查看完整版本: [-- ئەكېلىشپەرۋەرلىك 4 --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> ئەكېلىشپەرۋەرلىك 4 [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-11-16 16:02

ئەكېلىشپەرۋەرلىك 4

                                                             /H[!v:U  
                                                             ئەكېلىشپەرۋەرلىك s\dF7/b  
WH^r M`9  
                                                                        لۇشۇن ()v{HB i  
RI%ZT  
UF00K1dbz  
 جۇڭگو ئەزەلدىن «بېكىنىۋالغۇچى»؛ ئۆزى بارمايتتى، باشقىلارنىمۇ كەلتۈرمەيتتى. توپ - زەمبىرەكلەر دەرۋازىسىنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن، بۇرنىغا يەپ، مانا ئەمدى «ھەممىدە سۇڭلاپ بەرگۈچى» بولۇپ قالدى. باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، تېخنىكا ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئىشلارنىلا تىلغا ئالساق، يېقىندا بىر تۈركۈم ئاسارئەتىقىلەرنى فرانسىيىگە كۆرگەزمە قىلىشقا ئەۋەتىشتى. لېكىن، «كېيىن قانداق بولغانلىقى نامەلۇم»؛ يەنە بىرنەچچە «پىر - ئۇستاز» بىرقانچە قەدىمىي ۋە يېڭى رەسىملەرنى كۆتۈرۈپ، «مىللىي تەۋەررۈكلىرىمىزنى جانلاندۇرىمىز» دەپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، ئېسىپ كۆرسەتتى. ئاڭلىشىمچە، يېقىندا مېي لەنفاڭ دوكتورنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىپ، «سىمۋولىزم» نى ئىلگىرى سۈرەرمىش، ئاندىن كېيىن ياۋروپاغا ئەۋەتىپ ۋەز ئېيتقۇزارمىش. مەن بۇ يەردە مېي لەنفاڭ دوكتورنىڭ ئورۇنداش سەنئىتى بىلەن سىمۋولىزمنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلماقچى ئەمەسمەن. قىسقىسى، تىرىك ئادەم ئاسارئەتىقىلەرنىڭ ئورنىنى ئالسا، مەن شۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىلالايمەنكى، بۇنىڭ بىلەنمۇ تەرەققىياتىمىزنى بىرئاز نامايان قىلغىلى بولىدۇ. Vi~F Q  
'nM)=  
  &\0`\#R  
04wmN  
      لېكىن، بىزدىكى «ئالماقنىڭ بەرمىكى بار» دېگەن قائىدىگە ئاساسەن، «ئەكەل!» دەيدىغان ئادەم چىقمايۋاتىدۇ. 5[|MO.CB$  
m*BtD-{  
ئەلۋەتتە، سۇڭلاپ ئاپىرىپ بېرىشمۇ يامان ئىش ئەمەس، بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ بايلىقىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ مەرد - سېخىيلىقىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. نىچشې ئۆزىنى كۈنگە ئوخشىتىپ، كۈننىڭ نۇرى چەكسىز ئىسسىق، ئۇ پەقەت تەقدىم قىلىدۇ ۋە لېكىن تەمە قىلمايدۇ، دەپتىكەن. لېكىن، نىچشې قانداقلا بولمىسۇن، كۈن ئەمەس، ئۇ ئىلىشىپ - ئالجىپ قالغان. جۇڭگومۇ كۈن ئەمەس، بەزىلەر، يەر ئاستىدىكى كۆمۈرنى قازساق، پۈتۈن دۇنياغا بىرنەچچە يۈز يىل ئىشلىتىشكە يېتىدۇ، دەيدۇ. لېكىن، بىرنەچچە يۈز يىلدىن كېيىنچۇ؟ بىرنەچچە يۈز يىلدىن كېيىن بىز ئەرۋاھقا ئايلىنىپ ياكى جەننەتكە كىرىپ كېتىمىز، ۋە ياكى دوزاخقا چۈشۈپ كېتىمىز، ئەلۋەتتە. لېكىن، بىزنىڭ نەۋرە - چەۋرىلىرىمىز ھايات تۇرىدۇ. ئۇلارغىمۇ ئاز - تولا سوۋغا قالدۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىساق، ھېيت - ئايەم، بايراملاردا ئۇلارنىڭ داستىخانغا يايغۇدەك بىرنەرسىسى بولمىسا، باشقىلارنىڭ مەرىكىلىرىنى باش ئۇرۇپ تەبرىكلەپ، ئاشقان - تاشقانلارنى تىلەپ، ئۇنى سەدىقە - مۇكاپات قىلىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.  SZCF db  
] y, 6  
بۇنداق سەدىقە - مۇكاپاتنى «سۇنۇپ بەرگەن» نەرسە دەپ سەھۋەن چۈشىنىپ قالماسلىق كېرەك، ئۇلارنى »تاشلاپ بەرگەن«، چىرايلىقراق قىلىپ ئېيتقاندا «سۇڭلاپ»بەرگەن دېيىش مۇمكىن. مەن بۇ يەردە ئەمەلىي مىسال كەلتۈرۈپ ئولتۇرمايمەن. =S-'*F  
4 ~17s`+  
  v!ULErs  
=F ZvtcCa  
 مەن بۇ يەردە «سۇڭلاپ ئاپىرىپ بېرىش» توغرىسىدىمۇ بىرنەرسە دېمەكچى ئەمەسمەن. دەيدىغان بولسام «مودا» سۆز بولماي قالىدۇ. مەن ئۆزىمىزنىڭ يەنە بىرئاز بېخىلراق بولۇشىمىزنىلا تەرغىب قىلماقچىمەن. «سۇڭلاپ ئاپىرىپ بېرىش» تىن تاشقىرى، «ئەكېلىش» ىمىز، «ئەكېلىشپەرۋەر» بولۇشىمىز كېرەك. !h2ZrT9 _  
C}+ w<  
Y*0%l q({H  
  لېكىن، بىز «ئەكېلىپ بېرىلگەن» نەرسىلەردىن قورقۇپ كەتتۇق: ئاۋۋال ئەنگلىيىنىڭ ئەپيۈنى، گېرمانىيىنىڭ كېرەكتىن چىققان توپ - زەمبىرەكلىرى، كېيىن فرانسىيىنىڭ ئۇپىسى، ئامېرىكىنىڭ كىنوسى، ياپونىيىنىڭ «پۈتۈنلەي مىللىي مال» دېگەن سۆزلەر بېسىلغان مىلىچماللىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەتتا ئەقىل - ھوشى بار ياشلارمۇ چەت ئەل ماللىرىدىن تەشۋىشلىنىدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ئېلىپ كېلىنگەن» بولماستىن، «ئەۋەتىپ بېرىلگەن» نەرسە بولغانلىقى  سەۋەب بولغان. JcZs\ fl9  
&M ~*w~w`  
Z*nC ;5Kd  
        دېمەك، بىز كاللىمىزنى ئىشلىتىپ، كۆزىمىزنى ئېچىپ، ئۆزىمىز ئەكېلىشىمىز كېرەك! 5FnWlFc  
S[{#AX=0  
    مەسىلەن، بىزنىڭ ئىچىمىزدە بىر كەمبەغەل ياش يىگىت ئاتا - بوۋىسىنىڭ خاسىيىتىدىن (ھازىرچە شۇنداق دەپ تۇراي) چوڭ بىر قورۇ - جاي تاپقان بولسۇن، ئۇنى كۆز بوياپ تاپسۇن، بۇلاپ ئالسۇن ياكى قانۇنلۇق مىراس قىلىپ ئالسۇن ۋە ياكى كۈيئوغۇل بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تاپقان بولسۇن، بۇنى سۈرۈشتۈرمەي قويۇپ تۇرايلى. ئۇ ھالدا، قانداق قىلىش كېرەك؟ مېنىڭچە، ئالدى بىلەن نېرى - بېرىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، «ئەكەل!» دېيىش كېرەك. لېكىن، ئەگەر بۇ قورۇ - جاينىڭ كونا ئىگىسىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىلىرى بۇلغاپ قويىدۇ دەپ ئەندىشە قىلىپ، ئۇ قورۇ - جايغا كىرىشكە پېتىنالماي تېڭىرقاپ يۈرسە، توخۇ يۈرەك بولۇپ قالىدۇ؛ ئۆزۈمنىڭ پاكلىقىنى ساقلايمەن دەپ قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بولسا، ئەخمەق بولۇپ قالىدۇ. بىراق، بۇ قورۇ - جاينىڭ كونا خوجايىنىنى ئەسلىدىن ياخشى كۆرىدىغان بولسا، بۇ نۆۋەت ھەممىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، خۇرسەنلىك بىلەن ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئېشىپ قالغان ئەپيۈننى ھە دەپ چەككىلى تۇرسا، نائەھلى بولۇپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە. «ئەكېلىشپەرۋەر» ئادەم ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ، تاللايدۇ. بېلىق گۆشىنى ئۇچراتسا، ئۆزۈمنىڭ «ساددا پۇقرالاشقان» لىقىمنى نامايىش قىلىۋېتەي دەپ ئۇنى كوچىغا چۆرۈۋەتمەيدۇ، ئوزۇقلا بولىدىكەن، ئۇنى ئۆز يار - بۇرادەرلىرى بىلەن خۇددى چامغۇر، بەسەينى يېگەنگە ئوخشاش يەيدۇ. لېكىن، كاتتىلارغا زىياپەت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ؛ ئەپيۈننى ئۇچراتسا، ئۇنىمۇ ئۈزۈل - كېسىل ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىمنى بىر كۆرسىتىپ قوياي دەپ كۆپچىلىك ئالدىدا خالا جايغا چۆرۈۋەتمەستىن، كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتسۇن دەپ دورىخانىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ «تەۋەررۈك دورىنى ساتىمەن، تۈگىسە قالمايدۇ» دېگەندەك قىزىل كۆزلۈك قىلمايدۇ. ئەپيۈن غاڭزىسى بىلەن ئەپيۈن چىرىغى شەكىل جەھەتتە ھىندى، پارس، ئەرەبلەرنىڭ ئەپيۈن جابدۇقلىرىدىن پەرقلىق بولغاچقا، ئۇلارنى مىللىي تەۋەررۈك ھېسابلاشقا بولسىمۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ دۇنيانى ئايلانغاندا كۆرگۈچىلەر چىقسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە، ئازراقىنى مۇزېيغا ئەكىرىپ بەرگەندىن تاشقىرى، قالغانلىرىنى يانجىپ تاشلاش كېرەك. قالغان كىچىك خوتۇنلارنىمۇ ئۆز يولۇڭلارغا كېتىڭلار، دەپ تارقىتىۋېتىش كېرەك، ئۇنداق قىلمىساق، «ئەكېلىشپەرۋەر» لىكىمىزگە بىرئاز خەۋپ يېتىدۇ. ?Il$f_"B:  
^/2n[orl5  
iQ Zgs@  
  قىسقىسى، بىزگە ئەكېلىش كېرەك. ئۇنى ئۆزىمىز ئىشلىتىشىمىز ياكى ساقلاپ قويۇشىمىز ۋە ياكى يوقىتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۇنىڭ ئىگىسى يېڭى ئىگە بولىدۇ، ئۆي - جايمۇ يېڭى ئۆي - جايغا ئايلىنىدۇ. لېكىن، بۇ ئادەم ھەممىدىن ئاۋۋال تەمكىن، باتۇر، غەيرەتلىك، پەملىك، شەخسىيەتسىز بولۇشى كېرەك. ئەكەلگىنى بولمىسا، ئادەم ئۆزىچە يېڭى ئادەم بولالمايدۇ؛ ئەكەلگىنى بولمىسا، ئەدەبىيات - سەنئەتمۇ ئۆزىچە يېڭى ئەدەبىيات - سەنئەت بولالمايدۇ. j\("d4n%C  
j Aw&5,  
xXE/pIXw  
6 - ئاپرېل T/V8&'^i  
_y#t[|}w  

anayurt905 2011-11-16 16:12
 لۇشۈن − (1881 ~1936 )جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدىكى مەشھۇر يازغۇچى. جۇڭگو يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى . ئۇ جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى «تېڭىرقاش» ناملىق توپلامىدىن ئېلىندى }UXj|SY  
QMy;?,  
 «بېكىنىۋالغۇچى» دېگەندە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يولغا قويغان، چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
0AJ6g@ t[  
1^!= J<`K;  
 «توپ - زەمبىرەكلەر دەرۋازىسىنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن» دېگەندە ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ 1840 - يىلى جۇڭگوغا قوزغىغان ئەپيۈن ئۇرۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى يوقىتىپ ۋەتەننى ھاقارەتكە قالدۇرىدىغان بىر قاتار تەڭسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالىدى.
o$d; Y2K  
R!*UU'se  
 «مىللىي تەۋەررۈكلىرىمىزنى جانلاندۇرىمىز» دېگەندە 1932 - يىلىدىن 1934 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا رەسسام شۈ بېيخۇڭ ۋە ليۇخەيلىنىڭ ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە بېرىپ، جۇڭگو رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ياكى شەخسلەرنىڭ رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئاچقانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. |oSyyDYWP  
 «مىللىي تەۋەررۈكلەرنى جانلاندۇرۇش» دېگەن سۆزنى 1934 - يىل 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى «ئۇلۇغ ئاخشام گېزىتى» بۇ خەۋەرنى بەرگەندە ئىشلەتكەن.
bxkp9o  
.}SW`R Pk  
 «سىمۋولىزم» − 1934 - يىل 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى «داۋەنباۋ» گېزىتىدە مۇنداق خەۋەر قىلىنغان: «سوۋېت روسىيىسىدىكى سەنئەت ساھەسىدىكىلەر رېئالىزمچى ۋە سىمۋولىزمچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن». رېئالىزمچىلار تەدرىجىي خارابلاشقان. سىمۋولىزمچىلا
1kb?y4xeJ  
!uO|1 b  
ر بولسا، ھۆكۈمەت ۋە ئاۋامنىڭ بىردەك تەشەببۇس قىلىشى بىلەن گۈللەپ ياشناشقا باشلىغان. سەنئەتچىلەر جۇڭگونىڭ رەسىم، ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ سىمۋولىزمچىلار بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، جۇڭگو تىياتىرچىلىقى سىمۋولىزمنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئەسلىگەن. شۇڭا ... جۇڭگونىڭ مەشھۇر تىياتىر ئارتىسى مېي لەنفاڭ قاتارلىق كىشىلەرنى كېلىپ ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلغان. لۇشۈن: «چىلتەكلىك ئەدەبىيات. كىم خارابلىشىۋاتىدۇ»ناملىق ئەسىرىدە «داۋەنباۋ» نىڭ بۇنداق بۇرمىلانغان خەۋىرىنى تەنقىد قىلغان. لۇشۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: سىمۋولىزم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابى دەۋرىدە خارابلاشتى. رېئالىزم بولسا «گۈللەپ ياشنىدى». سىمۋولىزم 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى فرانسىيىدە گۈللەنگەن ئەدەبىيات - سەنئەت پىكىر ئېقىمىدىكى بىر تەرەپ بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، رېئال دۇنيا ساختا، ئازابلىق بولىدۇ، «يەنە بىر دۇنيا» چىن، گۈزەل بولىدۇ. سەزگۈ ئەزالىرىنى چۈشىنىكسىز تىل ۋە ئوبرازلار بىلەن غىدىقلاپ خىرە - تۇتۇق، سىرلىق خىيال پەيدا قىلىپ، مەلۇم «پەرەز» نى، يەنى ئاتالمىش «سىمۋول» نى شەكىللەندۈرۈش، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بۇ خىل ساختىلىقنىڭ «يەنە بىر دۇنيا» ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. }` f%"Z  
 نىچشې (1844-1900) گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ، ئىرادىچىلىك ۋە «كامىل ئىنسان» پەلسەپىسىنىڭ تەرغىباتچىسى. ئۇ ئۆزىنى «قۇياش» دەپ ئاتاپ، كېيىن ساراڭ بولۇپ ئۆلگەن. بۇيەردە بايان قىلىنغان نىچشېنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ پەلسەپە ئەسىرى «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ» نىڭ كىرىش سۆزىدە ئۇچرايدۇ. *ubLuC+b  
9p2"5x  
 «گومېنداڭ ھۆكۈمىتى»1933 - يىل 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئامېرىكا بىلەن «پاختا، بۇغداي ئۈچۈن قەرز پۇل» (جەمئىي 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) توختامى تۈزگەن؛ بۇنى ئامېرىكىنىڭ بۇغداي ۋە باشقا نەرسىلىرىنى، پاختىسىنى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلغانىدى. ئاپتور بۇ
rAP+nh ans  
*J1pxZ^  
يەردە ئەنە شۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. ``aoLQc`  
.(1=iL_3e  
Nm OQ7T  
oY+RG|j@  

koksangun 2011-11-16 16:49
ھەقىقەتەن خەت ئۇرۇش سۈرئىتىڭىز تىزكەن ، ئانا يۇرت . سىزگە بەكمۇ قايىل بولىۋاتىمەن . ئەسىرىڭىزنى نادىرلاش بىلەن بىرگە يىقىندا ئىشلىگەن زۆرۈر بىرىنچى قىسىم كىتابنىڭ دىتاللىرى بىلەن تارتۇقلايمەن .خەت ساندۇقىڭىزغا يوللاپ بېرىمەن . (_<ruwV]`  
ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن .

kumuk 2011-11-22 00:02
مەنمۇ  ئۆزۈم تۈزگەن دەرس دېتالىنى ئېۋەتەي دېگەن،لېكىن ئەۋەتەلمىدىم


查看完整版本: [-- ئەكېلىشپەرۋەرلىك 4 --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled