查看完整版本: [-- 3-يىللىقلارنىڭ بىئولوگىيە تەقلىدىي سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> بىئولوگىيە -> 3-يىللىقلارنىڭ بىئولوگىيە تەقلىدىي سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-11-21 22:29

3-يىللىقلارنىڭ بىئولوگىيە تەقلىدىي سۇئالى

 رەسىملىرى چىقمىدى -دە ، بۇ مەكتىپىمىز بىولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى خانقىز ئابدۇرېشىدنىڭ تەييارلىغان ماتېرىيالى ئىدى ...

تولۇق 3-يىللىقلارنىڭ بىئولوگىيە تەقلىدىي ئىمتىھان سۇئالى

 

1. تاللاش سوئالى         

 1. ھۈجەيرىدىكى بىئو پەردە سىستېمىسى دېگەندە تۆۋەندىكىنى كۆرسىتىدۇ:(     ) 

A.ھۈجەيرە پەردىسى ،يادرو پەردىسى ۋە پەردىلەر ئوراپ تۇرغان ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىدىن شەكىللەنگەن بىرلىككە كەلگەن پەردە سىستېمىسى

B.پلازما ئىچكى تورى ،گولگى تەنچىىسىى ۋە يادرو پەردىسىدىن ھاسىل بولغا ئالاھىدە فونكىسىيىگە ئىگە تۈزۈلۈش

C.بارلىق ھۈجەيرە پەردىسى

D.ھۈجەيرە پەردىسى ۋە يادرو پەردىسى

2.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىلارنىڭ ئىنچىكە ئۈچەي ئېپتىلىيە ھۈجەيرىللىرى ATP نى سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئانا سۈتىدىكى ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىلى بىلەن گالاكتوزىنى بىۋاستە سۈمۈرۈپ ئالىدۇ .بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ قانغا سۈمۈرۈلۈش شەكلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا :(     )

A.ئاكتىپ توشۇلۇش، ئاكتىپ توشۇلۇش   B.ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇشى ، ئاكتىپ توشۇلۇش

C. ئاكتىپ توشۇلۇش، ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇشى D.پاسسىپ توشۇلۇش ، ئاكتىپ توشۇلۇش

3.مەلۇم ئادەمنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ،ئۇنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىللىرىنىڭ بەزىلىرى نورمال بولۇپ ،يۇمىلاق توغاچ ھالىتىدە ،بەزىلىرى ئەگرى ئورغاقسىمان ھالەتتە ئىكەن. ئورغاقسىمان تىپلىق قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ كۆرۈلۈشىدىكى بىۋاستە سەۋەب: (       )

A.مۇھىتنىڭ تەسىرى                               B.ھۈجەيرىنىڭ دىففېرىنسىيىلىنىشى

C.ھۈجەيرىنىڭ تەبىئىي ئۆلۈشى                     D.ئاقسىلدىكى پەرق

4.ۋىروسدىكى يادرو كىسلاتا قوش زەنجىرلىك DNA ،قوش زەنجىرلىك RNA ۋە يەككە زەنجىرلىك RNA دىن ئىبارەت تۆت خىل تىپتا بولىدۇ .يېڭى بىر خىل ۋىروس بايقالغان بولۇپ ،ئۇنىڭ يادرو كىسلاتاسىنىڭ يۇقىرىدىكى قايسى خىل تىپقا تەۋە بولىدىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن چوقۇم : (      )

A.ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ تىپىنى تەھلىل قىلىپ ،ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ نىسبىتىنى  بېكىتىش كېرەك

B.ئىشقار رادىكاللىرى تىپى بىلەن رىبوزىنىڭ تىپلىرىنى تەھلىل قىلىش كېرەك

C.ئاقسىلدىكى ئامىنو كىسلاتا تەركىبى بىلەن ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ تىپلىرىنى تەھلىل قىلىش كېرەك

D.ئاقسىلدىكى ئامىنو كىسلاتا تەركىبى بىلەن رىبوزىنىڭ تىپلىرىنى تەھلىل قىلىش كېرەك

5.تۆۋەندە بېرىلگەن ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيلىك پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن توغرا بولغىنى : (        )

A.تاماق بەك تۇزلۇق بولغاندا ،قان پىلازمىسى ئوسموس بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ئۇسساش پەيدا بولىدۇ

B.قان قەنتىنىڭ قويۇقلىقىg/mol0.8-g/mol1.2 دىن تۆۋەن بولغاندا ئادەم تېنىدىكى ياغلار كۆپ مىقداردا پارچىلىنىشقا باشلايدۇ                                                                                    

C.ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرىلەر ھاسىل قىلغان  CO2چوقۇم ئوكسىگىنلىق نەپەسلىنىشتە قويۇپ بېرىلگەن                                                                                                       

D.بىر قىسىم دىئابېت كېسىلى بار كىشىلەر چوشقا ياكى كالا ئىنسۇلىنى ئارقىلىق دىئابىت كېسىلىنى داۋالىغاندا ،ئېغىر دەرىجىدە ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيە كۆرۇلگەن .بۇنىڭ تۇپكى سەۋەبى ،چوشقا ياكى كالا ئىنسۇلىننىڭ فىزىئولوگىيلىك رولى بىلەن ئادەم ئىنسۇلىنىڭ فىزىئولوگىيلىك رولى ئوخشىمايدۇ

6.تۈركۇمنىڭ تۈزۈلىشى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكىدەك چۈشىنىشلەردىن توغرا بولمىغىنى :(     )

A.بامبۇك ئورمانلىقىدا بامبۇكلار ئېگىز –پەس گىرەلىشىپ ئۆسىدۇ ،ئۇلار ۋېرتىكال تۇزۇلۇش جەھەتتە قەۋەتكە ئايرىلىش ھادىسسىگە ئىگە

B.ھايۋانلارنىڭ تۇركۇم ئىچىدىكى ۋېرتىكال تارقىلىشى ئۆسۇملۇكلەرنىڭ قەۋەتكە ئايرىلىش ھادىسىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ

C.تاتلىق سۇ بېلىقلىرى ئوخشىمىغان سۇ قاتلاملىرىنى ئىگىلەيدۇ،كۆرۈلىدىغان قەۋەتكە ئايرىلىش ھادىسىسى ھەر خىل بېلىقلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

D.ئوخشاش بولمىغان يەر بۆلەكلىرىدىكى جانلىقلارنىڭ تۈرلىرىدە پەرق بولىدۇ ،گورىزونتال يۆنىلىشتە قەۋەتكە ئايرىلىش ھادىسسى بولمايدۇ

 

2. جاۋابى يېزىلىدىغان سۇئاللار






29.تۆۋەندىكى رەسىم يىشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۈرماق ئەت ھۈجەيرىسىدە يۈز بەرگەن فوتۇسىنتىز جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ .رەسىمدىكى   لار فوتۇسىنتېزنىڭ خام ئەشياسى، ①④ مۇناسىۋەتلىك جەريان .رەسىمگە ئاساسەن جاۋاب بېرىڭ .

                                                            a                   O2                    H2O

                        【H】    ATP         【H】    ATP





          b                 C6H12O6                            CO2

 

(1) رەسىمدىكى جەريان ① ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇن   ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

(2) فوتۇسىنتىز جەريانىدىكى[ H] نىڭ كېلىش مەنبەسى جەريان ① دىكى ــــــــــــــــ،جەريان ③ دىكى ـــــــــــــــــــــــــــــــــ  گە ئىشلىتىلىدۇ.

(3) ئوكسىگىنلىق نەپەسلىنىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا [H] ،ATP ھاسىل قىلىشتىن باشقا ،يەنە ــــــــــــــــــــ مۇ ھاسىل بولىدۇ .جەريان ①دە ھاسىل بولغان ئوكسىگىن  قوشنا ھۈجەيرىدىكى جەريان ②گە ئىشلىتىش ئۈچۈن كەم دېگەندە ــــــــــــــــــــ قەۋەت بىئو پەردە تۈزۈلىشىدىن ئۆتۇشى كېرەك .

(4) ئەگەر بۇ ئۆسۈملۈكنىCO2نىڭ قويۇقلىقى0.03بولغان مۇھىتتىنCO2 نىڭ قويۇقلىقى 1 بولغان مۇھىتقا يۆتكىگەندە ،باشقا شارائىتلار ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ،خىلوروپلاسسىتتىكى 【H】نىڭ مىقدارى  ــــــــــــــــ

(5)  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ  تۇپراقسىز ئۆستۈرگۈچىنىH218O بىلەن تەمىنلىگەندە پارنىكتىكىCO2دىن ئىزوتوپلۇق   18O2  نى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ .بۇنىڭ سەۋەبى سۇ ــــــــــــــ جەريانغا قاتناشقان .ئەگەر پارنىكتىكى ئوكسىگېننى ئىزوتوپلۇق 18O2دىن تاپقىلى بولسا ،بۇنىڭ سەۋەبى  سۇ ــــــــــــــ جەريانغا قاتناشقان .

(6) ئوكسىگىنلىق نەپەسلىنىشنىڭ ئومۇمىي فورمۇلاسىنى يېزىڭ

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

 

30.مېۋە چىۋىنىنڭ كۈلرەڭ تەن بولۇشى بىلەن  قارا تەن بولۇشى بىر جۇپ نىسپىي بەلگە (B,b)؛تۈز

تۈكلۈك  بولۇشى بىلەن ئاچىماق تۈكلۈك بولۇشى بىر جۈپ نىسپىي بەلگە (F،f ) .مىۋە چىۋىنىنىڭ ئىككى ئەجدادنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئەۋلاد تۈرى ۋە نىسپىتىگە ئېرىشكەن :

قارا تەن ،

ئاچىماق تۈك

قاراتەن،

تۈز تۈك

كۈلرەڭ تەنۈ

ئاچىماق تۈك

كۈلرەڭ تەن،    

تۈز تۈك

 

0

      1/4

0

    3/4 

چىشى مىۋە چىۋىنى

1/8

1/8

3/8

3/8                 

ئەركەك مىۋە چىۋىنى

 

مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىڭ :

(1)كۈل رەڭ تەن بىلەن قارا تەن بولۇشىنى كونتىرول قىلىدىغان گېنلار ــــــــــ ئۈستىگە جايلاشقان؛تۈز تۈكلۈك بولۇشىنى كونتىرول قىلىدىغان گېنلار ــــــــــــ ئۇستىگە جايلاشقان .

(2) ئەجداد مېۋە چىۋىنىنىڭ  ئىپادىلىنىش تىپى بولسا ــــــــــــــــ،ـــــــــــــــــــ

(3) ئەجداد مېۋە چىۋىنىنىڭ گېن تىپى بولساــــــــــــــــــــ،ـــــــــــــــــــــــ

(4) ئەۋلادىدىكى ئەركەك مېۋە چىۋىنلىرى ئىچىدە ، كۈل رەڭ تەن ئاچىماق تۈكلۈك بولغىنىنڭ گېن تىپى بولسا ـــــــــــــ،ــــــــــــــــ،قارا تەن ،تۈز تۈكلۈك بولىدىغىنىنىڭ گېن تىپى ـــــــــــــــ بولىدۇ .

(5) ئەۋلادىدىكى ئىپادىلىنىش تىپى كۈل رەڭ تەن تۈز تۈكلۈك بولىدىغان چىشى مېۋە چىۋىنلىرى   ئىچىدىكى ساپ زىگوتىلىق بىلەن ئارىلاش زىگوتىلىقىنىڭ نىسپىتى  ـــــــــــــــــ بولىدۇ .         

 

 31. تۆۋەندىكى  مەسىلەرگە جاۋاپ بېرىڭلار :

 قان شىكىرىنىڭ تۆۋەنلىشى             قان شىكىرىنىڭ ئۆرلىشى

       ↓                     ②       

ئاشقازان ئاستى بېزى

                        

                                                                                                    

                              

                      ⑦                  ⑧                    ⑨

جىگەر          موسكۇل          بۆرەك كىچىك نەيچىسى      بارلىق توقۇلمىلار

 

(1) قان شېكىرى ئۆرلىگەن ۋاقىتتا ② جەريان ئارقىلىقa نىڭ ئاجرىتىلىش مىقدارى ئاشىدۇ ،a ھورمۇن ——————  ئىپادىلەيدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ⑦ گە نىسبەتەن a ھورمۇننىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى بولسا   ————————   ،⑨دىكى توقۇلما ئەزالارغا  a ھورمۇننىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى بولسا ———————————————————

بۇ خىل ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ،بۇ ھورمۇن بىلەن ھەمكارلىشىدىغان  ھورمۇن بولسا ———————————————— 

(2) رەسىمدىكى ② جەرياننىڭ ئىككى خىل تەڭشىلىش يولى بولىدۇ ،بىرى —————————— ؛يەنە بىرى ——————————

32. كاربون ئايلىنىشنىڭ تۆۋەندىكى كۆرسەتمىلىك رەسىمىنى تەھلىل قىلىپ ،مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىڭلار :                                                                                                

لېتوسفىرا

 






ھىدروسفىرا                                  ئاتموسفىرا





جەسەتلەر

                                                          

يېشىل ئۆسۈملۈكلەر



جەسەتلەر



جەسەتلەر

                   

ھايۋانلار        



خىمىيىلىك يېقىلغۇلار

         كاربونلىشىش  

 

 

(1) مىكرو جەھەتىتىن قارىغاندا ،جەريان ① ھۈجەيرە ئىچىدىكى ـــــــــــــــ  دا ئېلىپ بېرىلىدۇ ؛ جەريان ③ئاساسلىقى ھۈجەيرە  ئىچىدىكى  ــــــــــــــــ دا ئېلىپ بېرىلىدۇ .

(2) كاربوننىڭ ئانئورگانىك مۇھىتتىن جانلىقلار تۈركۈمىگە كىرىشىدىكى ئاساسلىق يولى ① بولسا

ـــــــــــــــــــــــ، ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئالاھىدە بولغان ئېكولوگىيىلىك سىستېمىلاردا يەنە ــــــــــــــــــــــــ ئارقىلىق جانلىقلار تۈركۈمىگە كىرىدۇ ؛ ② نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى ــــــــــــــــــــ مۇناسىۋىتى ، ④  ــــــــــــــــــــ نى ئىپادىلەيدۇ .

(3) يۇقىرىقى رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، پارنىك ئېففېكتنى تۆۋەنلىتىشىدىكى ھلقىلىق تەدبىرلەر بولساــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ-    

 

(40) [ بىئولوگىيە –تاللانما 3: ھازىرقى زامان بىئولوگىيە پەن –تېخنىكىسىغا ئائىت مەخسۇس تېما ](15 نۇمۇر)

ئۆسۈملۈك ماتىرىيالى

ئۇندەپ ئەسلىگە كەلتۇرگۈچى توقۇلمىلارنى ھاسىل قىلىش

تەبىئەت دۇنياسىدا خىلوروپلاسىت تەركىبلىك بىر خىل ئاددىي ھايۋان –ئىۋگىلىنا قۇرتى بولىدۇ.بۇ ئۆسۇملۇك ھۇجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوخشاشلا بەزى ھايۋان ھۈجەيرىللىرىدە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ .مەلۇم بىر ساۋاقداش” ھايۋان ھۈجەيرىسى بىلەن ئۆسۈملۈك ئوتتۇرىسىدا شالغۇتلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟دېگەن مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ،تۆۋەندىكىدەك تەجرىبە  لايىھەسنى تۈزگەن

پوستىنى چىقىرىۋېتىپ پروتوپلازما ھاسىل قىلىش

ھايۋان تۈرەلمە ھۈجەيرىسى ئۆستۈرۈش

 

 


                                  بېرىكتۈرۈش  

بىرىككەن تۈرەلمە ھۈجەيرىسى

بۆلۈنۈپ تۈرەلمىنى شەكىللەندۈرۈش

ھايۋان-ئۆسۈملۈك شالغۇت تەن توغۇلۇش

تۆرەلمىنى بالياتقۇغا يۆتكەش

 

 

 

 

 


تەجرىبە لايىھەسىگە ئاساسەن جاۋاپ بېرىڭ .

تەجرىبە پىرىنسىپى :ئېۋگىلىنا قۇرتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا ،ھايۋان ھۈجەيرىسى بىلەن ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنى نەزىرىيە جەھەتە شالغۇتلاشتۇرۇشقا بولىدۇ .تەجرىبە قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك

(1) ① دە ئالغان ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدە چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك ھۈجەيرە ئاپپاراتى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

(2) ③ جەريانغا ئىشلىتىدىغان ئېنىزىم  ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ (3) ④ جەريانغا ئېلىكتىرلىك قوزغىتىش ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە ــــــــــــــــــــ ،ـــــــــــــــــــــــــ قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ .                                                                          

(4) ⑤ جەرياندا ھايۋان  تەن ھۈجەيرىسىنى تەن سىرتىدا ئۆستۈرۈشتە قانائەتلەندۈرىدىغان  شارائىتلار ــــــــــــــــ ، ـــــــــــــــــــ،ــــــــــــــــــــــ ،ـــــــــــــــــــ ،ــــــــــــــــــــــــــ .

(5)پۇتكۈل تەجرىبە جەريانى مىكروبسىز شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ .ئەگەر ئۆستۈرگۈچ بۇلغىنىپ قالسا ئارىلاشما باكتېرىيەلەر تىزلىكتە ئۆسۈپ ــــــــــــــــــ بىلەن ئوزۇقلۇق تالىشىدۇ ۋە كۆپ مىقداردا ـــــــــــــــــــــ ھاسىل قىلىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ماددىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

(6) ⑤⑥ جەرياندا ئادەتتە قان زەردابى قوشۇلىدۇ ،بۇنىڭ سەۋەبى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


117121 2012-04-13 00:32
بۇنىڭ جاۋابى ؟؟؟  بەزى سۇئاللرنىڭ سىخېمىسى تۇلۇق چىقماي قالدىمۇ  قانداق!  ئىشلەي دىگەنتىم...  بىراق...

tawpek 2012-08-13 12:53
چۈشۈرسىڭىز تولوق چۈشىدۇ نورمال.


查看完整版本: [-- 3-يىللىقلارنىڭ بىئولوگىيە تەقلىدىي سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled