مەن ئاتا _ ئانىلار يىغىنىنى مۇنداق ئاچتىم
%<
Kw كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەرەپلىدىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزۈم ئاچقان بىر قېتىملىق ئاتا _ ئانىلار يىغىنىنىڭ جەريانى ، ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ، +5IC-=
ZB يازغان ماقالىلەر قاتارلىقلارنى سۇندۇم ، (گىرافىك خېلى ياخشى لايھىلەنگەن ئىدى يوللىيالمىدىم )، ئۆز ئارا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلەپ مىللىي مائارىپىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى . Hy0l"CA*| @$%[D`Wa< $Hbd:1%i
{ u+/1ryp @&LtIN# j[y,Jch مەن ئاتا _ ئانىلار يىغىنىنى مۇنداق ئاچتىم FfR%@
V' FeAMt مەدىنئاي تەلئەت *dE5yS`H غۇلجا شەھەرلىك 8 _ ئوتتۇرا مەكتەپ #3m7`}c 1. ئاتا _ ئانىلارغا سالام قىلىنىپ ، ئۇلارغا ئاتاپ بىر قاتار كۈيلەش سۆزلىرى ئېيتىلىپ ئۆتۈلدى . ZyQ+}rO 2. ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم تونۇشتۇرۇش ئاخىرىدا مەن مۇنداق ئوقۇتقۇچى ناملىق ئەسىرىمنى ئوقۇپ ئۆتتۈم ( بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تەبىئىي پەنگە بۆلۈنۈپ سىنىپىمغا يىڭى كىرگەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىللىرنىڭ ئاتا _ ئانىللىرى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشۈم ئىدى )
Cvf^3~q 3.ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىللىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى . _YM]U`* 4. سىنىپمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى ، ئىلگىرلەشلەر تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلدى ( ئۆگىنىش ، ئەخلاق ، ئىنتىزام ، يىڭىلىق يارتىش ، ھەر قايسى مۇسابىقلەر ... قاتارلىق تەرەپلەردىن خۇلاسە قىلىندى ، ) AECaX4h+_ 5. ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاپ ئۆتۈلدى ، مۇكاپاتلاشتا نۇقۇل ئۆگىنىش نەتىجسىگىلا قارىماستىن سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ئەستايىدىل ئوقۇغۇچى ، ئەڭ سەمىمىي ئوقۇغۇچى ، فورمىنى ئەڭ تولۇق كېيىدىغان ئوقۇغۇچى ، تەنتەربىيىدە ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى ، چاچ پاسۇنى ئەڭ ئۆلچەملىك ئوقۇغۇچى .. . قاتارلىق توققۇز تەرەپ بويىچە مۇكاپاتلاندى ، ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن ئوقۇغۇچى ، ئۇيغۇر فولىكلۇر كۆرگەزمسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇكاپاتلاندى ، مۇكاپات بويىمى تارقىتىپ بىرىشكە يىغىنغا كىرگەن ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنىدى ، بۇ ئارقىلىق كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى . f/Q7WXl0
6.ئاتا _ ئانىلارنىڭ جاپالىق ئىشلەۋاتقان جايلىرى ، ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەت ئېلىنىپ ناخشا كىرىشتۈرۈپ ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم قويۇپ ئۆتۈلدى . ( ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا ھەقىقەتەندىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىلدى ، نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار ھەم بالىلار تەسىرلىنىپ كۆز ياش قىلىشتى .فىلىم كۆرسىتىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئسسىق سىنىپلاردا ئولتۇرغاندا ئاتا _ ئانىللىرىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقى ، ئاتا _ ئانىلارغا قەرزدار ئىكەنلكى ... قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى . بۇ فىلىمنى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن ئۈزۈم بىر ئوقۇغۇچى بىلەن شۇ ئاتا _ ئانىلار تازلىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان دوختۇرخانىلارغا ، ئاشخانىلارغا ، دۇككانلارغا بىرىپ سۈرەتكە ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ ، رەتلەپ ، ناخشا كىرىشتۈرۈپ تەييارلىغان ) OG&X7>'3I{ 7. <<ئوقۇغۇچىلار ئاۋازى >> تېمىسدا رەتلەنگەن << ئاتا _ ئانا ، سىلەرگە يۈرەك سۆزلىرىم >> ماۋزۇسىدىكى ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى ( 10 نەپەر ئوقۇغۇچى تەييارلىق قىلىنغىنى بويىچە تەرتىپتە تىزىلدى ، ئالدى بىلەن ئىككى ئوقۇغۇچى ئاتا _ ئانىلارغا سالام قىلدى ، ئارقىسىدىن ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئاتا _ ئانا تېمىسىدىكى شېئىرلىنى ئوقۇشتى ، ئارلىقتا قەيسەر ھەبىبۇللانىڭ ناخشا ئالدىغا بىرلىگەن ئانا توغرىسىدىكى قىسقا نۇتۇقى قويۇپ ئۆتۈلدى ، ئارقىسىدىن بىرىنچى ئوقۇغۇچىدىن باشلاپ ھەر بىر مەزمۇننى بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇدى ، ئارقىسىغا لىرىك مۇزىكا كىرشتۈرۈلدى ، ئاتا _ ئانىلار قاتتىق ھاياجانلاندى ، ئاتا _ ئانىلار ھەم ئوقۇغۇچىلار كۆز ياش قىلىشتى ) ماقالە ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن پەرزەنتلەر بىلەن ئاتا ئانا ئوتتۇرىسدىكى چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇر بولۇش زۆرۈلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى . z8"(Yy7m 8. ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى بويىچە ئىككى نەپەر ئاتا _ ئانا ئۆزلىرىنىڭ تەييارلاپ كەلگەن ماقالىلىرىنى ئوقۇشتى ، ماقالە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مېھنىتىگە تەشەككۇر ئېيتىش ، پەرزەنتلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ، ئاتا _ ئانىلارنىڭ جاپاسى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ناھايىتى ياخشى يىزىلغان بولۇپ ئاتا _ ئانىلار ھەم ساۋاقداشلار شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنى ھاياجانلاندۇردى . \R0&*cnmo 9. بىر نەچچە ئاتا _ ئانىدىن بالىلىرىنىڭ نەتىجىللىرىنى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى كەيپىياتى ، قانداق ئويلاۋاتقانلىقى ، قانداق تەربىيە قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن سوراپ ئۆتۈلدى ، بەزى ئاتا _ ئانىلار كەيىپىياتىنىڭ بەكلا ناچارلىقى سۆزلىگىسى يوقلۇقىنى ، بەزىللىرى پەرزەنتلىرىدىن خۇشال بولغانلىقى ئۆگىنىشتە قانداق ياردەم قىلىۋاتقانلىقى ، يەنە بەزى ئاتا _ ئانىلار كۆڭلىنىڭ بەكلا يىرىم بولغانلىقى ، ئۆيگە بارغاندىن كېيىن بالىلار بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىدىغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن سۆزلەپ ئۆتتى ، سىنىپىمىزدا ئىزچىل ھالدا بىرىنچى بولۇپ كېلىۋاتقان ساۋاقداشنىڭ ئاپىسى تەجىرىبە تونۇشۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى .ئارقىسدا بالىلىرىمىزنىڭ نەتىجسىنىڭ تولۇق بىرىنچى يىللىققا قارىغاندا زور ياخشىلانغانلىقى ، بۇنىڭغا كۆز يۇمماسلىق ، ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىرىش ، بىراق نۇقۇل ھالدا ئىمتىھان نەتىجىسىگە قادىلىۋالماسلىق ، ئەڭ مۇھىمى ئادىمىيلىك تەربىيىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن خۇلاسە چىقىرىلدى . ( ئالاھىدە تەييارلانغان گىرافىك ۋە بالىلارنىڭ نەتىجسى چۈشۈرۈلگەن قەغەز بىرلىكتە ھەر بىر ئاتا _ ئانا كىرگەندە قولىغا بىرىۋىتىلگەن ) D\Nhq Vw 10.بالىلارنىڭ تەييارلاپ كېلىنگەن تاماقلىرىغا ئېغىز تىگىپ ئۆتۈلدى .( دەرسىلىكىمىزگە كىرگۈزۈلگەن << ئۇيغۇر يىمەك _ ئىچمەكلىرى >> ناملىق ئەسەرنى يىڭلا ئۆتكەن ئىدۇق ، بالىلارغا ئۆزى قول سېلىپ تاماق ئېتىپ كېلىش تاپشۇرۇلغان ، بۇ بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنىۋىرسال جەھەتتىن تەربىيلىنىشگە پايدىلىق، يەنە بىر جەھەتتىن ئاتا _ ئانىللىرىمىزنى كۈتىۋالغان بولدۇق . ) ھەر بىر تاۋاقنى راسلاپ كەلگەن ئوقۇغۇچى ئاتا _ ئانىلارغا ، ئوقۇتقۇچىلارغا ، ساۋاقداشلىرىغا تاماق تۇتۇشتى ( تاماق تولىمۇ ئوخشىتىپ ئېتىلگەنىدى ) ئارقىسىدىن شۇ تاماقنى ئېتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سورالدى ، تاماق ئېتىش ئاسانمىكەن ؟ قانچىلىك ۋاقىتتا ئەتتىڭىز ؟ ...دىگەندەك سۇئاللار سورالدى ساۋاقداشلار تاماق ئېتىشنىڭ ھەقىقەتەندىمۇ تەسلىكىنى ، شۇنچىلىك كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلغانلقىنى ئېيتىشى ، ساۋاقداشلارغا سىلەر مانا بىر ۋاخ تاماقنى شۇنچە تەستە تەييارلاپ كەلدىڭلار ، ئەمما ئاناڭلار سىلەر ئۈچۈن كۈندىلا مۇشۇنداق جاپا چېكىۋاتىدۇ ، شۇڭا ئۇلارنىڭ قەدىرىگە يەتمىسەڭلار بولمايدۇ ، دەپ ئەسكەرتىلدى . <~[A ئىككى ساۋاقداشنىڭ ئاپىسىدىن : _ تاماقنى راستىنلا ئۆزى تەييارلىدىمۇ ياكى سز ياردەملىشىپ بەردىڭىزمۇ ؟ دېگەندەك سۇئاللار سورالدى ئۇلار تاماقنى بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتۈشتى ، بايامىقى كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس دىگەن ئاتا _ ئانىلاردىن ، تاماق ئوخشاپتىمۇ ؟ كەيپىياتىڭىز ياخشىلاندىمۇ ؟ دېگەندەك سۇئاللار سورىلدى ، پەرزەنتىلىرىنى سەل چاغلىماسلىقى ئەسكەرتىلدى ، كەيپىيات بىر قەدەر يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ( ئالتە نەپەر ساۋاقداش بەنشىر ، سامبۇزا ، سەۋزە يۇتا ، قۇيماق ، كاۋا مانتا قاتارلىق تاماقلارنى تەييارلاپ كەلگەنىدى ) Y-.pslg 10 . يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار سۆزگە تەكلىپ قىلىندى ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەرسلىرىدىكى ئۇمۇمىي كەيپىياتى ، نەتىجىسىدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا زور ياخشىلىنىش بولغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن سۆزلەپ بالىلار ھەم ئاتا _ ئانىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئېيتىپ ئۆتۈشىتى ، مەن سىنىپىمنىڭ تىل _ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىنىپمنىڭ تىل _ ئەدەبىيات نەتىجسىنىڭ ئىزچىل 100% بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى بۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيدىغانلىقى ، تىل _ ئەدەبىيات دەرىىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ھەم مېنى ياخشى كۆرگەنلىكى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتتۈم . C>?`1d@ 11. ئاخىرىدا سىنىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىللەر ۋە مەكتەپنىڭ قائىدە _ تۈزۈملىرى بىر قۇر ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلۈپ يەنىلا ئارتۇقچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ خۇلاسىلاندى . K'`N(WiL 12. ئاتا _ ئانىلاردىن پىكىر ئىلىندى ، پەقەت بىر ئانا چۈشتە قالىدىغان ساۋاقداشلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى . 9Okb)K95 13. ئاتا _ ئانىلارنىڭ كەلگەن قەدەملىرىگە رەھمەت ئېيتىپ ، بالىرىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرشىش ھەققىدە ئەسكەرتىلىپ ، يىغىن ناھايىتى يۇقىرى كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى . oM=Ltxv} Kh!h_
/A U&
X ئاتا - ئانىلار يىغىنى يىغىن تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى hJ+;N مەدىنئاي تەلئەت BPoY32d"_ غۇلجا شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ F 8\nAX تولۇق 2 - يىللىق 18 - سىنىپ 7I/ 2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى .c[v /SB]
2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ( شەنبە ) ئۆتكۈزۈلىدىغان غۇلجا شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2 - يىللىق 18 - سىنىپنىڭ ئاتا - ئانىلار يىغىن تەرتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مەدىنئاي تەلئەت n\Z&sc 1. ئاتا - ئانىلار سىنىپقا باشلىنىپ ، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . /( /)nYAjk 2.ئاتا - ئانىلارغا سالام . :%M[|Fj 3. ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن . ( ئارلىقتا‹‹مەن مۇنداق ئوقۇتقۇچى ›› ناملىق ئەسىرىم ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ ) \vBpH'hR,' 4. سىنىپىمىزغا دەرىسكە كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلىدۇ . VU1;ZJE 5.سىنىپىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى تىلغا ئېلىنىپ ئۆتىلىدۇ . DP=4 1) ئۆگىنىش جەھەتتە ( ئىلگىرلىگەن ئوقۇغۇچىلار تىلغا ئېلىنىدۇ ) ?UAB}CjY 2 )ئەخلاق جەھەتتە Sb=cWn P 3) ئىنتىزام جەھەتتە S0V%JY;Gv 4)تەنتەربىيە جەھەتتە ~Uw**PT3M 5) مەكتەپ ھەم سىنىپىمىز ئورۇنلاشتۇرغان ھەر قايسى پائالىيەتلەردە @ \ip?= 6) يېڭىلىق يارتىش جەھەتتە r40#-A$ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ، ياسىغان بويۇملىرى ، رەسىملىرى ، ھەتتاكى ياخشى ئىشلەنگەن تاپشۇرۇقلىرىدىغىچە بولغان ماتىرىياللىرى توپلانغان جازا كۆرسىتىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش قىزغىنلىقى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئىلھام بىرىلىدۇ . HH[b1z2D 7) بەزى مۇسابىقىلەردە ئالغان گۇۋاھنامىلەر تارقىتىلىدۇ ، ئالدىنقى 10 نەپەر ئوقۇغۇچى ، يەنە سىنىپتا فورمىنى ئەڭ تولۇق كېيىدىغان ئوقۇغۇچى ، ئەڭ ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى ، ئەڭ ئىنتىزامچان ئوقۇغۇچى ، ئەڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچى ، ئەڭ ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچى قاتارلىق تۈرلەر بىلەن ئامال بار كۆپ ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ ( ئامال بار ئارقىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىنىڭ كىچچىككىنە ئالاھىدىلىكى بىلەن بولسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلىدۇ ) /esSM~*H 5.ئاتا - ئانىلار توغرىسىدا ئالدىن سىنغا ئېلىپ رەتلەنگەن قىسقا فىلىم قويۇپ ئۆتۈلۈپ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تارتىۋاتقان مۇشاقەتلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار يەنىمۇ خەۋەرلەندۈرۈش ئاساس مەقسەت قىلىنىدۇ ( بۇ ماتىرىياللارنى ئۆزۈم ئىككى كۈن ئىلگىرى شۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ جاپالىق ئىشلەۋاتقان جايلىرىغا بېرىپ ئاتا - ئانىلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ تازلىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ، ئۇن توشىۋاتقان ، ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان قاتارلىق ئىشلىرى ئېلىنغان فېلىم رەتلىتىش ، كىرىشتۈرۈش ئاساسىدا تەييارلانغان ) uX*H2"A 5.‹‹ ئوقۇغۇچىلار ئاۋازى ›› تېمىسىدا رەتلەنگەن ماقالىلەر ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانا توغرىسىدىكى شېئىرلىرى ۋە ئاتا - ئانا توغرىسىدىكى ناخشىللىرى كۆرۈپ ئۆتۈلىدۇ . ( ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەجىرىلىرىگە رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ھەم ئاز - تولا ئۆتۈنۈشلىرى ئىپادىلەنگەن ، بۇ جەريانلارغا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ) 7_ g}t!b` 6.سىنىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزۈم ئايرىم تەييارلىغان گىرافىك تارقىتىلىپ ئاتا - ئانىلار مەكتەپتە ئىشلەتكەن ئۇمۇمىي خىراجەت ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى نۇمۇرى ، ئورتاق نۇمۇر ، ئۆتكەن مەۋسۈمدىكىگە قارىغاندا ئۆرلەش نىسبىتى ، مەكتەپتىكى كېلىپ _ كېتىش ، تاپشۇرۇق بىرىش ئەھۋالى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىلىرى قاتارلىقلار خاتىرلەنگەن گىرافىك تارقىتىپ ئۆتۈلىدۇ . ئىككى - ئۈچ ئاتا - ئانىدىن سىز بۇ Pb$ep|`u نەتىجىلەرنى قولىڭىزغا ئالغاندىن كېيىن قانداق ھېسىياتقا كەلدىڭىز دەپ سوراپ ئۆتۈلىدۇ . X$w ,zb\ 7. سىنىپتا ئەڭ ئالدىدا كېتىپ بارغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىدىكى ئۆگىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا تەجىرىبە تونۇشتۇرىدۇ . 2ul!f7#E 8.ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى بويىچە ئىككى نەپەر ئاتا - ئانا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىللىرىغا ۋاكالىتەن ئالدىن تەييارلىغان ماقالىسنى ئوقۇپ ئۆتىدۇ . ( بىر نەچچە ئاتا - ئانىلاردىن بالىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى سوراپ ئۆتۈلىدۇ ) >IO}}USm 8.سىنىپقا كىرگەن ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىللىرى سۆزگە تەكلىپ قىلىنىدۇ . T!eb=oy 9. بۈگۈنكىدەك ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇش ھەر تەرەپلىمە تەربىيلىنىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان كۈندە ھەم دەرسلىكىمىزدىكى ‹‹ ئۇيغۇر يىمەك - ئىچمەكلىرى ›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئۆزى قول سېلىپ ئېتىپ كېلىشكە تاپشۇرۇلغان تاماق ئاتا - ئانىللارغا سۇنىلىدۇ ھە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىدە ياخشى تەربىيلىنىشگە ئەھمىيەت بىرىش تەكىتلىنىدۇ . ( بۇ ئارقىلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيلىشىمىزگە بولغان قوللاش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ ) s
bV6} 10 . ئاخىرىدا سىنىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ، مەكتەپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرى ، مەكتەپنىڭ تەلىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرىقى ئەھۋالىنىڭ تەلەپ بىلەن بولغان ئارلىقى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى توغرىسىدا تولۇقلاشقا تېگىشلىك تەرەپلەر ، ئاتا - ئانىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ قاتارلىقلار ئەسكەرتىلىپ يىغىن خۇلاسە قىلىنىدۇ . eX$P k: سىنىپ تام ۋە دوسكا لايھىسى : ئارقا تامغا سىنىپىمىزنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى ، مەشھۇرلارنىڭ سۆزلىرى چاپلىنىدۇ ، يان تامغا سىنىپىمىزدىكى ھەيئەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ رەسىملىرى ، يەنە بىر رامكىغا مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندىكى ۋە بۇ قېتىمقى چارەكلىك ئىمتىھاندىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىملىرى چاپلىنىدۇ . يەنە بىر يان تام ئوقۇغۇچىلار قائىدە - مىزانى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ھەر قايسى پائالىيەتلىرى جەريانىدا تارتىلغان سۈرەتلىرى چاپلىنىدۇ، ئارقا دوسكا ئاتا - ئانىلار توغرىسىدا ئىشلىنىدۇ ، ئالدى دوسكىغا چوڭ قىلىپ ھۆسنى خەت بىلەن ‹‹ كەلگەن قەدىمىڭىزلارغا مەرھابا ، مېھىرىبانىم ئانىلار ، پاسىبانىم ئاتىلار ! ›› دەپ يېزىلىدۇ ۋە مەشھۇرلارنىڭ ئاتا - ئانىلار ھەققىدە ئېيتقان بىر - ئىككى جۈملە سۆز يېزىلىدۇ . U]Q2EL\%
دېرىزە تەرەپ ئالدىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى قويۇلغان جازا قويۇلىدۇ .ئورۇندۇقلار تامنى ياقىلىتىپ قويۇلۇپ ، ئالدىغا جوزا قويۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرىدىغانغا يەنە بىر قۇر پارتا قويۇلىدۇ . Ro`Hm8o/ OL&ku &J_ ئاتا _ ئانا ، سىزلەرگە يۈرەك سۆزلىرىم L!:} ئاپتورى : تولۇق 2 _ يىللىق 18 _ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى :a(er'A تەھرىرلىگۈچى : مەدىنئاي تەلئەت WP7*Q:5 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى ، قەلىبلەرنىڭ غەمخانى ، ھاياتىمىنىڭ تەسەللىسى ، بەختىمنىڭ مىسالى بولغۇچى ماڭا بۇ دۇنيادا ياشاش پۇرسىتى ئاتا قىلغان سۆيۈملۈك ئانا ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئائىلىمىزنىڭ تۆۋرىكى ، يۈلەنسەم تاغدەك يۈلەنچۈكۈم ، پەخرىم سۇلتانىم ئاتام . <m"Zk k سۆيۈملۈك ئانا بىز ئۈچۈن قەھىرىتان قىشلارنىڭ جاڭ - جاڭ سوغۇقلىرىدا قەيەرلەردىدۇر باشقىلارنىڭ تازلىق ئىشلىرىنى ئىشلەپ مۇزدەك سۇلارغا قولىڭىزنى تىقىپ ، كىملەرنىڭدۇر كۆزلىرىگە قاراپ بىز ئۈچۈن خار بولىۋاتقانىسز - ھە ! ، ئازغىنە بولسمۇ سودا قىلىپ ، كىچككىنە پايدىڭىزغا بىزگە ئىسسق تاماق ، ئىللىق ئائىلە بەخىش ئېتىۋاتقان ئائىلىمىزدە ئەڭ كېيىن ئۇخلاپ ، سەھەردە يەنە ھەممىمىزدىن بۇرۇن تۇرالايدىغان مېھىرىبان ئانا ، يەنە مەن ئۈچۈن قەيەرلەردىدۇر جاپا چېكىۋاتقانسىز . K1a$
m2 كىشلەرگە كۈنلۈك ئىشلەپ ، كىشلەرنىڭ قويلىرىنى سويۇپ ، ھويلا خىزمەتلىرىنى قىلىپ يەنە قەيەرلەردىدۇر‹‹ ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە ، كۈچۈڭنى خار قىل››دەپ بىزنىڭ بەختىمىز ئۈچۈن ئۆزنىڭ خاتىرجەملىكىنى ، ئارامىنى سەرىپ ئېتىۋاتقان جانىجان ئاتا سېنىڭدىكى شۇنچە جاسارەت قەيەرلەردىن كەلگەن بولغىيتى ! S1NM9xHJ بۇرۇن ئەجەپمۇ گۈدەك ئىكەنمەن ، سىلەرنىڭ كۆيۈنىشلىرىڭلارنى كۆزۈمگە كىرىۋالدى دەپ ، ئىقتىسادچانلىقىڭلارنى پەسلىك دەپ ، شۇنچە جاپادا تەييارلانغان تاماقلارنى گاھ گۆشى ئاز ، گاھ ئوخشىماپتۇ دەپ قەغىشلىك قىلىپتىمەن ، سىلەرنىڭ ئۇچاڭلارغا قاراپ باقماي ماڭا ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ بىرىسەن دەپ ئېسىۋالىدىغان تەتۈرلۈكۈم ، ماڭا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلارنى ، كۆزۈمگە كىرىۋالدى دەپ چۈشەنگەن بەڭۋاشلىقىم ، گاھىدا ئانامنىڭ كۆز ياش ئېقىتىشىغا m[,!
orq مەجبۇر بولغانلىرىم ، ئېسىت شۇ سەۋەنلىرىمنى قاچانمۇ تولۇقلارمەن . gq4le=,v يۈرۈگۈڭ نېمىدىن يارالغان بولغىيدى ئانا ، ئەجەپ ئۇچاڭ كونىراپ كەتىسىمۇ ئالدى بىلەن ماڭا ئالىسىەن ، ھېرىپ - ئىشلەپ ھالىڭدىن كەتكەن بولساڭمۇ تاماقنى ئاۋۋال ماڭا ئېلىپ كېلىسەن ، ئۇسسۇزلۇقتىن كالپۇكلىرىڭ گەز بولغاندىمۇ ئاۋۋال بالام دېيەلەيسەن ، ساڭا شۇنداق سەۋىر ، شۇنداق بېغىشلاش روھىي قەيەرلەردىن كەلگەن بولغىيدى ئانا . @13vn x سېنىڭ مەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭ مېنىڭ چوڭ بولۇشۇمغا ئەگىشىپ يەنە ئارتىپ بېرىۋاتىدۇ ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا مېنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدىكى قەرزىم ئارتىپ بىرىۋاتىدۇ ، مەن ساڭا تېخىمۇ كۆپ ۋىجدانىي قەرىز بولىۋاتىمەن ئاتا . تىرىشىۋاتىمەن ، لېكىن بىلىمەن ، ئارزۇيۇڭدىكىدەك لاياقەتلىك پەرزەنىت بولۇشقا تېخى سالاھىيىتىم توشمايدۇ . gH5E+J_$ ئانا ئازغىنا مالنى سېتىش ئۈچۈن خېرىدارلارنىڭ سىلكىشلىرىگە قۇپال مۇئامىللىرىگە چىدايسەن ، سېنى باشقىلارنىڭ سىلكىشىگە يۈرۈگۈم چىدىمايدۇ ئانا ، مەن سېنى ئەزىز قىلىمەن ھەرگىزمۇ سېنى باشقىلار ئالىدىدا خارۇ - زار قىلمايمەن . =b2/g[ بەزىدە سېنى ئەخمەق دەپ قالىمەن ئاتا ، شۇنچە كۆپ جاپا تارتىدىكەنسەنۇ ، ۋاقتى كەلگەندە بىرەر كۆڭلەك ، بىرەر يىڭى چاپان ئېلىپ كېيىشكە كۆڭلۈڭ ئۇنىمايدىكەن ، ئانا ، ھەر بىر قېتىم ئىشىكتىن كىرىگىنىمدە ھارغىن چىرايىڭىدىكى يېلىنجاپ تۇرغان تەبەسسۇم مېنى كۈتىۋالىدۇ ، مېنىڭ سلەرگە قىلغان قىلغان كۆڭۈل ئاغرىقلىرىملارنى كەچۈرىۋەتكىنىڭلارغا رەھمەت . oF[l<OY4 سىنىڭ ئاددىيلىقىڭىز ماڭا ئەڭ گۈزەل تۇيۇلىدۇ ، جاپاكەش ئانا ، قەدىرىدان ئاتا ، قاچانمۇ سىلەرنى شۇ جاپالاردىن ئازاد قىلارمەن ! ئاتا ، ئانا سىلەر ھەقىقەتەنمۇ بىز ئۈچۈن كۆپ جەبىر تارتىۋاتىسىلەر ، سىلەرگە يەنە بىزگە ئۇنداق قىلىپ بىرىڭلار ، مۇنداق قىلىپ بىرىڭلار دەيدىغانغا ھىچقانداق ھەققىمىز يوق ، سىلەرگە شەرت قويىدىغانغا سالاھىيىتىمىز توشمايدۇ ، بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا قەرىزگە بۇغۇلۇپ كەتكەن ، شۇنداقتىمۇ سىلەرگە تولىمۇ تۆۋەنچىللىك بىلەن تۆۋەندىكىدەك ئۆتۈنۈشلىرىمىزنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمىز . ],9%QE ئاتا ماڭا مەدەت بېرىڭ ، سىزنىڭ مەدىتىڭىزنى ھەممىدىن چوڭ بىلمەن ، سىزنىڭ مەدىتىڭىز مەن ئۈچۈن ئەڭ زور ئىلھام ، مېنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ ، سىزنىڭ بالىڭىزمۇ باشقىلاردىن ياخشى قىلالايدۇ ، ئۇ چوقۇم ئۇتۇپ چىقالايدۇ ، ئەمما مەن يۆلەنچۈكۈم بولغان سىلەرنىڭ تىلەكلىرىڭلارغا ، مەدىتىڭلارغا مۇھتاج ، مەن تېخى بەل قويىۋەتكىنىم يوق ، مەن بەل قويىۋەتمىگىچە سىلەر بارچە ئۈمىدنى ئۈزۈپ بەل قويىۋەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . Ha
{# سىلەرنى چارچاتتىم ، سىلەرگە بەرگەن ۋەدىللىرىمىگە ئەمەل قىلالمىدىم ، گېپىم يوغان ، نەتىجەم تۆۋەن بولۇپ قالدى ، ماڭا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ ئۈلگە قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ ، لېكىن سەن نېمىشقا قىلالمايسەن دەپ ماڭا روھنى يۈكنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرماڭ ، مەن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن تىرىشاي ، ئاتا ، كىم سىزگە سىزنىڭ بالىڭىز قىلالمايدۇ دەيدۇ ، سىزنىڭ بالىڭىز بەلكى خەقلەردىنمۇ ياخشى قىلالايدۇ ، ئانا ، ئوقۇتقۇچۇم بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشپ تۇرۇڭ بولمىسا ئوقۇتقۇچۇم ئالدىدا ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھىچقانداق ئادەم يوقتەك ھېسياتقا كېلىپ قالىدىكەنمەن . hOjy$Z ئانا - دادا بىلمەن سىلەر كۆپ ئوقۇمىغان لېكىن سىلەر بولمىغاندا ساننى بولسىمۇ تونىيدىغانسىلەر ، تۇنىيالمىغىنىڭلاردا تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى بولسىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار مەن مىنى نازارەت قىلىدىغان ئادەم بار دەپ تەپتارتىپ ياخشىراق ئوقۇي سىلەر ئەلۋەتتە دەرىسلەردە ماڭا ياردەمدە بولالمايسىلەر ، بىراق ماڭا مەدەت ئىلھام بولسىمۇ بېرەلەيسىلەرغۇ . &|'k)6Rx ئاپا - دادا شۇ ئالدىراشچىلىقىڭلار ئىچىدە مەن ئۈچۈن ئازىراق بولىسمۇ ۋاقىت ئاجىرىتىپ قويۇڭلار ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ ئالدىراشچىلىقىڭلار بىز پەرزەنتلىرىڭلار ئۈچۈنغۇ ، مۇئەللىمىز بىلەن مېنىڭ ئەھۋالىم توغىرسىدا پاراڭلىشىپ قويۇڭلار ، تۈۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالسام مېنىڭدىن زىيادە رەنجىپ كەتمەڭلار ، يەنە كېلەر قېتىم بارغۇ ، مېنىڭ كېلەر قېتىم ئالغا بېسىشقا ئىشەنچىم بار تۇرسا نېمىشقا مېنى ھېچنەرسە قولىدىن كەلمەيدىغان دەپ ئەيىپلەيسىلەر ؟! مەندە تېخى يەنە ئىلگىرلەش ، غەلبە قىلىش ھەققىدە ئىرادە بار ئىدىغۇ ، مېنىڭدە ئىشەنچ ئۈزۈلمىدى ، ئۇنداقتا نېمىشقا سىزدىكى ماڭا بولغان ئىشەنچ شۇنچە تېزلا ئۆچۈپ كېتىدۇ . ^6tGj+D9 دادا ، ئانا ، مەن نىشانىمغا ئاز قالدىم ، 12 يىللىق جاپالىق ئوقۇشنىڭ قەنىتىنى چاقىدىغانغا ئاز قالدىم ، سىلەر چوقۇم پەرزەنتىڭلارنى غەلبە كۆكىدە ،چوڭ شەھەرلەردە ، ئالىي بىلىم يۇرتلىردا كۆرەلەيسىلەر ، پەرزەنتىڭلارنىڭ يۈكۈڭلارنى يەڭگىللىتىدىغىنىغا ئاز قالدى ، دادا - ئاپا سىلەرنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن ، سىلەردىن پەخىرلىنىمەن سىلەرنىڭ بولغىنىڭلاردىن ئۆزۈمنى ئەڭ بەخىتلىك ھېس قىلىمەن ، سىلەردىن تەسەللىي ، سىلەردىن ئىلھام ، سىلەردىن ھۆرمەت تاپىمەن ، سىلەردىن ماختىنىمەن ، پەخىرلىنىمەن ، سىلەرگە شۇنداق ۋەدە بىرەلەيمەنكى ، مەن چوقۇم غەلبە قىلىمەن ، پەرزەنتىڭلار چوقۇم كۆكلەردە قانات قاقىدۇ ، ئېسىڭلاردا بولسۇن ، سىلەر دەل مېنىڭ قانىتىم . }_m/3*x_ ئانا ، سىز بەختىم . uzjP!qO ئاتا ، سىز پەخرىم . cC@B\Q ئانا ، سىز بارلىقىم . J_) .Hd ئاتا ، سىز تەختىم . oqeA15k$ ئاتا - ئانا ، بىزگە ئىشىنىڭلار ! بىز چوقۇم غەلبە قىلىمىز ! ^p3"_;p)h 8{QN$Qkn 90ZMO7_ مەن مۇنداق ئۇستاز `r?xo7 مەدىنئاي تەلئەت Pv@P(y?\ {,V .IDs8[ مەن سىز مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن بالىڭىزنى ‹‹ نېمىشقا مەكتەپكە ئەۋەتمەيسىز ›› دەپ سىزنى سوراق قىلىدىغان ئۇستاز ، سىز ‹‹ ئوقۇتۇش - ئوقۇتماسلىق ھوقۇقۇم ›› دەپ قارايدىغان بالىغا ، ‹‹ سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز يوق ، ئۇ مىللەتنىڭ بالىسى ، ئۇنىڭمۇ ياخشى كۈن كۆرۈش ، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش ھوقۇقى بار ، ئۇمۇ چوڭ مەكتەپلەردە ، ئالىي بىلىم يۇرتىلىرىدا بىلىم ئالالايدۇ›› دەپ سىزگە يۈرەكلىك سۆزلىيەلەيدىغان ئۇستاز . A5U//y![{ مەن بالىڭىز ئۈچۈن سىز بىلەن مۇنازىرگە چۈشىدىغان ، بالىڭىزنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرىگە يېتىشى ئۈچۈن گاھىدا بىلىپ - بىلمەي ئۆز بالامنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ، بالىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن كېچە - كېچە باش قاتۇرۇپ تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىغان بالىڭىزنىڭ كۆڭلى يىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن گېلىدىن لايىقىدا غىزا ئۆتمەيدىغان ئۇستاز . }2@Aj مەن بالىڭىزنى كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئېلىم ئېلىپ ئۆزىنى ھەقىقي تۇنۇپ يەنىمۇ ئىلگىرلىشىگە بەل باغلىغىنىنى كۆرەلمىسمۇ ، ئاڭلاپلا قالسا قېن - قىنىغا پاتماي ئۆز - ئۆزىچە ساراڭلاردەك قاقاقلاپ كۆلۈپ كېتىدىغان ئۇستاز . #J4{W84B مەن ئېسىل كۆرپىلەر ئۈستىدە پاراغەتتە ئولتۇرۇشتىن ، ئىشخانىدا قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇشنى ئەلا بىلىدىغان ئۇستاز ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئالما ئاقلاپ يىگەندىن سېنىپتا بور - توزان يېگەننى ئەۋزەل كۆرىدىغان ئۇستاز . gXrXVv<)yw پەرزەنتىڭىزنىڭ تېنى ئاغىرىسا مېنىڭ يۈرۈكۈم ئاغرىيدىغان ، پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالدىراپ باسقان قەدەملىرىدىن ئالىدىغان ئەخمىقانە شاتلىقلىرىنى ‹‹ كۆرەلمەيدىغان ›› ئۇستاز . $@WqM$ مەن يۈرەكنىڭ يىغىسىنى سىرتتا قويۇپ سېنىپقا جاراڭلاپ خۇش تەبەسسۇم بىلەن كىرەلەيدىغان ئۇستاز ، مەن پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالدىراپ قالغان ‹‹ گۈزەللىك تۇيغۇسىدىن ›› ‹‹ سۆيىنەلمەيدىغان ›› شۇ سەۋەپ ئۇنىڭغا تەربىيە ئىشلەيدىغان ‹‹ گۈزەللىك تۇيغۇسى يوق ›› ئۇستاز . W DrC مەن سىزنىڭ بالىڭىزغا ھوقۇق يۈرگۈزۈپ كەتكەن ، بالىڭىزنىڭ كېيىنىشى ، يۈرۈش - تۇرۇشى ، مۇھەببەت ھەمدە بارچە تەرەپلىرىگە ئارلىشىۋالىدىغان ئۇستاز ، مەن ھەتتا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغىمۇ ئارلىشىپ ،‹‹ پەرزەنتىڭىزچۇ ، بالىنى يېتىم قىلماڭ ، نېمىشقا بالىنى ئاتىدىن ياكى ئانىدىن ئايرىيسىز ›› دەپ سىزگە مۇتىھەملىك قىلىدىغان ئۇستاز . NOzAk%s3I ساۋاقداش ، مەن سىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگىنىڭىز ، فورما كىيمىگىنىڭىز ، كېچىككىنىڭىز ، يوقاپ كەتكىنىڭىز ، كۆڭۈلىڭىزنىڭ يېرىم بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق ھەممە تەرەپلەرگە چېتىلىۋالىدىغان ‹‹ ئاتىكاچا ›› ئۇستاز . }MW7,F مەن خۇددى سىزنى تۇغۇپ ، بېقىپ ، چوڭ قىلىپ قويغاندەك ‹‹ مۇنداق قىلما ، ئادىميلىكنى ئۇنۇتما ›› دەپ تەربىيە قىلىدىغان ئۇستاز . l*l?aI گاھىدا خۇشاللىقلىرىڭىزدىن تەڭ بەھىرلىنىدىغان ، گاھىي قايغۇلىرىڭىزغا ھەمدەم بولىدىغان ، سىزنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان ئۇستاز . gAFu سىزنى تەخىتكە ئىتتىرىپ چىقىرىپ ، ئۆزى يەنىلا كونا كۈلبىسىدە قالىدىغان پىداكار ئۇستاز . !Eqp,"ts7 مەن سىز بىلەن كىچىك بالىدەك ئويۇن ئوينايدىغان ، مۇمايلاردەك تەربىيە قىلىدىغان ، سىزنى جاندىن ، جېنىمدىن ئەزىز كۆرىدىغان سۆيۈملۈك ئۇستاز . ET2^1X
#j ..................... ئاتەش قىز |