ئىنساپ سودىگىرى«زۆرۈر2»
ئىنساپ سودىگىرى #w&N)
c>
مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار (bON[6OGm "D?:8!
\!
«ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ».ھەقىقەتەن شۇنداق...ئۆزىنى سورىغان ،ئۆزىنى بىلگەن كىشى باشقىلارنى، ھەتتا ئالەمنى بىلىش، چۈشىنىش، ئۇنىڭدىن غالىب كېلىش بەگتىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ. ناۋادا بۇ سىرلىق قەسىرنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئېرىشەلمىسە غاپىللار دەرگاھىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ. 6;#Rd| مەن باش-ئايىغى يوق بۇ بازارغا «سودا» بىلەن ئەمەس، مېھمان بولۇپ قونۇپ ئۆتۈش نىيىتىدە كەلگەنىدىم. ئەپسۇسكى، رەھىمسىز رېئاللىق بۇ شېرىن چۈشۈمنىڭ ئەكسىچە، مېنى كىشىلەر ئالغۇ-بەرگۈ قىلىشىدىغان پاتىپاراق، قورقۇنۇچلۇق قايناق بازارغا ئېلىپ كىردى. مەن چارەك ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتنى قۇربان قىلىپ، بۇ بازارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كۆرۈپ چىقتىم. ھەركىم ئۆز ھالاكىتىنى تىزلىتىدىغان بۇ سورۇندا بىر ئىلىك يىپتىن تاكى دۆۋە-دۆۋە ئالتۇنغىچە ھەممە نەرسىنى ئېلىپ-ساتىدىغانلار، ھەتتا ئادەم سودىگەرلىرىمۇ تېپىلىدىكەن. ئەڭ ئېغىرى، ئىنساننىڭ كۆركى، قىممىتى، ئەقىل چىرىغى بولغان، ياراتقۇچى ھەربىر بەندىسىگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان تېپىلغۇسىز، تەڭداشسىز بىر نەرسىنىمۇ ئوخشىمىغان ماكان، زامان ۋە شارائىتتا ھەر خىل ئەرزىمەس نەرسىلەرگە سېتىپ يېيىشتەك پاجىئەگىمۇ يولۇقۇپ قالدىم. شۇڭلاشقا ئىرادەمگە باقماي جاھان بازىرىدا ھەم خەس، ھەم تۇتىيا بولۇپ قالغان ئاشۇ نەرسىنىڭ سودىگىرى بولۇش نىيىتىگە كەلدىم. JFh_
3r' مەن ئۆمرۈمدە تۈنجى قېتىم «سودا-سېتىق»بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆرۈشكە تەۋەككۇل قىلىۋاتقان سودىگەر. مەن بازارغا سالماقچى بولغان بۇ نەرسە پۇلغا ئېلىش تۈگۈل، بىكارغا قاراپ قويۇشقا ئەرزىمەس كاسات مالغا ئايلىنىپ قېلىشى ياكى ھېسابسىز ئالتۇن بېرىپمۇ سېتىۋېلىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان بىباھا نەرسە ئورنىدا ئالەم ئارا شۆھرەت تېپىشى ئېھتىمال. چۈنكى، مەن ئۇرۇنۇپ كۆرۈۋاتقان بۇ سودا بۈگۈنگە قەدەر ھېچكىممۇ شۇغۇللىنىپ باقمىغان، «ئىنساپ سودىسى» ئىدى. Bf{c4YiF ئەسلىدە مەن سودىگەرچىلىك، «سودا-سېتىق»...لارغا قىزىقمايتتىم. بىراق، جاھان بازىرىنى تەكرار ئايلىنىش ماڭا بۇ سەۋدالىقنى سالدى. مەن سودا-سېتىقنىڭ ئىنسانلار ھاياتىدىكى ئورنىنى ئېنىق كۆردۈم. شۇڭا، يىپ-يىڭنە، يوتقان-كۆرپە، ئات-ئۇلاغ،مېۋە،كۆكتات،گۆش، سۈت ساتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى بىر-بىرلەپ ئۆگەندىم، ئۇلار ئارىسىغا چۆكتۈم. ھاياتتا كېرەكلىك ھەممە نەرسىنى ئېلىپ-سېتىشقا قادىر بۇ ئىنسانلاردىن ئايرىملىرىنىڭ ئۆز ئىنساپلىرىنى بىر-بىرىدىن ئوغرىلىقچە يەڭ ئىچىدە سېتىشقا باشلىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئىنساپنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەر قوينىغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان ئاز-تولا پايدىنى كۆزلەپ ئۆز ئىنساپىنى نەپ بەرگۈچىلەرگە سەدىقە ياكى شېرىنكانە ئورنىدا تۇتۇۋالىدۇ. G2!J`} مەيلىلا، ھەرقانچە خورلۇققا قالساممۇ ئاياغ ئاستى بولۇۋاتقان، ھەربىر ئادەمگە پەقەت، زادى پەقەت بىرلا قېتىم تەقسىملىنىدىغان كۆز گۆھىرى، يۈرەك پارىسى _ ئىنساپنى جۇغلاپ، ئىنساپنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇش، بەندىلەر ۋە ياراتقۇچى ئالدىدا ۋىجدانىمنى ساقلاش، ساۋابلىق ئىش قىلىش مەقسىتىدە بىر ئالاھىدە كەسىپ ئىگىسى بولغان «ئىنساپ سودىگىرى» بولۇپ باقاي. ,BE4z2a قەدىرلىك دوستۇم، «قانداق بولۇپ بۇ ئۆزگىچە كەسىپنى تاللاپ قالدىڭ؟»دېدىڭما، كۆڭلۈڭنى يەردە قويسام بولماھ. ئەنە قارا، ياراتقۇچى بەندىسىگە:«يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارىلىش ئۆزۈڭدىن»دېگەچكىمىكىن ،ھەركىم ئۆز مەيلىچە ئىش تۇتۇۋاتىدۇ. بىرى نان ساتسا، يەنە بىرى نان ئېلىۋاتىدۇ. بىرى ئالتۇن ساتسا، يەنە بىرى ساپال قاچا سېتىۋاتىدۇ. بىرى پايدا ئالسا، يەنە بىرى زىيان تارتىپ يىغلاۋاتىدۇ. ئالتۇن ساتقىنى يىغلاپ، ساپال ساتقىنى كۈلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى بارى-يوق تەئەلۇقاتىنى سېتىپ، قىزىقىشتا پۇل توپلىسا، بەزىسى ئالتۇن-كۆمۈش ئالدىدا ئاجىز كېلىپ، ئېلىپ-سېتىشقا يارىغۇدەك بىرەر نەرسە تاپالماي، ۋىجدان، غۇرۇر، دىيانەت، ئىنساپ دېگەنلەرنى بۇغداي-قوناققا ئارىلاشتۇرۇپ سېتىۋاتىدۇ. بۇ گۆھەرلىرىنى بىر تىيىننىڭ ئۈستىكى قىلىۋاتىدۇ. ياشاش ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشتىن ئوزۇقلىنىش ئۈچۈنلا ياشاشقا ئۆتۈپ، ئاقچىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. d{
*e0 بەزىلەر ئىنساپتىن رەنجىپ:«ئىنساپ، سەن ماڭا بىر كىشەن بولدۇڭ، پۇل تېپىش، ئابرۇيغا ئىگە بولۇش، شەرەپ تاختىلىرىغا چىقىش، كۆڭۈلدىكى مۇددىئالىرىمغا يېتىشتە ھەرنېمە بولۇشتىن يانمايدىغان تاۋكالاردا بەزى مۇتتەھەملەر بىزدىن ئىنساپ سورىقىنى قىلىشىدىكەن. بىزنى تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قويىدىكەن، بىزنى ئىزاغا ئۆلتۈرىدىكەن. شۇڭا، سېنىڭ بولمىغىنىڭ تۈزۈك» دېيىشمەكتە. D=:O^< گاھىدا بەزىلەر ئىنساپتىن ئىبارەت بۇ بىباھا مىزاننى خالىسا تاشلاپ، خالىسا ئېلىپ يۈرۈۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئىنسان روھىنىڭ ئەڭگۈشتەرى بولغان ئىنساپنى ھاقارەتلەپ:«سەن مېنىڭ بارلىقىمنى قۇربان قىلدىڭ...شۇڭا، سېنى ئېلىشىغا سېتىپ يېيىشكە رازىمەن...»دېيىشىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك مەن بارلىق مال-مۈلكىمنى دەسمايە قىلىپ، ھەرقانداق جەبىر-جاپا، تىل-ھاقارەت، ھەتتا ئۆلۈمگە پەرۋا قىلماي، «تاشلاندۇق ئىنساپ»، «دەپسەندە قىلىنغان ئىنساپ»، «كاساتلاشقان ئىنساپ»، «گۆرۈگە قويۇلغان ئىنساپ»،«بۇلغانغان ئىنساپ»،«ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئالماشتۇرۇلغان ئىنساپ»،«پۇل ۋە قۇلغا ئايلىنىپ قالغان ئىنساپ»...ھازىرچە كىشىلەرگە يۈك بولۇپ قالغان، ئۇلار پەرق ئېتەلمىگەن ياكى ئىشلىتىشنى خالىمايۋاتقان ئىنساپلارنى سېتىۋېلىپ، يىغىپ، توپلاپ، بۇلارنى ئىنساپنىڭ قەدىر-قىممىتىگە ھەقىقىي يېتەلەيدىغان، ئادىمىيلىكنى ۋىجدانەن تونۇپ، ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلالايدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويماقچى. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە مىزان قىلىشنى تىلىمەكچى. سۈرۈشتۈرگەندىمۇ ئۆمرىدە ئىنساپ قىلىپ باقمىغان، ۋۇجۇدىدا ئىنساپ ھۈجەيرىسى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان، ئۆز ئىنساپىنى پارچە نانغا سېتىپ يىيىش بىلەن قالماي، باشقىلارغىمۇ زىيان سېلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە ئىنساپنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى چىن مەنىسى بىلەن تونۇقماقچى. ئۇلارنى:«ھەي، بىباھا ئىنساپ، قەيەردىسەن، سەن بىلەن بۇ دۇنيادا قايتا دىدارلىشىش ، سېنىڭ چىن كۆڭۈلدىن كەچۈرۈم قىلىشىڭغا ئېرىشىش مۇمكىنمۇ؟ئاھ، قەدىرلىك ئىنساپ...» دېگۈزنەكچى. ئىنساپ دەردىدە زار-زار يىغلاتماقچى. )l[bu6bM تارىخ ھەقىقەتەن رەھىمسىز ھەم ئادىل، پەقەت ۋاقىت جەھەتتىكى ئىلگىرى-كېيىنلىكىنى دېمىگەندە، ئۇ رېئاللىققا تولىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە، ئارزۇسىغا بېقىۋەرمەيدۇ، ھەققانىيەتنى ياقلايدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىققا كۆز-قۇلاق بولىدۇ...كارامەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ،«دەشنام يېگىنىم، بەش نان يېگىنىم» دەپ يۈرىدىغان، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى خورلايدىغان قارا يۈزلەرنى قاتتىق جازالايدۇ. بۇ بەختسىز ئۆزىگە تەئەللۇق، ئەمما يەنە ئۆزى تاشلىۋەتكەن، ئەرزىمەس نەرسىلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن بىلەن ئۇنى ئۆز پېتىچە ساقلىيالمىغان ئىكەنسىلەر، جېنىڭلارغا ۋاي...سىلەرنى تۆپە-تۆپىلەپ جازالىماقتىن باشقا چارە يوق. ئەمدى سىلەر قولدىن چىقىرىۋەتكەن ئىنساپنى قايتۇرۇپ ئالماق تۈگۈل، ئادەم ئۈچۈن ئىككىنچى يۈرەك سانىلىدىغان ئىنساپتىن بارا-بارا يىراقلىشىپ كەتكىنىڭلار ئۈچۈن، ئاخىر غورۇر ۋە ۋىجداندىنمۇ پۈتۈنلەي جۇدا بولۇپ، ئىنسانلار دۇنياسىدىن مەڭگۈلۈك سۈرگۈن بولىسىلەر. بۇنىسى بەرھەق...دەپ يۈرىكىنى ئېزىمەن. l{4rKqtX
|