查看完整版本: [-- ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە 4 --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە 4 [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-11-17 10:12

ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە 4

  ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە  BpDf4)|  
GJy><'J,!>  
    مۇھەممەت سالىھ مەتروزى 
(تولۇق ئوتتۇرا تىل - ئەدەبىيات زۆرۈر 4 - قىسىم دەرس تېكىستى)
    بۇ كۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن ئىدى. چۈنكى، بۇ كۈنى ئۇ، ئانا ۋەتەننىڭ كەڭرى قوينىدىن ئۇچۇرما بولۇپ، پەرۋاز قىلىش، يەنى، چەت ئەلگە بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن تۇنجى قۇتلۇق قەدىمىنى ئېلىش ئالدىدا تۇراتتى ... EqUiC*u8{I  
s)375jCg a  
    ئۇ ئولتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانى پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومىدىن ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيوغا قاراپ ئۇچقىلىۋاتقان بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ كەڭ ھەم ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان ئازادە يولۇچىلار بۆلۈمچىسىدە ئۇ ئەتراپىدىكى ئىشلار بىلەن كارى يوق ھالدا، جىمجىتلا ئولتۇراتتى. ئۇ شۇ تاپتا، دۆلەت ھالقىپ كېتىۋاتقان يولۇچىلاردا بولىدىغان ھەممىگە ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىق بىلەن دىققەت قىلىدىغان روھىي ھالەتتىن قىلچىلىكمۇ ئەسەر يوق ھالدا، تەگسىز خىياللارغا چۆكۈپ كەتكەنىدى. گۈزەل ئەسلىمىلەر ئۇنى يىراق - يىراقلارغا ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.   >pv~$  
&%f y  
    شۇكۈنلەردە ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇۋەلى ئەلى تۈركىيىگە ساياھەت ۋە سودا بىلەن بېرىپ، ئۇزاقراق تۇرۇپ قالغانىدى، ئۇنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشى تەستىقلىنىپ، رەسمىيەتلىرىمۇ پۈتۈپ قالغاچقا، دادىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە ساقلىمايلا دۆلەت ھالقىيدىغان بۇ سەپەرگە جابدۇنغانىدى. كۈتمىگەن يەردىن ئۇ تۈركىيىدىنقايتقان دادىسى بىلەن بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ قالدى. ئاتا - بالا خۇشاللىقتىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى. دادىسى ئوغلىنىڭ بېيجىڭدا ئىكەنلىكىنى ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق خەۋەر تاپقانىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتمەيلا بۇرۇن ئۆزى ئېغىز ئاچتى: fF_1ZKx+#!  
RT)0I;  
  − ياپونىيىدىكى ئوقۇشۇڭنى بولدى قىلىۋېتىپ، تۈركىيىدىلا ئوقۇ، ئوغلۇم. ئەگەر سەن تۈركىيىدە ئوقۇساڭ، بىر تەرەپتىن ماڭا ياردەملىشىپ سودا قىلىپ، ئۇزاققا قالمايلا كاتتا باي بولۇپ كېتەلەيسەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشىڭدىنمۇ ئۈمىد بار. تۈركىيىدىكى ئاغىنىلىرىم ئوقۇش ۋە تۇرمۇشۇڭغا كېتىدىغان خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. qO Zc}J0  
\r324Bw>2  
   دادىسىنىڭ كۆرۈشۈپلا ئېيتقان بۇ گېپى ئۇنى ھەم ھەيران قالدۇردى، ھەم تەئەجۈپلەندۈردى. ئۇ دادىسىنىڭ چىرايىغا بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ، ئاندىن ئېيتتى: BtBy.bR  
~b3xn T  
   − ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت، دادا. ئەمما، مەن ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇمىسام قەتئىي بولمايدۇ، − ئويلىمىغان يەردىن ئوغلى دادىسىنىڭ دېگەنلىرىگە قىزىقماي قويدى.  J0d +q!  
+z>*m`}F  
    ئۆزىنىڭ بىر ئوبدان تەكلىپىنى ئوغلىنىڭ بىراقلا رەت قىلغىنى دادىنى ئەجەبلەندۈردى. ئەمما، كۆپنىكۆرگەن، ئوغلىنىڭ مۇستەقىلپىكىر قىلىشىنى قۇۋۋەتلەپ ئادەتلەنگەن بۇ دادا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنىدى. نېمىلا دېگەنبىلەن بۇ ئوغلى يېشى 24 كە قاراپ ماڭغان، ئۆزىگە خاس كۆزقاراش ۋە مۇستەقىل ئاڭغا ئىگە، ئاق - قارىنى ئېنىق پەرق ئەتكۈچىلىكى بار بىر يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى. دادا جىمىپ قالدى...  0Ny0#;P  
T oy~\  
   كەچلىك تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، دادىسى ئاندىن ئوغلىنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ ئوقۇش ئىشى توغرۇلۇق كۆڭلىگە پۈككەنلىرىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ قېتىم دادىسىنىڭ گېپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ بولۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 7#MBT-ih  
dI>)4()  
   − سىزگە ئايان، دادا، مەن تا ھازىرغىچە سىزنىڭ بىرەر گېپىڭىزنى رەت قىلماي كەلدىم. كىچىكىمدىن باشلاپلا سىزنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشىڭىز، مەسلىھەتىڭىز بويىچە يول تۇتقىنىم ئۈچۈن مانا ھازىرقىدەك ئۆز نېنىمنى ئۆزۈم تېپىپ يېيەلەيدىغان، ئەل - جامائەت ئالدىدىمۇ يۈزىڭىزنى يورۇق قىلغان ھالەتكە يەتتىم. ئەمما، مەن بۇنىڭغىلا قانائەت قىلمايمەن. مېنىڭ يەنە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇلىرىم ۋە پىلانلىرىم بار. بۇ قېتىم ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇشۇم دەل شۇ ئارزۇ ۋە پىلانلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن باسقان تۇنجى قەدىمىم. مېنى بۇ ئوقۇشقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەۋەتتى. شۇنچە كۆپ ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىن مېنى تاللاپ ئوقۇشقا ئەۋەتىشى تەشكىلنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكى، مەندىن يۇقىرى ئۈمىدلەرنى كۈتكەنلىكى. مەن بۇ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدنى ماڭا بېرىلگەن ئەڭ ئالىي مۇكاپات، دەپ بىلىمەن. ناۋادا، مەن بۇ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدنى ئاقلىمىسام، نەچچە يىلدىن بېرى يېتىلدۈرگەن ئادىمىيلىك پەزىلىتىم نەدە قالىدۇ؟ ئەلنىڭ تۇزىنى يەپ بولۇپ، تۇزلۇقىنى چېقىۋەتكەندەك بىر ئىش بولۇپ قالمامدۇ، دادا؟ بۇنىڭغا ۋىجدانىم قانداق چىدايدۇ؟... مەن پۇل، بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كەسپىمدە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئوقۇشنى تاللىغانمەن. شۇڭا، مېنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇشنى تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن. مېنىڭ ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇشۇم ھەرگىزمۇ ئائىلىمىز ياكى ئۆزۈم ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى ماڭا ئىشەنگەن مەكتىپىم ئۈچۈن، شۇنداقلا ۋەتەن ئۈچۈن. مېنىڭ بۇ قېتىم چەت ئەلگە بېرىپ ئوقۇشۇمغا كېتىدىغان بارلىق خىراجەتنى دۆلەت چىقاردى. دۆلەت چىقارغان بۇ پۇل خەلقنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن. شۇڭا، مەن بۇنى ئۇنتۇپ قالسام ھەرگىز بولمايدۇ... e1~C>  
xb8fV*RO8A  
  دادا ئۆز تەكلىپىنى ئوغلىنىڭ بۇنداق رەت قىلىشىنى ئويلىمىغانىدى. /:ma}qG y  
S &s7]  
  − دېگەنلىرىڭغۇ ئورۇنلۇق... شۇنداقتىمۇ تەكلىپىمنى ئەستايىدىلراق ئويلاپ باقساڭ بوپتىكەن، ئوغلۇم، − دادا ئوغلىغا ئاخىرقى قېتىم ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا شۇنداق دېدى. ئەمما، ئوغلىدىن ئاڭلىغىنى يەنە مۇنداق جاۋاب بولدى:  P:(,l,}F8  
XLqS{r~?  
  − مەن بۇ ھەقتە ئويلانماي، دادا. سىز ئىشىنىڭ، مېنىڭ بۇ قېتىمقى تاللىشىم يۈزدەيۈز توغرا. %j2YCV7  
bxkp9o  
  دادىنىڭئەمدى يەنە دەيدىغانغا گېپى قالمىغانىدى.  [NeOd77y  
TQE3/IL  
j,6dGb  
Xa[gDdbL  
* * * D?@330'P9C  
2~R"3c+^  
   ئايروپىلاندىكى كۈتكۈچى قىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇسسۇلۇق ئىچىدىغان ياكى ئىچمەيدىغانلىقىنى سورىشى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. e_k1pox]l  
OPwp  (b  
  ئاپئاق بۇلۇتلار قاپلىغان كۆك ئاسماندا ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيوغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلان ئۇنى ئەنە شۇنداق خىياللار ئىچىدە ئەللەيلەپ، تۆت سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، مەنزىل − توكيو ئايرودرومىغا قوندى. مۇشۇ قونۇش بىلەن ئۇنىڭ ياپونىيىدىكى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، يەتتە يىلغا سوزۈلغان بىلىم ئاشۇرۇش، ئوقۇش، ئىزلىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئۆتىدىغان يېڭى ھايات مۇساپىسى باشلاندى. بۇ يىگىت دەل − شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى بولۇپ، ياپونىيىنىڭ ئوكاياما تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭغانىدى. .Ks&r  
RBt"7'  
   يەتتە يىل دېگەن ئاڭلىماققا كىچىكلا سان بولغىنى بىلەن، نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سائەت ۋە ھەربىر كۈننى ئاي ۋە يىللارغا ئۇلاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئىدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى ۋاقىتنىڭ، ئۆگىنىشنىڭ ۋە قەلبىگە پۈككەن نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ - ئىستەكلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ياپونىيىدىكى يەتتە يىللىق ئوقۇش جەريانىدا قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىر مەردانىلىق بىلەن ئۈزۈپ چىقتى. :#d$[:r#  
 yZmQBh$  
   − مەن ئۆزۈمدە تالانت بار، دەپ قارىمايمەن. مەن ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر قانداق كەسپتە نەتىجە قازانغان بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش، ئەڭ ئاۋۋال قىيىنچىلىققا باش ئەگمىدىم. ئىككىنچى قەدەمدە، تاللىغان مەنزىل - يولۇمدىن ۋاز كەچمەي، ئۆزۈم يۈزلەنگەن ھەربىر ئىشقا ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدىم. شۇڭا، سېنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىڭگە ھەيدەكچى بولغان نەرسە نېمە؟ دېگەن سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم: ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن كەسپتە مۇۋەپپەققىيەت قازىنىشقا بېرىلىش، خالاس، − ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ۋە تالانتى توغرۇلۇق سورىغان سوئاللىرىغا ئەنە شۇنداق جاۋاب باردى. ^4B6 IF*  
?v8RY,Q30  
   ئۇ جاپاغا چىداپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش روھىدا، ئىلىمگە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىلىم - مەرىپەتنىڭ يۈكسەك چوققىلىرىغا چىقىش ئىرادىسىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئاخىر ئۇتۇق قازاندى. i1FFf[[L  
kj@#oLd%  
;[g v-H  
X*$ 7g;  
* * *  ?kE2 S6j5  
ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى 1963 - يىل 9 - ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ ناغرىچى مەھەللىسىدە مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. دادىسى ئاتنىڭ ئېگەر - جابدۇقلىرىنى ياساپ ساتىدىغان، ئەزەلدىن ھۈنەرگە ساختىلىق ئىشلەتمەي كەلگەنلىكى ئۈچۈن، شۇ ساھەدە ھەممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ھۈنەرۋەن ئادەم ئىدى. ئانىسى بولسا ئائىلە ئىشىغا پىششىق، كۆيۈمچان، ئاق كۆڭۈل ئايال ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى قولۇم - قوشنىلىرى ئىچىدە ئۈلگىلىك ئائىلە سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنەتتى. ئابدۇرېشىت ئەنە شۇنداق ياخشى ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولدى. 
W%0-SR  
]y.,J  
     ئۇنىڭ
 21 يىللىق ئوقۇش ۋە ئىلىم ئىزدەشتىنئىبارەت ھايات مۇساپىسى ئۇنى ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن قىلىپ قويدى. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا تاماملىدى. دەرسلەردە ئالاھىدە ياخشى بولغىنى ئۈچۈن، ئىككى قېتىم سىنىپ ئاتلىدى. 1979 - يىل 9 - ئايدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا، تەبىئىي پەندە نەتىجىسى شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل 
قىلىندى. !Q#u i[0q  
K# _plpr  
    ئۇ
 شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۇقۇشقا كىرگەندىن كېيىن كەسپىي دەرسلەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەندىن باشقا، يەنە رۇس تىلى، تەنتەربىيە ۋە باشقا قوشۇمچە دەرسلەرنىمۇ ياخشى ئۆگەندى. ماتېماتىكا دەرسىدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئارتۇقچىلىقى بىلەن ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ھەر يىلى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ تەقدىرلەندى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ماتېماتىكا فاكۇلتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلگىرى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە پارتىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغان بولسا، ئەمدى دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ، بىلىمگە تەشنا قەلبلەرگە بىلىمدىن نۇر تۆكۈشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك كەسىپنىڭ ئىگىسىگە 
ئايلاندى. rrbCg(  
aW w`v[v  
    ئۇ
 ئاتا - ئانىسىنىڭ تەسىرىدە، بالدۇرلا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان خاراكتېر يېتىلدۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ھەممىگە ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادىتى بولغىنى ئۈچۈن، باسقان ھەربىر قەدىمى نەتىجىلىك بولدى. 
ag|d_;  
&S3szhe  
   ئابدۇرېشىت
 ئابدۇۋەلى دەرس مۇنبىرىگە چىقىپ تېخى بىر يىلمۇ توشمىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلاردىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلارنى تىزىملىدى. ئۇ دەرھال تىزىملاتتى ۋە ئىمتىھانغا قاتناشتى. ئىمتىھاندىن ئۇنىڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتكەنلىكى ئېلان قىلىندى ۋە ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇيدىغان تايانچ ئوقۇتقۇچىلار قاتارىغاكىرگۈزۈلۈپ، شەرقىي شىمالدىكى چاڭچۈن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياپون تىلى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلدى. ئۇ چاڭچۈنگە بارغاندىن كېيىن، زېھنىنى ئۆگىنىشكىلا قارىتىپ، زور تىرىشچانلىق بىلەن قىسقامۇددەت ئىچىدىلا دەسلەپكى تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتتى ۋە 1986 - يىل 10 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەلگە ئەۋەتىپ تەربىيىلەيدىغان ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ 
تاللاندى. /91H! s  
i}+dctg/  
    ئۇ
 ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىدە مۇنداق قۇرلار بار ئىدى: «مەن بۇ يەرگە ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياراملىقئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئۈچۈن كەلدىم. شۇڭا، ۋاقتىمنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتقا سەرپ قىلمىسام بولمايدۇ...»، «ھايات مۇساپەمگە ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك ئوبرازى بىلەن زور تەسىر كۆسەتكەن دادامنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، بۇ يەرگە كېلىشىم نېمە ئۈچۈن؟ ماڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەككى: مەكتەپ مەندىن زور ئۈمىد كۈتۈپ چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەندە، شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن بۇنىڭدىن ۋاز كەچسەم، ئۇ چاغدا مەن ئەرزىمەس ئادەم بولۇپ قالىمەن؟»، «مەن ئاتا - ئانام ۋە ئۇستازلىرىمنىڭ تەربىيىسىدە نۇرغۇن يىل ئىجتىھات بىلەن ئوقۇش جەريانىدا، ئۆگىنىدىغان بارلىق بىلىملەر ئىچىدە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان يۇرتىغا، سۆيۈملۈك خەلقىگە ۋە ئانا ۋەتىنىگە كېرەكلىك ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم ...» ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىكى قۇرلار ئۇنىڭ ياپونىيىدىكى كۈنلىرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە ھەمراھ بولغانىدى. ئۇ يۇرتىنى سېغىنىپيازغان كۈندىلىكخاتىرىسىگە ۋەتەنگەبولغان مۇھەببىتىبىلەن مېھرىبان ئانىسىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى بىرلىشىپ كېتەتتى. ياپون تىلىنى ئانا تىلىغا ئوخشاش پىششىق ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە، ئىنگلىز تىلىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى ھەمدە يۇقىرى سەۋىيىگە، يەنى ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىدىن باشقا ۋاقىتلىرىدا، ياپون ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگلىز تىلىدىن دەرس ئۆتۈش سەۋىيىسىگە يېتىپ، چەت ئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ ماتېماتىكىنىڭ ئاساسىي ماتېماتىكا، ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكىدىن ئىبارەت چوڭ ئۈچ تۈرى ئىچىدىن ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى، ماتېماتىكىدىكى ئالاھىدە قىيىن ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتاباشقىلار ئۇنىڭ ئانالىز ئۇسۇلىغا تايىنىپتۇراتتى. ئۇ مانا مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىش ۋە ھەربىر قېتىملىق يېڭى تەتقىقاتى ئۈچۈن كېچە - كېچىلەپ ئۇخلىماي ئىشلىدى، ھەرقانداق بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئېسىگە ئېلىپمۇ 
قويمىدى. KwpNS(]I  
o Q{gh$6*  
    ئابدۇرېشىت
 ئابدۇۋەلى ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتلاردا ھەرقانداق بىر ئىشقا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ھېسابلاش ماتېماتىكىسىدىكى دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەر ھەققىدىكى ئىزلىنىش ۋە تەتقىقاتتا ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ بۇ توغرۇلۇق يازغان 16 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ياپونىيىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مۇرەككەپ دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ يېڭىچە ئاددىي ئۇسۇلى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتى  «قىسمەن N-C ئۇسۇلى» ياپونىيىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيە ماتېماتىكاساھەسىدىكى 1940 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى نەتىجە ھېسابلىنىپ، «ياپونىيە ماتېماتىكا قامۇسى»غا كىرگۈزۈلدى ۋە بۇ قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن بىردىنبىر چەت ئەللىك ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ قالدى. ئۇ 1992 - يىل 3 - ئايدا «پارابۇلالىق دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى سانلىق يېشىش توغرىسىدىكى تەتقىقات» ناملىق ماقالىسى بىلەن شىنجاڭدىن تۇنجى مۇشۇ ساھەدىكى بىردىنبىر دوكتور بولدى. ئۇنىڭ ياپون تىلىدىكى «پارابۇلالىق تەڭلىمىلەرنى سانلىق يېشىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى ياپونىيىدە نەشر قىلىنىپ، ماتېماتىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 
1s!hl{n<~  
~rn82an@G  
    ئابدۇرېشىت
 ئابدۇۋەلىنىڭ 1987 - يىل 1 - ئايدا ياپونىيىدە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولغانلىقتىن، شۇ يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ ماگستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى باشلىغىنى؛ 1989 - يىل 3 - ئايدا بۇ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، تەبىئىي پەنلەر بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىنى ئالغىنى؛ شۇ يىلى 5 - ئايدا دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنىپ، 1992 - يىل 3 - ئايدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكىنى ھەمدە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن داۋاملىق پوستدوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىپ، 1994 - يىل 6 - ئايدا پوستدوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ جەريانلار، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىگە بىر - بىرىدىن رەڭدار گۈل چاچقۇلارنى چاچقان گۈزەل خاتىرىلەر سۈپىتىدە ئۇنىڭ ھەربىر قەدەم ئىزىنى نۇرلاندۇرۇپ باردى. 
qx`*]lX  
8  wC3}U  
    ئۇنىڭ
 بەجانىدىللىق بىلەن ئۆگىنىش روھى ئۆگىنىشنى ۋە سەمىمىيلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان ياپونىيىلىكلەرنىمۇ قايىل قىلدى. ئۇ ياپونىيىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىدىغان ۋاقىتتا، ياپونىيىنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدىكى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان ئالىم، ئوكاياما تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى نىكى خىروشى ئەپەندىمنىڭ ئۇنى ئايرودرومغا ئۇزىتىپ چىققىنى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى، يېشى 60 لەرگە يېقىنلىشىپ قالغان بۇ ئالىم ئۆزى يېتەكلىگەن نۇرغۇن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن پەقەت ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلىنىلا ئايرودرومغا چىقىپ ئۇزىتىپ 
قويغانىدى. i~l0XjQbs  
PiAA,  
    ئابدۇرېشىت
 ئابدۇۋەلى ياپونىيىدىن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چەت ئەلدىن ئەۋەتىلگەن نۇرغۇن تەكلىپنامىلەرنى ۋە ئۇرۇلغان تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ تۇردى. بۇ تەكلىپنامە ۋە تېلېفونلاردا ئۇنىڭغا يۇقىرى مائاش، كاتتا تۇرالغۇ جاي، ئۆمۈر بويى يېتىپ ئاشقۇدەك ماددىي تەمىنات قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزلىرىگەھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئېيتىلغانىدى. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ توققۇز يىلدىن كېيىن يەنى، 2002 - يىل 10 - ئايدىن 2003 - يىل 4 - ئايغىچە ياپونىيىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئېلېكتر - تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي زىيارەتچى پروفېسسور بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىياپونىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۆزىگە تەتقىقاتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئالدى. ئۇ بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆزىنى سىناپ بېقىۋىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئالتە تەتقىقاتچى پروفېسسورنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر چەت ئەللىك بولۇپ قالدى. ئۇ بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، ياپونىيىدە يەنە بەش يىل تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا ئايلىقى 32 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى مائاش بىلەن ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىگەئېرىشتى. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە باشقىلار ئۇنىڭدىن ساناقلىقلا ئادەمگە كېلىدىغان بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ بۇ ئىشتا يەنىلا ئۆزىنى تەربىيىلىگەن ھەم ئۆزىگە زور ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن ئانا مەكتىپى  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىكرىنى ئېلىشنى قارار قىلدى - دە، ئەھۋالنى رەھبەرلىككە ئېيتتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىكىمەكتەپنىڭ ئۇنىڭغا تولىمۇئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن، ياپونىيىگە بېرىپ داۋاملىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋاز كەچتى. قارشى تەرەپتىن ئۇنىڭغا يەنە تېلېفون كېلىپ، خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ قايتىپ كېلىشنى ئېيتقاندىمۇ، ئۇ بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى نىكى خىروشى ئەپەندىم 2003 - يىل 10 - ئايدا ئالايىتەن ئۇنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن شاڭخەيگە كەلدى. ئەمما، ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈۋاتقان بولغاچقا، شاڭخەيگە بېرىشقا ۋاقتى چىقمايتتى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خىروشى ئەپەندىم ئۈرۈمچىگە كەلدى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن قۇرغان يېڭى پەن - تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى بۇ ۋاقىتتىمۇ ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىگە بەكلا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ تەكلىپنىمۇ سىلىقلىق بىلەن رەت قىلدى. ياپونىيىلىك بۇ ئالىم ئۇنىڭ ئانا مەكتىپىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئېھتىياجىنى ھەممىدىن ئەزىز بىلىدىغان، ۋەتىنىگە بولغان كۈچلۈك ئېتىقادىدىن ئەسلا تەۋرەنمەيدىغان بۇنداق يۈكسەك پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەپ، دۆلىتىگە قايتىپ 
كەتتى. \{NeDv{A  
cWh Aj>?_Q  
    ئابدۇرېشىت
 ئابدۇۋەلى 1993 - يىل 6 - ئايدا ۋەتەنگە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇشى ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتلاردا قوللىنىشقا كىرىشىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلىرىغا دەرس ئۆتۈش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈردى. 1996 - يىلىدىن باشلاپ ماگىستىر ئاسپىرانتلىرى يېتەكچىسى بولدى. تەربىيىلەش بىلەن تەتقىقاتنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگەك مېۋىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا كۈچىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ھازىرغىچىلىك 15 نەپەر ئاسپىرانتنى تەربىيىلىدى؛ دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندى ياردەم تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىنى، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن خادىملار پەن - تەتقىقات فوندى ياردەم تېمىسىدىن بىرنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ پەن - تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىنى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورلار پەن - تەتقىقات تېمىسىدىن بىرنى تاماملاش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق پەنلەرنى قۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ 35 پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۆزى باش بولۇپ، «سانلىق ئانالىز دەرسلىك يۇمشاق دېتالى» نى تەتقىق قىلىپ، بۇ تەتقىقاتى بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «نۇقتىلىق پەنلەرنى قۇرۇش فوندى» نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن «سانلىق ئانالىز» دەرسلىكى تەتقىقاتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بۇ نەتىجىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتى»غا، ئاپتونوم رايونلۇق «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتى» نىڭ 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ماتېماتىكا ئوقۇتۇش خىزمىتىگە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، 1998 - يىل 10 - ئايدىن 2005 - يىل 2 - ئايغىچە ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن ئىنستىتۇت مۇدىرلىقىنى ئۆتىدى. 2005 - يىل 3 - ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ شۇنداق زور نەتىجىلىرى بىلەن، 1997 - يىلى پروفېسسور ئۇنۋانىغائېرىشتى. ئۆزى باش بولۇپ، 1996 - يىل 8 - ئايدا مەملىكەتلىك ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن خەلقئارالىق چەكلىك ئېلېمېنتلار ئۇسۇلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى، 2005 - يىلى مەملىكەتلىك ھېسابلاش ماتېماتىكىسىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى دوكلات قىلىش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ساھەسىدىكى يۇقىرى نەتىجىلىرىنى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى دۆلەت ئىچىگە ۋە خەلقئاراغا نامايان قىلدى. ئۇ ھازىرمەكتەپتىكى كەسپىي خىزمەتلەردىن باشقا يەنە مەملىكەتلىك ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ 
ئىشلىمەكتە. qYbod+UX  
gsT%_2>CL  
   خەلقئارا
 ماتېماتىكا مۇنبىرىدە ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلغان بۇ مۇنەۋۋەر ئوغلان، قەلبىگە پۈككەن نۇرغۇن گۈزەل ئارمانلىرىنى ئەنە شۇنداق بىر - بىرلەپ رېئاللىققا ئايلاندۇردى. ۋۇجۇدىدا يېتىلگەن قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىك روھى بىلەن ماتېماتىكىدىن ئىبارەت بۇ قىيىن ساھەدە بۆسۈپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاخىر ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈردى. ئۇ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، دادىسى ئۇنىڭ يەلكىسىگە يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ، پەقەت بىرنەچچە جۈملىلا سۆز قىلدى. ئۇ دادىسىنىڭ بۇ سۆزىنى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن قىلغان سۆزى، دەپلا قارىماي، بەلكى ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئۆزىگە سۇنغان ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ خاتىرىلىك ۋە مەڭگۈ سولماس بىر دەستە ھۆرمەت گۈلى ئورنىدا بىلدى. چۈنكى، بۇ گۈلدەستە ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىر مۇساپىسىگە كۆڭۈللەرنى شادلاندۇرىدىغان خۇش ھىدىنى چاچىدىغان قەلب گۈلدەستىسى ئىدى. دادىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى: «بالام، سەن ھازىر بىزنىڭ ئوغلىمىز بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەلنىڭ ئوغلانى بولۇپ قالدىڭ. ئەلنىڭ ئوغلى دېگەن ئۆزىنى مەڭگۈ ئەلگە قەرزدار، دەپ ھېسابلىشى، ئۆزىنى ئۆمۈر بويى ئەلگە كېرەكلىك ئادەم، دەپ بىلىشى كېرەك. بىز سېنىڭ ئەنە شۇنداق ئوغلانلاردىن بولۇپ يېتىشىۋاتقانلىقىڭدىن سۆيۈنۈۋاتىمىز. شۇنى ئەستىن چىقارما: ئەلنىڭ ھەقىقىي ئوغلانى ئۆز زىممىسىدىكى قەرزىنى بىر ئۆمۈر قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى 
كېرەك». ~#(bX]+A  
R},mq&f5  
y{"8VT)  
H-0deJ[>  
2007
 - يىل فېۋرال   

koksangun 2011-11-17 11:15
بۇ تېكستنىڭمۇ ئاخىرى ئايرىم بېرىلگەن بولغاچقا ، ئاخىرىنى ئۇلاپ بىر تېما قىلدىم ،« ئانا يۇرت » نىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !

ozqan 2011-11-17 22:10
ئانا يۇرت ، مۇشۇ سۈئەتتە يوللايدىغان بولسىڭىز ، پۈتۈن تېكستلەر پات ئارىدىلا يوللىنىپ بولغۇدەك جۇمۇ . ئەجرىڭىزگە كۆپتىن -كۆپ رەخمەت .


查看完整版本: [-- ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە 4 --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled