查看完整版本: [-- مەن مۇنداق ئوقۇتقۇچى ! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> مەن مۇنداق ئوقۇتقۇچى ! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ataxkiz 2011-11-16 23:24

مەن مۇنداق ئوقۇتقۇچى !

                                               مەن مۇنداق ئوقۇتقۇچى
                                           مەدىنئاي تەلئەت ( ئاتەش قىز )
 مەن سىز مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن بالىڭىزنى ‹‹ نېمىشقا مەكتەپكە ئەۋەتمەيسىز ›› دەپ سىزنى سوراق قىلىدىغان ئۇستاز ، سىز ‹‹ ئوقۇتۇش - ئوقۇتماسلىق ھوقۇقۇم ›› دەپ قارايدىغان بالىغا ، ‹‹ سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز يوق ، ئۇ مىللەتنىڭ بالىسى ، ئۇنىڭمۇ ياخشى كۈن كۆرۈش ، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش ھوقۇقى بار ، ئۇمۇ چوڭ مەكتەپلەردە ، ئالىي بىلىم يۇرتىلىرىدا بىلىم ئالالايدۇ›› دەپ سىزگە يۈرەكلىك سۆزلىيەلەيدىغان ئۇستاز . #18FA|   
U%olH >1K  
 مەن بالىڭىز ئۈچۈن سىز بىلەن مۇنازىرگە چۈشىدىغان ، بالىڭىزنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرىگە يېتىشى ئۈچۈن گاھىدا بىلىپ - بىلمەي ئۆز بالامنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ، بالىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن كېچە - كېچە باش قاتۇرۇپ تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىغان بالىڭىزنىڭ كۆڭلى يىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن گېلىدىن لايىقىدا غىزا ئۆتمەيدىغان ئۇستاز . c Z,_O~  
g==^ioS}*  
  مەن بالىڭىزنى كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئېلىم ئېلىپ ئۆزىنى ھەقىقي تۇنۇپ يەنىمۇ ئىلگىرلىشىگە بەل باغلىغىنىنى كۆرەلمىسمۇ ، ئاڭلاپلا قالسا قېن - قىنىغا پاتماي ئۆز - ئۆزىچە ساراڭلاردەك قاقاقلاپ كۆلۈپ كېتىدىغان ئۇستاز . <>GyG-q  
vUNE! j  
 مەن ئېسىل كۆرپىلەر ئۈستىدە پاراغەتتە ئولتۇرۇشتىن ، ئىشخانىدا قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇشنى ئەلا بىلىدىغان ئۇستاز ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئالما ئاقلاپ يىگەندىن سېنىپتا بور - توزان يېگەننى ئەۋزەل كۆرىدىغان ئۇستاز . >sk S`/6  
lUz@Em  
  پەرزەنتىڭىزنىڭ تېنى ئاغىرىسا مېنىڭ يۈرۈكۈم ئاغرىيدىغان ، پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالدىراپ باسقان قەدەملىرىدىن ئالىدىغان ئەخمىقانە شاتلىقلىرىنى ‹‹ كۆرەلمەيدىغان ›› ئۇستاز .  q\"$~*  
T@XiG:b7  
   مەن يۈرەكنىڭ يىغىسىنى سىرتتا قويۇپ سېنىپقا جاراڭلاپ خۇش تەبەسسۇم بىلەن كىرەلەيدىغان ئۇستاز ، مەن پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالدىراپ قالغان ‹‹ گۈزەللىك تۇيغۇسىدىن ›› ‹‹ سۆيىنەلمەيدىغان ›› شۇ سەۋەپ ئۇنىڭغا تەربىيە ئىشلەيدىغان ‹‹ گۈزەللىك تۇيغۇسى يوق ›› ئۇستاز . l+,rc*-j0  
y.2 SHn0  
  مەن سىزنىڭ بالىڭىزغا ھوقۇق يۈرگۈزۈپ كەتكەن ، بالىڭىزنىڭ كېيىنىشى ، يۈرۈش - تۇرۇشى ، مۇھەببەت ھەمدە بارچە تەرەپلىرىگە ئارلىشىۋالىدىغان ئۇستاز ، مەن ھەتتا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغىمۇ ئارلىشىپ ،‹‹ پەرزەنتىڭىزچۇ ، بالىنى يېتىم قىلماڭ ، نېمىشقا بالىنى ئاتىدىن ياكى ئانىدىن ئايرىيسىز ›› دەپ سىزگە مۇتىھەملىك قىلىدىغان ئۇستاز . #c_ZU\" h"  
FE .:h'^h  
   ساۋاقداش ، مەن سىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگىنىڭىز ، فورما كىيمىگىنىڭىز ، كېچىككىنىڭىز ، يوقاپ كەتكىنىڭىز ، كۆڭۈلىڭىزنىڭ يېرىم بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق ھەممە تەرەپلەرگە چېتىلىۋالىدىغان ‹‹ ئاتىكاچا ›› ئۇستاز . #Bjnz$KB  
[LK 9^/V  
 مەن خۇددى سىزنى تۇغۇپ ، بېقىپ ، چوڭ قىلىپ قويغاندەك ‹‹ مۇنداق قىلما ، ئادىميلىكنى ئۇنۇتما ›› دەپ تەربىيە قىلىدىغان ئۇستاز . bV ym  
"#%T*c{Tf0  
 گاھىدا خۇشاللىقلىرىڭىزدىن تەڭ بەھىرلىنىدىغان ، گاھىي قايغۇلىرىڭىزغا ھەمدەم بولىدىغان ، سىزنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان ئۇستاز . P_}$|zj7  
EW)]75o{QF  
 سىزنى تەخىتكە ئىتتىرىپ چىقىرىپ ، ئۆزى يەنىلا كونا كۈلبىسىدە قالىدىغان پىداكار ئۇستاز . />$kDe  
'` n\YO.N  
 مەن سىز بىلەن كىچىك بالىدەك ئويۇن ئوينايدىغان ، مۇمايلاردەك تەربىيە قىلىدىغان ، سىزنى جاندىن ، جېنىمدىن ئەزىز كۆرىدىغان سۆيۈملۈك ئۇستاز . };|'8'5  
zK}.Bhj#  

ozturk 2011-11-17 15:14
  ئۇستاز ھەققىدىكى تەرىپلىشىڭىز بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، = fm/l-P@  
  كۆپ رەخمەت، ئاتەش قىز.

ozqan 2011-11-17 22:28
  ھەقىقەتەنمۇ بىر مەسئۇلىيەتچان ، چىن ئىخلاسى بىلەن بالىلارغا كۆيۈنىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلىب ساداسىكەن بۇ  ، رەخمەت ئەجرىڭىزگە ، سىزنىڭ مۇنبەردە ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ، ئۆزگىچە يوللانمىلىرىڭىز بىلەن بىزگە زوق ئاتا قىلىپ تۇرغىنىڭىزدىن تولىمۇ خوشھالمەن ...

panayimsan 2011-11-18 13:00
        دېمەكچى بولغان ئىدىيە ئانچە بەك يېڭى بولمىسىمۇ،ئەمما، ئىپادىلەش نوقتىسىدىن ئۆزگىچىلىك بار ئىكەن.ئىملا خاتالىقى بار بىر قىسىم سۆزلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا،قىسمەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە جۈملە قۇرۇلمىلرىدىمۇ تۈزىتىشكە تېگىشلىك نوقتىلار بار ئىكەن.

tughluk414 2011-11-19 14:48
ياخشى يېزىپسىز، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئۆزگىچە بوپتۇ. ھەقىقىي بىر مۇئەللىمنىڭ سىيماسىنى سىزىپ چىقىپسىز. تەسىرلەندىم.

tawpek 2011-11-20 13:18
پىششىقلاپ بولغاندىنكىيىن، <<يۈرىكى يىغلىمىسۇن مۇئەللىم>> دەك قىلىپ ئاۋازلىق قىلىپ چىقسىڭىزمۇ بولغۇدەك،  ئاۋامغا ئاڭلاتقۇدەك ساداكەن بۇ.

mirahmat 2011-11-20 16:31
ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە مىللەت كەلگۈسىلىرىگە نىسبىتەن شۇنداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا مۇئامىلە قىلسا ياخشى بولاتتى. ئەمما  بىر قىسىم جانباقتىلار ئۆزىنىڭمۇ، بالىلارنىڭمۇ كۈنىنى بىكار ئۆتكۈزىۋىتىپ بارىدۇ. بارلىق p%8y!^g  
ئاتا- ئانىلار ۋە ھەممە ئۇستازلار مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىمايلى.

ataxkiz 2011-11-21 21:35
  ئاۋازغا ئالسام دەيدىغان ئەسەرلىرىم خىلى بار ئىدى ، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ،تەتىلدە ئالارمەن . \\xoOA.  
                                                                        ..........................   ئاتەش قىز

ayziyt 2011-11-23 22:44
ياخشى يېزىپسىز

تۆتتاش 2011-12-01 20:56
بىزنىڭ مۇشۇنداق قاتتىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،ناننىڭ ئورنىغا بور تۇزانلىرىغا رەڭگىمىزنى چىلاپ ،سەۋىيىسى تۆۋەن دىخانلاردىن ئاچچىق تاپا-تەنىلەرنى ئاڭلايدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدىغان رەھبەرلەر بارمىدۇ.ئىنتايىن ياخشى يىزىپسىز،

naznin 2011-12-13 11:45
ساۋاقداش ، مەن سىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگىنىڭىز ، فورما كىيمىگىنىڭىز ، كېچىككىنىڭىز ، يوقاپ كەتكىنىڭىز ، كۆڭۈلىڭىزنىڭ يېرىم بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق ھەممە تەرەپلەرگە چېتىلىۋالىدىغان ‹‹ ئاتىكاچا ›› ئۇستاز . Y#7sDd!N|  
~T">)Y~+xI  
بىرلىپ دەرىس سۆزلەۋاتقىنىمداكۆزلىرىڭىزنىڭ بىر نوقتىغا تىكلگىنىدىن سىزنىڭ شىرىن خىياللىرڭزنى بىلۋالىدىغان، سىزنىڭ سۆھبەتلەردىكى دۇدۇقلاشلىرىڭزدىن مەلۇم خاتالىق ئۆتكۈزگىنىڭزنى بىلۋالدىغان <<گۇمانخور >> ئوقۇتقۇچى.

تۆتتاش 2011-12-13 12:18
راھەت بۈشۈكلىرىدە،غەپلەت يوتقانلىرىنى خاتىرجەم يېپىنىپ،ئۆز يېنىنى توملاشا كىرىشىپ كەتكەن خىيانەت چاپانلىرىنى كىيىۋالغان،خوشامەت ئاۋازلىرىغا كۈنۈپ كەتكەن باداڭ قورساق رەھبەرلەر بىزنىڭ لاي سۇدا ئېقىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دەردىدە ئاتەش بۇلۇپ يېنىۋاتقان،بەدەلكار باغۋەن ئىكەنلىكىمىزنى ئازراق بولسىمۇ بىلسە كاشكى. pd^"MG  
ئادەملەر،ئادەمدۇر بىلىمى بىلەن، $/J4?Wik  
جىگدىلەر غادىيار يىلىمى بىلەن، <~z@G MQCf  
قۇغۇنمۇ شەربەتلىك تىلىمى بىلەن، 9w!PA-) L  
بەڭگىلەر پو ئاتار چىلىمى بىلەن، pd dumbp  
مۇئەللىم-بور دەپتەر قەلىمى بىلەن. 2=,O)g  
08z?i  
مىللەتنىڭ ئۈمۈدى سورىقى بىزدە، K7},X01^  
ئىلىم-پەن،ھېكمەتنىڭ بۇلۇقى بىزدە، "|GX%> /  
كىبىرسىز چىراينىڭ قۇرۇقى بىزدە، oF.H?lG7`  
ئەجدادلار يۇلىنىڭ ئۇلۇقى بىزدە، i&Me7=~  
مائاش ئاز،يانچۇقنىڭ ئۇرۇقى بىزدە. GD 
:i]g+ 
ئىشلەيمىز جاپالىق يىلدا توققۇز ئاي، eQsoZQA1  
بەك ئاستا توشمايدۇ،ئوتتۇز كۈن بىر ئاي، 9 F |e .  
پەرزەنتلەر بەك غېرىپ،ياخشى باقالماي، TmdR B8N  
بەزىدە كەچ قېلىپ تاپالمايمىز جاي، n4G53+y'  
يات شۇنداق بىزلەرگە ھەشەمەت ساراي. OuU]A[r  
d5tp w$A  
مانا بۇ بىزنىڭ ئۆزگەرمەس بىر ئېقىندا ،بىر خىل رېتىمدا كىتىپ بارغان تۇرمۇش ناخشىللىرىمىز.

aynuri 2012-01-29 00:53
ياخشى يىزىپسىز، ھەقىقەتەن جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ سىماسىنى گەۋدىلەندۈرۈپسىز.ئەپسۇس، ئۇستازلارنىڭ مانا مۇشۇنداق قەلبىنى يىزلاردىكى ئاتا-ئانلار چۈشەنگەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى .

ئۇيغۇرجان 2012-01-30 12:00
ئاتاش قىز كوپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئەنە سىزدىگەندەك..............................     

ataxkiz 2012-01-31 17:18
   شۇنداق << چىدىغانغا چىقارغان >>.بۇ كەسىپنى تاللىغانكەنمىز ھۆددىسىدىن چىقمىساق بولمايدۇ ، ئۇيغۇرجان ! مەن سىزنى بۇرۇن ئىزدىنىش تورىدا ئۇچراتقانغۇ دەيمەن ؟! %$Jq t  
                                              ..................  ئاتەش قىز _Xk03\n6  
                                                              

latapatlik 2012-01-31 20:53
ئوقۇتقۇچى روھىنى بەك ياخشى ئىپادىلەپسىز.....رەھمەت سىزگە ئاتەش قىز !!!!

نەفىسە 2013-05-20 14:34
ياخشى يېزىپسىز، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئۆزگىچە بوپتۇ   

ئەكبەرنىياز 2013-05-20 23:07
ياخشى بوپتۇ ، يېقىندىن بۇيان يازغانلىرىڭىزنى كۆرسەك بولاتتى ئاتەشقىز !!!

ataxkiz 2013-05-31 18:45
رەھمەت سىلەرگە لاتاپەتلىك ، نەفىسە ، ئەكبەر نىياز ، سىلەرنىڭ خىزمەتلىرىڭلارغىمۇ نەتىجە تىلەيمەن . y?>#t^  
    ئەكبەر نىياز ، يېقىندىن بويان بىر ئاز جىددىي بولۇپ قالدىم ، يازغانلىرىمنى چوقۇم سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرىمەن . k^^:;OR  
            .......  ئاتەش قىز


查看完整版本: [-- مەن مۇنداق ئوقۇتقۇچى ! --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled