查看完整版本: [-- ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى قانداق ئاچساق بولار؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى قانداق ئاچساق بولار؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ataxkiz 2011-11-11 22:34

ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى قانداق ئاچساق بولار؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : qRGb3l  
   سىلەرچە ئاتا _ ئانىلار يىغىنىنى قانداق ئاچسا ياخشى ئاچقىلى بولار ؟ بۇ جەھەتتە ئىلغار پىكىرلىرىڭلاردىن ئورتاقلاشقان بولساق ھەممىمىزنىڭ ياخشى بىر ئاتا _ ئانىلار يىغىنى ئېچىشىغا پايدىلىق بولغان بولار ئىدى . قىممەتلىك تەلەپ _ پىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . ,"VQ 0Z1  
                                                        .........................   ئاتەش قىز k51s*U6=  

abdumijit 2011-11-11 23:07
سىلەرنىڭ مەكتەپتىمۇ ئەتە ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئىچىلامدۇ؟ y@o9~?M  
مەن ئادەتتە ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى ئالدى بىلەن سىنىپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى،جۈملىدىنسىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى، سىنىپ ھەيئەتلىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرىمەن. ئاندىن كىيىن ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىلان قىلىمەن شۇ قاتاردا ئىمتىھاندا ئالدىنقى قاتاردا چىققان ئوقوغۇچىلارغا مۇكاپات بويۇمى تارقىتىپ بىرىمەن. ~~C6)N~1  
ئاندىن كىيىن سىنىپقا كىرگەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.ئارقىدىن ئاتا-ئانىلار ئپىكىر قىلىدۇ. مەن ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكىرلىرىنى خاتىرلىگەچ بەزى پىكىرلەرگە چۈشەنچە بىرىمەن. 0LWdJ($?  
باشقىلارنىڭ قانداق ئىلغار تەجرىبىللىرى باركىن   ،سۆزلەپ باقسا كەم جايلىرىنى تولۇقلىۋالسام!

ataxkiz 2011-11-11 23:17
بىز كېلەر ھەپتە ئېچىشىمىز مۈمكىن ، رەھمەت قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزگە.

ozqan 2011-11-11 23:25
بۇ ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ ، ھەممىمىزگە پايدىلىق . سىزگە ياردەم قىلغىنىمىز ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئۆزىمىزگە ياردەم قىلغىنىمىز بولىدىكەن . `Ug tvo  
;g+]klR!  
  1. ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار بىرلىكتە  يىغىنغا قاتناشتۇرۇلۇش ،  كەمچىلىكلەر ئەمەس ، ئارتۇقچىلىقلار كۆپرەك تىلغا ئېلىنىپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىك ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى  تېپىپ چىقىپ ماختاش ، رىغبەتلەندۈرۈش .  مەسىلەن : سىنىپتىكى كېلىپ -كېتىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار  ، ئىنتىزامى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ، ئۆگىنىشى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ، تىرىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ، تازىلىقنى ياخشى ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقى ياخشى ئوقۇغۇچىلار  ، سىنىپ كوللىكتىپىغا كۆيۈنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەشتە ئۈلگە بوللالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ، ئېسىل پەزىلەتلىك ئوقۇغۇچىلار ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار .... دېگەندەك تۈرلەر بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ سىنىپ ئەھۋالىغا ماس كەلگەن تۈرلەر بويىچە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى دېگۈدەك نامىنى ئاتاپ رىغبەلەندۈرۈش . تەنقىتىنىڭ ئورنىغا بەزىلەرنى ماختاپ يەنە بەزىلەرنى شۇنداق بولۇشقا بىشارەتلىك ھالدا دەۋەت قىلىش . 6Cv.5V hx  
1'R mg\(  
2. ئۆگىنىشتە ئالاھىدە ياخشى مەلۇم ئوقۇغۇچىلارنى تەجىربە تونۇشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى باشقا ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارغا تونۇشتۇرغۇزۇش  ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا دالالەت قىلىش . : y1Bt+Fp  
YG`? o  
3. ئاتا-ئانىلاردىن بەزىلەرنى بالىلارنى  قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقىنى  ۋە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشگە قانداق يېتەكچىلىك  قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەجىربىلىرىنى  سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش  ، شۇ ئارقىلىق  باشقا ئاتا-ئانىلارغىمۇ مەلۇم ئۇسۇللارنى تەشەببۇس قىلىش . psUE!~9,  
n Q-mmY>#  
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ  چىرايلىق ھۆسۈن خەت ، رەسىم ۋە بەزى ئىجادىيەتلىرىنى ، پاكىز ، تاشلانغان ، رەتلىك تۇتۇلغان تاپشۇرۇق ماقالىلىرىنى ، يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ئىمتىھان قەغەرلىرىنى ...  كۆرگەزمە قىلىپ  بالىلار ۋە ئاتا -ئانىلارغا ئۈلگە قىلىپ  كۆرسىتىش . y' [LNp V  
$FX,zC<=  
5. بالىلارنى مۇخبىر قىلىپ كىچىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلاردىن سوئال سورىلىپ ھەل قىلماقچى بولغان سىنىپقا خاس ئەھۋاللارنى ھەل قىلىش . a <wL#Id  
Ej"u1F14J  
6. بالىلار ئاۋازى ، ئاتا-ئانىلار ساداسى دېگەن تېمىلاردا ماقالە تەييارلاپ ئوقۇش . ^B]@Lr E^  
L'E^c,-x~  
ئاتا-ئانىلار يىغىنى ھەر بىر سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېچىلىشى كېرەك ، سىنىپتىكى مەلۇم مەسىلىلەر مەقسەتلىك ھالدا ھەل قىلىنىشى كېرەك .  بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئىچىدىكى« دەرس بايلىقلىرى » قېزىلىشى  لازىم . بۇ يىغىن«  بالىسى غورا يېسە ئاتا -ئانىنىڭ چىشى قامايدىغان»يىغىن  بولۇپ قېلىپ ، ئاتا-ئانىلار قاتنىشىشىنى خالىمايدىغان يىغىنغا ئايلىنىپ قالسا مەغلۇبىيەت دېگەن شۇ . بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى دېمەيمۇ بومايدۇ ئەلۋەتتە ئەمما ، ھەرگىز كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا دېيىلمەي ئايرىم دېيىلىشى كېرەك .   ,Eu?JH&}u  
  ئويلىغانلىرىمنى بىرەر قۇر دەپ باقتىم . يەنە يادىمغا كەلسە يوللاي . Ia4)uV8  

tawpek 2011-11-11 23:40
خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان بۇنداق يىغىن ئىچىپ باقماپتىمەن، مەكتىۋىمىزدىمۇ ئىچىلىپ باقماپتۇ، تولوق ئوتتورا ھاياتىمدا سىنىپىمىزدا بىر قىتىم ئىچىلغىنىنى بىلىدىكەنمەن. s([dGD$i  
| C+o;  
سىنىپىمىزدا ئىچىلغان يىغىندىن ساۋاق دەپ بىرەي. N#k61x  
,wj"! o#  
ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكىرىگە ئەستائىدىل، ئومومىيلىقنى چىقىش قىلىپ چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ]A+o>#n}x  
,6"l(]0  
بۇ جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويولسا ئاتا-ئانىلار بىلەن سىنىپ مۇدىرلىرى ئوتورسىدا زىددىيەت پەيدا بولوپ كۆڭۆلسىز ئاياغلىشىدىكەن. A9:NKY{z  
I 3$dVls}  
بىر ئاتا-ئانىنىڭ: قوللىرىدىن كىلىشچە مىتوتى ياخشى ئوقوتقۇچىلارنى تەلەپ قىلىپ دەرىس ئۆتۆشكە تىرىشسىلا دىگىنىگە، مەكتىۋىمىزدىكىلەرنىڭ تۆۋىنى ئۇنداسىڭ، بۇنداسىڭ ھەممىسىنىڭ مىتوتى ياخشى دەپ سالغىنىغا قارشى بايانلار  چىقىپ بىچارە مۇئەللىم شۇنداق ئوڭايسىزلىقتا قالغىنى ئىسىمدە.

ataxkiz 2011-11-12 00:26
          ئۆزقاننىڭ پىكىرلىرى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ، مېنىڭچە ئاتا _ ئانىلار يىغىنىنى بۇرۇنقىدەك كونا پاسۇنلاردىلا  ئېچىۋىرىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق ، مېنىڭ باشقىچە بىر خىل ئۇسۇلدا ئاچقىم بار ، بالىلارنىڭ ھەممىسىگە << ئاتا _ ئانا سىلەرگە يۈرەك سۆزلىرىم >> تېمىسدا نامسىز ماقالە يازغۇزدۇم ، ھازىر بۇ 52 ئوقۇغۇچىنىڭ ماقالىسىنى بىر باشتىن ئوقۇپ بىرلەشتۈرۈپ چىقىۋاتىمەن ، بۇ ماقالىنى ئامال بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلىب سادالىرى ئاساسىدا يەنىمۇ تولۇقلاپ ئاتا _ ئانىلارنىڭ قەلبى ھاياجانلانغىدەك قىلىپ چىقاي دەپ تەييارلىق قىلىۋاتىمەن . ( تەييارلاپ بولۇپ چوقۇم ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن ) sRhKlUJG  
    يەنە بىرگە سىنىپىمىزدا قېيىنچىلىقى تولىمۇ ئېغىر ئوقۇغۇچىلار بار بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتا _ ئانىللىرى قۇشۇلىدىغانلىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئۇلار بىلەن بولغان زىيارەتنى ھەم ئۇلارنىڭ كىملەرنىڭدۇر ئۆيىدە قايسى يوللاردا قايسى دوختۇرخانلىلاردا جاپا چېكىۋاتقان ھالەتلىرىنى سىنغا ئېلىپ قويۇپ بىرەي دەيمەن . +[-i%b3q  
ئەڭ ئالدى بىلەن ئاتا _ ئانا ، پەرزەنىت ، ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى يېقىنلاشتۇرسام دەيمەن ، بەزى تەرەپلەر ئۆزقاننىڭكى بىلەن ئوخشايدىكەن ، يەنە بەزى تەرەپلەردىن پايدىلانسام بولىدىكەن . hZ$t$3  
  مەن بۇقېتىمقى ئاتا _ ئانىلار يىغىنىنى سىنغا ئالماقچى بولىۋاتىمەن ياخشى چىقسا چوقۇم سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن ، شۇڭا ياخشى چىقىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىڭلار كېرەكتە ...، ھەمىمىز بىرلىكتە ياخشى بىر لاھىيە تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساق ، ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە ماس كەلگەنلىرىدىن پايدىلانساق . hpbf&S4  
                                                                      ......................ئاتەش قىز

ozqan 2011-11-12 00:30
نەقىل : {}~:&.D  
سىلەرنىڭ مەكتەپتىمۇ ئەتە ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئىچىلامدۇ؟ dtStTT  
..................................................... IIFMYl gF  
خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان بۇنداق يىغىن ئىچىپ باقماپتىمەن، مەكتىۋىمىزدىمۇ ئىچىلىپ باقماپتۇ، ;i uQ?MR3  
............................... @ez Tbc3  
Oc?+M 5  
  ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچىلمايدىغان مەكتەپلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن . مەكتىپىمىزدە ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم ھەممە سىنىپتا ئېچىلىدۇ . يەنە سىنىپلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ سىنىپ مەسئۇللىرى ئايرىم تەشكىللەيدىغان ۋە يىللىق مەسئۇللىرى تەشكىللەيدىغان ئاتا-ئانىلار يىغىنلىرىمۇ  قەرەلسىز ھالدا ئېچىلىپ تۇرىدۇ . dj6*6qX0'^  
  كۆپۈنچىسىدە ئاۋال مەكتەپ رەخبەرلىرى ، يىللىق مەسئۇللىرى يىللىقلارنى بىرلىك قىلىپ چوڭ يىغىن زالىدا يىغىن ئاچىدۇ ، يىغىندا مەكتەپ مۇدىرلىرى ، ئەخلاق تەربىيە مۇدىرلىرى ۋە يىللىق مەسئۇللىرى بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد ، تەلەپلەرنى ، ئاتا-ئانىلار بىلىپ قېلىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم ئۇقتۇرۇشلارنى ئوتتۇرغا قويىدۇ . ئاندىن ئاتا-ئانىلار سىنىپلارغا كىرىپ سىنىپ مەسئۇللىرنىڭ سىنىپ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ، پىكىر ، تەلەپلىرىنى ئاڭلاش ، ئىمتىھان ئېلىنغان بولسا نەتىجىلەردىن خەۋەردار بولۇش ، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇش ، تەلەپ پىركىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ، ئاتا-ئانىلارنىڭ تەكلىپ ، تەلەپلىرى بولسا ئوتتۇرغا قويۇش ...قاتارلىق ئورتاق شەكىللەر ۋە ھەر بىر سىنىپنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ماس شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ .

koksangun 2011-11-12 13:54
بۇ بەك ياخشى تېما بوپتۇ ، بىزمۇ مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاچىمىز . مەن سىنىپتىكى ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ يازما نۇتۇق يېزىپ كېلىشنى تاپىلىدىم ، يېزىلىدىغان مەزمۇن ۋە دائىرىنى تەخمىنەن ئەسكەرتىپ قويدۇم ، يىغىندا بۇ ۋەكىللەر نۇقتىلىق پىكىر بايان قىلىدۇ . مېنىڭ يۇقىرىقى يازمىلارغا ئوخشىمايدىغان قىلغىنىم . ئوقۇغۇچىلار سەنئەت نۇمۇرلىرىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ ، ھەر بىر سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەندە بالىلار ئاتا- ئانىلارغا نۇرمۇر ئورۇنداپ بېرىدۇ . ئىختىيار قىلغان ئاتا -ئانىلار قاتناشسىمۇ بولىدۇ بۇ نۇمۇرغا . *mG `_9  
مەكتەپنىڭ ئەھۋالى تۇنۇشتۇرۇلغان ئىشلار ، مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن كۈتىدىغانلىرى ۋە  مەكتەپكە ئائىت باشقا مەسىلىلەر مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇنۇشتۇرىلىدىغان بولغاچقا ، مەن سىنىپتا پەقەت قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ؟ دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە ، بەس مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرىمەن . ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى تەكلىپ پىكىرلىرىنى خاتىرىلەپ مەكتەپكە تەمىنلەپ بېرىمەن . {-zMHVw=}  
ئايرىم ئاتا-ئانىلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشىمەن ...

uzqak 2011-11-13 12:48
   بۇ مەسلىگە تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم ، بىز قول سېلىپ ئىشلەپ مەكتەپلەردە  ئۆتكۈزۈلگەن ئاتا -ئانىلار يىغىنى ۋە سىنىپ يىغىنى دەرسلىرىنىڭ لايىھەلىرىنى يوللاپ ، مۇكەممەل بولمىسىمۇ ماتېرىياللارنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرسەك ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلساق دەيمەن ... 
     بولۇپمۇ ئىشخانىدىكى باشقا يولداشلارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋېتەلەيدىغانلىقىغا بەكلا ئىچىم قىزىيدۇ ، شۇڭا ۋاقىت چىقسا بۇ ھەقتە ھەرىكەت قىلىشنى مەجبۇرىيىتىمكەن دەپ  ئويلاپ قالدىم . بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى مەن ھازىرقى مەكتەپكە يۆتكىلىپ كىرگەندە ( ئۇ ۋاقتتا تىكەندەك يالغۇز ، ھازىر ئويغۇر مەكتەپلەر قۇشۇۋېتىلدى ) مەكتەپنىڭ بالىلارنى ئادەتلەندۈرۈش تەربىيەسى ھەققىدە مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ، قىزىق يېرى شۇ ۋاقتتا مەندە « مەخسۇس تېمىلىق» دېگەن سۆزگە نىسپەتەن ھېچقانداق چۈشەنچە يوق ئىدى . خەنزۇچە لايىھىلەپ ماتېرىيال تاپشۇرۇش بىلەن ئەمدىلا خەنزۇچە قۇبۇل قىلىشنى باشلىغان قوش تىل ئوقۇغۇچىلىرىغا قانداق قىلىپ رەسىمىي تۈردىكى بىر تېما ئاستىدىكى سىنىپ يىغىنىنى تۈزۈش جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدىم ، شۇ ۋاقتتا مەن نۇرغۇن مەكتەپلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بىزدە تېخى مەخسۇس تېما دېگەن ئۇقۇم شەكىللەنمەپتۇ دەپ ئويلىغان ... R)?{]]v  
مېنىڭچە ، ئاتا - ئانىلار يىغىنى بولسۇن ، سىنىپ يىغىنى بولسۇن ، پادا بېقىش شەكلىدىكى مەكتەپنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش  ۋە ئارخىبقا تولدۇرۇش ماتېرىيالىنى تەييارلاش شەكلىدىكى ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغان ، قىلىپ ئۈچۈنلا قىلىب ياسايدىغان « بىچارە دەرس » كە  ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك .
   ئاتا- ئانىلار يىغىنى ئېچىشتا ئالدى بىلەن قاندان تېمىدا ئېچىش ، قانداق مەسلىنى ھەل قىلىش ، قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشىش مەسلىسىنى ئەتراپلىق ئويلىشىش كېرەك . مەسىلەن ، يىغىن تىپلىرىدىن : خۇلاسە تىپىدىكى يىغىن بۇ ئەنئەنىۋى شەكىل ، يەنە باشلىق سۆزلەپ ، ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەپ تۈگىتىدىغان يىغىندۇر ؛ پائالىيەت تىپىدىكى يېغىن ، مەسىلەن ، ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ ئاتا -ئانىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئاساس قىلغان يىغىننى كۆرسىتىدۇ . بۇ يىغىننى كۆپرەك تەشكىللەش كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى پەرزەنتى ئوتتۇرغا چىقىپ سۆزلىسە ياكى ئۆزىنى كۆرسەتسە خۇشال بولمايدىغان ئاتا - ئانا يوق. تەجرىبە تۇنۇشتۇرۇش شەكلىدىكى ئاتا -ئانىلار يىغىنى : مەسىلەن ، مەسىلەن پەرزەنت تەربىيەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاتا -ئانىلار ( شۇ سىنىپتىكى ئاتا  -ئانىلار بولسىمۇ جەمئىيەتتىن تەكلىپ قىلىنسىمۇ بولىدۇ ) ئۆگىنىش تەجىرىبىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار (باشقا سىنىپتىن تەكلىپ قىلىنسىمۇ بولىدۇ ) كۆرگەزمە خارەكتېرلىك يىغىن : مەسىلەن . تاپشۇرۇق دەپتەر ، سىزغان رەسىم ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەمگەك مىۋىلىرى كۆرسىتىلسە بولىدۇ. تەكشۈرۈش خارەكتىرلىك ئاتا -ئانىلار يىغىنى: مەسىلەن ، كىچىك مۇخبىر تەشكىللەپ سۇئال -جاۋاب شەكلىدە ئېچىش . مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن سۇئال چىقىرىپ جاۋاب بېرىش شەكلىدە ئېچىش  ياكى سىنىپ ئىچىدىكى ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك سۇئال لايىھىلەپ ئېچىش دېگەندەك ... مەخسۇس ئاتا-ئانىلارنى تەربىيلەش خارەكتېرلىك يىغىن : مەسىلەن، پەرزەنتلەرنىڭ قۇرامىغا يېتىش ئالدىدىكى ئۆزگىرىشلەر ، قانداق قىلغاندا ئىمتىھاندا جىددىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ  دېگەندەك  ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك تەھلىل يىغىنلىرى ؛ مەسىلەن ئىمتنىھاندىن كېيىن ئېچىلىدىغان يىغىن ىلەن ئىمتىھان ئالدىدا ئېچىلدىغان يىغىن . ( بۇ خىل يىغىن سەل سەزگۈرلىككە ئىگە ، ئىمتىھان نەتىيجىسىنى قانداق ئۇسۇلدا تەھلىل قىلىشنى ياخشى ئەگەللەش كېرەك ، چۇقۇم ئوقۇغۇچىنىڭ تەرەقىياتىغا پايدىلىق ئۇسۇل قوللىنىپ تەھلىل قىلىشى كېرەك) ئۇندىن باشقا قەرەللىك تۈردە ئاتا ئانىلار ۋەكىللىرى يىغىنى تەشكىللەش بەكمۇ مۇھىم . ( ئادەتتە بۇ خىل ئۇسۇلغا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار سەل قارايدۇ) ھەر بىر سىنىپتىن 5 تىن 10 غىچە ۋەكىل سايلاپ چىقىپ ، قەرەلللىك تۈردە سىنىپ ئەھۋالىنى ئىگەللەش ،ۋە سىنىپتا كۆرىلگەن ئىقتىسادىي مەسىللەر ۋە باشقا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا پايدىلىنىدۇ ... باشقا ئاتا -ئانىلارنى پەرزەنتلىرىنىڭ خۇشاللىقىدىن تولۇق بەھىرلەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ ، ئاتا ئانىلاردا ئوقۇتقۇچىنى توغرا چۈشىنىدىغان ، ھۈرمەتلەيدىغان ، مائارىپنى قوللايدىغان ئۇمۇمىي كەيپىياتنى ھازىرلاشقا مۇشۇنداق لايىھەنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى تۈزۈلۈشى ئۈچۈن ۋاقت سەرپ قىلىپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. ){s*n=KIO  
بۇ مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا ئائىلىدە مائارىپ قارشى تولۇق يېتىلمىگەن ئائىلىلىرى قانچە كۆپ بولغان مىللەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى شۇنچە كۆپ جاپا تارتىدىكەن دېگەن يەكۈنگە كەلدىم. 
   قىسقىسى ، مەھەلە ،رايۇنىمىزدا ،ئوقۇغۇچىلار كېلىۋاتقان مەنبەنى ياخشى تەھلىل قىلىپ مىللىي پىسخىكىنى دەرس بايلىقىغا كۆتىرىپ ،  بۇ دەرس ئارقىلىق مىللەت پىسخىكىسىدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ ئۆزئارا قوللاشنى قولغا كەلتۈۈرەلگەن ئاتا -ئانىلار يىغىنى ئۈنۈملۈك يىغىن ھېسابلىنىدۇ ، چۈنكى  ، بىزنىڭ مىللىي ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىلا ئەمەس ئاتا -ئانىلارنىمۇ يېتەكلەشتەك قوش ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان . باشقىلار باھالىسۇن باھالىمىسۇن ، كۆرسۇن كۆرمىسۇن ، ئوقۇتقۇچىلىق قەلبىمىزدە ئىنىق ئوقۇتقۇچىلىق ئۆلچىمى بولۇشى مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلىرىگە ئوقۇتقۇچىلىق تەدبىركارلىق ۋە ئەقلىمىزنى قۇشۇپ يېڭى يېتەكلەش يوللىرى ئۈستىدە ئويلىنىش بىزدىكى زۆرۈرىيەت!  بەكلا ئالدىراپ قالدىم ...

yaxar 2011-11-13 16:04
بۇ تىما ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ئاتەشقىزنىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش شىرنە يىغىش روھىدىن سۆيۈندۈم، بىزدە ئاتەشقىزدەك ھەسەل ھەرىسى روھىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قانچە كۆپ بولسا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىش شۇنچە بىھاجەت بولاتتى. `cz2DR-"  
بۇ مەسىلىگە ئۆزقان، ئۇزچاق ۋە كۆك سانغۇنلار ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، مىنىڭچە مۇۋاپىق پەيتتە ئۇلار تونۇشتۇرغان ئۇسۇللارنىڭ شۇ پەيتكە توغرا كەلگەنلىرىنى تاللاپ، ياكى بىرقانچە خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ، كىرىشتۈرۈپ ئاتا- ئانىلار (ئائىلە باشلىقلىرى) يىغىنىنى تەشكىللىسىمۇ ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ، بىراق ئاتا- ئانىلار (ئائىلە باشلىقلىرى) يىغىنى مەكتەپنىڭ ياكى سىنىپنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئومومى ئەھۋالىغا ئاساسەن مەلۇم مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىنىدىغان يىغىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا- ئانىلار يىغىنى ئېچىشتا ئالدى بىلەن قانداق تېمىدا ئېچىش ؟ قانداق مەسلىنى ھەل قىلىش؟ قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشىش مەسلىسىنى ئەتراپلىق ئويلىشىش كېرەك. يىغىن تىمىسىنى  ئادەتتە مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى، مەكتەپ مەمۇرىيىتى، ئىلمىي بۆلۈم ياكى ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمى بەلگىلەپ بىرىدۇ، ياكى يىللىقلار گورۇپپىسى، سىنىپ مۇدىرى ياكى دەرس ئوقۇتقۇچىسى زۆرۈر دەپ قارىغان تىمىدا ئاتا- ئانىلار (ئائىلە باشلىقلىرى) يىغىنى چاقىرىشنى مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا (ئادەتتە مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى، مەكتەپ مەمۇرىيىتى، ئىلمىي بۆلۈم ياكى ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمىگە)  ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلىتىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلار (ئائىلە باشلىقلىرى) يىغىنى ئىچىشتا ئاساسى تىمىنى ئىگەللەش ناھايىتى زۆرۈر. ئاساسى تىمىنى چىڭ تۇتقان ھالدا يۇقارقى تورداشلار تەۋسىيە قىلغان ئۇسۇللاردىن باش تىمىنى ھەل قىلىشقا مۇۋاپىق كەلگەنلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ، لىكىن ھەممە كىسەلگە ئوخشاشلا مەنپەئەت قىلىدىغان خىسلەتلىك دورا بولمىغىنىدەك ھەممە سىنىپلارغا ئورتاق ماس كىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يوق، بولۇپمۇ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق سىنىپلىرىدا ئىچىلىدىغان ئاتا- ئانىلار (ئائىلە باشلىقلىرى) يىغىنىنىڭ ئاساسى تىمىسى، ھەل قىلىنىدىغان مەسىلە ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئاتا- ئانىلار (ئائىلە باشلىقلىرى) يىغىنى ئىچىشتا ئوبىكىتنى ياخشى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىنىدىغان مەسىلىنى توغرا بىكىتىش ۋە شۇ ئاساستا مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئەتراپلىق ئويلىنىپ بىكىتىش لازىم.

koksangun 2011-11-13 19:22
ئۇزچاق ، ئۆزقان ،تەۋپىق ،  ئاتەشقىز ، ياشار مۇدىرلارنىڭ بۇ تېمىغا تۇتقان سەمىمىي پۇزىتسىيىسىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، مۇشۇ تېما ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى  كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشى ، تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن قالماي ، ئۇنى خۇلاسىلەپ ئېلىكترۇنلاشتۇرۇشى ھەم كەڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۇشتۇرۇشى تەۋپىقنىنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلىشىغا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ . 3K&4i'}V  
مەن ئىزچىل تۈردە تەۋپىقنىڭ مۇشۇنداق مائارىپچىلار ئۈچۈن ئۇچۇر ، پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كەلدىم ، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كۆزنىكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . چۈنكى تەۋپىق ئەتراپىدا نۇرغۇن مائارىپتىكى دەۋر بۇرچىنى خالىسانە ئۆتەۋاتقان ئوت يۈرەك مۇئەللىملىرىمىز خىزمەت قىلماقتا ، بۇ ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ .

ماھى 2011-11-13 19:33
     سىزمۇ ھەم بار كۆكسانغۇن مۇئەللىم . Ma.`A  
    بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ مۇشۇنداق مەخسۇس تېمىلىق ئاتا-ئانىلار
يىغىنلىرى  ئېچىلىپ تۇرۇلىدۇ.
ھەر ماۋسۇمدا كەم دېگەندە ئىككى قېتىم. ئوقۇتقۇچىلار تەييارلىغان تەربىيىۋىي ھەم
 تەسىرلەندۈرۈش كۈچى  بولغان  نوتۇقلار سۆزلىنىدۇ ، ئاتا-ئانىلارنىڭ نۆۋەتتە مەكتىۋىمىز
مائارىپىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن سىنىپلارغا تارقىلىپ ئۆز  پەرزەنتلىرىنىڭ كىتىپ بېرىش ئەھۋالى ئۈستىدە
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. tiB_a}5IB  
   مائارىپىمىز ئۈچۈن ئۈن -تىنسىز،خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق تەۋپىقداشلارغا كۆپ
رەھمەت.

ablat0997 2011-11-14 12:34
بۇ ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ ، ھەممىمىزگە پايدىلىق

ozqan 2011-11-14 13:15
بىزنىڭ مىللىي ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىلا ئەمەس ئاتا -ئانىلارنىمۇ يېتەكلەشتەك قوش ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان . باشقىلار باھالىسۇن باھالىمىسۇن ، كۆرسۇن كۆرمىسۇن ، ئوقۇتقۇچىلىق قەلبىمىزدە ئىنىق ئوقۇتقۇچىلىق ئۆلچىمى بولۇشى مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلىرىگە ئوقۇتقۇچىلىق تەدبىركارلىق ۋە ئەقلىمىزنى قۇشۇپ يېڭى يېتەكلەش يوللىرى ئۈستىدە ئويلىنىش بىزدىكى زۆرۈرىيەت! & -{DfNKc  
.................................................................................. SSz~YR^}Sr  
بۇ قۇرلاردىن سۆيۈندۈم ، دەر ھەقىقەت ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈك راست  يەڭگىل ئەمەس . بىز بىرىنچىدىن ،  ئۇقۇتقۇچى  . ئىككىنچىدىن ، ئۇيغۇرلارغا دەرس بېرىدىغان ، ...ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇدىغان ئوقۇتقۇچى . دەۋىر قەدىمىگە ماسلىشىشتا يۈك ئېغىر . يوللار يىراق ، ئاتلار ئورۇق ...

yaxar 2011-11-14 15:02
يانمىغاي ئۇستاز «يولىدىن»، گەرچە «مەنپەئەت»بەك ئورۇق، &xa(BX%,c  
ياڭرىغاي بىر كۈن ئىزىدىن ئەل- يۇرت سائادەت كۈلكىسى.

blk 2011-11-16 00:14
  wPwXM!  
HA2k [F@3^  
مەن ئاتا – ئانىلار سۆھبەت يىغىنىنى مونداق ئاچتىم 89wU-Aggq  
n(L\||#+  
  Q)LM-ZJKQ  
w\DVzeW(  
ئالدى بىلەن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشنى تېزىس شەكلىدە يېزىۋېلىپ ،بىر-بىرلەپ ئىشلەپ پۇختا تەييارلىق قىلدىم .مەسلەن : i}o[- S4  
2w-51 tqm  
1.   بالىلارنىڭ بۇ يىغىننىڭ قانداق ئېچىلىشىنى ياقتۇرىدىغانلىغىنى بىلىپ بېقىش ۋە ئۇلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە «سىز بۇ يىغىنىڭ قانداق ئېچىلىشىنى ئارزۇ قىلىسىز ؟ ئاتا- ئانىڭىزدىن كۈتىدىغان قانداق ئۈمىدىڭىز بار؟» '^FGc  
^=^z1M 2P  
دىگەن سوئاللار بويىچە كۆڭلىدىكىنى يېزىپ تاپشۇرۇشنى ،بۇنىڭدىن ئىسىمنى ئاشكارلىماي بالىلارنىڭ ساداسى سوپتىدە پايدىلىنىدىغانلىغىمنى ئېيتىپ ،ئۆزىمنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شەرت ھازىرلىدىم . \C`~S7jC  
_"#!e{N|  
 2.بالىلارغا ئاتا-ئانىللىرىغا ئېيتىدىغان يورەك سۆزلىرىنى ئالدىن تەييارلىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. ^+1#[E  
1& '8Y  
3.ئۆزۈم يىغىندا ئاتا –ئانىلارغا دەيدىغانلىرىمنى تەرتىپ بۇيىچە تىزىۋىلىپ چىقتىم . W(Uu@^  
rX;Ys2vQ*  
4.ئاتا – ئانىلارنىڭ تولۇق قاتنىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە بىر-بىرلەپ تېلېفۇن بەردىم . \6 93kQ  
f(eQ+0D  
يىغىن جەريانى مۇنداق : QERU5|.wc  
lMz<s  
1.    ئاتا-ئانىلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ ،ئۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇشقا يېتەكلىدىم ھەم پەرزەنتلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە دەۋەت قىلدىم .  P N*JR  
u 
2.    يىغىننى باشلايدىغانلىغىمنى ئۇقتۇرۇپ ، ئۇلارغا قىزغىن سالامىمنى يەتكۈزدۈم ،شۇنداقلا يىغىن مەقسىدى ۋە نىشانىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم . nCKbgM'"  
f2,1<^{  
3.    بالىلارغا تەييارلاتقۇزغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا بۇيرۇپ ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى چۈشىنىشكە سورۇن ھازىرلاپ بەردىم ،ئۇلار ھاياجانلانغىنىدىن ياش ئاققۇزۇشتى . !4rPv\   
XTDE53Js&  
 ھەم پەرزەنتلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى . c[ht`!P  
Icp0A\L@  
4.بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىغىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئۇيۇشتۇردۇم . V)D-pV V  
HBLWOQab  
5.يىغىن مەيدانىدىن بالىلارنى ئايرىپ ،ئۆزۈم ئالدىن تەييارلىغان «بىز قانداق ئاتا-ئانا »دېگەن ئەسەرنى ئوقۇپ بەردىم .بۇ ئارقىلىق ئاتا –ئانىلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيسىدە سەۋرىچان بولۇشنىڭ،    سەگەك بۇلۇشنىڭ كېرەكلىكىنى بىلىدۇرمەي ئويلىنىشقا سەۋەپ قىلدىم . PdY>#Cyh  
)u@t.)ChAV  
6.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشلىق مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان پىسخىك ئۆزگۈرۈشلەرنى مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ،بالىلارغا كۆيىنىشىمىز، مېھرىبان بولۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلدىم . w1B<0'#  
\iMyo  
7.ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى قوغداش ۋە قەلب رولىنى باشقۇرۇشتا ئاتا-ئانىلارنىڭ سىنىپ مودىرى بىلەن ھەمكارلىششىنى ئوتۇندۈم ۋە يوللىرىنى كۆرسىتىپ چىقتىم . eX 
L? ;/cO^  
8.ئۆيگە قايتقانىدىن كېيىن پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ چىقىشنى تاپشۇرۇپ يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇردۇم . A9BxwQU#  
uFe'$ vI  
  WzG07 2w  

kunbek 2011-11-16 15:06
يذقارقئ تىما ؤە ظئنكاسلارنئ كورذپ،ئەقئقەتەن مەمنذن بولدذم. مەنمذ ظوزإم ظاچقان بئر قىتئملئق سئنئپ يئغئنئنئ تونذشتذراي دئگەن ظئدئم. بئراق خەت نذسخئسئنئ پەقەت توغرئيلئيالمئدئم.كەچذرذڭلار.

tawpek 2011-11-16 16:02
خەت نۇسخىسى توغورلاش كەتمەيىتتىغۇ، ئۇيغۇرچە قاچىلانمىغان كومپىيۇتىردىمۇ مۇنبەرگە ئۇيغۇرچە خەت ئۇرغىلى بولىدىغۇ. 9>zDJx  
بىز قانداق ئاتا-ئانا    دىگەن ماقالىڭىزنى يوللاپ قويسىڭىزمۇ بوپتىكەن. .n=xbx:=  
sK[Nti0  
u4xA'X'~R  
يۇقارقىلارنى كۆرۆپ شۇنداق ھاياجانلانغىنىمدىن ئىشخانىدىكى 10 نەچچە كەسىپداشقا ئوقوپ بەردىم. (F_7%!g1d  
L;kyAX@^  
d OzO/w&  
مەكتىۋىمىزدە يىڭى سىياسەتلەر چىقىپ بۇنداق يىغىن ئىچىلىپ قالسا چوقوم بۇلاردىن پايدىلىنىمەن.

ozqan 2011-11-16 21:58
ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئېچىپسىز ، بىز مەيلى نېمىلا ئىشنى قىلمايلى مەلۇم دەرىجىدە ئىزدىنىدىغانلا بولساق ئۇ ئىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلماي قالمايمىز . jWz |K  
ئىزدىنىشلەر داۋاملىق سىزگە ھەمراھ بولسۇن .

koksangun 2011-11-16 23:05
شۇنداق ، بۇ تېمىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشتىم ، ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپ قۇلايلىق يارىتىلدى ...

zunuriya 2011-11-18 12:48
بۇگۇن بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئىچىلىدۇ.

aminammamat 2011-12-14 11:31
قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىىڭلارغا رەخمەت، باللار بىزنىڭ بارلىقىمىز.

tawpek 2011-12-14 12:34
ناھيىمىزدىكى ھەممە مەكتەپلەردە ئىچىلىپتۇ،  بىزنىڭ مەكتەپتىلا بۇنداق يىغىن يوق ئوخشايدۇ.

نۇرسىمانگۇل 2013-04-06 19:48
مىنىڭچە بولغاندا باللارنىڭ نەتىجىسىنى ئوپچە سورۇندا ئاتا-ئانلارغا ئۇختۇرماسلىق لازىم. ھىچكىممۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ناچار نەتىجە ئېلىشىنى خالىمايدۇ. بۇنى باشقا تەڭتۇش كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارلاشنى تىخمۇ خالىمايدۇ. ئالدى بىلەن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تۈرگە ئايرىۋىلىپ، ئۇلارنىڭ قايسى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى بولسۇن... ئاتا- ئانىلارغا ئېنىق دەپ قويۇش لازىم. X_EC:GU  
مەسلەن: ئەمگەكتە، تازلىقتا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقتا، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش جەھەتتە، تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى جەھەتتە... \^^hG5f  
بۇ خىل ئۇسۇل باشتىكى سىنىڭ بالاڭ دەرىستە پەقەت ياخشى ئەمەس دېگەندىن ياخشىراق. p>w~T#17  
يەنە بىرسى، شۇ سىنىپتا يىزىقچىلىقتا ئالاھىدە قابىلىيتى بار بىرەر - ئىككى ساۋاقداشنى ئاتا- ئانىلارنىڭ شەرپىگە ماقالە ئوقۇشقا تەشكىللەش ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈسىدە ئېلىپ بېرىش كىرەك. چۈنكى ئاتا- ئانا بولغۇچى ئاتايىن مەكتەپكە مەلۇم بىر مەسئۇليەتنامىغا قول قۇيغىلى ياكى بالسىنىڭ يامان گىپىنى ئاڭلىغىلى كەلمەيدۇ.

tawpek 2013-04-06 22:29
بىزدە يەنىلا ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئىچىش ئاقماس ئىش ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ۋاز كەچتى.

رەئىسە 2013-04-07 22:28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار،  بۈگۈن مۇشۇ تېمىدا ماتىرىيال ئىزدەۋىتىپ بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ،مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى كۇرۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن ئنتايىن خۇرسەن بولدۇم،بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق سىلەر بىلەن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىلەردە ھەمسۇھبەت بولۇشنى خالايمەن. ھارمىغايسىلەر!

ataxkiz 2013-11-22 00:26
بۇ تېمىغا تەۋپىقداشلار تولىمۇ ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپتىكەن ، ھەر بىر قېتىم ئاتا _ ئانىلار يىغىنى ئېچىشتىن بورۇن بىر كۆرۈپ ئوخشىمىغان ئىلھاملارغا ئېرىشىمەن ، رەھمەت كۆپچىلىك ! s D8xH  
          .....  ئاتەش قىز

مەرىپەت0999 2013-11-27 11:20
ئالدىنقى ھەپتىدە مەكتىۋىمىزدە ئىچىلغان بىر قىتىملىق ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى مۇنداق بولدى:سىنىپ مۇدىرىئاتا-ئانىلارنى قارشى ئىلىش بىلەن بىرگە سىنىپنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى،ئاندىن ئىككى ئايلىق نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردىكى بەش نەپەر ئوقۇغۇچى،ئەخلاقتا ياخش بەش نەپەر ئوقۇغۇى،.............قاتارلىق تۈركۈملەر بويىچە 25نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىنى ماددىي بۇيۇم بىلەن،مەكتەپنى قوللىغان،سىنىپ مۇدىرىغا ماسلاشقان.....قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 10نەپەر ئاتا-ئانا مۇكپاتلىنىپ، كەيپىيات شۇنچە يۇقىرى،ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپتىن رازى بولۇش ھالىتى 100پىسسەنت بولدى.


查看完整版本: [-- ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى قانداق ئاچساق بولار؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled