anayurt905 |
2011-11-04 09:34 |
زۆرۈز2.دېڭىز سەپىرى
دېڭىز سەپىرى تۈرگېنېف ھامبۇرگدىن كىچىكرەك بىر پاراخوتقا چۈشۈپ لوندونغا ماڭدىم. پاراخوتتا مەن بىلەن كىچىك بىر مايمۇن _ ئىككىلا يولۇچى با ئىدۇق. ساپ نەسىللىك بۇ چىشى مايمۇن ھامبورگلۇق بىر سودىگەرنىڭ ئەنگلىيىدىكى بىر ھەسسىدارىغا تەقدىم قىلغان سوۋغىسى ئىدى. F7\nG}#s مايمۇن ئۇزۇن زەنجىر بىلەن پاراخوتنىڭ پالۇبىسىدىكى بىر ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇلغاندى، ئۇ تىنىم تاپماي ئۇيان-بۇيان قاتراپ، خۇددى قۇشلارنىڭ سايرىشىدەك ئېچىنىشلىق چىرقىرايتتى. <])kO`+G ئۇنىڭ يېنىدىن ھەربىر ئۆتكۈنىمدە، ئۇ ھەم قارا، ھەم سوغۇق كىچىك قوللىرىنى ماڭا سوزاتتى، ئادەمنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان، غەمكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان كىچىك كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ قارايتتى. ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ قويسام، ئۇ چىرقىراشتىن ۋە قاتراشتىن توختايتتى. 7T?T0x3> شامال سېلىكىپ، دولقۇن بېسىلغانىدى. دېڭىز يۈزى گويا ئەتراپقا كەڭ يېيىلىپ، مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرغان كۈل رەڭ داستىخانغا ئوخشايتتى. قارىماققا ئۇ ئانچە چوڭ كۆرۈنمەيتتى. zO((FQ ئۇنىڭ ئۈستىنى قويۇق تۇمان قاپلاپ، پاراخوت ماچتىسىنىڭ ئۇچىنى توسۇۋالغانىدى، دېڭىز ئۆزىنىڭ ئىللىق بۇسلىرى بىلەن كىشىنى ئېزەتتى. قۇياش ئاشۇ تۇمان ئارىسىدىن تۇتۇق قىزىل داغقا ئوخشاش كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئەمما گۈگۈم چۈشۈشتىن ئىلگىرى قۇياش ئوتقاشتەك تاۋلىنىپ، سىرلىق ۋە غەلىتە قىزىرىپ كېتەتتى. l} W">
yQ0 ئۇزۇن سوزۇلغان ھەم تىك كۆتۈرۈلگەن قات-قات دولقۇنلار خۇددى ناھايىتى ئېغىر تاۋار-دۇردۇن گەزلىمىلىرىدەك تۈرۈلۈپ-تۈرۈلۈپ، پاراخوتنىڭ باش تەرىپىدىن توختىماي يىراقلايتتى ۋە كېڭىيىپ باراتتى. ئاندىن يەنە مەۋجلىنىپ ۋە كېڭىيىپ، ئاخىرىدا تەرەپ-تەرەپكە تارىلىپ ئاستا داۋالغۇغىنىچە غايىپ بولاتتى. P.3kcZ ماتورنىڭ بىر قېلىپتا گۈركىرىشى بىلەن تەڭ سۈتتەك ئاپئاق بۇژغۇن كۆتۈرۈلۈپ ۋە شارىلداپ، تارام-تارام ئەگرى ئېقىنلارنى ھاسىل قىلاتتى. يەنە بىر يەردە بۇژغۇنلار بىرگە قوشۇلۇپ ئاندىن تۇمان ئارىسىدا غايىب بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنمەي قالاتتى. 4okZ پاراخوتنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىكى كىچىك قۇوغۇراق كىشىنىڭ كۆڭلىنى بۇزۇپ توختىماي داڭىلدايتتى، ئۇنىڭ ئاۋازى مايمۇننىڭ چىرقىرىشىدىن قېلىشمايتتى. hy"=)n( ئارىلاپ-ئارىلاپ بىر تيۇلىن سۇ يۈزىگە ئوخچۇپ چىقاتتى _ دە، موللاق ئېتىۋىتىپ ئاندىن ئۆزى داۋالغۇتقان دېڭىزغا شۇڭغۇپ كىرىپ كېتەتتى. Vkl]&mYRz كېمە باشلىقى ئېغىر-بېسىق، كەم سۆز ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتاپتا كۈيۈپ قارىداپ كەتكەن يۈزىدە غەمكىنلىك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، ئۇ غاڭزىسىنى شوراۋېتىپ، دولقۇن بېسىققان دېڭىز سۈيىگە تىت-تىتلىق ئىچىدە تۈكۈردى. 1 }_"2 ئۇ مېنىڭ سوئالىمغا بىر-بىرىگە باغلاشمايدىغان ۋايساش بىلەن جاۋاب بېرەتتى، شۇڭا ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئۆزۈمنىڭ بىردىنبىر سەپەردىشى _ مايمۇننىڭ قېشىغا بېرىشقا مەقبۇر بولدۇم. K}QZdN'] مايمۇننىڭ يېنىدا ئولتۇرغانىدىم، ئۇ چىرقىراشتىن توختىدى، يەنە تېخى بايىقىدەكلا بىر قولىنى ماڭا سۇندى. بىخسىق تۇمان ئادەمنى ئېزىپ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدىغان نەم ھاۋاسى بىلەن ئىككىمىزگە يېپىشىۋاتاتتى، ھەر ئىككىمىزلا تايىنى يوق خىياللارغا غەرق بولۇپ، خۇددى بىر قورساق قېرىنداشلارغا ئوخشاش ياندىشىپ ئولتۇراتتۇق. "LM[WcDX مەن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم...ئەمما شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم باشقىچە ئىدى. " (yw(/ ھەر ئىككىمىزلا بىر ئانىنىڭ بالىلىرى ئىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كىچىككىنە بىچارە مەخلۇقنىڭ ماڭا شۇقەدەر ئىشەنچ باغلاپ خاتىرجەم بولۇپ قالغانلىقى ۋە خۇددى يېقىن تۇغقىنىغا ئوخشاش ماڭا يېپىشقانلىقى مېنى خۇشال قىلاتتى. 1WAps#b. k#x"'yZ 1879-يىلى نويابىر jR"ACup(
|
|