aykutkiz |
2011-10-28 23:32 |
ئۇيغۇرتىلى مەشىق
تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى pWN5 >HV ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن، شۇنىڭدەك ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق ياكى جاراڭسىز بولۇش جەھەتتىن سۆزلەردە، بولۇپمۇ سۆزلەرگە ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، بىر – بىرىگە ماسلىشىپ كېلىدۇ. مانا بۇ خىل فونېتىكىلىق مۇناسىۋەت تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى دېيىلىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپى – ىتە، كۆزۈمى – ىگە، بازار – دا، قويى – ىلار، قوغۇنى – ىلۇق، كۈز – لۈك، باشى – ىلار، ئېغىر – لىق، ياز – دا، قىشتا، كۆر – سە، ئوقۇ – سا. >v
k?wY^f يۇقىرىقى مىساللاردا سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن، ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز بولۇش جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىپ كەلگەن. 7p+uHm تىلىمىزدىكى تاۋۇشلارنىڭ بۇ خىل ماسلىشىش قانۇنىيىتى تۈپ سۆزلەردىلا كۆرۈلۈپ قالماستى، بەلكى تۈپ سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى تاۋۇشلار بىلەن ئۇلارغا ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئارىسىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تىلىمىزدىكى خېلى بىر قىسىم قوشۇمچىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بىر نەچچىدىن ۋارىيانتى بار. مەسىلەن، - لىق/ - لىك / - لۇق/ - لۈك؛ - ىم / - ۇم / - ۈم؛ - لار / - لەر؛ - دا / - تا / - دە / - تە؛ - غان / - قان/ - گەن/ - كەن؛ - دىن / - تىن.... 1Jn:
huV2 لېكىن چەت ئەل تىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلىش ۋە تىل تەرەققىياتى جەريانىدا بەزى كۆپ ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ ئىخچاملىنىپ بىر خىل شەكىلگە كېلىشى سەۋەبىدىن، تاۋۇشلارنىڭ بۇ خىل ماسلىشىش قانۇنىيىتى قىسمەن بۇزۇلغان. شۇڭا « - چى، - زار، - كەش، - خانا، - خور، - نىڭ، - نى، - سى...» قاتارلىق قوشۇمچىلار تۈپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاشلا ئۇلىنىۋېرىدۇ. Nbm=;FHB` تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. 90]{4 ]y; 1§. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى 3I.0uLjg^ ئۇيغۇر تىلىدا سۆز يىلتىزىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار شۇ سۆزگە ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىلاردىكى سوزۇق تاۋۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى تىل ئورنى ياكى لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ئۆزى بىلەن، ئاساسەن ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. *N?y دېمەك، سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەمدە سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچە تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەمدە سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچە تەركىبىدىكى سوزۇقتاۋۇشنىڭ تىل ئورنى ياكى لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ئۆزئارا بىرلىككە كېلىشى – سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دېيىلىدۇ. ^bckl
tSo سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىش ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. wA>bL PTw 1. تىل ئورنى جەھەتتىكى ماسلىشىش qb ئۇيغۇر تىلىدا خېلى بىر قىسىم قوشۇمچىلار سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل كەينى بولۇشىغا قاراپ ئۆزىنىڭ شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ۋارىيانتى بىلەن قوشۇلىدۇ. {k*_'0 1) تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى، مەسىلەن، 1=X=jPwO C ئۈزۈم – ئۈزۈملەر، ئۈزۈمگە، ئۈنۈملۈك. 