查看完整版本: [-- «يېڭى يېزىق»قا كۆچۈش زۆرۈريەتسىز (ئاتتىلا) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> «يېڭى يېزىق»قا كۆچۈش زۆرۈريەتسىز (ئاتتىلا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-10-25 16:30

«يېڭى يېزىق»قا كۆچۈش زۆرۈريەتسىز (ئاتتىلا)

«كونا يېزىق» تىن «يېڭى يېزىق» قا كۆچۈشنىڭ زۆرۈريىتى يوق WoTeIkM9  
{[! 
( مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا  ئونسۇ ) GQbr}xX. #  
Ih.+-!w  
كومپىيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئارىمىزغا كىرىپ كېلىشى ۋە ياشلار ئارىسىدا ئېنەىلىز تىلى ئۆگۈنىش دولقۇنىنىڭ ئۇچقۇندىشى، بولۇپمۇ چەتئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە يولغا قويۇلىشى ھەم كۈنسېرى قۇيۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ يېقىندىن بۇيان جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم ياشلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدا، «كونا يېزىق» نى تاشلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورمنىغا «يېڭى يېزىق» نى دەسسىتىش توغرىسىدىكى قاراشلار باش كۆتىرىشكە ۋە كۈنسېرى ئاممىۋىيلىشىشقا باشلىدى. nqy*>X`  
ئۇلارنىڭ «كونا يېزىق» تىن «يېڭى يېزىق» قا كۆچۈش تەشەببۇسىنىڭ ئاساسى « ‹كونا يېزىق› كومپىيۇتېر ۋە ئېنگىلىز تىلى ئۆگۈنىشنىڭ ھەم دۇنياۋى مەدەنىيەت ئىگىلەشنىڭ توسالغۇسى. بۈگۈنكى رېئال مەدەنىيەت ئاجىزلىقىمىزنىڭ باش جىنايەتچىسى» دېگەندىن ئىبارەت تولىمۇ ئالدىراقسانلىق ۋە يەڭگىللىك بىلەن چىقىرىلغان بىر تەرەپلىمە يەكۈندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق رېئال ۋە ئىلمىي ئاساسى يوق. بەلكى ئۇ غايەت زور پاجىئە ۋە چېكىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ئۆزىمىزنىڭ « ‹كونا يېزىق› تىن ‹يېڭى يېزىق› قا كۆچۈشنىڭ زۆرۈريىتى يوق» دېگەن قارىشىمىزنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن ئىسپاتلايمىز: `H! (hMMV  
بىرىنچى، « ‹كونا يېزىق› تىن ‹يېڭى يېزىق› قا كۆچۈش زۆرۈر» دەپ قارىغۇچىلار ئۆز پىكىرىگە قارىتا ئۈچ نۇقتىدىن ئىسپاتلاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئومومىيلىق تۈسىگە ئىگە بولمىغان قاراشلار بولۇپ، ھېچقانداق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. uz!8=,DFw  
دەرھەقىقەت، بۈگۈنكى دەۋر كومپىيۇتېرلاشقان، تور تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان، ئېنگىلىز تىلى دۇنياۋى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ قورالىغا ئايلانغان بىر دەۋر. بىز بۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز. ئەمما يېزىق ئالماشتۇرۇش بىلەنلا مەسىلىنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىپ كېتىش ناتايىن. ئۇچۇر تېخنىكىسى تارىخىدىن قارايدىغان بولساق، كومپىيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسى لاتىن يېزىق سېستىمىسىنى ئاساس قىلغان غەيرى مىللەتلەرنىڭ بىر تۈرلۈك كەاشپىياتى بولغاچ، ئۇنىڭ بارلىق مەشغۇلاتى لاتىن يېزىق سېستىمىسىنى ئۆزىنىڭ مەشغۇلات يېزىقى قىلغان ھەم شۇ يېزىققا ماسلاشتۇرۇلغان. ئەگەر كومپىيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسى ئەرەبلەر، ئوردۇلار ياكى بىز تەرەپتىن ئىجاد قىلىنغان بولسا يەنىلا ئۇنىڭ يېزىق سېستىمىسى لاتىن يېزىق سېستىمىسى بولامىدى؟! كۈنلەرنىڭ بىرىدە لاتىن يېزىق سېستىمىسىدىن باشقا يېزىق سېستىمىسىدىكى مىللەتلەردىن بىرەرسى، لاتىن يېزىق سېستىمىسىنىڭ كومپىيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسىغا بولغان مونوپۇللىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ،كومپىيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسىدا دۇنياۋى يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، بارلىق ھالقىلاردا ئۆز يېزىقى ساھەسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرسىچۇ؟! $ \u\ 4 n  
بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدىكى، بۇ يەردىكى مەسىلە ئاددىي ھالدىكى يېزىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ كومپىيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسىنى ئۆز يېزىقىمىزغا ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تېخنىكا مەسىلىسى. دۇنيادا «يېزىقى ئەڭ مۇرەككەپ» دەپ قارىلىۋاتقان خەنزۇ مىللىتىمۇ ئۆز يېزىقىنى كومپىيۇتېر ئارقىلىق بىمالال ئىپادە قىلىۋاتىدىغۇ! كومپىيۇتېردا تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ئۆز يېزىقى بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋاتىدىغۇ!؟ TQ(q [:>  
ئېنگىلىز تىلى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، يېزىق ئۆگۈنىش بىلەن تىل ئۆگۈنىش ھەرگىزمۇ بىر نەرسە ئەمەس. tNY;wl:wp  
ھەممەيلەنگە ئايانكى، ئەقلى نورمال ئادەملەر ئۈچۈن بىر يېزىقنى ئۆگۈنىشكە بىر-ئىككى كۈن كېتىشى مۈمكىن. ئەمما بىر تىلنى ئۆگۈنىشكە بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە، ھەتتا، ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا بىر تىلنىڭ يېزىقىنى ئۆگۈنىۋالغانلىق ھەرگىزمۇ شۇ تىلنى ئۆگۈنىۋالغانلىق ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مەلۇم بىر  مىللەتنىڭ يېزىقىنى بىلگەن كىشىلەرنى شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى بىلىدۇ، دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا بىر يېزىقنى ئوخشاش بولمىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان بىرقانچە مىللەتلەر تەڭ قوللۇنىدىغان ياكى بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەت گەۋدىسى، ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيلىك ۋە سىياسىي ماكان تۈپەيلىدىن ئوخشاش بولمىغان يېزىق قوللۇنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ. ??/bI~Sd  
مەسىلەن، سابىق سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى سىلاۋيان يېزىقىنى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرى بىر مەزگىل، چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، ئىسلاھ قىلىنمىغان ئۇيغۇر يېزىقىنى، 60-يىلدىن كېيىن لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى (60-يىلدىن 65-يىلغىچە سىناق باسقۇچى)، 85-يىلدىن باشلاپ ئىلگىركى يېزىق ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقنى (82-يىلدىن 85-يىلغىچە ئۆتكۈنچى باسقۇچ)، يەنى، ئۇيغۇر «كونا يېزىق» ئىنى ئىشلەتكەن. بىز يەنە سابىق سوۋېت ئىتىپاقى تېرىتورىيىسىدە ياشاپ، رۇس يېزىقىنى ئىشلەتكەن باشقا مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىلا رۇس تىلىنى بىلىدۇ، دەپ قارىيالمايمىز. مەن ئۆزەمنى ئالسام، لاتىن يېزىقى، نېمىس يېزىقى، سىلاۋيان يېزىقى ۋە تۈرك يېزىقىنى بىلسەممۇ، تۈرك تىلىنى يېرىم-يارتا بىلگەندىن باشقا قالغان تىللاردىن ھېچقانداق خەۋەردار ئەمەسمەن.  qra XAQ  
يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، گەرچە يېزىق ئۆگۈنىش تىل ئۆگۈنىشنىڭ دەرۋازىسى بولسىمۇ، ئۇ ماھىيەتتىن قارىغاندا تىلنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى تىلنى ئىپادە قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان يازما بەلگىلەر سېستىمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، تىل ئۆز نۆۋىتىدە ناھايتى مۇرەككەپ بولغان فونېتىكىلىق ۋە گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنى ھەمدە مىقدارى ناھايتى كۆپ بولغان سۆزلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بىر يېزىقنىڭ قوللۇنىلىشى ھەر زامان تىل ئىنقىلابى ئېلىپ كېلىۋەرمەيدۇ. ?^~ZsOd8B  
قارىشى پىكىردىكىلەرنىڭ، دۇنيادىكى بىرقىسىم مىللەتلەرنىڭ يېزىق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بەلەىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىللىرى يۈزەكى نۇقتىدىن قارىغاندا توغرىدەك قىلسىمۇ، ئىلمىي نۇقتىدىن مۇلاھىزە يۈرگۈزسەك پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ شۇنداقلا دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئومومىي يۈزلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بىز ئومومىيلىق نۇقتىسىدىن ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، ئۆز تارىخىدا يېزىق ئۆزگەرتكەن مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ يەنىلا ئۆز تەرەققىيات مۇساپىسىنى تاپالماي يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. 4#(/{6J  
مەسىلەن، ئۆز ۋاقتىدا قۇجۇ يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، غەربىي تۈرك يېزىقى، ئۇرخۇن يېزىقى، مانى يېزىقى، قارىخانلار يېزىقى، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت سەككىز خىل يېزىق ئىشلەتكەن بولسىمۇ يەنىلا تەرەققىي قىلالماي يۈرگەن بىز (ئۇيغۇرلار)، بىرتانىيە (ئەنگىلىيە) ۋە فىرانسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا شۇلارنىڭ يېزىقىنى ئىشلەتكەن ئوتتۇرا ھەم جەنۇبىي ئافرىقا خەلقلىرى، بىر مەزگەىل سىلاۋيان ۋە لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتكەن موڭغۇللار... ={B C0,  
ئەمما، خەنزۇلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قۇدىرەت تېپىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ يەردىكى مەسىلە قانداقتۇر يېزىق ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى چىن بەگلىكىنىڭ بېگى چىن شىخۇاڭنىڭ تارقاق ھالدىكى ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەرقايسى قەبىلە-بەگلىكلەرنىڭ يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۈيۈك بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى بولۇپ، بۇنى يېزىق ئۆزگرتىش ئەمەس، بەلكى، يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېيىش توغرا ھەم ئاقىل جاۋاب. چىن شىخۇاڭ ئەينى دەۋردە چېچىلاڭغۇ بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، قۇدىرەتلىك ھەم بىرلىككە كەلگەن چىن سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىققان ھەم شۇ ئارقىلىق خەنزۇ مىللىتىنىڭ مىللىي توپىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن. ئاندىن مىللىي گەۋدىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئېھتىياجى بىلەن باشقا بىر مىللەتنىڭ يېزىقىغا كۆچۈش ئەمەس، بەلكى، ئۆز بەگلىكىنىڭ يېزىقى ئاساسىدا ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. hrKeOwKHU  
بەزىلەر «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى سىلاۋيان يېزىقىغا، تۈركلەر لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ئارقىلىق تەرەققى قىلدىغۇ» دېيىشى مۈمكىن. بۇنىڭغا جاۋاب ئىنتايىن ئاددىي. @K]`!=vUk  
ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ سىلاۋيان يېزىقىغا كۆچۈشتىن تەرەققىياتى ھەرگىزمۇ يېزىق سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى، رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان مەدەنىيەت تەسىرچانلىقىدىن ئىبارەت. يەنى، چوڭ سىلاۋيانچىلىق ئىدىيىسىنىڭ رۇس مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا زورلاپ سىڭدۈرۈشىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا رۇسلارنىڭ چوڭ مىللەتچىلىك تامغىسى بېسىلغان. ئەگەر 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانماي، يەنە 100 يىل داۋاملاشسا، ئەشۇ بىز «يېزىق ئۆزگەرتىپ تەرەققى قىلدى»دەپ ئاتىۋالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە مىللىي مەۋجۇتلىقى قانداق بولار ئىدى؟! T t~4'{Bc  
ئەمدى تۈركلەرگە كەلسەك، تۈركلەر يېزىق ئۆزگەرتىشتىن خېلى ئىلگىرىلا «ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى» نامى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىدىن سانالغان ھەم بۈگۈنكى كۈندە بىز «دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانلىرى» دەپ ماختاۋاتقان ياۋروپالىقلارنىڭ شەرق ئىسلام دۇنياسىغا قىلغان 26 قېتىملىق ئەھلى سەلىپ تاجاۋۇزچىلىقىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈست مەغلۇب قىلىش ئارقىلىق، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى قوغداپ قالغان ھەم خىرىستىينلارنىڭ يېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىش شېرىن چۈشىنى بىتچىت قىلغان ئىدى. كېيىن تۈرلۈك سەۋەبلەر ھەم ئەرەبلەرنىڭ ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنىش پەيدا قىلىشى نەتىجىسىدە ئاجىزلاپ، ئاخىرى غۇلاپ چۈشتى. مۇشۇنداق شارائىتتا مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك ئوتتۇرغا چىقىپ، يېڭى تۈرك جۇمھۇريىتىنى قۇرۇپ، بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ياش تۈرك جۇمھۇريىتىنى تەرەققىيات يوپلىغا باشلىدى. ئاتا تۈرك ئىسلاھاتىنىڭ دائىرىسى كەڭ، چېتىلىش ساھەسى كۆپ، ئېلىپ بېرىلىشى بىرقەدەر ئۈزۈل-كېسىل، قوللانغان ۋاستىسى قاتتىق بولۇپ، يېزىق ئۆزگەرتىش شۇ ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى ئىدى. :P-H8*n""  
ھەرقانداق بىر تارىخ ۋە مەدەنىيەتتىن ئازراق ساۋادى بار، نورمال ئەقلىي تەپەككۈر ھەم لوگىكىلىق ھۆكۈم چىقىرىش قابىليىتىگە ئىگە ئادەم بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلالايدۇكى، ياش تۈركىيە جۇمھۇريىتىنى تەرەققى قىلدۇرغان نەرسە ھەرگىزمۇ نۇقۇل يېزىق ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك باشلىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۈزۈل-كېسىللىكىدىن ئىبارەت. &n1Vv_Lb  
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، بىز 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مائارىپ جەھەتتىن جۇڭگودىكى 56 مىللەت ئىچىدە 1-ئورۇندا بولۇپ، جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا، دۆلەتنىڭ شۇ چاغدىكى مۇئارۋىن رەئىسى ليۇ شاۋچى تولۇق مۇئەيەنلەشتۈرگەن ھەم قۇرۇلتاي دوكلادىدا جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مائارىپىغا ئۇيغۇر مائارىپىنى ئۈلگە قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. بىراق، 1960-يىللاردا ئەۋجىگە چىققان «كونىلىققا قارىشى تۇرۇش» شامىلى ئاستىدا بىزنىڭ يېزىقىمىز، «كونا يېزىق» قالپىقى كىيگۈزۈلۈپ، لاتىن يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن خەنزۇ پىنيىن يېزىقىغا، يەنى ئاتالمىش «يېڭى يېزىق» قا ئۆزگەرتىۋېتىلدى. نەتىجىدە بىز تەرەققى قىلىش تۈگۈل، ئەكسىچە غايەت زور دەرىجىدە چېكىنىپ كەتتۇق، ھەتتا بۈگۈنگىچە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي يېزىقىمىزغا ئاشۇ چاغدا كەمسىتىش مەنىسىدە قويۇلغان «كونا يېزىق» دېيىلگەن ھاقارەتلىك نامنى كۆتۈرۈپ يۈردۇق. YW7w>}aW  
بىز يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ تۈگىنى ھەرگىزمۇ يېزىق ئەمەس، بەلكى، ئۆز تىل-يېزىىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلالايدىغان كومپىيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى، زامانىۋى، يۇقىرى تېخنىكىلىق يۇمشاق دېتال قۇرۇلىشى؛ ئۆز تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى، ئىسلاھ قىلىشقا يانداشقان تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئۆگۈنىش ھەم ئۇنىڭغا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىش ئىنقىلابى (خۇددى ياپونلار ھەم تۈركلەرگە ئوخشاش). يىغىنچاقلىغاندا، ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇشقا كېرەكلىك بولغان ئويغۇنۇش ۋە ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش گېنى. بىز يەنە يېزىق ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغايمىز، دەپ يۈرسەك، بۈگۈنكىدەك ھەر بىر يۇرت، ھەر بىر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارى ئۆز ئالدىغا كومپىيۇتېر خەت نۇسخىسى لايھىلەپ، ئۆزئارا بىرلىككە كېلەلمەي ھەم بىر-بىرىمىزنى ياراتماي، ئۇچۇرلاشتۇرۇش يوللىرىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ يۈرسەك، ھازىرقىدىنمۇ بەتتەر چېكىنسەك چېكىنىمىزكى، ھەرگىزمۇ تەرەققى قىلالمايمىز. ZRjM^ d;  
ئىككىنچى، بىز 1960-يىلدىن 1985-يىلغىچە بولغان بىر مۇددەت ئىچىدە، «كونىلىققا قارىشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئەسلى يېزىقىمىزنى تاشلاپ، لاتىن يېزىقى ئاستىدىكى خەنزۇ پىنيىن يېزىقىغا، يەنى، «يېڭى يېزىق» قا كۆچكەندىن كېيىن، 1982-يىلدىن باشلاپ يەنە «سىياسەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» شوئارى ئاستىدا، ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىببەسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا، يەنى «كونا يېزىق» قا كۆچۈشكە يۈزلەندۇق. شۇ سەۋەبتىن «يېڭى يېزىق» بىلىپ «كونا يېزىق» بىلمەيدىغانلارنى «ساۋادسىزلار» قاتارىغا چىقىرىپ، پۈتۈن مىللىي توپ بويىچە ساۋاد چىقىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ 1996-يىلدىن باشلاپ «ساۋادسىزلىقنى تۈگتۈپ، پەن-مائارىپ ئارقىلىق قۇدىرەت تېپىش» شوئارى ئاستىدا «ئىككى ئاساسەن» دولقۇنى قوزغاپ، كونا يېزىق بىلمەيدىغانلارنى ئىشلەپچىقىرىش سېپىدىن ئايرىپ ساۋاد چىقىرىش ئورۇنلىرىغا يىغىۋالدۇق ھەمدە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار كۈچى ئاجىراتتۇق. نەتىجىدە نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى ۋە ۋاقىت ئىسىراپ قىلىندى، مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ھەسسىلەپ ئاشتى، پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش چېكىنىشكە قاراپ يۈزلەندى. مائارىپ سېلىنمىسىغا بولغان بېسىم ھەسسىلەپ ئېشىپ، مىللىي تەرەققىيات توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. zYaFbNi  
ئەگەر بىز يەنە يېزىق ئۆزگەرتسەك يۇقارقى ئەھۋال قايتا تەكرارلانماسمۇ؟! {m U%.5  
ئۈچۈنچى، يېزىق بىر تىلنى خاتىرلەيدىغان يازما بەلگە بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا مەلۇم بىر تىلدىكى بارلىق نەشىر بۇيۇملىرى شۇ تىلنى خاتىرلەيدىغان يېزىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. يېزىقسىز نەشىر بۇيۇملىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە مەلۇم يېزىقتىكى نەشىر بۇيۇملىرىنى شۇ يېزىقنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرۈشى ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۈمكىن ئەمەس. بىزنىڭ تىلىمىزدىكى نەشىر بۇيۇملىرىمۇ ھەم شۇنداق. diXWm-ZKL  
ئەگەر بىز يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يېزىقىمىزنى تاشلاپ «يېڭى يېزىق» قا كۆچسەك، «يېڭى يېزىق» تىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنالايدىن بەلگىلىك كۆلەمدىكى ساۋادلىقلار قوشۇنى بارلىققا كەلگۈچە مىللىي نەشىرياتىمىز توختاپ قالماسمۇ؟! بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلار 20 نەچچە يىل جەريانىدا بەلگىلىك دەرىجىدە كۆلەملەشكەن مەدەنىي مىراسلىرىمىزدىن، كىتابچىلىق مەدەنىيىتىىمىزدىن، تور مەدەنىيىتىمىزدىن خەۋەرسىز قالماسمۇ؟! S5JM t;O  
شۇڭا بىز ئېيتىمىزكى، «كونا يېزىق» تىن «يېڭى يېزىق» قا كۆچۈشنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي، ئوبېكتىپ ھەم سوبېكتىپ نۇقتىدىن قارىغاندا ھېچقانداق زۆرۈريىتى يوق. vEx'~_+a9  
KOg,V_(I  
مەنبە: ئىجادىيىتىم

tughluk414 2011-10-25 19:15
توغرا، بىز ھېلىمۇ ئاز زىيان تارتمىغان. نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلغان يېزىق ئەمدى يوقىلاڭ باھانە بىلەن سىقىپ چىقىرىلسا بولماس. كۆپ ساندىكى خەلقنى ئويلايلى... &7'=t6  
                     ھەي ، قېرىنداشلىرىم..

tawpek 2011-10-25 21:16
تولىمۇ ئەتراپلىق ، چۈشىنىشلىك بوپتۇ. {@67'jL  
~hQTxLp  
يولداش جۇئىنلەي شۇ ۋاقىتتا يىزىق ئۆزگەرتسىمۇ مەيلى ، ئۆزگەرتمىسىمۇ مەيلى ، لىكىن ئۆزگەرتىمىز دەيدىغانلار چوقوم خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنىنى ئاساس قىلىپ ئۆزگەرتىش كىرەك دىگەندە، بىر قىسىم مىللەتلەر بولدى بىز بوۋىمىزدىن قالغان يىزىقنى ئىشلىتىۋىرىمىز دىسە بىز ئۇيغۇرلار يىڭى جۇڭگۇغا يىڭىچە قەدەم بىلەن كىرىش ئۈچۈن ئۆزگەرتەيلى دەپلا ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايلا ئۆزگەرتىپتىكەنمىزغۇ.  بۇ راسمۇ؟ 4q`e 
yex0rnQ|  
شۇ ۋاقىتتا ئاتتىلا ئاكىمىزچىلىك مۇشۇنداق ئەستائىدىل كاللا ئىشلىتىدىغاندىن بىرى چىققان بولسىزە. #7,;/rtO7  
I(0 *cWO  
2 ئاساسەندە ساۋاتسىزلارنى دەپ كۆپ كۈچ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ساۋاد چىقىرىشلارنىڭ ئاساسەن شەكىلگە ئايلىنىپ  يەنىلا شۇ ئۆتكۈسى كەلگەندە ئۆتكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان، سىلىنغان قۇرلۇشلار راسىت لىكىن. mT#ebeBaf  
\9jvQV/y  
دۆلىتىمىزدە مەجبۇرى مائارىپ 1986 - يىلى يولغا قويولغان.  شۇ يىلى ئوقوش يىشىغا يەتكەنلەر 6 ياش پىتى مەجبۇرلاندى دىگەندىمۇ 2006 - يىلىغا كەلگەندە 26 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ساۋاتسىز بولىشىنى يەنىلا شەخىستىن دەپ كەتكىلى بولمىسا كىرەك. 0r' 
-ZE]VO*F  
ئۇنىڭ ئۈستىگە 25  يىلدىن بىرى بۇ قانۇننىڭ يىزىلاردا قانچىلىك ئەمەلىيلەشكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.

attila 2011-10-25 21:44
يولداش جۇئىنلەي شۇ ۋاقىتتا يىزىق ئۆزگەرتسىمۇ مەيلى ، ئۆزگەرتمىسىمۇ مەيلى ، لىكىن ئۆزگەرتىمىز دەيدىغانلار چوقوم خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنىنى ئاساس قىلىپ ئۆزگەرتىش كىرەك دىگەندە، بىر قىسىم مىللەتلەر بولدى بىز بوۋىمىزدىن قالغان يىزىقنى ئىشلىتىۋىرىمىز دىسە بىز ئۇيغۇرلار يىڭى جۇڭگۇغا يىڭىچە قەدەم بىلەن كىرىش ئۈچۈن ئۆزگەرتەيلى دەپلا ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايلا ئۆزگەرتىپتىكەنمىزغۇ.  بۇ راسمۇ؟ =?gDM[t^  
دېگىنىڭىز راست، تەۋپىق ئىنىم. ' lMPI@C6r  
بىراق، ئەينى ۋاقىتتا مەركەزدىن تۆۋەنگىچە «كونىلىققا قارىشى تۇرۇش»، «ئۈچ كونىغا زەربە بېرىش» دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، خاتا ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى قارىقۇيۇق ھالدا كونا سانىلىپ، زەربە بېرىلگىنىمۇ راست. ھەتتا داستىرخان سېلىپ تاماق يېيىشمۇ كونىلىق ھېسابلىنىپ، باشلىقلارغا كىگىزنىڭ ئۈستىگىلا نان ئۇشۇتۇپ بەرگەن ئەھۋاللار بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بىز ھازىر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىمىز كەمسىتىلىپ «كونا يېزىق» دەپ ئاتالغان.

koyax519 2011-10-26 19:50
تارىختا ئۇيغۇردەك كۆپ يىزىق ئالماشتۇرغان مىللەت بولمىسا كېرەك ،ھىلىمۇ كۆپ يىزىق ئالماسشتۇرۇپ مەدەنىيتىمىز ككپ ئارقىداا    قالدى ،ئويلاپ باقايلى بىز تارىختا قانداق شەرەپ قۇچقان مىللەت ئىدۇق؟

ablat0997 2011-10-31 17:08
پاكىتلىرىڭىزغا قىل سىغمايدۇ .

tawpek 2011-10-31 17:20
يىزىق ئۆزگەرتمەيدىغان، لىكىن لاتىن يىزىقى ئاساسىدىكى يىزىقنى ئىلىكتىرۇن  ساھەسىدە قوللىنىۋىرىدىغان بوپىكەنمىزغۇ؟ 1DT}_0{0Q  
}Z Nyd  
خۇددى ھازىرقى بەزى ناخشىلارنىڭ تىكىستىنى سۈرەت ئاستىغا يازغاندەك. NT&sk rzW  
dD.;P=AP  
بۇ گەپ راسىتمۇ؟

ozqan 2011-10-31 23:39
  يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈريىتى يوقلۇقى  ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن تولىمۇ ئەتراپلىق ئوتتۇرغا  قويۇلۇپتۇ ،  ئەجرىڭىزگە  كۆپ رەخمەت ..

akkax 2011-11-14 19:59
  مەسىلە يېزىقتا ئەمەس، قەدىرلەشتە . مەيلى قايسى يېزىقنى قوللىنايلى ، گەپ شۇ : قەدىرلەيلى !

abdulquddus 2011-11-15 19:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! \qZ>WCp>r  
كۆپتىن - كۆپ ئېزىز قېرىندىشىم! 9_x rw:4  
بۇ يازمىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم! 1Vx>\A  
پاكىت-زوكۇنلىرىڭىز ھەقىقىتەن قايىل قىلارلىق. ئەمما ناننىڭ ئوڭ - تەتۈرىنى بىلەلمەيدىغن كىشىلەرلا قايىل بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ  «ئەقلى  پىچەتلەنگەن» بولىدۇ. 6 \}.l  
تىل يېزىق كومىتېتى ئەسلىدە مۇنداق ئاقىۋەتنى سادىر قىلماسلىغى، بەلكى، ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان يېزىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىپبەلىك  ئوقۇشلۇق ۋە ئىلىم -مەرىپەتلىرى دەرسلىكلىرىنى تەييارلاپ، پۇشتى ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش جەھەتتە كۈچ سەرىپ قىلىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىدى!!! }poLH S/  
بولمىسا سوراپ باقايچۇ؟ زادى بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزغا ئەتىدىن ئاخشامغا : «بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئۇنداق يېزىق قوللانغان، مۇنداق ئەسەرلىرى بار» دەپ قويۇش بىلەن نىمىگە ئېرىشتۈرەلەيمىز؟ ئۇ بىر قۇرۇق شۇئارۋازلىقتىن باشقا قانداق نەتىجە بېرىدۇ؟؟؟ 3,0b 
ئاخىرىدا سىزگە تەكرار رەھمەت ئېيتىمەن!!! 2oo\ SmO]  
 

abdulquddus 2011-11-15 19:27
引用第8楼akkax于2011-11-14 19:59发表的 :   مەسىلە يېزىقتا ئەمەس، قەدىرلەشتە . مەيلى قايسى يېزىقنى قوللىنايلى ، گەپ شۇ : قەدىرلەيلى !
u> =\.d <  
7a=ul:  
ئېزىز قېرىندىشىم! @d:GtAW  
سىز يېزىق ئۆزگەرسە تارىخمۇ ئۇنتۇلىدىغان فاجىئەلىك ئاقىۋەتنىمۇ ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟؟؟

akkax 2011-11-21 15:10
  تارىخنى يېزىق ئەمەس تىل خاتىرلەيدۇ .

akkax 2011-11-21 15:13
  يېزىق بىر شەرتلىك بەلگە ، تىل ئۇنىڭ جېنى . « كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى » نى ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمىز مانا. بىراق ، ھازىر تورغا چىققان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇغىلى بولمىسا، شۇنداق بىر ئېغىز گېپىم سىزچە ئويلانماي ئېيتىلغان سۆزمىدۇ ؟؟؟؟

tawpek 2011-11-21 16:09
ئابدۇقۇددۇس بىلەن ئاككاشنىڭ مۇنازىرىسىمۇ قىززىپتىغۇ. gYbcBb%z  
y:_>R=sw  
A 8-a}0Gh  
]z#)XW3#i  
يىزىق باشقا  تىل  باشقا  

ئەكبەرنىياز 2014-02-13 03:32
بەك ئەھمىيەتلىك مەزمونلار ئىكەن ، يېزىق ئۆزگەرتىش ئەسلىلا مەدەنىيەت ئۆزگەرتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى دەپ قارايمەن ! ئاتىللا ئاكىمىزنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

توغراق 2014-06-29 23:15
akkax:  مەسىلە يېزىقتا ئەمەس، قەدىرلەشتە . مەيلى قايسى يېزىقنى قوللىنايلى ، گەپ شۇ : قەدىرلەيلى ! (2011-11-14 19:59) 
]$ Nhy8-  
لېكىن ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، بىر يېزىقنى ئۆزگەرتسەك، شۇ يېزىققا ماسلىشىپ بولغۇچە يەنە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىدۇ، قانچىلىك ئادەم ساۋاتسىزغا ئايلىنىدۇ، ئەڭ مۇھىمى، ئېسىل ئەسەرلىرىمىز يوقىلىپ باشقىلار تەرجىمە قىلىپ ئوقۇپ بەرمىسە ، ئۆزىمىز ئوقۇيالمايمىز، خۇددى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى ۋەسىقىلەرنى ھازىر چەتئەللىكلەر ئوقۇپ بەرگەندەك.


查看完整版本: [-- «يېڭى يېزىق»قا كۆچۈش زۆرۈريەتسىز (ئاتتىلا) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled