«سۆيۈملۈك ئانا بىز ئۈچۈن قەھىرىتان قىشلارنىڭ جاڭ - جاڭ سوغۇقلىرىدا قەيەرلەردىدۇر باشقىلارنىڭ تازلىق ئىشلىرىنى ئىشلەپ مۇزدەك سۇلارغا قولىڭىزنى تىقىپ ، كىملەرنىڭدۇر كۆزلىرىگە قاراپ بىز ئۈچۈن خار بولىۋاتقانىسز - ھە ! ، ئازغىنە بولسمۇ سودا قىلىپ ، كىچككىنە پايدىڭىزغا بىزگە ئىسسق تاماق ، ئىللىق ئائىلە بەخىش ئېتىۋاتقان ئائىلىمىزدە ئەڭ كېيىن ئۇخلاپ ، سەھەردە يەنە ھەممىمىزدىن بۇرۇن تۇرالايدىغان مېھىرىبان ئانا ، يەنە مەن ئۈچۈن قەيەرلەردىدۇر جاپا چېكىۋاتقانسىز . Y(`Bc8h 5"40{3 كىشلەرگە كۈنلۈك ئىشلەپ ، كىشلەرنىڭ قويلىرىنى سويۇپ ، ھويلا خىزمەتلىرىنى قىلىپ يەنە قەيەرلەردىدۇر‹‹ ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە ، كۈچۈڭنى خار قىل››دەپ بىزنىڭ بەختىمىز ئۈچۈن ئۆزنىڭ خاتىرجەملىكىنى ، ئارامىنى سەرىپ ئېتىۋاتقان جانىجان ئاتا سېنىڭدىكى شۇنچە جاسارەت قەيەرلەردىن كەلگەن بولغىيتى !... » 1P*GIt2L wQ+il6 ئاتا-ئانىلار ئاشۇنداق جاپاكەش ، پەرزەنتلەرنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن يۈرىكى شامدەك ئېقىپ تۈگەيدۇ ، ئۇلار ئولتۇرسا - قوپسا پەرزەنتلەرنى يادلايدۇ . بالىلارنىڭ يۈرىكىدىن چىقىپتۇ بۇ گەپلەر . kuBtPZ bA0H L' $\[~U
g « بۇرۇن ئەجەپمۇ گۈدەك ئىكەنمەن ، سىلەرنىڭ كۆيۈنىشلىرىڭلارنى كۆزۈمگە كىرىۋالدى دەپ ، ئىقتىسادچانلىقىڭلارنى پەسلىك دەپ ، شۇنچە جاپادا تەييارلانغان تاماقلارنى گاھ گۆشى ئاز ، گاھ ئوخشىماپتۇ دەپ قەغىشلىك قىلىپتىمەن ، سىلەرنىڭ ئۇچاڭلارغا قاراپ باقماي ماڭا ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ بىرىسەن دەپ ئېسىۋالىدىغان تەتۈرلۈكۈم ، ماڭا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلارنى ، كۆزۈمگە كىرىۋالدى دەپ چۈشەنگەن بەڭۋاشلىقىم ، گاھىدا ئانامنىڭ كۆز ياش ئېقىتىشىغا مەجبۇر بولغانلىرىم ، ئېسىت شۇ سەۋەنلىرىمنى قاچانمۇ تولۇقلارمەن ...» ^m D$# « بەزىدە سېنى ئەخمەق دەپ قالىمەن ئاتا ، شۇنچە كۆپ جاپا تارتىدىكەنسەنۇ ، ۋاقتى كەلگەندە بىرەر كۆڭلەك ، بىرەر يىڭى چاپان ئېلىپ كېيىشكە كۆڭلۈڭ ئۇنىمايدىكەن ، ئانا ، ھەر بىر قېتىم ئىشىكتىن كىرىگىنىمدە ھارغىن چىرايىڭىدىكى يېلىنجاپ تۇرغان تەبەسسۇم مېنى كۈتىۋالىدۇ ، مېنىڭ سلەرگە قىلغان قىلغان كۆڭۈل ئاغرىقلىرىملارنى كەچۈرىۋەتكىنىڭلارغا رەھمەت .» &FRf-6/ s\3]0n9 ئاتا-ئانىنىڭ ئاشۇنداق ئاقكۆڭۈل ، جاپاكەشلىكىنى بىلەلىگەن بالىلار ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلالايدۇ ، بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسا ئاتا- ئانىلار قانچىلىك تەسىرلىنىپ كېتەر . ئاتا - ئانىلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىشىڭىزغا تىلەكداشمىز ... |