'SieZIm) بىرىك – بىرىكتۇر، بىرىكتۈرمەك، بىرىككەن. ~V&ReW/ كەل – كەلمەك، كەلگەن، كەلسە، كەلتۈرۈش. $!f$R`R^Q\ ئالاقە – ئالاقىلەر، ئالاقىگە، ئالاقىلەشمەك، دېگەنلەرگە ئوخشاش. yU.0'r5uR 2) تىل كەينى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى، مەسىلەن، 8zCAy@u قۇرۇل – قۇرۇلغان، قۇرۇلسا، قۇرۇلۇشلار. +Xp;T`,v قول – قوللار، قوللانماق، قوللانغان. Kv]6 b2HT تەقسىمات – تەقسىماتقا، تەقسىماتتا. D'h2 DP! باش – باشلاش، باشتا، باشلانغان دېگەنلەرگە ئوخشاش. taQ[>x7b لېكىن بىر قىسىم سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا بۇ خىل قانۇنىيەتكە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن، >D<=9G(a تىل – تىللار، تىلغا؛ قىل – قىللار، قىلغا دېگەنلەرگە ئوخشاش. Pb,^UFa= 2. لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ماسلىشىش &EPEpN
R 1) لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە ۋە لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: mz*z1`\7v\ يۈز – يۈزۈم، يۈزلۈك؛ سۆز – سۆزۈڭ، سۆزلۈك. }gW/heUE يولۇق – يولۇقۇپ؛ قول – قولۇم، قوللۇق. p|d9g
^ سۈزۈل – سۈزۈلدۈرۈپ؛ كەلتۈر – كەلتۈرۈپ. 3kCbD=yF 2) لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، shT[|@"
C باغ – باغلىق، بېغىم؛ سەل – سەلگە، سەلدە. G)hH?_U#T ئال – ئېلىپ، ئالغان؛ قوللان – قوللانماق. :dN35Y] a كۆرسەت – كۆرسەتمەك، كۆرسەتكەن... j/D)UWkR 2§. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى 2\{uqv ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى بىر قەدەر ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ، ئاساسەن ئۆز ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ شۇ سۆزگە ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش خاراكتېردە بولۇپ كېلىشىدە، يەنى جارڭالىق ياكى جاراڭسىز بولۇش جەھەتتە ماسلىشىپ كېلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. 'w[d^L ئادەتتە جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، rA,Y_1b * بار –بارغان، بارغۇچە، باردىم؛ باغ – باغدىن، باغدا. 9+I/y,aC گىلەم – گىلەمگە، گىلەمدە، گىلەمدىن؛ ئۆي – ئۆيدىن، ئۆيگىچە. eCIRt/ uA ئات – ئاتقان، ئاتقۇچە، ئاتتى؛ كەس – كەسكەن، كەسكۈچە. Y-q@~vZ] مەكتەپ – مەكتەپكە، مەكتەپتىن؛ كۆك – كۆككە، كۆكتىن. `A'I/Hf5 لېكىن بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «د، ب» تاۋۇشلىرى جانلىق تىلدا «ت، پ» تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، يېزىق تىلىدا يەنىلا «د، ب» يېزىلىدۇ. بۇ خىل سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلاشتا تەلەپپۇزغا ئاساسەن جۈپلۈك تۈرى بولغان قوشۇمچىلاردىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن، كىتاب – كىتابقا، كىتابتا، كىتابتىن؛ ھېساب – ھېسابقا، ھېسابتا، ھېسابتىن؛ جەنۇب – جەنۇبقا، جەنۇبتا، جەنۇبتىن. Cw[Od"B\?U تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى pq?[ wp" تەلەپپۇز جەريانىدا، ئاۋاز كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان تاۋۇش سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسىسى تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى دېيىلىدۇ. مەسىلەن: |M<.O~|D6} ئات + ى = ئېتى، باغ + ىم = بېغىم V\K
m% vP بەل + ى = بېلى، ئەت + ىپ = ئېتىپ V,XP&,no\j ئاتا + سى = ئاتىسى، تىلەك + ى = تىلىكى $qtU بۇ مىساللاردا، بىر بوغۇملۇق سۆزلەردىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كېيىن سۈپەت (تېمبىر) جەھەتتىن ئۆزگىرىپ «ئې» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان، كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا كەلگەن «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئې» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان. ,rFLpQl ئاجىزلاشقان تاۋۇشلاردا ھاۋا ئېقىمى ئاجىزلايدۇ، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتى سۇسلىشىدۇ، تاۋۇشلارنىڭ ياڭراقلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ. 9hR:y. تىلىمىزدا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى ئومۇمەن، سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كېيىن، قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى تاۋۇشنىڭ سۆز ئاخىرىدىكى (بوغۇمدىكى) تاۋۇشنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تاۋۇشلار ئاجىزلاشقاندا تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلىشىشى، جاراڭلىقلىشىشى، تۆۋەتلىشىشى ياكى چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. [> &+*c تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. _UBJPb@=U 1) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى TtwJ,&b تىلىمىزدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ئاساسەن، ئوچۇق (تۆۋەن) سوزۇق تاۋۇشنىڭ يېپىق ياكى يېرىم يېپىق سوزۇق تاۋۇشقا ئۆزگىرىشىدە ۋە يېپىق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىز تەلەپپۇز قىلىنىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. U.pr} hq (1) بىر بوغۇملۇق سۆز تەركىبىدىكى ئوچۇق ۋە يېرىم ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش «ئا، ئە» قوشۇمچە ئۇلانغاندىن كېيىن ئۇرغۇسىنى يوقاتسا، ئاجىزلىشىپ يېرىم يېپىق سوزۇق تاۋۇشى «ئې» غا تۆۋەتلىشىدۇ. +wz`
_i)! ئەگەر «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى سۆزنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بوغۇملىرىدا كەلسە (يۇقىرىقى شەرتلەر ئاستىدا) ئاجىزلىشىپ، يېپىق سوزۇق تاۋۇش «ئى» غا تۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: N
t>HztXd باش + ى = بېشى، جان + ى = جېنى 1RI #kti-" كەل + ئىپ = كېلىپ، دە + دى = دېدى J"D&q بالا + لار = بالىلار، قارا + ماي = قارىماي uD ?I>7 (2) يېپىق سوزۇق تاۋۇش «ئى، ئۇ، ئۈ» قاتارلىقلار جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن بىرىككەندە ئاجىزلىشىپ، جاراڭسىز تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇششاق، پىكىر، پىستە، پۈتۈن، تۈتۈن... E2q B
: 2) ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى 7dufY
} } تىلىمىزدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ئاساسەن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلارغا، پارتلىغۇچى تاۋۇشلارنىڭ سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارغا ئۆزگىرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. 0{"dI;b% (1) جاراڭسىز، پارتلىغۇچى تاۋۇش «ق، ك پ» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇش ياكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، تەلەپپۇزدا ئاسسىمىلياتسىيە تۈپەيلىدىن بۇ تاۋۇشلار ھەم جاراڭلىقلىشىپ، ھەم سىيرىلاڭغۇلىشىپ «غ، گ، ۋ» قاتارلىق تاۋۇشلارغا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن: hpqHllL ياتاق + ى = ياتىغى، قۇلاق + ىم = قۇلىغىم w>z8c3Dq} چېلەك + ى = چېلىگى، كېرەك + لىك = كېرەگلىك X|-v0 f
مەكتەپ + ىڭ = مەكتىۋىڭ، كاتىپ + ى = كاتىۋى d6t)gG*5 (2) بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن پارتلىغۇچى تاۋۇش «ق» ۋە پارتلىغۇچى سىيرىلاڭغۇ تاۋۇش «چ» ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان بوغۇملارنىڭ ئالدىدا كەلگەندە، كۆپىنچە «خ»، «ش» قاتارلىق سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارغا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن: r|\5'ZMx يېزىق تىلىدا جانلىق تىلدا ]|C_`,ux تۇراقسىز تۇراخسىز jlRl2 #" ئاقسۇ ئاخسۇ ?;:9
W ئاقساقال ئاخساقال 5bF9IH كەچكىچە كەشكىچە [0% yJH كۈچلۈك كۈشلۈك g33 ئۇچلۇق ئۇشلۇق 0%h[0jGj ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى جانلىق تىلدىكى ئۆزگىرىش بولۇپ، يېزىق تىلىدا ئىپادىلەنمەيدۇ. *tTP8ZCQ[ 4. تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى v{mv*`~nA\ بەزى سۆزلەر باشقا سۆزلەر بىلەن قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا ياكى قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا، ئەسلىدە بار بولغان بەزى تاۋۇش ياكى بوغۇملار چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى دېيىلىدۇ. e/]O<, * تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. بەزىدە بوغۇملارمۇ چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ;H7EB` 1) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى K:>NGGY8r تىلىمىزدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، يېپىق قوش بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى يۇقىرى (يېپىق) سوزۇق تاۋۇش «ئى، ئۈ، ئۇ» قاتارلىقلارنىڭ سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا، ئۇرغۇسىنى يوقىتىپ، چۈشۈپ قېلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى يېزىق تىلىدىمۇ ئىپادە قىلىنىدۇ. مەسىلەن: '\ph
`Run پىكىر + ىم = پىكرىم، سىڭىل + ى = سىڭلى im_w+h%^ كۆڭۈل + ى = كۆڭلى، ئۆمۈر + ى = ئۆمرى ?dp-}3/G ئوغۇل + ۇم = ئوغلۇم، بۇرۇن + ى = بۇرنى &
_Cxv8 2) ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى w;N{>)hv
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال بار: 2^zg0!z (1) «مەن، سەن» ئالماشلىرى چۈشۈم كېلىش ۋە ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەندە، بۇ ئالماشلارنىڭ ئاخىرىدىكى «ن» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسە يېزىق تىلىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: tH-gaDj_ مەن + نى = مېنى، سەن + نى = سېنى n
(OjjRm مەن + نىڭ = مېنىڭ، سەن + نىڭ = سېنىڭ ^bF}_CSE (2) سۆز ئاخىرىدا كەلگەن «ر، ل، ھ، ت» قاتارلىق تاۋۇشلار ئومۇمەن، شۇ سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا ياكى باشقا سۆزلەر بىلەن قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاندا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل چۈشۈپ قېلىش يېزىقتا ئىپادە قىلىنمايدۇ. مەسىلەن: 0v;ve بازار – بازاغا، كۆر – كۆگەن {;U} :Dx قال – قاسۇن، كەل – كەمىدى 5r'=O2AZX ئاگاھ – ئاگالاندۇرۇش، گۇناھ – گۇناكار .8-PB*vb دوست – دوس – بۇرادەر، قەست – قەسلىمەك ,x
Yg 3) بوغۇملارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى 4\v~HFsv بۇ خىل ھادىسەئاساسەن، «پ» رەۋىشدىشى بىلەن يارەدمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەلەپپۇز قلىش جەريانىدا رەۋىشداش تەركىبىدىكى ئاخىرقى بوغۇمنىڭ ئۇرغۇسىنى يوقىتىپ، چۈشۈپ قېلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بوغۇملارنىڭ چۈشۈپ قېىشى يېزىق تىلىدا ئىپادىلەنمەيدۇ. مەسىلەن: HS7R lU^ يېزىق تىلىدا تەلەپپۇز چۈشۈپ قالغان بوغۇم Xz8$Xz,O ئېلىپ + كەتتى ئىپكەتتى / ئەكەتتى / (لى / لىپ) GX7VlI[ قويۇپ + قويدۇم قوپقويدۇم / قوقويدۇم (يۇ / يۇپ) X#VEA=4{ ئېلىپ + چىقىپ + كەتتى ئېپچىكەتتى / ئېلىپ چىكەتتى (لى / قىپ) ?%93b ,7 5. تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى g/x_m. ئىزچىل نۇتۇق جەريانىدا بەزى سۆزلەرگە ئايرىم تەلەپپۇز قىلغاندا كۆرۈلمەيدىغان تاۋۇشلار قوشۇلۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى دېيىلىدۇ. [@g ~ تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ، سوزۇق تاۋۇشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. Il|GCj*N 1) ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى t~q?lT تىلىمىزدا بۇ خىل ھادىسە ئوچۇق بوغۇملۇق بىر قىسىم سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، قوشۇمچىنىڭ ئالدىغا بىر «ي» تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: @$Yb#$/ ئىمزا + ىم = ئىمزايىم، جاپا = ىىڭ – جاپايىڭ >n(F4C-pl پولۇ + ۇم = پولۇيۇم، سۇ + ى = سۈيى J, r Xx: دە + ئىش = دېيىش، يۇ + ۇش = يۇيۇش }H5/3be بۇ خىل ھادىسە يېزىق تىلىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. yk`)Cq%=; 2) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى | |