查看完整版本: [-- ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-11-16 16:45

ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى

       ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى #v+;:  
                سىما چيەن ;5N41_hG  
}Bi@?Sb  
:mP9^Do2;  
ليەن پو جاۋ بەگلىكىنىڭ قابىل سەركەردىسى ئىدى. جاۋ خۇي ۋېنۋاڭنىڭ 16 - يىلى ليەن پو جاۋ بەگلىكى ئەسكەرلىرىگە سەركەردە بولۇپ، چى بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇرۇشتا چى بەگلىكى ئەسكەرلىرىنى يېڭىپ، ياڭجىن شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەنلىكتىن، بەگ تەرىپىدىن شاڭچىڭ ئەمىلىگە تەيىنلەندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ليەن پو ئۆزىنىڭ جەسۇرلۇقى بىلەن ھەرقايسى بەگلىكلەرگە تونۇلدى. L?Cjo4xS  
=gs~ \q  
لىن شياڭرۇ جاۋ بەگلىكىدىن بولۇپ، جاۋ بەگلىكىنىڭ ئوردا مەھرەم بېگى مياۋ شيەننىڭ دائىمىي كۈتۈلگۈچى مېھمىنى ئىدى.  ?^. Pt  
Fo(y7$33*  
جاۋ خۇي ۋېنۋاڭ دەۋرىدە جاۋ بەگلىكى چۇ بەگلىكىنىڭ خېشى قاشتېشى دەپ ئاتالغان بىر پارچە قىممەتلىك قاشتېشىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانىدى. چىن بېگى چىن جاۋۋاڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەلچى ئارقىلىق جاۋ بېگىگە خەت ئەۋەتىپ، 15 شەھەرنى بېرىپ ئاشۇ قاشتېشىنى ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاۋ بېگى چوڭ سەركەردە ليەن پو ۋە باشقا ۋەزىرلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئۇ قاشتېشىنى بېرەي دېسە، چىن بەگلىكىنىڭ شەھەرلىرىنى ئالالماي ئالدىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى؛ بەرمەي دېسە، چىن بەگلىكىنىڭ لەشكەر تارتىپ كېلىشىدىن غەم قىلاتتى. ئۇ بۇنىڭغا تېخى بىرەر چارە تاپالمىغانىدى. چىن بەگلىكىگە بېرىپ جاۋاب قايتۇرغۇدەك بىرەرسىمۇ چىقمىغانىدى. دەل شۇ چاغدا ئوردا مەھرەم بېگى مياۋ شيەن:  p(?g-  
[[X+P 0`r  
 مېنىڭ ئۆيۈمدىكى مېھمىنىم لىن شياڭرۇنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشكە بولىدۇ،  دېدى. ;?`@"YG)  
fK"iF@=Z`  
 ئۇنىڭ ئىشقا يارايدىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز؟  دېدى جاۋ بېگى. d>/Tu_ y  
O J>iq@ >  
 ئۆتمۈشتە مەن خاتالىشىپ، يوشۇرۇنچە يەن بەگلىكىگە قېچىپ كەتمەكچى بولغىنىمدا، مەزكۇر مېھمىنىم لىن شياڭرۇ ئالدىمنى توسۇپ، ماڭا: «يەن بەگلىكى بېگىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟» دېدى. مەن ئۇنىڭغا: «بەگ جانابلىرى بىلەن بىللە مەملىكەتنىڭ چېگراسىدا يەن بەگلىكى بېگى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ كىشى باشقىلاردىن يوشۇرۇنچە قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ: <سىز بىلەن دوست بولۇشنى ئىستەيمەن> دېگەنىدى، شۇڭلاشقا ئىشىنىپ ئۇ جايغا بارىمەن» دېدىم. لىن شياڭرۇ شۇندا ماڭا: «جاۋ بەگلىكى ھازىر كۈچلۈك دۆلەت. يەن بەگلىكى بولسا ئاجىز دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز جاۋ بېگىنىڭ ئەتىۋارلىق ئادىمى. يەن بېگى شۇڭا سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالىغانىدى. ھازىر سىز جاۋ بەگلىكىدىن يەن بەگلىكىگە قېچىپ بارسىڭىز، يەن بەگلىكى جاۋ بەگلىكىدىن قورقۇپ، سىزنى ئۇ جايدا تۇرغۇزۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، باغلاپ جاۋ بەگلىكىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرە بەگنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كىيىملىرىڭىزنى يېشىۋېتىپ، پالتا ئاستىغا يېتىپ تۇرۇپ، توۋا قىلىپ كەچۈرۈم سورىسىڭىز، سىزنى كەچۈرەرمىكىن» دەپ مەسلىھەت بەرگەنىدى. مەن ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلغانىدىم، بەگ جانابلىرى گۇناھىمنى كەچۈرگەن ئىدىڭىز. شۇڭا، مەن ئۇنى جاسارەتلىك ھەم پاراسەتلىك ئادەم، چىن بەگلىكىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشكە بولىدۇ، دەپ قارايمەن،  دېدى ئۇ.  Yt*vqm[WV  
gyFr"9';c  
شۇنىڭ بىلەن، بەگ لىن شياڭرۇنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن:  D2]ZMDL.  
Q.E_:=*H  
 چىن بېگى 15 شەھەر بەدىلىگە ئىلكىمدىكى قاشتېشىنى ئالماقچى ئىكەن، بەرسەك بولامدۇ - يوق؟  دەپ سورىدى. yW`e |!  
U{HML|  
 چىن بەگلىكى كۈچلۈك، جاۋ بەگلىكى بولسا ئاجىزدۇر. ماقۇل دېمەي ئىلاج يوق،  دېدى لىن شياڭرۇ. OfJd/D  
h1c{?xH2r  
 ئەگەر قىممەتلىك قاشتېشىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، بېرىدىغان 15 شەھەرنى بەرمىسە، قانداق قىلغۇلۇق؟  دېدى بەگ. !t% Q{`p  
tUv3jq)n%  
 چىن بەگلىكى 15 شەھەر بەدىلىگە قىممەتلىك قاشتېشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرغاندا، جاۋ بەگلىكى بۇنىڭغا ماقۇل بولمىسا، جاۋ بەگلىكى يولسىزلىق قىلغان بولىدۇ؛ جاۋ بەگلىكى قىممەتلىك قاشتېشىنى بەرگەن ھالەتتە، چىن بەگلىكى شەھەرلەرنى بەرمىسە، چىن بەگلىكى يولسىزلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ ئىككى چارىنى سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، قىممەتلىك قاشتېشىنى بېرىپ، يولسىزلىق قىلىپ قويىدىغان مەسئۇلىيەتنى چىن بەگلىكى ئۈستىگە ئىتتىرىپ قويساق بولارمىكىن،  دېدى لىن شياڭرۇ. ` yYvYc  
506V0]`/  
 كىمنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتسەك بولاركىن؟  دېدى بەگ.  ? oc+ 1e  
Z)5klg$c  
 ئەگەر بەگ جانابلىرىنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئادىمى بولمىسا، مەن قىممەتلىك قاشتېشىنى ئېلىپ، ئەلچىلىككە بېرىشنى خالايمەن. چىن بەگلىكى شەھەرلەرنى جاۋ بەگلىكىگە بەرسە، قىممەتلىك قاشتېشىنى چىن بەگلىكىگە بېرىمەن؛ ئەگەر شەھەرلەرنى بەرمىسە، قىممەتلىك قاشتېشىنى ساق قايتۇرۇپ كېلىمەن،  دېدى لىن شياڭرۇ. شۇنىڭ بىلەن، جاۋ بېگى لىن شياڭرۇغا قىممەتلىك قاشتېشىنى بېرىپ ئۇنى غەربتىكى چىن بەگلىكىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. W }Zb~[,  
/`}6rXnw9  
چىن بېگى جاڭتەي سارىيىدا لىن شياڭرۇنى قوبۇل قىلدى. لىن شياڭرۇ قىممەتلىك قاشتېشىنى ئېلىپ، ئۇنى چىن بېگىگە تەقدىم قىلدى. چىن بېگى ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە ئۇنى كېنىزەكلەر بىلەن ئەتراپىدىكى ئوردا ئەھلىلىرىنىڭ قولدىن - قولغا ئېلىپ كۆرۈشىگە بەردى. ئەتراپىدىكى ئوردا ئەھلىلىرىنىڭ ھەممىسى «بېگىمىز ياشىسۇن!» دېيىشتى. چىن بېگىنىڭ شەھەرلەرنى جاۋ بەگلىكىگە بېرىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان لىن شياڭرۇ ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ:   K.%z;( U  
V(DjF=8  
u]0!|Jd0  
8:<1 |]]  
 بۇ قاشتېشىنىڭ بىرئاز نۇقسانى بار، مالال كەلمىسە، بەگ جانابلىرىغا كۆرسىتىپ قويسام دەيمەن،  دېدى. بەگ قاشتېشىنى لىن شياڭرۇغا بەردى. لىن شياڭرۇ قاشتېشىنى قولىغا ئېلىپ، ئارقىغا چېكىنىپ، بىر تۈۋرۈككە يۆلىنىپ تۇرۇپ، قاتتىق غەزەپ بىلەن:  DP0Z*8Ia  
m EFWo  
