تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى(سىياسى)
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى(سىياسى)
تاللاش سۇئاللىرى
1. 2009-يىلى 4-ئايدا گوۋۇيۇەن شاڭخەي،گۇاڭجۇ،شىنجىن،جۇخەي ۋە دوڭۋەن قاتارلىق بەش شەھەردە چىگرادىن ھالقىغان سودىدا خەلق پۇلى ئارقىلىق ھىساۋات قىلىشنى سىناق نوقتىسى قارار قىلدى.چىگرا ھالقىغان سودىدا خەلق پۇلى ئارقىلىق ھىساۋات قىلىش:( )
①خەلق پۇلىنىڭ فونكىسيىسىنى كىڭەيتىپ،ئۇنى دۇنيا پۇلىغا ئايلاندۇرىدۇ
②خەلق پۇلىنىڭ بىر قىسىم خەلقارا سودىدا ئوبۇرۇت ۋاستىسى بۇلۇش فونكىسيىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ ③جوڭگۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مال باھاسىنىڭ مۇقىم بۇلۇشىغا پايدىلىق ④جۇڭگۇ بىلەن سودا شىرىكچىلىكى بولغان دۆلەتلەرنىڭ پىرىۋوت خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىدۇ
A. ①③ B. ②③ C. ①④ D. ②④
2.ئىسلاھات-ئېچىۋىتىلگەن 30يىلدىن بۇيان،دۆلىتىمىزنىڭ ئۇمۇمى مۈلۈكچىلىكىنىڭ سوبىكتلىق ئورنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىلىشى بىلەن بىرگە،يەككە ئىگىلىكمۇ تىز تەرەققى قىلدى.سىتاتسىتىكا ماتىرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە،1978-يىلى مەملىكەت بۇيىچەيەككە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچى 150مىڭ ئادەم بولغان بولسا،2007-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە بولسا،53مىليۇندىن ئاشقان.يەككە ئىگىلىكنىڭ تىز ئەسلىگە كىلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىنىڭ سەۋەبى:
①ئۇسوتىسيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى
②ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلاشقان ③ئۇ كۆپ مىقداردا ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتالايدۇ
④ئۇ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئەمگىكىنى ئاساس قىلىدىغان ئىقتىسادى تەركىپ
A. ①② B. ①③ C. ②③ D. ②④
3.يىقېنقى يىللاردىن بۇيان،ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر«ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يىتەكلەش»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،سودا-سانائەت تىزىملىتىش،مەبلەغ توپلاش،ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىكى،تېخنىكىدا تەربىلەش،يەر ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يۇرتىغا قايىتقان دىھقان ئىشلەمچىلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى.ھۆكۇمەتنىڭ بۇ ھەرىكىتى:
①ئىقتىسادنى تەڭشەش فونكىسيىسىنى يۈرگۈزگەن
②ئىجتىمائى كاپالەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن ③ئاممىۋى مۇلازىمەت فونكىسيىسىنى يۈرگۈزگەن
④خەلقنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش فونكىسيىسىنى يۈرگۈزگەن
A. ①②③ B. ①③④ C. ①②④ D. ②③④
4.يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان،«ئالتۇن خىش تۆت دۆلەت »بىرازىلىيە،روسىيە،ھېندىستان ۋە جۇڭگۇ تەدرىجى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك يېڭى ماتۇرغا ئايلاندى.سىتاتسىكىلارغا ئاساسلانغاندا،يۇقۇرقى تۆت دۆلەت نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %21.4نى ئىگىلەيدىكەن.تەشكىلاتلارنىڭ مۆلچەرىچە،2009-يىلى بۇ تۆت دۆلەتنىڭ پۈتۇن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشىدىغان تۆھپىسى%70كە يىتىدىكەن.2040-يىلىغا بارغاندا،تۆت دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۈلىمى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىدىن ئېشىپ كىتىشى مۇمكىنكەن.يۇقىرىقى ماتىرىيال شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى:
A.دۇنيا سىياسى-ئىقتىسادى تەرتىۋىدە تۈپ خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش بولدى
B.جەنۇپ-شىمال تەرەققىياتىنىڭ تەكشىسىزلىگى يەنىلا يەر شارىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە
C.ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش-دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئاساسى
D.دۇنيانىڭ سىياسى-ئىقتىسادى ئەندىزىسى تەدرىجى كۆپ قۇتۇپلىشىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ
5.جۇڭگۇنىڭ ئەجدىھا ئۇسۇلى،ئىسپانىيەنىڭ كالا سۇقۇشتۇرۇشى،بىرازىلىيەنىڭ سامبا ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ چۈشەندۈرىدىغىنى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى:
①مىللىلىققا ئىگە ②كۆپخىللىققا ئىگە ③سىڭىشىشچانلىققا ئىگە
④مۇستەقىللىققا ئىگە
A. ①②③ B. ②③④ C. ①②④ D. ①③④
6.سوتىسيالىستىك يادرولۇق قىممەت سېستىمىسى-سوتىسيالىستىك ئىناق جەمىيەت قۇرۇشنىڭ نىگىزى،يادرولۇق قىممەت سېستىمىسىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەزمۇنى-ماركىسىزىم يىتەكچى ئىدىيىسى.چۈنكى ماركىسىزىم يىتەكچى ئىدىيىسى:
①سوتىسيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۈنىلىشىنى ئىگىلەشتىكى كومپاس ②تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەقىقەتلىكىگە ھۈكۈم قىلىشتىكى ئاساسلىق ئۆلچەم ③ھەر خىل مەدەنىيەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىۆەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مەنبە
④ئىجتىمائى ئېقىمغا يىتەكچىلىك قىلىشتىكى بايراق،تۈرلۈك خاتا ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى قورال
A. ①② B. ②③ C. ①④ D. ③④
7. ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى180گىرادۇس،بۇ قەدىمكى گىرىتسىيلىك ماتىماتىك ئىۋكىلىد ئوتتۇرىغا قويغان قائىدە.شۇنىڭدىن كىيىنكى2000يىلدىن بىرى كىشىلەربۇنى ھەر قانداق شارائىتقا ئۇيغۇن كىلىۋىرىدۇ دەپ قاراشقان.ئەمما،19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا،روسىيەلىك ماتىماتىك لوباسىۋىسكى:پېتىنقى
يۈزدە ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى180 گىرادۇستىن كىچىك بۇلىدىغانلىغىنى بايقىدى.كەينىدىنلا گېرمانىيەلىك ماتىماتىك لىمەن؛ كۈپۈنكى يۈزدە ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى180گىرادۇستىن چوڭ بۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى:
①ھەقىقەت ئادەمگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ ②ھەقىقەت كونكرىت بۇلىدۇ
③ھەقىقەت شەرتلىك بۇلىدۇ ④ھەقىقەت ئوبىكتىپ بۇلىدۇ
A. ①② B. ①③ C. ①④ D. ②③
8.مەلۇم كەنتنىڭ پارتىيە ياچىيكا شۇجىسى«بىر ئادەم باي بۇلسا باي بولغانلىق ھىساپلانمايدۇ،ھەممە ئادەم باي بولسا ئاندىن باي بولغان ھىساپلىنىدۇ»دىگەنگە قەتئى ئىشىنەتتى.ئۇ ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان پارنىك تېخنىكىسى ئارقىلىق،كەنىت ئاھالىلىرىنى يىتەكلىگەندىن باشقا،ھەقسىز ھالدا 300دىن ئارتۇق ناھىيە-شەھەرگە كىڭەيىتىپ،نۇرغۇنلىغان دىھقانلارنى بېيىشقا يىتەكلىدى.
يۇقىرىقى ماتىرىيالدىكى«بىر ئادەم باي بۇلسا باي بولغانلىق ھىساپلانمايدۇ،ھەممە ئادەم باي بولسا ئاندىن باي بولغان ھىساپلىنىدۇ»دىگەن كۆز قاراش قىممەتكە ھۈكۈم قىلىش ۋە قىممەت تاللاشنىڭ:
A. جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتىگە ئاڭلىق ئەمەل قىلىش ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ
B. تەبىئەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتىگە ئاڭلىق ئەمەل قىلىش ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ
C. شەخسى قىممەت بىلەن ئىجتىمائى قىممەتنىڭ بىرلىكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ
D. قىممەتنى ئەمگەك جەريانىدا يارىتىش كىرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ
9.ئەسلىدە بىر كومپىيوتىر بىلەن تۆت يانفۇننىڭ قىممەت مىقدارى ئوخشاش بولغان بولسا،ھازىر كومپىيوتىر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىجتىمائى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى بىر ھەسسە ئاشتى، يانفۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىجتىمائى زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى بولسا،يېرىم قىسقاردى،باشقا شەرتلەر ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا،ھازىر بىر كومپىيوتىر بىلەن نەچچە يانفۇننىڭ قىممەت مىقدارى تەڭ بۇلىدۇ:
A.2 B.4 C.8 D.16
10.باشقا ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنىڭ ھۇقۇقىغا سېلىشتۇرغاندا،دۆلەت ھۇقۇقىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئالاھىدە مەجبۇرلاشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىدە.بۇ خىل ئالاھىدە مەجبۇرلاش ھۇقۇقى ( )دە ئىپادىلىنىدۇ.
①نىزام،قارار،ئىنتىزام قاتارلىق بەلگىلىملەرنى چەكلەش ۋاستىسى قىلغانلىغىدا
②ئارمىيە،ساقچى،سوت،تۈرمە قاتارلىق ئاپپاراتلارنى قالقان قىلغانلىقىدا
③قانۇن،بەلگىلىمە،پەرمان قاتارلىقلار ئارقىلىق يۈرگۈزىلىدىغانلىقىدا
④تىرىتۇرىيەسى ئىچىدىكى بارلىق ئاھالىلەرگە نىسبەتەن چەكلەش كۈچى بولغانلىقىدا
A. ①③ B. ②④ C. ①②③④ D. ②③④
11.ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشتىن كىيىن،گۇاڭدۇڭ ئۆزىنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى ئاساسىدا،«يېڭى كېجىيا مەدەنىيىتى»نى شەكىللەندۈردى.بۇنىڭ ئىپادىلىگىنى:
A.يېڭى مەدەنىيەت تەرەققىيات جەريانىدا،يەرلىك مەدەنىيەتتىن چەتنەپ كەتكەن
B.مەدەنىيەت تەنقىد جەريانىدا،ۋارىسلىق قىلغان
C. «يېڭى كېجىيا مەدەنىيىتى»يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ئورنىنى ئالغان
D.مەدەنىيەت ۋارىسلىق داۋامىدا تەرەققى قىلغان
تەھلىل سۇئاللىرى
قېيۇمجان مۇھەممەت خېجىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
12 .ماتىرىيال1:مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،2006-يىلى مەملىكەت بۇيىچە ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى تۆت مىليۇن130مىڭ ئادەمگە يەتكەن،﹪70لىك تۇنجى قېتىمدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بۇيىچە ھىساپلىغاندا،شۇ يىل ئىچىدە يەنە بىر مىليۇن240مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشالمايدىكەن.2007-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى تۆت مىليۇن950مىڭ ئادەمگە يىتىپ،ئالدىنقى يىلى ئېشىپ قالغان بىر مىليۇن240مىڭ ئادەم بىلەن قۇشۇلۇپ،ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىكەن.
ماتىرىيال2:تەكشۈرۈشكە ئاسالانغاندا،ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ئىشقا ئۇرۇنلىشىش رايۇنىنى تاللىغانداتاللايدىغان ئالدىنقى ئۈچ تۈرنىڭ بىرىنچىسى:شاڭخەي(﹪79) ئىككىنچىسى:ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان رايۇنلار(﹪52)ئۈچىنچىسى:شېنجىن(﹪49).غەربى رايۇنلارنى بىرىنچى قىلىپ تاللايدىغانلار ﹪3 كىمۇيەتمەيدىكەن.ئىشقا ئۇرۇنلىشىپ بىرئىككى يىل ئىچىدە جاپاغا چىدىماي شاللىنىپ كىتىدىغان ئۇقۇغۇچىلار ﹪50 كە يىتىدىكەن.ئايلىق ئىش ھەققى 1000يۇەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەشتىكى ئەڭ تۆۋەن چىكى بۇلۇپ ﹪46ئۇقۇغۇچى بۇچەكتىن تۆۋەن بۇلۇپ قالسا خىزمەت قىلماي ئۆيدە ئولتۇرۇشقا رازى ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا﹪70تىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ قارىشىچە،2005-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بۇلۇپ،﹪30 كارخانا كۈڭۈلدىكىدەك،تەلەپكە لايىق ئۇقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلالمىسا،خىزمەت ئورنىنى بوش قالدۇرۇپ قۇيۇشقا رازى ئىكەن.
1) ماتىرىيال1بىلەن ماتىرىيال2 نۆۋەتتىكى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ نىمەئۈچۈن تەس ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن؟
2) يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا دۆلەت ۋە ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى قانداق قىلىشى كىرەك؟
13.ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مەمۇرىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەدرىجى ئۇمۇملاشتۇرۇپ ۋە يولغا قۇيۇپ،بەلگىلىك مۇددەتتە جامائەتكە ھۈكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق مەزمۇندا ۋە شەكىلدە ئۇچۇق ئاشكارە بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
1) مەمۇرىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش بىلەن سىياسى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟(5نۇمۇر)
2) مەمۇرىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ نەزەرىيە ئاساسى ۋە رىئال ئەھمىيىتى نىمە؟(8نۇمۇر)
27.مەلۇم ئاھالە كومىتىتى نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزگەندە تەرتىپ بۇيىچە ئۆيمۇ-ئۆي كىرمەي،نامسىز بىلەت تاشلىغان بۇلۇپ زور كۆپ ساندىكى سايلام بىلىتىنىڭ ھەممىسىنى بۇرۇنقى كەنت كادىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋاكالىتەن تولدۇرۇپ بەرگەن.كەنت ئاھالىلىرى سايلاش ھۇقۇقى بىلەن سايلىنىش ھۇقۇقى پۇقرالارنىڭ ئاساسى سىياسى ھۇقۇقى تۇرسا ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلالمايدۇ دەپ قاراپ،يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان ھەمدە سايلامنى قايتا ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇ كەنىتنىڭ شۇ قېتىملىق سايلىمى «سايلام قانۇنى»بىلەن«كەنت ئاھالىلەر كومىتىتى تەشكىلى قانۇنى»غا خىلاپ بولغانلىغىنى بىلدۈرۈپ،قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇغان.نەتىجىدە،ئالدىنقى قېتىم سايلامدىن چۈشۈپ قالغان سابىق كەنت ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ مۇدىرى يەنە بىر قېتىم سايلانغان.
1)پۇقرالارنىڭ ھەرىكىتى قانداق سىياسى ئەھۋالنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؟
2)پۇقرا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ھۇقۇقىنى قانداق قەدىرلەش كىرەك؟ 3)دۆلىتىمىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھۇقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلغان؟
14.بىرىنچى ماتىرىيال:«قوزغال!قول بۇلۇشنى خالىمىغانلار!گۆش ھەم قېنىمىزدىن مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى!»مەيلى ۋەتەن قوينىدا ياكى يىراق قىرلاردا بۇلاي،ھەر قېتىم مانامۇشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك،كۆتۈرەڭگۈ،كىشىنى ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان دۆلەت شېئىرىنى ئاڭلىغىنىمدا،ئۈزەمنىڭ جۇڭگۇلۇق ئىكەنلىكىدىن چەكسىز پەخىرلىنىپ،قەلبىمدىن مىللى ئىپتىخار ئۇرغۇيدۇ،خۇددى«خاسىيەتلىك كېمە-6»نىڭ ئالەم بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىنى،شىياڭگاڭ،ئاۋمىن-
-لارنىڭ ئانا ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى قايتا كۈرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىمەن.
ئىككىنچى ماتىرىيال:ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللەتكە خاس مىللى روھنىڭ يادروسى بۇلۇپ،ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە،دەۋىرنىڭ روھىغا ماسلىشىپ،تارىخىمىزنى رىئاللىققا ئۇلاپ،ۋەتەنپەرۋەر مىللى روھىمىزدا ئەنئەنە روھى ۋە دەۋىر روھىنى نامايان قىلىشىمىز كىرەك.
1) بىرىنچى ماتىرىيالدا قانداق روھ ئىپادىلەنگەن؟
2) ئىككىنچى ماتىرىيالدىن ئالغان ئىلھامىڭىزنى بىرىنچى ماتىرىيالغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا بايان قىلىڭ؟ |