2011-ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەھلىلى (سىياسى)
2011-يىللىق ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان سۇئالى ئونۋېرسال ئىجتىمائى پەن سىياسەت سۇئاللىرىنىڭ تەھلىلى قېيۇمجان مۇھەممەت خېجىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
بۇ تەھلىلدە 2011-يىللىق ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئونۋىرسال ئىجتىمائى پەن قىسمىدىكى سىياسەتكە دائىر قىسمىغا نىسبەتەن تەھلىل ئېلىپ بېرىلدى.تەھلىل- سۇئالنى چىقىرىشتىكى مەقسەت،سۇئالنى ئىشلەش پىكىر يۇلى ۋەبىلىمنىڭ كىلىش دائىرىسى قاتارلىق نوقتىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.ئەسلى سۇئال كىرگۈزۈلمىدى.پايدىلانغۇچىلار پايدىلانغان ۋاقىتتا،ئەسلى سۇئالدىن بىر نۇسخا تېپىپ پايدىلىنىشى كىرەك.
تاللاش سۇئاللىرى
12.
بۇ سۇئالنى چىقىرىشتىكى مەقسەت:
سۇئالدا بىرىلگەن ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تاۋار باھاسى توغرىسىدىكى بىلىملىرىنى سىناش ھەم ئانالىز قىلىش،يىغىنچاقلاش ئىقتىدارىنى ھەم ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىمتىھان مەزمۇنى ۋە شەكلى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى مىناش مەقسىتىدە چىقىرىلغان.
سۇئال ئىشلەش پىكىر يۇلى:
بۇ سۇئالنى ئىشلەش ئۈچ باسقۇچ بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ؛1-باسقۇچ،تاۋار قىممىتىنىڭ ئۇمۇمى مىقدارى=بىرلىك تاۋارنىڭ قىممەت مىقدارىⅹتاۋارنىڭ سانى.غا ئاساسەن 2010-يىلىدىكى قىممەت ئۇمۇمى مىقدارىنى ھىساپلاپ چىقىرىشقا بۇلىدۇ.
100000ⅹ132=1320000
2-باسقۇچ.2011-يىلىدىكى بىرلىك مەھسۇلات مىقدارى ۋە پۈتكۈل ساھەنىڭ ئەمگەك ئۈنۈۈمدارلىقىنىڭ℅ 20يۇقىرى كۆتىرىلگەنلىكىگە ئاساسەن 2011-يىلىدىكى بىرلىك مەھسۇلاتنىڭ قىممەت مىقدارىنى ھىساپلاپ چىقىرىشقا بۇلىدۇ.132/(1+20℅)=110
ئاندىن كارخاننىنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ 10℅ئۆسكەنلىكىنى ۋە2010-يىلىدىكى تاۋار مىقدارىغا ئاساسەن2011-يىلىدىكى بۇكارخانىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ھىساپلاپ چىقىرىشقا بۇلىدۇ.100000 ⅹ(1ⅹ10%)=110000دانە.
3-باسقۇچ.ئەڭ ئاخىرىدا مەزكۈر كارخانىنىڭ قىممەت ئۇمۇمى مىقدارىنى ھىساپلاپ چىقىشقا بۇلىدۇ.110000ⅹ110يۇەن=1210000دىمەك،توغرا جاۋاپ:C
بىلىم مەنبەسى:«ئىقتىسادى تۇرمۇش»2-دەرىس 1-تىما «باھاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار»
13.
بۇ سۇئالنى چىقىرىشتىكى مەقسەت:بۇسۇئال جۇڭگۇ كارخانىلىرىنىڭ چەتئەل ماركىلىرىغا مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەپبىرىشىنى ئارقا كۈرۈنۈش قىلىپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كارخانا تىجارىتى بىلىملىرىنى سىناشنى بۇلۇپمۇ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلارنى ئۇقۇپ چۈشىنىش،يۆتكەپ پايدىلىنىشۋە قوللىنىش،ئىجتىمائى ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرىدۇ.
سۇئال ئىشلەش پىكىر يۇلى:كارخانا رىقابەت ئەرۋزەللىكى كۆپ خىل بۇلىدۇ. ماركا رىقابىتى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئورۇندىكى بىرى. بىر قىسىم ئىكىسپورىت مەھسۇلاتلىرى چەتئەلنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەش بولغاچقا ،پايدىنىڭ كۆپ قىسمى داڭلىق ماركىنىڭ بۇلۇپ كىتىدۇ،.دۆلىتىمىر كارخانىلىرى پەقەت ئازغىنىلا ئىش ھەققىگە ئىرىشەلەيدۇ. بۇنىڭ چۈشەندۈرىدىغنى ،ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىسنى بەرپا قېلىش جۇڭگو كارخانلىرىغا نسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. Aجاۋاب توغرا .BCجاۋابلار ئەسلىدىلا خاتا .Dجاۋاب سوئال تەلىۋىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
بىلىم دائىرسى:”ئىقتىسادى تۇرمۇش“5-دەرس 1- بۆلەك«كارخانىنىڭ تىجارىتى»
14
مەقسەت: بۇ سوئال جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرام يىمەكلىكنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ تۇرۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىمال بىلىملىرىنى شۇنداقلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئىقتىدارنى ھەم ئىجتىمائى ھادىسلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارنى تەكشۈرىدۇ.
سۇئالغا جاۋاب بىرىش:ئىستىمال يېڭى يېڭى ئھتىياجنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەڭشىلىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە نىسبەتەن يىتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.بۇ ئىستىمالنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا نىسبەتەن ئەكىس تەسىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.تۇرمۇش سەۋىيىسنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ،كىشلەرنىڭ ئايتوقاچقا بولغان ئىستىمالى كۆپ خىللاشتى.بولۇپمۇ كۆپ خىل ئايتوقاچ ئىستىمالى بارلىققا كەلدى. بۇ خىل كۆپخىللاشقان ئايتوقاچ ئىستمالى مۇقەررەر ئايتوقاچ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپ خىللىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . A جاۋاب ئەسلىدىنلا خاتا . C جاۋاب توغرا . جاۋابلارنىڭ سوئال تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
بىلىم دائىرسى:ئىقتىسادى تۇرمۇش،4-دەرس 1-بۆلەك. ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ ،ئىستىمالنى قاندۇرۇش.
15
مەقسەت:بۇ سوئال دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمى تەرەققىيات قارشى بىلىملىرىنى .ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمىگە ئىرىشش ۋە ئىشىلىتىش،ئىجتىمائى ئىقتىسادى ھادىسلەرگە قارىتا توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىسادى ھادىسلەرنىڭ ماھىيىتنى تونۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەسىلىنى ھەل قىلىش: دۆلىتىمىز ئۇچۇر كەسپىبى دۆلەتنىڭ ئستىراتىگىيلىك گۈللەندۈرلىدىغان كەسىپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش، ھەم كەسىپلەردە يېڭلىق يارىتىش تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇشى-ئەڭ زور دەرىجىدەئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرىدۇ. توغرا جاۋابD، ئۇچۇر كەسپى تۇلۇق كەسىپ ئەمەس Bخاتا ، ACجاۋابلار سوئال تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمەس . توغرا جاۋاب D.
بىلىم دائىرسى:«ئىقتىسادى تۇرمۇش » 10 -دەرس ئىككىنىجى بۆلەك «ھەم ياخشى ھەم تىز تەرەققىي قىلىش ».
16
مەقسەت: بۇ سوئال «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى»نى ئۆزگەرتىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ،ئاساسلىقى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دىمۇكراتىك سىياسى بىلىملىرىنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش، يۆتكەش ۋە ئىشلىتىش، ئىجتىمائىي سىياسى ھادىسلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارنى تەكشۈرۈشنى مەقسەتق قىلغان.
مەسىلنى يىشىش:
دۆلىتىمىزدە ھەر قانداق پۇقرا قانۇن بۇيىچە باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمان بۇلىدۇ ھەم مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ. ھەم بۇ خىل باراۋەرلىك كەسىپ ۋە مىللەت چەكلىمسىگە ئۇچرىمايدۇ. «ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز ئوخشاش بىر قىلمىشى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا ،ئوخشاش سوممىدا ئۆلۈم تۆلىمى بىكىتىلسە بۇلىدۇ» بۇ بەلگىلىمە بۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغانلىقى. شۇڭا D توغرا. ACجاۋابلار خاتا . Bجاۋاب سوئال تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
بىلىم دائىرسى:«سىياسى تۇرمۇش»1-دەرس 2- بۆلەك سىياسى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت « سىياسى تۇرمۇشقا قاتنىشىش مىزانى»
17
مەقسەت:بۇ سوئال خەلق قۇرۇلتىيي يىغىننىڭ ئۇچۇق ئاشكارلىقى ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سوتسىيالىستىك دىمۇكراتىك سىياسى بىلملىرىنى ھەم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇپ چۈشىنىش ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش، بىلىمنى يۆتكەش ۋە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىشلىتش ، سىياسىي ھادىسلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
مەسىلىنى يىشىش:دۆلىتىمز خەلىق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى خەلىقنىڭ خوجايىنلىقىنى مەقسەت قىلىش خەلىقنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشغا كاپالەتلىك قىلغان بۇ خەلىقنىڭ ئىرادىسى ۋە مەنپەتنى ئەكىس ئەتتۈردى. خەلىق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ئاشكارا ئېچىلىشى ئارقىلىق خەلىقنىڭ خوجايىنىلىقىدەك مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئېچىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ھاكىميەت ئورگانىلىرنىڭ خەلققە مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ۋو سوتسىيالىستىك دىمۇكراتىيىنى ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شوڭا ①③توغرا . ②سوئال تەلىپىگە ئويغۇن ئەمەس. ④قاراش خاتا.
بىلىمنىڭ تارقىلىشى:«سىياسى تۇرمۇش» 5-دەرس 1-بۆلەك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى –دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتى
18
مەقسەت: ج ك پ نىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى پارتىيە توغرسىدىكى بىلىملەرنى ۋە ئۇقۇغۇچىلارغا ئۇچۇرنى ئوقۇپ چۈشىنىش، يۆتكەش ھە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىجتىمائي سىياسى ھادىسلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلىنغان.
مەسىلىنى يېشىش:ج ك پ جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادىروسى. دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپىقىيەتلىرى ج ك پ نىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئىقتىدارنى تۇلۇق نامايەن قىلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتكە ئىرىشىشتىكى تۈپ سەۋەپ پارتىيىنىڭ ئۆز خارەكتىرى ۋە مەقسىتىدە. شۇڭا ①③توغرا.②جاۋاب خاتا ،④جاۋاب سوئال تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
توغرا جاۋابB
بىلمنىڭ تارقىلىشى: «سىياسى تۇرمۇش»6-دەرس1- بۆلەك ج ك پ نىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشى تارىخ ۋە خەلىقنىڭ تاللىشى
19
مەقسەت: بۇ سوئال مەلۇم شىركەتنىڭ باشقىلار دىققەت قىلمىغان سودا پورسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۈنۈم ياراتقانلىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىيالىستىك دىئالىستىك بىلىملىرنى ئۇبۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىيالنى ئۇقۇپ چۈشىنىش ، بىلىمنى يۆتكەش ۋە ئىشلىتىش، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادى ھادىسلەرنى تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلىنغان.
مەسىلنى يېشىش:ماتىرىيالدا بىرىلگەن «چوڭقۇر تەتقىق قىلىش»«ماتىرىيالنىڭ ئالاھىدىلىكى»«چىداملىق تاختاي»«ئىقتىسادى ئۈنۈم»,«سودا پۇرسىتى»قاتارلىق سۆزلەردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى بۇ شىركەتنىڭ «شاخ-سومبا»بىلەن
«ئۈنۈم»ئوتتۇرسىدىكى ئەسلىدىنلا بار بولغان مۇناسىۋەتكە ئاساسەن ماھىيەتلىك باغلىنىشنى چىڭ تۇتۇپ يېڭى باغلىنىش ئۇرناتقان. شۇڭا ①②سى توغرا .③④قاراش خاتا.
توغرا جاۋاب: A
بىلىمنڭ تارقىلشى:«تۇرمۇش ۋە پەلسەپە»7-دەرس 2- بۆلەك. باغلىنىش نۇقتىنەزىرى بويىچە مەسلىلەرگە قاراش
20
مەقسەت:بۇ سوئال تارىخشۇناسلارنىڭ نۇقتىىنەزىرنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئاساس قىلىپ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش نەزەريىسى بىلىملىرى ، ماتىرىيالدىن ئۇچۇرلارنى ئايرىش،قاراتمىلىقى بولغان ھالدا بىلىمدىن يۆتكەپ پايدىلىنىش ۋە توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارنى سىناشنى مەقسەت قىلغان.
مەسىلىنى يېشىش: ماتىرىيالىستىك دىئالىكتىكىلىق بىلىش نەزەرريىسى: ئادەمنىڭ بىلىشى ھامان تۈرلۈك شارائىتلارنىڭ چەكللىمىسگە ئۇچرايدۇ. بىلىش سوبىكتىدىن قارىغاندا، كىشلەرنىڭ ئوبىيكتىپ شەيىئىلەرگە بولغان بىلىش كونكىرت ئەمەلىيەت سەۋىيىسنىڭ چەكىمىسىگە ئۇچراپ قالماستىن يەنە ئوخشىمىغان مەيدان نوقتئىنەزەر،ئۇسول، بىلىم سەۋيىسى، تەپەككۇر ئۇسۇلى،جىسمانى ساپاسى قاتارلىق ئامىللارنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بىلىشنىڭ ئوبىيكتىدىن قارىغاندا ئوبىيكتىپ شەيىئىلەر مۇرەككەپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ماھىيىتىنى بېلىشكە مۇئەييەن باسقۇچ كىتىدۇ. شۇڭا ③④توغرا ،①خاتا ،②ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.
توغرا جاۋاب:D
بىلىم مەنبەسى:«تورمۇش ۋە پەلسەپە» 6-دەرس 2-بۆلەك «ئەملىيەت جەريانىدا ھەقىقەتنى قوغلىشىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش.
21
مەقسەت: بۇ سوئال ھەجىۋى رەسىمنى .ئاساس قىلىپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بېلىش ئىقتىدارىنى ،مەسىلە ئىچىدىن ئۇچۇرغا ئىرىشىش، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مۇناسىۋەتلىك پەلسەپە بىلىملىرىدىن پايدىلنىش ئىقتىدارى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
مەسىلنى يېشىش: ھەقىقەتنىڭ شەرتلىكلىكى ۋە كونكرىتلىقى تۈپەيلىدىن ھەقىقەت بىلەن پەلسەپە ھامان ئارىلشىپ كىلىدۇ. كىشلەر ھەقىقەتنى ئىزدەش جەريانىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش تەس ئىش . خاتالىشىش قورقۇنۇچلۇق ئەمەس . قورقۇنۇچلۇقى خاتالىقىقا توغرا مۇئامىلە قىلماسلىقتا ،ھەجىۋى رەسىم ھەقىقەتنىڭ شەرتلىكلىكى ۋە كونكىرىتلىقىنى تۇنۇماي، ھەقىقەت ئىزدەشنىڭ بىر جەريان ئىكەنلىكىنى بىلمەي، خاتالىق ۋە سەۋەنلىككە توغرا مۇئامىلە قىلمىغان. شۇڭا ②④توغرا.①③قاراشلار خاتا.
توغرا جاۋاب: C
بىلىم مەنبەسى:«تۇرمۇش ۋە پەلسەپە»6- دەرس 2-تېما ،«ئەمىلىيەت جەريانىدا ھەقىقەتنى ئىزدەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش»
22
مەقسەت: سوئال كىلىنكا ئەمىليىتنى ئارقا كورۈنۈش قېلىپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىيالىزىم بىلىملىرىنى ئاساسى تېمىدىن ئۇچۇرغا ئىرىششى، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا بىلىمدىن پايدىلىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
مەسىلىنى يېشىش: ئادەمنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ جانىلىق ئۆزگىرشچانلىقى چوڭ مىڭىسىنىڭ «مىڭە ئالدى بودۇرچىكى »بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ نىڭ چۈشەندۈرىغىنى ئادەمنىڭ ئېڭىنىڭ ماددى ئاساسى مىڭە ،ئادەم مىڭىسى ئادەم تەپەككۇرنىڭ فىزلو گيىلىيلىك ئاساسى ئىكەنلىكى، ئەگەر ئادەم مېڭىسى بولمىسا ياكى ئۇنىڭدىن چاتاق چىقسا ئادەمىنىڭ نورمال تەپەككۇر پائالىيىتى ئېلىپ بارالمايدىغانلىقى.③④جاۋاپلار توغرا،①② خاتا.
توغرا جاۋاپ:D
بىلىم مەنبەسى:«پەلسەپە ۋە تۇرمۇش»5-دەرس 1-تېما.ئاڭنىڭ ماھىيىتى
23.
مەقسەت:خەلق ئارىسىدىكى ماقال تەمسىللەر ئاساس قىلىنىپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دىئالىكتىك ماتىرىيالىزىم بىلىملىرى ۋە ئۇچۇرغا ئىرىشىش ھەم قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مۇناسىۋەتلىك پەلسەپە بىلىملىرىدىن پايدىلىنىش ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى تەكشۇرلىدۇ.
مەسىلىنى يىشىش:«نەگە بارسا،شۇيەرنىڭ مۇقامىغا توۋلاش»«ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت،
خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت»قاتارلىق ماقال-تەمسىللەرنى چۈشەنمەك ئاسان،ئاممىباپ.ئۇ بىزدىن زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بىرىش ھەم زىدديەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
②④جاۋاپ توغرا،①③ سۇئال تەلىۋىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
توغرا جاۋاپ: C
بىلىم مەنبەسى:«تۇرمۇش ۋە پەلسەپە»9-دەرس2-تېما «قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ بىرلىگى نۇقتىنەزىرى بۇيىچە مەسىلىلەرگە قاراش»
تەھلىل سۇئاللىرى
38.
مەقسەت:بۇ سۇئالنىڭ 1-سۇئالى ئالىي مەكتەپ ئنتىھانى قىزىق نوقتا مەسىللىرىگە يۈزلىنىش تەلىۋىدە چىڭ تۇرغان بولۇپ، ئسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتىن كىيىن دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭلىق يارتىشنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائى تەرەقىقىياتىدىكى رولىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇليىتى ۋە رولىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسى بىلىملەرنى تەكشۈرۈشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان. بۇ سوئال ئاساسى بىلىمنى تەكشۈرۈشنى مۇھىم نوقتا قىلىپ، ئۇنىۋىرسال ھالدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىيال ئۇقۇش ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئىرىشىش، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى يۆتكەش ۋە قوللىنىش ئىقتىدارىنى، ئىجتىمائى سىياسى ھادىسىلەرنى بايان قىلىش، شەرھىلەش ئىقتىدارنى تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان.
مەسىلىنى يېشىش تەپەككۈر يولى:
①سوئال جەدۋەلنى تەھلىل قىلىش سوئالى: بۇ سوئالغا جاۋاب بېرشتە ئەڭ مۇھىم . ئالدى بىلەن ماتىرىيالنى تولۇق، توغرا ئوقۇش، تىمىسى ۋە ئىزاھاتنى تولۇق چۈشىنىش ،جەدۋەلدىكى تىك ۋە توغرا يۈنىلىشلىك سانلارنى سېلىشتۇرۇش ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاھىدەئەھمىيەت بىرىش كېرەك. ئاندىن، يەنە جەدۋەلدىن ئۇچۇرلار ئەكىس ئەتتۈرگەن ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە سوئالنى تېپىش. يەنە ئاندىن، ئۆگەنگەن بىلملەرنى ئۇنىۋىرسال پايدىلىنپ، شەرھىلەش جاۋاب بېرىش كېرەك.
② سوئالغا جاۋاب بېرشتە سوئالنىڭ زادى تىمىسنى «ئىقتىسادى بىلم»«ئۆز كۈچىگە تاينىپ يېڭلىق يارتىش»ۋە« كارخانا تەرەققىياتى»قاتارلىق ھالىقىلىق سۆزلەرگە دىققەت قىلىپ ئۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تەھلىل ئېلىپ بېرىش كېرەك. 2- سوئالنىڭ ②سىگە جاۋاب بېرىشتە، «ئۆز كۈچىگە تاينىپ يېڭلىق يارىتىش» ئىقتىدارنى مەركەز قىلىپ جاۋاب بېرش كېرەك. كېڭەيتىپ جاۋاب بىرىلسە بۇلىدۇ. ئەمما، سوئالنىڭ تەلىۋىدىن ھالقىپ، ھەدىدىن زىيادە كېڭەيتىۋىتشكە بولمايدۇ.
39
مەقسەت: بۇ سوئال مازۇ مەدەنيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، مازۇ مەدەنيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى رولى ئارقىلىق، مەدەنىيەتنىڭ رولى، ئىجتىمائى مەۋجۈدىيەت ۋە ئىجتىمائى ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتى، بىلىشنىڭ نىسبى مۇستەقىللىقى توغرسىدىكى بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمدىن پايدىلىنىش،قوللىنىش، بايان قىلىش، شەرھىلەش ئىقتىدارنى يىتىشتۈرمەكچى.
مەسىلنى يىشىشتكى تەپەككۈر يولى:
① ماتىرىيالدىكى مەدەنىيەتنىڭ رولىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قىزىپ چىقىپ، بىر يىڭى بىلىم سېستىمى ھاسىل قىلىش كېرەك. ئاندىن ماتىرىيالنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تەھلىل ئېلىپ بېرىلىسا بۇلىدۇ. جاۋاب بەرگەندە، مەدەنىيەتنىڭ رولىنى ئاساسى يىپ ئۇچى قىلىپ مەدەنىيەتنىڭ ئەمىلىي پائالىيىتىگە بولغان تەسىرى، مەدەنىيەتنىڭ ئادەمىنىڭ روھى تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان ھەم ئاڭ ۋە ھەركىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق نوقتىلاردىن جاۋاب بىرىلسە بۇلىدۇ.
②-سوئال ئىجتىمائى ئاڭنىڭ نىسپى مۇستەقىللىكىگە ئائىت بىلىمگە ئاساسەن مازۇ مەدەنىيىتىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇزاقلاردىن بىرى يوقىلىپ كەتمەي تارقىلىشىغا، تەرەققى قىلشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار نوقتىسىدىن چىقىپ جاۋاب بىرىلسە بۇلىدۇ.
③-سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئۆگەنگەن بىلمنى يۆتكەش ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ تەدبىلىرى قاتارلىق نوقتىدىن چىقىپ مازۇ مەدەنىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ رولىغا تەدببقلانسا بۇلىدۇ.
|