 بەگ جانابلىرى بۇ قاشتېشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەلچى ئارقىلىق جاۋ بېگىگە خەت ئەۋەتكەن ئىكەنسىز، جاۋ بېگى خېتىڭىزنى ئېلىپ، دەرھال ۋەزىرلىرىنى يىغىپ مەسلىھەت سالدى. شۇندا ھەممىسى: «چىن بەگلىكىنىڭ نەپسى يامان، ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە تايىنىپ، بىر ئېغىز قۇرۇق گەپ بىلەنلا قىممەتلىك قاشتېشىنى ئېلىۋالماقچى. شەھەرلەرنى بەلكىم بەرمەسلىكى مۇمكىن» دېيىشىپ، قاشتېشىنى چىن بەگلىكىگە بەرمەسلىك قارارىغا كەلگەنىدى. مەن: «ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ ئۆزئارا مۇئامىلە قىلىشقاندا بىر - بىرىنى ئالدىمايدۇ، چىن بەگلىكى چوڭ دۆلەت تۇرۇپ شۇنداق قىلارمۇ؟ بىر دانە قاشتېشىنى دەپ قۇدرەتلىك چىن بەگلىكىدىكىلەرنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ قويساق، ياخشى بولماس» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن، جاۋ بېگى بەش كۈن پەرھىز تۇتۇپ قاشتېشىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ، ئوردا سارىيىدا تەزىم مۇراسىمىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئاندىن دۆلەت خېتى بىلەن مېنى يولغا سالدى. نېمىشقا مۇنداق قىلىدۇ؟ بۇ قۇدرەتلىك چىن بەگلىكىنىڭ سەلتەنىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قىلىنغان ئىشتۇر. ئەمدىلىكتە مەن قىممەتلىك قاشتېشىنى ئېلىپ كەلدىم، مېنى ئادەتتىكى سارايدا قوبۇل قىلىپ، ناھايىتىمۇ ئەدەپسىزلىك قىلدىڭىز. قىممەتلىك قاشتېشىنى قولغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى كېنىزەكلەرنىڭ قولدىن - قولغا ئۆتكۈزۈپ كۆرۈشىگە بېرىپ، بۇنىڭ بىلەن مېنى مازاق قىلدىڭىز. قارىسام بەگ جانابلىرىنىڭ جاۋ بەگلىكىگە شەھەرلەرنى بېرىدىغان ئويى يوقتەك تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ قىممەتلىك قاشتېشىنى قايتا قولۇمغا ئېلىۋالدىم. ئەگەر مېنى زورلايدىغان بولسىڭىز، بېشىم قاشتېشى بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ تۈۋرۈككە ئۇرۇلۇپ پارە - پارە بولغۇسىدۇر!− دېدى چىن بېگىگە. /CbkqNV  
,rX W`7!2  
لىن شياڭرۇ قاشتېشىنى تۇتقان ھالدا تۈۋرۈككە قارىدى - دە، ئۇنى تۈۋرۈككە ئۇرماقچى بولدى. چىن بېگى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قاشتېشىنى پارە - پارە قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ، قەتئىيلىك بىلەن، لىن شياڭرۇدىن قاشتېشىنى چېقىۋەتمەسلىكنى ئۆتۈندى. ئاندىن مەخسۇس ئەمەلدارغا چىن بەگلىكى خەرىتىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا قارىغان ھالدا، قايسى جايدىن قايسى جايغىچە بولغان 15 شەھەرنىڭ جاۋ بەگلىكىگە بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. *x5o=)Y  
f&f[La  
لىن شياڭرۇ چىن بېگىنىڭ پەقەت يالغاندىنلا جاۋ بەگلىكىگە شەھەرلەرنى بېرىمەن دەپ ئالداۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بەرمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، چىن بېگىگە:  m[{nm95QZ  
;B(;2.<"J  
 بۇ خېشى قاشتېشى جاھان ئەھلى ئېتىراپ قىلغان گۆھەردۇر. جاۋ بېگى ماجىرا تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، جانابلىرىغا تەقدىم قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. جاۋ بېگى بۇ قاشتېشىنى ئەۋەتىدىغان چاغدا بەش كۈن پەرھىز تۇتقانىدى. ئەمدى جانابلىرىمۇ بەش كۈن پەرھىز تۇتۇپ، ئاندىن توققۇز مۇراسىم ئەمەلدارلىرىنىڭ باشچىلىقىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئوردا سارىيىغا تەكلىپ قىلىڭ، شۇندىلا بۇ قاشتېشىنى جانابلىرىغا سۇنىمەن،  دېدى. چىن بېگى قاشتېشىنى زورلاپ ئالالمايدىغانلىقىنى پەملىدى - دە، بەش كۈن پەرھىز تۇتۇشقا ماقۇل بولدى ۋە لىن شياڭرۇنى گۇاڭچىڭ مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى. XNy:0C  
v!iWzN  
لىن شياڭرۇ چىن بېگى پەرھىز تۇتۇشقا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جەزمەن ۋاپاسىزلىق قىلىپ، شەھەرلەرنى بەرمەيدىغانلىقىنى پەملەپ، ھەمراھىنى پۇقراچە كىيىندۈرۈپ، قىممەتلىك قاشتېشىنى قوينىغا سالدۇرۇپ، ئۇنى چىغىر يول بىلەن قاچۇرۇپ، قىممەتلىك قاشتېشىنى جاۋ بەگلىكىگە ئەۋەتىۋەتتى. 4D0(Fl  
zp}yiE!bl  
چىن بېگى بەش كۈن پەرھىز تۇتقاندىن كېيىن، سارايدا توققۇز مۇراسىم ئەمەلدارلىرىنىڭ باشچىلىقىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جاۋ بەگلىكى ئەلچىسى لىن شياڭرۇنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. لىن شياڭرۇ زىياپەتكە كىرىپ، چىن بېگىگە قاراپ:  P^i6MZ?   
w}fqs/)w  
 چىن بەگلىكىدە چىن مۇگۇڭ بەگدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە يىگىرمە نەچچە بەگ ئۆتتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغىنى يوق. شۇڭا، مەن بەگ جانابلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ، جاۋ بەگلىكى ئالدىدا يۈز كېلەلمەي قېلىشىمدىن قورقۇپ، قىممەتلىك قاشتېشىنى بىرى ئارقىلىق قايتۇرۇۋەتتىم. ئۇ كىشى چىغىر يوللار بىلەن جاۋ بەگلىكىگە كەتتى. چىن بەگلىكى كۈچلۈك، جاۋ بەگلىكى ئاجىز، بەگ جانابلىرى جاۋ بەگلىكىگە بىر ئەلچى ئەۋەتىش بىلەنلا، جاۋ بەگلىكى دەرھال قاشتېشىنى ئەۋەتتى. ئەمدىلىكتە چىن بەگلىكىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە تايىنىپ، 15 شەھەرنى ئالدى بىلەن جاۋ بەگلىكىگە بەرسىڭىز، جاۋ بەگلىكى قانداقمۇ قىممەتلىك قاشتېشىنى بەرمەي، جانابلىرىنى خاپا قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟ مەن جانابلىرىنى ئالدىغان گۇناھىم ئۈچۈن، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. مەن ئۆزۈمنى داش قازاندىكى قايناق سۇغا تاشلاپ قاينىتىشنى ئۆتۈنىمەن. ئەمما جانابلىرىنىڭ ئۆز ۋەزىرلىرى بىلەن ئوبدانراق مەسلىھەتلىشىپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،  دېدى. Q5T(;u6  
bf&.rJ0  
چىن بېگى بىلەن ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى بۇنىڭغا ھەيران قالدى. ئەتراپىدىكىلەردىن بەزىلىرى لىن شياڭرۇنى سۆرەپ چىقىپ، جازالاشقا تاپشۇرماقچى بولدى. ئەمما، چىن بېگى ئۇلارغا:  yL^M~lws  
7R% PVgS4x  
 ھازىر لىن شياڭرۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنىمىز بىلەن، بەرىبىر قىممەتلىك قاشتېشىنى قولغا چۈشۈرەلمەيمىز ھەمدە چىن بەگلىكى بىلەن جاۋ بەگلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى يوققا چىقىرىمىز. بۇنىڭدىن كۆرە، لىن شياڭرۇنى ئوبدان كۈتۈپ، ئاندىن جاۋ بەگلىكىگە يولغا سالغىنىمىز تۈزۈكرەك. جاۋ بېگى قانداقمۇ بىر دانە قاشتېشىنى دەپ چىن بەگلىكىنى ئالدىسۇن؟  دېدى. ئاخىر چىن بېگى لىن شياڭرۇنى سارايدا رەسمىي قوبۇل قىلدى ۋە ئىززەت - ئىكراملار بىلەن ئۆز ئېلىگە يولغا سېلىپ قويدى. !xJLeQFJI]  
R] V~IDs   
لىن شياڭرۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جاۋ بېگى ئۇنى بەگلىكلەرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلسە، بوزەك بولمايدىغان ۋە ھاقارەت كەلتۈرمەيدىغان دانىشمەن تۆرە دەپ قاراپ، ئۇنىڭا ئالىي تۆرە ئۈنۋانىنى بەردى. (@N~ j&  
dT*f-W  
ئاقىۋەتتە، چىن بەگلىكىمۇ جاۋ بەگلىكىگە شەھەر بەرمىدى. جاۋ بەگلىكىمۇ چىن بەگلىكىگە قىممەتلىك قاشتېشىنى بەرمىدى. %BT)oH}  
x _YV{  
كېيىن چىن بەگلىكى جاۋ بەگلىكىگە جازا يۈرۈشى قىلىپ، شىچېڭ نى ئىشغال قىلدى. كېيىنكى يىلى چىن بەگلىكى يەنە جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، جاۋ بەگلىكىنىڭ 20 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن، چىن بېگى جاۋ بېگىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، جاۋ بېگى بىلەن بىللە تاماشا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئۇچرىشىش ئورنى شىخې نىڭ ئۇ يېقىدىكى ميەنچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جاۋ بېگى چىن بەگلىكىدىن قورقۇپ، ئۇ جايغا بېرىشنى خالىمىدى. لېكىن، ليەن پو بىلەن لىن شياڭرۇ مەسلىھەت بېرىپ:   kOlI?wc  
ePu2t3E  
 ئەگەر سىز بارمىسىڭىز، جاۋ بەگلىكىنىڭ ئاجىز ۋە يۈرەكسىزلىكىنى كۆرسىتىپ قويىسىز،  دېدى. eX]9m Q]E  
pXh^M{.  
شۇنىڭ بىلەن، جاۋ بېگى بېرىش قارارىغا كەلدى. لىن شياڭرۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. ليەن پو ئۇلارنى چېگرىغىچە ئۇزىتىپ باردى. ئۇ بەگ بىلەن خوشلىشىۋېتىپ: ux/[d6To  
f0fqDmn  
 بەگ جانابلىرى، كېتىپ بارىسىز، يول، ئۇچرىشىش ۋە مۇراسىم، قائىدە - يوسۇنلار ھەمدە قايتىش ۋاقتىنى ھېسابلىغاندا، ئوتتۇز كۈن چامىسىدا قايتىپ كېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر ئوتتۇز كۈن ئىچىدە قايتىپ كېلەلمىسىڭىز، چىن بېگىنىڭ خىياللىرىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، ۋەلىئەھدنى ئورنىڭىزغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن،  دېدى. بەگ بۇنىڭغا رازى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ميەنچىغا بېرىپ چىن بېگى بىلەن كۆرۈشتى. @zVBn~=i  
^0 ,&R\e+  
زىياپەتتە چىن بېگى شاراب ئىچىپ راسا خۇش كەيپ بولغان چاغدا:  .-1{,o/&Q  
=>9.@`.  
 بەگ جانابلىرىنىڭ ساز چېلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، بىردەم ساز چېلىپ بەرسىڭىز،  دېدى. جاۋ بېگى ساز چېلىپ بەردى. شۇندا چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا تارىخچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ: «پالانى يىل پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنى چىن بېگى جاۋ بېگى بىلەن زىياپەتتە ئولتۇرغاندا، جاۋ بېگىگە ساز چالدۇردى» دەپ يازغانلىقىنى ئوقۇدى. شۇ چاغدا لىن شياڭرۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:  3vvFF]D5k  
t9-\x  
 جاۋ بېگىمۇ چىن بېگىنىڭ چىن بەگلىكى مۇزىكىلىرىنى چېلىشقا ئۇستا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى. بىردەم كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن، بەگ جانابلىرىنىڭ خۇمرا بىلەن ساز چېلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن،  دېدى. چىن بېگى ئاچچىقلىنىپ، بۇنىڭغا ماقۇل بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن، لىن شياڭرۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بىر شاراب خۇمرىسىنى ئېلىپ، چىن بېگى ئالدىغا بېرىپ يۈكۈنۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ چېلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى. چىن بېگى ئۇنىمىدى. لىن شياڭرۇ شۇندا:  `X]2iz  
=*)O80oaW  
 ئۇنداق بولسا، مۇشۇ بەش قەدەم ئارىلىقتا بوينۇمدىن ئاققان قان بىلەن ئۈستىڭىزگە قان چاچرىتىمەن!  دېدى. بۇ چاغدا چىن بېگىنىڭ ئەتراپىدىكىلەر لىن شياڭرۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. لېكىن، لىن شياڭرۇ غەزەپ بىلەن ھومايغانىدى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جۈرئەت قىلالماي ئارقىسىغا چېكىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، چىن بېگى ئىلاجسىز خاپا ھالدا، خۇمرىغا بىرنى ئۇرۇپ قويدى. لىن شياڭرۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ جاۋ بەگلىكىنىڭ ئوردا تارىخچىسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «پالانى يىلى پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنى چىن بېگى جاۋ بېگىگە خۇمرا چېلىپ بەردى» دەپ يېزىشنى بۇيرۇدى. شۇندا چىن بەگلىكى ۋەزىرلىرى:  `?S?)0B  
I`}vdX)  
 جاۋ بەگلىكىنىڭ چىن بېگىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن 15 شەھەرنى سوۋغات قىلىشىنى تەكلىپ قىلىمىز،  دېيىشتى. لىن شياڭرۇمۇ ئۇلارغا:  -"^WDs  
1Qe!  
 جاۋ بېگىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن چىن بەگلىكىنىڭ شيەنياڭ شەھىرى نى سوۋغات قىلىشىڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن،  دېدى.  >yHnz?bf@  
{zN_l!  
تاكى زىياپەت تۈگىگىچە چىن بېگى زادى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالمىدى. جاۋ بەگلىكىمۇ نۇرغۇن قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چىن بەگلىكىگە قارشى تەييار تۇردى، شۇڭا چىن بەگلىكى ھەرىكەت قوللىنىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. \ iE9&3Ie  
_CwQ}n*  
ميەنچىدىكى ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جاۋ بېگى دۆلىتىگە قايتتى. لىن شياڭرۇ بۇ ئىشتا چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، جاۋ بېگى ئۇنىڭغا شاڭچىڭ ئەمىلىنى بەردى. بۇ ئەمەل ليەن پونىڭ ئەمىلىدىن ئۈستۈن ئىدى. شۇندا ليەن پو:  WsDe0F  
< 3+&DV- 
 مەن جاۋ بەگلىكىنىڭ سەركەردىسىمەن. شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان، دالىلاردا ئۇرۇش قىلغان چوڭ تۆھپىلىرىم بار. لىن شياڭرۇ پەقەت سۆز ئارقىلىقلا خىزمەت كۆرسىتىپ، مەندىن يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولۇۋالسا بولامدۇ؟! بۇنىڭ ئۈستىگە لىن شياڭرۇ ئەسلىي تەكتى پەس ئادەملەردىن تۇرسا، بۇ مەن ئۈچۈن ئۇيات، ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرۇشقا چىداپ تۇرالمايمەن!  ئۇ داۋراڭ سېلىپ:  ئەگەر لىن شياڭرۇنى ئۇچراتسام چوقۇم ھاقارەتلەيمەن،  دېدى. لىن شياڭرۇ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈردى. ھەر قېتىم بەگ ھۇزۇرىغا ئەتىگەنلىك سالامغا كىرىشكە توغرا كەلگەندە، لىن شياڭرۇ ھەمىشە كېسەل بولۇپ قالدىم، دەپ بارمىدى. ليەن پو بىلەن يۇقىرى - تۆۋەنلىك تالاشمىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن لىن شياڭرۇ يولدا كېتىۋېتىپ، يىراقتىن ليەن پونىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى ۋە ھارۋىسىنى ئارقىغا بۇراپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قاچتى. !OVEA^6  
(eE}W~Z  
شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى دائىمىي كۈتۈلگۈچى مېھمانلار بىرلىكتە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشىپ: |VEAzY|[#  
D ;I;,Z  
 بىزنىڭ ئۆز تۇغقانلىرىمىزدىن ئايرىلىپ، ئالدىڭىزغا كېلىپ خىزمىتىڭىزنى ئىشلىشىمىز سىزنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىڭىزگە بولغان ھۆرمەتتىن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئورنىڭىز ليەن پو بىلەن تەڭ بولدى. ليەن پو ئەدەپسىز گەپلەرنى قىلسا، سىز ئەكسىچە ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۈرىسىز، بۇ قورقۇش بەكمۇ چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ بۇنداق قىلىقنى ئۇيات ئىش دەپ بىلىدۇ، سەركەردە ھەم ۋەزىر تۇرۇقلۇق بۇنداق قىلسىڭىز قانداق بولغىنى! بىز ئىشقا يارىماسلار، قايتىپ كېتىشىمىزگە رۇخسەت قىلىڭ،  دېيىشتى. لىن شياڭرۇ ئۇلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى ئۆتۈندى ۋە ئۇلاردىن:  [t) i\ }V  
"(VcYQ+  
 سىلەرنىڭ قارىشىڭلارچە، سەركەردە ليەن پونى چىن بەگلىكى بېگىگە سېلىشتۇرغاندا، قايسىسىنىڭ ھەيۋىتى كۈچلۈك؟  دەپ سورىدى. ئۇلار:  ?^ 5*[H  
$s!meg@s  
 ئەلۋەتتە، ليەن پونىڭ ھەيۋىتى چىن بېگىگە يەتمەيدۇ،  دېيىشتى.  [&s:x ,  
 
 ئۇنداق بولسا، چىن بېگىنىڭ ھەيۋىتى شۇنچە زور بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋارقىراشقا، ۋەزىرلىرىنى ھاقارەتلەشكە جۈرئەت قىلالىدىم. مەن ھەرقانچە قابىلىيەتسىز بولساممۇ، قانداقچە يالغۇز سەركەردە ليەن پودىن قورقۇپ قالاي؟ لېكىن، مېنىڭ ئويلايدىغىنىم شۇكى، قۇدرەتلىك چىن بەگلىكىنىڭ جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى جاۋ بەگلىكىدە ئىككىمىزنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. ئەمدىلىكتە ئىككى يولۋاس ئۆزئارا ئېلىشىدىغان بولساق، ئاقىۋەتتە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم، دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شەخسىي ئاداۋەتنى كېيىنكى ئورۇنغا قويغانلىقىمدىندۇر،  دېدى. (.+n1)L?  
RyD$4jk+T"  
ليەن پو بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىيىمىنى يېشىپ دۈمبىسىنى يالىڭاچلاپ، تىكەنلىك چىۋىقلارنى يۈدۈپ، دائىمىي كۈتۈلگۈچى مېھمانلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن، لىن شياڭرۇنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىغاندىن كېيىن، لىن شياڭرۇغا:   gOAluP  
^uzVz1%mM  
 مەن پەس ئادەم ئىكەنمەن، سەركەردىنىڭ بۇنچىلىك كەڭ قورساق ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن!  دېدى. _3[BS9  
KVy5/A/8c  
ئاخىر ئىككىسى ئىناقلىشىپ، ھايات - ماماتلىق دوستلاردىن بولۇپ قېلىشتى. *^_!W'T{j  
!{;RtUPz*  
  czRh.kz,  
 cf!R  
ztpb/9J9  

anayurt905 2011-11-16 16:48
 سىماچيەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە ئەدىب. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 145 - يىلى تۇغۇلغان، ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. تەتقىقاتچىلار ئۇنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 87 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلىدۇ. بۇ پارچە ئۇنىڭ «تارىخىيخاتىرىلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان U2@?!B[\d`  
eUx|_*`  
 جاۋ خۇي ۋېنۋاڭنىڭ 16 يىلى − مىلادىيىدىنبۇرۇنقى 283 - يىلى. جاۋ خۇي ۋېنۋاڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرقىمەزگىللىرىدىكى جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى. ` ')3}  
b[$l{RQ[?  
 ياڭجىن شەھىرى − قەدىمكى شەھەر نامى. ئورنىھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يۈنچېڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىدە. 4}fG{Bk  
CXvL`d"  
 شاڭچىڭ − ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل نامى. 80 i 
R279=sO,J  
 ئوردا مەھرەم بېگى − ئوردا ھەرەمخانىسىدىكىئەمەلدارلار (مەھرەملەر) نىڭ باشلىقى. @ 5|F: J  
EcBSi995dj  
 دائىمىي كۈتۈلگۈچى مېھمان − جەنگو دەۋرىدىكى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر بىلەن تۆرىلەر ھەمىشە ئائىلىسىدە بىر قىسىم ئادەملەرنى بىكار تاماق بېرىپ باقاتتى. بۇلار ئاساسەن ئىختىساسلىق ئادەملەر بولغانلىقى ئۈچۈن، كېرەك بولغاندا ئۇلاردىن مەسلىھەت سورايتتى ۋە ئۇلارنى بەزى ئ G W|~sE +  
N1+%[Uh9)  
ىشلارغا سالاتتى. بۇلار «دائىمىي كۈتۈلگۈچى مېھمان» دەپ ئاتىلاتتى.

anayurt905 2011-11-16 16:50
 جاڭتەي سارىيى - چىن بەگلىكى ئوردىسىدىكى ساراي نامى. ئۇنىڭ ئورنى ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىدىكى چاڭئەن ناھىيىسىنىڭ كوچېڭ دېگەن يېرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا. y)0r%=  
چىنمۇگۇڭ − چىن بەگلىكىنىڭ بەگلىرىدىن بولۇپ، چۈنچيۇ دەۋرىدىكى بەش ھاكىمبەگنىڭ بىرى ئىدى. suC ]  
E:a_f!  
 مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 281 - يىلى، جاۋ خۇي ۋېنۋاڭنىڭ 18 - يىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ae`*0wbv  
52 ? TLID  
 شىچېڭ − يەر نامى، ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭلىنشيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا. `md)|PSU  
9%55R >s$  
 شىخې − يەر نامى. ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋېينەن ۋىلايىتى ئەتراپى. }F=scbpXj  
9|R]Lz3PA  
 ميەنچى − يەر نامى. ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭميەنچى ناھىيىسى. E&ou(Q={  
چىنلىقلاردا ناخشا ئېيتقاندا، ھەمىشە خۇمرىنى ئۇرۇپ تەڭكەش قىلىدىغان ئادەت بار ئىدى. s ~c_9,JK  
=aR'S\<  
 لىن شياڭرۇ بۇ يەردە ئەگەر دېگىنىمگە كۆنمىسەڭ، سەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىمەن دېمەكچى. VUAW/  
mhU ? N  
 شيەنياڭ شەھىرى − چىن بەگلىكىنىڭ پايتەختىبولۇپ، ئورنى ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شيەنياڭ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا. ,rkY1w-  

koksangun 2011-11-16 17:01
نادىرلاپ قوياي بۇ تېمىنى ، ھەقىقەتەن سەھىپىسى ئۇزۇن بۇنداق تېكىستلەرنى ئۇرماق ھەقىقەتەن قول تۇتىدۇ . رەھمەت .


查看完整版本: [-- ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled