ئادەم بەدىنىنىڭ قورغىنى _تېرە5
ئادەم بەدىنىنىڭ قورغىنى _ تېرە &d"scM5
y! j>_m){w
پەرىدە ئابلىز rhN"#?
V.o*`V
" &mwrjn"T تېرە ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ئورگان. ئۇ ئۈستۈنكى تېرە، ھەقىقىي تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىدىن تۈزۈلىدۇ. #|Je%t}~ Ge76/T%{Q تېرىدە قان تومۇر لىمفا تۇرۇبىلىرى، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى، مۇسكۇل ۋە ھەر خىل تېرە قوشۇمچە ئەزالىرى بار. 57$/Dn
y $L&N0z ئادەم بەدىنىدىكى تېرە ئادەتتە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %16 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ بەدەن تېرىسىنىڭ ئومۇمىي يۈزى 1.5_ 2كۋادرات چوڭلۇقتا بولىدۇ. تېرىنىڭ قېلىنلىقى ئادەمنىڭ ياش پەرقىگە ۋە بەدەن ئورۇنلىرىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئالايلى، قاپاق، بويۇن ۋە تۆت مۈچە (قول بىلەن پۇت) نىڭ پۈكۈلىدىغان ئورۇنلىرىدىكى تېرىلەر نىسبەتەن نېپىز بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ تېرىسىمۇ چوڭلارنىڭ تېرىسىدىن نېپىز كېلىدۇ. ئادەمنىڭ ئالىقان ۋە تاپان تېرىلىرى بەدەننىڭ باشقا يەرلىرىدىكى تېرىدىن قېلىن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئالىقان ۋە بەدەن تېرىسى بەدەندىكى ئەڭ قېلىن تېرە ھېسابلىنىدۇ. [wUJ~~2# r / L
ئادەم بەدىنىدىكى تېرىنىڭ تۈزۈلۈشى گويا يەر شارىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىگە ئوخشايدۇ. خۇددى يەرنىڭ سىرتقى يۈزى ئويمانلىق، ئېگىزلىك ۋە تۈزلەڭلىك قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقىنىدەك، تېرىمۇ تېرە ئېرىقچىلىرى، تېرە قىرلىرىدىن تۈزۈلىدۇ. تېرە تەركىبىدىكى ئېرىقتەك ئويمان قىسىملىرى «تېرە ئېرىقچىلىرى» دېيىلسە، دۆڭ يەرلىرى «تېرە قىرلىرى» دېيىلىدۇ. Uql7s:!,U DZ5h<1 تېرە رەڭگى ئادەملەرنىڭ ئىرقى، يېشى، جىنسى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە ئادەم ياشاۋاتقان سىرتقى مۇھىت قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. pKk{Q0Rt g0RfvR تېرىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە زور. تېرە ئادەم بەدىنىنى قوغدايدىغان ئىنتايىن مۇھىم قورغان. ئۇ ئىچكى ئەزالارنى ھەر خىل باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغلاردىن مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغاندىن سىرت، يەنە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش، ئاجرىتىپ چىقىرىش، ئۆزلەشتۈرۈش، سېزىش، ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە ئىممۇنىتېت رولىغا ئىگە. «تېرە قوشۇمچە ئەزالىرى» دېيىلىدىغان تەر بەزلىرى، ماي بەزلىرى، تىرناق، چاچ ۋە بەدەندىكى تۈكچىلەرمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە روللارغا ئىگە. مەسىلەن، تەر بەزلىرى تەر تۇرۇبىسى ۋە تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق تەرنى سىرتقا ھەيدەپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ ھەمدە بەدەن سۇيۇقلۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ تېرىدىكى ماددا ئالمىشىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ. تېرە ماي بەزلىرى ھەقىقىي تېرە قىسمىغا جايلاشقان. تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئېغىزى تۈك خالتىسىنىڭ يۇقىرىقى 3/1 قىسمىغا ئېچىلغان بولىدۇ. تېرە ماي بەزلىرى ماي تەركىبلىك سۇيۇقلۇقلارنى ئىشلەپچىقىرىپ ئاشۇ يوللار بىلەن تېرىنىڭ نەملىكى، يۇمشاقلىقى ۋە ساقلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئارتقۇرىدۇ. قىز - ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكەندە ئەرلىك ھورمون ئاشۇ ماي بەزلىرىنى غىدىقلاپ ماينى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسىدە ماي تۇرۇبىسىنىڭ زىيادە مۈڭگۈزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە، ماي بەزلىرى ئىشلەپچىقارغان ماي تېرە يۈزىگە راۋان چىقالماي تۈك خالتىسى ئىچىدە ياللۇغلىنىش يۈز بېرىدۇ. دەل مۇشۇ ياللۇغلىنىش دانىخورەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، دانىخورەك چىقىش تېرە ماي بەزلىرىنىڭ بىنورماللىشىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇنىڭدىن باشقا تىرناق، چاچ ۋە بەدەندىكى باشقا تۈكچىلەرمۇ تېرىگە ياردەمچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. Je~<2EsQ k#/%#rQM تېبابەتچىلىكتە تېرىنىڭ بەدەننى قوغداش رولى ناھايىتى زور دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق، مۇبادا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تېرە زەخىملەنسە باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە زەمبۇرۇغ قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملار بەدەنگە تېخىمۇ ئاسان كىرىپ يەرلىك ئورۇندا يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرى پەيدا قىلىدۇ. بۇ گاھىدا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تازىلىق ياخشى بولمىسا سىرتقى مۇھىتتىكى باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە زەمبۇرۇغلار تېرە تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىقمۇ بەدەنگە كىرىپ ئوخشاش ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ. p87VJ} gz"I=9 رايونىمىز دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان رايون بولغاچقا، ئادەملەر بىلەن مۇھىتنىڭ، بولۇپمۇ ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇقتۇر. بۇ ھال ھايۋانلاردىكى زەمبۇرۇغنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، نەتىجىدە، ھايۋانلارنىڭ تېرە ۋە تۈكلىرىدىكى زەمبۇرۇغلار ئادەم بەدىنىگە كىرىپ ھەر خىل تەمرەتكىلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رايونىمىزدا ھەر خىل تەمرەتكە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار باشقا ئۆلكىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن رايونىمىزدا كۈن نۇرى كۈچلۈك بولغاچقا، كۈن نۇرى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىمۇ كۆپ بولىدۇ. كۈچلۈك كۈن نۇرى تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، ئاقىۋەتتە يەرلىك ئورۇنلاردا ھەر خىل قىزىل داغلار پەيدا بولۇپ بەزى تېرە كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن، كۈن نۇرى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، پىگمېنت چۆكۈش دېغى، تېرە راكى ۋە باشقىلار... {;Y2O.lV Twr<MXa شۇڭا، تېرىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. !4!Y~7sI"\ x-ShY&k تېبابەتچىلىكتە ئادەتتە تېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئىچكى ئەزالاردىكى بەزى كېسەللىكلەرنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تېرە سارغىيىپ كەتسە كۆپ ئۇچرايدىغان جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. تېرىگە قىزىل داغلار ئۆرلەپ كەتسە قاندا كېسەللىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. /YH5s= F
m{`?! ياشانغان كىشىلەرنىڭ يۈز، قوللىرىغا چىقىدىغان قېرىلىق دېغى بىر تەرەپتىن تېرە ئاجىزلىشىشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالسا، يەنە بىر تەرەپتىن قېرىلىق دېغىنىڭ زىيادە چىقىشى ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىدىكى راك كېسەللىكلىرىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. sDvtk]4o-4 #97w6,P+ مۇبادا تېرە رەڭگى سۇپسۇر بولۇپ كەتسە، ئېنىقكى، بۇ ھال بۆرەكنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنى ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەنلىكىنى دېرەكلەيدۇ. ]za1=~[ }^
j"@{~ قاپاققا سېرىق سۆگەل چىقسا قاندىكى ماي تەركىبىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. i''[u 2_]"9d4 پاچاق تېرىسىدە كراخمالسىمان ئۆزگىرىش بولسا بەدەندىكى ئاقسىل ئالمىشىشنىڭ بىنورماللاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. A12 #v, RRGCO+ )* ئادەتتە تېرىگە سوزۇلما خاراكتېرلىك يەلتاشما چىقسا جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىلىدۇ. <|'C|J_! ;-1yG@KG كۈز ۋە ئەتىيازدا بالىلارنىڭ يۈزىگە ئاق توپان ئەسۋىسى چىقسا ئۈچەي يوللىرىدا پارازىت قۇرتلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ]#N~r&hmQ d?)C} 2 ئادەتتە تىرناقنىڭ قورۇلۇپ قېلىشى ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ روشەن ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ. &?=UP4[oif I-Ya#s#m ئۆسمۈر بالىلارنىڭ يۈزىنىڭ ئىككى تەرىپى، بىلىكىنىڭ يۇقىرى قىسمى ۋە يوغان يوتىسىغا يىرىك ئەسۋە چىقسا بەدەندە ۋىتامىن A نىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ...
tU02t#8 >900O4 دېمەك، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى تېرىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، تېرە ئىچكى ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەكتۇر. BK>uJv-qU LB|FVNW/S تېرە يەنە ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئەڭ ئېنىق گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم ئەزادۇر. تېرە ئادەتتە بىۋاسىتە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا تېرىدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر كىشىلەرگە ناھايىتى زور روھىي ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. تېرە ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىردىنبىر ئەزادۇر. QQ4
&,d >W=
0N( ئادەم كۆپ چارچىسا، ئېغىر روھىي ئازاب چەكسە كۆز ئەتراپىدىكى پىگمېنتلار چۆكىدۇ. ئېغىر بېسىم يەرلىك ئورۇندا چاچ چۈشۈش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئادەتتە دائىرىلىك چاچ چۈشۈش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. روھىي بېسىم يەنە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ كالا تەمرەتكىسى، ئاقكېسەل، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى قاتارلىق نۇرغۇن تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلغا ئايلىنىدۇ... L=u>}?!,Fj Y3+GBqP دېمەك، تېرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە بەزى تېرە كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن بىر ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنىمۇ بىلىش مۇمكىن. UwuDs2
t v7+f@Z:N* قىسقىسى، تېرە ئادەمنىڭ سىرتقى گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان، ئىچكى روھىي كەيپىياتنى كۆزىتىدىغان كۆزنەكتۇر. شۇڭا، تېرىنى ئاسراش − بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، بەدەننى سىرتقى كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللاردىن قوغداشتا تولىمۇ مۇھىم ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كەيپىياتنى تەڭشەش، تازىلىققا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراش، زىيادە ئىسسىق - سوغۇقتىن ۋە ئۆتكۈر كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش لازىم. |