ كىرىش لايىھىيسى بۇيىچە يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.

1) تىكىست ئۆلگە قىلىپ بىر قېتىم ئوقۇپ بىرىلىدۇ.

2) يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە ئىزاھات بىرىلىدۇ .شۇنداقلا جۈملە تۈزدۈرلىدۇ.

(1) بۈيۈك:- ئۇلۇغ، زور، كاتتا؛ يۈكسەك، ئېگىز، يوقىرى. (2) فانتازىيە:- جەمئىيەت تەلىپى ياكى شەخسىي ئارزۇلار ئاساسىدا كەلگۈسى شەيئىلەر ئۈستىدە قىلىنغان ئىجادىي تەسەۋۋۇر، خىيال، پەرەز. (3) رىۋايەت:- خەلق ئارىسدا كەڭ تارقىلىپ كەلگەن ئاغزاكى ھېكايە، ئەپسانە. (4) ۋەھىمە:- غەم- ئەندىشە، قاتتىق قورقۇش، قورقۇش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان روھىي ھالەت.

2. ئاپتۇر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بىرىلىدۇ.

ياش ئالىم ئەسئەت سۇلايمان 1969-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇمۇلدا دۇنياغا كەلگەن. 1986-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرىستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى ئالىي مەكتەپنى  پۈتتۈرۈپ ئۇيغۇر فولىكلور مەدەنىيتى كەسپى بۇيىچە ئاسپىرانىتلىققا قۇبۇل قىلىنغان بۇلۇپ، ئۇقۇش جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە باشلىغان. 1994-يلى ماگىستىرلىق ئۈنۋانى ئۈچۈن  يېزىلغان دىستىرتاتسىيەسى «بۆرە تۇتىمى مەدەنىيىتى»نى يېزىپ تاماملىغان. «كرورەن گۈزىلى» پوۋىستى، «تارىم قوۋىقى چېكىلگەندە» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئو 2000-يىلى ماي بايرىمىدا كۆزگە كۈرۈنگەن «ئون مۇنەۋەر ياش»نىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان.

دىمەك، ئەسئەت سۇلايمان ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئىكىلوگىيسىنى چۈشەنگەن. ھەم بۇلغانغان مۇھىيتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدىغانلىقىغا تامامەن ئىشەنگەن ھەم مۇنداق دىگەن. «خۇشاللىنارلىقى شۇكى، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ جىددى كۈڭۈل بۈلىشى، قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى يۇرتىمىزنىڭ كىلەچىكى ئۈستىدە زور ئۈمىدلەرنى بېغىشلىماقتا.»، «تارىم ئويمانلىقىدىن ئىبارەت خىلۋەت چوڭقۇرلۇقنى دۇنيا مەدەنىيتىگە قاتنىشىشتىكى ئالتۇن كۆزنەككە ئايلاندۇرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .»

3. سۆزلەپ بېقىڭ.

1) ئاپتۇرنىڭ ئىددىيسىنى قانداق چۈشىنى كىرەك؟

2) «بىزنىڭ كۆللەرنى دەپسەندە قىلىشىمىز مۇشۇ تەرىقىدىرەك باشلانغان.»مۇنۇ جۈملىدىكى «كۆللەرنى دەپسەندە قىلىش»نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟

3) سىز ئاپتۇرنىڭ بالىلارغا قويغان ئۈچ قېتىملىق سۇئالىنىق ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟

بىرىنچى قېتىملىق سۇئال:

ئىككىچى قېتىملىق سۇئال:

ئۈچۈنچى قېتىملىق سۇئال:

 

2- سائىتىدە

4. تەپەككۇر قىلىش سۇئاللىرى.

1) ئاپتۇر ئەسىرىدە بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن قانداق ئەندىشىلەرنى قىلغان؟

2) «شۇنداق، ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ھەممىنى ئۆزگەرتىۋەتتى» سىزنىڭچە ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئۆزگەرتىۋەتكەن نەرسىلە قايسى؟

3) ئاپتۇرنىڭ مۇھىت ھەققىدىكى ئەندىشىلىك قاراشلىرىنى خۇلاسىلاپ باقالامسىز؟

4) لوپنۇر كۆلى نېمە ئۈچۈن قۇرۇپ كەتتى؟

5) سىز « تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چېقىش» دېگەن تۇراقلىق ئىبارىنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشىنىسز؟ مەنىسىنى ئۆز چۈشەنچىڭىزگە بىرلەشتۈرپ سۆزلەپ بېقىڭ؛

6) سىزنىڭچە كۆللەرنىڭ  قۇرۇپ كىتىشىنى قايسى نوقتىلارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە بۇلىدۇ؟

نۇپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۈپيىشى .

ئورمانلارنى بۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش.

7) قانداق يەرنى «بوز يەر» دەپ ئاتاشقا بۇلىدۇ؟ سىزنىڭچە بۇنداق يەرلەرنى ئېچىشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە پايدىسىز تەرەپلىرى بار؟ سۆزلەپ بېقىڭ؛

8) نۈۋەتتە دۇنيا كۈڭۈل بۈلىۋاتقان مۇھىت مەسىللىرى قايسى؟

كاربۇنIV))ئوكسىدنىڭ قۇيۇقلىشىشى. سۇنىڭ بۇلغىنىشى. تۇپراقىنىڭ قۇملىشىپ كىتىشى. ئورمانلارنىڭ ئازىيىپ كىتىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

5. ياردەمچى سۆزلەر توغرىسىدا توختىلىمىز.

مۇستەقىل سۆزلەرگە باغلىنىپ كىلپ قۇشۇمچە مەنە ئۇقتۇرىدىغان سۆز ھەم جۈملىلەرنى باغلاش رۇلىنى ئۆتەيدىغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ.

     ياردەمچى سۆزلەر:   باغلىغۇچى، تىركەلمە، يۈكلىمە دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

تاپشۇرۇق
作业
دۇنيادا مۇھىت مەسىلىسىگە ماس بولغان قانداق خاتىرە كۈنلەر بارلىقىنى تېپىپ كىلىڭلار؟

دوسكا لايىھىسى
板书设计
      

(ئەسئەت سۇلايمان)
بىرىنچى قېتىملىق سۇئال:
ئىككىچى قېتىملىق سۇئال:
ئۈچۈنچى قېتىملىق سۇئال:
دەرستىن كېيىنكى
 قايتا ئويلىنىش
课后反思
 
گۇرۇپپا مەسئۇلى پىكىرى ۋە ئىمزاسى
教研组长意见:

 

                           201111 


saydul 2011-11-30 13:20
تەۋپىق ئەپەندى، ياخشى دەرس لاھىيەلىرىنى يوللاۋاتىسىز، مېنىڭچە بۇ دەرس لاھىيەلىرىنى سىز تۈزمىگەنغۇ دەيمەن، مۈمكىن بولسا كېلىش ئورنىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز قانداق؟!!!

tawpek 2012-01-07 16:32
كىلىش ئورنى كەسىپداشلارنىڭ قاتتىق دىسكىسى.


مىنىڭ تۈزمىگىنىمنى  قانداق بىلدىڭىز؟  مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇتەييارلىقلارنى مىنىڭ تۈزمىگىنىمنى بىلىدۇ.

تۈزگەن ئادەمنى بىلسىڭىز ئىيتىپ بىرىڭ ، ئەسكەرتىپ قوياي.

لىكىن قەتئى باشقا توربەتلەردىن ئەكەلمىدىم.

بابۇر0725 2014-03-05 00:37
قايتا ئەستايىدىل كۆرۇپ باقساق بولامدۇ قانداق؟؟؟


查看完整版本: [-- تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled