查看完整版本: [-- جانلىقلار جەمئىيىتى5 --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> جانلىقلار جەمئىيىتى5 [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-11-17 16:02

جانلىقلار جەمئىيىتى5

جانلىقلار جەمئىيىتى 4)h]MOZ  
  Xjo5 v*Pu  
لۇئىس توماس cZB7fmq%  
  2XFU1 AW  
l6YtEHNG  
  zVXC1u9B  
[ oL.+  
  @R/07&lBR  
'(f&P=[b  
ئاتلانتا شەھىرى ياقىسىدىكى قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان دېڭىز ساھىلىدىكى تاختايلىق يولدا يىللىق يىغىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن كەلگەن تېببىي ئالىملار مىغىلدايتتى. بۇ كۆرۈنۈش خۇددى توپلىشىپ ياشايدىغان ھاشاراتلارنىڭ چوڭ يىغىلىشىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئىئونلاردەك تەۋرىنىشى، ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ يۈرگەنلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۇچرىشىپ قالسا، قۇرت - قوڭغۇزلاردەك بىردەم توختاپ، ئانتېننالىرىنى تەگكۈزۈشۈپ، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىچۇ تېخى. ئەگەر تاختايلىق يول مەزمۇت مىخلانمىغان بولسا ئۇلار ئۆز ئالدىغا ھەر خىل ئۇۋىلارنى ياسىۋېلىشقان بولاتتى. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. ]ndvt[4L  
eqP&8^HP  
ئىنسانلارنى مانا مۇشۇنداق ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. مەجبۇرلانغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن ئىنسانلارنىڭ يىراقتىن قارىماققا ھەقىقەتەنمۇ بىر چۈمۈلە توپىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىراق، ھاشاراتنىڭ توپلىشىپ پائالىيەت قىلىشى ئىنسانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، دېيىش شۈبھىسىزكى، بىئولوگلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ. ھاشارات توغرىسىدا كىتاب يازىدىغانلار ھەمىشە كىرىش سۆزىدە ھاشارات خۇددى تاشقى پلانېتىلاردىن كەلگەندەك، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ھاشاراتتا ئىنساندا بار خىسلەت ۋە ئادەت مەۋجۇت ئەمەس، ئۇلارنى جانلىق دېمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلارنى ياسىلىشى ئەپچىل، ئەمما سېھرىي كۈچكە ئىگە ماشىنىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، دەپ چۈشەنچە بېرىدۇ. ئەگەر بىز ھاشاراتنىڭ ھەرىكىتىدىن ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىرەر نەرسە تاپماقچى بولساق ئىلىم - پەنگە قارشى چىققان بولىدىكەنمىز. /tP|b _7O  
yRSTk2N@  
بىراق، بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇچىغا قارىماڭ دېيىش بەك تەس. چۈمۈلە ھەقىقەتەن ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇلار زەمبۇرۇغلارنى يېتىشتۈرىدۇ، كۆكپىتلارنى بېقىپ «چارۋا» قىلىدۇ، قوشۇنلىرىنى ئۇرۇشقا سالىدۇ. خىمىيىلىك دورىلار ئارقىلىق دۈشمەنلىرىنى پاراكەندە قىلىدۇ ياكى ئېزىقتۇرىدۇ، قۇل تۇتىدۇ؛ ئۇۋا ياساشقا چۈمۈلە بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىدۇ، لىچىنكىلارنى قۇچاقلاپ موكىدەك تېز ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، يىپ ئېشىپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى تىكىپ، ئۆزلىرىنىڭ زەمبۇرۇغ باغچىسىدا ئىشلىتىدۇ. ئۇلار توختىماي ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ، ھەممىنى قىلالايدۇ. تاس قالىدۇ تېلېۋىزور كۆرگىلى. p[hZ@f(z  
;pqg/>W'  
ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان يېرى شۇكى، چۈمۈلە، يەنە ھەسەل ھەرىسى، ئاق چۈمۈلە ۋە توپلىشىپ ياشايدىغان سېرىق ھەرە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىككى خىل ياشاش ئادىتىگە ئىگە. ئۇلار بىر تەرەپتىن يەككە - يېگانە. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئىشنى قىلىۋېتىپ ئەتىكى ئىشنى ئويلىغان - ئويلىمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە چۈمۈلە بارخىنى، چۈمۈلە ئۇۋىسى، ھەرە كۆنىكىدە توختىماي قىمىرلايدىغان، تەپەككۈر يۈرگۈزىدىغان چوڭ ھايۋان تېنىدىكى ھۈجەيرىگە ئوخشايدىغان تەركىب. مېنىڭچە، مۇشۇنداق بىر قاتلام بولغاچقا، بىز ئۇلارنىڭ ئۆزىمىز بىلەن پەرقلىق نەرسە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بەزى ئىجتىمائىي توپنىڭ يەككە جانلىقلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز، مۇشۇنداق نەرسە بار، دېگەندىمۇ ئۇنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارايمىز. l^|UCgRn  
`8^TTQ  
قانداقلا بولسۇن، بۇنداق نەرسىلەر يەنىلا مەۋجۇت. دالىدا يالغۇز كېتىۋاتقان چۈمۈلىنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئاشۇ بىرنەچچە تال نېرۋا ھۈجەيرىسى بىرنەچچە تالا ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان تۇرسا، ئۇنىڭدا بىزگە ئوخشاش كاللا نېمە قىلسۇن، مەلۇم ئىدىيە بار دېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ئۇزۇن پۇتى بار نېرۋا بوغۇمىدىن ئىبارەت، خالاس. تۆت ياكى ئون چۈمۈلە يولدىكى ئۆلۈك پەرۋانىنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا ئاندىن ئۇلاردا ئازراق مەقسەت بارلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇلار بۇياققا ئۈسۈپ، ئۇياققا ئىتتىرىپ ئاستا - ئاستا بۇ يېمەكلىكنى چۈمۈلە بارخىنىغا يۆتكەيدۇ. بىراق، بۇ خۇددى قارىغۇ مۈشۈكنىڭ ئۆلۈك چاشقانغا ئۇچراپ قالغىنىدەكلا ئىش. پەقەت سىز چۈمۈلە بارخىنى يېنىدىكى، يەرنى بىر ئالغان نەچچە مىڭ چۈمۈلىنىڭ زىچ توپلانغان ھالىتىگە قارىسىڭىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن جانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، پىلان تۈزۈۋاتقانلىقىنى، ھېسابات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئەقىل - پاراسەت، بۇ مەلۇم بىر خىل كومپيۇتېر بولۇپ، ھېلىقى ئۇياق     - بۇياققا ئۆمىلەپ يۈرگەن كىچىك نەرسىلەر دەل ئۇنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسى. zUKmxy@  
Pa~)"u 8  
چۈمۈلە بارخىنى ياسايدىغان چاغدا بەزىدە بىر تۈركۈم مەلۇم ئۆلچەمدىكى ئىنچىكە چىۋىق لازىم بولىدۇ. بۇ چاغدا بارلىق ئەزالار دەل كېلىدىغان ئۆلچەمدىكى ئىنچىكە چىۋىق ئىزدەشكە ماڭىدۇ؛ ئارقىدىن سىرتقى تېمى پۈتەي دېگەندە ئۆگزىسىنى يېپىشقا باشقا ئۆلچەمدىكى چىۋىق لازىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا يېڭى بۇيرۇق چۈشۈرگەندەك، بارلىق ئىشچى چۈمۈلە يېڭى ئۆلچەمدىكى چىۋىقنى ئىزدەشكە تۇتۇش قىلىدۇ. ئەگەر سىز چۈمۈلە بارخىنىنىڭ بىر قىسىم قۇرۇلمىسىنى بۇزۇۋەتسىڭىز نەچچە يۈز چۈمۈلە كېلىپ ھېلىقى قىسمىنى قوزغاپ، يۆتكەپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇلار يىراقتا يېمەكلىك بارلىقىنى سېزىپ قالغان ھامان ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ، ئانتېننىدەك سوزۇلۇپ، تۈزلەڭلىك، ئېگىز تامدىن ئۆتۈپ، قورام تاشلاردىن ئايلىنىپ يېمەكلىكنى يۆتكەپ كېلىدۇ. GM3f- \/  
K{[%7AM  
ئاق چۈمۈلىنىڭ ئاجايىپ بىر تەرىپى بار: توپ چوڭايغان چاغدا ئۇنىڭ ئەقىل - پاراسىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭىيىدۇ. ئۆي ئىچىدە پەقەت 2 − 3 چۈمۈلە بولسا ئۇششاق چالما، ھەرە كېپىكىنى ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەپ يۈرىدۇ، بىراق بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ، ھېچنېمە ياساپ چىقالمايدۇ. نۇرغۇن ئاق چۈمۈلىنىڭ قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مەلۇم مىقدارغا ياكى بەلگىلەنگەن سانغا يەتسە تەپەككۇر باشلىنىدۇ. ئۇلار ئۇششاق دانچىلارنى تىزىپ ھەش - پەش دېگۈچە تۈۋرۈكلەرنى قوپۇرۇپ، ئەگمىلىرى سىممېترىك بولغان چىرايلىق كېمىرلارنى ياساپ چىقىدۇ. كۆز ئالدىڭىزدا گۈمبەزلىك كىچىك ئۇۋىلاردىن تەركىب تاپقان كرىستالسىمان قۇرۇلۇش نامايان بولىدۇ. ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ قانداق ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغانلىقى نامەلۇم. بىر تۈۋرۈكنى قوپۇرۇۋاتقان ئاق چۈمۈلىلەر ئىشنى توختىتىپ باشقا بىر تۈۋرۈكنى قوپۇرۇشقا يۆتكىلىشنى قانداق بىلىدىغانلىقىنى، تۈۋرۈك پۈتكەندە يەنە تۈۋرۈكلەرنى بىر - بىرىگە چېتىپ، ناھايىتى سىپتا كېمىر ياساپ چىقىشنى نەدىن ئۆگەنگەنلىكىنى ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلار قۇرۇلۇش باشلىغان ھامان ماتېرىياللارنى ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەپ يۈرمەيدۇ. بەلكىم بۇ قۇرۇلۇشقا كېتەرلىك نەرسىدۇر، بەلكىم ئۇلارنىڭ سانى مەلۇم قىممەتكە يەتكەندە قويۇپ بەرگەن سىرتقى ھورمون تەسىرىدىندۇر. ئۇلار شۇنداق تەسىرگە ئۇچرىغان ھامان چۆچۈپ كەتكەندەك ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇ، دەسلەپتە ئارامسىزلىنىشقا، ھاياجانلىنىشقا باشلايدۇ، ئاندىن سەنئەتكارلارغا خاس ئەپچىللىك بىلەن ئۆز خىزمىتىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. !Cr(P e]  
"J4WzA%i  
ھەسەل ھەرىسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىل ياشايدۇ. ھەم جانلىق، ھەم جانلىقنىڭ توقۇلمىسى، ھۈجەيرىسى ياكى ھۈجەيرە ئەزاسى. توپتىن ئايرىلىپ سىرتقا گۈل شىرنىسى ئىزدەشكە ماڭغان (ئۇسسۇل ئويناۋاتقان) ھەرىچاقنىڭ: «جەنۇبقا، قىيپاش شەرقىي جەنۇب 700 چاقىرىمدا بېدىلىك بار، قۇياشنىڭ يۈرۈشىگە قاراپ نىشاننى توغرىلاشقا دىققەت قىلىڭ» دېگەن بۇيرۇقىغا بىنائەن. يەككە ھەرە ئىنچىكە يىپ بىلەن باغلاپ قويغانغا ئوخشاش يەنىلا ھەرە توپىنىڭ بىر قىسمى. ئىشچى ھەرە كۆنەك ياساۋاتقان چاغدا قارىماققا تۆرەلمە ھۈجەيرىسى يېتىلىۋاتقان توقۇلما ھاسىل قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ؛ سەل يىراقتىن قارىسا، ئۇلار بىر ھۈجەيرە ئىچىدىكى ۋىرۇسقا ئوخشاش قاتار - قاتار سىممېترىكبولغان كۆپ تەرەپلىك كرىستال جىسىم ياساش بىلەن ئالدىراش. توپنى ئايرىيدىغان ۋاقىت كەلگەندە، قېرى ئانا ھەرە ئۆزىنىڭ يېرىم ئائىلە ئەزالىرىنى ئېلىپ توپتىن ئايرىلماقچى بولىدۇ. بۇ چاغدىكى مەنزىرە يىپلىق بۆلۈنۈشكە ئوخشايدۇ. ھەرە توپىنىڭ بۇ چاغدىكى ئالاقزادىلىكى ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقى ئىچىدە يۆتكىلىۋاتقان دانچىلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئۆزلۈكىدىن ھېچقانداق پەرق يوق دېگۈدەك ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، بىر بۆلىكى كەتمەكچى بولغان ئانا ھەرىگە ئەگىشىدۇ، يەنە بىر بۆلىكى يېڭى ئانا ھەرىگە ئەگىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇخۇمنىڭ بۆلۈنۈشىگە ئوخشاش بۇ يۇمران ھەم كرىستالدەك سۈزۈك، قارامتۇل سېرىق رەڭلىك چوڭ نەرسە ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ھەربىر توپ ئوخشاش بولغان ھەرە گېن گۇرۇپپىسىغا ئىگە بولىدۇ. B]uc<`f  
1`a5C.v  
نۇرغۇن يەككە ھايۋانلارنىڭ بىرلىشىپ جانلىقلار توپى ھاسىل قىلىش ھادىسىسى پەقەت ھاشاراتقىلا خاس ئالاھىدىلىك ئەمەس. يېپىشقاق باكتېرىيىنىڭ ھۈجەيرىسى ھەربىر ھاياتلىق دەۋرىدە مۇشۇنداق ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرىدۇ. دەسلەپتە ئۇلار يەككە ھالدىكى ئاميۇباسىمان ھۈجەيرە بولۇپ، ھەممىلا يەردە يۆتكىلىپ يۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنى يۇتىدۇ. بىر - بىرى بىلەن يىراقلىشىپ، ئۆزئارا ئۇچراشماي تۇرۇپ بىردەكلىككە ئىگە «كونسېرۋاتىپ پارتىيە» سايلاپ چىقىدۇ. ئاندىن، بىر غوڭۇلداش بىلەنلا، بەزى ئالاھىدە ھۈجەيرە توپلىنىش ماددىسى قويۇپ بېرىدۇ، باشقا ھۈجەيرىلەر ئۇققاندىن كېيىن دەرھال يىغىلىپ يۇلتۇزسىمان تۈگۈن ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، بىرىكىپ، ھەرىكىتى ئاستا بولغان كىچىك قۇرت شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ خۇددى تروت بېلىقىدەك مەزمۇت بولۇپ، بىر تال ناھايىتى كۆركەم پېدىتسېل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ چوققىسىدا كارفورا بولۇپ ئۇنىڭدىن يەنە بىر ئەۋلاد ئاميۇباسىمان ھۈجەيرە تۇغۇلىدۇ ھەم ئوخشاش بىر پارچە سۇلۇقتا يەككە - يېگانە ھالدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۈزۈپ يۈرىدۇ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. 4A_[PM  
)XYv}U   
:TJv=T'p'  
4:r!|PJn{G  
`/EGyN6X  
P] UJ0b  
0@H|n^Md#  
IW@PF7  
سېلىد بېلىقى ۋە باشقا بېلىق تۈرلىرى بەزىدە ناھايىتى زىچ توپلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك ماسلاشقانكى، پۈتۈن توپ ئىقتىدار جەھەتتە بىر كۆپ باشلىق بېلىقتىن تەشكىل تاپقان زور جانلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇچار قۇش توپى، بولۇپمۇ ھېلىقى نېۋفوندلاندنىڭ دېڭىزغا يېقىن ئارىلىنىڭ قىيالىقلىرىغا ئۇۋا سالغان دېڭىز قۇشلىرى ئۆزئارا تايىنىپ ياشايدۇ، ئۆزئارا ماس ھەرىكەت قىلىدۇ. DGAX3N;r6{  
/+\uqF8F  
گەرچە بىز بارلىق توپلىشىپ ياشايدىغان جانلىقلار ئىچىدە ئەڭ ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولساقمۇ، ھەسەل ھەرىسىگە قارىغاندا بىر - بىرىمىزگە تېخىمۇ يۆلىنىدىغان، مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ زىچ، پائالىيەتلىرىمىزنى ئايرىۋەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ بىرلەشكەن چاغدىكى ئەقىل - پاراسىتىنى ھېس قىلالمايمىز. ھالبۇكى، بىزنى توك يولىغا چېتىپ قويسا ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىش، ئۇچۇرغا ئېرىشىش قۇلاي بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ بارلىق ئىنسانلار پائالىيىتىدىكى ئەڭ ئەقەللىي، ئەڭ ئومۇمىي ھەرىكەت. بىزنىڭ بىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىمىز بەلكىم مەلۇم بىر خىل دۆۋە ياساش بولۇشى مۇمكىن. بىز پۈتكۈل جانلىقلار چەمبىرىكىدىكى بارلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولالايمىز. بىزنىڭ قانداق قىلىپ تاسادىپىيلىقنى يېڭىپ، ئۇنىڭدىن يېڭى نەرسە، مەسىلەن، پۇرژىنا قۇيرۇق، كېۋانت مېخانىكى، كېيىنكى مەزگىلدىكى ناخشا قاتارلىقلارنى قۇراشتۇرۇشنى بىلگەن چېغىمىز، بىزنىڭ بەلكىم قانداق ئالغا ئىلگىرىلەشتە تېخىمۇ ئېنىق ئۇقۇمغا ئىگە بولغان ۋاقتىمىز بولۇشى مۇمكىن بولسا كېرەك. ھەمىشە توك ئۆتۈپ تۇرمىغان تەقدىردىمۇ، توك يولى يەنىلا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. ئىلىم - پەندە ئىشلىتىلىۋاتقان ئالاقە سىستېمىسى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇچۇر جۇغلاش مېخانىزمى تەتقىقاتىنى ئاددىي، ئەمما مەشغۇلاتى ئوڭاي ئەندىزە بىلەن تەمىنلىيەلىشى كېرەك. جون زىمان نىڭ «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانىدىكى مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «كەشپىيات بىر خىل مېخانىزم، پەن تەتقىقات خىزمىتى جەريانىدا ئېرىشكەن پارچە بىلىملەرنى سىستېمىلىق ھالدا خەلقىئالەمگە ئېلان قىلىش چوقۇم ھازىرقى زامان ئىلىم - پەن تارىخىدىكى ئاچقۇچلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ.» ئۇ داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق يازغان: «بىر ژۇرنال كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك قىزىقىدىغان ھەر خىل بىلىملەرنى بىر تەتقىقاتچىدىن يەنە بىر تەتقىقاتچىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ …بىر پارچە تىپىك ئىلمىي ماقالە ھامان ئۆزىنى پەقەت بىر ھەرىدىكى بىر چىش، دەپ قارايدۇ»(ئۇنىڭ ئۆزى ئانچە مۇھىم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن زور بىر تۈرنىڭ تەركىبىي قىسمى)، خالاس. بۇ خىل تېخنىكا، بۇ خىل ئاز - ئازدىن ئىنسانىيەت بىلىم خەزىنىسىگە تۆھپە قىلىنغان تېخنىكا دەل 17 - ئەسىردىن بۇيانقى غەرب ئىلىم - پېنىنىڭ مەخپىيىتى، چۈنكى ئۇ ھەرقانداق شەخستىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئورتاق، كوللېكتىپ كۈچكە ئىگە بولغان. :1iqT)&|8F  
uwjGDw  
بىرنەچچە ئاتالغۇنى ئالماشتۇرۇپ، ۋەزنىنى سەل تۆۋەنلەتسەك، يۇقىرىدىكى بىر ئابزاس ئارقىلىق ئاق چۈمۈلىنىڭ ئۇۋا ياساش ئىشىنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. بىز كۆپىنچە ئىلىم - پەندىكى ئىزدىنىش بىر خىل يەككە - يېگانە، جىمجىت تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، دەپ قارايمىز. شۇنداق، ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچتا مۇشۇنداق بولىدۇ. بىراق، بىز ھامان بىر تەرەپتىن ئىزدىنىپ، بىر تەرەپتىن بىر - بىرىمىزنى چاقىرىمىز، ئۇچۇر ئالماشتۇرىمىز، ماقالە ئېلان قىلىمىز، مۇھەررىرگە خەت يازىمىز، ئىلمىي ماقالە تاپشۇرىمىز، بىرەر نەرسىنى بايقاپ قالدۇقمۇ خۇشلۇقىمىزدىن ۋارقىراپ، سەكرەپ كېتىمىز.

ozqan 2011-11-17 22:06
رەخمەت ئەجرىڭىزگە ....


查看完整版本: [-- جانلىقلار جەمئىيىتى5 --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled