ھاياتقا مۇھەببەت(زۆرۈر2)
ھاياتقا مۇھەببەت 7 xa>
ھاجىئەخمەت كۆلتېكىن 0qT%!ku& C"enpc_C/ باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، ]M'
=^32 قورقۇنچاق مىڭ قېتىم. Dn }Jxu'( _ ئۇيغۇر خەلق ماقالى C"]^Q)aJN تۇرمۇش سەھنىسىدە 30يىل ياشىدىم. ئۆتكەن شۇ ھاياتىمنى يىراق ساھىلنى كۆزلەپ، بوران-چاپقۇنلار ئىچىدە شىددەت بىلەن ئالغا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان قەيسەر دېڭىزچىنىڭ كېمىسىگە ئوخشىتىمەن. پەقەت ھاياتقا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىملا ئۇنى سەپەر جەريانىدا يوشۇرۇن خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، پاچاقلىنىش تەھدىتىدىن ۋە قەھرلىك دولقۇنلار قۇچىقىدا ھالاك بولۇش خەۋپىدىن ئامان ساقلاپ قالدى. ?[>3QE ھاياتقا مۇھەببەت _ دۇنيادا تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە مەنىۋى كۈچتۇر. ئۇ، تۇرمۇشنى تۈكسەلدۈرىدۇ. كىشىلەر قەلبىگە ئىلھام بېغىشلاپ، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە قىلىدۇ.ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قان-تەرى بىلەن يېزىلغان تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلار ئۆزىنى كۈتكەن ئارزۇ-ئارمانلارغا، بەخت-سائادەتكە، ئازادلىق ۋە ئەركىنلىككە، قىسقىسى، ئۆزلىرى يارىتىشقا قادىر بولغان ھەممىلا نەرسىگە پەقەت كۈرەش ئارقىلىقلا ئېرىشكەن. ھاياتقا مۇھەببەت _ كۈرەش قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. شۇڭا، ھەربىر كىشى ھاياتنى قەدىرلىشى ۋە قىزغىن سۆيۈشى كېرەك!... w)jISu;RG مەن شۇ سەترلەرنى يېزىۋاتقىنىمدا قەلىمىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى _دە، بۇنىڭدىن 30يىل بۇرۇنقى تارىخ _ ۋەتەن، خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدا شىددەتلىك كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بوران-چاپقۇنلۇق يىللارنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى... maR"t+ fLAw12;^ ئۇلار ئىككىسى تاڭ ئېتىشقا يېقىن بىرلا ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغانىدى. دۈشمەنلەر ئۆز غەلبىسىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ كېتىشتى. ئىككى سىياسىي مەھبۇس _ پاش قىلىنغان ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئەڭ خەۋپلىك دەپ قارالغان ئىككى «جىنايەتچى» قولغا چۈشكەنىدى.كەچكە يېقىن سوراق قىلىشلار باشلىنىپ، بىرىنچى مەھبۇسنى ئېلىپ كىرىشتى. چىراي-شەكلى كېلىشكەن، تولۇق گەۋدىلىك ، كىيىنىشىدىن ئۆزىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقى سېزىلىپ تۇرغان 30ياشلىق بۇ كىشى ئىشىكتىن كىرىشى بىلەن پەرىشان قىياپەتتە ئۆي ئىچىگە نەزەر تاشلىدى. |IUWF%~^$+ سوراق بۆلمىسىگە كىرىشتىكى ئۇدۇل تامغا تاقاپ قويۇلغان يۇمشاق ساپادا ئوڭ قېشىدىن تۆۋەنگە قاراپ سوزۇلغان تاتۇقى يۈزىگە سۈرلۈك تۈس بېغىشلىغان تېرگاۋچى _ مەركىزىي ساقچى ئىدارىسىگە قاراشلىق ئىشپىيونلۇق ئورگىنىنىڭ باش ئاگېنتى قوللىرىنى كۆكسىگە گىرەلەشتۈرگەن ھالدا غادىيىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئۈستى قارا موۋۇت بىلەن قاپلانغان ئۈستەلگە كۈلدان، سىياھ قۇتىسى، رۇكچا قەلەم، كليونكا تاشلىق يوغان دەپتەر قويۇلغان ئىدى، تېرگاۋچىنىڭ نېرىراقىدا خۇددى يەل بېرىپ كۆپتۈرۈلگەن تۇلۇمغا ئوخشاش دۈپدۈگىلەك سىدام باش بىر مەخلۇق كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغان ھالدا پۇشۇلداپ مۈەدەۋاتاتتى. ئىشىك يېنىدا بولسا، ئىككى ژاندارما بۇتتەك قېتىپ تۇراتتى. "Os_vlapHo >~+ELVB& مەھبۇس ئىچكى تەشۋىشىنى بېسىپ، ئۆزىگە بىر خىل مەغرۇرلۇق تۈسىنى بەردى ۋە بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە جىم تۇتۇپ قالدى. تېرگاۋچى بىر پەس ئۇنى كۈتۈپ تۇرغاندىن كېيىن، قانائەت ھاسىل قىلغاندەك قوللىرىنى ئۈستىگە قويۇپ سوراق قىلىشنى باشلىدى: 57'4ljvYi _ پارتىزانلار گۇرۇپپىسىدا قانداق ئەمەلىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدىڭ؟باشلىقىڭلار كىم؟ &~U ] ~;@ مەھبۇس ئۆز قىياپىتىنى بۇزماستىن ئۈنچىقماي تۇرۇۋەردى. سوئال ئىككىنچى قېتىم تەكرارلندى. لېكىن جاۋاب بېرىلمىدى. تېرگاۋچى زاڭلىق ئارىلاش مىيىقىدا كۈلۈپ، ئورنىدىن تۇردى. WvZ8/T'x _ ئوھۇ، سەن سوراق جەريانىدا ئېغىز ئاچماسلىققا قارار قىلغان ئوخشىمامسەن؟باشتا ئېيتىپ قويايكى، بۇنداق قىلىشتىن ساڭا ھېچبىر پايدا يوق. باشقىلارنىڭ ئالدىدا بەرگەن قەسىمىڭگە ساداقەتلىك كۆرسىتىمەن، دەپ ئاۋارە بولما، چۈنكى بۇ يەر چاقچاق قىلىدىغان ئورۇن ئەمەس. بۇ يەردە سېنى زۇۋانغا كەلتۈرىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەر ھازىرلانغان!... ?=fyc1 ئۇ، مېڭىپ تۇرۇپ شۇ سۆزلەرنى ئېيتتى _ دە، سوراق بۆلمىسىنىڭ يان تەرىپىگە ئورنىتىلغان ئىشىكنى بىر تېپىپ ئېچىۋەتتى. قەپەستەك تار ئۆيدىكى ھەممە نەرسە قارىغان كىشىگە ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەھبۇس ئكي ئىچىگە كۆز يۈگۈرتكەنىدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ بىر دەھشەتلىك مەنزىرە ئېچىلدى: ئۆزلىرى يېرىم يالىڭاچ، ئەپتىدىن قاتىللىق يېغىپ تۇرغان بىر نەچچە كىشى ھەر خىل جازا قوراللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشاتتى. قازاندا پورۇقلاپ قايناۋاتقان سۇدىن ھاك بىلەن لازا پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلاتتى.ئوچاقتا ئۇزۇن –ئۇزۇن تۆمۈر زىخلار قىزدۇرۇلماقتا. ھەممە نەرسىلەردىن قان ھىدى بىسقىپ تۇرغاندەك كۆڭۈلنى ئاينىتاتتى. مەھبۇس بۇ دەھشەتتىن ئۆزىنى يوقىتىپ ۋارقىرىۋېتىشكە ئازلا قالغانىدى. لېكىن تامىقىغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك، ئاۋاز چىقىرالماستىن تۇرغان ئورنىدا قېتىپ قالدى. x`)&J
B _ قەيەرگە كېلىپ قالغىنىڭنى چۈشەنگەن بولساڭ كېرەك،_ دېدى ئۇنىڭ ھالىتىنى كۆزىتىپ تۇرغان تېرگاۋچى،_ قېنى سۆزلە! cq4Ipe مەھبۇس ئەس-ھۇشىنى ئاران يىغىۋېلىپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىغانىدى، خۇددى چىلبۆرىنىڭ كۆزىدەك پارقىراپ تۇرغان بىر جۈپ زەھەرلىك كۆزگە دۇچ كەلدى. بۇ دەھشەتلىك قاراش ئىچ-باغرىنى تېشىپ ئۆتكەندەك بولۇپ، چىدىيالماستىن يەرگە قارىۋالدى. FH+s s! تېرگاچىنىڭ ئۆزىدىن جاۋاب كۈتۈپ تۇرغانلىقى ئېڭىغا بېرىپ يەتمىدىمۇ ياكى سۆزلەشكە چامى كەلمىدىمۇ ، زۇۋان سۈرمەستىن جىم تۇرۇۋەردى. تېرگاۋچىنىڭ غەزەپلىك ۋارقىرىشىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى، بىرنەچچە كىشى ئۇنىڭغا تاشلىنىپ، دوزاخنى ئەسلىتىدىغان ھېلىقى ئۆيگە ئەكىرىپ كېتىشتى. ئارقا تەرەپتىن پاچىقىغا ئۇرۇلغان كالتەك زەربىدىن ئۇستىخىنى قاراسلاپ كەتتى ۋە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ يۈزىچە يەرگە يېقىلدى. جاللاتلاردىن بىرى قىزىپ تۇرغان تۆمۈر زىخنى ئەكىلىپ دۈمبىسىگە ياققانىدى، مەھبۇس جان ئازابىدىن چىرقىراپ كەتتى. كۆيدۈرگۈچى بىر سۇيۇقلۇق تۇمۇرىدا ئاققاندەك بولۇپ، ئاخىر گېلىنى بوغۇۋالدى ۋە بارغانسېرى يوغىناپ ئاغزىغا پاتماي قېلىۋاتقان تىلىنى چاينىغانچە ھوشىدىن كەتتى...ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە سوراققا ئېلىپ چىقىشقانلىرىدا ئۇنىڭ كۆز ۋە بۇرنىدىن توختىماي ئېقىپ تۇرغان سۇيۇقلۇق جازا ۋاقتىدا يۈزىگە يۇقۇشقان توپىلارنى لاي قىلىپ، ئادەم تەلەتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى. ئۇ سوراق بۆلمىسىدىكى كىشىلەرگە خۇددى ئەجەل پەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان توشقاندەك چۆچۈپ ۋە قورقۇپ قارايتتى. شۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت بىرلا سەزگۈ ساقلىنىپ قالغان، ئۇ بولسىمۇ چوقۇم ھايات قېلىش...ئارزۇسى ئىدى! ]~hk6kS8Q سوراق باشلاندى. مەھبۇس ئالدىراپ جاۋاب بېرىشكە ھەرىكەت قىلىۋېدى، لېكىن بىر پارچە قانلىق گۆش ھالىتىدە ئاغزىدا ئېسىلىپ تۇرغان تىلى سۆزگە كەلمىدى. قانچە ئۇرۇنسىمۇ پەقەت پاشىنىڭ گىڭىلدىشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل مەنىسىز ئاۋاز چىقىرالىدى،خالاس. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىغا قەغەز، قەلەم كەلتۈرۈپ قويۇشتى. ئۇ قانچىلىك نەرسە بىلسە، بىرىنىمۇ قالدۇرماي، تولۇقى بىلەن يېزىپ تاپشۇردى. ئۇ پەقەت بىرلا نەرسىنى _ ھايات قېلىشنى ئويلايتتى. لېكىن ھاياتلىق ئۇنىڭغا قايتا نېسىپ بولمىدى. بىرىنچى قېتىملىق جەڭدە قولغا كەلتۈرگەن غەلبىدىن مەست بولغان تېرگاۋچى ئايىغى ئاستىدا ئۆمىلەپ يۈرگەن مەھبۇسقا يىرگىنىپ قاراپ قويدى –دە: h>OfOx/{q9 _ بۇ تىلسىز ھايۋاننىڭ ئەمدى ھەرگىز كېرىكى يوق، ئۇنى كۆزۈمدىن يوقىتىڭلار ، _دېدى. K:30_l< ئىككىنچى مەھبۇسنى ئېلىپ كىرىشتى. Wbq
WG^W ئاددىيلا كىيىنگەن ياداڭغۇ چىراي، ئېگىز بويلۇق بۇ يىگىتنىڭ قىياپىتى تېرگاۋچىنى ھەيران قالدۇردى. مەھبۇس ئىنتايىن تەمكىن قىياپەتتە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بۇ قارا يۈرەك جاللاتلىرىغا يۈزمۇيۈز تىكىلىپ تۇراتتى. تېرگاۋچى بىر ھازاغىچە جىم ئولتۇرۇپ ئاندىن بىرىنچى مەھبۇسقا بەرگەن بايىقى سوئالىنى تەكرارلىدى. )~ h} _ مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن،_ دېدى مەھبۇس سالماق ئاۋاز بىلەن،_ پارتىزانلار تەشكىلاتى دېگەن نەرسىدىن خەۋىرىم يوق. _MX>#!l _ بىز ھەممىنى ئېنىقلاپ بولدۇق،_دېدى تېرگاۋچى مىيىقىدا كۈلۈپ،_ ئىشەنمىسەڭ مانا بۇلارنى كۆرۈپ باق. r#]WI| مەھبۇس پەرۋاسىز قىياپەتتە ئۆزىگە سۇنۇلغان قەغەزگە نەزەر تاشلىدى-دە، ئۇنىڭدىكى قىڭغىر-قىيسىق قوليازمىنى كۆرۈش بىلەنلا ھەممىنى چۈشەندى!...دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرغان تېرگاۋچى مەھبۇسنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايىدىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئالامىتىنى كۆرەلمىدى. ئۇنىڭ بىر ۋاراق قەغەزنى تۇتقىنىچە ھاۋادا ئېسىلىپ تۇرغان قولى بارا-بارا تۆۋەنلىدى. 0T5L_%c _ پەقەت ئۆز جىنايىتىڭگە ئىقرار قىلىش يولى بىلەنلا ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قالالايسەن،_دېدى تېرگاۋچى دۇدۇقلاپ. %UCr;H/ _ مەن دۇنيادا پەقەت بىر ئوچۇم ئەڭ قەبىھ جىنايەتچىلەرنىڭ بارلىقىنىلا بىلىمەن. ئۇلار ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالغان يالماۋۇز چىلبۆرىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەقىقىي ئادەمزات نەسلى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، مىڭلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ گۆشىنى يەپ، باش سۆڭەكلىرىدىن قەدەھ ياساپ، قىزىل قاننى شاراب قىلىپ ئىچىشتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ تۆمۈر تاپىنى بىلەن بۇ مۇقەددەس تۇپراقنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، ئۇنىڭ گۈلزار ۋادىلىرىنى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇردى. ئۇلار ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنىڭ دۈشمەنلىرى بولغانلىقتىن، قەيەردە ئىنقىلاب يالقۇنى كۆتۈرۈلسە، ئۇنىڭغا زۇلمەتنىڭ قارا پەردىسىنى ياپتى. سىلەر ئەنە شۇ قەبىھ جىنايەتچىلەرنىڭ پۇشتىدىن تامغان نىجىس مەخلۇنلار سىلەر، ئەلنىڭ قىساسى سەنلەرنى ھەلقۇمىڭدىن بوغماقتا، ئېيتىشە قېنى، ئاز ئۆتمەي تارىخنىڭ سوراق سەھنىسىگە يالاپ چىقىلغان چېغىڭلاردا خەلققە ئۆز جىنايەتلىرىڭدىن قانداق ھېساب بېرىشمەكچىسەن؟... v9O~@v{= مەھبۇس غالىبانە سۈرەتتە ئۆز دۈشمەنلىرىگە مىختەك قادىلىپ تۇراتتى. Jcm&RI"{ تېرگاۋچى ئەس-ھۇشىنى يوقاتقاندەك قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، قان ئىچىشكە تەييار تۇرغان جاللاتلارغا بىر نېمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى. بىر توپ بەتبەشىرە مەخلۇقلار تەرەپ-تەرەپتىن يىگىتكە يىپىشتى. o.\F.C$ دۈشمەنلەر تۈن بويى قىيناشنى داۋام قىلدى. مەھبۇسنى كۆتەككە بېسىپ، ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ تاشلىدى. بۇرنىغا قاينىتىلغان لازا سۈيىنى قۇيۇپ، بەدىنىگە زىخ سانجىدى، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئېسىپ، ئامبۇر بىلەن تىرناقلىرىنى بىر-بىرلەپ يۇلۇۋالدى...ئۆلۈم قانلىق پەنجىسىنى سوزۇپ، ئۇنى ئۆز قوينىغا تارتتى. لېكىن يىگىت چەكسىز ئىشقى بىلەن سۆيگەن ھايات بولسا، ئۇنىڭغا شىپا بەىش شارىبىنى سۇنۇپ، بۇ يالقۇنلۇق يۈرەك ئىگىسىنى داۋاملىق ياشاشقا، ئۆز دۈشمەنلىرى بىلەن ئاىىرغىچە كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى... gz#i.- سەھەرگە يېقىن دۈشمەنلەر ئۇنى ئۆلتۈردى. تۈن زۇلمىتى تارقاپ، ئۇپۇق سۈزۈلدى، تاڭ شەپىقى ئۇنىڭ جەسىتىگە ئوتقاشتەك قىزىل يوپۇقنى ياپتى... b9<#K+L- ?\s+EE&- مۇشۇلارنى ئويلاپ، يەنە ھايات توغرىسىدىكى ئۆز خىياللىرىمغا قايتتىم، ئىككى خىل ئادەم، ئىككى خىل ھايات. پەرق نېمىدە؟... DG ;_Vg
|