查看完整版本: [-- مۇھەببەت ھەققىدە يەنە بىر ھېكايە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> مۇھەببەت ھەققىدە يەنە بىر ھېكايە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

altunboxuk 2011-10-23 22:45

مۇھەببەت ھەققىدە يەنە بىر ھېكايە

مۇھەببەت ھەققىدە يەنە بىر ھېكايە yk r5bS  
ياقۇپجان يۈسۈپ Y K(I '  
  R%7* )3$&r  
بۇ كەچ كۈزنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى ئىدى. كۈن ئولتۇرۇپ تۈن پەردىسى زىمىنغا يېيىلىشقا باشلىغانىدى. ئاستا-ئاستا كۈچىيىۋاتقان شىۋىرغان ئاچ بۆرىدەك ھوۋشىيتتى. قاتتىق سوغوق ئۈششۈك ھەرىدەك نەشتىرىنى سانجىيتتى. مۇشۇنداق سوغوق كۈنلەردىمۇ ھاياتلىقنىڭ كۈرىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئەنە، بىر قىز ئىگىز-پەس، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يوللاردا خۇددى مەسلەردەك دەلدەڭشىگىنىچە كەلمەكتە. ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرى يۈز-كۆزلىرىنى توسۇپ تۇراتتى. كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئاققان ياشلار ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى ئاچچىق قىلاتتى. ھەر بىر قەدەم ئالغاندا يالاڭ ئاياق پۇتلىرىغا خوخا-تىكەنلەر سانجىلاتتى. بىراق ئۇ پەرۋا قىلمايتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ ئاغرىقلار، بۇ ئازاپلار ھىچقانچە ئەمەس ئىدى. ئۇ چوڭقۇر بىر يار لېۋىگە كېلىپ توختىدى. چوڭقۇر ھاڭ...بىر مىتىر ئارىلىق...ئۇ سەكلىسىلا ھەممە نەرسە تۈگەيتتى. قەلبىدىكى ئازاپلار...يۈرەكتىكى جاراھەتلەر... ھەممىدىن خالى بولاتتى. !brXQj8D7  
ئاھ، ۋاپاسىز دۇنيا! سەن نېمە دېگەن رەزىل-ھە!؟ 70s.  
ئۇ تېخى ئەتە توي قىلماقچىىدى. ئۆزى سۆيگەن، ياخشى كۆرگەن يىگىت بىلەن مۇرات-مەقسەتلىرىگە يەتمەكچىىدى. بىراق، بۈگۈن ھەممە نەرسە ئۆزگەردى. ھەممە نەرسە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇنچە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىمۇ شىرىن چۈشكە ئايلاندى. ئەگەر... ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرالىغان بولسا...ئۇنىڭ بەخىت گۈلىنى غازاڭ قىلغان، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئاشۇ مۇدھىش ئىشلار خۇددى كىينو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى. u#T Rm?s  
شۇنداق، ئۇ بۈگۈن ئاپىسى بىلەن بازارغا تويلۇققا كىرمەكچىدى. ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشى پۈتۈپ بولغان. ھەتتا، توي خېتىمۇ ئېلىنىپ بولغانىدى. پەقەت بازارغا كىرىپ تويلۇق ئالسىلا بولاتتى. يىگىت تەرەپ تويلۇق ئۈچۈن ئونبەش مىڭ يۈەن پۇلنى ئاللىقاچان ئەككىرىپ بەرگەن. تويلۇق پۇللارنى كۆرۈپ ئاپىسىنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى. ئۇ:«ئۆمرۈمدە بۇنچىلىك پۇلنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن» دەپ پۇلنى نەچچە قېتىم ساناپ چىققان ۋە «بۇ پۇل سىزنىڭ تويلىقىڭىز، شۇڭا ئۆزىڭىز ساقلاڭ» دەپ پۇلنى ئۆز قولى بىلەن قىزىنىڭ چامىدانىغا سېلىپ قويغانىدى. ئۇ تويلۇق ئېلىشقا ئانچە ئالدىراپ كەتمىدى. تويلۇقنىڭ گېپى چىقسىلا «تويلۇققا ئالدىرىماڭلار، ئەتە توي دېگەندە بازارغا كىرسەكمۇ نۇرغۇن نەرسە ئالغىلى بولىدۇ، تويلۇقنى ئالدىراپ ئېلىۋالغان بىلەن ناۋادا،  توي ئىشىدا بىرەر ئۆزگۈرۈش بولۇپ قالسا پۇلۇڭنى خەجلەپ بولغان دېگىلى بولمايدۇ» دەپ توختىتىپ قوياتتى. يىگىت تەرەپمۇ بىرقانچە قېتىم ئالدىرىتىۋىدى «تويلۇقنى ئۆزىمىز ئالىمىز. خاتىرجەم بولالمىغان بولساڭلار پۇلنى ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى. ئۇ ئاخشام تېخى تويلۇققا نېمىلەرنى ئېلىش توغرىسىدا قىزى بىلەن خېلى بىر ۋاققىچە مەسلىھەتلەشكەنىدى. ئۇ چىقىپ كېتىدىغان چاغدا«ئەتە قىلىدىغان ئىشىمىز بەك كۆپ، شۇڭا بالدۇرراق ئۇخلاپ، ياخشىراق ئارام ئېلىڭ» دېگەنىدى. (J!FW(Ma|=  
تاڭ ئاتتى. قىز ئويغاندى. ئۇ بۇ تاڭنىڭ ئۆزى ئۈچۈن چوڭ بەخىتسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن. ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا ھاڭ-تاڭ قالدى. كېيىم-كىچەكلىرى ئۆي ئىچىگە قالايمىغان تاشلانغان، چامىدان ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ يۈگىرەپ بېرىپ چامىدانغا قارىدى. تويلۇق پۇللار كۆرۈنمەيتتى. چامىداندا پەقەت بىر ۋاراق قەغەزدىن باشقا ھىچ نەرسە يوق ئىدى. قىزنىڭ يۈرىكى ئەنسىز ھالدا سوقماقتا. نېرۋىلىرى جىددىلەشمەكتە. پۇت-قوللىرى ياق پۈتۈن ۋۇجۇدى تىترىمەكتە. ئۇ چامىداندىكى قەغەزنى قولىغا ئالدى. قەغەزگە مۇنۇلار يېزىلغانىدى.  .9r+LA{  
قىزىم پەرىدە، بەلكىم مەن ئانا دېيىشكە لايىق ئەمەستۇرمەن. خېتىمنى ئوقۇپ مەندىن يىرگىنىشىڭىز، مەندىن نەپرەتلىنىشىڭىز چوقۇم. شۇنداقتىمۇ بۇ خەتنى يېزىش قارارىغا كەلدىم. بىرىنجىدىن سىزنى تويلۇق پۇللارنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسۇن دېدىم. ئىككىنجىدىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويغۇم كەلدى. تويلۇق پۇللارنى مەن ئالدىم. بۇ مېنىڭ سىزگە ۋە دادىڭىزغا ئون سەككىز يىل قارىغانلىقىمنىڭ ھەققى بولسۇن. بۇنداق دېسەم مېنى تىللىشىڭىز مۈمكىن. مېنىڭچە بۇ تېخى ئاز بولۇپ قالدى. راسىت، مېنىڭ مۇشۇ ئون سەككىز يىل جەريانىدا تارتقان جاپاسىمغا سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ ئاز. مەن دادىڭىزغا تەككەندە سىز تېخى بىر ياشقىمۇ توشمىغان بىر پارچە گوش ئىدىڭىز. مەنمۇ ئاتا-ئانامدىن يېتىم قالغان بىر بەخىتسىز قىز ئىدىم. بىرقانچە قېتىم ياتلىق بولغان بولساممۇ دىلىم سۇ ئىچمىگەن. شۇڭا دادىڭىز مېيىپ بولسىمۇ ئۇنىڭغا تەگكەندىم. مېنى ئۇرمىسا، تىللىمىسا، دىلىمنى رەنجىتمىسىلا ئۆينىڭ تۈۋرىكى بولۇپ تۇرۇپلا بەرسە، ئۇنىڭ پېشىنى تۇتۇپ، تەرىتىگە سۇ قۇيۇپ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالاي دېگەنىدىم. ئەمما، دادىڭىز شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئاپىڭىز ۋە بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپمۇ بۇرنىغا سۇ كىرمىدى، خۇيىنى ئۆزگەرتمىدى. ئۇ داۋاملىق سىزنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ، قاۋاقخانىلاردا، ھاراق سورۇنلىرىدا ئىچىپ يۈردى. مۇشۇ ئون سەككىز يىل جەريانىدا ئۇنى قانچە قېتىم يىقىلىپ قالغان يېرىدىن ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى ساناپ بېرەلمەيمەن. قانچە قېتىم ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ھەقتە سوقۇشقانلىقىمنى، ئۇنىڭدىن تاياق يېگەنلىكىمنى بىلمەيمەن. ئۇ ھەر قېتىم مېنى ئۇرغاندا ئائىلىنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقلىرىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، چىشىنى چىشلەپ ياشاۋاتقان مەندەك بىر ئاجىزەنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىدىغانلىقىنى سىز بىلمەيسىز. بولدىلا، يارىنى تاتىلىسا يارا بولىدۇ. سىزمۇ چوڭ بولدىڭىز، بۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ دادىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى سىزگە بەش قولدەك ئايان. سىزنىڭچە ئۇ ئاشۇ نىجاسەتنى ئىچمەي قانچە كۈن تۇرالار؟ ئازاپلىرىم چېكىگە يەتتى. مېنىڭ بۇ ئۆيدە مادارا قىلغۇدەك، تارتىشقىدەك نېمەم بار. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسام ئازاپ ئىلكىدە ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ تىرىك تۇرۇپ دوزاقنىڭ كۈنىنى كۆرىمەن. <HReh>)[  
ھە راست، يىگىتىڭىز ياخشى بالىكەن. ئۇ ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولدى. قارىغاندا ئۇ سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ. ئەپسۇس... سىلەر توي قىلالامسىلەر بۇ ماڭا قاراڭغۇ...مەيلى نېمە ئىش بولسۇن ئۇنى قەدىرلەڭ. WO =X*O ne  
خەير، ۋاپاسىز، باغرىتاش ئاپىڭىزدىن. $F> #1:=v<  
y_aKW4L+  
قىز ئۆمۈچۈك پۇتىدەك يېزىلغان بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ يۈرىكى بېغىدىن ئۈزۈلۈپ، قوقاسقا چۈشكەندەك قاتتىق ئازاپلاندى. ئۆزىنى يەرگە تاشلىغىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ۋاقىرايتتى. ئېسەدەيتتى. چاچلىرىنى يۇلاتتى. ئۇ دادىسىنىڭ سەۋەبى، بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسىنىڭ قولى ئارقىلىق مۇشۇنداق بىر قارا كۈنگە قالغانلىقىنى يۈرىكىگە سىغدۇرالمىدى. ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ قارا داغنى يۇيۇپ بولالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ بۇ ئىشنى يىگىت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەجىبا، «ئاپام تويلۇق پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى» دېسۇنمۇ؟ بۇ دۇنيادا مۇشۇنداق غەلىتە چاقچاقلارنى كەچۈرىۋېتەلەيدىغان ئەرلەرمۇ بارمىدۇ؟ توي بۇزۇلسىغۇ بىرگەپ. ناۋادا، يىگىت تەرەپ «تويلۇق پۇلنى قايتۇر» دەپ تۇرىۋالسا بۇ بىچارە ناتىۋان قىز نېمە كۈنلەرنى كۆرەر؟ خوشنا-خۇلۇم، مەھەللە-كوينىڭ يۈزىگە قانداق قارايدۇ؟ بۇ دۇنيا ئۇنىڭغا شۇنچە تار، شۇنچە قاراڭغۇ تۇيۇلدى. يۈرىكىگە بىر نەرسە سانجىلغاندەك بولدى-دە، چوڭقۇر قايغۇ-نادامەت ئىلكىدە قاتتىق بىر ۋاقىراپ ھوشىدىن كەتتى. :Bk!Y K  
ئۇ ھوشىغا كەلگەندە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال نۇرغۇن كىشىلەر ئۆنى چۆرىدەپ ئولتۇراتتى. دادىسى بولسا ھېلىقى خەتنى سىقىمدىغىنىچە «ئەستەغپۇرۇللا...خەپ سېنى...» دەپ ساقىلىنى يۇلاتتى. قىز يېنىدا ئولتۇرغان بىر خوشنىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. خوشنىلار بۇ بەخىتسىز ئاتا-بالىغا ئېچىنىپ ئۈن-تىنسىز قاراپ تۇرىشاتتى. ياشقا چوڭراڭ بېرەيلەن: «بۇ ئىشنى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلايلى» دېگەنىدى، قىز بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قاراشتى، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدى. ئۇ پەقەت يىغلايتتى. قاپقارا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكىلەتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، ئاھ ئۇراتتى. بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن ئۆي ئىچىدە قانداق قىلىش توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر باشلىنىپ كەتتى. ھەر كىم ئۆز ئويلىغانلىرىنى دەپ باقتى. ئەمما ھىچكىم بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىر توغرا يول كۆرسىتەلمىدى. بۇ خىل كەيپىياتنىڭ قىزنىڭ جاراھىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىمۇ قانداق، بايىقى كىشى قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ: «ئەي ئۇلۇغ اللا، بىزنى توغرا يولغا باشلىغايسەن، غەزىپىگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغايسەن، ئامىن» دەپ دۇئا قىلدى. دۇئادىن كېيىن خوشنىلار قىزغا تەسەللى سۆزلىرىنى ئېيتىشىپ بىردىن ئىككىدىن چىقىپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلگىچە بۇ خەۋەر پۈتۈن مەھەللىگە پۇر كەتتى. R4xoc;b  
كەچ كىرگەندە بۇ ئۆينىڭ ئارقا تەرەپتىكى باغ ئىشىكى ئاستا ئېچىلىپ، بىر قىز ئىشىكتىن غىپپىدە سۇغۇرۇلۇپ چىقتى. ئۇنىڭ ھەركەتلىرى ئىنتايىن خۇپىيانە ئىدى. بىرىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورققاندەك ئەتىراپقا ئالاقىزادىلىك بىلەن قارايتتى. سىرتتا شىۋىرغان چىقىۋاتاتتى. ئۇ ئوڭ قولى بىلەن چۇۋۇلغان چاچلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ، قاياققا مېڭىشنى جەزىملەشتۈردى-دە، خۇددى بىر يەرگە ئالدىراۋاتقاندەك ئېتىزلىقلار ئارىسىدىكى تونۇش چىغىر يوللار بىلەن مەھەللە سىرتىدىكى چوڭ يارنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ قىز ھېكايىمىزنىڭ بېشىدا يار لېۋىدە تۇرغان قىز شۇ ئىدى. be ^09'  
ھەممە نەرسە تۈگىدى... قىز ئالدىغا يەنە بىر قەدەم ماڭدى. قاپقاراڭغۇ، چوڭقۇر ھاڭ ئۇنى ئۆزىگە تارتماقتا. شۇ تاپتا ئۇ جىمجىت، خاتىرىجەم، ئىسسىق بىر يەرگە نەقەدەر مۇھتاج-ھە! ئۇ يەنە بىر چامدىسىلا بۇ ئارزۇسىغا يېتەتتى. بۇ دۇنيانىڭ بارلىق ئازاپلىرىدىن، تالاش-تارتىشلىرىدىن، غەلۋە-ساراڭلىرىدىن قۇتۇلاتتى. «جېنىم ئانا! بەلكىم سەن ھايات بولغان بولساڭ مۇشۇ بەخىتسىز قىسمەتلەرگە دۇچار بولماس ئىدىم!» ئۇ تۇرۇپلا ئانىسىنى ئويلاپ قالدى. «جېنىم ئانا، مۇشۇ تاپتا مەنمۇ يېنىڭغا بارماقچى بولىۋاتىمەن. قېشىڭغا بارسام مېنى تونىيالارسەنمۇ؟ بېشىمنى سىلاپ، پىشانەمگە سۆيەرسەنمۇ؟ ئىسسىق باغرىڭغا ئېلىپ، مۇزلىغان تېنىمنى، دەرتكە تولغان قەلبىمنى ئىللىتارسەنمۇ؟ مۇشۇ يەردىن سەكرىگەندە سېنىڭ يۇمشاق قۇچىقىڭغا چۈشسەم دەيمەن! تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئانىسى پەيدا بولدى. ئۇ قوللىرىنى پولاڭلىتىپ، قۇچاقلىرىنى ئېچىپ قىزىنى چاقرىۋاتاتتى. «ئەي قۇدىرەتلىك اللا، بەخىتسىز ئاجىزەنى ئۆز قوينۇڭغا ئال!» ئۇ ئۆزىنى ياردىن تاشلىدى. بىراق ئورنىدىن بىر غېرىچمۇ مىدىرلىيالمىدى. ناھايىتى كۈچلۈك بىر جۈپ قول ئۇنىڭ بىلەكلىرىدىن قاماللاپ تۇتۇپ، چىڭ قۇچاقلىۋالدى. قىز بار كۈچى بىلەن يۇلقىناتتى. تىپچەكلەيتتى. كۈچلۈك قوللاردىن ئاجىراپ ئۆزىنى يارغا تاشلىماقچى بولاتتى. h( lkC[a&  
بولدى قىلىڭ، سىزنى مۇشۇنداق ئەخمەقلىق قىلمىسۇن دەپ ئۆيىڭىزنىڭ ئەتىراپىدا چۆرگىلەپ يۈرگىنى نەۋاق. ",U>;`  
تونۇش بىر نەپەس، تونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قىزنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى. ئۇنىڭ بىلەكلىرىگە بېشىنى قويۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ دەل مۇشۇ قىز توي قىلماقچى بولغان يىگىت ئىدى. قىزنىڭ قاپقارا كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار يىگىتنىڭ ئېتەكلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. يىگىت ئۇنى باغرىغا تېخىمۇ چىڭ بېسىپ تۇرۇپ: .QwwGm  
ئۆز ھاياتىڭىزغا مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلامسىز؟-دېدى. &.1F \/]k  
بىراق.... قىز گەپ قىلالماي قالدى. > G4EiJS  
بولدى گەپ قىلماڭ. مەن ھەممىنى ئاڭلىدىم. ناھايىتى شۇ ئازراق پۇلنىڭ ئىشىكەنغۇ؟ ئاتا-ئانامدىن يوشۇرۇنچە يىغىپ قويغان ئازراق پۇلۇم بار. تويلۇققا شۇنى ئىشلىتەيلى. قالغىنىنى كېيىنچە تولۇقلاپ ئېلىپ بېرىمەن. توينى سەل ئاددىراق ئۆتكۈزسەكمۇ بولىدىغۇ؟- دېدى يىگىت قىزنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، باشلىرىنى چوڭقۇر مىھرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ. NF/@'QRT  
قىز يىگىتنىڭ باغىرىغا تېخىمۇ چىڭ يېپىشتى. يىگىتنىڭ ئىسسىق قۇچىقى قىزنىڭ سوغوقتىن مۇزلىغان تېنىنى ئېرىتىپ، قەلبىدىكى جاراھەتلەرنى پاك-پاكىز ساقايتىۋەتتى. cP >MsUZWl  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بەلكىم سىز مۇھەببەت ھەققىدىكى ناخشىلارنى كۆپ ئاڭلىغان، مۇھەببەت ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپ ئوقىغان بولىشىڭىز مۈمكىن. شۇنداق، قەدىمدىن تا ھازىرغىچە سانسىزلىغان كىشىلەر مۇھەببەت ناخشىسىنى ئېيتىپ ئۆتتى. سانسىزلىغان كىشىلەر مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى تارقاتتى. سانسىزلىغان مۇھەببەت تىراگىدىيەلىرى يېزىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. بۇ ناخشىلار، بۇ ھېكايىلەر ھازىرغىچە ئېيتىلماقتا، تارقالماقتا. ئەمما، قانچىلىك ئادەم دۇنيانى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشۈنۈپ يېتەلىدى؟ قانچىلىك ئادەم ھەقىقىي مۇھەببەتنى چوڭقۇر ھىس قىلالىدى؟ سىزنىڭچە، بۇ بىر جۈپ قىز-يىگىت مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشۈنۈپ يېتەلىدىمۇ؟ ئۆزلىرىنى چەكسىز بەخىت قۇچىقىدا  ھىس قىلالىدىمۇ؟ i5oV,fiZo  
خەير، اللا ئۇلارغا مىھرى-مۇھەببەت، بەخىت ئاتا قىلغاي! بىز ئۇلارغا بەخىت تېلەيلى!
pn},ovR;  
مەنبە: ئۆزۈم nEtG(^N  
  f : /[  

ماھى 2011-10-24 01:10
قەدىمىڭىزگە مەرھابا.مۇنبىرىمىزگە كىرىپلا ناھايىتى ئېسىل سوۋغا سۇنۇپسىز.رەھمەت سىزگە. $L~?!u&N  
ھازىر مۇشۇنداق يىگىتلىرىمىز بارمىدۇ؟


查看完整版本: [-- مۇھەببەت ھەققىدە يەنە بىر ھېكايە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled